چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە ئوتتۇز ئۈچ جۈملىلىك ساۋاق
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئانىسى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ زاكون تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە مۇھىملىقى ھەققىدە ئەڭ قىسقا بايان بېرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، ئانا يېزىق، مىللىي مەجبۇرىيەت.
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئانىسى؛ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلارنىڭ دۇردانىسى! ئۇنىڭ بىلەن خاتىرىلەنگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى؛ ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈلگەن بىباھا تارىخىي ئەسەرلەر، ئۆلۈمسىز تۆھپىكار ئەجدادلار شەرەپ ناملىرى؛ ئۇنىڭ بىلەن بايان قىلىنغان ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىيات جەۋھەرلىرى!
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەب يېزىقى ئەمەس، ئەرەب يېزىقى ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدۇر.
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا ئوتتۇز ئالتە ھەرپ بار. ئۇلار: ئەرەب يېزىقى ئېلىپبەسىدىن ئەينەن قوبۇل قىلىنغان يىگىرمە سەككىز ھەرپ؛ پارس يېزىقى ئېلىپبەسىدىن ئارىيەت ئېلىنغان پ، چ، گ، ژ، تۆرت ھەرپ؛ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان او (ۋاۋ ئەلىف)، اﻳ- (يا ئەلىف)، نك («نگ»، «ڭ» ئوقۇلىدىغان «ڭا» ھەرپى) ۋە ھەمزەدىن ئىبارەتتۇر.
ھەر كىم چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسى (قاراڭ: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007-يىل نەشرى)دە كۆرسىتىلگەن ئوتتۇز ئالتە ھەرپنى ئۆز قائىدىسى بويىچە قوراشتۇرۇپ يېزىشنى بىلگەن ئۇيغۇر ئىنسانى بولغاندا، ئاندىن كېلىش مەنبەسى قۇرئان كەرىم بولغان مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى يازالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەنە ئېيتالايدۇ، يەنى ئۇقۇمىنى چۈشىنەلەيدۇ ۋە چۈشەندۈرەلەيدۇ.
ئىنسان مۇشۇ ئوتتۇز ئالتە ھەرپنى ئۆز قائىدىسى بويىچە قوراشتۇرۇپ خەت يېزىشنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېزىلغان خەت-كىتابلارنى ئوقۇشنى بىلگەندىلا، ئاندىن «السلام عليكم» (ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم)نىڭ نېمە دېگەن بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ؛ شۇنداقلا، «وعليكم السلام» (ۋە ئەلەيكۇمۇس سەلام )نىڭ بىر ئاياقلاشقان ئوي-پىكىرنى بىلدۈرىدىغان جۈملە ياكى بىر ئىبارە ياكى بىر سۆز بىرىكمىسى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۇقۇم بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ.
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يىلتىزى ، پۈتكۈل مۇسۇلمانچە كىشى ئىسىملىرىنىڭ لۇغەت مەنبەسى، جانلىق تىلدا، «سالام-سىھھەت سۆزلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بارلىق مىللىي فولكلورىستىك ئادەت سۆزلىرىمىزنىڭ ئۇقۇم خەزىنىسىدۇر. شۇڭلاشقا، ئۇنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ، ئۆز ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋە بالا-چاقىلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىشنى ۋە ئۇقۇمىنى شەرھلەشنى بىلىش ئەمەلىيەتتە، بىز ھەممىمىز، ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈچۈن پەرز ۋە بۇرچتۇر.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيدىغان ئادەم، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىي بىلىملىرىدىن ساۋاتى يوق ئادەم ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سانالمايدۇ. چۈنكى، ئەگەر ئۇنىڭ ئىسمى «ئەخەت» بولسا، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمىسە، ئۇنىڭ «احد» (ئەھەد) دېگەن ئەسلىي يېزىلىشىنى يازالمايدۇ. يازالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەنىسى «بىر، بىردىنبىر» ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدۇ؛ ئۇ سۆزنىڭ كېلىش مەنبەسى قەيەر، ئۇ يەنە قانداق تىل مۇھىتىدا، قانداق ئىشلىتىلىپ، نېمە ئۇقۇم ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بولسا، تېخىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇكى، بۇ خىل بىلىكسىزلىك، بۇ خىل ئىلىمسىزلىك، يەنى ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىمۇ يازالماسلىق، ئۆزىنىڭ ئىسمى نېمە ئۇقۇم-مەنە ئاڭلتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەسلىك ئەمەلىيەتتە، سېپى ئۆزىدىن ساۋاتسىزلىق، قارا تۈركلىك بولىدۇ.
قىياسلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا، ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە مەنە-ئۇقۇمىنى بىلمىگەن ئادەم ئەمەلىيەتتە، ساغرىسىغا ئۆز خوجايىنى، ئۆز ئىگىسىنىڭ بەلگە تامغىسى ئۇرۇپ قويۇلغان كالىغا ئوخشايدۇ، خالاس!
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئالتە يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بىر خىل ئىملادا ئىشلىتىلگەن شەرەپشان تارىخى بىلەن، يېقىنقى ئاتمىش يىلدا يەتتە قېتىم ئىملا قائىدىسى ئۆزگەرتكەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، نادىر ئۆرنەك يېزىق، ئەينەك يېزىقتۇر!
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى زامانى ئۆتكەن، ئۆلگەن يېزىق ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىلمى، يەر-جاي ناملىرى بىلىمى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇشى ۋە ۋەسىيقە تەتقىقاتى قاتارلىق مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇل-ئاساس ساھەلىرىدە ھېلىھەم قوللىنىلىۋاتقان، پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتىي كۈچكە ساھىب تىرىك يېزىقتۇر.
شەكسىزكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئەبەدىلئەبەد ئوقۇيمىز؛ مۇسۇلمان ئىنسانلىق بەلگىمىز بولغان ئىسىم-ناملىرىمىزدىن ھېچقاچان ۋاز كەچمەيمىز. ئەگەر ئەقىدىمىز مۇشۇ ئىكەن، بۇ ھالدا، ئۆز ئېھتىياجلىرىمىزغا كۆرە ئۆگىنىپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ساۋاتىنى چىقىرىشقا بەل باغلىمايمۇ تۇرالمايمىز، ئاقىبەتتە!
(«چاغاتاي تىلى» (1986-يىل)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» (2004-يىل)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (2007-يىل) ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مېغىزلىق بايان» (2012-يىل) قاتارلىق كىتابلار ئاساسىدا ھازىرلاندى)
2014-يىل 16-ئاپرىل، بېيجىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-23 10:57 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( |0 h! K( j j4 O" y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# Y3 g+ O9 v4 u