تۇرسۇنگۇلنىڭ تەقدىرى
ت تاۋۇشدا تۈزۈلگەن
1.تۇرسۇنگۇلنىڭ تاللىشى
تۇرسۇنگۇل تەكتىدىن توخسۇنلۇق تۇنىياز تېزەكنىڭ تۆتىنجى تەۋەللۇتى .تۇرسۇنگۇل تۇنىياز تېزەكنىڭ تەسىردە توختىماي تېزەك تېرىپ تەرسالاشقان تۇرسا تۇيۇقسىزلا تويلىشالامۇ؟ تۆۋەندە تۇرسۇنگۇلنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا توختىلىمەن...
توختى تېۋىپ،تالىپ توكۇرلار تويلىشىشقا تەييار تۇرغان تۇرسىمۇ ، تۇرسۇنگۇلنى؛تېزەك تەرسە توختىمايدۇ ،تېگى تەكتىنى تولۇق تەكشۈرۈپ تۇرسۇنگۇلدا تويماسلىق،تەييار تاپلىق ،تەتۈرلۈكنىڭ تەسىرى تۈگىسە تويلىشىدىغانغا توختالدى .
تۇرسۇنگۇل تاللاشتا تالىپ توكۇرنى؛ توكۇركەن، تولا تۈكۈرىدىكەن ، تىيىن تاپالمايدىكەن ،تويلاشسام تۈگىمەس تاپا-تەنىدە تۈگىشىمەن ،،،،،،،،توختى تېۋىپ؛ تەجىربىلىك ،توختالغان،تەخىرچان،تويلاشساممۇ تەڭگىگە تويغۇزىدۇ.تەپمەيدۇ، تىللىمايدۇ ،تۇرمۇش توغرىسىدا توختىلىدۇ . تېخى توختى تېۋىپقا تۇققانلار تونۇشتۇرماستىن ،تونۇشى تاجىگۇلنىڭ تويىدا تونۇشقان.تويدا توختى تېۋىپ تۇرسۇنگۇلغا توختىماي تىكىلىپ تۇرۇۋالغاچقا تۇرسۇنگۇل تەمتىرگەن.توي تۈگىگەندە توختى تېۋىپ تۇرسۇنگۇلنى تارتىپ تۇرۇپ تويلاشسا تەسكە توختىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندە تۇرسۇنگۇل تېڭىرقىغان .توختى تېۋىپ توختىماي توي تەكلىپىنى تەڭلىگەن .توختى تېۋىپنىڭ تاتلىق تىللىرى تۇرسۇنگۇلنى تەسىرلەندۈرگەن ...
تالىپ توكۇرنى تۇققانلىرى تونۇشتۇرۇپ ؛ تەپمەيدۇ ،تاماق تاللىمايدۇ ،تويلاشساڭ تەلىيىڭ،تەگمىسەڭ تەتۈرلىكىڭ . تولا تاللىما ،تولا تاللىساڭ تەلىيىڭ تېزىيدۇ ، تاققىدە تويلاشقىن. تويۇڭنى تېراكتۇرنى تاقىلدىتىپ تالىپ توكۇرنىڭكىگە توشۇيمىز .تويۇڭ تۈگىسە تۇققانلارمۇ تەسكىن تاپىدۇ.
تۇرسۇنگۇل تۇققانلىرىنىڭ تىللىرىدىن تويۇپ ، توختاپ تۇرۇش ،تازا تاللاش ،توختى تېۋىپقا تەگمىسە توختىماسلىق ،تالىپ توكۇرغا تەگمەسلىك توغرىسىدا تالاي تۈنلىرىدە تەپسىلى توختالدى.
تۇرسۇنگۇل توختى تېۋىپقا تەگسە ؛تۇرمۇشىنىڭ تولىمۇ توقچىلىق ،تۇققانلىرىنىڭ تاپا- تەنىسى تۈگىمىسىمۇ، تەلەيلىك ،تونۇشلىرىنىڭ تەشەككۈرىگە تويۇپ تۇردىغانلىقىنى توغرا تاپتى .
تاللاشتا ؛تۇرسۇنگۇل تۇنىياز ،توختى تېۋىپنىڭ تويلىشىشى -تۇققانلار، تونۇشلار تەرىپىدىن توغرا تېپىلدى .
تونۇشقانتىڭ تەڭتۈش تويىدا ،
توختىۋالماي تونۇشقىن تىزراق.
تۇققانلىرىڭ تاپسۇن تەسەللى،
تاللىۋالغىن تۈزۈكنى تىزراق .
تۇرسۇنگۇلنىڭ تويىغا تەلپۈنسىڭىز تەنقىد تەكلىپ تاشلىغاچ تۆۋەندىكى تىمىلارغا تىكىلىڭ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TAXNAI2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-24 12:58 PM