مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1439|ئىنكاس: 13

كانادانىڭ يەرلىك خەلقى دې نېلارنىڭ تىلى ۋە رىۋايىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104787
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 10:35:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كانادانىڭ يەرلىك خەلقى دې نې
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, t- c; n5 Z& t! S (Dene)لارنىڭ تىلى ۋە رىۋايىتى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; K% T: ]9 W% ?4 ]& i% c# s  r خەلچىگۈل پەتتاربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- h, ~  J  E% r& R" R3 E' N
بۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سىنىپىمىزدا «كانادانىڭ يەرلىك خەلقى دې نې لارنىڭ تىلى ۋە رىۋايىتى« دىگەن تېمىدا دې نې خەلقىدىن بولغان قارىماققا 80ياشلار ئەتراپىدىكى مارىئە خانىم بىزگە لىكسىيە سۆزلەپ بەردى. كانادانىڭ يەرلىك خەلقى ناھايىتى كۆپ مىللەتلەرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ،دې نې لار شۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق بىر مىللەتتۇر. مارىئە خانىم ئوچۇق-يورۇق ھالدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ،ئاندىن با لىلىرىنى،ئاندىن يەنە 8نەۋرە،10ئەۋرىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.دې نې تىلىدا سالام-سائەت قىلىشنى ئۆگەتتى،ئارىدا رىۋايەتمۇ سۆزلەپ بەردى. مارىئە خانىم يەنە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى مۇنداق سۆزلەپ بەردى:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( T* P, Q; @. ^9 q7 Y# ]9 H0 V2 G  -بىز نې دې لار باشقىلار قىيىنچىلىققائۇچراپ،ياردەم تەلەپ قىلسا ياردەم بېرىدىغان خەلىق ئىدۇق.بىز يېرىمىزنىڭ نېمەتلىرىنى ئارتۇقچە ئېلىۋلمايتتۇق،بېلىقلارنى كۆپ تۇتۇۋالمايتتۇق.كۈندىلىك كېرەكلىك نەرسىلەرنى كۈندە ئېلىپ ئىشلىتەتتۇق.بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىزنى كۆرگەن ياۋروپالىقلار ھەيران قالغانىدى. بىزنىڭ توپىمىز كۆڭۈللۈك ئىدى.لېكىن بۇندىن 130يىل بۇرۇن باشلاندىغۇ دەيمەن،ھۆكۈمەت بىز يەرلىك خەلقنىڭ 3ياشتىكى بالىلىرىدىن تارتىپ مەكتەپ( Residential school ،يەنى ئولتۇراق مەكتەپ)تە تەربىيلەيمىز دەپ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ،خىرىستىئان چېركاۋلىرىغا ئەكىلىۋالغاندىن تارتىپ،بىز يەرلىك خەلقلەرنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگىلى تۇردى.ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قارشى چىقسا تۈرمىگە كىرەتتى ياكى ئېتىلاتتى.ئاتا-ئانىلار يىل-يىل بالىلىرىنى كۆرەلمەيتتى.قېرىنداشلار بىر مەكتەپكە بۆلۈنگەن تەقدىردىمۇ بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى ھەم گەپلەشكىلى قويمايتتى.تاكى 1996-يىلى بۇ مەكتەپلەر تاقالغۇچە 150،000دىن ئارتۇق يەرلىك مىللەت خەلقى بالىلىرى مۇشۇ مەكتەپلەردە بولدى.بۇ مەكتەپلەردە بالىلار نۇرغۇن ئېغىر ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ مەكتەپكە كىرىپلا ئۇزۇن چېچىمنى قىسقا كېسىۋەتتى.مىللىيچە كىيىمىمنى سالغۇزۇپ،مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزدى.شۇندىن كېيىن مەن ئاشۇ مىللىيچە كىيىمىمىزنى كۆرۈپ باقمىدىم.ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا سۆزلىشش پۇرسىتى يوق،ئېنگىلىزچە ئۆگىنەتتۇق ھەم سۆزلىشەتتۇق.ئۇندىن بۇرۇن مەن ئېنگىلىزچىنى پەقەت بىلمەيتتىم.ئېنگىلىزچىنى ياخشى تەلەپپۇز قىلالمايتتىم.شۇ سەۋەبلىك مېنى ئوقۇتقۇچۇم ئۇرغان.دىنىمىزنى تاشلاتقۇزۇپ،خىرىستىئان دىنىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشتى.مەكتەپنىڭ تەلىۋىدىن چىقالمىساق بىزنى جازالايتتى.قاراڭغۇ ئۆيلەرگە سولاپ قوياتتى.شۇ جازالاشلارغا چىدىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارمۇ بار.مەكتەپ بىزگە يۇقىرى سەۋىيىلىك بىلىملەرنى ئەمەس،ئېنگىلىز تىلىنى ،ئاددى نەرسىلەرنى قايتىمۇقايتا ئۆگىتەتتى.شۇ ئارقىلىق بىز تىلىمىزنى يوقاتتۇق،مەدىنىيىتىمىزنى يوقاتتۇق.بىزنى باشقىلار تۆۋەن كۆرەتتى.ئوقۇش،خىزمەتلەردە باشقىلاردىن تۆۋەن ئورۇندا تۇردۇق.يەرلىك خەلقتىن قىمار ئويناپ،ھاراققا بېرىلىپ،زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلارنى كۆپ ئۇچراتتىم.ئۇلارنى كۆرسەم شۇنداق ئازابلىنىپ كېتىمەن.ئۇلارنى شۇ كۈنگە قويغىنى ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا ئايرىپ،ئولتۇراق مەكتەپلەردە خالىغانچە تەربىيلەپ،تولا جازالىغانلىقىغانلىقىدىن،جەمىيەتتە كەمسىتىلگەنلىكىدىن بولغان.ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ كۈچىمىز يوق ئىدى.شۇڭا دەيدىغىنىم تىرىشىپ ئۆگىنىپ كۈچلۈك بولۇڭلار.ھازىر كانادا ھۆكۈمىتى بىزگە قاراتقان سىياسىتىنى كۆپ ياخشىلاپ بەردى.بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز تىرىشسا بىر كۈنلەردە چوقۇم بىزدەك يەرلىك خەلىقتىن كانادانىڭ رەھبىرى چىقىدۇ(بۇنى ئاڭلاپ،سىنىپتىكى ھەممەيلەن ئالقىشلىدۇق). مەن ھازىر ئىمكانىيىتىمنىڭ بارىچە تىلىمىزنى،مەدىنىيىتىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمەن.بۇ يولدا تىرىشىۋاتقان دې نې تونۇشلىرىممۇ بار.لېكىن بەزى مەدىنىيىتىمىز يوقالدىمۇ يوقالدى،تۈگىدى.بىزنىڭ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.مەن ئېسىمنى بىلىپ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە بىز يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن ئاجايىپ زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۈم ھەم كۆردۈم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 M8 D. O# l$ f5 _- m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 d. w$ n+ {6 b. v2 `3 d بۇ لىكسىيىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز بىر نەچچىمىزنىڭ كۆزىگە ياش كەلدى.سۇئال سوراش نۆۋىتى كەلگەندە مەن ئاۋال مارىئە خانىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ،ئاندىن :بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 U+ ~5 T2 g9 P( J( C$ {
  -سىزلەر تارىختا باشتىن كەچۈرگەندەك ئەھۋاللارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەزى ئەھۋاللارنى ھازىر بىز ئۇيغۇرلار يۇرتىمىزدا باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز.بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىز،دىنىمىز ۋە باشقا ئېسىل مەدىنىيەتلىرىمىزنى ساقلاپ قالغۇمىز بار. تىلىمىز،دىنىمىز ۋە باشقا مەدىنىيەتلىرىمىزنى يوقىتىپ قويماي،ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك.سىزنىڭ تەجرىبىڭىزگە ئاساسەن كونكىرتراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز دەپ سۇئال سورىدىم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. `5 d2 O$ Y8 X% Y1 V( b8 q; \
  مارىئە خانىم:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ @, N2 q9 V) z  -ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلنى قوغداش كېرەك.تىل بەك،بەك مۇھىم،تىلنىڭ ئۆزى بىر مەدىنىيەت.ئائىلىدە ئانا تىلدا سۆزلىشىڭلار.ئاندىن ئۆزەڭلەردىن،ئۆزەڭلەرنىڭ ئەجدادىدىن،ئەجدادىڭلار تىرىشىپ ياراتقان مەدىنىيەتتىن پەخىرلىنىپ،قەدىرلەپ،ھەر دائىم ئۆزەڭلەرگە ئىشىنىپ ياشاڭلار.ياشانغانلاردىن تارىخىڭلارنى،ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى،ياشىغان مۇھىتىنى،كىيىم-كېچەك،يىمەك-ئىچمەك،سەنئەت قاتارلىقلارنى سوراپ بىلىۋېلىڭلار.بەزى مەدىنىيەتلەتنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن،ئورنىغا كەلتۈرىمىز دەپ كۈچىسەكمۇ ئېنىق بىلمىسەك تەس. دەپ جاۋاب بەردى. لىكسىيە تۈگەپ ئەمدى قايتاي دەپ تۇرسام بىر ئوقۇتقۇچى چىراي ئادەم يېنىمغا كېلىپ، -مەن سىلەر ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن.مارىئە خانىمنىڭ دېگىنىدىن باشقا يەنە مەدەنىيىتىڭلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېىزپ،ھۈججەت (Document)لەشتۈرۈپ ساقلاپ قويۇڭلار. دېدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; \' ~/ o% h& f4 }$ g7 P! y
بۇ ئىككى ئۇستازغا ھەشقاللاھ.بۇ تەلىملەرگە ئۆزەمنىڭ قوشۇپ قويىدىغىنى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 v" L( U* }- n" } ، ياشانغانلاردىن مەدىنىيىتىمىزنى سوراپ،ئۇنىمۇ يېزىپ قالدۇرساق.ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئائىلە مائارىپى بەرپا قىلىپ،مۇستەھكەم بولساق.ئەڭ كىچىك توپ دائىرىسىگىچە بولغان ،مەسىلەن مەھەللە،مەھەللە دائىرىسىگىچە بار مەدىنىيتىمىزنى ئىمكان بار ھەر خىل تىلدا يېزىپ ھۈججەتلەشتۈرسەك.چەتئەلدىكى قېرىنداشلارمۇ ئىمكانىيىتىمىز بارلار .ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئەلدە قوللىنىۋاتقان تىللاردا ئۆزىمىزنى،مەدەنىيىتىمىزنى يازساق.ئەلۋەتتە دىمەك ئاسان،ئەمىلىلەشتۈرۈش تەس.لېكىن بۇلارنى نىشان قىلىپ،توختىماي تىرىشساق ئاللاھ خالىسا ئاستا-ئاستا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.ئامىن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 W" q/ U( |" g/ z0 t: t: ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) n7 I# ^% _+ a) ?: k' m- k/ {
ئەسكەرتىش:بەزى ئېنگىلىزچە ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغىنىم مۇۋاپىق بولدىمۇ ،بولمىدىمۇ سەل ئىشەنچىم يوق.شۇڭا ئۇ سۆزلەرنىڭ ئېنگىلىزچىسىنىمۇ تىرناق ئىچىگە يېزىپ قويدۇم.بىلىدىغانلار تەلىمىڭىزلەرنى ئايىمىغايسىزلەر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 U" G. ^1 r  s3 aبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! S2 Y5 k8 M7 b
2014-يىل3-ئاينىڭ13-كۈنى كانادا ئالبېرتا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ y7 {1 y% q4 t) {- V6 {بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! k( Q: ~3 Y: R% c: G$ e6 [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* D( G! b1 G/ N4 K$ G
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Umidwar9 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-22 10:37 AM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: F" l' T% k. p/ Z7 ~بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. p+ j9 r( x' h9 P/ v

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
koktash + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4382
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 02:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم. سوراپ باقسام، سىز كانادادىما؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 02:39:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      نادىرلىغۇدەك تېمىكەن, ئەپسۇسكى ئاران 50 ئادەم كۆرۈپتىمىز...

ادام ساتىپ اقشا تاباتىن زامان كەلگەن ەكەن عوي. (بىزگە قازاقنىڭ باھاسى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 02:57:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن سىزگە!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; G, I) _, F2 a  D6 u
خۇددى ئاغرىققا دورا بەرگەندەك بولدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 b6 ]. \; z4 z) B$ u' b
بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار،كانادالىق  نې دې لارنى ئەمەس،يېنىمىزدىكى جوڭگۇنى 300 يىل سورىغان مانجۇ مىللىتىنىڭ يوقاپ كېتىش سەۋەپلىرىنى تەھلىل ،قىلساق ئانا تىلىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن  تەدبىر-چارىلەر ئېلىشىمىزغا يېتەرلىك تۈرتكە بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 03:14:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرشىدىكى ئاساسى ئامىل. تىل يوقالسا مەدەنىيەتتىن  سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ تىل بىلەن مەدەنىيەت يوقالسا مىللەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2596
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 05:27:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەن زەفەر قۇچۇپتۇ ئاپرىن ئۇلارغا!!!!!!!!

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 979
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 06:50:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاش كىرەك. رەھمەت تىمىڭىزغا

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7558
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7681 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 07:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازما ھەربىر  ئوقۇرمەننىڭ چۇڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدىكەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 07:04:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۇن مۇنبەرگە كىرىپ كۆرگەن ئەڭ ئىسل تىما ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 09:06:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى مانجۇلارغا كۆپ سېلىشتۇرغلى بولمايدۇ. چۈنكى ،مانجۇلار ئېتىقاد جەھەتتە خەنزۇلاردىن كۆپ پەرىقلەنمەيتى. شۇ تۈپەيلى 100يىل مابەينىدە سۇن جوڭشەن ئەپەندى باشلاپ بەرگەن خەن مىللەتچىلىكى تەرپىدىن سۇنئىي ئۇسۇلدا ئاسىملاتسىيەلەشتۈرۈلدى. بىز بولساق ئۇلارغا  ئوخشىمايدىغان مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگەباشقىلار تەرپىدىن گەرچە ئاشكارا ۋە مەخپى تۈردە ئىتىقاتسىزلىشىقا مەجبۇرلىنۋاتقان بولساقمۇ . بىراق ھازىرقى ئەھۋالىمىز كانادىكى يەرلىك مىللەت -نىدېلارئەينى يىللىرى ئۇچۇرغان ئاچچىق رىئاللىققا ئوخشاپ كېتىدىكەن. تىما ئىگىسى كانادا ياشاۋاتقان قېرنداشلىرىمىزدىن بىرى بولسا كېرەك. دونيادىكى بارلىق قېرنداشلىرىمىزنىڭ توردونياسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ قېرنداشلىق مېھرىنى كۈچەيتىپ خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& z8 G. l/ ]  Q  R+ t

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش