|
|
|
|
كېرىمجان ئابدۇرېھىم غەربى-شىمال مىللەتلەر ئونۋېرسېتىتىدا
بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئەدەبىي تەنقىدچى كېرىمجان ئابدۇرېھىم 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 7:30 دا غەربىي-شىمال مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە تېمىسى «ئەدەبىي تەسىر ۋە ئىزدىنىش رومانىدىكى ئەلا ئوبرازى»، «تېيىپجان ئېليوف ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى» قاتارلىقلار بولۇپ كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق ۋە يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، چەتئەل ئەدەبىياتى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ئەدىبىياتلارنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزغا بولغان تەسىرى، رولىنى جانلىق مىساللار بىلەن شەرىھلەپ بەردى. ئاخىردا كېرىم مۇئەللىمنىڭ غەربىي-شىمال مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ «تەكلىپلىك پروففىسورى» بولغانلىق گۇۋاھنامىسى تارقىتىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-26 11:28 AM
|
|
|
|
|
|