مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: IsPat

ئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نامراتلىق جىناي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6045
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13328
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-4 02:35:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  Orxun كە 2010-09-04 11:34 AMئەۋەتىلدى  :
مېنىڭىچە سىز يوللىغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى چەتئەلدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلۈكلەر ئىكەن!!!!!!
ئىشقىلىپ ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز . ھەرھالدا سۇڭ ،چى ، دىگەندىن ياخشى

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ - ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6356
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8633
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 687 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-4 02:36:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىشقا بۇلىدىكەن

ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ - ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﻗﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺋﻪﻗﯩﻠﻴﻪ ﺳﯚﺯﻯ ﺩﯗﺭ .

نامراتلىق جىناي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6045
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13328
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-4 02:41:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 10قەۋەت  teklimakan كە 2010-09-04 11:47 AMئەۋەتىلدى  :
بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىزچىغو؟
قېرىندىشىم كۆزىڭىزنى يوغانراق ئېچىپ قاراڭ ،مەن ئېنگىلىزچە خەت يازمىدىم . بۇلار ئۇيغۇرچە سۆزلەر . لېكىن قەيەردىن قاچان قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق . تۇركىي تىللىرى نەچچە مىڭ يىللار ئاۋۋال دۇنياغا كېلىپ قېلىپلاشقان . بىز دەۋاتقان چەتئەلدىن كىرگەن سۆزلەر راست شۇ يەرلەردە ئىجات قىلىنىپ بارلىققا كەلگەنمۇ ياكى باشتا بىز تەرەپتىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ ھازىر قايتىپ كەلگەنمۇ . بۇنىڭغا بىرنىمە دىمەك تەس.

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

ئۇيغۇرلار تارىخ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5896
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8989
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 2534 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-4 05:40:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ مۇشۇ سۆزلۈكلەرگە خەنزۇلارغا ئوخشاش ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ياسىساق بولاتتى~~~~~~!!!!!!!!قاچانغىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن سۆز ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىمىز~~~~~~!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4976
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-30
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-4 07:45:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەمەس .ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم ئۆلچەم بىرلىلىرى ،دېسەك توغرا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئۆلچەم بىرلىكلىرى؛
چاقىرىم (ئۈن يېتىم)
گەز
پاتمان
چارەك
ئىششەك
نىم ئىششەك
مىسقال ...
دېگەنلەردۇر

نامراتلىق جىناي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6045
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13328
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-4 07:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 15قەۋەت  bahadir كە 2010-09-04 07:45 PMئەۋەتىلدى  :
بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەمەس .ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم ئۆلچەم بىرلىلىرى ،دېسەك توغرا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئۆلچەم بىرلىكلىرى؛
چاقىرىم (ئۈن يېتىم)
گەز
پاتمان
.......
بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىلىرى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى؟ ئېغىرلىق بىرلىكى ؟ ھەجىم بىرلىكى ؟ مۇمكىن بولسا ئېنىق ئايرىپ تولۇقلاپ يېزىپ قويسىڭىز . قارىسام ھەممىسى ئارىلىشىپ كېتىپتۇ

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

ئادەم يېنىدىكى ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2676
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10709
تۆھپە نۇمۇرى: 464
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-4 08:17:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 16قەۋەت IsPat كە 2010-09-04 07:53 PMئەۋەتىلدى :

بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىلىرى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى؟ ئېغىرلىق بىرلىكى ؟ ھەجىم بىرلىكى ؟ مۇمكىن بولسا ئېنىق ئايرىپ تولۇقلاپ يېزىپ قويسىڭىز . قارىسام ھەممىسى ئارىلىشىپ كېتىپتۇ

مەن يېزىپ قوياي.
___________________
يۇرتىمىز تارىخىدا قوللىنىلغان بىر قىسىم ئۆلچەم بىرلىكلىرى ھازىر ئىستېمالدىن قالغان بولسىمۇ، ئۇلار مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى دۇردانىلەر سۈپىتىدە مەلۇم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا ياشلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشىغا ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتە توپلىغانلىرىمنى جامائەتچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم:
چىڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى شىنجاڭدا مۇساپىلەرنى ئۆلچەشتە‹‹ يىغاچ››، ‹‹تاش››، ‹‹پەرسەخ››، ‹‹چاقىرىم››، ‹‹يول›› قاتارلىق بىرلىكلەر قوللىنىلغان.
1. يىغاچ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر يىغاچ سەككىز كىلومېتىر(16يول) غا تەڭ. (‹‹بابۇرنامە›› 3 – بەت)
2. تاش. بۇمۇ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنىدىغان ‹‹پەن ۋە تۇرمۇش›› ژۇرنىلىنىڭ 1985 – يىلى 1 – سانىدا بىر تاش 8.5 كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. قەدىمكى كىتابلاردا بىر تاش سەككىز چاقىرىم، يەنى 12 مىڭ قەدەم ياكى سەككىز رۇس مىلى كېلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.
3. پەرسەخ. قەشقەرلىك ھامۇت ھاجى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئوغلى مۇھىددىن مەخدۇم مىرزا 18 – ئەسىرنىڭ يېرىمىنىڭ بېشىدا قەشقەردىن تۇرپانغىچە بولغان مۇساپىنى پەرسەخ بويىچە ئۆلچەپ، ھەر پەرسەخكە بىردىن تاش بەلگە قويغان. شۇڭا ئۇ كىشى ‹‹مىرزا پەرسەخ›› دەپ ئاتالغان.(‹‹تارىخى ئەمىنىيە›› 370 – بەت) شۇ چاغلاردا ھەر پەرسەخكە بىردىن كونۇس شەكىللىك تاش ئورنىتىلىپ، تاشقا مۇساپە سانى يېزىلاتتى. ‹‹قەشقەرىيە›› ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئا. ن. كروپاتكىن كىتابىدا قەشقەر بىلەن كورلىنىڭ ئارىلىقىدا بۇنداق تاش بەلگىلەرنى كۆپ ئۇچراتقانلىقىنى قەيت قىلغان. (‹‹شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى›› 54 – بەت)
4. پوتەي. يۇقىرىقىلاردىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇساپە ئۆلچەشتە ‹‹پوتەي››(تۇر) ئۆلچىمىمۇ قوللىنىلغان. ئەينى چاغدا ھەربىي ئېھتىياج تۈپەيلى مۇھىم يوللارنى بويلاپ نۇرغۇن تۇر(پوتەي)لەر ياسالغان بولۇپ، مۇساپە مۇشۇ تۇرلار بويىچىمۇ ھېسابلىناتتى. قەشقەردىن ئاقسۇغىچە 453 كىلومېتىر(967 يول – چاقىرىم) بولۇپ، جەمئىي 166 تۇر (پوتەي) بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىلىقى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئىككى تۇر ( پوتەي)نىڭ ئارىلىقى 2.73 چاقىرىم بولغان. ‹‹تارىخىي ئەمىنىيە››دە ئىككى تۇرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. (‹‹تارىخىي ئەمىنىيە›› 117 – بەت)
5. شەرئى. بۇمۇ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر شەرئى ئۈچ كىلومېتىردىن ئۇزۇنراق.
6. چاقىرىم. ئىبراھىم مۇتىئىي ئەپەندىنىڭ ئىلمىي كۆرسىتىشىچە، ‹‹چاقىرىم›› (‹‹ۋىرىستا››俄里 رۇس مىلى) بىلەن بىردەك بولۇپ، ‹‹ئۆزبېك ئېنسىكلوپېدىيىسى››دە بىر چاقىرىم 1.06 كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن، رۇسچە كىتابلاردا بىر ۋىرىستا 1.068 كىلومېتىر، يەنى 1500 قەدەمگە تەڭ دەپ كۆرسىتىلگەن؛ قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان ‹‹قازاق ئېنسىكلوپېدىيىسى››دە بىر چاقىرىم 1.07 كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق كومىتېتى تۈزگەن ‹‹ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››نىڭ 2 – تومىدا ‹‹چاقىرىم مېتىر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنغانغا قەدەر قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر چاقىرىم ئادەتتە 1.06 كىلومېتىرغا تەڭ›› دېيىلگەن (‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› 2 – توم 651 – بەت).
7. تاناب. بۇ يەر – كۆلەم ئۆلچەيدىغان بىرلىك بولۇپ، ئىلگىرى دېھقانچىلىق بېجى ئېلىشتا بىر تاناب يەر بىرلىك قىلىناتتى. بىر تاناب 40 قەدەمگە توغرا كېلىدۇ، مېتىر ھېسابىدا بىر قەدەم 71.5 سانتىمېتىر بولىدۇ.
8. جارىپ. بۇمۇ كۆلەم ئۆلچىمى بولۇپ، بىر جارىپ 966 كۋادرات مېتىرغا تەڭ.
9. يول. بۇ ئېلىمىزدە قەدىمدىن قوللىنىلغان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ ‹‹里›› بىلەن ئوخشاش. يەنى بىر يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر، قەدەم ھېسابىدا 700 قەدەمگە تەڭ.
10. نەيزە بويى. بۇ ئېگىزلىك ئۆلچىمى بولۇپ، بىر نەيزە بويى ئىككى مېتىرغا تەڭ.
11. قېرى. بۇ گەزلىمە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر قېرى 64.04 71.12 سانتىمېتىرغا تەڭ. (‹‹تارىخىي رەشىدى›› 191 – ، 192 – بەتلەر)
12. گوڭ. ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى. بىر گوڭ 1.66 مېتىرغا تەڭ(‹‹تاشيول قاتنىشى تارىخى›› 207 – بەت).
13. پاتمان. بىر پاتمان 57.3 كىلوگرامغا تەڭ.
14. فوت. بىر فوت 0.3048 ياكى 30.48 سانتىمېتىرغا باراۋەر.
15. سارژىن. بىر سارژىننىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتتە فوت، يەنى 2.336 مېتىرغا تەڭ.
16. قاداق. بۇ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر قاداق 0.4564 كىلوگرام بولىدۇ.
17. پۇت. بۇمۇ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر پۇت 16.3 كىلوگرامغا تەڭ.
18. چارەك. بىر چارەك ئادەتتە 24 قاداق بولىدۇ.
مەنبە:  http://www.intil.biz/home/thread-708-1-1.html

گېنرال بولىشنى ئويلىمىغان موزدۇز ياخشى ناۋاي ئەمەس...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش