مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: abdukorax

يازمىلارغا ئويلىنىشىم ھەم سەمىمىي تەكلىبى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 03:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مۇنبەرلىرىمىز،ئورتاق بىزلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ،شۇنداق بولغاچقا شەخسىيەتچىلىك قىلماي،ئادىل رىقابەتلىشىپ،ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ داۋاملىق تەرەققى قىلىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن.
مەن چوقوم كۆرۈپ قويوڭ دىگەن يازمامنى سىرلىق مۇنبىرىمىز چوقوم كۆرۈشكە تىگىشلىك دىگەن نام بىلەن تەستىقلىدى،ئەمەلىيەتتە بۇ ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى ‹‹ بوھران ( ياشلار چوقوم كۆرۈڭ )›› گە يازغان ئىنكاس خاراكتىرلىك تىمام ئىدى،مەن بۇنى بىر تەرەپتىن يىزىپ بىر تەرەپتىن يوللاپ پۈتتۈرۈپ بولغىچە نەچچە كۈن ۋاقىت ئۆتتى،ئىلھامىم نەچچە قىتىم ئۈزۈلدى،ئوتترسىدىكى باغلىنىشمۇ ئاجىزلاپ كەتتى ھەم بەك ئۇزۇن بولوپ كىتىپ ئاساسى مەخسەت تازا ئىنىق ئىپادىلنىلمەي قالدى.مەن مەغلۇپ بولدۇم ئەمما قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ قىممىتى بار دەپ قارايمەن،ئەڭ ئاددىيسى رۈس ياخشى ياغاچ بولسا ئۇنى ياخشى ئورونلارغا،دونەي ئەڭ ناچار ياغاچنىڭمۇ ئۆزگە چۇشلۇق ئىشلىتىلىش قىممىتى بولىدۇ ئەمەسمۇ. مەن ھەرگىزمۇ قۇرۇق ساھەدىن سۆز ئاچمىدىم دەپ قارايمەن ،گەرچە ئاۋارچىلىق بولسىمۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار ئۇنى بىر تەھرىرلەپ قۇيسا ئۆز يولىدا ئەھمىيتى بولىدۇ ئەمەسمۇ.
قاشتىشى مۇنبىرى بۇيازمامنى قىسقىچە تەھرىرلەپ كەچۈرمىشلىرىم ھەم ھىس قىلغانلىرىم نامىدا تەستىقلاپتۇ،ئۇلارنىڭ مەسۇلىيەتچانلىقى ۋە ئەزالىرىنى ھەقىقى ھۆرمەت قىلىدىغانلىغى مىنى قايىل قىلدى،
ئەمما مىسرانىم مۇنبىرى تىمىنىڭ مەنبىيىنىڭ ئەلكۈيىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ياخشى يىزىلمىغان دىگەندەك باھانىلەر بىلەن تەستىىقلىمىدى ،بەلكىم ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرىدۇ،مەن بۇنىڭغا ئايىت ئىشلارنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيمەن ،مىنىڭچە بۇ تور شەخسىيەتچىلىكى بولوپلا قالماستىن، تىما يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق،مۇنبەر ئەھلىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق.مىسرانىمنىڭ سەرخىل مۇنبەر ئىكەنلىكىگە كۆز يۇممايمەن ،مىنىڭ ئۇ بىر يازمامنىڭ تەستىقلانماسلىقى ممىسرانىمنى يازمىسىز قىلىپ قويمايدۇ ھەم مىنىڭ بىرەر يىرىم كەملەپ كەتمەيدۇ،ئەمما بۇ چوقوم ئويلىشىدىغان مەسىلە
مەن ئويلايمەن ئەگەر ياخشى ساھەدىن گەپ ئىچىلغان بولسا باشقۇرغۇچىلار بىر قاتار تەھرىرلىۋىتىپ تەستىقلىسا تامامەن بولاتتى دەپ قارايمەن.بۇ چوقوم مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ چوقوم ساپالىق بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
مەن يۇقارقى بۇ يازمامنى ئەسەر يازغاندا ھەممەيلەندە ئورتاق نىشان بولىشىنى،ئىتتىپاقىلىشپ تىخىمۇ نادىر سەرخىل ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش،ئۆزىمىزنى تەربىيلەپ ساپانى ئۈستۈرۈش، ئۆزىمىز ھەم كەلگۈسىمىزگە ئوتاق كۆڭۈل بۆلۈش، ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك مۇنبەرنىڭ نىشانىنىمۇ ئىنىق پەرىق قىلغىلى بولمايدىغان، يازمىلارنىڭ بىزلەرزگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىغى،قانداق كەيپىيات ھاسىل قىلىدىغانلىغى بىلەن ھىساپلاشمىغان،ياخشىنىمۇ يوللىغان بەزى ناچار،ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدىغان يازمىلارنىمۇ جاپا تارتىپ يازغان ھەم ئەگەر ئۇ ياخشى يىزىلغان بولسا قانۇنغا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن بولسىلا تەستىقلاۋەرگەن،بىزلەرگە ئىلىپ كىلىدىغان ئەكىس تەرەپلىرىنى قىلچە ئويلاشمىغان، بىھاجەت تىما ۋە ئىنكاسلارغا ,يۇقارقى ئەھۋاللارغا خاتىمە بىرىش ،ئەترىپىمىزدىكى بىزلەر ۋە كەلگۈسىمىزگە پايدىلىق بولىۋاتقان،بىزلەرگە ئىجابىي بولغان ،بىزلەرگە ئورتاق نەپ بىرىۋاتقان چوقوم قوللاشقا تىگىشلىك ئىشلارغا سەل قارىماسلىق ئورتاق ھەمكارلىشىپ ئۆزىمىز ۋە كەلگۈسىمىز ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىشىمىز ھەم ئەمەلىي ھەركەت قىلىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىپ يازدىم بۇ تىمىنى.بەلكىم مەن كىچك ئەمەلسىز،تەسىرسىز بولغاچقا بۇنى يازماسلىقىم كىرەكتۇ، بۇنداق يوغان گەپ قىلماسلىقىم،ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماسلىقىم كىرەكتۇ ، ئەمما مەن ئويلايمەن ئۇ قانداق كىشى بولىشىدىن قەتئى نەزەر، بىزلەر ۋە كەلگۈسىزىمىزگە پايدىلىق بولغان ھەم بۇ ھەقتە ئويلىنالىغان تەپەككۇر قىلالىغان كىشىلەر مەيلى مولدۇز ياكى ياغاچچى تازلىق ئىشچىسى بولوشىدىن قەتئى نەزەر بىزلەرگە پايدىلىقلا بولسا،سىياسەتكە خىلاپلا بولمىسا مۇنبىرىمىز قارشى ئىلىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش