|
|
|
|
ياز پەسلى كېلىپ قالدى، قىشلىق چاپاننى تاشلىدۇق. مۇنبەردىكى بارچە دوستلار ، قوشاق ئېيتىشنى باشلىدۇق.
بۇلبۇل شادىمان سايرىدى، گۈلگە تولغان بېغىمدا. مۇنبەردىكىلەرنى كۈيلەيمەن، ياڭرىغان شاد ناخشامدا.
بېغىمدىكى ئالمىلارنىڭ ، ئوخشاپ كەتتى دانىسى. چاخچاق بلىەن كۈلمەمدۇ، مۇنبەردىكى ھەممىسى.
مېنى سورىساڭلار ئەگەر، ئاقسۇ دېگەن يەردە. ئەگەر مۇنبەر بولمىسا ، قوشاق يوللايمىز نەگە.
مېھمان بولۇپ كېلىڭلار، ئاقسۇ دېگەن ياخشى جاي. خەۋەر قىلىڭلار كەلسەڭلار،، تۇتاي پىيالىدە سىنچاي.
ھەر تەرەپكە ياڭرىسۇن، دوستلۇق كۈيى مۇنبەردە، جىدەل–غەۋغا كەتسۇن يىراق، كىر قالمىسۇن كۆڭۈلدە.
مەنبە : ئۆزۈمنىڭ قېرى كاللىسى
ئەسكەرتىش:‹‹مۇنبەرنى جانلاندۇرۇپ،خۇش –چاخچاقلار بىلەن كۆڭلىمىزنى كۆتىرەيلى ››دېگەن مەقسەتتە يوللۇدۇم بۇ تېمىنى،تىل –ھاقارەتلەر بىلەن قوشاق يوللىغانغا تويغۇزىۋەتمەڭلار....ئىنكاس يازغاندا ئىلمىي بولغان چاخچاق ئارىلاش قوشاقلارنى يوللىساڭلار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-24 02:10 PM
|
|
|
|
|
|