مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4583|ئىنكاس: 9

ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت خاتىرىسى (3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 03:43:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                         ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت خاتىرىسى ( 3 )

                                                                 نامى ئۇلۇغ مۆلجەر تاغ
        سىز ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى تۇمشۇق تاغ دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ ناھىيە بازىرىغا كىرگىنىڭىزدە، ئىككى تەرىپى ياپيېشىل دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ئۇزۇن كوچىنىڭ غەرپ تەرىپىدە قەد كۆتىرىپ تۇرغان بىر تاغ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كۆككە تاقاشقان راۋاق كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. مانا بۇ ئۇچتۇرپاننىڭ شانلىق تارىخىدا ئۇلۇغ نام قالدۇرغان مەشھۇر مۆلجەر تېغىدۇر.
        مۆلجەر تاغنىڭ نامى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، بۇ تاغ ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ ئوزاق ئۆتمۈشتە زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان جەڭگىۋار كۈرەشلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، 1765-يىلى ئەينى زاماندىكى چىڭ ھاكىمىيىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتمۇ-قات زۇلمىغا چىداپ تۇرالمىغان ئۇچتۇرپان دېھقانلىرى ئاكا-ئۇكا رەھمىتۇللا بىلەن ئەسمىتۇللانىڭ باشچىلىقىدا زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قىرىپ تاشلىنىدۇ، ئون مىڭغا يېقىن ئادەم ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. رەھمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخان باشچىلىقىدىكى يەتتە قىز ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالغان دېھقانلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى يۇشۇرۇن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ باتۇر يەتتە قىز مانا مۇشۇ مۆلجەر تېغىدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ قورشاۋىدىن بۆسۈپ چىقالماي، ئاخىرىدا مۆلجەر تېغىدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەردانىلەرچە قۇربان بۇلىدۇ. 80-يىللاردا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى (ھازىرقى تارىم ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى) ئۇچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ئاساسى تىما قىلغان "مۆلجەر تاغ بورانلىرى" ناملىق تارىخىي دىراممىنى سەھنىلەشتۈرۈپ ئويناپ چىقىپ، مۆلجەر تاغنىڭ بۇ شانلىق تارىخىنى سەنئەت ۋاستىسى ئارقىلىق خاتىرىلىگەن ئىدى.
        بىز بۇيىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەشۇ ئۆچمەس تارىخنىڭ گوۋاھچىسى، قەدىمىي يۇرت ئۇچتۇرپاننىڭ سىمۇۋۇلى سۈپىتىدە شەرقتىن كۆتىرىلگەن قوياشقا تەلپۈنۈپ زەبەردەست قەد كۆتىرىپ تۇرغان مۆلجەر تېغىنى سەيلە قىلدۇق. تاغدىكى ئەڭ ئىگىز راۋاققا چىقىپ ئەتراپقا نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز، پۈتكۈل ناھىيە بازىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېشىل بوستانلىقلار، گۈزەل مەنزىرىلەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بۇلىدىكەن. بىز سەيلە قىلىش جەريانىدا، تاغ ئۈستىگە تۇرۇبا ئارقىلىق سۇ چىقىرىلىپ، كۈچەت تىكىشكە بۇلىدىغانلىكى جايلىرىغا دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى تاقىر تاغنىڭ قىياپىتى ئۆگىرىپ، خىېلى كۆپ جايلىرىنىڭ يېشىللاشقانلىقىنى كۆردۇق. تاغدىكى ئەسلىدە بار راۋاقلار رىمۇنتلىنىپ يېڭىلانغاندىن تاشقىرى، يەنە يېڭى راۋاقلار ياسىلىپتۇ، يوللىرىغا رىشاتكا ئورنۇتۇلۇپ ساياھەتچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىلىپتۇ. توققۇز بۇلاقنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن مۆلجەر تېغى بۈگۈنكى كۈندە يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەن گۈزەل سەيلىگاھقا ئايلىنىپتۇ. بۇ بايانىمىزنىڭ دەلىلى بولغان تۆۋەندىكى سۈرەتلىرىمىزنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت خاتىرىمىزمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى، تورداشلىرىمىزنىڭ قىزىقىپ كۆرگەنلىكى ۋە قىزغىن ئىنكاس قالدۇرغانلىقىغا رەھمەت.


IMG_0628.JPG
   IMG_0607.JPG
   IMG_0599.JPG
   DSCF3831.JPG

DSCF3829.JPG
   DSCF3828.JPG
   DSCF3827.JPG
   DSCF3826.JPG

DSCF3825.JPG
   DSCF3824.JPG
   DSCF3823.JPG
   DSCF3822.JPG

DSCF3819.JPG
   DSCF3818.JPG
   DSCF3816.JPG
   DSCF3803.JPG

DSCF3798.JPG
   DSCF3797.JPG
   DSCF3796.JPG
   DSCF3790.JPG

DSCF3787.JPG
   DSCF3786.JPG
   DSCF3778.JPG
   DSCF3777.JPG

DSCF3774.JPG
   DSCF3773.JPG
   DSCF3770.JPG
   DSCF3766.JPG

DSCF3765.JPG
   DSCF3764.JPG
           


ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10403
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 05:37:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنزىر سى  خىلى بوپ  قويدىكەن
  نامىنىمۇ  خىلى  ئاڭلىغان

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 06:35:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2013-يىلى يىل بېشىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار يېزا مازاركەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر ياسىنجان ئىمىن ئۈمىدنىڭ ھەمراھلىقىدا «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» بىلەن «مۆلجەر تاغ باغچىسى»نى تولۇق ساياھەت قىلدىم، شۇ چاغدا ياسىنجاننىڭ پىشقەدەم تارىخچىلاردەك مول بىلىمى ئارقىلىق بۇ قەدىمىي يۇرتنىڭ تارىخى بىلەن چوڭقۇر تونۇشۇپ چىققان ئىدىم...
مۇشۇ يەردە مېنى بۇ سۈيۈملۈك يۇرتنىڭ تارىخى بىلەن ئۇچراشتۇرغان دوستۇم ياسىنجانغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99934
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 07:38:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە مەن بېرىپ باقمىغان بولساممۇ  ،بۇ رەسىملەرنى كۆرۇپ  شۇنداق خۇشال بولدۇم. بەك چىرايلىقكەن رەھمەت تېما  يوللىغۇچىغا

مىسكىن ئاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2080
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 09:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچتۇرپانننىڭ 3 پارچە ساياھەت خاتېرسىنى يوللاپتۇ. ھەممەيلەن كۆرۈپ ھوزۇرلاندۇق،  مىڭ ئاڭلىغاندىن  بىر كۆرگەن ئەلا،   مۇنبەردىن كۆرىۋەرمەي  پۇرسەت بولىسىلا  كىلىپ ساياھەت قىلىپ كېتىڭلار قېرىنداشلىرىم،   گەرچە  خىيالى شەھەردەك فانتازىيىلىك گۈزەل يۇرت بولمىسىمۇ  قىدىمكى «شەھرى بەر-بەر» دەپ ئاتالغان يۇرتىمىز ئۇچتۇرپان  تەبئىي مەنزىرىلىرى  ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى  بىلەن سىلەرنىڭ بىر كۆرۈپ مېھمان بولۇپ كېتىشىڭلارغا ئەرزىيدۇ.   ساددا، ئاقكۆڭۈل يۇرت-جامائەتلىرىمىز  سىلەرنى ھەر ۋاقىت  قىزغىن  قارشى ئالىمىز جومۇ مۇنبەرداشلار

كۈلكىللىرىمگە كۆز تەگمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1457
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 09:53:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
منڭمۇ بىرىپ كۆرۈپ باققۇم با ئۈچتۇرپاننى ،ئاللا بۇيرىسا چوقۇم بارىمەن

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 12:38:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارغاندەك بولدۇم، رەھمەت سىزگە!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100234
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 886
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 01:58:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچتۇرپانمۇ بىزنىڭ مەھەللىدەك چىرايلىقتەك قىلىدۇ جۇمۇ، يۇللىغان تىمىلىرىڭىزدىكى رەسىملەرگە قارىغاندا ..

ئۆچكە جاڭگال  چۇشەيدۇ ،توخۇ داڭگال..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107494
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-6-7
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 09:57:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچتۇرپاننى مەھەللىگىزگە ئوخشاتماڭ ،داڭلىق گۈزەق يۇرىت شۇنداقلا ساياھەت رايۇنى ئۇ مەھەللىڭىزگە قانداق بۇلىدۇ

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 05:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپ قويىدىغان يۇرت

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش