مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: KETMEN

پوۋىست : ئويغانغان روھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4228
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1667 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 01:09:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي، ئالدىنقى قېتىمقى ھېكايىڭىزنىمۇ شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ ئۇقىغىنىم ئېسىمدە، ئاللاھ خالىسا مۇنۇ ھېكايىڭىزنىمۇ شۇنداق ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108846
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 12:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرىغا ئىنتىزارمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 12:13:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز . قېرىندىشىم تېزراق يوللارسىز -ھە !

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 05:54:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ياخشى تەرەپنى دەي ھە! ئۆزىڭىز پىكىر بېرىڭلار دەپسىز...

بىرىنجىدىن: ئىملا توغرا، ئوقۇغان ئادەمگە راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ.
ئىككىنجىدىن: مەزمۇن راۋان، ئوقۇغان كاللا ئىلەشمەيدۇ.
ئۈچۈنجىدىن: تۈز بايان ئۆلچەملىك ماڭدۇرۇلغان.
قۇرۇلما جەھەتتىن داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ كېتىدۇ...

ساقلانغان مەسىلە:
بىرىنجىدىن: قويۇلغان ئىسىملار بەك ھەيۋەت، ئەمەلىيەتكە ماس كەلمىگەن.
ئىككىنجىدىن: دەبدەبىلىك سۆزلەر، يەنى ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ياخشى ئوقۇش دىگەندەك سۆزلەر بەك تولا، ئادەمنى زېرىكتۈرگۈدەك دەرىجىدە ئۇزىراپ كەتكەن.....
ئۈچۈنجىدىن: ياخشى ئادەم بەك ياخشى يەنى، بەك گۈزەل، بەك ئەخلاقلىق، بەك ئىشچان،....پەقەتلا كەمچىلىك يوق، سەلبى شەخىس بەكلا سەلبى، ھېچقانداق ياخشى تەرىپى يوق..پەرىق بەك زور بولۇپ قالغان....
تۆتىنجىدىن: سەلبى شەخىسلەرنىڭ تېتىقسىز ، لاۋزا پارىڭى بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن، ھەتتا بىزار بولغىنىمىدىن ئاخىرىنى تولۇق ئوقۇغۇم كەلمىدى....

تەكلىپ:
بىرىنجىدىن: كىشى ئىسىملىرى شۇ دەۋىر كىشلىرىگە ماس ھالدا قويۇلىشى لازىم.
ئىككىنجى: بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ھېس قىلىۋالالايدىغان مەزمۇنلارنى زورلاپ كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، چوقۇم بايان قىلىشقا تېگىشلىك، ئىككىنجى ۋەقەلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تەپسىلى يېزىلىشى كېرەك، بىراق، بەزى قىستۇرما ، بايان ۋە دىئالوگلارنى زورمۇ زور قىستۇرۇش، ئەسەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ...
ئۈچۈنجىدىن، ئوقۇرمەن ئەسەرنىڭ بېشىنى ئوقۇپلا نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالسا، بۇ ئاپتۇرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولىدۇ، شۇڭا ئەسەر چوقۇم ئوقۇرمەننى داۋامى قانداق بولار دىگەن قىزىقىش ئىچىگە يېتەكلەپ مېڭىشى كېرەك...

ئەسەرگە ئومۇمى جەھەتتىن ياخشى دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ، يۇقارقىلار مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم، ئەگەر كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىشنى خالىسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ پەزىلەتلىك ھەۋەسكار ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۈرىدۇ...

ئەمەلىيەتتە مەن بىر قىزغىن ئوقۇرمەن، بىلەرمەنلىك قىلىپ تەكلىپ بەرگىنىمدىن رەنجىمەسلىكىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 01:56:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjula يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 05:54 PM
ئاۋال ياخشى تەرەپنى دەي ھە! ئۆزىڭىز پىكىر بېرىڭلار دەپ ...

  پىكرىڭىزگە رەھمەت.  بۇ ئەسەر تىخى تولۇق يىزىلىپ يوللانمىدى.  ھەممە پىكرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن ئەمما ئەسەر تولۇق يوللانغاندا ئاندىن قايتا پىكىر بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەر توقۇلما بولغانلىقى ھەم مەن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن چىنلىقى تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما چىنلىقنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىمە.
  تەكلىپىڭىزگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KETMEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-8 01:59 AM  


ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 08:07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  ئوقۇپ بۇلۇپ بىرنىمە دىسەك بولغۇدەك.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 12:47:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        3-خاتا بىسىلغان قەدەم
   بۈگۈن شەنبە .ھاۋا تولىمۇ ياخشى ، گەرچە قىش كۈنلىرى كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما قوياش ھارارەتلىك نۇرىنى سىخىيلىق بىلەن ھەريانغا چىچىپ ، ئالەمنى باھاردەكلا ئىللىتىۋەتكەن ئىدى .   
  بۈگۈن شەنبە كۈنى بولغاچقا ئايقەمەر ياتاقتا دەرس تەكرارلاپ ئولتۇراتتى ، شازادەم بولسا چاچلىرىنى تاراپ ، گىرىم قىلىپ خۇددى بىر سورۇنغا بارىدىغاندەك ياسىنىۋاتاتتى . شازادەم يانفۇننى قولىغا ئىلىپ دوستلىرىغا تىلفۇن قىلىشقا باشلىدى .چۈنكى بۈگۈن ئۇنىڭ توغۇلغان كۈنى ئىدى .
  -ۋەي ، قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش ، بۈگۈن نىمە كۈنلىكى ئىسىڭدە باردۇ ، ھە ، شۇ ئاداش ،تازا ياشايمىز بۈگۈن ، يىلدا بىر كىلىدىغان توغۇلغان كۈنۈمدە ئۇنچىلىك ياشىمىساق بولماس . ھە ، ئاداش كەچتە ، قويۇندا ئولتۇرىمىز ، ھە ، باشقا دوسلارغا سەن ئۇنتۇپ قالماي دەپ قوي جۇمۇ ئاداش ، ۋاقتىدا كەلسۇن ، بۈگۈن تاڭ ئاتقۇچە ياشايمىز .
  -ۋەي ، ياخشىمۇ جىنىم ، بەك يوقاپ كەتتىڭىزغۇ ، بۈگۈنكىدەك كۈندە بىرە تىلفۇنغىمۇ يارىمىدىڭىزھە ، خەپ  ، كەچتە جازاسىنى تارتىسىز ئەمىسە ، بولىدۇ ، قويۇندا كۆرىشەيلى .
  -ۋەي ،ياسىن خوندا ، نىمە قىلىۋاتىسەن ، بۈگۈن قانداق كۈن ؟ يادىڭىدا بارمۇ يا ؟ ھە ،شۇ ئەمىسە كەچتە پەرمان ئىلىپ كەل جۇمۇ . ھە ، سىلە ئالغىلى كىلەمسىلە ، نىمانداق ياخشى ، بولىدۇ . ئەمىسە شۇنداق بولسۇن ، مەكتەپنىڭ ئالدىدىما ، ھە ماقۇل .
  شازادەم بارلىق دوسلىرىغا تىلفۇن قىلىپ بولۇپ ، ئايقەمەرگە قارىدى .
  -ھوي كىتاپ خالىتىسى خىنىم ، كىتاپقا چۈكۈپ كىتىپسىزغۇ ؟ بۈگۈن مىنىڭ توغۇلغان كۈنۈم ، دوسلىرىم بىلەن يىغىلىش قىلغان ، قانداق بىللە بىرىپ ئولتۇرۇشۇپ بىرەمسىز يا ؟
  -رەھمەت شازادەم ، مەن دەرسىمنى تەكرارلىۋالاي ، بۇ قىتىممۇ خەنزۇچە ئىمتىھاندا نەتىجەم ئانچە ياخشى چىقمىدى ؟ دىدى ئايقەمەر تەكەللۇپ بىلەن .
  -ياخشى چىقمىدى ؟ 92 نومۇرمۇ يەتمىدىما خىنىم ،سىلىگە بولسا بىرە مىليۇن نومۇر قويۇپ بەرسە بولامتى ، ھىلىمۇ سىنىپ بويىچە بىرىنجى بولدىلىغۇ ، ئازراق بىر شۈكرىچانلىقنى ئۆگىنىپ قويسىلا ، نومۇرنىڭ ھەممىنى سىلى ئىلىۋىلىپ بىزگە ئاشمايۋاتىدۇ ھازىر –شازادەم تەنە ئارلاش چالۋاقاپ كەتتى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆگىنىش بىلەن پەقەتلا خوشى يوق ئىدى ، ئىمتىھاندىمۇ كۆچۈرۈپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە لاياقەتلىك بولاتتى .
  -ياق ، ئۇنداق ئەمەس ، مىنى دادام ئەسلى ئوقۇتمايتى ، ئاكام بىلەن تاغام بەك تەستە قايىل قىلىپ ئاران دىگەندە مۇشۇ مەكتەپكە كىلەلىدىم ، شۇڭا ئۇلار رازى بولغۇدەك نەتىجە ئىلىشىم كىرەك .
  -ۋاي ، بولدى ئاكتىپ ،بىلەرمەن ، گەپ قىلمىدىم ، بىر ئىغىز گەپ قىلغىلى بولمايدۇ بۇ بىر نىمىگە ؟ - شازادەم غۇدۇراپ يۈرۈپ چىقىپ كەتتى . ئايقەمەر توۋا دىگىنىچە ئۆگىنىشىنى داۋام قىلىۋەردى .
  شازادەم بازارغا بىرىپ ، ئۆيدىكىلەردىن ئاغرىپ قالدىم دەپ ئالداپ ئالغان پۇلىغا پوزۇر كىيىملەردىن ئىلىپ قايتىپ كەلدى ، ياتاقتا ئايقەمەر ئۆيىدىن ئەكەلگەن ناننى يىگەچ كۆز كىتاپتىن ئۈزۈلمەي ئۆگىنىشىنى داۋام قىلماقتا ئىدى، ئۇ كىتاپقا شۇنچىلىك بىرىلىپ كەتكەنكى ھەتتا شازادەمنىڭ كىرگىنىنى تۇيمايلا قالدى .
   -ۋوي خىنىم ، تىژلىقتۇ ؟
  -ئانا....ئۇف ، ئەجەپ قورقۇتىۋەتتىڭىز .
  -ۋاھ ، سىزدە ئاتنىڭ كاللىسىدەك يۈرەك باركەن ھە ، ئەجەپ قۇرقۇپ كىتىپىسىز . ما ياتاقتىن بىرە نەرسىنى ئوغۇرلاپ چىكەتسىمۇ تۇيمايدىكەنسىز ھە .
  -ياق ، كىتاپقا قاراپ ئولتۇرۇپ كىرگىنىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن .
  -ئىشقىلىپ ئۇششاراق تۇراسىز . بولىدۇ ئەمىسە مەن كەتتىم . كەچتە يوقلىما قىلىپ قالسا ئۆيىگە كەتتى دەپ قۇيۇڭ ھە .
  -ھە ، ماقۇل .
  شازادەم كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى . ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسىغا چىقىپ ھايال ئۆتمەيلا ياسىن خوندا بىلەن پەرمان يىتىپ كەلدى . پەرمان بىلەن ياسىن ماشىنىدىن چۈشۈپ شازادەم بىلەن ئەھۋاللاشتى .
  -ۋوي ، بۇ خان بۈگۈن پىچەت بولاپ كىتىپتىغۇ ، يا قايسى ساھىبجامالكى دەپتىمەن .-دىدى پەرمان شازادەمگە قاراپ .
  -شۇنى دىگىنە ئاداش ، بۇ خاننىڭ بۇ تۇرقىدا بىزنىڭ سانتاناغا ماس كەلمەيدۇ ، تويوتادىن بىرنى ئەكەلمىسەك بولمىغۇدەك . ۋىيەي مىڭ شىڭ(چولپان) بولۇپ كىتىپتۇ بۇ خان ، ھىلىقى كىمتى فەن بىڭ بىڭ دىگىنە .
  -ۋوي ، بولدى قىلىشە ئادەمنى تولا زاڭلىق قىلماي –دىدى شازادەم تىرىكىپ .
  -تىرىكمىسىلە خان ، بۈگەن دىگەن سىلىنىڭ مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنلىرى ، بۇ كۈن پەقەت يىلدا ئاران بىر قىتىم كىلىدۇ ، خوشال بولغۇلۇق خان . ماندا كۆڭەل خوشى چاقچاق خېنىم .-ياسىن خوندا قۇيۇق قەشقەر شەھەر ئىچى تەلەپپۇزىدا قىلغان گىپى پەرمان بىلەن شازادەمنى ئىختىيارسىزلا كۈلدۈرىۋەتتى .
  -ماڭامدۇق ؟ - دىدى شازادەم.
  -نەگە ئالدىرايلا خىنىم ، توغۇلغان كۈنى سورۇنىغا جۈپ بارامدۇق يا تاقمۇ ؟دىدى ياسىن خوندا.
  -ئەلۋەتتە جۈپ ، دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى مابىتى بىلەن بىللە كىلىدۇ .
  -ھەببەللى ، ئىككىمىز جۈپ ، ما پەرمانجان يىتىم قوزىدەك بويان قىسىپ تۇرامدا ؟
  -پەرماننىڭ مابىتى يوقما ؟
  -خېنىم پەرمانجان تىخى يىگىت جۇما ، باللىنىڭ ئوقۇرى ئىگىز ، ئۇچرىغانلا ئادەم بىلەن ئارىلاشمايدۇ .
  -ۋاي ، ماڭە ، ئادەمنى تولا رەللە قىلماي –دىدى پەرمان تىرىككەن ئاھاڭدا .
  -چاقچاق ئاداش ، مانىڭغىمۇ ئەمدى شازادەمنىڭ كىسىلى يۇقتىمۇ ؟ ھە راس شازادەم –دىدى ياسىن خوندا شازادەمگە قاراپ –ھىلىقى ئالىيە دىگەن دوستۇڭ بارمۇ يا ؟ بىللە بىرىشىپ بەرسۇن.
-ۋاي ئۇنىڭ گىپىنى قىلما ، ئۇ قىزچاق ھازىر ئۈرۈمچىدە تولۇق كۇرۇستا ئوقۇۋاتىدۇ ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يولى باركەن ، ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئەكەتتى .
  -ھە ، ئەمىسە باشقا قىزلار باردۇ ؟ ئەمدى پەرمانجاننى تاق قالمىسۇن .
- شۇ بىر سەرالىق تومپاي بار ، لىكىن ئۇ پەرماننىڭ خىلى ئەمەستۇ ، مەتۇلىقى ئۇ بىر نىمىنىڭ ؟
  -بىزگە شۇ قىز بولسىلا بولدى ، ئۇنىڭ پىشانىسىگە سەرالىق دەپ يىزىلمىغاندىن كىيىن. چاقىرە ، بىللە بىرىپ كىلەيلى .
  -ئۇنىمايدۇ ئۇ ، بايا بىرىپ قاتنىشىپ بەر دىسەم ، مەن دەرسىمنى تەكرارلايمەن دەيدۇ ئۇ كىتاپ خالتىسى .
  -يەنە بىر دەپ باقە ، ئەجەپ بىر بىزگە كەلگەندە تاس قالىسەن ئۆستەڭگە ئاپىرىپ سۇغارماي ئەكەلگىلى ، ئەجەپ ساۋاقدىشىڭنى ماقۇل قىلالمايدىكەنسىنا ، بولە ، ۋاقىت قىستاپ قالدى .
  -ئۇنىمايدۇ ، ئۇنىڭدىن مەن باشقا دوستۇمنى چاقىراي بولمىسا ، ياكى دىسكوخانىدىكى قىزلاردىن بىرنى چاقىرۋالساق بولىدىغۇ ؟
  -خېنىم ، ما پەرمانجان ئاشقان تاشقان ، داردىن قاچقانلانىڭ خىلى ئەمەس جۇما . ئەمدى بىر قارىغايدەك ئىككى ئەركەكنىڭ لەۋزىنى ئىلىپ بىر چىقىپ ئىلىپ چىقسىلا ئا خاننى .
  -ئۇنىمىسا قانداق قىلىمەن ؟
  -چىقىپ بىر دەپ باقماملا . ئۇناپمۇ قالا .
  -ماقۇل ، سىنىڭ ئەمەس پەرماننىڭ يۈزىنى قىلىپ چىقىپ باقاي ، ئۇنىمىسا ئامال يوق جۇمۇ .
  -ماقا ، چىقىپ چۈشسىلە ، پاتراق چۈشەلە ، بىكار تۇغۇلغان كۈنلىرى كىلەر يىلىغا قالمىسۇن.
  شازادەم مەكتەپكە ئايقەمەرنى چاقىرغىلى كىرىپ كەتتى . ياسىن بىلەن پەرمان بولسا بۇ سىرلىق سەرالىق قىز ھەققىدە سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتى .
  -ئاداش ، سەرالىق بولسا،ئۇنداق يەرلەرگە كىرىپ باقمىغان دىگىنە ، بىكا ئادەمنى چاندۇرۇپ قۇيامۇ ؟-دىدى پەرمان ياسىنغا قاراپ .
  -ۋاي ئاداش ، سەرالىق بولسا نىمە بوپتۇ ، شۇ بىردەم ئۇسسۇل تانسا ئويناپ ، پاراڭلىشىپ كىلىمىزغۇ شۇ ، ئۇنىڭ بۆلەك نىمە ئىش بارتى . شۇ تانسا ئوينىيالمىسا سەن ئۇستا بولغاندىن كىيىن ئەپلەپ سەپلەپ ئىككى قول ئوينىساق بولدىغۇ .
  -ئەمدى ئاداش ئۆزۈڭ بىلىسەن ، قۇيۇندا مىنى تونۇمايدىغان ئادەم يوق ، بىكار ئەتە ئادەم ياراتمايدىغان پەرمان بايۋەچچە سەرالىققا كۆيۈپ قاپتۇ ، يا ، تاللاپ تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ دەپ زاڭلىق قىلامىكى دەيمەن .
  -خاتىرجەم بولە ، شۇنداق دىگەننىڭ زۇۋانىغا قاقىدىغان قوزۇق مەندە بار ....
   پەرمان بىلەن ياسىن خوندانىڭ پارىڭى شۇ تەرىزدە داۋام قىلماقتا ئىدى . شازادەم بولسا ياتاققا چىققاچ :
  -ما ئالىيە دىگەن بىر نىمە ئەجەپ بىر ۋاقىتتا كەتتى دىسە ، بولمىغان بولسا ما مەتۇ تومپايغا يالۋۇرۇپ يۈرمەيتىم-دە ، بىكار ما سەت خوندا دىگەن تەلۋىمۇ ئىش تاپتىدە ، ئۇنامۇ بۇ ئىنجىمارۇق . يەنە شۇ دەرس كۆرىمەن دەرمۇ ؟ ۋايجان ، ئادەم يوق دىسەملا تۈگەيدىغان ئىشىتى-دە بۇ بىكاردىن بىكار ئۆزۈمگە ئىش تىپىپ .
  شازادەم شۇنداق غۇدۇراپ ياتاققا كىرىپ كەلدى . ئايقەمەر يەنىلا كىتاپتىن بىشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇراتتى ، ئۇ يەنە شازادەمنىڭ كىرگىنى تۇيمىدى .
  -ئۆھۆ !
  -ۋاي ، يەنە كىرىپسىزغۇ ، بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما ؟
  -ھەئە ، جىنىم ، ئويلاپ باقسام سىز بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقىۋاتقان مۇشۇ بىر يىلدىن بىرى سىز بىلەن بىر ۋاخ تاماق يەپ باقماپىتىمەن ، شۇڭا ، بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمكەن ، شۇڭا بىرىنجىدىن سىز بىلەن تۇنجى قىتىم بىللە تاماق يىيىش ئۈچۈن ، ئىككىنجىدىن توغۇلغان كۈنۈمگە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن ، ئۈچىنجىدىن سىزنىڭ ئارام كۈنىڭىزگە تىخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈپ چارچىغان نىرۋىلىرىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ يەڭگىللىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن كىردىم . مىڭىڭە جىنىم ، توغۇلغان كۈنۈمگە قاتنىشىپ بىرىڭ ، بولمىسا سىزدىن بەكلا رەنجىيمەن .
  -ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، كەچۈرۈڭ مەن بارالمايمەن ، دەرسىمنى تىخى تەكرار قىلىپ بولالمىدىم .
  -ۋاي ،ئەتىمۇ بارغۇ ، ھىلىمۇ نەتىجىڭىز سىنىپ بويىچە ئەمەس ، مەكتەپ بويىچىمۇ ئەڭ ئالدىدىغۇ ،ئەمدى تۇغۇلغان كۈن دىگەننى كۈندە ئۆتكۈزگىلى بولمايدىكەن ، يىلدا بىر كىلىدىغان تۇغۇلغان كۈنۈمدە بىرە قىتىم بىللە ئولتۇرۇپ تەبرىكلىشىپ بەرمەمسىز ؟ ئەنە ئالىيەمۇ ئۈرۈمچىگە تويۇقسىزلا كەتتى ، كىلەر يىلى يەنە بىر تۇغۇلغان كۈنۈم كەلگىچە قايسىمىز قەيەردە دەيسىز ؟ دىدار غەنىمەت جىنىم دوستۇم . سىز بىلەن تونۇشقاندىن بىرى تۈزۈكرەكمۇ مۇڭدىشىپ ، سىردىشىپ باقماپتىمىز ، ئەمدى شۇنچە چوڭ شەھەردە مۇشۇ مەكتەپتىن چىقماي ئۆتىۋەرمەي ،سىرتقىمۇ چىقىپ قويۇڭ دەيمەن.
  -رەھمەت سىزگە شازادەم ، ئەمما دەرسىلىرىمنى تىخى تولۇق تەكرار قىلىپ بولالمىدىم ، راسلا بارالمايمەن .-ئايقەمەر يەنە تەكەللۇپ بىلەن رەت قىلدى .
  -سىزغۇ مىنى ياراتمايۋاتىسز شۇنداققۇ ؟ شۇ دەرستە ناچار ، ئەسكى بالىلار بىلەن ئوينايدۇ دەپ ياراتمايۋاتامسىز ؟ مەنغۇ  ئايقەمەر ئۇنداق چاكىنا قىزلاردىن ئەمەس ، خىلى ئەخلاقلىق ،ئالىيجاناپ قىز دەپ بىلەتتىم ، ئەمما سىزنىڭمۇ مىنى ياراتمايدىغانلىقىڭىزنى ، كۆزىڭىزنىڭ قىرىغىمۇ ئىلىپ قويمايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن . رەھمەت سىزگە ئايقەمەر ، مەن شۇنداق ئەسكى ، ناچار ،ئەخلاقسىز بولغاندىن كىيىن ، سىزدەك ئالىيجاناپ ، ئىسىل ، دىيانەتلىك ، ھايالىق قىزلارنى بۇلغاپ قويماي ، جايىڭىزدە قىقىپ قويغان قوزۇقتەك قوپماي ئولتۇرىۋىرىڭ ئەمىسە ، بايىدىن بىرى سىزنى بەكلا ئاۋارە قىلىۋەتتىم ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتتىم . كەچۈرۈڭ ھە .-شازادەمنىڭ شىكەر يالىتىپ ئاتقان بۇ زەمبىرەك ئوقىدەك گەپلىرى ئايقەمەرنى ئاجايىپلا ئوڭايسىزلاندۇرىۋەتتى . ئادەتتە سىنىپتىمۇ شازادەمنىڭ ئاغىنىلىرى ئايقەمەرنى ئانچە ئارىغا ئىلىپ كەتمەيتى ،چۈنكى ئۇلار ئايقەمەر سەرالىق ،تومپاي دەپ مەسخىرە قىلامدۇ ياكى دەرستە ياخشى بولغانلىقىدىن قىزغىنامدۇ ۋە ياكى ئۆزىدەك ئىچىلىپ ئويناپ يۈرمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ ئۆزى بىلەن مەيلى قايسى جەھەتتە بولسۇن بىردەكلىكى يوق بۇ تىرىشچان قىز بىلەن خوشى يوق ئىدى ،شۇڭا ئانچە ئارىغا ئىلىپ كەتمەيتى ، ئايقەمەرمۇ نەچچە قىتىم ئۇلارغا يىقىنلاشماقچى بولدىيۇ ئەمما ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ ئۇلارغا گەپ قىلىشىتىنمۇ ئەيمىنەتتى ، مانا ئەمدى شازادەمنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى .
  -ياق ، شازادەم ئۇنداق ئەمەس ، مەن شۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشتىن قۇرۇنۇپ ، خىجىل بولۇپ قالدىكەنمەن .
  -شۇ بىزنى ياراتمىغاچقا قورۇنۇپ قالىسىزدە خىنىم ، بوپتۇ ، زورلىمايمەن ، بارمىسڭىز مەيلى ، ۋوئۇش ، ما سەرالىقنى ۋاي دەپ بەرسە ئۆزىنى بىلمىگىلى تۇردىغۇ .
  -بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟ مەن شۇ تۇغۇلغان كۈنىگە قاتنىشىپمۇ باقمىغان ، ئەمدى بارسام شۇ چىنىپ قالارمەنمىكى دەپ قورقايمەن .
  -توۋا ، مۇشۇ گەپ بولدىمۇ ؟ مەن سىزنى ئاپىرىپ سۇيۇپ يەمدىم قۇرقايدىغانغا ؟ توۋا ، ما قىزبالىنىڭ گىپىنى ، شۇ بارىسىز ، بالىلار بىلەن بىللە بىرەدەم مۇڭدىشىپ ، قايتىپ كىلىمىز . باشقا ھىچ ئىش يوق .
  -پەقەت شۇ بىرىپ مۇڭدىشىپلا كىلەمدۇ ؟
  -ۋاي ئاپپاق خان ، ئاۋال بارىمىز ، ئاندىن دوسلار بىلەن ئۇنى بۇنى دىيىشگەچ ناخشا ئاڭلاپ قورساق توقلايمىز ، ئاندىن تورت كىسىپ ، ماڭا تىلەك تىلەپ بولغاندىن كىيىن يىنىپ كىلىمىز .
  -لىكىن شازادەم ، راس گەپ قىلسام مەن بەك قۇرۇنۇپ قالىدىكەنمە .
  -ۋاي قورۇنغۇدەك ئىش يوق ، مىنىڭ دوسلۇرۇم سىزنىڭمۇ دوستىڭىز ، مەن بىرىپ سىزنى ئالامەت بىر تۇنۇشتۇرىمەنكى ، ئۇلار ئاغزىنى ئىچىپ ھاڭ تاڭ قالسۇن ، قانداق ؟ بۇلۇڭە جىنىم ، كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ ، بالىلار پەستە ساقلاپ قالدى .
  -لىكىن ؟
  -لىكىن ،پىكىن قۇيۇپ ، بۇلۇڭ دەيمەن .-شازادەم ئايقەمەرنى ئالدىراتقىلى تۇردى ، ئايقەمەرمۇ شازادەمنىڭ تەنە گەپلىرىدىن ، ئۇنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىپ بىللە بارماقچى بولدى . ئايقەمەر ئادەتتە سىرتقا ئانچە كۆپ چىقمىغاچقا ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى . شازادەم ئۇنىڭ ھىچبىر كىيمىنى ياراتمىدى ، ئۇنى بەك ئۇزۇنكەن ، بۇنى مەتۇ چىرايكەن دەپ ئاخىرى ئايقەمەر :
  -ئايقەمەر ، شەھەر ئىچىدە بۇنداق كىيىملەرنى كىيىپ ماڭسىڭىز خەق زاڭلىق قىلىدۇ .
  -نىمىشقا ؟ بۇ بىزنىڭ مىللىيچە كىيىملىرىمىز تۇرسا ؟
  -ئۇغۇ شۇ ، ئەمما ھازىر بۇنداق كىيىملەرنى شۇ سەھرادىلا كىيىدۇ ، مۇنداق بولسۇن ، ئىككىمىزنىڭ بوي بەستىمۇ ئاساسەن تەڭكەن ، مىنىڭ كىيىمىمنى كىيىڭە .
  -ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ ؟
  -تازا ياخشى بولىدۇ ، ئۆزۈم بىر قوللۇق ياسايچۇ سىزنى –دىگىنىچە ئايقەمەرگە ئۆزىنىڭ مودا كىيىملىرىنى كەيدۈرۈشكە باشلىدى . پادىچىلار شىمى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، قىپقىزىل ياقىلىق چاپىنى كەيدۈرۈپ ، تىخى قاش ، قاپاق ،لەۋلىرىگە ئازراق گىرىم قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى ، ئايقەمەرنىڭ ئەسلىدىن چىرايلىق بولسىمۇ ئەمما بۇ گىرىم ئۇنىڭغا بۆلەكچىلا نازاكەت ئاتا قىلغان ئىدى ، شۇتاپ شازادەممۇ ، ما سەرالىققا گىرىم ئەجەپ يارىشىدىكەن دەپ ئۇنىڭغا ھەسەت قىلماقتا ئىدى .
  -مانا ، ئەينەككە بىر قاراڭە ؟ سىزدىن بۇ جامالىڭىزدىن ئايمۇ خىجىل ھازىر .- ئايقەمەر ئەينەككە قاراپ ھەيرانلا قالدى ، ئۇ شۇ چاغقىچە گىرىم قىلىپ باقمىغاچقا ، ئۆزىنى تونۇشقا ئامالسىز قالدى .
  -بۇ مەنمۇ ؟
  -سىز بولماي ، ئۆزىڭىزنى تۇنۇيالمايۋاتامسىز ؟ ئەمما خۇدايىم سىزگە ، چىراي ، ئەقىلنى ئايىمايلا بىرىپتىكەن جۇما ، ئەمدى بەختىڭىزنى بەرسە ....
  -ۋىيەي ، ئادەمنى خىجىل قىلماڭە .
  -ھە ، ماقۇل ، خان ، ئۇنداقتا ماڭدۇق ، ھىلىمۇ بالىلار بەك ساقلاپ كەتتى .
  -مۇشۇنداقلىما ؟ توختاڭ مەن ياغلىقىمنى چىگىۋالاي .
  -بولدى چەگمەيلا قۇيۇڭە ئۇ زەدىۋالنى ، ھىلىمۇ چىچىڭىزنى ئاران تاراپ مۇشۇنچىلىك قىلدىم . بولدى مىڭىڭ ،كەتتۇق ، بۈگۈن كۆزىڭىزنى بىر ئىچىپ ، شەھەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قوياي .
  شازادەم ئايقەمەرنى ئىلىپ پەسكە چۈشتى ، شۇ تاپ ئايقەمەر ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتى .بۇ ساددا قىز خىيالىدا بىرەر تىز تاماقخانىغا بىرىپ تاماق يەپلا قايتىپ كىلىمىز دەپ ئويلىغان ئىدى .
  ياسىن بىلەن پەرمان ماشىنىنىڭ يىنىدا تاماكا چىكىپ تۇراتتى ، پەرمان شازادەمنىڭ يىنىدا بىللە كىلىۋاتقان ئايقەمەرنى كۆرۈپ ھوشىنى يوقاتماقتا ئىدى ، بۇ ئىنسان بالىسىمۇ ياكى پەرىمۇ ؟ نىمىدىگەن گۈزەل ، نىمىدىگەن نازاكەتلىك . خۇمار كۆزى ، ھىلال قاشلىرى ، جىنەستىدەك لەۋلىرى ، ھەم لېۋىنىڭ يىنىدىكى مەڭ ، ئاھ خۇدا ، بۇنداق گۈزەل ،سۇمباتلىق قىزنى پەرماننىڭ تۇنجى كۆرىشى ئىدى .
  -ئاداش ، نىمە بولدۇڭ ، ئاغزىڭ ئىچىلىپلا قاپتۇغۇ ؟
  -ۋاھ ، شەھلا كۆزلۈك پەرى ...
  -نىمە ؟
  -سۇمبۇل چاچلىرى ...
  -نىمە دەۋاتىسەن ؟-ياسىن خوندا پەرماننىڭ قۇلىدىن سىلكىپ تارتتى .
  -ھە ،  ھە، نىمە بولدۇڭ ئاداش ؟
  -سەن نىمە بولدۇڭ دەيمەن ، نىمە پەرى ، چاچ ،قاش دەپ يۈرىسەن ؟
  -نىمە ؟ كىم شۇنداق دەپتۇ ؟
  -ئۆزەڭ دىدىڭغۇ ھازىر ؟ قانداق بايىدىن بىرى ياراتمىغان سەرالىق قىزغا ھىلىتىنلا ئاشىق بولۇپ قىلىۋاتامسەن يا ؟
  -ۋاي ، ماڭە ، ئالجوقا ، نەدىكى گەپنى قىلىپ .
  شازادەم كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلار بىلەن قايتا سالاملاشتى .
  -ھە ، مەن سىلەرنى بىر تونۇشتۇرۇپ قوياي ، بۇياق بولسا ، مەكتىپىمىزنىڭ گۈلى ، شۇنداقلا ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى ئايقەمەر .
  -ئايقەمەر ؟ يا ... دادىڭىز ئەمما ئىسىمىڭىزنى يامان توغرا قۇيۇپتىكەن جۇما ، قاراڭ سىزنى كۆرۈپ ئايمۇ مۈكۈنىۋاپتۇ ، تىخى باياتىنلا ئاۋۇ يەردە بارتى ھە ئاداش – ياسىن خوندا چاقچاق ئارىلاش سالاملاشتى .
  -بۇ گەپدان يىگىت بولسا ، پۈتۈن قەشقەرنى ئاغزى بىلەن سىتىۋالىدىغان ياسىن .
  -تولۇق دىسىلە ، ماندا ياسىن خوندا دەپ .-دىدى پەرمان ياسىنغا قاراپ .
  -ھە ياسىن خوندا ، لەقىمى خوندا ، ئۆزى ئاجايىپ گەپدان –دىدى شازادەم –ئەمدى بۇياق بولسا –شازادەم پەرماننى تۇنۇشتۇراي دەپ تۇرىشىغا ياسىن خوندا گەپ ئاچتى .
  -مەنلا تۇنۇشتۇرىۋەتمەيما ؟
  -ياق ، خوندا ، شازادەم تۇنۇشتۇرىۋەرسۇن –دىدى پەرمان ياسىننىڭ يەنە چاقچاق قىلىپ زاڭلىق قىلىشىدىن قورقۇپ .
   -بۇ ياق باغۇ ، ئايقەمەر خىنىم –ياسىن خوندا پەرمانغا باقمايلا تۇنۇشتۇرغىلى تۇردى – مۇشۇ ۋىلايىتىمىز بويىچە كۆزگە كۆرۈنەي دەپ قالغان ئويانچى ،شاھزادە پەرمانجان ئالىيلىرى بولىدۇ . ھىيتگاھنىڭ ئالدىدا ھەشەمەتلىك دۇكىنى ، مىنىدىغان مانداق ماشىنىسى بار ، قىز دوستىدىن باشقا ھەممىسى تەل پەرمان بايۋەچچە دىگەن ، مانا مۇشۇ بالا شۇ .-شازادەم كۈلۈپ كەتتى ، ئايقەمەرمۇ ئەگىشىپ ئوماققىنا كۈلۈمسىرەپ قويدى .
  -يا ئاللاھ خوندا ، ئادەمنى كەچكىچە زاڭلىق قىلغىلى ئارانلا تۇرىسەن ھە ، خەپ توختاپتۇ ، ھىلى كۆرىسەن قالغىنىنى ، جۇما .
  -شۇنداق ، بايۋەچچە ، سىلىدىن كۆرمىگەنلىرىمىز ھىلىمۇ ئاز قالدى ، قىنى ئەمىسە ،قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ، ماشىنىغا چىقمايلىما ، سورۇن سۇيۇپ قالدى .
  شازادەم ئايقەمەر بىلەن ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇردى ، پەرمان ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭدى ، سائەتمۇ تۆتتىن ئاشقان ئىدى . پەرمان ماشىنا ھەيدىگەچ شازادەمدىن سورىدى .
  -شازادەم ، بالىلار نەچچىدە كىلىدۇ ؟
  -ئالتە يىرىمدا ؟
  -نەدە ئولتۇرىمىز ؟ قۇيۇندىما ؟
  -ھەئە .
  -ئۇنداقتا ھازىر نەگە بارىمىز ؟
  -ھازىر بىرىپ تورتتىن بىرنى ئالايلى ، ئاڭغىچە ۋاقىتمۇ توشۇپ قالغۇدەك .
  -خىنىم –دىدى ياسىن خوندا – تورت دىگەن قۇيۇن يىنىدىلا بار ، ھازىر تىخى تۆت يىرىم بولدى ، يەنە ئىككى سائەت باركەن ، ھەقەچان بالىلارمۇ قورسىنى ئەستەلەپ كىلىدۇ ، ھازىر ھىلىقى ئاشخانىغا بىرىپ قورساقنى ئازراق ئەستەلىۋىتىپ ، ئاندىن تورتقا بارمايلىما ؟ شۇندامۇ يا پەرمان ، ئاچ قورساق نىمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ دەيمەن .
  -مەيلى شۇنداق قىلساقمۇ بولىدۇ . ئەمدى بۈگۈن تىخى شەنبە ، توغۇلغان كۈن قىزىپ كىتىپ قالسا ، كىچىچە ئوينامدۇق تىخى .
  -شۇ ، شۇڭا قورساقنى راۋۇرۇس توقلاپ ، قورساق توق ، كۆڭۈل شوخ ئوينىمامدۇق .
  -ھە ،مەيلى ئۇنداق بولسا – دىدى شازادەم جاۋابەن .
  -ئەمىسە نىمە تاماق يەيسىلە ؟ -دەپ سورىدى پەرمان .
  -شۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ پەرمان ؟ -دىدى ياسىن خوندا – قىزلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىرە داپەنجى خانىغا بارمامدۇق  دەيمەن . قىزلار قارا ئىككى نەرسىگە بەك ئامراق ، بىرى لەڭپۇڭ ، راڭپىزا ، يەنە بىر داپەنجى ، ئۇنىڭدىن باشقىسى بىكا دەيمەن . شۇنداقمۇ يا شازادەم ؟
   -سەن خوندانىڭغۇ بىلمەيدىغان نەرسەڭ يوق .
  -سىزنىڭچۇ ئايقەمەر ؟ ئەمدى شازادەم بىز ئۆز ،ھەم ساھىپخان . كۆڭلىڭىز باشقا نەرسە تارتسا ئۇدۇللا دەڭ جۇمۇ ، تارتىنماڭ .-دىدى ياسىن خوندا .
  -بولىدۇ ، مەنمۇ تاماق يىۋالغانتىم بولمىسا ، قورسۇقۇممۇ توقتى .-دىدى ئايقەمەر شەلپەردەك قىزىرىپ .
  -ئۇنچىۋالا تەكەللۇپ قىلىپ كەتمەڭ . ئازادە ئولتۇرۇڭ دەيمەن . بىر كۆرگەن تۇنۇش ،ئىككى كۆرگەن تۇققان دەپتىكەن ، بۇنچىلىك تەكەللۇپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق ، شۇندامۇ يا شازادەم .
  -شۇنداق غۇجام ، ئاجايىپ دانا گەپ قىلىۋەتتىلە .-دىدى شازادەم ھىچبىر ئىپادىسىزلا .
  -ئۇنداقتا پەرمانجان ،ھىلىقى قىزلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ يەيدىغان ، بىر يىسە كۈندە يىگىسى كىلىدىغان داپەنجىخانىغا ھەيدە ئاداش .
  -قەيەردىكىسىنى دەيسەن ؟
  -ۋاي ھىلىقى بىز شازادەم بىلەن داۋاملىق بارىدىغانچۇ ؟
  -ھە ، ھىلىقى <تاتلىق دىسەڭ كۆيدۈرىمەن ، ئاچچىق دىسەڭ ئۆلتۈرىمەن > دەيدىغانغا دەيسەن .
  -ھە ، دەل شۇنىڭغا ، مانا بۈگۈن گىپى تاتلىق ، مىجەزى ئاچچىق خىنىملار بىلەن بىللە بولغاندا تازا ماس كەلگۈدەك .
  -ۋۇي ، غۇجام ، كىمنىڭ مىجەزى ئاچچىق ، گىپى تاتلىقكەن . –دەپ ھۈرپەيدى شازادەم .
  -ۋاي ، مەن شۇنداق دىدىمما ؟ ئالمىشىپ قاپتۇ ، گىپى ئاچچىق ، مىجەزى تاتلىق دىمەكچىدىم ئەسلى .
  -كىم شۇنداقكەن ھىلىمۇ ؟
  -سىلىدىن بۆلەك يەنە بىرەسى ھىچ يادىمغا كەلمەيۋاتىدىيا مىنىڭ .
  -شۇنداما ؟ ھە ، مىنىڭ قا گىپىم ئاچچىق ، قا مىجەزىم تاتلىقكەن .
  -مۇشۇ شازادەم ، سىنىڭ باغۇ ، ئاشۇ ئىككى قۇشۇماڭنى ئوتتۇرىغا ئەكىلىپ ،قاپاڭنى دۆڭ تۈرۈپ ، تۇمشۇڭنى ئۆردەكنىڭكىدەك ئۇچلاپ تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان بىر چاغلىرىڭ بار ، ئەمما يامان تاتلىق ، يا تەنە گەپ ئەمەس ، يا قىيدىغانلىق ئەمەس ، ئاشۇ خەق بولمىسا قۇلۇقۇڭدىن تۇتۇپ چوك چوك قىلىپ سۆيىۋالغىم كىلىدىغان بىر گەپلىرىڭ بار ،ئەمما يۈرەكنى پىژ-پىژ قىلىۋىتىدۇ .
  -ۋاي ، ماڭە قېلىن ، نۇمۇسسىز ، دەۋاتقان گىپىنى .-دىدى شازادەم گەپتە تەڭ كىلەلمەي خىجىل بولۇپ ، ئايقەمەر ياسىن خوندانىڭ گىپىنى ئاڭلاپ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى . تىخى يىگىتلەرگە يەر تىگىدىن ئۈستۈن قاراپ باقمىغان بۇ قىزنىڭ تىخى بۇنداق قىز ئوغۇللار بىلەن بىللە بولۇشى تۇنجى قىتىم بولغاچقا ، ئۇنىڭدىكى ھايا تۇيغۇسى ، خىجىلچانلىق تىخىمۇ ئەدەشكە باشلىغان ئىدى .
  پەرمان ماشىنىنى ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ ، قىزلارنى باشلاپ ئاشخانىغا كىرىپ ، خالىي ،ئازادە بىر جاينى تىپىپ ئولتۇردى . پەرمان چاي ئىچكەچ ئايقەمەرگە يەر تىگىدىن قارايتى ، ئايقەمەرنىڭ گۈزەل ھۆسىن – جامالى ،نازاكىتى پەرماننىڭ پۈتكۈل خىيالىنى ئالغان ئىدى . ئۇنىڭغا بۆلەكچىلا شەيدا بولۇپ قالغان ئىدى .
  مۇلازىم كىلىپ ئۇلاردىن نىمە يەيسىلەر دەپ سورىدى .
  -بۈگۈن شازادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندىن كىيىن ، شازادەم ئۆزى بۇيرۇتمىسۇنمۇ ؟ -دىدى ياسىن خوندا.
  -بولىدۇ ، قىنى شازادەم ،كۆڭلىڭىز نىمە تارتىدۇ ؟ تارتىنماي بۇيرۇڭ .-دىدى پەرمان مىھماندوسلۇق بىلەن .
  -بولىدۇ ، ئەمىسە ،داپەنجىدىن بىرنى ، لەڭپۇڭدىن بىرنى يەنە....-شازادەم ئۆزى ئامراق تاماقلارنى بۇيرۇتقىلى تۇردى ، ئايقەمەر بولسا ، پىيالدىن كۆزىنى ئۈزمەي جىم ئولتۇراتتى .
  -سىزچۇ ئايقەمەر ، كۆڭلىڭىز نىمە تارتىدۇ ؟ -دەپ سورىدى پەرمان .
  -ھە ، ماڭا نىمە بولسا مەيلى .- دىدى ئايقەمەر بىشىنى كۆتۈرمەيلا .
  -ھوي مۇلازىم –ياسىن خوندا مۇلازىمنى چاقىردى – بۇ ،قىزچاققا ئاشۇ ئوخشۇتۇپ <نىمە بولسا مەيلى> دىن بىر تەخسە .
  -نىمە ؟ -مۇلازىم ھەيران قالدى ،-قانداق تاماق دىدىڭىز ؟
  -< نىمە بولسا مەيلى > دىن بىر تەخسە .
  -كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ، بىزدە ئۇنداق تاماق يوق .
  -ئاڭلىدىڭىزما ئايقەمەر ، بۇ يەردە < نىمە بولسا مەيلى > دەيدىغان تاماق يوقكەن ، باشقا نەرسە بۇيرۇمسىز ؟ - دەپ ھەزىل قىلدى ياسىن خوندا ، ئەمما ئايقەمەر ئۇنىڭ بۇ ھەزىلىدىن شۇنچىلىك ئوڭايسىزلاندىكى ، ھەتتا قىزىرىپ نىمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى .
  -ۋاي ، بۇ قىزچاق نىمانداق خىجىلچان . كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە ، مەن شۇ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، ئۆزەم مۇشۇنداق تاقا-تۇقا گەپ قىلىپ كۆنۈپ قاپتىمەن ، ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ جۇمۇ – ياسىن خوندا ئايقەمەرنىڭ ئوڭايسىزلانغىنى كۆرۈپ ئەپۇ سوراپ ئۆزرە ئىيتتى ، ئەمما ئايقەمەر يەنىلا بىرخىل رەۋىشتە يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي ، قىزارغان ھالدا ئولتۇراتتى .
  -مانا ، مۇشۇنداق خونداچۇ سەن ، بىكاردىن بىكار دوستۇمنى زاڭلىق قىلىپ –دىدى شازادەم قاپىقىنى تۈرۈپ – خاپا بولماڭ ئاداش ، بۇ ساراڭ مۇشۇنداق پەلپەتىش ئالىجوقا ، كۆڭلىڭىزگە ھەرگىز ئالماڭ ، راس ، سىز دائىم ناننى ياغمۇچ بىلەن يەيسىز ، سىزمۇ ئاچچىققا ئامراقكەنسىز ھە ؟
  -شۇ ، بەكمۇ ئەمەس ، ئانچە مۇنچە .
  -ئەمىسە سىزگە ھىلىقى ،ئاچچىق قۇرۇما چۆپتىن بىرنى بۇيرۇپ بىرەي ھە .
-ياق ، بولدى ، قورسىقىممۇ ئاچمىدى .
  -تارتىنماڭ دەيمەن –دىدى پەرمان يەنە بىر قىتىم مىھماندوسلۇق بىلەن – بىز ھەممىمىز دوس بولۇپ قالدۇق ،ئۇنچىلىك تارتىنىشتىن ھاجىتى يوق ، مۇنداق بولسۇن ، شازادەم دىگەن قۇرۇما چۆپتىن بىرنى ، ئاندىن بەل كاۋاپتىن بىرنى قۇشۇپ بۇيرۇيلى ، قانداق ؟
  -بولىدۇ ئاداش ،شۇنداق قىلايلى ، بايا ئايقەمەرنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويدۇم ، شۇنىڭ جازاسىغا ئايقەمەرگە ئاشۇ قىزلار ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ماڭگو شەربىتىدىن بىرنى بۇيرۇيلى ئاداش –دىدى ياسىن خوندا يانداپلا .
  -ۋوي ، بەك جىق بولۇپ كەتتىمۇ ؟ بەل كاۋاپنى نەگە يەيمىز ؟-دىدى شازادەم .
  -قورساققا يەيمىز ، قۇرساققا . - دىدى ياسىن خوندا .
-ئەمىسە ،داپەنجىنى ، ئۆپكەڭگە يەمسە ،يا دۈمبەڭگىمۇ  ؟ -دىدى شازادەم .
-ئەمىسە –دىدى پەرمان خۇلاسە قىلىپ – بەل كاۋاپنى بۇيرۇتمايلى ،ئايقەمەرگە قۇرۇما چۆپ بىلەن ، ماڭگو شەربىتى بۇيرۇتايلى ، ئاۋال تاماقلار چىقىپ باقسۇن ، تويمىساق يەنە بۇيرۇتمامدۇق .
  -مەيلى ،ئەمىسە ،شۇنداق قىلايلى . –ھەممەيلەن پەرماننىڭ گىپىنى تەستىقلىدى .
  تاماقلارمۇ كەلتۈرۈلدى ، ئۇلارمۇ بىر-بىرىگە زورلىشىپ ئىغىز تەگمەكتە ئىدى ، ئەمما ئايقەمەر سەل ئوڭايسىزلاندەك تۈزۈك يىمەيۋاتاتتى ، ھەتتا تەخسىگە قۇل سونۇشتىنمۇ خىجىل بولىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ياسىن خوندا شازادەمگە تەخسىسىگە ئىلىپ بەر دىگەندەك بىشىنى لىڭشىتىپ ئىشارەت قىلدى .شازادەممۇ :
  -ۋاي ئاداش ، تارتىنماي يەڭلا ، ئىلىڭلا ما توخودىن بەك ئوخشاپتۇ ، پۈتۈن قەشقەردە داپەنجىنى بۇنىڭدەك ئوخشىتىدىغان يەنە بىر ئاشخانا يوق جۇمۇ . –دىگىنىچە ئايقەمەرنىڭ تەخسىسىگە  توخو گۈشىدىن ئىككى ئۈچ پارچە سىلىپ قويدى .
  -ۋاي ، ئاداش ، مەن تويۇپ قالدىم ، تارتىنمىدىم.- دىدى ئايقەمەرمۇ تەكەللۇپ بىلەن .
  باياتىن چاقچاق قىلىمەن دەپ ئايقەمەرنى ئوڭايسىزلاندۇرىۋەتكەن ياسىن خوندا ، ئايقەمەرنى خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دىدىمۇ ، ياكى قىلىدىغان تۈزۈك گەپ تاپالمىدىمۇ بۇ قىتىم ئۈن-تىنسىز ھالدا تامىقىنى يەۋاتاتتى .
  -يائاللاھ ، ئەجەپ بىر يىدىما ما تاماقنى – دىدى پەرمان – مۇشۇ ياسىن خوندا گەپ قىلماي ئولتۇرسا تاماقمۇ ھەم سىڭىشلىك ،ھەم تەملىك ، ھەم تىز يىيىلىدىكەن جۇمۇ .
  -شۇنى دەڭە ، بۇ ئاداشنىڭ لاۋزا پاراڭلىرى تاماقنىمۇ لاۋزا قىلىۋىتىدۇ زادى .- دەپ پاس بەردى شازادەممۇ .
  -ھوي ، غوجۇلۇرۇم ، خان ۋالىدە بۈزرۈكۋارلىرىم ، ئەجەپ دەپ كىتىشتىلىيا ، ھەم تاتلىق ، ھەم سىڭىشلىك دەپ ، قارىغاندا زە ، مەن سەل ئۇشۇق بولۇپ قالغان ئوخشايمەن ھە .
  -ۋوي ، خوندا ئادەتتە ئالدىراپ تىرىكمەيتىڭ ، بۈگۈن ئەجەپ تىرىكىپ قالدىڭغۇ .چاقچاق دەيمەن . ئاداش كۆڭلۈڭگە ئىلىپ كەتمە .
   -ياق ، ئەمدى چاقچاق قىلىپ قويسام ، ئەجەپ دەپ كىتىشتىڭلا ، بۇندىن كىيىنزە ئاغزىمنى تىكىۋىتىپ كەلسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ ھە .
  -ئاغزىڭنى تىكىۋەتسەڭ تاماقنى بۇرنۇڭدىن يەمسە ساراڭ – دەپ چاقچاق قىلدى شازادەم ۋەزىيەتنى ئوڭشىغاچ .
    -بۈگۈن ياسىنجاننىڭ زىتىغا تەگمەيلى ، بىكار كەچتىكى سورۇننى ئوت يىقىپمۇ قىزىتالمايمىز ، -دىدى پەرمانمۇ ، ياسىننى بەزلىگەچ – قىنى ئەمىسە ، يەپ ئىچىپ تويغان بولساق قۇپمامدۇق ؟
-بولىدۇ ، ھىلىمۇ ۋاقىت بىر يەرگە باردى ، بالىلار ساقلاپ قالمىسۇن .- دىدى شازادەممۇ ئالدىراپ .
  -يەنە نەگە بارىمىز شازادەم ؟-دەپ سورىدى ئايقەمەر .
  -ئەمدىما جىنىم ، بىز بارغۇ ، بۈگۈن سورۇنىمىزنىڭ ئەڭ قىززىيدىغان ، سىزنىڭ نەچچە يىللىق ھاردۇڭلىرىڭىز چىقىرىپ ، كۆزىڭىزنى ئاچىدىغان قۇيۇن ئارامگاھىغا بارىمىز . ماڭدۇق ئەمىسە .-شازادەم شۇئار توۋلاپ ئايقەمەرنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى .
  ئۇلار ماشىنغا چىقىپ قۇيۇن دىسكوخانىسى ئەتراپىدىكى تورتخانىدىن چوڭ بىر توغۇلغان كۈن تورتىنى ئىلىپ ، دىسكوخانىغا قاراپ ماڭدى .ئادەتتىكى كۈنلەردە دىسكوخانىدا بۇ ۋاقىتا ئادەم شالاڭ ئىدى ، كۆپىنچىلىرى سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا ئاندىن كىلەتتى ، ئەمما بۈگۈن شەنبە بولغاچقا ھەم تۈن بويى تاقالمىغاچقا دىسكوخانا ئادەتتىن تاشقىرى ئاۋات ئىدى . شازادەم كۈتكۈچىنى تىپىپ ئالدىن زاكاس قىلىپ قويغان ئورۇنغا بىرىپ ئولتۇردى . ئۇلار ئورۇنلۇشۇپ تۇرىشىغا شازادەمنىڭ مىھمانلىرى كىلىشكە باشلىدى .
  -تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن ئاداش .
  -شازادەم ، ئەجەپ چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىزغۇ ، بۇنداق چىرايلىق تۇرىدىغان ئىش بولسا كۈندە تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزىڭە ، مەن ما مايماقنىڭ ئورنىغا سىزنى ئالاي –دەپ ھەزىل قىلدى شازادەمنىڭ ئەلفىرە ئىسىملىك دوستىنىڭ مابىتى ئەسقەر .
  -ھە ، شۇنداق قىلاسە ، سەندىغۇ زادى ۋىجدان دىگەن نەرسە يوق .-دىدى ئەلفىرە تىرىكىپ .
  -خېنىم ۋىجدان دىگەن زاپاس جۇما بىزدە .
-ئاداش ، ئەجەپ ئوماق بولۇپ كىتىپسەن ، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن .
  -شازادەم ، ئىلاھىم ھەر بىر كۈنىڭىز مۇشۇ تۇغۇلغان كۈنىڭىزدەك خوشاللىقتا ئۆتسۇن . تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن .- كەلگەنلەر شازادەمنى تەبرىكلەپ بولۇپ ئۈستەلدىن ئورۇن ئىلىشقا باشلىدى . بۈگۈنكى سورۇنغا قىز ئوغۇل جۈپ بولۇپ جەمئى 8 جۈپ كەلگەن ئىدى .ياسىن خوندا بىلەن شازادەم ئىچىملىك بىلەن ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى بۇيرۇپ بولغاندىن كىيىن ، شازادەم ئۇلارنى قىزغىن كەيپىياتتا تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى .
  -ھەممىڭلارنىڭ كىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت ، مىنى دوستۇم بىلىپ ، يىقىن كۆرۈپ كەلگىنىڭلار مىنىڭ ئالىي شەرىپىم . سىلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەردەك ئەزىز ئاغىنىلىرىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەم ، بۇندىن كىيىن ئۆز ئارا ئىزدىشىپ ئۆتسەك ، يىقىن قەدىناس ئاغىنىلەردىن بولۇپ قالساق دىگەن ئۈمىدتىمەن . ئالدى بىلەن ، مەكتىپىمىزنىڭ ئەڭ ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى ، مەكتىپىمىزنىڭ گۈلى ئايقەمەرنى تۇنۇشتۇرسام ، ئايقەمەر كۆرۈپ تۇرۇپىسلەر شۇنچىلىك ئۇياتچان ، شۇنچىلىك جەزبىدار ھەم ئەقىلىق ، تىرىشچان قىز ، مىنىڭ مۇشۇنداق ساۋاقدىشىم ، ھەم ياتاقدىشىمنىڭ بولغىنى مىنىڭ بەختىم . ئايقەمەرنىڭ مىنى ئۆز كۆرۈپ ، يىقىن كۆرۈپ مۇشۇ ئاددى تۇغۇلغان كۈن سورۇنىمغا قاتنىشىپ بەرگىنىدىن مەن ئالەمچە خوشال . شۇڭا ھەممىڭىلارنىڭ ئالدىدا ئايقەمەرگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتىمەن ، رەھمەت سىزگە ئايقەمەر ، مىنىڭ ياخشى دوستۇم . ئەمدى بۇياق بولسا ، شەھرىمىزدە داڭقى بار ، گەپ بىلەن شەھەر ئەمەس دۆلەت ئالىدىغان ، مىنىڭ ئەڭ ياخشى ،ئەڭ يىقىن سۈيۈملۈك دوستۇم ياسىن خوندا ، بۇياق ئۇنىڭ ياخشى ئاغىنىسى پەرمان . بۇياق بولسا مىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ئەلفىرە ،بۇياق ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى ئەسقەر ، بۇياق بولسا كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان يىقىن ئادىشىم گۈلرۇز ، بۇ ئۇنىڭ مابىتى فىرقەت . – شازادەم سورۇندىكىلەرنى بىر بىرلەپ تۇنۇشتۇردى ،مىھمانلارمۇ ئۆز ئارا باش لىڭشىتىشتى ، ئاندى ياسىن خوندا ساھىپخانلىق قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى .
  -خوش ئەزىز مىھمانلار ، سىلەر بىلەن تۇنۇشقۇنۇمدىن مەن ھەم دوستۇم پەرمان بەكمۇ خوشالمىز ، بۈگۈن يىقىن دوستىمىز شازادەمنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنى ، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ، خوشال مىنۇتلارنى ئەڭ يىقىن ئەڭ سۆيۈملۈك دوستلىرىمىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ، ئۇنىڭ خوشاللىقىغا ھەمجۆرە بولۇپ دۇنيادا تىپىلغۇسىز خوشاللىق بولسا كىرەك .-ياسىن خوندا ئەينو بولغىنى خۇشچاقچاق بولسىمۇ ، ئۇنىڭ سورۇندىكى ساھىبخانلىق ، تەبرىك سۆزى قىلىش ماھارىتىمۇ ئۆزگىچە ئىدى .-ئەمدى تۇغۇلغان كۈن يىلدا ئاران بىر قىتىم كىلىدۇ ، خۇددى ھىيتتەكلا ، شۇڭا بۇنى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ھىيتى دەپ چۈشەنسەكمۇ ئارتۇقچە بولماس .شۇڭا بۈگۈن شازادەمنىڭ ھىيتى شۇڭا ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ بۇ خوشاللىقىغا ھەمجۆرە بولۇپ ، ئۇنىڭ خوشاللىقىنى تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ ، بولسا كىلەر يىلدىكى مۇشۇ كۈنگىچە مۇشۇنداق خۇش تەبەسسۇم ، ياخشى كەيپىيات بىلەن ئۆتسە . قىنى ئەمىسە شازادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى شەرىپىگە ، ھەم ئۇنىڭ كۈندىن كۈنگە گۈزەللىشىپ ، خوشالىقىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى ، خاپالىقنىڭ يىراقلارغا كىتىشى ئۈچۈن بۇ قەدەھنى كۆتۈرۋەتسەك . قىنى ئەمىسە خوشە.-ھەممەيلەن رومكىنى قولىغا ئالدى ، ئوغۇللارغا ئامرىنو قىزلارغا ئىسپىرت مىقدارى تۆۋەن قىزىل ئۈزۈم ھارىقى كەلتۈرۈلگەن ئىدى . ئوغۇل-قىزلار رومكىنى قولىغا ئالدى ، پەقەت ئايقەمەرلا ئۈندىمەي ئولتۇرماقتا ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئەلفىرە :
  -ئايقەمەر ، قىنى كۆتىرىۋىتەيلى ، بۇ ھاراق ئەمەس ،قىنى ئىلىڭ .
  -كەچۈرۈڭ ، مەن بۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ باقمىغان ئىدىم .
  -ئىچىپ باقمىغان بولسىڭىز ئەمدى ئىچىڭ ، خاتىرجەم بولۇڭ ، بۇ بىز قىزلارغا خاس بولغان ئىچىملىك ،مەس قىلمايدۇ –دىدى گۈلرۇز .
  -شۇنى دەيمەن ،ئايقەمەر ئىلىڭە ، ھەممەيلەن ئىچسەك ،سىز ئىچمىسىڭىز بىز قانداق ئەركىن ئوتتۇرالايمىز ، قىنى ئىلىڭ – شازادەممۇ ئۇنى زورلىماقتا ئىدى .
  -لىكىن بۇ بىر خىل پۇرايدىكەن ، مەن راسلا ئىچەلمەيدىكەنمە ، ئەيبكە بۇيرىمىساڭلا .
  -بولىدۇ ، كۆپچىلىك ، ئايقەمەرنىڭ تىخى تۇنجى كىلىشى ،ئۇنىمۇ خىجالەت قىلمايلى ، ئىچىدىغانلا ئىچەيلى ، ئىچكىسى بولمىسا زورلىمايلى ، ئۇنداقتا ئايقەمەر بۇ قىزىل چاينى ئىچىڭ ، قانداق ؟-دىدى پەرمان .
  -ئۇنىڭدا قانداق بولىدۇ ، تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە ھەممەيلەن تەڭ ئىچىپ ، تەڭ يايرايدىغان تۇرساق ، بۇنداق قىلسا بۇ سورۇن قانداقمۇ ئەۋجىگە چىقسۇن . مۇشۇ بىر رومكىنى بولسىمۇ ئىچىڭ ،ئەمدى دوستىمىزنىڭ شەرىپىگە ،ھۆرمىتىگە تەڭ كۆتۈرۋىتەيلى –دىدى ئەلفىرەنىڭ مابىتى فىرقەت.
  -مىنى زورلىمىساڭلا ، ئۆتۈنۈپ قالاي ، مەن پەقەتلا ئىچىپ باقمىغان .
  -ماڭا قاراڭ ئايقەمەر –دىدى گۈلرۇزنىڭ مابىتى ئەسقەر – ئەمدى بۇ بىرىنجى زەھەر ئەمەس ، ئىككىنجى ھاراق ئەمەس ، بىزمۇ مابىتىگە ھاراق زورلايدىغان ۋىجدانسىز ئەركەكلە ئەمەس ، ئەمدى بۇلارمۇ ئىچىمىز دەۋاتسا ، مۇشۇ بىر قەدەھنى بولسىمۇ كۆتىرىۋىتىڭ ، ئاندىن ئىچمىسىڭىزمۇ ئىچمەڭ بىزمۇ زورلىمايمىز ، قانداق ؟
  -ئىچكۈسى يوق ئادەمنى زورلىمايلى – دىدى پەرمان .
  -بۇ زورلاش ئەمەس ، شازادەمنىڭ ھۆرمىتى ، ئەمدى بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلمىسڭىزمۇ مەيلى ، ئەگەر شازادەم مەيلى دىسە بوپتۇ ئىچمەڭ .-دىدى ئەسقەر .
  -بۇ ..بۇ .. –ئايقەمەر تەڭلىكتە قالدى .
  - ئايقەمەر ،مۇشۇ بىر رومكىنىلا ئىچىۋىتىڭ ، بۇ راسلا ھاراق ئەمەس ، قىنى ئىلىڭ ، بولمىسا خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ .-شازادەم زورلىماقتا ئىدى .
  -شۇنى دەيمە ، ئىلىڭە ، مۇشۇ بىرنىلا – گۈلرۇز بىلەن ئەلفىرە تەڭلا چۇرقىراشقىلى تۇردى . ئايقەمەر تەڭلىكتە نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى .
  -بوپتۇ ئايقەمەر ،مۇشۇ بىرنىلا ئىچىۋىتىڭ ،ئاندىن سىزگە بىزمۇ زورلىمايمىز – پەرمان شۇنداق دىگەچ كۆزىنى قىسىپ قويدى .
  -ھە..ماقۇل ، ئەمىسە مۇشۇ بىرنىلا ھە .
  -ھەئە ،تۇنجىسى ھەم ئەڭ ئاخىرقىسى ، ئىچىمەن دىسڭىزمۇ يوق ئەمدى –قىزلار تەڭ ئاۋاز قوشتى .
  -ئەمىسە ، كۆتىرىۋەتتۇق . قىنى خوشە .-ياسىن خوندا شۇنداق دىگەچ رومكىنى قولىغا ئالدى .
  -ياسىن توختاپ تۇرە ، -پەرمان كۈتۈرىلىۋاتقان قوللارنى توختىتىپ قويدى – بۈگۈن شازادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ،شۇڭا تۇنجى رومكىنى شازادەمنىڭ ئىككى كەلىمە سۆزى بىلەن كۆتۈرسەك قانداق ؟
  -بولىدۇ ، ئەمىسە قىزغىن ئالقىشلىرىمىز بىلەن شازادەم خىنىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمىز .-شازادەم ئورنىدىن تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى .
  -ئەمدى ھەممىڭلارنىڭ كىلىپ بەرگىنىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، بۇ قىتىمقى تۇغۇلغان كۈنۈم ھەقىقەتەن ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولدى ، چۈنكى ئەڭ يىقىن دوسلىرىم ، ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ خوشاللىقىمغا ھەمجۆرە بولدى ، بۇنىڭدىن ئالەمچە خوشال بولۇپ كىتىۋاتىمەن . بولۇپمۇ دوستۇم ئايقەمەرگە تىخىمۇ رەھمەت ئىيتىمەن ، دوستۇم ئايقەمەر ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىنى تاشلاپ مىنىڭ بۇ تۇغۇلغان كۈن سورۇنۇمغا قاتنىشىپ بەردى . ئايقەمەر رەھمەت سىزگە . ھەم سىلەرگىمۇ بەخت ئامەت خوشاللىق تىلەيمەن .-شازادەم سۆز قىلغۇچە بولغان ئارلىقتا پەرمان ئايقەمەرنىڭ رومكىسىنى ئالماشتۇرىۋەتتى ،ئەسلىدىكى قىزىل ھاراقىنى ، قىزىل چايغا ئالماشتۇرىۋەتكەن ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى بەكمۇ تىز بولدىكى ھىچكىم تۇيۇپ قالمىدى ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ شازادەمنى زورمۇ زور سۆزگە تەكلىپ قىلىشىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدى .شازادەم رومكىنى قولغا ئىلىپ-قىنى ئەمىسە كۆتىرىۋەتتۇق .-دىدى ، سورۇندىكىلەرمۇ خوشە دىگىنىچە رومكىلىرىنى سوقۇشتۇردى . ئايقەمەر ئىچكىنىنىڭ قىزىل چاي ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قالدى ، ھەم پەرمانغا قارىدى ، پەرمانمۇ كۆزىنى قىسىپ قويدى . ئايقەمەر ئىچىدە پەرمانغا رەھمەت ئىيتىپ ئوماققىنا كۈلۈمسىرەپ قويدى ، ئۇنىڭ بۇ تەبەسسۇمى پەرماننىڭ ۋوجۇدىنى بۆلەكچىلا ئۆرتىۋەتكەن ئىدى . توغرا ، ئۇ بايىلا ئايقەمەرنى تۇنجى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى . ياق ، ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى . شۇڭا ئۇ رومكىنى قەستەن ئالماشتۇرىۋەتكەن ئىدى .
  -ئۇلار قەدەھنى كۆتىرىۋەتكەندىن كىيىن تورت كىسىشكە باشلىدى . ياسىن خوندا ھازىر كىلىمەن دىگىنىچە ، دىسكوخانىنىڭ مۇزىكا قۇيۇش ئۆيىگە بىرىپ رىياسەتچىنى تىپىپ ، شازادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئىلان قىلىپ بىرىشىنى ئىيتىپلا قايتىپ كەلدى . تورتمۇ كىسىلىپ بولدى ، ھەممەيلەن شازادەمگە تەييارلىغان سوۋغىسىنى بىرىشكە باشلىدى . ئايقەمەر ھىچقانداق تەييارلىقسىز كەلگەچكە ئۇلارنىڭ سوۋغىسىنى كۆرۈپ تىخىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى . پەرمان بۇنى كۆرۈپ دەرھاللا يانچۇقىدىن بىر تال زەنجىرنى ئىلىپ ئايقەمەرگە تۇتقۇزۇپ قويدى ، ئەسلى بۇ پەرماننىڭ شازادەمگە تەييارلىغان سوۋغىسى ئىدى . ئايقەمەر زەنجىرنى ئىلىپ ھەيران بولۇپ پەرمانغا قارىدى ، پەرمان شازادەمگە بىرىڭ دەپ كۆزىدە ئىشارەت قىلىپ قويدى . ئايقەمەرمۇ گەپ سۆز قىلماي ئالدى-دە شازادەمگە قاراپ :
  -شازادەم بۇ مىنىڭ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم ، قۇبۇل قىلىڭ –دىدى تەكەللۇپ بىلەن .
  -ۋاي ، ئايقەمەر ، نىمانچە كايىپ كەتتىڭىز ، رەھمەت سىزگە .
  - ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم . قۇبۇل قىلارسىز .
  -رەھمەت سىزگە جىنىم ، بەكمۇ كايىپسىز .
  ياسىن خوندا قولىنى يانچۇقىغا سىلىپ شازادەمگە تەييارلىغان سوۋغىسىنى بەردى ، پەرمانمۇ يالغاندىن يانچۇقىغا قولىنى سىلىپ ئارقىدىنلا :
  -ئاپلا ، ياسىن ، مەن سوۋغامنى ماشىنىغا ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، شازادەم خاپا بولمايسىز ، مەن چىقىپلا ئەكىرەي ھە .-پەرمان مىڭىشقا تەمشىلۋىدى ، ياسىن توسۇپ قالدى.
  -بولدى ئاداش  ، ھىلى بەرسەڭمۇ بولىدۇ ، شۇنداقمۇ شازادەم .
  -بولدى ، پەرمان ، كۆڭلىڭىز تىگىل بولدى . بىلىمەن سىز قۇرۇق كەلمەيسىز . ھىلى ئىلىپ بىرەسىز- دەپ تەستىق سالدى شازادەم .
  -ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ ، مەن ئەكىرەي ، بىر مىنۇت ھە.-پەرمان شۇنداق دىگىنىچە چىقىپ كەتتى . ئايقەمەر پەرماننىڭ ئىككى قىتىم ئۇنى خىجالەتتىن ، تەڭڭىسلىكتىن ساقلاپ قالغىنىدىن ئالەمچە خوشال بولغان ئىدى . پەرمان چىقىپلا ئەتراپتىكى بىر سائەت دۇكىنىغا باردى ، دۇكاندارمۇ دۇكاننى تاقاي دەپ تۇرغان ئىدى ، ئۇ كىرىپلا بىر سائەتنى ئىلىپ ، چىرايلىق قىپىغا سىلىپ ،دىسكوخانىغا قايتىپ كىردى-دە ئۈستەلگە كىلىپ :
  -شازادەم ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ، بۇ سائەت مىنىڭ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم ، قۇبۇل قىلىڭ –دەپ سائەتنى شازادەمگە ئۇزاتتى . شازادەممۇ رەھمەت دىگەچ ئالدى . پەرمان جايلىشىپ تورتنى قولىغا ئىلىپ تۇرىشىغا رىياسەتچى سۆز باشلىدى.
  -بۈگۈن دوستىمىز شازادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن ، ئۇنىڭ دوسلىرى ئۇنىڭغا ئالىي تىلەكلەرنى تىلەپ ، شوخ ئۇسۇللۇق ناخشىلاردىن چىمەندىگۈلنى تەلەپ قىلدى ، قىنى ھەممەيلەن دوستىمىز شازادەمگە بەخت ئامەت تىلىگەچ شوخ ئۇسسۇللىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ شادلىقىغا ھەمجۆرە بولساق...
  -مۇبارەك بولسۇن – شازادەمنىڭ ئۈستىلىدىن يەنە بىر قىتىم ئۈنلۈك تەبرىك ساداسى ياڭرىدى .ناخشىمۇ قۇلاقنى يارغۇدەك چىقماقتا ئىدى ، ھەممەيلەن شوخ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى . ياسىن خوندا غۇلاچلىرىنى كەرىگىنىچە شازادەمنى ئۇسسۇلغا تارتىپ سەھنىگە چۈشتى ، ئەسقەر ،فىرقەتلەرمۇ مابەتلىرى بىلەن بىللە غۇلاچلىرىنى تاشلىغاچ سەھنىگە قاراپ ماڭدى .ئۈستەلدەبىلەن ئايقەمەرلا قالدى . ئايقەمەر ئۇلارنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆرگەچ ئولتۇراتتى .
  -قانداق ، بىرە پەدە ئوينامدۇق ، باشقىلار توكوكەن دەپ قالمىسۇن – دىدى پەرمان .
  -كەچۈرۈڭ مەن ئۇسسۇل ئوينىيالمايمەن .
  -بۇ يەردە ئۇسسۇل ئويناش ئۈچۈن چوقۇم ئۇسسۇل بىلىشى شەرت ئەمەس . قىنى مىڭىڭ ، مەنمۇ ئانچە ياخشى ئوينىيالمايمەن ، ئۇلارنىڭ قاتارىدىن قالمايلى .-ناخشا شوخ رىتىملىرى بىلەن داۋام قىلماقتا ئىدى  . ئايقەمەر پەرماننىڭ بايىدىن بىرى قىلغان ياردىمىگە يۈز كىلەلمىدىمۇ ، رەت قىلالماي بىللە ئۇسسۇلغا چۈشتى ،ئۇنىڭ ھەركىتى شۇنچىلىك لەرزان ئىدى .پەرمانمۇ چوڭ سۈپەت قەدەم تاشلاپ ئوينىماقتا ئىدى . ناخشا تۈگىشىگە رىياسەتچى چىقىپ :
  -ئەمدى مۇشۇ قىزغىن كەيپىياتىمىزغا بىر قول تانسا ، قىنى قىز يىگىتلەر مەرھەمەت- دەپ تۇرىشىغا لىرىك تانسا مۇزىكىسى ياڭرىدى . بايىدىن بىرى غۇلاچ تاشلاپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان يىگىتلەر ئەمدىلىكتە ،بايىدىن بىرى ئۆرگىلىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزلارنىڭ مەجنۇنتالدەك زىلۋا بەللىرىنى قاماللاپ تانسىغا چۈشكەن ئىدى . پەرمانمۇ ئايقەمەرنى تانسىغا تارتتى ، ئەمما ئايقەمەر :
  -كەچۈرۈڭ ، مەن پەقەت تانسا ئويناپ باقمىغان ، خىجىل قىلمىسىڭىز –دەپ رەت قىلدى . ئەمما پەرمان :
  -مەنمۇ ئويناپ باقمىغان ، مىنىڭمۇ تۇنجى ئوينىشىم ، قىنى كىلىڭە ، ئەمدى ئولتۇرىۋالساق ، سەت تۇرمىسۇن ، بىر قوللا ئويناپ چۈشۈپ كىتىمىز – دەپ ئايقەمەرنى يەنە زورلىدى . ئايقەمەر يەنە يۈز كىلەلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە بىر قول تانسىغا چۈشتى ، ئايقەمەرنىڭ يۇمران قوللىرىنى ، زىلۋا بەللىرىنى تۇتقان پەرماننىڭ بەدىنى ئاجايىپ ئۆرتەنمەكتە ، يۈرەك باغرى كۆيمەكتە ئىدى . ئايقەمەرنىڭ ئالقانلىرىدىن ، بەللىرىدىن چىققان ھارارەتلەر ، چاقناپ تۇرغان كۆزى ، خىجىلىقتىن شەلپەردەك قىزارغان يۈزى پەرماننىڭ پۈتكۈل ۋوجۇدىنى بىھۇش قىلىپ ، بارلىق خىياللىرىغا چاڭگال سالماقتا ئىدى . ئۇ ئايقەمەرگە شۇقەدەر ئاشىق بولدىكى ، ھەتتا خۇدىنى بىلمەي نەچچە قىتىم ئايقەمەرنىڭ پۇتىغا دەسسەپ سالدى .
   ھەي، بىراۋنىڭ بەزى ياردەملىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بەزى ھاللاردا ئادەمنى ئۆزى قىلغۇسى كەلمەيدىغان ، ھەتتا ئۆز ئىرادىسىگە مۇخالىپ كىلىدىغان بەزى ئىشلارنى ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي قىلىپ قالىدۇ ، نىمە ئۈچۈن ؟ يۈز خاتىرە قىلىمەن دەپ ، شۇڭا كونىلارنىڭ < دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ،بۇيۇمدا قالدى .> دىگەن ئىبرەتلىك سۆزى شۇنىڭدىن بولسا كىرەك . بىر چىرايلىق ئوقۇۋاتقان ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇ –ئۈمىدىنى قىبلىنامە قىلغان ، ئۆز مۇراد مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان ئايقەمەرمۇ ، نەدىكى داشقال ساۋاقدىشىنىڭ يۈز خاتىرىسىنى دەپ مۇشۇنداق بارلىق ،ھاياسىزلىق ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ جەمگاھىغا قەدەم باستى ، ھەتتا ئانىسى تۈگۈل ئاكسىمۇ ،دادىسىمۇ ئاغزىغا ئىلىپ باقمىغان ھاراقنى ئىچمەكچى بولدى ،تەلىيىگە پەرمان قۇتۇلدۇرۇپ قالدى ،ئەمدى شۇ پەرماننىڭ شۇ ياردىمىگە جاۋاپ قايتۇرىمەن دەپ ، ئاكىسى ئەلقەرنىڭ < سىڭلىم ھايالىق بول ، ئەخلاقسىز قىزلاردىن يىراق بول ، يىگىتنىڭ بارلىقى ۋىجدان ، قىزنىڭ بارلىقى ھايا > دىگەن سۆزىنى ئۇنتۇپ ئەمدى تىخى ئەركەك چىۋىنمۇ قۇنۇپ باقمىغان نازۇك ، ئەۋرىشىم ، زىلۋا بەدەنلىرىنى بىراۋلارغا قاماللىتىپ ، بىراۋلارنىڭ ۋۇجۇدىنى گۈلخان ، يۈرىكىنى ۋولقان قىلىپ تانسا ئوينىماقتا . ھەي ئايقەمەر ، بۇ قەدەمنى خاتا باستىڭ ، سەن ئەسلى تاغاڭ ئەيساجاننى ئويلىشىڭ كىرەك ئىدى ، ئۇنىڭ شۇنچە ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى تارتىپمۇ بارلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتاپ ،نۇرغۇن ئىستىداتلىق ئىزباسارلانى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگىنىنى ئويلىمىساڭمۇ ، دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە قارشى چىقىپ ، داداڭغا شۇنچە يالۋۇرۇپ ، سىنى ئوقۇتقۇچى قىلىشنى قانچە قىتىملاپ ئۆتۈنگىنىنى ئويلىشىڭ كىرەك ئىدى ، ئەگەر شۇ رەھمەتلىك تاغاڭ بولمىغان بولسا ،بۇ چاققىچە سەنمۇ ئىككى ئاچاڭدەك تالالىق بولۇپ ، بۇ چاغقىچە بالىلىق بولۇپ قالغان بولاتتىڭ ، ھىچ بولمىسا ئاكاڭ ئەلقەرنى < ئۇكام چوڭ دادام شۇنداق ۋەسىيەت قىلمىغان بولسا ، مىنىڭمۇ ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار ئىدى > دىگەن نادامەتلىك سۆزىنى ئويلىشىڭ كىرەك ئىدىغۇ ، ئەجىبا بايا ، شازادەم ساڭا ، مىنى كۆزگە ئىلمايسىز ، ياراتمايسىز دىگەندە ، خاپا بولماڭ ، مەن ئۇنداق يەرگە بارسام ، ئاتا-ئانامغا يۈز كىلەلمەيمەن دەپ چىڭ تۇرۇپ رەت قىلغان بولساڭ ، شازادەم سىنى بوينۇڭغا تانا باغلاپ ، ئارقاڭدىن بەش ئاتار مىلتىقنى تىرەپ ئىلىپ چىقارمىدى . ھەي ، ئەمدى بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايسەن ، چۈنكى سەن بۇ خاتا قەدەمنى بىسىپ بولدۇڭ ،ئەمدىلىكتە بولسىمۇ ،ھوشۇڭنى تىپىپ بۇنداق لەنەتتەككۈر سورۇنلارغا قەدەم باسما ، چۈنكى بۇ سەن كىلىدىغان ، سەن ئاياغ باسىدىغان يەر ئەمەس .
  سورۇن داۋام قىلماقتا ، تانسىدىن كىيىن دىسكو ناخشىلىرى باشلاندى ، سەھنىدە ئۇسسۇلچى يىگىتلەر شوخ ،چەبدەس قەدەملەر بىلەن ئوينىماقتا ئىدى ، باشقىلار سەھنىدە باشلىرىنى چايقاپ ، بەللىرىنى تولغاپ ، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ،كەلسە-كەلمەس دەسسەپ ئوينىماقتا ئىدى . شازادەممۇ بىلەن ياسىن خوندا ، ئەلفىرە ، گۈلرۇز ، ئەسقەر ،فىرقەتمۇ بىر بىرىگە سوۋۇشۇپ ئوينىماقتا ئىدى . بۈگۈن شەنبە بولغاچقا دىسكوخانا تاڭ ئاتقۇچە ئىچىلاتتى . شۇڭا ھەممەيلەن ۋاقىتنىمۇ ئۇنۇتقان ئىدى . ئايقەمەر بولالماي قايتىپ كەتمەكچى بولدى ، ئەمما شازادەم ھىلى بىللە ماڭايلى دەپ قويمايتى . ئايقەمەر سائەتكە قارىدى ، سائەت ئوندىن ئاشقان ئىدى ، شۇڭا ئۇ خوشلاشمايلا ماڭماڭچى بولدى . لىكىن بۇنداق بولسا تازا توغرا بولمايدىغاندەك ھىس قىلدى . شۇڭا نائىلاج ساقلاپ ئولتۇردى ، ئەمما ئۇلارنىڭ دىسكو ئۇسسۇللىرى ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئۇ ئاخىرى بولالماي ،شازادەم سەھنىدىن چۈشكەندە ئۇنىڭغا ئىيتتى .
  -شازادەم ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى ، قايتايلىچۇ ، بولمىسا مەكتەپكە كىرەلمەيمىز .-شازادەم دىمىنى ئالغان بىر رومكا ئىچىۋىلىپ :
  -نىمە دەيدۇ ما قىزۋالا ، مەن تىخى ئەمدى قىززىدىم ،  سۇيىۋالاي ، مەكتەپكە كىرەلمىسەك ، ياتاق ئازمىتى ، ياتاق ئىچىپ ئوخلايمىز ، خاتىرجەم بولۇڭە – دىگىنىچە غىلجىڭشىپ مىڭىپ سەھنىگە شۇڭغۇپ كەتتى ، دىسكو ناخشىلىرى قولاقنى يارغۇدەك چىقاتتى ، پەرمان تاماكا چەككەچ يانفۇن ئويناپ ئولتۇردى ، ئۇنىڭ ئايقەمەر بىلەن بىللە ئوينىغۇسى بار ئىدى ، ئەمما بايىدىن بىرى مۇشۇ بىر قىتىملا دەپ لەۋزى قىلغاچقا ، ئۇنىڭغا يەنە بىر قول ئوينايلى دىيىشكە ئۇيالدى . ئۇ بولالماي ئاخىرى يەنە ئايقەمەرنىڭ يىنىغا سۈرۈلۈپ .
  -قانداق ، دىسكوخانا بولامدىكەن – دىدى .
  -راس گەپ قىلسام ، بۇ يەر ماڭا پەقەت ياقمىدى ، نىمىدىگەن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ، نىمانداق تۈگىمىگەن غەۋغا ، بىشىمنى بەكلا ئاغرىتىۋەتتى ، كەتسەم بولاتتى .
  -ئەمىسە ، يۈرۈڭ مەن ئاپىرىپ قوياي .
  -شازادەم بىلەن بىللە كەتمىسەم بولماس ، بىللە كىلىپ ئۇنى تاشلاپ قويسام بولماس .
  -ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇپ ، ئۇ بەرىبىر ياتاققا قايتمايدۇ ، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي ، بولمىسا كەچ قالسىڭىز ، مەكتەپكە كىرەلمەي قالىسىز .
  -سەت تۇرامۇ ؟
  -ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن دەپ قۇيىمەن . يۈرۈڭ – پەرمان ئايقەمەرنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى . ئايقەمەر ئۇنىڭ بۇ ياردىمىگە يەنە بىر قىتىم ئىچىدە نەچچە رەت رەھمەت ئىيتتى .پەرمان ئايقەمەرنى ماشىنىغا سىلىپ مىڭىپ كەتتى . يولدا ماڭغاچ ئايقەمەر پەرمانغا :
  -رەھمەت ، بۈگۈن سىزنى بەكلا ئاۋارە قىلدىم ، بۈگۈن مىنى ئۈچ قىتىم قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز .رەھمەت سىزگە .
  -قانداق دەيسىز ؟
  -شۇ ، ھاراقنى ئالماشتۇرىۋەتتىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ سوۋغىسىنى ماڭا بەردىڭىز ، ئەمدى مىنى ئاپىرىپ قۇيىۋاتىسىز ، سىزگە كۆپ رەھمەت .
  -ۋاي ، قانچىلىك ئىش ئۇ ، رەھمەت دىيىش ھاجەتسىز ،تەكەللۇپ قىلماڭ ، قارىسام پەقەت ئىچكۈڭىز يوقكەن ، شۇڭا قىزىل چايغا ئالماشتۇرىۋەتتىم ، مىنىڭ بىر ئىشنى زورلاش بىلەن پەقەت خوشۇم يوق .
  -شۇ ، مەن ئۈمرۈمدە ئىچىپ باقمىغان ، ھەم ئۈمۈرۋايەت ئىچمەيمەن .
  -شۇ ياخشى ، ئەمما ، بەزىدە بولۇپ ئازاپلانغاندا بىر رومكا ئىچىپ قويسا ئادەم خىلىلا يەڭگىللەپ قالىدۇ .
  -نىمىشقا ؟
  -شۇ ئادەمگە ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، ئىشقىلىپ ئادەمنى يەڭگىللىتىپ قويىدۇ .
  -ھە . سىز نىمە ئىش قىلىسىز ؟
  -بايا ، ئا ساراڭ خوندا دىدىغۇ ، مەن دۇكان ئاچىمەن .
  -ھە ، نىمە ساتىسىز ؟
  -كىيىم –كىچەك .
  -ھە ، نىمىشقا ياسىنجاننى خوندا دەيسىلە ؟
  -ئۇنىڭ گىپىنى دەپ بەرسەم كۈلۈپ تىلىقىپ قالسىز ، ئۇ ساراڭ موتو بىلەن كىتىپ بىرىپ بىر يىپيىڭى خوندا ماشىنىنى سوقىۋىتىپ ، ئەينولۇق قىلىپ ،ماشىنىنى تۆلەش ئۇياقتا تۇرسۇن ، تىخى ماشىنا ئىگىسىدىن موتۇرۇڭنى ئوڭشىتىۋال ئۇكام دەپ پۇل ئالالىغان ھىيلىگەر .
  -ھە ، مۇنداق دەڭ ، بۇنى كىيىن سىزگە ئايرىم ،تەپسىلى دەپ بىرەي .
  -ماقۇل .
  -ھە راس ، تىلفۇنىڭىز بارمۇ ؟
  -ياق ، مەن تىلفۇن تۇتمايمەن .
  -ھە ، ئەمىسە مىنىڭ نومۇرۇمنى خاتىرلىۋىلىڭ ،قانداق ئىش بولسا ئىزدەڭ ،قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن ، ھەرگىز تارتىنماڭ ، بىز دوسقۇ ؟
  -ھە ، بولىدۇ ، رەھمەت سىزگە پەرمان .
  -ۋاي ، نىمىگە ؟ بەكلا تەكەللۇپ قىلىدىكەنسىز جۇمۇ ....-ئىككەيلەن پاراڭ بىلەن بىردەمدىلا مەكتەپكە يىتىپ كەلدى . ئايقەمەر پەرمانغا يىنىشلاپ رەھمەت ئىيتىپ ، ياتىقىغا قايتىپ كەتتى . پەرمانمۇ خوشلۇشۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ دىسكوخانىغا قاراپ ماڭدى . پەرمان ئايقەمەرنى راسلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى ، پەرماندەك ئويانچى يىگىتنىڭ بۇ سەھرالىق قىزغا بولغان سۆيگۈسى چىن مۇھەببەتمىدۇ ؟ ياكى ھەۋەس ، كۆڭۈل خوشىمىدۇ ؟ بۇنى بىر ئۆزىلا بىلىدۇ . خەير ، ئىشقىلىپ ئۇ ئايقەمەرنى بۈگۈن ئۈچ قىتىم قوتۇلدۇرۇپ ،تەڭڭىسلىكتىن ، خىجالەتتىن قۇتقۇزۇپ قالدى ،ئەمەسمۇ ، ئىلاھىم ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى مەقسەتلىك بولۇپ قالمىغىيتى ؟!
  ئايقەمەر ياتىقىغا كىرىپ ،كىيىملىرىنى سالمايلا كارۋاتقا ئۆزىنى ئاتتى ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ ،غەۋغا دەستىدىن ئۇنىڭ بىشى پارتىلاپ كىتەي دىگەن ئىدى . شۇڭا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيقۇ دىڭىزىغا غەرق بولدى .
  ئايقەمەر ئويغاندا كۈن ئاللىقاچان تىكلىشىپ قالغان ئىدى ، ئاخشامقى سورۇندىكى سىسىق ھاراقلارنىڭ تەسىرى بولسا كىرەك ،ئايقەمەرنىڭ بىشى ئاغرىۋاتقان ئىدى . ئايقەمەر يۈزىنى يۇيۇپ ناشتا قىلىپ ،دەرس تەكرارلاشقا ئولتۇردى . ھەردائىم دەر تەكرارلىسا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بىرىدىغان بۇ قىزنىڭ بۈگۈن زىھنىنى پەقەتلا يىغالمىدى . تۇغۇلغان كۈن سورۇنىدىكى پاراڭلا ، رومكا سۇقۇشتۇرۇش ، دىسكو ، ئۇسسۇل ، تانىسلا ئۇنى ئاجايىپ بىر دۇنيالاردا خىيالەن سەيلە قىلدۇرماقتا ئىدى . بىر تۇرۇپ توۋا دەيتى ، بىر تۇرۇپ يىگىت قىزلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ ، يايراپ كىتىشلىرىنى ئويلاپ ،دىسكوخانا راستىنلا ئادەمگە بىسىمنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ،شادلىق ئىلىپ كىلىدىغان يەرمىدۇ ؟دىگەندەك سۇئاللار ئەگىيتى . ئۇنىڭ خىيالىغا يەنە بىرەيلەن سايە تاشلاپ تۇراتتى ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى ئىككى قىتىم خىجالەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان پەرمان ئىدى . چۈنكى پەرماننىڭ ئۇنى خىجالەت پاتقىقىدىن تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ،ئۇنى ئىختىيارسىزلا پەرماننى ئەسلەشكە ئۈندەيتى .
  -نىمىدىگەن ئوبدان ، يىقىشلىق بالا ھە ، ئەجەپ ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەندەكلا .ۋوي نىمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتتىم ،توۋا ، ئەجەپ بىر خىياللارنى قىلىپ كىتىپتىمىنا ، بولدى دەرسىمنى تەكرارلاي .-ئايقەمەر تۇرۇپ تۇرۇپ خىياللاردىن سەگىدەيتىيۇ ئەمما ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە شۇ سورۇننى خىيال قىلاتتى . ئەجىبا پەرماننىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭ قەلب شىشىسىنى چەككەنمىدۇ ؟ بۇ قىز ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالغانمىدۇ ؟ ياق ، توغرىسىنى دىسەك ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ ؟ توۋا ، كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ نەرسىدە .نەدىكى بىر بىمەنە تۇغۇلغان سورۇنى ، تۈنۈگۈنلا ئۆزىنىڭ مەقسەت-نىشانى ، ئارزۇسى ،كەلگۈسى ئىنىق بۇ قىزنىڭ ئوي خىياللىرىنى تامام ئىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈمىد ئارزۇ ، نىشانلىرىنى غۇۋالاشتۇرماقتا ئىدى .
  چۈشتىن كىيىن شازادەم قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ياتاققا كىرىپ كەلدى .
  -ئاخشام مىنى ساقلىمايلا كىتىپسىزغۇ ؟
  -شۇ ، بەك كەچ بولۇپ كىتىپتىكەن ، بىشىممۇ ئاغرىپ پەقەت ئولتۇرالمىدىم ،شۇڭا كىتىۋەردىم .
  -ئەجەپ يولداشلىققا يارىمايدىكەنسىز ، بىزمۇ دىبادا قونمايتۇق . ئەجەپ دوسلۇرۇمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى يەر قىلدىڭىز .
  -كەچۈرۈڭ .
  -ھىلىقى پەرمان دىگەن بىر نىمىمۇ ، تىخى ئايقەمەرنىڭ كۆڭلى ئىلىشىپ ، بىئارام بولۇپ كىتىپتىكەن ، شۇڭا ئاپىرىپ قويدۇم دەيدۇ ، راس شۇنداقما ؟
  -ھەئە ، شۇ بەك بىئارام بولۇپ كىتىپ ، قايتقانىدىم .
  -پەرمان بىلەن بىرە يەرگە بارمىغانسىلە ؟
  -بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟ مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز ؟
  -ۋوي ، تىرىكمەڭ . گىپىمنى باشقىچە چۈشۈنۈپ قالدىڭىزمۇ ؟
  -شۇ ، نىمە دىگىنىڭىز بۇ ؟
  -ۋاي ، ئاپپاق خان ، دوراخانىغا بىرىپ دورا ئالدىڭلىمۇ ؟ ياكى ئۇدۇللا قايتىپ كەلدىڭلىمۇ دەيمەن .
  -ئۇدۇللا يىنىپ كەلدۇق.
  -ھە، بولدى ، قانداق ئاخشام ياخشى ئوينىغانسىز ؟
  - نىمىنى ياخشى ئوينايدۇ ، بىشىم ھازىرغىچە ئاغرىۋاتىدۇ .
  -ھە ، ئۇنداقتا ياخشى ، راس سىز راسلا قىزىل ھاراق ئىچىپ باقمىغانما ؟
  -ھەئە . ئۈمرۈمدە ئىچىپ باقمىغان.
  -قىززىق ئىش ، ئادەتتە تۇنجى ئىچكەنلەر ئىسىلىپ،قىزىرىپ كىتەتتى ، سىز ھىچنىمە بولمىدىڭىزغۇ ؟ شۇنىڭغا ھەيرانمەن .
  -شۇ ، ئاخشام چىقىپلا قۇسىۋىتىپمەن ، كۆڭلۈم ھازىرغىچە ئىلىشىۋاتىدۇ .-ئايقەمەر چاندۇرماي يالغان سۆزلىمەكتە ئىدى .
-ھە ، بوپتۇ ، ئىشقىلىپ سىزگە رەھمەت ، ھەنىم بولسا دوسلىرىم ئالدىدا خىلى يۈزۈمنى قىلدىڭىز .
-ئەمدى ، ئىككىنجى بارماسمىنا ، ئۇنداق يەرلەرگە .
  -ئالدىرماڭ خان ، بارمايمەن دىگەن تۈگمەنگە يەتتە قىتىم بارىدىغان ئىش بار .
  -ئۆلتۈرىۋەتسىمۇ بارمايمەن .
  -ھە ، بوپتۇ ،خان . ئىشقىلىپ سىزگە كۆپ رەھمەت ، راس ، سوۋغاتنى قاچان ئالغانتىڭىز ؟
  -ئاشخانىدىن چىقىپ ئىلىۋالغان .-ئايقەمەر يەنە بىر قىتىم يالغان ئىيتتى .
  -ھە ، بىز تاماق يىگەن ئاشخانىنىڭ ئەتراپىدا ئۇنداق زەنجىر ساتىدىغان دۇكان يوق تۇرسا ،راس گەپ قىلىڭە ، پەرمان بەردىما ؟
  -ياق ، يولدا ماڭغاندا ئىلىۋالغان ئىدىم .
  -مىنى ئالدىيالمايسىز ئايقەمەر ، ئاشخانىدىن چىقىپ ئۇدۇللا دىباغا بارغان تۇرساق .
  -مەن شۇ ..شۇ..
  -ھاھھا ، قانداق بىلىۋالدىممۇ ؟ پەرمان بىرىپتۇ ھە . پەرمان ئاشۇنداق دوسلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلىدىغان ياخشى بالا . ئىشقىلىپ رەھمەت ، نىمە دىگەن بىلەن دوسلۇرۇم ئالدىدا يۈزۈمنى قىلدىڭىز .ئۇف ، ئەجەپ ھىرىپ كەتتىما ، مەن بىردەم ئارام ئىلىۋالاي جۇمۇ .
  شازادەم كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ،ئارامغا كەتتى . ئەمما شازادەمنىڭ پەرمان توغۇرلۇق قىلغان سۆزلىرى ئايقەمەرنىڭ خىيالىنى يەنە بىر قىتىم پەرمانغا ئاغدۇردى . ئايقەمەر پەرمانغا رەھمەت ئېيتىپ قۇيۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى .دىمىسمۇ ئادەمگەرچلىك ئەمەسمۇ ، ئۇنى ئىككى قىتىم سورۇندىكى خىجالەتتىن قۇتقۇزۇپ قالدى ، يەنە تىخى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئايقەمەرنى ئاقلاپ يۈزىنى يورۇق قىلىپتۇ ئەمەسمۇ . ئايقەمەر يەنە شۇ تىگى يوق خىياللار بىلەن دەرىسىنى تەكرارلاشقا چۈشۈپ كەتتى .
  پەرمان بولسا ئايقەمەرنىڭ گۈزەل چىرايىنى ، ئۇماق ، نازاكەتلىك ناز-كەرەشمىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتمەكتە ئىدى . ئايقەمەر ئۇنىڭ پۈتكۈل خىيالىنى تامام ئالغان ئىدى . ئۇمۇ بۇ گۈزەل جاناننىڭ ۋىسالىنى ئارمان قىلىپ ئۆتمەكتە ئىدى . ھازىرغا قەدەر پەرمانغا ئايقەمەردەك گۈزەل ، لاتاپەتلىك ، جەزبىدار قىز تىخى يولۇقۇپ باقمىغان بولسا كىرەك ، ئىشقىلىپ پەرماننىڭ ئەس-يادى پەقەت ئايقەمەردىلا ئىدى . قانداق قىلىپ بۇ مۇلايىم ، نومۇسچان ، ھايالىق قىزچاق بىلەن ھازىرقى ئادەتتىكى دوستتىن يىقىن دوسلاردەك ،خۇددى شازادەم بىلەن چاقچاقلىشىپ ، ئۆزلىشىپ ئۆتۈشنى ئويلايتى .
  بۇ ياقتا ئايقەمەر بولسا ، تۇرۇپ تۇرۇپ پەرماننى ئويلايدىغان ، پەرماننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك خىياللارنى قىلىدىغان بولۇپ قالدى . ئەتىمالىم بۇ بالاغەتكە يەتكەن قىز-ئوغۇللاردا بولىدىغان خىيال كىرىش دەۋرى بولسا كىرەك . نىمىلا دىگەن بىلەن پەرمان ئۇ ھازىرغا قەدەر گەرچە نەچچە سائەت بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەڭ  ئۇزۇن بىلەن يالغۇز پاراڭلاشقان ھەم بىللە بولغان تۇنجى يىگىت ئىدى ، شۇنداقلا پەرمان ئۇنىڭ قەلپ شىشىسىنى چەككەن تۇنجى يىگىت ، ھەم قالدۇرغان تەسىرى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئايقەمەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوڭلۇق ، چوڭ سۈپەت ، مەرت يىگىت بولدى ...
  ھەي ، ئايقەمەر ، سەن ئۈچۈن مىنى سەن ئۈچۈن قايغۇرۇشقا يەنە بىر قىتىم مەجبۇر قىلدىڭ ، سېنىڭ ئەسلى ئەس يادىڭ ياخشى ئوقۇپ تاغاڭ ئەيساجان مۇئەللىمنىڭ ئىزىنى بىسىپ ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ جەمەتىڭنى ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىرىشىڭ لازىم ئىدى ، بىر قىتىملىق ئەھمىيەتسىز سورۇن سىنى بۇنداق خىياللار سىلىپ قۇيۇشى مىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرماقتا . بەلكىم پەرمان سەن ئويلىغاندەك ئىسىل يىگىتتۇر ، ئەمما ھازىر سىنىڭ تىخى بۇلارنى ئويلايدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس . يەنىلا بۇرۇنقى ھايالىق ، تېرىشچان ئەسلىڭگە قايتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن . شۇندىلا بۇ ھىكايە تولىمۇ ياخشى ئاخىرلىشاتتى ، ئەمما سىنىڭ بۇ ھالىڭنى كۆرۈپ ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى مەنمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن .
  بەلكىم ئايقەمەرگە راستىنلا خىيال كىرگەندۇ ؟ پەرمانمۇ ئۇنى ھەقىقەتەن چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ ؟ مەيلى نىمىلا بولسۇن بۇلارنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولسۇن ، شەيتاننىڭ قەستىدىن ، ئازدۇرىشىدىن يىراق بولسۇن . ئايقەمەر ئەقلى-ھوشىنى تىپىپ يەنىلا بۇرۇنقى بىزنى سۈيۈندۈرگەن ،ئاشۇ ئۇماق ، زىبالىق ھالىتىگە قايتىپ كەلگىيتى ئىلاھىم...

    داۋامى بار.....

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43073
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7447
تۆھپە نۇمۇرى: 792
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 08:14:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ۋە قۇرۇلمىسى توغرىسىدا سۆزلەش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ.چۈنكى ئەسەرنىڭ ئاخىردىكى « داۋامى بار » دىگەن سۆزلا بۇنىڭغا يىتەرلىك دەلىل ئىسپات. مىنىڭ تەكلىپىم ئەسەرنىڭ تىلى خېلىلا خام. تىلغا كۈچەش تىلنى قايتا-قايتا تاۋلاش زۆرۈركەن دەپ قارىدىم.  قالغانغا مۇھتىرەم ئاپتۇر بىر ئويلىنىپ باقسا دىگەن ئۈمىدتە مەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9744
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2304 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 08:53:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن گەرچە پوۋستىڭىزنى ئوقۇپ باقمىغان بولساممۇ سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،
يارايدۇ يېزىڭ بىزدىن ئەمدى داڭلىق يازغۇچىلار ئالەمدىن ئۆتۈپ پەقەت بارماق بىلەن سانىغۇدەك
بىر نەچچىلا يازغۇچىمىز قالدى،  ھەيينېمە دېسەم بولار،،ئۇلار دەپ تۇراي،ئۇلاردىن ئەمدى ئۈمىد يوق. شۇڭا ھەقىقى يازغۇچىلار يەنىلا مۇشۇنداق ياشلارنىڭ ئارسدىن چىقىدۇ،ژورناللاردىكى ھىكايە پوۋستلاردىن مىڭ ئارتۇق ئەسەرلەر توردا بار.شۇڭا مەن تور يازغۇچىلىرنى ياقلايمەن.ئۇلاردىن بەك رايىم قايتىپ كەتتى.
ئەدەبىيات جانباقتلىق قىلدىغان كەسپ ئەمەس بەلكى تالانت ۋە ئۆزىنى بېغشلاش تەلەپ قىلدىغان ئالىيجاناپ كەڭ قورساقلىق تەلەپ قىلدۇ.بۇنى  ئۇلار ھەرگىز بىلمەيدۇ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-9 08:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 04:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى ئەسەركەن .لىكىن بىرنۇقتىنى چۈشەنمىدىم    تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا   قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستوتىغا  ئوقۇشقا كىرىش  مومكىنمۇ ،ياكى بۇ مەكتەپنىڭ   تۇلۇقسىزدىن   ئوقۇغۇچى قۇبۇللاش  سىنىپلىرىنى مەن بىلمەمدىم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش