مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1137|ئىنكاس: 3

خوتەننىڭ قەدىمكى يىپەك توقۇمىچىلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 01:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خوتەننىڭ قەدىمكى يىپەك توقۇمىچىلىقى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 h9 |. a, F. J; n

مەمەت ئابلا  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 ~7 L5 q; m! ](خوتەن ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى سىياسىي - تارىخ فاكۇلتېتىدىن)

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ P; _- J+ @9 f# k. X7 H$ D
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, f: r5 g- ]! L/ X& b
      ئارخېئولوگلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى ۋە "خەننامە" دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە، شەرقتە نىيىدىن غەربتە گۇمىغىچە بولغان بوستانلىقلاردا ياشىغان قەدىمكى ئىنسانلار ئۇدۇن، نىيە، رۇڭلۇ، ئۇزۇن تات، كۇرلى، گۇما قاتارلىق شەھەر بەگلىكلىرىنى قۇرغان. ۋېي (مىلادىيە 220 - 265)، جىن(مىلادىيە 265 - 317) سۇلالىرىدىن كېيىن، ئۇدۇن پەيدىنپەي كۈچىيىپ، يۇقىرىقى شەھەر بەگلىكلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ زېمىندا ياشىغان قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ، ئۆز رايونىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، توقۇمىچىلىق، كۇلالچىلىق، نەققاشلىق، ھەيكەلتاراشلىق، مېتالچىلىق، ياغاچچىلىق قاتارلىق ھەر خىل ئىگىلىك تۈرلىرى ۋە قول - ھۈنەر سەنئىتى كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. جۈملىدىن ئۈجمە ئۆستۈرۈپ پىلە بېقىپ، مەشۇت تارتىپ، ھەر خىل رەڭدار كىمخاپ، تاۋار - دۇردۇنلارنى توقۇپ شۆھرەت قازانغان.يىپەك توقۇلما مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى ياخشى، رەڭگى جۇلالىق، چىداملىق، كىيىم كىيسە كىشىنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان بولغاچقا، قەدىمكى دەۋردە باھاسى قىممەت، بازىرى ئىتتىك مال بولغان. شۇڭا "يىپەك ئېلى" ۋە يىپەك توقۇمچىلىقى توغرىسىدا قەدىمدە ئۆتكەن تارىخشۇناس، سەيياھلار كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان. يىپەكچىلىك ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان ئەسەر ھېرودوت (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 485 - يىلدىن425- يىلغىچە)نىڭ "تارىخ" ناملىق ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. "تارىخىي خاتىرىلەر"بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگۈچى تۇنجى خەنزۇچە مەنبە بولۇپ، بۇ ئەسەردە: "پەرغانىنىڭ غەربىدىن ئارشاكقىچە بولغان يەرلەردە يىپەك، سىر يوق ئىدى" دېيىلگەن. "شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىرات" دېگەن كىتابنىڭ 2 - جىلدىدا: "شىنجاڭدىكى خوتەن ئۇيغۇرلىرى پىلە بېقىش، مەشۇت تارتىش ۋە شايى توقۇشنى بىلىدۇ" دېگەن. "غەربىي رايون توغرىسىدا خاتىرىلەر" دېگەن كىتابنىڭ 2 - جىلدىدا: "خوتەندە ياۋا پىلە ئىنتايىن كۆپ، ئۇنىڭدىن توقۇلغان شايى، ئەتلەس، چۈچىنچىلەر ئىنتايىن پىششىق، پارقىراق ۋە ئېسىل بولىدۇ" دېيىلگەن. سۇڭ مۇنىڭ "ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم" دېگەن كىتابىدا: "ئۇيغۇرلار يىپەك چىقىرىدۇ، مەشۇت يىپ تارتىدۇ، رەڭدار يىپەك كىيىم كىيىدۇ، يەنە كالاۋتۇن ئىشلەشكىمۇ ماھىر، خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئەنە شۇ كالاۋتۇن بىلەن كىمخاپ توقۇش سەنئىتىنى ئىجاد قىلىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ يىپەك توقۇمىچىلىق تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچقان ۋە ئەتراپتىكى جايلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن" دېيىلگەن. يۇقىرىقىلار "يىپەك ئېلى" ۋە يىپەك توقۇمىچىلىقى توغرىسىدا قالدۇرۇلغان خاتىرىلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھېرودوت، كىتسىياس، سترابو، پتولېمىي قاتارلىق يۇنان ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان "يىپەك ئېلى"نى ئېلىمىز ئالىمى چيەن بوچۇەن:"ھازىرقى شىنجاڭ، جۈملىدىن قەشقەرنى مەركەز قىلغان  ھالدا خوتەن، يەكەننى كۆرسىتىدىغانلىقى" نى مۇئەييەنلەشتۈردى. "تارىخىي خاتىرىلەر"دىكى "يىپەك، سىر يوق" لۇقى ھەققىدىكى مەلۇمات پامىرنىڭ غەربىدىكى رايونلارغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، پامىرنىڭ شەرقى، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان خوتەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، "غەربىي رايون توغرىسىدا خاتىرىلەر" قاتارلىق ئۈچ  ئەسەردە خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پىلە بېقىش، مەشۇت تارتىش، شايى، ئەتلەس، كىمخاپ توقۇش ھۈنەر - سەنئىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغان يىپەك توقۇمىچىلىقى ھەققىدىكى خاتىرىلەر ئازادلىقتىن كېيىن، خوتەن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا تېپىلغان يىپەك توقۇلما بۇيۇملارنىڭ كۆپلۈكى، يىل دەۋرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەمەلىي پاكىتقا ئېرىشتى.1959 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نىيە خارابىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، شەرىقى خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە ئائىت بىر جۈپ ئەر - ئايال دەپنە قىلىنغان قەبرىدىن "رەڭدار كىمخاپ تون، ھەر خىل گۈل چۈشۈرۈلگەن چىرايلىق كەشتە بۇيۇملار، ئېلىمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى دەۋرىگە ئائىت پاختا توقۇلمىلىرى ۋە بۇددا سەنئىتى بۇيۇملىرى تېپىلغان".1980 - يىل 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە شۇ نىيە خارابىسىدىن "پىلە غوزىسى، مەشۈت، يىپەك، يۇڭ توقۇلمىلار، توقۇمىچىلىق سايمانلىرى تېپىلغان بولۇپ، پىلە غوزىسى يەرلىك مەھسۇلات دەپ بېكىتىلگەن. 1959 - يىلى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قارادۆڭ خارابىسىدىن "شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە ئائىت يىپەك توقۇلما بۇيۇم، قىزىل تەگلىك، ئاق گۈللۈك شايى تېپىلغان بولۇپ، بۇ ئۇدۇننىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى دەپ قارالغان".
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) B' i* D4 L+ R+ ], z4 q    يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە 1984 - يىل 1 - ئاي ۋە 11 -، 12 - ئايلاردا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىپەك توقۇمىچىلىق سەنئىتى بىلەن شۇغۇللىنىش دەۋرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى. بۇ قېتىم سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقىدا جەمئىي 52 قەبرە قېزىلغان بولۇپ، 1000 پارچىغا يېقىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى تېپىلغان. ئاخىرەتلىكبۇيۇملار ئىچىدە "يىپەك توقۇلمىلاردىن كىمخاپ، قوش ئەنلىك(ئىككى يۈزى ئوخشاش)(كىمخاپ، مەشۈت)جەسەتلەرنىڭ يۈزىگە، بېشىغا يۆگەلگەن)، شايىدىن تىكىلگەن يازلىق كىيىم - كېچەكلەر تېپىلغان. مىس كۆرگۈ، تارغاق، دورا - دەرمەكلەر كىمخاپتىن تىكىلگەن خالتا ئىچىگە سېلىنغان" بولۇپ، بۇ بۇيۇملار تېپىلغان "20M - نومۇرلۇق قەبرىنىڭ مۇتلەق يىل دەۋرى 65 +- 2290 يىل بۇرۇن ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلدى". بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 |- M- ]4 [1 i- c$ C
    خوتەن ئارخېئولوگىيىسىدە تېپىلغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتى جۈملىدىن يىپەك توقۇمىچىلىق  سەنئىتىنى نامايان قىلىدىغان ماددىي بۇيۇملار كۆپ بولۇپ، بۇلار قەدىمكى دەۋردە تەرەققىي قىلغان يىپەك توقۇمىچىلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتىدۇ.خوتەندە قەدىمكى دەۋردە يۇڭ، يىپەك، پاختا توقۇمىچىلىقى بىر - بىرىگە ئاساس يارىتىپ بېرىش، بىر - بىرىنى تولۇقلاش ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان. خوتەن دائىرىسىدىكى ھەرقايسى خارابىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يۇڭ، يىپەك، پاختا توقۇلمىلىرىنىڭ بىرگە تېپىلىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، خوتەندىن تېپىلغان يۇڭ، يىپەك، پاختا توقۇلمىلار يۇقىرى ماھارەت بىلەن توقۇلغان بولۇپ، ھەر خىل گۈل، ئادەم، ھايۋان ۋە مېۋىلەرنىڭ تەسۋىرىي سۈرەتلىرى كەشتىلەنگەن. ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان ئەتلەس پارچىلىرىنىڭ (سامپۇل قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان)تېگىنىڭ رەڭگى قىزىل، گۈلى سېرىق، گۈل شەكلى تارغاق چىشى شەكلىدە چىقىرىلغان. نىيە ناھىيىسىدىكى 1 - نومۇرلۇق قەبرىدىن تېپىلغان "بىر پارچە كىمخاپقا كەشتىلەپ ئىشلەنگەن بۇددا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن". يەنە مۇشۇ قەبرىدىن "ئۈنچە چەمبىرەككە تولپارلىق چەۋەنداز سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كىمخاپ" تېپىلغان. بۇنداق "نۇسخىلىق، نەقىشلىك، سۈرەتلىك توقۇلما بۇيۇملار پەقەت خوتەن رايونىدىلا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن" بولۇپ، يىپەك توقۇلمىلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، رەڭگىنىڭ كۆركەملىكى، توقۇلۇشىنىڭ سىپتىلىقى، نەپىسلىكى قەدىمكى خوتەن يىپەك توقۇمىچىلىق  ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ يۇقىرى تەرەقىيات سەۋىيىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ v: @7 @: ^# J4 C7 b' f
خوتەننىڭ قەدىمكى دەۋردىكى يىپەك توقۇمىچىلىقىنىڭ شاھىدى بولغان ئەتلەس توقۇمىچىلىقى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. 1950 - يىللاردىن كېيىن، يىپەك تارتىش ئۇسۇلى قەدەممۇ قەدەم ماشىنىلاشتى، ئەمما ئەتلەس ھازىرمۇ ئەنئەنىۋى ياغاچ دۇكاندا توقۇلىدۇ.خوتەندە قەدىمدە ئۆتكەن ماھىر ئۇستىلارنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى، شاگىرتلىرىغا ئۆگىتىشى ئارقىلىق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ ۋە بېيىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كەلگەن يىپەك توقۇمىچىلىقى1950- يىلدىن  كېيىن يەنە ئىزچىل تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق يىپەك توقۇمىچىلىق زاۋۇتى بولغاندىن تاشقىرى يەنە ھەرقايسى ناھىيىلەردىمۇ يىپەك توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇلدى. ھازىر خوتەن يىپەك توقۇمىچىلىق زاۋۇتى (3591 - يىلى قۇرۇلغان)نىڭ مەھسۇلاتلىرى جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىدا سېتىلغاندىن تاشقىرى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى، پاكىستان، گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! E  V5 Q7 r) R4 g
مەنبەسى : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 X( [1 }( L- ?- }6 \+ q3 n بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yipek-yoli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-28 01:56 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; o9 [) x" {2 ~+ v! P- p
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& y; c5 }1 g& k/ f2 B

تەڭىرتاغ غونچىللىرى بىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106846
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-5-17
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 07:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەندىمۇ مىللى مەدەنىيەت قول ھۇنەرۋەنچىلىك قەشقەرگە ئوخشاشلا تەرەققى قىلغان شەھەر

چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە،ئۇلار تۇننىڭ زىننىتى بوۋىلارنىڭ سۆزىچە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2889
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3606 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 08:48:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر خوتەن يىپەك توقۇمىچىلىق زاۋۇتى (3591 - يىلى قۇرۇلغان)نىڭ مەھسۇلاتلىرى....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ R2 i5 D- Q4 s) D: }) f2 m6 p( E3 Z
........بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; [, {+ W  z" o5 Z6 Z

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 b2 b) w- ?, P& _: Iبۇ ساننى 1953-يىلى قۇرۇلغان دەيمىزمۇ؟

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1494
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1121 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 03:27:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش