hatem يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 08:07 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ~5 I0 a3 L% D/ x# \" N+ aروسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋە قىرىم رەھبىرىمۇ بىرسى قىرىمنى ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 h1 X( A7 T9 z4 ~
مەنمۇ مۇشۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم . ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىردىكى زىمىنلاردا رۇسلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ ،بۇلارمۇ شۇنداق «ئومۇمىي خەلىق ئاۋازغا قويۇش »شەكلى بىلەن ئۆزلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكە-رايونلارنىڭ روسىيىگە قوشۇلىشىغا ئاساس تېپلدى دىگەن گەپ . قىزىل ئىمپىرىيە تىرىلىشكە باشلىدىمۇ قانداق ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% Z5 I2 h7 H. S) m' }
لېكىن بۇنى تەتۈر ئويلىساق ئامرىكا قاتارلىق رۇسلارنىڭ رەقىپلىرى رۇسلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھىيلىسى بىلەن ئۆزىنى بابلاپ ، چېچىنىيە ،ئىنگۇش قاتارلىق كاۋكازدىكى ئەزەلدىن رۇسلاردىن ئايرىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاپتونۇم جۇمھۇريەتلەرنى «ئومۇمىي خەلىق ئاۋازغا قويۇش »شەكلى بىلەن مۇستەقىل بولۇشقا قۇتراتسا ،رۇسلار نىمە دىيەلەيدۇ؟ ئەگەر قارشى تۇرسا ئامرىكا ؛«سەنمۇ پۈتۈن بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ بىر پارچە زېمىنى شۇنداق قىلىپ قوشۇۋالساڭ بولىدىكەنۇ ،سەن بىلەن بىللە ياشاشنى خالىمىغانلار ئوخشاش يول بىلەن سەندىن ئايرىلسا نېمىشقا بولمايدىكەن ؟»دەپ قوڭىغا تىپەرمۇ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 f9 C& l+ [ p$ ~7 x
يۈزيىل بۇرۇن بالقاندىكى سىربىيەنى ئاۋستىرو -ۋىنگىريە ئىمپىريسى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا تۇتۇرۇق بولغاندى ،ئەمدى قىرىم مەسلىسى شۇنداق بولارمۇ ؟