مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 861|ئىنكاس: 10

يازمىلارغا ئويلىنىشىم ھەم سەمىمىي تەكلىبى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 01:58:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر يازمىلىرىغا نىسبەتەن قىسقىچە ئويلونوشوم  ۋە تەكلىپلىرىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلىرىم،مەن يىقىنقى قىسقا مەزگىل ئىچىدە،مۇنبەردىكى تىما يازمىلارنى كۆرۈش جەريانىدا،بىزلەرگە پايدىلىق تىمىلارنى،ئىلھام بەخىش يازمىلارنى كۆرگەندىن باشقا بەزى قۇرۇق ،مەزمۇنسىز،تۇترۇقسىز،ئەھمىيەتسىز ھەتتا نۆۋەتتە بىزلەرگە،ئۇيغۇر جەمىيتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان تىمىلارنىمۇ بار دەپ ھىس قىلدىم،بۇ خۇددى ئالدىغا بىر قەدەم ئىلىپلا يەنە كەينىگە بىر قەدەم دەسسىۋالغاندەك تۇيۇلدى.چۈنكى مەن ياخشى يازمىلاردىن بىر نەچچىنى ئوقوغاندىن كىيىن، سەلبىي تەرەپ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان يازمىدىن بىرنى ئوقوپلا قالسام ئىلگىركى تىمىلاردىن ئىرىشكەنلىرىم،ھىس قىلغانلىرىمنى نابۇت قىلىۋەتتى.
ئەھمىيەتسىز ،قۇرۇق دەپ قارىغان ،ئادەمنىڭ قىممەتلىك ۋاختىنى ئالىدىغان يازمىلارنى دىمەيلا قوياي.
بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىنى ئالغان يازمىلار دەپ قارىغانلىرىم،يىقىندا سىرلىق مۇنبىرىدە ئىلان قىلىنغان تەقدىر شەھرىستانى،مىسرانىم مۇنبىرىدە نادىرلانغان شوپاڭ ئاچقان شوجاڭ دىگەندەك يازمىلار.بۇ خىلدىكى يازمىلار بۇلا بولوپ قالماستىن خىلى كۆپ ھەم ھەر قايسى مۇنبەردىن خىلى سالماقنى ئىگەللەيدىكەن .بۇلارنى بىرمۇ بىر شەرھىلەپ ئۆتۈش ھاجەتسىز ئەلۋەتتە.
بۇ خىلدىكى يازمىلار بىزگە جەمىيتىمىزدىكى شۇ خىل مەينەتچىلىك ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى بىلدۈرۈپ قويغاندەك قىلغان بىلەن،شۇ خىل ئش ھەركەتلەردىن يىرگىنىش،ئۇنى توسوش خاھىشىدىن بەكرەك بىزلەرنى ئۆزىمىزدىن يىرگىنىش،ئۆزىمىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۈش رولىنى بەكرەك ئوينايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .
بۇ خىل يازمىلارسىزمۇ، بىز ئۇ خىل ئەھۋاللارنى بىلىشتىن مۇستەسنا ئەمەس دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇ خىلدىكى يازمىلار مۇنبەرلەردىلا ئەمەس،مەتبۇئاتلاردا،گىزىت -ژ ۇرناللاردىمۇ ئاز يىزىلمىدى دەپ ئويلايمەن،مەسىلەن:مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن باشلاپ قانۇنچىلىق گىزىتىنىلا ئوقوسام بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئىزنالىرىنى تاپالايمەن ،ھەم جەمىيتىمىزدە بۇ خىل ئەھۋاللارغا بەزىدە پۇتلىشىپمۇ قالىمىز،يەنە كىلىپ ئۆتكەن بىر مەزگىللەردە، ئۆزىمىزنى سۆكۈش،چۈشۈرۈش، خام سۇندۇرۇش ئەۋجىگە چىققان ۋاقىتلارمۇ بولدىغۇ دەپ ئويلايمەن.
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئالغا ئىگىرلىشىدە ئۆز كەمچىلىكلىرى ئۈستىدە ئويلانغىنىدىن،نەزىرىنى كۆپرەك ئۆزىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىگە ئاغدۇرسا تىخمۇ ياخشى ھەم  ئىجابىي ئۈنۈملۈك  نەتىجە ھاسىل قىلالايدۇ دەپ قارايمەن.
شۇڭا بىزدىكى ئۇ خىلدىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇقۇملار ئاساسەن يىتەرلىك بولدى،ئەمدى بىزلەرگە ۋە كەلگۈسىمىزگە پايدىلىق بولغان،ئالغا ئىگىرلىشىمىزگە ياردەم بىرەلەيدىغان ،بىزلەرگە ئىلھام بەخىش ئىتەلەيدىغان تىمىلار  ۋە يازمىلارغا كۆپرەك ئىھتىياجلىقمىزمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
مومكىن بولسا بۇ خىلدىكى ئەسەرلەر كۆپىيىپ، بىزدە ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىدىغان،ئۆزىمىزدىن سۆيىنىدىغان خاھىشنى كۆپرەك شەكىللەندۈرەلىسە . يەنى بىز جەمىيتىمىزدە ئۇچراۋاتقان، كۆرىۋاتقان كۆڭلىمىزنى يىرىم قىلىدىغان جاراھەتنىڭ مەلھىمىنى ئۆزىمىزنىڭ تور دۇنياسىدىن ئىزدەيدىغان،قاغجىرىغان قەلبىمىز مۇنبەرلىرىمىزدىن سۇ ئىچىدىغان خاھىش شەكىللەنسە، مۇنبەرلىرىمىز بىزنى تەربىيەلەيدىغان،بىزگە بىلىم بىرىدىغان، ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان ياخشى سورونىمىز بولسا.
ئەسەرلەرنىڭ قانداق يىزىلىشىدىن بەكرەك ئۇنىڭ قايسى ساھەدىن گەپ ئىچىلغانلىقىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرسەك،ئۇ گەرچەياخشى يىزىلمىغان بولسىمۇ ئەمما تالانتلىق مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭ تەھرىرى،بىز كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق پىكىر قاتناشتۇرىشى بىلەن تامامەن قىممەتلىك ئەسەر بولالايدۇ دەپ قارايمەن.بەزى ياخشى،قىممەتلىك پىكىر قىلالايدىغان دوستلىرىمىزنىڭ بەلكىم يىزقچىلىق ئىقتىدارى تازا ياخشى بولماسلىقى ياكى تولوق ۋاقىت ئاجىرتالمىغان بولىشى مومكىن،ئەمما ئۇنىڭ قىممەتلىك پىكىرىگە پەرۋاسىزلىق قىلىنمىسا،ئەسەر نادىرلەش تەرەپلەردىمۇ بۇ تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرسەك.ئىنكاس يىزىش جەريانىدا باشقىلارنىڭ زىتىغا تىگىشتىن ۋە ئىلمىيلىكتىن ھالقىپ رەددىيە بىرىش تەرەپلىرىگە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا قۇرۇق،ئەھمىيەتسىز ئىنكاسلارنى يازمىساق،ھەممەيلەن ئەسەر،تىما باھالاش ئەمەس ئەسەرنىڭ ئىدىۋى مەزمۇنىنى تىخىمۇ يورۇتۇش،جاللاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك كۈچ چىقىرىپ ئەسەرنىڭ مۈكەممەللىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارساق،چۈنكى توردىكى بىر ئەسەر ئاپتۇرنىڭ قولى بىلەنلا مۈكەممەل بولوپ كىتەلىشى ناتايىن.ئۇندىن باشقا بىز قوللاشقا، ئىلھام بىرىشكە تىگىشلىك ئىشلارغا قاتماللىق ،ھورونلوق قىلماستىن ھەممەيلەن بىرلىكتە ئىلھام بىرەلىسەك .خالىس ئەجىر قىلغۇچى شۇ قىرىنداشلىرىمىز ئۆز جاپاسىغا رازى بولوپ،بىزلەردىن مەمنۇن بولسا.
مەسىلەن :ئۇيغۇر تور كىتاپخانىسى قۇرىۋاتقان ئالما تورى،ئۇيغۇر كىنوچىلىغى ئۈچۈن جاپالىق قەدەملەرنى بىسىۋاتقان ھۆرىيەت كىنو چەكلىك شىركىتى ،ئەڭ ئاددىيسى مۇنبەر ئارقىسىدا بىزلەر  ئۈچۈن خالىس تەر تۆكىۋاتقان جاپاكەش قىرىنداشلىرىمىز ۋە باشقىلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ چوقوم قوللاش ئوبىكتىمىز ،ئۇلارغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بىرىش،ماددى جەھەتتىن كۆپچىلىك شارائىتىمىز يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە قولىمىزنى سۇنۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتىمىز دەپ ئويلايمەن .
ئەڭ ئاددىيسى ئۇيغۇر تور كۈتۈپخانىسى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇپتۇ،ئۇنىڭدىن كىملەر پايدىلنىدۇ ؟ يەنە شۇ بىزلەر پايدىلنىمىز. ئەمما بىز ئۇلارغا نىمە قىلىپ بىرىمىز ؟ ھىچنىمە. مۇشۇ تاپتا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ،  تىنىمسىز جاپالىق تەر تۆكىۋاتقان مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى كىملەر ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتىدۇ ؟ يەنە شۇ بىزلەر ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتىدۇ،ئەمما بىز ئۇلارغا نىمە ئىش قىلىپ بىرىمىز ؟ يەنە ھىچنىمە...
ئۇلار بىز كۆپچىلىك ئۈچۈن تىنىمسىز تەر تۆكىدۇ،بىز ئۇلارنىڭ قان تەرىدىن پايدىلنىمىز ئەمما ئۇلارغا ھىچنىمە قىلىپ بەرمەيمىز .نىمە دىگەن تۇزكورلوق بۇ...ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى بىزمۇ قىلىپ باقايلىچۇ،شۇ چاغدا بىلىمىز دەردىنى.
شۇڭا ھازىر بىز كۆپچىلىك بۇ جەھەتتىكى ئۇقۇمدا ۋە ئىدىىيەدە چوقوم بىرلىككە كىلىشىمىز ،ئۇلارنى روھى ۋە ماددى جەھەتتىن ئىلھام بىلەن تەمىن ئىتىپ، تىخىمۇ سەر خىل،قىممەتلىك،ئەھمىيەتلىك ئىش پائالىيەتلەرنى روياپقا چىقىرىپ كۆپچىلىك ئورتاق بەھىرلىنىشىمىز ،ئۆزىمىز ۋە كەلگۈسىمىز يولىدا دادىل قەدەم تاشلىشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن.
ھازىر مۇنبەرلەردىكى ئەزالارمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ بىرىۋاتىدۇ،ئەگەر بىز ئىسلاھ قىلىشقا تىگىشلىك تەرەپلەرنى ئىسلاھ قىلىپ،مۇنبەرنى تىخىمۇ سەرخىللاشتۇرساق،ئاۋاتلاشتۇرساق،كۆپچىلىك تىخىمۇ كۆپ نەپكە ئىرىشەلىسە بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپەيگۈسى،ھەم شۇنداق بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن،ئىگىمىز ئاللاھدىن تىلەيمەن.
مەن بەلكىم يوق ئىشلارغا،ئۆز دائىرەمدىن ھالقىغان ئىشلارغا چىپىلىۋالغاندىمەن،ئەمما بۇ مىنىڭ چىن سۆزلىرىم.
قىنى مۇنبەر ئەھلى سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار قانداقكىن،قىنى ھەممەيلەن پىكىر قىلىپ باقساق.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئۇيغۇرۇم007 + 200

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 550
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212007
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1404 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 03:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەق گەپ قىلىپسىز...بۇ مۇنبەر ئەھلى ھەممىمىز ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىلە..

بەلكىم شۇنداق يارالغاندىمەن!                                                                                                ئەفسۇس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9186
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8152
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 03:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلارئىكەن

成功是简单的事情重复做

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6087
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8621
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2011-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 03:15:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ...بەزى ئىشلارنى بۇيەرگە يازمىساقمۇ  بەزى گەپلەرنى بۇيەردە دىمىسەكمۇ بولدۇ....
مۇنبەر بىزنىڭ شەخسى خاتىرىمىز ياكى كۈندە يىزىپ باشقىلارغا كۆرسەتمەي  ئۆزىمىزنىڭ ئۆيدە ساقلايدىغان كۈندىلىك خاتىرمىز بولمىغاندىكىن،بۇيەرگە يازساق تورغا چىقالايدىغان ئۇيغۇرچىنى ئوقۇپ چۈشۈنەلەيدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ يازمىلار بۇ ئىنكاسلارنى كۆرەلەيدۇ...  ئۆزىمىزنىڭ چاۋىسىنى يىيىۋەتمەيلى.....

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 61490
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2951 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 03:32:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ مۇھىمى ئېسل  تىملار ،بىزنى قەلبىمىزنى ئويلاندۇردىغان،ئويغىتىدىغان تىملار كۆمۇلۇپ قالمسۇن......

مەن يەنىلا مەن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7005
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8250
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 03:41:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە مۇنبەردە پەقەت ھىكايە ،ياكى ئوبزۇر تۈسىدىكى يازمىلارلا يوللانماستىن بەلكى ئاز تولا بولسىمۇ ھەر قايسى كەسىپلەرگە ئائېت بىلىملەر يوللىنىپ تۇرشى كىرەك.

بىر كىملەرگە ئوخشاتما مىنى ئوخشىماقنى قىلمايمەن ھەۋەس. باشقىلارنىڭ  بولماي سايىسى، مەن ئۇزۇمگە ئوخشىسام شۇ بەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1679
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7964
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 1765 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 03:48:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەل مېنىڭ ئويلىغىنىمنى يېزىپسىز !دىمىسىمۇ سەلبى تەسېر بېردىغان تىمىلار ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرۋېتىدىكەن

ئادەم بولماق تەس ئەمەس ، ئادەمدەك ياشىماق تەس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 04:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يىقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان سىرتتا بولوپ قالدىم.تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن،چوقوم كۆرۈپ بىقىڭ ماۋزۇسىدىكى ئەبجەش يازمامنى پۈتتۈرۈپ بولوپلا بۇ توغورلوق يىزىشنى ئويلاپ قالدىم.ھەم پۈتۈن بىر كىچە ۋاقىت كىرپىك قاقماي يىزىپ ئەتىگەن زولوق ۋاختىغا ئاران تۈگەتتىم. يۈرۈگۈم ساپ سوقسا،نىيتىم دۇرۇس بولسلا قانداقتۇ بىر ياسالمىلىق قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.ھەم مىنىڭ تىخى مۇنبەر دۇنياسىغا يىڭىياچە بولىشىم ۋە قانداقتۇر بىر تەتقىقاتچى،ياكى يازغۇچى بولماسلىقىمنىڭ،يىشىمنىڭ تىخى كىچىك بولىشىنىڭ  تىما يوللىشىمغا تەسىرى بولمايدۇ.مەيلى مەن ساتراش ياكى مولدۇز ۋە ياكى بىر تازلىق ئىشچىسى بولاي،يىشىم چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن,تەپەككۇر قىلالىسام،ئويلىنالىسام يىزىشنى خالىسام تامامەن يازسام بولىدۇ دەپ قارىدىم،يەنە كىلىپ بىز بۇ جەھەتتە ئەمدى باشباشتاق مىڭىۋەرمەي ھەممىزدە ئورتاق ئىنىق بىر نىشان بولىشىنى،ھەممەيلەننىڭ مۇشۇ نىشانغا ئۇيۇشىشىمىز ھەم مۇشۇ توغرىسىدا ئىزدىنىشىمىز كىرەك دەپ قارايمەن .ھەم ھازىر تامامەن بۇنىڭ ۋاختى سائىتى يىتىپ كەلدى دەپ قارايمەن

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

成功是简单的事情重复做

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6087
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8621
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2011-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 05:01:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  nazilay كە 2010-09-05 03:41 PMئەۋەتىلدى  :
مىنىڭچە مۇنبەردە پەقەت ھىكايە ،ياكى ئوبزۇر تۈسىدىكى يازمىلارلا يوللانماستىن بەلكى ئاز تولا بولسىمۇ ھەر قايسى كەسىپلەرگە ئائېت بىلىملەر يوللىنىپ تۇرشى كىرەك.
توغرا  ھىكايە رومان بىلەن چەكلىنىپ قالمايلى...

ياپۇن سامۇرايلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36269
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 5059 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-5 06:52:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيلانمساق بۇلمايدۇ.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش