مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2620|ئىنكاس: 26

ئانا تىلنىڭ ھېكايسىى( مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 01:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنىڭ ھېكايسىى(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە )

ئاپتورى: پەرھات ئەمەت (سۆيگۈم)

ئانا تىل ۋە يولدىشى مەدەنىيەت ئىككەيلەن بىر كۈنى بالىلىرى گرامماتىكا،لېكسىكا ۋە فونىتىكا قاتارلىقلارنى  ئۆز ھوزورىغا چاقىرىپتۇ.
__ ھازىرغا قەدەر بىز سىلەرنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ كەلدۇق. سىلەرمۇ ئۆز -ئارا قېرىنداشلىقنى يەتكۈزۇپ بىر بىرىڭلار بىلەن ياخشى ئـۆتۈپ بىر بىرىڭلارنى تولۇقلاپ كېلىۋاتىسلەر.سىلەربىزنىڭ كەلگۈسىمىز،بىز ئالەمدىن ئۆ تكەندىن كېينمۇ  ئۇرۇق- ئەۋلاتلىرىمىز سىلەر ئارقىلىق مەڭگۈ ئۇزۇلۇپ قالمايدۇ.
بالىلىرى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا:
__<< دادا،ئاپا سىلەر بولغاچقا بىز دۇنياغا كەلدۇق.سىلەرنىڭ ئەجرىڭلاردا بىز ئۆسۈپ يېتىلدۇق،بىز  خۇددى جاپاكەش دېھقان ئىنسانلار تۇپراققا  چاچقان ئۇرۇققا  ئوخشايمىز،سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار بولغاچقا بىزنىڭ دۇنيارىمىز، تىلىمىز،ئۆرۇپ -ئادەتلىرىمىز ۋە مەدەنىيتىمىز يوقالماي بۈگۈنگە كەلگەن.بىز چوقۇم سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقىپ ياراملىق ئەۋلاد بولىمىز>> دەپتۇ.
دادىسى مەدەنىيەت ئەپەندى مۇنداق دەپتۇ:« بالىلىرىم، بىلىڭلاركى بىز ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.
قاراڭلار يېڭى تۇغۇلغان ھەربىر بۇۋاققا ئاتا- ئانلىرى ئانا سۈتىنى بېرىدۇ،ئاندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىدۇ،ئانا تىل يەنى سىلەرنىڭ ئاناڭلارمۇ خۇددى سىلەرگە قانداق ھەجىلەش،قانداق ئۆلچەم بىلەن يېزىش، توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگەتكەندەك ئىنسانلارمۇ ئۆز بالىلىرىغا سىلەرنى چۈشەندۇرىدۇ.شۇڭلاشقا سىلەر ئۆزەڭلارنى ئادەتتىكى  بالىلار دەپ قارسىڭلار بولمايدۇ.سىلەرنىڭ ھەربىر پەش چېكىتىڭلار ئىنسانلارنىڭ تارىخىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بالىلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر- بىرىگە قاراپ خوشاللىقا چۆمۈپتۇ .ئۆزلىرنىڭ شۇقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىدىن پەخرلىنپتۇ.ئارىدىن چوڭ ئوغلى گراماتىكا سۆز قىلىپ:
__ دادا سىزگە دېمسەك بولمايدۇ،ھازىر كىشلەرنىڭ ئانا تىلغا بولغان قاراشلىرى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ بىلىمىدۇق،يېقىندىن بۇيان چەتئەل تىللىرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ بىز تازا ئېتىبارغا ئېرشەلمىدۇق.
توغرا دەپتۇ لىكسىكا :
__ ھازىر كىشلەر گەپ سۆزلىرىنىڭ ئارسىغا بىز چۈشەنمەيدىغان بىرمۇنچە گەپلەرنى قېتىۋالىدۇ.سۆزلۈكلەرنى ئانا تىلدا ئىپادىلەشتە قېينلىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر يېڭى تېخنكا مەھسۇلاتلىرىنى چەتئەلچە ئاتالغۇ بىلەنلا ئاتايدۇ،بىزدە شۇنداق مول سۆز بايلىقلىرى تۇرسا نېمشقا قېزىپ چىقىرىپ ئۇلارغا كۆرستىپ قويمايمىز دادا؟
فونىتىكابالسى كىچىك بولسىمۇ پىكىر قىلىپ:
__ ھازىر كىشلەر ئەڭ ئاددى بىر رەسىميەتلەرگە قول قويغاندىمۇ بىزنى ئىشلەتمەيدۇ،ھازىر مىڭكوخەن دەپ بىر بالىلار چىقىپ بىزنى ئېلەشتۇرۇپ قويايلا دېدى، ئۇلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشكە ئاتا -ئانلىرى سەل قاراۋاتىدۇ.
يازغان بەزى يېزىقلارنى كۆرۇپ ئۆزىمىزنىڭ چىرايى مۇشۇنداق سەتمىدۇ دەپ قالىمەن.
كىچىك ئوغۇلنىڭ بۇ گېپىدىن ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. ئارقىدىن  مەدەنىىيەت ئەپەندى چىرايىغا جىددى تۈس بېرىپ تەمكىن ھالدا  بالىلىرنىڭ كەينى -كەينىدىن ئوتتورغا تاشلىغان ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلىرىنى ئاڭلاپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن كۆز ئەينكىنى سۈرتىۋىتىپ:
_ مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويغۇنىڭلاردىن سۆيۇندىم بالىلىرىم سىلەرگە ئاپىرىن!ئاناڭلار ئىككىمىز ياشنىپ قالدۇق،بىز ھازىرقى دەۋرنى يەنىلا سىلەردەك چۈشنىپ كېتەلمەيمىز،بۇرۇنقى زاماندا كۆرۇلمىگەن ئىشلار زاماننىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.شۇڭلاشقا دەپ ئۆزىنى قايتا بىر رۇسلاپ سۆز باشلاپتۇ مەدەنىيەت ئەپەندى:
__ ئالدى بىلەن سىلەر ئۆزەڭلار مەسلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاشقا تىرشىڭلار، ئىنسانلارنىڭ چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشى خاتا ئەمەس، سىزلەر ھەم ئۇلارغا ھەسەت قىلىشماڭلار بۇ  توغرا ئەمەس.لىكىن ئانا تىل بولسا مەۋجۇتلۇقنىڭ بەلگىسى،ئۇ خۇددى مۇشۇ تىنقىمىزغا ئوخشاش بىزدىن بىر مېنۇت ئايرىلمايدۇ. ئاناڭلار بولغاچقىلا مەن مۇشۇنداق ئۇزاققىچە تەرەققى قىلىپ تۇرۋاتىمەن. بۇلارنى ئىنسان بالىلىرىغا بىلدۈرۇش ھېس قىلدۇرۇش ۋە
ئاناڭلارنىڭ تىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىلەرنىڭ زىممىڭلاردىكى مۇشكۈل ۋەزىپە،شۇڭا سىلەر شۇ قەدەر روشەن ئەقلىڭلارنى ئىشلتىپ ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ ئۆزەڭلارغا ئىمكانىيەت يارىتىڭلار.بىز سىلەرگە ئىشنىمىز دەپ ھۆتەلگەنچە ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ.
   بالىلار ئاتا ئانسنىڭ سۆزلىرنى قۇلاقلىرىدا چىڭ تۇتۇپ  يىراق سەپەرگە ئاتلىنپتۇ.  تاغ -دەريالارنى ئاتلاپ  ،ئەڭ ئاۋات شەھەرلەر-رەستىلەردىن  تارتىپ يېزا -قىشلاقلارغىچە كېزىپ  كىشلەر ئارسىدىن ئانا تىلىنىڭ مول بايلىقلىرنى يىغشقا باشلاپتۇ.شۇ ئارىدا چوڭ ئاكىسنىڭ باشلىشى بىلەن ئۇلار  11-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق تىلشۇناس،نامى دۇنياغا تارالغان مەھمۇد قەشقىرى قەبرسى ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ.

   -بۇ زات دەپتۇ گىراماتىكا چۈشەندۇرۇپ، ئانا تىلنىڭ بالاغىتى ۋە پاساھىتىنى جاھان ئەھلىگە تونۇتقان كىشىدۇر،دادىمىزنىڭ ئېيتىپ بېرىشچە، ئۇ زاماندا خۇددى ھازىر چەتئەل تىلىنى قوللنىش مودا بولغاندەك تۈركى قەۋىملەر ئارىسىدا ئەرەپ ۋە پارىس تىللىرىدا سۆزلەش،ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش  ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىپ ئانا تىلىمىز خىرسقا ئۇچرىغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ يېتۈك ئەسىرى<تۈركى تىللار دىۋانى>ناملىق ئەسەرنى يېزىپ ئۇنى ئۆز قولى بىلەن خەلىپىگە تاپشۇرۇپ دۇنيا ئەھلىگە ئانا تىلىمىزنىڭ كۈچ -قۇدىرىتىنى  كۆرستىپ ،تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ بېرىپ ئاندىن ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.

__ ھە ،بۈگۈن بىز ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك سەپەر قىلىپتۇق ئاكا دەپتۇ فۇنىتىكا ئۆزىنى باسالماي،

ئەگەر ئۇ ھايات بولغان بولسا ئۇ كىشدىن قانداق قىلغاندا بىزمۇ ئانا تىلىمىزنى تەرەققى قىلدۇرالايمىز دەپ سوراپ بىلىۋالاتتۇق دە.  ئىككى ئاكىسى ئۇكىسنىڭ چۈچۈك سۆزلىرىگە رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپتۇ.

شۇ ئەسنادا قاياقتىندۇر تولمۇ ياڭراق بىر ئاۋاز ئاڭلىنپتۇ:

__ مەرھابا،سىلەر ئانا تىلنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ؟ بالىلار تېڭىرىقاپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئۇيان -بۇيانغا قاراشقا باشلاپتۇ.شۇنداقتىمۇ گراماتىكا ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ:

__ شۇنداق، بىز ئانا تىلنىڭ بالىلىرى بولىمىز،سىزچۇ كىم بولسىز؟

__ مەن دەل سىلەرنىڭ ئاتا -بۇۋاڭلارنىڭ يېقىن دوستى،سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ شۇ زامان تونۇپ قالدىم.
ئانا تىل دېمەك -ۋەتەن دېمەك، ئانا تىل دېمەك- بايلىق دېمەكتۇر.مەن تۈرۈك دۇنياسىنى كىزىپ،ئەڭ يىراق يېزا قىشلاقلارغىچە بېرىپ ھەر بىر قەۋىمنىڭ تىلىنى پىششىق ئىگەللەپ ئاندىن دىۋانى تۈركنى يازدىم ،جاھان ئەھلى بىلىسۇنكى ئانا تىلىنى بىلمەسلىك قوغدىماسلىق ئۆز ئۆزىگە قىلىنغان ئاسيلىقتۇر

گراماتىكا قولىغا قەلەم ئېلىپ بۇ سۆزلەرنى دانىمۇ -دانە قىلىپ خاتىرىگە ئېلىۋاپتۇ.

__ بىزگە يول كۆرستىپ بەرگەن بولسىڭىز قانداق قىلساق ئانا تىلىمىز تەرەققى قىلدۇرلايمىز؟

__ تىرشىڭلار، مەن سىلەرگە ئىشىنمەن، يول ئالدىڭلاردا بۇ زامان سىلەرگە مەنسۇپ

ئۇ ئاۋاز شۇنداق دېگەنچە يوقاپ كېتىپتۇ. ئۇلار رەھمەت ئېيتىپ يول ئاپتۇ. كىچىك فونىتىكا يول بويى ھېلقى ئاۋازنى <بۇ زامان سىلەرگە مەنسۇپ> دېگەن سۆزنى تەكرارلاپ مېىڭپتۇ.

-شۇنداق، بۇ زامان بىزگە مەنسۇپ،بىز ئۆزىمىز يول تېپشىمىز كېرەك. دەپتۇ گراماتىكا ئويلىنىپ
- بىزمۇ چوقۇم كەلگۈسدە ئانىمىزنىڭ تىلىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى.ئۈچەيلەن يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ئۆزلىرىگە چەكسىز ئىشەنگەن ھالدا جاپالىق سەپەرنى داۋام ئېتىپتۇھەمدە دۇنيادىكى داڭلىق تىلىشۇناسلارنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇلارغا ئاتا ئانلىرنىڭ سالامنى يەتكۈزۇپتۇ ۋە سەپەر جەريانلىرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.. تىلشۇناسلار ئۇلارنى قىزغىن قارىشى ئېلىپ، ئەڭ يېڭى تەتقىقاد مىۋلىرى بىلەن  ئۇلارنى مېھمان قىلپتۇ.

بالىلار جىق بىلىملەرنى بىلىۋاپتۇ. كۈنلەر  شۇ  تەرىقىدە ئۆتۈپ <دۇنيا ئانا تىل بايرىمى>  ھارپسى يېتىپ كەپتۇ.ئۈچەيلەن باش قوشۇپ ئەتىكى كۈننى قانداق كۈتىۋىلىش ھەققىدە باش قاتۇرۇپتۇ ۋە   ئاتا ئانسىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئۆزلىرى ئوبدان پىلان تۈزۈپ
مەسلىھەتلىشىپ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ئاۋات رەستنىڭ ئەڭ چوڭ بىر بوش ئورۇنغا ئېلان چىقىرىپ قويۇشنى شۇ ئارقىلىق كىشلەرنىڭ ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ،ئېتىبارنى قوزغاش چارسىنى تېپشپتۇ. ئۇلار بىر بىرىنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇزۇن جۈملە بولۇش ئۈچۈن تىرشىپ ئىشلەپ كىچە ئاسمىندا غايىپ بولۇپتۇ.
ئەتسى سەھەر،كىشلەر چوڭ يولنىڭ بىر تەرىپىدە :
دوستۇم،سىز تۇغۇلغاندا ئېغىز ئاچقان،سزگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولغان،
مەۋجۇتلۇقنىڭ بەلگسى،مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى بولغان ئانا تىلىڭىزنى سۆيۈڭ!مەڭگۈ قەدىرلەڭ!
دېگەن  خەتلەر يېزىلغان چوڭ بىر لوزىڭكىنى كۆرۇپتۇ.

2014-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى يېزلدى.


22.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-21 12:50 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 06:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنىڭ پاساھەتلىكىنى ياىشى يۇرۇتۇپ بېرىپسىز ،،،
تىل يوقالسا  مىللەت يوقىلىدۇ ،،،،

ئەسىرىڭىزگە مۇۋەپپىقيەت تىلەيمەن...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7577
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7695 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 06:52:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىڭىزنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى شۇنداق ياخشى بوپتۇ .قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپرىن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 08:53:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن شۇ قوللىرىڭزغا دەت كەلمىسۇن! شۇنداق ياخشى يېزىپسىز، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، مۇكاپاتقا ئىرىشىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 09:27:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى ئازراق ئوقۇپلا ئىنكاس يېزىۋاتىمەن...ياخشى  تىمىكەن...داۋامىنى  ئەمدى  ئوقۇي...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108502
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2014-7-16
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 09:43:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمغا كىرىپلا ياخشى تېمىدىن بىرنى ئۇچراتتىم، قەلەم ئىگىسىگە رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103864
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2014-2-21
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 12:43:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  چىقىپتۇ   قولىڭىزغا   دەت  كەلمىسۇن   
مۇكاپاتقا   ئېرىشىشىڭىزغا  تىلەك  داشمەن     

ئىزىڭدىن  تىكەن  ئۈنسە  ئەۋلاتلىرىڭنىڭ   پۇتىغا   سانجىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3723
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 01:05:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104740
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 939
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 05:38:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يارايدۇ.  
تېمىنى ياخشى تاللاپسىز.  

ئانا تىل ئانا تىل.  ھەييييييي ئانا تىل.  

مۇكاپاتقا ئېرشىشڭىزگە تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 11:17:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلارنىڭ ياقتۇرغانلىقى ۋە  پىكىر بەرگەنلكىگە كۆپ رەھمەت،
ئاناتىل ھەققىدە مۇشۇنچلىك يازالىدىم.ئورگىنالغا ئاساسەن ئاخىرقى بۆلەكلەردىن ‹‹ئۇلار ھۆتەلگەنچە ئۆيلىرىگە قايتشپتۇ. ››دېگەننىڭ  ئاخىر تەرىپىنى تولۇقلاپ ئۆزگەرتىش زۆرۇر بولۇپ قالدى.
ئاخىرى ئاددى ئاياقلشىپ قالسا بولمغۇدەك شۇڭا تەھرىرلەشكە مۇھتاج بولدۇم.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ماس ئورۇنغا تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئالماشتۇرۇپ بېرشنى سورايمەن.


بالىلار ئاتا ئانسنىڭ سۆزلىرنى قۇلاڭلىرىدا چىڭ تۇتۇپ  يىراق سەپەرگە ئاتلىنپتۇ.  تاغ -دەريالارنى ئاتلاپ  ،ئەڭ ئاۋات شەھەرلەر-رەستىلەردىن  تارتىپ يېزا -قىشلاقلارغىچە كېزىپ  كىشلەر ئارسىدىن ئانا تىلىنىڭ مول بايلىقلىرنى يىغشقا باشلاپتۇ.شۇ ئارىدا چوڭ ئاكىسنىڭ باشلىشى بىلەن ئۇلار  11-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق تىلشۇناس،نامى دۇنياغا تارالغان مەھمۇد قەشقىرى قەبرسى ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ.


__بۇ زات دەپتۇ گىراماتىكا چۈشەندۇرۇپ، ئانا تىلنىڭ بالاغىتى ۋە پاساھىتىنى جاھان ئەھلىگە تونۇتقان كىشىدۇر،دادىمىزنىڭ ئېيتىپ بېرىشچە، ئۇ زاماندا خۇددى ھازىر چەتئەل تىلىنى قوللنىش مودا بولغاندەك تۈركى قەۋىملەر ئارسىدا ئەرەپ ۋە پارىس تىللىرىدا سۆزلەش،ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش  ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىپ ئانا تىلىمىز خىرسقا ئۇچرىغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ يېتۈك ئەسىرى<تۈركى تىللار دىۋانى>ناملىق ئەسەرنى يېزىپ ئۇنى ئۆز قولى بىلەن خەلىپىگە تاپشۇرۇپ دۇنيا ئەھلىگە ئانا تىلىمىزنىڭ كۈچ -قۇدىرىتىنى  كۆرستىپ ،تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ بېرىپ ئاندىن ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.

__ ھە ،بۈگۈن بىز ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك سەپەر قىلىپتۇق ئاكا دەپتۇ فۇنىتىكا ئۆزىنى باسالماي،

ئەگەر ئۇ ھايات بولغان بولسا ئۇ كىشدىن قانداق قىلغاندا بىزمۇ ئانا تىلىمىزنى تەرەققى قىلدۇرالايمىز دەپ سوراپ بىلىۋالاتتۇق دە.  ئىككى ئاكىسى ئۇكىسنىڭ چۈچۈك سۆزلىرىگە رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپتۇ.

شۇ ئەسنادا قاياقتىندۇر تولمۇ ياڭراق بىر ئاۋاز ئاڭلىنپتۇ:

__ مەرھابا،سىلەر ئانا تىلنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ؟ بالىلار تېڭىرىقاپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئۇيان -بۇيانغا قاراشقا باشلاپتۇ.شۇنداقتىمۇ گراماتىكا ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ:

__ شۇنداق، بىز ئانا تىلنىڭ بالىلىرى بولىمىز،سىزچۇ كىم بولسىز؟

__ مەن دەل سىلەرنىڭ ئاتا -بۇۋاڭلارنىڭ يېقىن دوستى،سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ شۇ زامان تونۇپ قالدىم.
ئانا تىل دېمەك -ۋەتەن دېمەك، ئانا تىل دېمەك- بايلىق دېمەكتۇر.مەن تۈرۈك دۇنياسىنى كىزىپ،ئەڭ يىراق يېزا قىشلاقلارغىچە بېرىپ ھەر بىر قەۋىمنىڭ تىلىنى پىششىق ئىگەللەپ ئاندىن دىۋانى تۈركنى يازدىم ،جاھان ئەھلى بىلىسۇنكى ئانا تىلىنى بىلمەسلىك قوغدىماسلىق ئۆز ئۆزىگە قىلىنغان ئاسيلىقتۇر

گراماتىكا قولىغا قەلەم ئېلىپ بۇ سۆزلەرنى دانىمۇ -دانە قىلىپ خاتىرىگە ئېلىۋاپتۇ.

__ بىزگە يول كۆرستىپ بەرگەن بولسىڭىز قانداق قىلساق ئانا تىلىمىز تەرەققى قىلدۇرلايمىز؟

__ تىرشىڭلار، مەن سىلەرگە ئىشىنمەن، يول ئالدىڭلاردا بۇ زامان سىلەرگە مەنسۇپ

ئۇ ئاۋاز شۇنداق دېگەنچە يوقاپ كېتىپتۇ. ئۇلار رەھمەت ئېيتىپ يول ئاپتۇ. كىچىك فونىتىكا يول بويى ھېلقى ئاۋازنى <بۇ زامان سىلەرگە مەنسۇپ> دېگەن سۆزنى تەكرارلاپ مېىڭپتۇ.

-شۇنداق، بۇ زامان بىزگە مەنسۇپ،بىز ئۆزىمىز يول تېپشىمىز كېرەك. دەپتۇ گراماتىكا ئويلىنىپ
- بىزمۇ چوقۇم كەلگۈسدە ئانىمىزنىڭ تىلىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى.ئۈچەيلەن يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ئۆزلىرىگە چەكسىز ئىشەنگەن ھالدا جاپالىق سەپەرنى داۋام ئېتىپتۇھەمدە دۇنيادىكى داڭلىق تىلىشۇناسلارنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇلارغا ئاتا ئانلىرنىڭ سالامنى يەتكۈزۇپتۇ ۋە سەپەر جەريانلىرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.. تىلشۇناسلار ئۇلارنى قىزغىن قارىشى ئېلىپ، ئەڭ يېڭى تەتقىقاد مىۋلىرى بىلەن  ئۇلارنى مېھمان قىلپتۇ.

بالىلار جىق بىلىملەرنى بىلىۋاپتۇ. كۈنلەر  شۇ  تەرىقىدە ئۆتۈپ <دۇنيا ئانا تىل بايرىمى>  ھارپسى يېتىپ كەپتۇ.ئۈچەيلەن باش قوشۇپ ئەتىكى كۈننى قانداق كۈتىۋىلىش ھەققىدە باش قاتۇرۇپتۇ ۋە   ئاتا ئانسىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئۆزلىرى ئوبدان پىلان تۈزۈپ
مەسلىھەتلىشىپ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ئاۋات رەستنىڭ ئەڭ چوڭ بىر بوش ئورۇنغا ئېلان چىقىرىپ قويۇشنى شۇ ئارقىلىق كىشلەرنىڭ ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ،ئېتىبارنى قوزغاش چارسىنى تېپشپتۇ. ئۇلار بىر بىرىنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇزۇن جۈملە بولۇش ئۈچۈن تىرشىپ ئىشلەپ كىچە ئاسمىندا غايىپ بولۇپتۇ.
ئەتسى سەھەر،كىشلەر چوڭ يولنىڭ بىر تەرىپىدە :
دوستۇم،سىز تۇغۇلغاندا ئېغىز ئاچقان،سزگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولغان،
مەۋجۇتلۇقنىڭ بەلگسى،مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى بولغان ئانا تىلىڭىزنى سۆيۈڭ!مەڭگۈ قەدىرلەڭ!
دېگەن  خەتلەر يېزىلغان چوڭ بىر لوزىڭكىنى كۆرۇپتۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-21 11:34 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش