|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم مۇنبەرداشلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ ؟ نەخ گەپكە كەلسەم چ چ ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە قوراللىرى تۇرمىشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدې ،بۇ نى سۆزلەپ يۈرمىسەممۇ ھەممە كىشىگە ئايان .لېكىن ئاشۇ ئالاقە قوراللىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشمۇ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى، يانفۇن چ چ سىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدا ئۈسكىنە قۇلۇپلاش ئىقتىدارى بار ئىكەن ،يەنى ئۈسكىنە قۇلۇپلاش ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويغاندىن كېيىن باشقا تېلفۇن ياكى كومپىيوتېردا ئاچماقچى بولسىڭىز ئىككىلىك كود ياكى ئىككىنجى ئەۋلاد قوغداش شىفىرى ئارقىلىق دەلىلەش ئېپ بېرىش ئارقىلىق ئاندىن ئاچقىلى بولىدىكەن باشقىلارنىڭ چ چ رىڭىزنىڭ پارولىنى بىلىۋالغان تەقدىردىمۇ ئېچىشى مۇمكىن ئەمەسكەن . بەلكىم چ چ نىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئىشلىتىۋاتقانلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن بىلمەيدىغانلار بىلىپ قالسۇن دېگەن مەقسەتتە تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن خوش ئەمسە قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ مېغىزىنى سۆزلەي :
ئالدى بىلەن 1 -قەدەمدە يانفۇندا چ چ نىڭ يېڭى نەشرې بولۇشى كېرەك
2-قەدەمدە چ چ نىڭ تەڭشەش نى ئېچىپ ئۈسكىنە قۇلۇپلاش ۋە بىخەتەرلىك دېگەن يېرىگە كىرىمىز
3-قەدەمدە ؛ھە راس ئەڭ مۇھىمى چ چ رىڭىزنىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد قوغداش شىفىرى ئورنۇتۇلغان بولۇشى كېرەك ، ئۈسكىنە قۇلۇپلاشنى ئېچىشنى باسقاندىن كېيىن ئىككىنجى ئەۋلاد قوغداش شىفىرى كىرگۈزۈپ دەلىللەشنى تەلەپ قىلىدۇ يەنى 密保手机ئورنىتىلغان بولسا يەنە كېلىپ ئاشۇ بەلگىلەپ قويۇلغان نومۇر يانفۇنىمىزدا بار بولسا دەلىللەش كودى ئەۋەتىپ بېرىدۇ ئەگەر بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق دەلىللەشكە ئامال بولمىسا 密保问题 ئارقىلىق دەلىللەشكە بولىدۇ
دەلىللەش مۇۋاپىقيەتلىك بوپ ئۈسكىنە قۇلۇپلاشنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن ئىش پۈتتى دېگەن گەپ ،يەنى مۇشۇ تېلفۇنىمىزدا توسالغۇسىز ئېچىلىدۇ. باشقا ئۈسكىنىلەردە قانداق ئاچىمىز دېمەكچىمۇ سىز ،داۋامىغا دىققەت قىلىڭ
بۇ ئىقتىدارنى ئېچىپ بولغان دىن كېيىن چ چ نى باشقا ئۈسكىنىلەردە تۇنجى قېتىم ئاچماقچى بولساق مەسىلەن كومپىيوتېردا ئاچماقچى بولساق يۇقىردىكىدەك ئىككىلىك كود ئارقىلىق سايىلەپ دەلىللەشنى تەلەپ قىلىدۇ بۇنىڭ ئۈچۈن چ چ نىڭ ئىككىلىك كود سايىلەش ئىقتىدارىنى ئېچىپ كومپىيوتېردىكى ئىككىلىك كود قا تەڭلەپ تۇرسىڭىز يانفۇنغا كومپىيوتېردا ئېچىشقا رۇخسەت قىلامسىز دەپ دەلىللەش ئۇچۇرى كېلىدۇ ھەئە دەپ بېسىۋەتسىڭىز دەلىللەش ئۆزلۈكىدىن تامام بولۇپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتۈپ چ چ نورمال ئېچىلىدۇ . ئەگەر يانفۇن يېنىڭىزدا بولماي قېلىپ ئىككىلىك كود ئارقىلىق دەلىللەشكە ئامال بولمىسا ئىىككىنج ئەۋلاد قوغداش شىفىرى ئارقىلىقمۇ دەلىللەشتىن ئۆتۈپ چ چ نى باشقا ئۈسكىنىلەردە نورمال ئاچقىلى بولىدۇ ،باشقا تېلفۇندا ئېچىشنىڭمۇ تەرتىپى مۇشۇنداق بولىدۇ ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ پارولنى بىلىۋېلىپ شەخسى ئۇچۇرلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.ئەگەر ئاۋارچىلىقكەن دەپ قارىسىڭىز چ چ نىڭ تەڭشەككە كىرىپلا ئېتىۋەتسىڭىز ئىش تامام چ چ بۇرۇنقىدەك پارولنى سالسىلا ھەر قانداق ئۈسكىنىدە ئېچىلىۋېرىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چاقنار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-8 03:38 PM
|
|
|
|
|
|