چوكانلارنى چاقچاققا چېتىۋالماڭ(سانائىل ھەرىپلەردىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى)
«چوكانلارنى چاقچاققا چاتماڭ»نى چۈشەندۈرشىم؛چاكىنا،چۈپەي،چىدىماسلارنىڭ،چىرايلىق چوكانلارنى چاقچاققا چېتىپ چاتاق چىقىرشىنى چەكلەشتۈر.
چىمبۇلاقتىكى چۆپچى چوڭاخۇن چىمبۇلاقتىكى چوكانلارنى چاقچاققا چېتىۋالىدىغان چۈپرەندە.چوڭاخۇننىڭ چىرايى چوقۇر،چاچلىرى چۈشكەن،چۇققىسىغا چاچ چىقماي چاقا چۈشكەن.چىمبۇلاقتىكى چۆپچىلەرنىڭ چولپانى. چوڭاخۇن چۆپچىلىكتە چولپاندەك چاقنىسىمۇ،چىرايلىقلارغا چىدىمايدىغان چىدىماس،چوڭچى،چۈپەيرەك. چوڭاخۇن چاتاقلا چىقىرىدۇ.چوڭاخۇننىڭ چىقارغان چاتاقلارنى چۈشەندۈرسەم:
چوڭاخۇننىڭ چۆپخانىسى چارشەنبە چۈشتە چاپ-چاپلاشتى.چىمبولاقلىقلار چۈشتە چوڭاخۇننىڭ چۆپخانىسىغا چىۋىندەك چاپلاشتى.چوڭاخۇن چوڭ-چوڭ چامداپ چۆپخانىدا چاپقىنىچە چويلىدا چۆپلەرنى چالاپشىتىپ، چويلىدىكى چۆپنى چىنىگە چۆكتۈرۈپ،چۆپخانىدىكى چۆپقەتلىرىگە چىقىرىۋاتاتتى.چۆپخانىغا چوڭاخۇننىڭ چەشتاملىق چۆپقىتى چەبدەس چۆپخانىنىڭ چەپ چۆرىسىگە چۆكتى.چەبدەسنىڭ چىرايلىقى چىمەنگۈلمۇ چەبدەسكە چاپلاشقىنىچە چوڭاخۇننىڭ چۆپلىرىگە چاكىلداشتى.چۆپخانىدا چۆپ چىقىرىپ چۆرگىلەۋاتقان چوڭاخۇن،چۆپقىتى چەبدەسكە چاي چىقىرىۋېتىپ،چەبدەسنىڭ چىرايلىقى چىمەنگۈلنىڭ چىرايلىقلىقىدىن چاناقلىرى چەكچەيدى.چوڭاخۇن چۇكۇلدىغىنىچە چۆپخانىدىكى چوكىدا چاندۇرماي چىمەنگۈلنىڭ چىمچىلىقىغا چەككەچ،چىمدىۋەتتى.چىمەنگۈل چۈچۈپ چىچاڭشىۋىدى،چوڭاخۇن چىشلىرىنى چىقىرىپ چىمەنگۈلگە چاناقلىرىنى چىمچىقلاتتى.چەبدەس چوڭاخاننىڭ چىمەنگۈلگە چىمچىقلىشىدىن چاچراپ چىقىپ،چوڭاخۇنغا چاپلاشتى.چۆپخانىدا چاتاقنىڭ چۇڭى چىقتى.چەبدەس چايداندىكى چاينى چوڭاخۇنغا چېچىۋەتتى.چوڭاخۇن چاينىڭ چېچىلىشىدىن چوشقىدەك چىقىراپ،چىچاڭشىدى.چىدىماي چۆپ چويلىسىنى چۆرگىلىتپ چەبدەسنىڭ چانىقىدىن چاك چىقىرۋەتتى.چەبدەسمۇ چىدىماي،چىنىدىكى چۆپنى چۈشۈرۋىتىپ،چىنىدە چوڭاخۇننىڭ چىشلىرىنى چۇقۇپ چۈشۈرۋەتتى.چوڭاخۇن چۈشكۈرۈكلىرنى چاچىرتىپ،چەبدەسنى چاڭشىتىپ،چۆپخانىدىن چاڭ چىقىرۋەتتى.چۆپخانىدىكى چىنىلەردىكى چۆپلەر چېچىلىپ،چىنىلەر چاراڭشىپ چېقىلدى.چوڭاخۇن،چەبدەسلەر چېنىققان چامباشچىلاردەك چاڭ-چۇڭ چىقىرىۋاتقاندا چىمبۇلاقتىكى چارلىغۇچىلار چىمەنگۈلنىڭ چاقىرىشىدا چۆپخانىنى چەمبەرچەس چۆرىدەپ چازىلىدى.چۆپخانىدىكى چېچلىشىۋاتقان چامباشچىلارنى چىكىندۇردى.چەبدەس چوڭ،چىڭ چەملىرىدە چوڭاخۇننى چىڭراق چەيلىۋەتكەچكە چوڭاخۇن چىكەتكىدەك چىتىلداۋاتاتتى.چوڭاخۇنمۇ چەبدەسنىڭ چىكىسىنى چانىۋەتكەچكە چەبدەسنىڭمۇ چىكىسى چىڭقىلىۋاتاتتى.چارلىغۇچىلار چاتاق چىقارغۇچى چۇڭاخۇننىڭ چۆپ چىقىرىشىنى چەكلەپ،چۆپخانىنى چىتلىۋەتتى.چوڭاخۇننى چاتاق چىقارغۇچىلارنى چۈشەيدىغان چۆلىدىكى چازىلارغا چىقىرۋەتتى.
چوڭاخۇننىڭ چوكانلارنى چاقچاقلاپ،چىقارغان چاتاقلىرىدىن ،چاكىنا چاقچاقلارنىڭ چوڭ چاتاقلارنى چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشنىۋالدىڭلارمۇ؟چاتاق چىقىرىپ،چىشلىرىڭىزنىڭ چېقىلىپ چۈشۈشىدىن،چىكىڭىزدىن چاك چىقىشدىن چۈچۈسىىڭىز، چىرايلىق چوكانلارنى چاقچاقلىماڭ.چاقچاق چىقارسىڭىز چوڭاخۇندەك چۆللەردە چاڭقاپ چۈشەككە چۈشىسىز....
ئاپتۇر ؛كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-12 11:43 AM