مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9244|ئىنكاس: 24

كەسپى ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ‹‹تۈمۈر تاۋىقى›› چېقىلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1278 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 07:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەسپىي شتات ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ«تۆمۈر تاۋىقى» ئومۇميۈزلۈك چېقىلىدىكەن. دۆلىتىمىز «كەسپىي شتات ئورۇنلىرى كادىرلار باشقۇرۇش نىزامنامىسى» 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.


ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تۈنۈگۈن بۇ نىزامنامىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئېلان قىلغان، كۆرسىتىلىشىچە بۇ نىزامنامە ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بولسا كەسپىي شتات ئورۇنلىرى بىلەن خىزمەتچى خادىملار «توختاملىق مۇناسىۋەت»نى بېكىتىپ، رەھىمسىزلەرچە ئۆمۈرلۈك باقىۋەندە تۈزۈمنى بۇزۇپ تاشلاپ، خادىملار قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق چىقىرۋېتىلىدىكەن.

نىزامنامىدىكى بەلگىلىمىدە، كەسپىي شتات ئورۇنلىرى بىلەن خىزمەتچى خادىملار تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى تۈزەيدىكەن، مۇددىتى ئادەتتە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن بولمايدىكەن. كەسپىي شتات ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇدا 15 خىزمەت كۈنىدىن ئارتۇق خىزمەت قالدۇرسا، ياكى بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 30 خىزمەت كۈنىدىن ئارتۇق خىزمەت قالدۇرسا، كەسپىي شتات ئورۇنلىرى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلىپ خىزمەتتىن ھەيدەيدىكەن.

كەسپىي شتات ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار يىللىق خىزمەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولسا، ھەتتا خىزمەت ئورنىنى تەڭشەشكىمۇ بولمايدىكەن. ئەگەر ئىككى يىل ئۇدا يىللىق خىزمەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولسا، كەسپىي شتات ئورۇنلىرى ئالدىن 30 كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىنى بىكار خىزمەتتىن ھەيدەيدىكەن.

ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ نىزامنامىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشى بولسا، كەسپىي شتات ئورۇنلىرى بىلەن خىزمەتچى خادىملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى «توختاملىق مۇناسىۋەت» قىلىپ بېكىتىپ، ئۆمۈرلۈك باقىۋەندىلىك تۈزۈمنى بۇزۇپ تاشلاپ، توختاملىق تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش، ئادىل رىقابەتلىشىش، كەسكىن چەكلەش، ھوقۇق-مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىپ ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، خادىملار كىرەلەيدىغان ھەم چىقالايدىغان، خىزمەت ئورنىغا چىقالايدىغان ھەم چۈشەلەيدىغان، تەمىناتى ھەم يۇقىرى ھەم تۆۋەن بولىدىغان نىشاننى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ جانلاندۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

«كەسپىي شتات ئورۇنلىرى كادىرلار باشقۇرۇش نىزامنامىسى»دا ، كەسپىي ئورۇن قانۇنىي ئىگە سۈپىتىدە، خىزمەتچى خادىملار بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى ئىمزالاپ، كادىرلىق مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزۇش ، ئىككى تەرەپ باراۋەر كادىرلا ئاساسىي قانۇن ئورنىنى ئورنىتىپ، خىزمەتچى خادىملار ئۆز ئالدىغا تەكلىپنى قوبۇل قىلىش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىغا ئاساسەن ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش، تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش بەلگىلەنگەن.

2002-يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 90% كەسپىي شتات ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىنى ئىمزالىغان. نىزامنامىدىكى بەلگىلىمىدە يەنە، دۆلەت سىياسەت خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، كادىرلار باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن يۇقىرى دەرىجىلىك تەيىنلەش، مەخپىي خىزمەت ئورۇنلىرى قاتارلىق خىزمەتچى خادىملاردىن باشقا، كەسپىي شتات ئورۇنلىرى يېڭى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن خىزمەتچى خادىملارنى، جەمئىيەتتىن ئۇچۇق ئاشكارا قوبۇل قىلىشقا يۈزلەندۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن.

جۇڭگو ئاخبارات تورى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋىرى، 2014-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا بولغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى بىر يولغا چۈشۈرۈشتىكى قانۇنى مەسىلىلەر ئاخىرى ماھىيەتلىك راۋاجلانغان. گوۋۇيۈەننىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان «كەسپىي شتات ئورۇن كادىرلار باشقۇرۇش نىزامنامىسى»دىكى بەلگىلىمىدە، «كەسپىي شتات ئورۇن ھەم خىزمەتچى خادىملار قانۇن بۇيىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، خىزمەتچى خادىملار قانۇن بۇيىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ».

بۇ نىزامنامە 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن، 2014-يىلى شۇ سەۋەبتىن ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى بىر يولغا چۈشۈرۈش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بىر يىلغا ئايلانغان. گوۋۇيۈەن قانۇن تۈزۈش ئىشخانىسى، مەركەز تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەسئۇلىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مۇخبىرلارغا تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە بىر مىليون 110مىڭ كەسپىي ئورۇن ، 31 مىليون 530 مىڭ كەسپىي شتاتلىق ئادەم بار ئىكەن. «نىزامنامە»نىڭ تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، ئانالىزچىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى نىزامنامىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 30مىڭدىن كۆپ كەسپىي شتات خادىملىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

بىراق، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، «نىزامنامە»دە پەقەت پرىنسىپ بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، «كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش» تەلەپ قىلىنغان.

جۇڭگو كادىرلار پەن تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى كەسپىي ئورۇن كادىر باشقۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى لى جىيەنجۇڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسىم خاتالىقلار مەۋجۇتلۇقى، بەزى بىر ئادەملەر نىڭ 10 نەچچە يىلدىن كۆپ ئىسلاھاتقا قارىتا يەنە خاتا چۈشەنچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن، «مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنىڭ يەنە ياخشىلايدىغان جايلىرى بار.» دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمەلىيەتتە، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى ئاللىبۇرۇن پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە سىناق قىلىنغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلغا كەلگەندە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەسپىي ئورۇن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ توختاملىشىش نىسبىتى 90%تىن ئېشىپ كەتكەن.

شۇنداق بولسىمۇ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىش جەريانىدا، بىر قىسىم ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان خادىملار تەكلىپ قىلىشتىن قېلىپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ، خادىملارنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئورنىنى بوشىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، ھەم خىزمەتچى خادىملار چىقىرىۋېتىش مەسىلىسىگىمۇ دۇچ كەلگەن.

نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى تۈزۈشى يەنىلا مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، بولۇپمۇ كەسپىي ئورۇنلاردىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمى تېخى ئورنىتىلمىغانلىقتىن، گەرچە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈلمىسىنىڭ قاتلىمىدا خادىملار كىرەلەيدىغان ھەم چىقالايدىغان ئەھۋالنى يۈرگۈزۈش ئېنىق بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىشتا يەنىلا ھەقىقىي يۈرگۈزۈشكە ئامالسىز قالغان، «ئىدارە خادىملىرىنىڭ جەمئىيەت خادىملىرىغا ئايلىنىشى يەنىلا تەس بولغان».

بۇ بىر نەچچە يىلدا تەكلىپ قىلىش ئىشلىتىش توختامىنى كېڭەيتىش جەريانىدا، مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر، بىرى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلىنغان، ياكى يالغاندىن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغان. شەكىلدە بىز تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى ئىمزالىغان بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا تۆمۈر تاۋاق، ئوپچە تاماق، بىخەتەرلىك ساندۇقى بولغان. بۇ بىر نەچچە يىلدىكى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان جەرياندا، بىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسىي بەلگىلىمىلىرىمىز، تەكلىپ قىلىنمىغان خىزمەتچىلەرگە قارىتا، ئاساسەن ئىچكى قىسىمدىلا بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساس قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىماسلىق، مۇقىملىقنى قوغداش، ماسلىشىش، مەسىلە كۆرۈلمەسلىك كېرەك، يەنى قوبۇل قىلماي بولمايدۇ دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ناھايىتى بىر مۇھىم مەسىلە ئىكەن.
خەۋەر مەنبەسى: نۇر تورى
http://www.nur.cn/news/2014/06/175312.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 10:08 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 10:22:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 10:28:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھازىر تۆمۈر تاۋاق دىگەنلەر دۆۋلەت مەمۇرلىرىغا بامىكىن كەسپى ئورۇنلاردا تۆمۈر تاۋاق دىگەن ئۇقۇم قالمىدى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3008 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 10:45:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنلاڭ تورىنىڭ 1-چىسلا چۈشتىن كېيىن 22:00 دىكى خەۋىرى:

دۆلەت ئادەم بايلىقى  ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۈگۈن كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى تۈزۈلمىسىگە قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ يېقىندا پەيدا بولغان سۆز-چۆچەكلەرنى ئەيىپلىدى  

شىنلاڭ تورىدىكى ئادېرىسى
ئادەم كۈچى بايلىقى نازارىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە ، ھازىر مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، كەسپىي شىتات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىي ۋە ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى تۈزۈلمىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھات ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىپ پىلانلاۋېتىپتۇ ، بۇ يۇقىرقى پىلاننىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشى بىلەن ئىككى ئىش بولۇپ ، كەسپىي شىتات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىي ۋە ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى تۈزۈلمىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھات ھازىر تېخى پىلانلاش ۋە تەتقىق قىلىش باسقۇچىدا بولۇپ بۇ ئىسلاھات پىلانىنىڭ ھازىرلا ياكى پات ئارىدا يولغا قۇيۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن !

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 11:21:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئون يىللار بوپقالدىغۇ ئۇ ئىشقا . كەسپىي ئورۇنلارغا بىردەك تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى بىلەن خادىم قوبۇل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ . سىناق مۇددىتى توشقاندىن كىيىن توختام ئىمزالايدۇ . تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەنلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرىدۇ . ئەمدى  بۇرۇنقى ۋاقتلاردا تەقسىم قىلىنىش يولى بىلەن ئىشلەۋاتقانلارمۇ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ  دىگەن بەلگىلىمە چىقىدىكەن دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان .  ئەمما  ماۋۇ  تۆمۈر تاۋاق چىقىلىدىكەن دىگەن تىما بەكلا جايىنى تاپالماپتۇ .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12401
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32459
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4462 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 11:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولا......

‹‹تەكلىپ قىلىش تۈزىمى››دەپ چاپراقشىپ،شوجاڭ شۇجى،ئىلمىي  مۇدىرلار ئاغزىنىڭ كۆپىكىنى چىقىرىپ ،قاينىشىپ تەكلىپ قىلىۋاتىتى بىزنى ....

‹‹يۇقۇرى دەرجىلىكلەر خىزمەتنىڭ ئېغىرىنى قىلىدۇ،18 سائەتتىن دەرس ئالىدۇ›› دەپ كاپشىپ...

قارىساق يۇقۇرى دەرجىىلىكلەرنىڭ دەرسى ئاز ياكى ئارام ئېلىۋاتقان،تۆۋەن دەرجىلىكلەرنىڭ  ۋەزىپىسى كۆپ ،ئۇھ  دەپ ئارام ئالغۇدەك ۋاقىت يوق...

ھەممىنى ئادەم قىلىدىغان ئىشلاركەنغۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104588
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 12:03:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا چۈشىنەلمىدىم مۇشۇ گەپنى، دىمەكچى بولغىنى بىزدەك كەسپى شىتات مۇئەللىملەرمۇ بىراقلا توختام ھالەتكە چۈشەمدىغانمىزمىدۇ ياكى بۇنىڭغا قارىتا ئايرىم بەلگىلىمىلەر بارمىدۇ؟

ئۇلۇغ اللادىن ئەقىل-پاراسەت ۋە سەبىر تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 12:27:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۆرگەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېخنكا-تەتقىقات ئۇرۇنلىرى (كەسپىي ئورۇنلار غا تەۋە )دا تەكلىپلىك خادىملار رەسمىي شىتاتلىق خادىملاردىن نەچچە ھەسسە كۆپكەن ھەمدە مەيلى تەكلىپلىك ياكى شىتاتلىق  بولسۇن  قىلۋاتقان ئىشنىڭ تېخنىكىلىق دەرجىسى ۋە خزمەت مىقدارىغا قاراپ مۇئاش -مۇكاپات ئالدىكەن ،شۇڭا ئۇلار شىتاتلىق بولۇش دىگەنلەرگە ئانچە پەرۋا قىلمايدىكەن .
پەقەت مېنىڭ خزمەت ئورنۇمنى ئېلىپ ئېيتساملا ،بىرقانچە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ياشلار شۇنداق تىرشىپ ئىشلەپ ،تېخنىكىلىق قيىنلقى دەرجىسى يۇقىرى تەكشۈرش خىزمەتلىرنىڭ ھۆددسىسدىن چىقۋاتقان بولسىمۇ ئاشۇ شىتاتى ھەل بولمىغاچقىلا،جاھاننىڭ ئاسان چاغلىرىدا  شىتاتلىق بولۇپ قالغان بەزى تۇغماس توخۇلارنىڭ يېرىمىچىلىك مۇئاش ئېلىپ ئىشلەيدۇ .
بۇياشلارغا شۇنداق ئېچىم ئاغرىپ قالىدۇ بەزىدە ..
ئۆزى تېخى قىرىققا بارمايلا 15-20يىللق شىتاتلىق بولۇپ قالغان بەزى نانقېپىلار يا خىزمەتنىڭ
ھۆددىسدىن چىقالماي ،يا ئۆگەنمەي ،ئەقەللىيسى باشقىلار ئشىلەپ نەتىجسىنى چىقىرىپ بەگەن تەييار تەجرىبە دوكلاتلىرنىمۇ كومپىيۇتىردا ئۇرۇپ چىقرالماي ،لاياقەتلىكنى بەزىدە لاياقەتسزمۇ چىقىرىپ قويۇپ يۈرىشىدۇ .
مەمۇرلارمۇ ئورگان ئىسلاھاتىنىڭ ئوبىكتى بولامدۇ يوق بۇنىڭغا قىزىقمايمەن  ،مەمۇرىي خزمەت دىگەننى قولىدا قەلەم توختايدىغان ھەرقانداق زىيالىي ئەپلەپ قىلىپ كېتىدۇ ،بىراق كەسپىي خزمەتنى مەلۇم دەرجىدە تېخنىكىلق ئىقتىدار ،بىلىم بولمىسا قىلغىلى بولمايدۇ .
ئىشقىلىپ مۇشۇ تەكشۈرش-تەتقىقات ،مائارىپ -ئوقۇتۇش  ساھالىرى بولغان كەسپىي ئورۇنلاردا ئۈزۈل -كېسىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ  ،تۆمۈر تاۋاقنى چقىپ تاشلاپ ،قوساقتا ئومىچى بارلار كۈن ئۆتكۈزدىغانلاردىن چوقۇم پەرقىلىق مۇئاش ئالدىغان ،ئەمگىگە قاراپ تەقسىم قىلش ئەمەلگە ئاشۇرۇلمسا بۇ ئورۇندىكى خزمەتچىلەردە توختىماي  ئۆگىنىپ كەسپىي بىلىم -ساپاسىنى ئۆستۈررۈدىغان ،يېڭى تېخنىكا -يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تالىشىپ ئۆگىنىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلمەيدۇ ، يېڭلىق يارتىش ،ئىجادىيەت ئىقتىدارى بولمايدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 01:02 AM  


مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 01:09:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتقا ئۇيغۇن ياخشى ئىسلاھات بوپتۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى بۇيىچە
مائاش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بۇلۇشى، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپى ھەقىقى
ھالدا ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا كەسپى ئورۇنلارنىڭ تەرەققىياتىنى
ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97058
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2013-8-18
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 05:56:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرگىز قانائەتلەنمەڭ :: ھېكىمەتلەر :: ئۇچۇر :: چوڭ بازار سودا تورى http://chongbazar.com/news/1/maqale_22.html

چوڭ بازارغا مەرھەممەت. http://chongbazar.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش