جىڭ ناھيىسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىىشى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% k+ s& a8 a; K: i0 f/ e
بەلكىم ھەممىمىزگە‹ جىڭ ناھىيىسى› دېگەن ئۇقۇم ناھايئتى ناتونۇش ئاڭلىنىشى مۆمكىن ، ئەلۋەتتە جىڭ ناھىيىسى ھەققەتەن كۇچا ناھىيسى ، يەكەن ناھىيسى ، قاغىلىق، گۇما ناھىيسى ... قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ، تارىخى ئۇزۇن ناھىيلەردەك داڭلىق ئەمەس ، لېكىن داڭلىق ئەمەس بولۇشى ھەرگىزمۇ مەزھۇر يۇرتتا ئۇيغۇرلار يوق بولۇشى ، تارىخىنىڭ قىسقا بولۇشى ياكى كۆرگۈدەك يېرى يوق بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ...
مەن جىڭ ناھىيىىنىڭ تارىخىنى بىلىشقا قىززىققان دوستلارغا «قانغا بويالغان سايرام» رومانىنى تەۋسىيە قىلىمەن .(قايتا نەشىر قىلىنغاندا نامى ‹قانلىق ئىز›دەپ ئاتالدى)
جىڭ ناھىيىسى قاراشلىق شەھەر : بۆرتالا مۇڭغۇل ئوبىلاستى
جىڭ ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزا بازار: جىڭ بازىرى ، داخيەنزى بازىرى،ماڭدانبۇلاق يېزىسى
جۇغراپىيىلىك ئورنى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ غەربى شىمالى قىسمى
يەر كۆلىمى: 11275 كۋادات كىلومىتىر
ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى : ئالىقات ، پاختا ، تۇزچىلىق
مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارلىقى :425 كىلومىتىر
تۆۋەندىكىلەرجىڭ ناھيىسىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىىشى، خەنزۇچە ماتېرىيالدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم ، بۇ مېنىڭ تۇنجى تەرجىمە ئەسىرىم بولغاچقا بەلكىم نۇقسانلاردىن خالي بولالمىغان بولۇشى مۆمكىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن .
1.جىڭ ناھيلىك باينامىل ساياھەت مەنزىرە رايونى
«باينامىل»سۆزىىنىڭ مۇڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «ھەيۋەتلىك تاغدىكى تۇزلەڭلىك»بولۇپ، مەزھۇر ساياھەت رايونى دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك ساياھەت رايونى.ناھيىمىزنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە مەركىزى رايونى بىلەن بولغان ئارلىقى 35كىلومىتىر .
جۇغراپيىلىك كوردىىناتى: شەرقى ئۇزۇنلۇق 83°09'، شىمالى مېردىيان44°21' ، دېڭىز يۈزىىدىن ئېگىزلىكى1600-2000 مىتىر ، قاتنىشى قولايلىق،مەنزرىسى گۈزەل.بۇ گۈزەل يايلاقنىڭ يەر شەكلى تۈزلەڭلىك بولۇپ،شەمشاد ئورمانلىقى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. غارايىپ تاشلار،سۈزۈك سۇلار ۋە ئاپپاق قارلار بىر گەۋدىلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل تەبىئى مەنزرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.شۇنداقلا ساياھەتچىلەر مۇڭغۇل مىللىتنىڭ تارىخى مەدەنىيتى،سەنئتى،مىللي ئۆرۈپ-ئادىتى، قول ھۆنەر-سەنئتى،ھېيت-بايراملىرى،تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ ،مۇڭغۇللارنىڭ مىللي مەدەنىيتى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىنى چۈشىنەلەيدۇ.
2.جىڭ ناھيىسى تىنچلىق ئوباسى ساياھەت مەنزىرە رايونى
جىڭ تىنچلىق ئوباسى ـ شىنجاڭ بويىنچە بىرىنچى ئوبا دەپ ئاتالغان،شەرقى شىمالدىكى بەش ئۆلكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىڭ تىنچلىق ئوباسى ھەقىقەتەن شەرقى شىمالدىكى بىرىنچى ئوبا بولۇشقا مۇناسىپ.مەزھۇر ساياھەت رايونى دۆلەتلىك AA دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولۇپ، جىڭ ناھىيىسنىڭ شەرقى شىمالىغا ، 312 نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولى ۋە كۈيتۈن-سايرام يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولى بويىغا جايلاشقان. ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى بىلەن بولغان ئارلىقى 8 كىلومىتىر،
جۇغراپىيلىك كوردىىناتى: شەرقى ئۇزۇنلۇق82°59′ ، شىمالى مېردىيان 44°39′ ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى227 مىتىر .
جىڭ ئوباسى قەدىمي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭگە جايلاشقان ، ئۇزاقتىن بويان شىنجاڭ ئىچى سىرتىدىكى مۇڭغۇل خەلىقىنىڭ تاۋاپگاھى ۋە چوڭ تىپتىكى دىننى مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئورۇنىغا ئايلانغان.بولۇپمۇ 1994 يىلى بۇددا دىنى تىرىك بۇدساتۋاسى بەنچەن ئېردەنى.چۆجى جىڭ ناھيسىدىن ئۆتۈش يولىدا ، بۇ يەردە چوڭ تىپتىكى بۇددا دىنى مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ، شۇنىڭ بىلەن، ئوبانىڭ دىننى تۈسى تېخمۇ قويۇقلاشقان.
2004 يىلى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ياسلىپ،ئوبىلاست باشلىقى چۇجىپ
ئۆز قولى بىلەن يازغان «تىنچلىق ئابىدىسى» خېتى تىكلەندى، شۇنداقلا رەسمىي-جىڭ تىنچلىق ئوباسى دەپ نام بېرىلدى.
3.قاراتاغ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيە بازىسى
قاراتاغ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيە بازىسى جىڭ ناھيىسىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 8 كىلومىتىر.جۇغراپىيلىك كوردىىناتى:شەرقى ئۇزۇنلۇق 82º 59′ ،شىمالى مېردىيان44º 38′، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى420 مىتىر.دۆلەتلىكAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى.
قاراتاغ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيە بازىسى 1963-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان،1972-يىلى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن.ھەربىي ئىشلار رايونى دائىرىسى3.7 كۇۋادرات كىلومىتىر.
قاراتاغ تاھازىرغىچە ھەربىي ئىشلار باشقۇرۇش رايونى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ جاينى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيە بازىسى قىلىپ ئېچىش ئۈچۈن جىڭ ناھىيىلىك پارتكوم ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقىرىپ، قاتلاممۇ قاتلام ئىلتىماس قىلىپ ئاخىرى بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى نۇمۇرلۇق ئاكوپ سىرىتقا قارىتا ئېچىۋىتىلدى. بىرىنچى نۇمۇرلۇق ئاكوپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيە بازىسى، ئۈچىنچى نۇمۇرلۇق ئاكوپ يىمەك-ئىچمەك مەيدانى قىلىپ ياسالدى. يېقىن كەلگۈسىدە قاراتاغنى پۈتۈن شىنجاڭ رايونى بوينچە ئەڭ چوڭ « ھەقىقى ئادەم ،ھەقىقى جاي » مانىۋېر ئۇرۇش مەيدانى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى.
4.جىڭ دەرياسى دەريا بويى مەنزىرە رايونى
دەريا بويى مەنزىرە رايونى ناھيىلىك ئىكلوگىيىلىك باغچىسى، دەريا بويى يېشىلزارلىقى ۋە ناھىيىلىك خەلق باغچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ،دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى.
جىڭ ناھىيىلىك ئىكىلوگىيىلىك باغچىسى دەريا بويى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مەيدانى 28 گېكتار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يىشىللىق بەلۋىغى 7 گېكتار، سۈنئي كۆل بەلۋىغى 10.16 گېكتار كېلىدۇ. باغچە ئىچى مەنزىرىسى سۈنئى تاغ، ئۆسۈملۈكلەر كارىدورى، قەدىمكى ھايۋانلار تاش قاتمىسى، راۋاق، ئاسما كۆۋرۈك، سۈنئى كۆل، بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى، ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرى، «ئېغىزىدىن سۇ پۈركەر تاشپاقا »، گوللاندىيە چاقپەلىكى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مەدەنىيەت،كۆڭۈل ئېچىش ۋە بەدەن چىنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى باغچىدۇر.
ئىكىلوگىيىلىك باغچىسىنڭ جەنۇپ تەرىپىدە بىر مەدەنىيەت مەيدانى بار بولۇپ، سەھنە-نۇمۇر ئورۇنداش رايونى 500 كۇۋادىرات مىتىردىن ئارتۇق،تاماشىبىلار كۆرۈش سۇپىسىغا 4000 دىن ئارتۇق ئادەم سىغىدۇ. 2012-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىسى مۇشۇ باغچىدا مەشرەپ پىروگىراممىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ،جەمئىيەتتە ياخشى ئىنكاس قوزغىدى.
جىڭ ناھىيىسى يېقىن كەلگۈسىدە ئىكلوگىيىلىك باغچا ۋە دەريا بويى مەنزىرە رايونىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تەرەققى قىلىپ، ناھىيىمىزگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئەڭ گۈزەل كارتىنىلارنى سۇنىدۇ.
5.تولى يېزىسى ئىكلوگىيىلىك دېھقانچىلىق مەنزىرە رايونى
جىڭ ناھىيىسى تولى يېزىسىنىڭ «جۇڭگو ئالىقات ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. جىڭ ئالىقىتىنىڭ يەنە «قىزىل مەرۋايىت» دەپمۇ نامى بار بولۇپ، دوست-يارەنلەرگە سوۋغاتلىق قىلىشتىكى ئەڭ ئالدىنقى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.1998-يىلى دۆلەت دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكى جىڭ ناھىيىسىگە «جۇڭگو ئالىقات ماكانى» دەپ نام بەرىدى،2005-يىلى جىڭ ئالىقىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەرىپىدىن « شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
6.گەنجاخۇ ئاق سۆك سۆك ئورمانلىقى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىلىكى قوغدىلىدىغان رايونى
گەنجاخۇ ئاق سۆك سۆك ئورمانلىقى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىلىكى قوغدىلىدىغان رايونى جىڭ ناھيىسنىڭ شەرقى قىسىمىغا، 312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ شىمالىغا، ئىبنۇر كۆلىنىڭ شەرقى قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 62كىلومىتىر. ناھىيە مەركىزىدىن مەنزىرە رايونىغىچە بولغان ئارلىقتىكى كۆپ قىسىم يوللار ئاسفالىت يول بولۇپ، قىسىمەن يوللار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ياسىلىشقا موھتاج.
گەنجاخۇ ئاق سۆك سۆك ئورمانلىقى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىلىكى قوغدىلىدىغان رايونى جىڭ، شىخو، تولى قاتارلىق ئۈچ ناھىيىگە سوزۇلغان بولۇپ،ئومومي يەر مەيدانى 82000 مو، بۇنىڭ 42000 موسى جىڭ ناھىيىسى تەۋەلىكىدە. 1983-يىلى گەنجاخۇ ئاق سۆك سۆك ئورمانلىقى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىلىكى قوغدىلىدىغان رايونى قىلىپ بىكىتىلدى، قوغداش رايونىنىڭ تەبئى مەنزىرىسى گۈزەل، ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتى ياخشى بولۇپ، يۈز يىللىق ئاق سۆك سۆك ،توغراق، قىزىل يۇلغۇن قاتارلىق ئىپتىدائى دەرەخ تۈرلىرى، بوغا، ياۋا چوشقا قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار بار بولۇپ ناھايىتى ئۆزگىچە «يېشىللىق كارىدورى » بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىلمي تەكشۈرۈش، ئىكىسپىدىتسىيە ساياھىتى قاتارلىقلارغا قىززىققۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى بارارگاھى شۇنداقلا شاۋقۇن-سۈرەنلىك شەھەر تۇرمۇشىدىن بىزار بولغان كىشىلەرگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشتىكى ياخشى سورۇندۇر .
7.ئىبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر تەبىئيلىكى قوغدىلىدىغان مەنزىرە رايونى
ئىبنۇر كۆلى جىڭ ناھىيىسى چىگىرىسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭ بويىنچە ئىككىنچى چوڭ كۆل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ناھىيمىزنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە مەركىزىگە 16-34 كىلومىتىر كېلىدۇ، قاتنىشى قولايلىق.جۇغراپىيىلىك كوردىىناتى: شىمالى مېردىيان 44°44'—45°08' شەرقى ئۇزۇنلۇق82°39'—83°16' ، كۆل يۈزى مەيدانى 800 كۇۋادىرات كىلومىتىر، شىنجاڭ بويىنچە ئەڭ چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئىبنۇر كۆلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى189مىتىربولۇپ ، شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى قۇربان تۇگغۇت قۇملۇقىنىڭ شەرقىغا جايلاشقان ، بۆرتالا دەرياسى،جىڭ دەرياسى، كۈيتۈن دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى. سۇ ئورنى نىسبەتەن تۆۋەن ، كۆلنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر يېرى 2.8 مىتىر. ھەر يىلى قۇشلارنىڭ كۆچۈش ۋە كۆپىيىش پەسلىدە ئىبنۇر كۆلى تۇرنا، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرىنىڭ تۈركۈملەپ- تۈركۈملەپ ئىبنۇر كۆلىگە قونۇپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئىبنۇر كۆلىنىڭ شەرقى قىسىمىدا يەنە كەڭ كەتكەن ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ئورمانلىقى بار بولۇپ، ئورمانلىقتىكى ئاق سۆسۆك، توغراق، قىزىل يۇلغۇن قاتارلىق قەدىمى دەرەخلەر ئۆزگىچە ھۆسىن قوشۇپ، ئىبنۇر كۆلى ئەتىراپتىكى بىپايان قاقاسلىقنى روشەن سېلىشتۇرۇپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنۇر كۆلىنىڭ يەنە « جۇڭغار قۇملۇقىدىكى مەرۋايىت » دېگەن چىرايلىق نامى بار.
ئىبنۇر كۆلىدە يەنە ناھايىتى مول بولغان تۇز بايلىقى بار.ئىبنۇر كۆلى تۇز سانائىتى ساياھەت رايونى ئىبنۇر كۆلىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى تۇز كانغا جايلاشقان بولۇپ ، 1902-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان، ھازىر نامى «جىڭ تۇز خىميە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭ تۇزچىلىق گوروھىغا ئەزا بولدى.كۆل يۈزىگە يىراقتىن قارىسىڭىز نۇرغۇن ئاق پىرامىدالارنى كۆرىسىز بۇلار دەل جاپاكەش تۇزكان ئىشچىللىرىنىڭ ئاينى يىلغا ئۇلاپ قازىغان تۇزلىرىدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن مەزھۇر مەنزىرە رايونى ئىبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر تەبىئيلىكى قوغدىلىدىغان مەنزىرە رايونى ۋە ئىبنۇر كۆلى تۇز سانائىتى ساياھەت رايونىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن.
8.ئەنغۇ قەدىمى شەھىرى خارابىسى
ئەنغۇ قەدىمى شەھىرى خارابىسى جىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربى شىمال تەرپىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرق-غەرىب ئۇزۇنلۇقى 178.7مىتىر،جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 206.5مىتىر، ئومومىي يەر كۆلىمى 36902كۋادرات مىتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 225مىتىر كېلىدۇ، تۆت ئەتراپى سېغىز توپىدىن قوپۇرۇلغان سىپىل بىلەن قورشالغان، سىپىل ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 5مىتىر، ئۈستى قىسىمىنىڭ كەڭلىكى 2مىتىر بولۇپ، شەرق، غەرىب، شىمال، جەنۇب تۆت تەرىپىدە تۆت شەھەر راۋىقى بار. ئەنغۇ قەدىمى شەھىرى خارابىسى قەدىمى يىپەك يولىدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئىلمي قىممەتكە ئىگە.
1989-يىلى ئەنغۇ قەدىمى شەھىرى خارابىسى جىڭ ناھىيلىك خەلق ھۆكىمىتى تەرىپىدىن مەدەنىيەت-يادىكارلىقى قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بىكتىلدى،مەزھۇر ئورۇن يەنە جىڭ ناھىيىسىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قەبىرىستانلىقى.
ئەنغۇ قەدىمى شەھىرى خارابىسى جىڭ ناھىيىسى ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن «سىيىت جالالىدىن باغداد غوجام مازىرى»دەپ ئاتىلىپ ئەل ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ. يەنە تېخى ئۈچ ۋىلايەت ئۇرۇش قەھرىمانى شەپىقەت ھەمشىرىسى، پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى روشەنگۈلنىڭ قەبرىسىنى مۇشۇ يەردە دەيدىغان كۆز قاراشلارمۇ بار. تولىمۇ ئەپسۇس داڭلىق مازارشۇناس، مازار تەتقىقاتچىسى راھىلە داۋۇت ئەلچىن خانىمنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى»ناملىق كىتاۋىغا مەزھۇر مازار كىرگۈزىلمەي قالغان ...
تۆۋەندىكىلەر جىڭ ناھىيىسىدىكى بەزى ساياھەت مەنزىرە رايونىنڭ مەنزىرە سۈرەتلىرى: