|
|
|
|
جۇڭگو بىرلەشمە لوڭقىسىدا مۆجىزە يۈز بەردى
7-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە 7-ئاينىڭ 16-كۈنلىرى جۇڭگو بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 3- ئايلانما مۇسابىقىسى ئوينالدى. بۇ مۇسابىقە داۋامىدا 200يىلدىن بىرى دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان غەلىتە بىر ئىش يۈز بەردى. يەنە جۇڭگو ب بىرلەشمىسىدىكى ئىشتىن سىرتقى پۇتبولچىلاردىن تەشكىللەنگەن 3 كوماندا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كەسپى پۇتبول كۇلۇپ كوماندىلىرىدىن 3 كوماندىنى يىڭىپ 16 كۈچلۈككە كىردى، شۇنداقلا جۇڭگو ئا بىرلەشمىدىكى 3 كوماندا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كەسپى پۇتبول كۇلۇپ كوماندىلىرىدىن 3 كوماندىنى يىڭىپ 16 كۈچلۈككە كىردى. ئاخىرىدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى پەقەت 10 كوماندىلا 16 كۈچلۈككە كىرەلىدى. مانا بۇ ئەھۋال جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ يۈزىنى يەربىلەن يەكسەن قىلىۋەتتى. چۈنكى ئادەتتىكى مۇقىم كۇلۇبى بولمىغان ئەڭ تۆۋەن بىرلەشمىدىكى پۇتبولغا قىزىقىدىغان ئىشتىن سىرتقى پۇتبولچىلاردىن تەشكىللەنگەن چۈپرەندە كوماندىلار جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنى يەر چىشلەتتى. بۇ ئەھۋال پۇل ئۈچۈن توپ تېپىدىغان توپچىلار ۋە پۇتبولنى ھەقىقىي سۆيۈپ توپ تېپىدىغان توپچىلارنىڭ پەرىقىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ جۇڭگو كەسپى كۇلۇپلىرىدىكى ئېغىر يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەردى.
مۇسابىقە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :
(دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە)武汉宏兴4-3上海东亚 ( ب بىرلەشمە)
(دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە)苏州锦富4-2辽宁宏运 ( ب بىرلەشمە)
(دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە)丽江嘉云昊5-3毅腾 ( ب بىرلەشمە)
(دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە)延边泉阳泉2-0阿尔滨 ( ئا بىرلەشمە)
(دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە)青岛中能3-2长春亚泰 ( ئا بىرلەشمە)
(دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە)青岛海牛4-1天津泰达 ( ئا بىرلەشمە)
3-ئايلانما مۇسابىقە نەتىجىلىرى
نۆۋەتتىكى 16 كۈچلۈك كوماندا ۋە مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش سىخىمىسى
ئەسكەرتىش : جۇڭگو ئا بىرلەشمىسىگە يېڭىدىن قوشۇلغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ قاپلىنى كوماندىسى ب بىرلەشمىدىكى كوماندا تەرىپىدىن ئالدىنقى ئايلانمىدا شاللىنىپ كەتكەن.
مەنبە : سوخو تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaxtexijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-17 12:34 PM
|
|
|
|
|
|