abbasjan يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 04:29 PM
چاقچاق بولا مۇشتا بولا،
ئامما ئاشۇندا بولا.
ئاقسۇلۇقنى ...
ئابباس قارىم ئاڭلىسام،
بىز قىزچاققا كۈيۈپتۇ.
كاۋا يېيىش باھانىسىدە،
ئاقسۇلۇققا كۈيۈپتۇ.
ئاران تۇرغان ئىكەن ئەسلى،
بىرىش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھرىگە،
مۇسلىمەنىڭ ئۇشبۇ تەكلىپى،
پۇرسەت ئېلىپ كەپتۇ تەھدىگە.
بوپتۇ ئاداش مەن بىللە باراي،
مۇسلىمە بىزنى قارشى ئالارمۇ،
كاۋىللىرى تۇنۇردا پىشىپ،
ئالدىمىزغا دوسقان سالارمۇ؟
مەيلى ئاداش بىللە بارايلى،
كۈرىۋالغىن شۇ جانانىڭنى.
مەن كاۋىغا بىر تۇيىۋالاي،
چالايلى بىز شوخ سازىمىزنى