|
|
|
|
ئاقسۇنىڭ گۈلتاجىسى - دولان دەرياسى
تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمالىدىكى ئاقسۇ شەھرىگە كەلگەنلىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ھەرقاندىقى بۇ شەھەرنىڭ گۈلتاجىسى بولغان دولان دەريا مەنزىرە بەلبېغىنى كۆرمەي كەتمەيدۇ.
ئالدىنقى ئەسىردە، ئاقسۇ شەھرىنىڭ غەربىدە قىزىل گىل بىلەن بويالغان بىر كونا ياغاچ كۆۋرۈك بۇلۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى "قىزىل كۆۋرۈك" دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى. "دولان ئۆستىڭى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۆستەڭ ئەنە شۇ قىزىل كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى. ئازاتلىقتىن كىيىن بۇ كۆۋرۈك بىر نەچچە قېتىم كېڭەيتىلىپ ياسالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇرۇندىن قالغان "قىزىل كۆۋرۈك" دىگەن نامى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. قىزىل كۆۋرۈكنى ئاساسى بەلگە قىلغان دولان ئۆستىڭى سۇغۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېھتىياجى بىلەن بىر نەچچە قېتىملىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 75 كىلومېتىر، يىللىق سۇ ئېقىش مىقدارى 786 مىلىيۇن كۇپمېتىر بولغان، شىمالدىن جەنۇپقا لەرزان ئاقىدىغان بىر مۇكەممەل دەرياغا ئايلاندى. مانا بۇ-ئاقسۇ شەھرىنىڭ ئانا دەرياسى بولغان دولان دەرياسىدۇر.
ئەپسۇسكى، ئادەملەردىكى تەبىئەتنى ئاسراش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى دولان دەرياسىنىڭ ئېغىر ھالدا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەسلىدىكى سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى دەريا بۇيىدا ياشايدىغان ئاھالىلارنىڭ ئۆيلىرىدىن چىققان يۇندا-ئەخلەتلەر بىلەن ئۆزگىرىپ كۈلرەڭگە كىرىپ قالدى. بۇلغىنىشتىن قۇتۇلالماي قالغان، تەبىئىي مۇھىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان دولان دەرياسى ئۈمىدسىزلىك، غەمكىنلىك، مەيۇسلۇق ئىچىدە ئېقىشقا مەجبۇر بولدى.
2006-يىلى دولان دەرياسى ئۈچۈن خاسىيەتلىك بىر يىل بولدى. دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمى پىلانى ئاپتونۇم رايوندىن ئەۋەتىلگەن سۇ ئىنشائات، مۇھىت ئاسراش، ئۆسۈملۈك، لايىھىلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسېسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى. دولان دەرياسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ جەڭ دومبىقى چېلىندى! ئاقسۇلۇقلار ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان غەيرەت-شىجائېتى بىلەن بۇ ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنىڭ قايناق جېڭىنى كۈتىۋالدى. قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە، قىزىل كۆۋرۈكنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. قېيىق، كاتېرلار ئۈزۈپ يۈرگەن بىر چوڭ سۇنئى كۆل، دەريا بىلەن كۆلنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان ئورمانلىق ئارال ۋە ئۇنىڭغا تۇتىشىپ تۇرغان ھەيۋەتلىك ئەرش كۆۋرۈكى، دەريا بۇيىدىكى كەپىلىك ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كۆككە تاقىشىپ تۇرغان ئىگىز بىنالار، كىشىگە ئارامبەخش ھۇزۇر ئاتا قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر دولان دەرياسىنى ئۆزگەرتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە كىشىلەرگە كەڭ قۇچاق ئاچتى. ئاقسۇلۇقلار بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق گۈزەل تەبىئەتكە قايتىپ كەلگەندەك بولدى. دولان دەرياسى بۇيىغا كېلىپ سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، دەرياغا قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتۇش، گۈزەل تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئاقسۇلۇقلارنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندى. سەيلە-ساياھەت، ئىستىراھەت، مەنزىرە، ئولتۇراقلىشىش بىر گەۋدە قىلىنغان دولان دەريا مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئاقسۇنىڭ بىر نەچچە يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئېتىگە شاھىت بولدى، ئاقسۇنىڭ ئوبرازىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈردى. ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، مۇتەخەسېسلەر دولان دەريا مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىن ئاقسۇنى، شىنجاڭنى، ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆردى.
دولان دەريا مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ جەڭ دومبىقى تېخى توختاپ قالغىنى يوق. ھازىر دولان دەرياسى بۇيىدىكى كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىشنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى قىزىل كۆۋرۈكنىڭ شىمالى تەرىپىدە جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. خاڭجو شەھىرى ياردەم بېرىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي بىر مىلىيارد 157 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2-قارارلىق دولان دەريا مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىغىلا 707 مىلىيۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كىيىن، ئاقسۇ شەھرىدە سەيلە-ساياھەت، سودا-سېتىق، كۆڭۈل ئېچىش، ئىش بىجىرىش بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى شەھەر رايونى بارلىققا كىلىپ، خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك، ئاقسۇنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىدا گەپ يوق.
1-قارادا تاماملانغان دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسىم يارقىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆزۈم تارتقان تۆۋەندىكى سۈرەتلەر بىلەن ئىپادىلىدىم.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
|
|
|
|
|
|