|
|
|
|
مىسرانىم تورى 2014- يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار 2014- يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتى يولغا قويۇلدى.11-ئىيۇلدىن باشلاپ ئەسەر يىغىش رەسمىي باشلاندى،تور بېكىتىمىز قۇرۇلغان 8 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە مىسرانىمنى قوللاپ ،مىسرانىم ئۈچۈن ھاردىم -تالدىم دېمەي مەزمۇن قوشۇپ كېلىۋاتقان جاپاكەش مۇنبەر ئەزالىرى ،تور يازغۇچى دوستلىرىمىزنى قوللاش ،ئۇلارغا مىسرانىم نامىدىن ئەسلىمە قالدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر يىللىق مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتى تەسىس قىلدۇق!
مۇناسىۋەتلىك تەلەپ ۋە شەرىتلەر:
بىر ئادەم پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئەسەر قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ ،كۆپ بولسا باشقا سەھىپىلىرىمىزگە يوللاڭ.
1- مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر چوقۇم مۇنبىرىمىزنىڭ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسى گە يوللىنىشى كېرەك، باشقا سەھىپىگە يوللاپ يۆتكەلگەن ئەسەرلەر بىردەك ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ.
2-قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەرلەر ئەدەبىيات تۈرىنىڭ قايسى تۈرى بولسا بولىۋىرىدۇ،كومپىيۇتىردىن ئۆزى ياسىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفون ئەپلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە..
3- قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئىملاسى توغرا،كىشىگە ئىستىتىك زوق بېرەلەيدىغان، مۇئەييەن مەناغا ئىگە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
4- ئىجادىي تىمىدىن سىرىت ،تەرجىمە ماقالە، ئىلمىي ماقالە- ئەسەرلەر،ئۆزلىرى لاھىيلىگەن لاھىيە ،ئېلان ،ئىشلىگەن ئالاھىدە فىلىملەرمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ..
5- باشقا يەردىن كۆچۈرگەنلىكى بايقالغان تېمىلار بولسا شۇ ئەزانىڭ مۇنبەردىكى بارلىق ئارخىبى ئۆچۈرۈلۈپ ،تور بېكىتىمىز ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق پائالىيەتكە قاتنىشىش سالاھىيتى بىكار قىلىنىدۇ.
6 -مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى يوللىغان ئاپتورلار شۇ ئەسەر بېشىغا مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە دېگەن ئەسكەرتىشنى چوقۇم قوشۇشى كېرەك.
7- مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر چوقۇم پائالىيەت ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن يوللىنىپ بولىشى كېرەك، 10- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچ سائەت 9 دا مەزكۇر سەھىپىنىڭ تېما يوللاش ئىقتىدارى تاقىلىدۇ.
8- ئەسەرلەر چوقۇم يېڭى بولىشى، بۇرۇن باشقا تورلاردا ياكى مىسرانىمدا ئېلان قىلىنىپ بولۇنغان بولماسلىقى كېرەك، بۇرۇن يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرلەر مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
9- مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر 2014- يىلى 10- ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ ،10- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە بارلىق مۇكاپاتلار نەقلەشتۈرۈلىدۇ..
10 - مەزمۇنى پۈچەك ھەرقانداق تېمىنى مەزكۇر پائالىيەتكە قوبۇل قىلمايمىز.ئەسەر زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە ئەسەرنى يوللاپ بولۇپ شۇ ۋاقىت ئىچىدە(10- ئاينىڭ 8 -كۈنىگىچە) داۋامىنى ئىنكاس ئارقىلىق يوللىغايسىز.
11- ئەسەر باھالىنىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق باشقۇرغۇچى مەزكۇر ئەسەرلەرگە نىسبەتەن نادىرلاش ،چوققىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلمايدۇ.
12- 15 ئەسەر يوللانغاندىن كېيىن مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە يوللانغان ئەسەرلەرگە مەخسۇس بىر كۆزنەك ئاجرىتىلىپ بېرىلىدۇ،(نادىر تېما سول تەرىپىدىكى مىسرانىم خاس تېمىلىرى رايونىدا مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ..)
13 - مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، ئىرپان ئېلىكتىرون شىركىتى، يۇرتۇم بىئو پەن - تېخنىكا شىركىتى ، مىسرانىم تور بېكىتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى..
14- مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلار ،يەنى ئەسىرى تاللانغان 10 نەپەر كىشىنىڭ مۇشۇ قېتىمدىكى ئەسەرلىرى باھالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىراقلا نادىرلىنىدۇ...
15- كىيىنكى مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئەسەر مەزمۇن ئۈستىگە ئىسىم فامىلىڭىزنى يېزىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ..
16- يوللانغان ئەسەرلەر مىللىي ئۆرۈپ - ئادىتىمىز ۋە دىنىي - ئىتقادىمىزغا قارشى بولماسلىقى كېرەك.
تورداش دوستلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،شۇنداقلا ھەجىمى چوڭ ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن 90 كۈن ۋاقىت بېرىلدى، قەلەمكەش دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!
1-دەرىجىلىك مۇكاپات 1 نەپەر
مۇكاپات بويۇمى
مۆتىۋەر شىركىتى تەمىنلىگەن كاستىيۇم بۇرۇلكا (ئىشتان چاپان)، ئانار مەدنىيەت تارقىتىش شىركىتى تەمىنلىگەن تاختا كومپىيۇتېر ،ئېرپان ئېلىكتىرون شىركىتى تەمىنلىگەن سۇتۇق بۇغراخان،قۇتادغۇبىلىك ئاۋازلىق نەشىرى
2-دەرىجىلىك مۇكاپات 2 نەپەر
مۇكاپات بويۇمى
مۆتىۋەر ماركىسىدىكى چاپان . ئسىمسىز كۇنۇپكا تاختىسى ۋە ماۋۇس ،ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ ‹‹ ئىنسانىي سۈپەت مەنزىلى ›› ناملىق كىتابى ۋە يالقۇن روزىنىڭ ‹‹ ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى ›› ناملىق كىتابى ، ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىمىز ، نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىككى كىشىگە بېرىلدىغان كىتاب تەلىپىمىز بويىچە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ،يالقۇن روزى مەخسۇس ئىمزا قويغان ،نەتىجىگە ئېرىشكۈچى ئاپتورنىڭ ئىسمى يېزىلىدىغان كىتاب.
3-دەرىجىلىك مۇكاپات 3 نەپەر
مۇكاپات بويۇمى
يۇرتۇم شىركىتىنىڭ 5 يېشىك يۇرتۇم قۇۋەت ئىچىملىكى، ئانار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى تەمىنلىگەن ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك تېلفون توك قاچىلغۇچ( ،،充电宝··)مۆتىۋەر كۆينەكلىرى.
4-دەرىجىلىك مۇكاپات 5 نەپەر
مۇكاپات بويۇمى
ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت، مىننەتدارلىق تەربىيسى ، بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر، قارا ھىجران، دانىشمەن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ناملىق پىلاستىنكىنىڭ خالىغان ئىككى تال
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ روياپقا چىقىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى،ئانار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى، ئىرپان ئېلىكتىرون شىركىتى ، يۇرتۇم بىئو پەن - تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
2014 - يىلى 07 - ئاينىڭ 10 - كۈنى
|
|
|
|
|
|