بۇ تەكلىپنىڭ سۇنۇلغانلىقى شۇنداق ياخشى بوپتۇ، ئاياللار بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە بەك چارچايدۇ، ئىدارە ۋە ئۆيدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، مەن بىرىنچى بالامنى تۇققاندا( ئۇ چاغدا ئاساسى قاتلامدا بىر كەنىتتە ئىدىم) كەنىتتىكىلەرنىڭ يوقلىمىسىنى ماڭا تۇتقۇزاتتى ، تېخى كىچىكىپ قالغان مىنىتلارنى سائەتكە ئايلاندۇرۇپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يوللاپ 70كوي پۇلۇمنى تۇتقۇزۋەتكەن، ئۇ چاغدا مەن 334كوي مائاش ئالاتتىم.
، يىغلاپ يۈرۈپ بالامنى ئاران دىگەندە بىر ياشقا توشقۇزۇپ ئايرىۋەتكەنتىم. شۇنداق قىلىپ بازالىق ھۆكۈمەتكە ئالمىشىپ كەتتىم، ئالتە يىلدىن كىيىن يانا بىر قىز تۇغدۇم، بۇ باشلىققا نىمە دەي، مۇشۇ ئاياللار باشلىق بولسا بەك ئاشۇرۋېتەمدىكىن دەيمەن، دەل ئۈچ ئاي توشقاندا ئىشقا ئەكىلىۋالدى، ئىدارە بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى 10كىلومېتىر كىلەتتى، قارا قىشتا تۇغۇت دەم ئېلىشىم توشقاچقا ماشىنىلىق ئىشقا بېرىۋالسام كەلگىلى قاتناش يوق، قار ياققانلاردىمۇ پىيادە ئۆيگە قاراپ مېڭىپ تۇرسام يولدۇشۇم ئالدىمغا موتۇلۇق كىلەتتى..............................................................بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ ئۇ ئايال باشلىقمۇ ئىدارىدىن شاللىنىپ كەتتى.
شەخسەن مەن بۇ تەكلىپنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم ھەم مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ قۇيغۇم كەلدى، جەمىيەتتە مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئانىلار مۇنداق جاپالىق كۈنلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇق، بۇ تەكلىپ تەستىقتىن ئۆتۈپ قالسا كەلگۈسىدىكى ئانا بولغۇچىلار ئۈچۈن بىر يېشىل چىراق يانغۇسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazakat07 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-13 10:47 AM