ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسى توردا ئەرز قىلىش سۇپىسىنى رەسمى يولغا قويدى
شىنخۇا ئاگىنتىلىقى مۇخبىرنىڭ ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسدىن ئۇقۇشىچە ، يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسىگە كىلىپ ئەرز قىلغۇچىلار 60-70مىڭغا يىتىدىغان بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە قايتا -قايتا كىلدىغانلار %60 نى ئىگەللەيدىكەن. تۇنۇگۇن ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسى ‹‹ توردا نارازلىق ئەرزنى سۇنۇش سۇپىسى›› نى ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسنىڭ تورىدا رەسمى ئېلان قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن كەڭ نارازلىق ئەرز بەرگۇچىلەرنىڭ ئەرز قىلىش يۇلىنى كىڭەيتىپ ئەدىليەنى خەلىق ئۈچۈن تېخمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشتا يېڭىلىق ياراتقان.
ئىگەللىنىشچە توردا نارازلىق ئەرزى سۇنۇش سۇپىسىدا ئاساسلىقى ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسننىڭ قۇبۇل قىلىش دائىرسىدە بولغان قانۇن بۇيچە بىر تەرەپ قىلىندىغان ئەنزىلەر ، يەنى ئالاقىدارلانىڭ جىنايى ئىشلار ، مەمۇرى ئىشلار ،دۆلەت تۆلىمى ئەنزىلىرنىڭ كۇچكە ئىگە بولغان ،لىكىن قايىل بولمىغان ھۇكۇملىرى ،كىسىملىرى ،قارارلىرىغا قارتا، يۇقىرى خەلىق سوت مەھكىمىسى يازمىچە قايتا تەكشۈرۈش ياكى قايتا سوتلاش نەتىنجىسنى چىقارغان ئەنزىلەر ؛ سوت مەھكىمىسنىڭ ئىجىرانى تىزراق ئىجىرا قىلىپ بىرىشگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ؛ ئىجىرا ھەركىتىنى تۇزتۇشنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغان نارازلىق ئەرزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ . ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسننىڭ قۇبۇل قىلىش دائىرسىدە بولمىغان ئەنزىلەرنى ئالاقىدارلار بۇ سۇپا ئارقىلىق ماتىريال تاپشۇرالمايدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە سوت مەھكىمىلىرى خىزمىتىگە بولغان تەكلىپ ۋە سودىيەلەرنىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرنى مەلۇم قىلىشقىمۇ بۇلدۇ.
قۇبۇل قىلىش شەرتلىرگە ئۇيغۇن بولغان ئالاقىدار كىشلەر پەقەت بۇ سۇپىغا كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ سېستىمىنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيچە نارازلىق ئەرز ئۇچۇرلىرنى تولدۇرۇپ ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تاپشۇرسىلا توردا نارازلىق ئەرزنى سۇنۇشقا تىزمغا ئالدۇرۇپ بولغان بۇلدۇ. تىزمىغا ئالدۇرۇش مۇۋاپىقيەتلىك بولغاندىن كىيىن ئالاقىدار لار ھەر ۋاقىت نارازلىق ئەرزىنىنىڭ بىجىرلىش جەريانىنى ۋە نەتىنجىسنى تەكشۇرەلەيدۇ . كىيىنكى قەدەمدە ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسى يىراق مۇساپىلىق كۈرۈنمە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەرزىيەتچى ئاممنى قۇبۇل قىلىپ سودىيەلەر بىلەن ئەزر سۇنغۇچى دىلوغا دائىر ئەھۋاللارنى سۆزلىشدۇ .
ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسدىكى ئالاقىدار لارنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە ، توردا نارازلىق ئەرزىنى سۇنۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشى،خەلىق ئاممىسىنىڭ ئۆز ئورنىدا تۇرۇپلا توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ، تەكشۈرۈش، كۇرۇنمە چاستوتا ئارقىلىق دىلو ئەھۋالىغا دائىر ئىشلارنى دىيىشىش ئارقىلىق ئىش بىجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ، ئاممىنىڭ ئەرز قىلىش چىقىمنى يىنىكلىتىپ ،خەلىق ئاممىسىغا تېخمۇ تىز ياخشى بولغان نارازلىق ئەرزسۇنۇش ئۇسۇلىنى تەمىنلەشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
مەنبە :
http://tech.sina.com.cn/i/2014-03-01/03109202404.shtml
ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسنىڭ تور بېتى :
http://www.court.gov.cn/
ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسى تور نارازلىق ئەرز سۇپىسى :
http://www.court.gov.cn/ssxf/
نەۋقىران يوللىدى