مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: KETMEN

پوۋىست : ئويغانغان روھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 11:23:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        5- رومكىدىكى مۇھەببەت
- ساۋاقداشلار دىققەت ، بۈگۈن ئۆتىدىغان دەرسىمىز ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا كۆرىنەرلىك زەر گۈھەر كەبى تۆھپىلەرنى قوشقان ، شۇنداقلا ئەدەبىياتىمىزنى تاكاممولاشتۇرغان ،شۇنداقلا تۈرك تىلىغا ئاساس سىلىپ ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە دۇردانىلەرنى تىزغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئۇستازىمىز مەھمۇد قەشقىرى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۈرك تىللار دىۋانىسى ھەققىدە توختىلىمىز . ئالىم بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە بالاساغۇندا توغۇلغان....- سۈلھەت مۇئەللىم بارلىق زىھنى بىلەن دەرس سۆزلەۋاتاتتى . سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار تىمتاس ئولتۇرۇپ ئاڭلىماقتا ئىدى . ئەمما ئايقەمەر بىر نۇقتىغا تىكىلگەن ھالەتتە غەمكىن ئولتۇراتتى . تويۇقسىز سۈلھەت مۇئەللىم :
  -ئايقەمەر – دەپ چاقىرىدى . ئەمما ئايقەمەر ئاڭلىمىدى بولغاي ، يەنىلا كۆزىنى تىكىلگەن نۇقتىسىدىن ئۈزمەي ئولتۇراتتى .
-ئايقەمەر – سۈلھەت مۇئەللىم يەنە بىر قىتىم چاقىردى . ئايقەمەرنىڭ كەينىدە ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشى ئۇنى نوقۇپ مۇئەللىمنىڭ ئۇنى چاقىرۋاتقانلىقىنى ئىيتتى . ئايقەمەر چۈچۈگەن ھالدا :
- ھە ، مۇئەللىم – دىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى .
- سىز سىنىپتىمۇ يا ؟
- ھە ..
  - مەن بايا نىمە توغۇرلۇق دەرس سۆزلىدىم ؟
- سىز ، سىز – ئايقەمەر دۇدۇقلىغان ھالدا ئەتراپقا قارايتى ، پارتىدىشى چاندۇرماي كىتاپتىن ئۆتىۋاتقان مەزمۇنلارنى كۆرسىتىپ قويدى ، ئايقەمەر چوڭ قىلىپ يىزىلغان ماۋزۇنى كۆرىۋىلىپ – مەھمۇد قەشقىرى توغرىسىدا – دەپ جاۋاپ بەردى .
- خوش ، مەھمۇد قەشقىرى توغرىسدا – سۈلھەت مۇئەللىم كىچىك بىر تىنىۋىلىپ سۇئالىنى داۋاملاشتۇردى – ئەمىسە ئايقەمەر ، قاچان ، قەيەردە توغۇلغان ؟
  - مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە1011 –يىلى ، قاراخانىيلار خاندانلىقدا ، بالاساغۇن شەھىرىدە توغۇلغان . يەنى ھازىرقى ئوپالدا ، ئوردا ئەمەلدارى ئائىلىسىدە توغۇلغان .
- ھە ، ياخشى ، دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭ . قىنى ئولتۇرۇڭ .- سۈلھەت مۇئەللىم يەنە دەرىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى . ئايقەمەر گەرچە دەرسنى ئاڭلىمىغان بولسىمۇ توغرا جاۋاپ بىرەلىدى . چۈنكى ئۇ كىچىك چىغىدا تاغىسى ئەيساجاننىڭ يىتەكچىلىكىدە ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەلشىر ناۋايى توغرىسىدا سىستىمىلىق ، ئەتراپلىق تەلىم ئالغان ئىدى ، ئەيساجان مۇئەللىممۇ ئۇنىڭغا بۇ ئولۇغلارنىڭ ئىستىداتى ، كىتاپلىرى ، شۇنداقلا بىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا تارتقان جاپالىرىنى ، يىتۈك تۆھپىلىرىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بىرەتتى . شۇڭا ئايقەمەر مەكتەپكە كىرمەي تۇرۇپلا ساۋادىنى چىقىرىپ بۇ ئولۇغلار ھەققىدىكى ھىكايەت ۋە قىسسەلەرنى يادلاپ بولغان ، شۇنداقلا مەھەللىدىكى كىچىك دوسلىرىنى يىغىپ ئۇلار سۆزلەپ بىرەتتى . شۇڭا ئۇ بايا سۈلھەت مۇئەللىمنىڭ سۇئالىغا تەمتىرىمەيلا جاۋاپ بىرەلىگەن ئىدى . ئەمما ئۇ سۇئالغا توغرا جاۋاپ بىرەلىگەن بىلەن كۆڭلى يەنىلا غەش ئىدى . شۇنداق ، پەرمان ئۇنى بولغىغاندىن بىرى ، ئۆزىنىڭ جىنىدىنمۇ قىممەتلىك بايلىقىدىن، بارلىقىدىن ئايرىلغاندىن بىرى ئۇ شۇنداق غەمكىن بولۇپ شۈكلەپ كەتتى . دەرس ۋاقتى بولامدۇ ، ياكى تاماق يەۋاتقاندا بولامدۇ ، دىققىتى بىر يەردە ئەمەس ،ئۆزىنى ئەيىپلەپ ، ئۆزىدىن نەپرىلىنىپ يۈردى . كەچلىرى ئۇخلىغاندا ئىسىدەپ يىغلايدىغان ، تازلىق ئۆيىگە كىرىۋىلىپ چاچلىرىنى يولۇپ تۇرۇپ پەرياد ئۇرىدىغان بولۇپ قالدى .
  ھەي ، ئايقەمەر ، ساڭا مەن دىگەن ئىدىمغۇ ، شازادەمنىڭ كەينىگە كىرمە ، خاتا باسقان قەدەملىرىڭنى توغۇرلا ، شازادەم سەن ئارىلىشىدىغان قىزلاردىن ئەمەس ، پەرمانمۇ سەن ئويلىغاندەك ۋىجدانلىق ، ساداقەتلىك بالا ئەمەس ، مۇھەببەت بىلەن ئويناشما ، ھىسسىياتنىڭ ، ئاچچىقنىڭ ، ھەسەتنىڭ كەينىگە كىرمە ، سېنىڭ نىشانىڭ ئىنىق ، مەقسىتىڭ روشەن قىز ، ئازراقلا ھىسسىيات ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ نىشانىڭدىن ئاداشما ، مەقسىتىڭنى غۇۋالاشتۇرما ، بىزنى سۈيۈندۈرگەن تېرىشچان ئەسلىڭگە قايتقىن ، دەرسىڭنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ، تاغاڭنىڭ ئىزىنى بويلاپ كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلالايدىغان ياراملىق ئوقۇتقۇچىلاردىن بول دەپ ئىيتمىغانمىدىم . لىكىن سەنچۇ ؟ كىنولاردىكى چىن مۇھەببەتلەرگە ھەۋەس قىلىپ ، ئۆزۈڭگە چىن ۋاپادار ئىزلەپ ھىسسىياتقا بىرىلىپ ، ئاچچىقڭنى ، قورساق كۆپۈكۈڭنى چىقىرىش ئۈچۈن مانا ئەمدى بارلىقىڭدىن ئايرىلدىڭغۇ ؟ سەن ئاكاڭنىڭ سىنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويغاندا ساڭا دىگەنلىرىنى ئويلىشىڭ ، ئۇنىڭ سەن ئۈچۈن قىلغان پىدالىقلىرىنى قەدىرلىشىڭ كىرەك ئىدى . ئەمدىچۇ ؟ قانداق قىلماقچىسەن ؟ ...
   ھىلىقى كۈنى پەرمان ئايقەمەرگە ئويقۇ دورىسى بىرىپ ئۇخلۇتۇپ ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تىگىپ بولۇپ ، ئۇنىڭ يىنىدا ئۇخلىدى . ئەتىسى ئايقەمەر كۆزىنى ئىچىپ پەرماننىڭ يالىڭاچ ھالدا بوينىغا گىرە سىلىپ ياتقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ، ئۆزىگە قارىسا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ، بەدىنى بىر تال يىپمۇ يوق ، كىرلىكتە قىزغۇچ قان دىغى بار ئىدى . ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي ، قاتتىق بىر چىقىرىۋەتتى . ئۇنىڭ ئاۋازىدىن پەرمان چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىدە ، ئۇنىڭ ئاغزىنى ئىتىپ تۇرۇپ :
  - ئايقەمەر ، سۆزۈمگە قۇلاق سىلىڭ ، ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ – دىدى ، ئەمما ئايقەمەر ئۇنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا قولاق سالماي ئۇنىڭ قولىنى چىشلىدى ، پەرمان چىدىيالماي قولىنى تارتىۋالدى ، ئايقەمەر يەنە چىقىرىدى ، ئۇ ئەسەبىيلەرچە چاچلىرىنى يولۇپ تۇرۇپ چىقىرايتى . پەرمان يەنە ئۇنىڭ ئاغزىنى ئەتمەكچى بولدى ، ئەمما ئايقەمەر ئۇنى ئۆزىگە يىقىن يولاتماي ، كىيىملىرىنى ئۇنىڭ يۈزىگە ئىتىپ تۇرۇپ :
  -چىقىپ كەت ، ۋۇ ھايۋان ، ئادەم ئەمەس ، مۇناپىق ، سەنمۇ ئادەم بولدۇڭمۇ ؟ سەن مىنى ئالدىدىڭ ، مىنى بولغۇدۇڭ ، نابۇت قىلدىڭ ، يوقال ، ھايۋان – دەپ يىغلاپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى ، پەرمان ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئەسەبىيلىشىپ كەتكىنىدىن قورقتى بولغاي كىيىملىرىنى كەيگەچ:
  - بولىدۇ ، مەن چىقىپ كىتەي ، ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ ، بولىدىغان ئىش بولدى ، مەن سەل تۇرۇپ كىرەي ، ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ ، ئەخمەقلىق قىلماڭ ئايقەمەر ، دىدىمغۇ ، ئوقۇشىڭىز پۈتكەن ھامان بىز توي قىلىمىز ، راس دەۋاتىمەن . ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ ، مەن سىزگە چۈشەندۈرەي ..
- يوقال ، ئىككىنجى كۆزۈمگە كۆرۈنمە .- ئايقەمەر ۋارقىراپ تۇرۇپ ئۇنى ياتاقتىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى . ئۇ يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغلىماقتا ئىدى . ئەمدى ئۇ قانداق قىلسۇن ؟ ئۆلىۋالسۇنمۇ ؟ ئۇ ئەمدى قانداق ياشايدۇ ؟ ئۇنىڭ كەلگۈسى ،بارلىقى پەرماننىڭ قاباھەتلىك قولىدا ۋەيران بولدى –دە . ئايقەمەرنىڭ خىيالى چىچىلىپ تۇرغاندا پەرمان قولىدا تاماق ئىلىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ئاستا ئايقەمەرگە يىقىنلىشىپ :
- قورسىڭىز ئاچقاندۇ ؟ ئازراق تاماق يەۋىلىڭ – دەپ تاماقنى ئۇنىڭغا ئۇزارتتى . ئەمما ئايقەمەر تاماققا قارىماستىن پەرماننىڭ كۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى . پەرمان تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغاچ :
- كەچۈرۈڭ ئايقەمەر ، مەن ھەقىقەتەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ، ئەسلى ئۇنداق قىلماسلىقىم كىرەك ئىدى ، ئەمما ئاخشام شۇ ؟
  - ئاخشام نىمە بولدى ؟
- شۇ ، مەنمۇ ئۆزۈمنى بىسىۋالالماپتىمەن ، شۇ سىزمۇ ؟
- مەن ، مەن نىمە قىلدىم ؟
- ئۆزىڭىز بىلەسىز ؟
  - شۇ مەن نىمە قىلدىم ، پەقەت سەن نىجىس ئىلىپ كىرگەن ، توخو بىلەن دوغنى ئىچىكىنىمنى بىلىمەن ، ئاندىن نىمە ئىش بولدى ؟
  - ئاندىن نىمە ئىش ، بولاتتى ، يىقىنلىق قىلسام ئۆزىڭىز بوينۇمدىن گىرە سىلىۋالدىڭىز ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىلىمىز ئۆزىمىز تۇتىۋالمىدۇق شۇ ، بۇ يالغۇز مىنىڭلا خاتالىقىم ئەمەس .
- نىمە ؟ مەن شۇنداق قىلدىمما ؟- ئايقەمەر پەرماننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۈنۈگۈن ئاخشامنى قاتتىق ئەسلىدى ، ئەمما ھىچنەرسىنى ئىسىگە ئالالماي :
- مىنىڭ ھىچنىمە يادىمدا يوققۇ، چوقۇم سەن نىجىس مۇناپىق بىرە شۇملۇق  قىلدىڭ ، شۇنداقمۇ ؟
  - ماڭا قاراڭ ، مەندە ۋىجدان بار جۇمۇ ، ئۆزۈم توي قىلىمەن دىگەن قىز بىلەن بوزۇقچىلىق قىلىدىغان ئۇنچىلىك پەس ئادەم ئەمەس ، مەن خىلى ۋىجدانى بار ، ئاق قارىنى بىلىدىغان ئوغۇل بالا ، ئەگەر كۆڭۈل ئاچىمەن دىسەم ، ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز ، ماڭا قىز دىگەن ساماندەك ، تولا ھەممە ئىشنى ماڭا دۆڭگەۋەرمەڭ .  
- بەك نومۇسسىز ھايۋاندىنمۇ بەتەر ئىپلاسكەنسەن پەرمان ، سەن يەنىلا ئۆزەڭنى ئاقلاۋاتىسەنغۇ ؟
- ئەمدى ، مىنى تىللاۋەرمەڭ ، مىنى چۈشەندۈرىشىم تۈگىدى ، چاۋاڭ بىر قولدىن چىقمايدۇ ، ئۆزىڭىز ئولتۇرۇپ ئوبدان ئويلاپ بىقىڭ ، مەن چىقىپ كەتتىم ، ئىش بولسا تېلفۇن قىلىڭ ، مەن دىدىمغۇ ، مەن ھەممە ئىشقا مەسئۇل بولىمەن دەپ ، سىزنى ئالىمەن دىدىممۇ چوقۇم ئالىمەن ، مىنىڭ قەلبىمدە پەقەت سىزلا بار .- پەرمان شۇنداق دىگىنىچە چىقىپ كەتتى . ئەمما ئايقەمەر يەنە شۇ باش ئاخىرى يوق ، چىگىش خىياللار بىلەن قالدى . ئۇ ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلارنى پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن ئەسلەپ باقتى ، ئەمما ، ھىچنىمىنى ئەسلىيەلمىدى . ئەجىبا پەرماننىڭ دىگىنى راسمىدۇ ؟ ئۇ راسلا ئۆزىنى توتىۋالالماي پەرمان بىلەن بىللە بولغانمىدۇ ؟ پەرمان دىگىنىدەك ئۇنىڭغا ئىگە بولۇپ ، ئۇنى چىن قەلبىدىن سۆيۈپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلامۇ ؟ئايقەمەرنىڭ كاللىسىدا ئۆزىمۇ جاۋابىنى بىلەميدىغان باش ئاخىرى يوق بۇ چىگىش خىياللار ئەگىيتى .
  ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتتى ، ئۇ يەنىلا ئاشۇ سۇئاللىرىغا جاۋاپ تىپىش بىلەن بەند بولۇپ ، ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى ، نىمە يەۋاتقانلىقىنى ، مۇئەللىملەرنىڭ نىمە مەزمۇندا دەرس سۆزلەۋاتقانلىقىنى ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ، ياتاقداشلىرىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيتى . تاپشۇرۇقلارنىمۇ چالا ھەم خاتا ئىشلەۋاتاتتى .
  نەچچە كۈندىن كىيىن پەرمان ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدى ، ئۇچۇرىدا : ئاچچىقىڭىز ياندىمۇ ؟ سىز بىلەن كۆرىشەي دىگەن ، ئەتە كەچتە مەكتەپ يىنىدىكى ھىلىقى ئاشخانىدا ساقلايمەن ، چوقۇم چىقىڭ – دەپ يوللىغان ئىدى . ئايقەمەر قانداق ئۇچۇر يىزىشىنى بىلمەي ، ئۇنىڭغا ئۇچۇرمۇ قايتۇرمىدى . ئۇنىڭ كاللىسىدا بىلەن كۆرىشەيمۇ ؟ كۆرۈشمەيمۇ ؟ دىگەن زىدىيەتلىك سۇئاللار تىركەشمەكتە ئىدى . ئۇ ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىپ نىمە مەقسىتى بارلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى زادى چىن مۇھەببەتمۇ ؟ ياكى ئايرىلىپ كىتەمدۇ ؟ شۇنى بىلىپ باقماقچى بولدى .
  ئايقەمەر دىيىشكەن يەرگە بارغاندا پەرمان ئاللىبۇرۇپ بىرىپ ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى . ئۇ ئايقەمەرنى كۆرۈپ يىنىغا تەكلىپ قىلدى ، ئەمما ئايقەمەر بارغىلى ئۇنىمىدى ، پەرمان ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ ئۇنى بىرىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ، ئۇ ماشىنىدا دىيىشەيلى دەپ چىقىپ كەتتى ، پەرمانمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقتى . ئۇلار ماشىنىغا چىققاندا پەرمان ئۇنىڭدىن :
-نەگە بارىمىز دەپ سورىدى . -ئايقەمەر :
-خالىي يەرگە ھەيدەڭ -دىدى . پەرمان ماشىنىنى ھەيدەپ شەھەر سىرتىغا يىقىپ بىر خالىي يەردە توختىدى ، سىرت گەرچە قاراڭغۇ بولسىمۇ ، ئايقەمەر دەرىزىگە قاراپ ئولتۇردى . پەرمانمۇ سۆزنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي ، رولنى تۇتۇپ ، ئۇيان-بۇيانغا قاراپ ئولتۇردى . ماشىنىدا جىمجىت سۈكۈت ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندە ئايقەمەر :
  - دەڭە ، نىمە ئىش بارتى ؟ - دەپ جىمجىتلىقنى بۇزدى .
  - شۇ ، باشقا ئىشمۇ يوق ، سىزدىن ئەنسىرەت ئىزدىگەن ، سىزنى ئاچچىقىدا بىرە ئەخمەقلىق قىلىپ قويارمۇ دەپ ئەنسىرەپ شۇ .
- ئەخمەقلىق ؟ قانداق ئەخمەقلىق ؟ ئەگەر ئەخمەقلىق دىسە ، ئەخمەقلىقىم دەل سىزنىڭ كەينىڭىزدىن يۈگرەپ ، سىزگە ئىشەنگىنىم مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەخمەقلىقىم .
  - ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ئايقەمەر ، مەن راسلا سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، ئەمدى بولغۇلۇق بوپتۇ ، قانداق قىلىمىز ؟ ماڭا ئىشىنىڭ مەن چوقۇم سىزگە ئىگە بولىمەن . سىزنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ ئۆتىمەن . راس دەۋاتىمەن ئايقەمەر .
- مۇشۇنداق قەدىرلەمسىز ؟ مۇشۇ سىزنىڭ قەدىرلىگىنىڭىزما ؟ سىز دەپسەندە قىلىش بىلەن قەدىرلەشنى ئالماشتۇرۇپ قۇيىۋاتامسىز يا ؟
- مەن دىدىمغۇ ، ئۇ كۈنى ئىككەيلەن ئۆزىمىزنى تۇتالمىدۇق دەپ ، ئەگەر سىزنى دەپسەندە قىلغان بولسام ، سىزنى يەنە ئىزدەمتىم ؟ سىزدىن ئەنسىرەمدىم ؟ ئوبدانراق ئويلاپ بىقىڭ .
- پەرمان ، دىگەنلىرىڭىز راسما ؟
- ئەلۋەتتە . مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، شۇڭا ئايقەمەر ، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ ، ئوقۇشىڭىز پۈتكەن ھامان ئۆيدىكىلەرنى ئەۋەتىمەن ، ئاندىن تويىمىزنى قىلىمىز . سىز مەڭگۈ مىنىڭ . ئەسلى مىنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇم يوقتى ، شۇ سىزنى ئۆمۈرلۈك ئۆزەمنىڭ قىلىۋالاي ، پەقەت ماڭىلا مەنسۇپ بولسۇن دەپلا شۇنداق قىلدىم ، بۇ بەلكىم مىنىڭ سىزنى ھەددىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتكىنىمدۇ ، ماڭا ئىشىنىڭ ئايقەمەر .
- پەرمان ، مىنى ئالدىماڭ ، راس گەپ قىلسام مىنىڭمۇ ھازىر سىزدىن ئايرىلىشقا ئامالىم يوق ، مەن ئەمدى سىزنىڭ ئادىمىڭىز بولۇپ قالدىم ، مىنى ئالدىماڭ ، بولامدۇ ، راس گەپ قىلسام مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، مىنىڭ مۇھەببىتىمگە خىيانەت قىلماڭ . بولامدۇ ؟
- ئەلۋەتتە جىنىم ، بىز دىگەن ئاشۇ خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر دىگەنلەردىن . سىزنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ ئۆتىمەن . ماڭا ئىشىنىڭ . – پەرمان ئايقەمەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى . ئايقەمەر ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۆزمەي تۇراتتى . پەرمان ئايقەمەرنىڭ لىۋىگە لىۋىنى ئۇزاتتى . ئايقەمەرمۇ ئۇنىڭغا يىقىنلاشتى ، لەۋلەر يەنە ئۇچراشتى ....
ھەي ، ساددا قىز ، بارلىقىڭنى ، قەدىر-قىممىتىڭنى نابۇت قىلغان بۇ نائەھلىگە يەنە ئىشىنىۋاتىسەندە ، قاچانمۇ ئەقلىڭنى تاپارسەن . ھىسسىياتنىڭ كەينىگە كىرمىسەڭ بولاتتىغۇ ؟ سەن بەلكىم مەن ئەمدى پەرمانغا تىگىل بولۇپ بولدۇم ، مىنىڭ بارلىقىم ئۇنىڭ قولىدا ، ئۇ مىنى نائۈمىد قويمايدۇ ، ئۇ ۋىجدانلىق ئىسىل يىگىت دەپ خام خىيال ، خام تەمەدە يۈرىۋاتامسەن ؟ ئەقلىڭنى تاپساڭ بولاتتى ئايقەمەر ...
ئۇلارنىڭ شىرىن كۈنلىرى يەنە باشلاندى ، ئەمدى بولسا بۇرۇنقىدىنمۇ يىقىنلاپ ھەپتە ئون كۈندە بىرە قىتىم ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتىدە بولىدىغان بولۇپ قالدى . چۈنكى كەيپ ، ھىسسىيات دىگەن ئەنە شۇنداق خۇمارلىق نەرسە ، كۈنۈپ قالدىمۇ باشقىنى ئويلىمايدىغان بولۇپ كىتىدىغان گەپ . ئايقەمەرمۇ پەرمانغا كۈنۈپ قالدى ، ئىككىنجى كىرمەيمەن دىگەن دىسكوخانىلار ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئارامگاھى بولۇپ قالدى . تىخى ئانچە مۇنچە بىر رومكىدىنمۇ ئىچىپ قوياتتى . دىسكوخانىغا كىرگەن پەرماننىڭ ئاغىنىلىرى ، تونۇشلىرى بىلەن بىللە قاقاقلاپ كۈلۈپ ، يايراپ كىتەتتى ، ئىشقىلىپ بۇ ساددا قىز ئەمدىلىكتە ھىچ نەرسىدىن يانمايدىغان بولۇپ كەتتى . ئۇسسۇل ، تانسىغىمۇ ئۇستاپ بولۇپ كەتتى ، بەزىدە پەرمان بىلەن ، بەزىدە ئاغىنىلىرى بىلەن بىر ئىككى قول ئويناپ قويىدۇ-تىخى . پەرماننىڭ ئاغىنىلىرى بەزىدە ئۇ قىز بىلەن بەزىدە بۇ قىز بىلەن بىللە كىلەتتى . ئايقەمەر ئەجەبلىنىپ :
- ھىلىقى كۈندىكى دوستىڭىز قىنى دىسە ؟ - ئۇلار :
- نىمىسىنى دەيسىز ، ئايرىلىپ كەتتۇق . قانداق قىلىمىز كىلىشەلمىسەك – دەپ جاۋاپ بىرەتتى ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كەتكەن سۆيگەنلىرى يەنە باشقا دوسلىرى بىلەن ئارلىشىپ مۇھەببەتلىشىپ كىتەتتى . ئۇلار بەزىدە ئۇچرىشىپ قالسىمۇ بىر-بىرىدىن تەپتارتىپ ، ھىيقىپ كەتمەيتى ، تىخى سالاملىشىپمۇ قالاتتى .
بىر شەنبە كۈنى ئايقەمەر دەرس تەكرارلايمەن دەپ ئۆيگە قايتماي پەرمان بىلەن يىڭى ئىچىلغان مىڭ بىر كىچە ناملىق دىسكوخانىغا باردى . دىسكوخانا ئاجايىپ ھەشەمەت ياسالغان بولۇپ ، ئايرىمخانىلىرى ، ئۇسسۇل سەھنىلىرى ، زالدىن تارتىپ ئالاھىدە زىننەتلەنگەن ئىدى . كىرگەن كىشىگە ئاجايىپ ئىستىتىك زوق بىرەتتى . پەرمان بىلەن ئايقەمەر بىر ئايرىمخانىغا كىرىپ يەنە شۇ مۇھەببەتلىك پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى . بىر چاغدا رىياسەتچىنىڭ :
- بۈگۈن دوستىمىز ئىرشاتنىڭ توغۇلغان كۈنى ، شۇڭا ئۇنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمىز ،  شۇنداقلا ھەممەيلەننىڭ دوستىمىز توغۇلغان كۈن شەرىپىگە شوخ بىر پەدە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ بىرىشىكە تەكلىپ قىلىمىز ، قىنى مەرھەمەت . مۇزىكا !.- شۇنىڭ بىلەن بىر پەدە شوخ رىتملىق چىمەنزار دىگەن مۇزىكا قولاقنى يارغۇدەك دەرىجىدە باشلاندى . كەلگەن مىھمانلارمۇ ئۇسسۇلغا چۈشتى . ئۇسسۇلمۇ تازا قىززىدى ، ئاندىن رىياسەتچى چىقىپ :
- ئەمدى ، شەھرىمىز پارلاۋاتقان چولپان ئارسلاننى تەكلىپ قىلىمىز ، ئۇنىڭ ئىجراسىدا ناخشا...- دەپ توۋلىدى ، ئارسلان ئىسىملىك بۇ چولپاننىڭ لەقىمى مەڭ بۇلۇپ سول يۈزىدە قوناق دىنىدىن چوڭراق مىڭى بار ئىدى . شۇنداقلا بۇ چولپان ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ بىر نەچچە ناخشا پلاستىنكىسى چىقارغان بولغاچقا ، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ئىدى . ئۇنىڭ ناخشا ئىيتىش ئۇسلۇبى ، ئاۋاز شەكلىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ ، ئاساسەن شوخ ناخشىلارنى ئىيتىپ خىلىلا ئالقىشقا ئىرىشكەن ئىدى . ئايقەمەر بۇرۇن يىزا بازارىدىكى دوغخانا ، ئاشخانىلاردا ئۇنىڭ سۆرەتلىك ناخشىلىرىنى كۆرگەچكە ئۇنى كۆرۈپلا ھەيران قالدى .
- بۇ ھىلىقى ، ۋاپاسىز يار دىگەن ناخشىنى ئىيتقان بالىغۇ ؟-دەپ سورىدى ئايقەمەر پەرماندىن .
- ھە شۇ ، ئۇنى بىلىدىكەنسىز ھە ؟
- ئەلۋەتتە ، بۇرۇن ناخشىلىرىغا خىلى ئامراقتىم ، توۋا خىلى تالانتلىق ناخشىچى تۇرۇپ بۇ يەردە نىمە قىلىدىغاندۇ ؟
- قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز ، بۇ رودىپاي ناخشىچىلار مۇشۇ يەردە تونۇلۇپ ئاندىن پلاستىنكا چىرىدۇ ، بۇ يەر ئۇلارنى تۇنىتىدىغان ، چىنىقتۇرىدىغان سەھنە .
- شۇنداقمۇ ؟
- ئەلۋەتتە ، بەزىدە تىخى بۇنىڭدىنمۇ داڭلىق ناخشچىلار كىلىپ ئويۇن قۇيىدۇ تىخى ، ھىلىقى كىمتى ، دەرۋىشمۇ يا سەۋدامۇ ئاشۇنداق بىر لەقىمى بار ناخشىچى بارغۇ ، ئۇمۇ قويۇننىڭ كونا ناخشىچىسى ئىدى ، كىيىن بارغانچە تونۇلۇپ پلاستىنكا چىقىرىپ ، تىخى قويۇندا ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزۈپ خىلى ھاللىنىپ بىيىپ قالدى ، گۇي، ئەمدى ناخشا ئىيتىشنى باشلىغان چاغدا ، پەرمان ئاداش ، دەپ ئارقامدىن يۈرەتتى ، مانا ھازىر تونۇمايدۇ تىخى ، يۈزسىز گۇيلار ، بۇ ناخشىچى دىگەن بولۇپمۇ مۇشۇ دىباچى ناخشىچىلار تونۇلغىچە بىز دىگەن دوست ، ئانداغەي ، مانداغەي دەپ يۈرىيدۇ ، تونۇلىۋالدىما ئادەم تونۇمايدۇ . ئاجايىپ بىر خەقتە بۇ .
- ھە ، مۇنداق دەڭ – ئۇلارنىڭ پارىڭى ئەمدى سەنئەتتىن ھالقىپ ، يەنە شۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلىك پاراڭلىرىغا ، ئاجايىپ گۈزەل خىياللىرى ھەققىدە بولۇشقا باشلىدى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەڭنىڭ مىكروفۇننى توتۇپ تۇرۇپ :
- دوسلارنىڭ قىزغىن ئالقىشقىلىرى شۇنداقلا ، شوخ ئۇسسۇللىرىغا رەھمەت ، بەلكىم ئۇسسۇل ئويناپ چارچىغانسىلە ، ئەمدى بىرەدەم ئارام ئالغان تانسا ئويناڭلار ، ئەمدى ھوزۇرۇڭلاردا يىڭى ئىجادىي ناخشام ، مەيىن شامالدا ، قىنى دوسلار لەرزان قەدىمىڭلار بىلەن بىر قول تانسىغا مەرھەمەت .- مەڭنىڭ سۆزى تۈگەپ تۇرىشىغا ، مۇڭلۇق ، لىرىك ئاھاڭدىكى تانسا مۇزىكىسى قويۇلدى ، بايا بىر-بىرى بىلەن شوخ ئۇسسۇل ئوينىغان ياشلار ئەمدى ، بىر-بىرىگە گىرە سىلىپ ، يىنىك قەدەملەر بىلەن تانسىغا چۈشتى .پەرمان ئايقەمەرگە :
- قۇپۇڭە جىنىم ، بىرە قول ئوينايلى – دەپ ئايقەمەرنىڭ بىلىدىن قوچاقلاپ تانسىغا چۈشۈپ كەتتى . ناخشا يەنىلا لەرزان ئىيتىلماقتا ، سەھنىدىكىلەرمۇ يىنىك قەدەم بىلەن ئوينىماقتا ئىدى . تانسا ئاخىرلىشىپ تۇرىشىغا رىياسەتچى چىقىپ :
- ئەمدى تانسا ئويناپ ھاردۇقىڭلار چىققان بولسا ، بۇ يىلقى ئەڭ مودا ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان گاڭنام سىتايغا بىر مەيدان ئات چاپتۇرساق – دەپ توۋلىدى . خەلقئارادا زور ئالقىشقا ئىرىشكەن بۇ ناخشا قويىلىشى بىلەن قىز ئوغۇللار قوللىرىنى جۈپلەپ ، تاقلاپ ، سەكرەپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى . ئۇلار بىر دەم سەكرەپ بىردەم قوللىرىنى كۈتۈرىۋىلىپ ئاتقا قامچا سىلىۋاتقان ھەركەتلەرنى قىلىپ پىرقىرىماقتا ئىدى .
توۋا ، بىز خەقنىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوقتە ، ئۆزىمىزنىڭ شوخ ئۇسسۇللىرىنى مەردانە قەدەم تاشلاپ ، غۇلاچ تاشلاپ تۈزۈك ئوينىيالمىز ، لىكىن خەقنىڭ ناخشا ئۇسسۇللىرىنى شۇ قەدەر دوراپ ، ئوخشۇتۇپ ، تىخى ئۇلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ ئوينىۋىتىمىز-دە . ئىشتاننىڭ ئىغىغا مىنىۋىلىپ تىخى ئات ئۇسسۇلى ئويناپ ، قامچا سىلىشچۇ ؟ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز زامانلاردا ئاشۇ مەردانە قەدەملىرى بىلەن ، ئوتلۇق مەيدىلىرىنى كېرىپ ، غۇلاچ تاشلاپ ئۇسسۇل ئويناپ ، قوللىرىنى ئاسمانغا تاشلاپ ، چۆرگىلەپ ، چەبدەس قەدەملەر بىلەن سالغان سامالار بىلەن ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ، مەردانە روھىنى ئۇسسۇل بىلەن شۇنداق ئوبرازلىق ، جەزبىدار ئىپادىلەپ ، نۇرغۇن قىزلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت سالاتتى . ئەمدىلىكچۇ ؟ نەدىكى بولمىغۇر ، ھەركەت شەكىللىرىدىن ھىچقانداق مەزمۇن ئىپادىلەنمەيدىغان بىر نەرسىلەرنى ئەخمەقلەرچە قوبۇل قىلىپ ، ئۇنى تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىۋىتمىز ، ھەتتا شۇ سەنئەتنىڭ ئىجادچىلىرىدىنمۇ ئاشۇرىۋىتىمىز . توغرا سەنئەت مىللەت ، تىل چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان تەرجىمانسىز تىل . ئەمما ھەممە ئىشىنىڭ چىكى بولۇشى كىرەكتە . ئەگەر خەقنىڭكىنى قەدىرلەپ ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۇنتۇپ ، تەرەققىي قىلدۇرماي ، دۇنياغا يۈزلەندۈرمەي ، دۇنيا خەلقىگە تونۇتماي ئۆتسەك ، ئۇ ھالدا ئاقىۋەت نىمە بولماقچى ؟ ئۆزىمىز قەدىرلىمىگەن نەرسىنى خەق قەدىرلەمدۇ ؟ تۆگە مىنىۋىلىپ تۈگمە ئىزدەپ ، تۈگمىنى تاپقاندا تۆگىنى يوقاتساق ؟ ھەي ، بوپتۇ ، بۇلارمۇ بىر كۈنى ئەقلىنى تاپار . يەنىلا ئۈمىد بىلەن ياشايلى .
گاڭنام ئۇسلۇبى ئاياغلاشمايلا ئايقەمەر پەرمانغا چىقىپ كىتىشىنى ئىيتتى . پەرمانمۇ قوشۇلدى . ئۇلار چىققاندا سائەت ئاللىبۇرۇن 11 دىن ئاشقان ئىدى . پەرماي ئايقەمەرنى ئىلىپ بىردەم ھاۋا يىگەچ شەھەرنى ئايلاندۇردى . ئاندىن يەنە مىھمانخانىغا بىرىپ ياتاق ئىچىپ ئارامغا تەگدى .يەنىلا شىرىن مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ، شىكەردەك تاتلىق گەپلەر بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇتۇش ھازىر ئۇلارنىڭ ھەپتىلىك تاپشۇرۇقىدەكلا بولۇپ قالدى .
كۈنلەر يەنە شۇنداق ئۆتمەكتە ، ئىككى ئاشىق-مەشۇق مۇھەببەت دىڭىزىدا لەرزان ئۈزمەكتە . ئايقەمەرنىڭ ئوقۇش نەتىجىلىرى ئەمدى ئازراق ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى ، چۈنكى ئۇ پەرمان ماڭا ئىگە بولىدۇ ، مىنى نائۈمىد قويمايدۇ دەپ ئويلىغاچقىمىكى زىھنى بۇرۇنقىدەك چىچىلىپ كەتمىدى .
پەرمان بىلەن ئەپلىشىپ قالغاندىن بىرى ئۇ شازادەم بىلەن يەنە بىر نەچچە قىتىم تەگىشىپمۇ قالدى . بىر قىتىم ئايقەمەر كەچتە ياتاققا كەلمەي ، پەرمان بىلەن سىرتتا تۈنەپ قالدى . ئەتىسى كەلسە شازادەم ياتاقتا يالغۇز ئولتۇراتتى . ئۇ ئايقەمەرنى كۆرۈپلا ئەرۋايى ئۇچتى . ئايقەمەرمۇ ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ كارۋىتىغا كىلىپ ئولتۇردى . شازادەم كارۋىتىدا غىڭشىپ يىتىۋاتاتتى . ئايقەمەر دەرس تەكرارلىماقچى بولۇپ كىتاپنى قولىغا ئىلىپ ، دەرسلىرىنى كۆرىۋاتاتتى . ئايقەمەر شازادەمنىڭ كۆزىگە ئاجايىپ سەت كۆرىنىپ تۇراتتى ، ئۇ قەستەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاچچىقىنى چىقىرىشقا بانا تاپالماي تۇراتتى . پەرماننىڭ قاراپ تۇرۇپ مۇشۇ سەھرالىق كۆيۈپ قالدى ، بۇ سەھرالىق تومپاي ئۇنى مەندىن تارتىۋالدى دەپ ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن تىت-تىت بولۇپ يۈرەتتى . ھەر قىتىم ئۇرۇشقاندا ياتاقداشلىرى ئۇلارنى ئاجرىتىۋالاتتى. ئەمما بۇ قىتىم ئۇلار يالغۇز بۇنىڭدىن ياخشى پۇرسەت يوق ، ئەمدى ھەممە ھىساۋاتنى قىلىپ ، ئۈچۈمنى ئالمىسام دەپ ئويلىغان شازادەم ،يانفۇننىڭ تىڭشىغۇچىنى قۇلىقىغا سىلىپ ، ۋارقىراپ ناخشا ئىيتىشىقا باشلىدى . ئايقەمەر ئۇنىڭ غەۋغاسىغا چىدىماي :
- بوشراق توۋلىسىڭىز بوپتىكەن ، دەرس تەكرارلىيالمايۋاتىمەن- دىدى .
- نىمە ؟
- بوشراق توۋلىسىڭىز ؟
- چىڭ توۋلىسام قانداق قىلىسەن ؟
- سىزنى بىر قانداق قىلاي دىمىدىم ، دەرس تەكرارلاۋاتقانتىم .
- تىخى بىر قانداقمۇ قىلالامتىڭ ، ئۇرىۋىتىغان ئوخشىمامسەن ؟ ياكى بىر نىمەمنى بىر قانداق قىلامتىڭ ؟ چىڭ ۋارقىرايمەن قانداق قىلىسە ؟
- تولا ئۆھتەملىك قىلماڭ ، سىزنى ھۆرمەتلىگەننى بىلسىڭىز بولاتتى ؟
- ھە ، مەنچۇ نەدىكى كىچىسى بىر كىملەرگە ھەمراھ بولۇپ ، كۆكىنى ساتىدىغان تومپاي راسۋا ، قانجۇقلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيمەن . پاسكىنا رەسۋانىڭ گەپ قىلمىسا ، شەھەرگە كەلگىنىگە تۆت كۈن بولماي تۇرۇپ ھالىنى كۆرمىسە ، بۇزۇق .
- ھەي نىمە ئادەم تىللايسەن ؟
- تىللىسام قانداق قىلىتىڭ ؟ پەرماننىڭ پاتاڭلىرىنى يەپ خىلى خورىكىڭ چىقىپ قالغان ئوخشىمامدۇ ، پاسكىنا رەسۋا .
- ئۆزەڭچۇ ؟ كەچكىچە دىبادىن كىلەلمەي ، قايسى بالىنىڭ پۇلى باردۇ ؟ قايسىسىنىڭ بىر نىمىسى يوغاندۇ دەپ بەز مارىغان مۈشۈكتەك تىمسىقىلاپ يۈرىسەن . يۈرىلىسەڭچۇ سەنمۇ يۈر . قانداق ؟ نىمە گەپ قىلمىسا ئەزلەۋەيدۇ ما جالاپ .
- كىم جالاپكەن ، ئاغزىڭغا بىقىپ گەپ قىل جۇمۇ پاسكىنا ، يۈرسەڭمۇ شۇ مەندىن ئاشقانقىنى بىلەن يۈرىۋاتىسەن . ئۆزەڭچە بەك يوغىناپ كەتكەن ئوخشىمامسەن ، مەينەپ قانجۇق.
- ئاشقىنى دەپ قوي ، شۇ سەندەك سۈيى يوق تىگى پەس ، قىزلىقىنىڭمۇ تايىنى يوق ، نەچچە ئوغۇلنىڭ تىگىدىن قوپقاننى ياراتماي ، مەن بىلەن يۈردى بىلىپ قوي .
- كىم دەۋاتىسەن ، ما رەسۋا نىمانداق ئاچچىقىمنى كەلتۈرىدۇ .- شازادەم ئاچچىقىدا ئايقەمەرگە ئىتىلىپ باردى .
- سىنى دەۋاتىمەن ، يالغانما ؟ بازارلىقى يوق قانجۇق .- دىدى ئايقەمەرمۇ بوش كەلمەي .
- ما پاسكىنىنى ، ئەجەپ بەك چوڭ سۆزلەيدا ، تىخى قىزلىقى يوق دەپ كىتىشلىرىنى ، مەن بىرسى بىلەن ياتقاندا خۇددى بىرى چىراق يىقىپ بەرگەندەك ، ساڭا ئوخشاش لالما ئىتتەك يۇندا يالاپ يۈرمەيمەن مەن ، بىلىپ قوي ، تىخى ئاچاڭنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۇچىنىمۇ بىرەسى تۇتۇپ قويغىنى يوق .
- ھە، مۇنداق دەپ ، ئۇنداقتا بىلىپ قوي ، ماڭىمۇ تىخى بىرە ئەركەك چىۋىن قونۇپمۇ باقمىغان . ساڭا ئوخشاش كىمنى كۆرسە كەينىدىن يۈرىدىغان بازار قانجۇقى ئەمەسمەن .
- ما پاسكىنىنى ، ئەجەپ جىلە قىلدا ، نىمە دەيسەن ، پاسىكنا جالاپ .
- جالاپ دىگەن سەن . – ئايقەمەرنىڭ گىپى تۈگىمەيلا شازادەم ئايقەمەرنىڭ كاچىتىغا چاڭڭىدە قىلىپ بىرنى سالدى . ئايقەمەرمۇ ئۇنىڭ چىچىدىن تۇتىۋىلىپ پومداقلىشىپ كەتتى . ئىككەيلەن خۇددى تالاشقا سالغان ئىتتەك بىر- بىرىنىڭ چىچىدىن تارتىپ ، يۈز-كۆز ، بۇيۇنلىرىنى مورىلاپ ئۇرۇشۇپ كەتتى . ئۇرۇشقاچ تىللىشاتتى .
- ھىلى سەن پاسكىنىنىڭ پەرمان چالا ئالغان قىزلىقىڭنى تىپىپ يىرتىۋەتمەي ، پاسكىنا رەسۋا .
- قولۇڭدىن كەلسە قىل ، ئىشتىنى بىلىدە تۇرمايدىغان ، قاغدالما پاسكىنا . – ئۇلار ئۇرۇشۇپ تازا ئەۋجىگە چىققاندا ، ياتاقتىكى ۋاراڭ چۇرۇڭنى ئاڭلىغان نۆۋەتچى مۇئەللىم ئۇلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ :
- نىمە بولاشتىڭلا ، قىز بالا تۇرۇپمۇ ئۇرۇشامدۇ ، ۋۇ نۇمۇس قىلمايدىغانلار – دەپ ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتتى . ئەمما ئۇلار يەنىلا بىر-بىرىنى ئەڭ سەت تىل بىلەن تىللايتى . نۆۋەتچى مۇئەللىم ئۇلارنى ئاجرىتىپ ئىشخانىسىغا ئىلىپ كىردى . ئايقەمەرنىڭ بۇرنى قانىغان ، شازادەمنىڭ يۈزى ، بويى مورىلانغان ئىدى . نۆۋەتچى مۇئەللىم ئۇلاردىن ئىشنىڭ تەپسىلاتى سورىدى :
- ھە ، نىمە بولدى ، نومۇس قىلماي قىز بالا تۇرۇپ بىر-بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتتىڭلارما ؟ ئاغزىڭلاردىن چىققان قانداق گەپ ئۇ ؟ ئوقۇغۇچىلار ، يەنى كىلىپ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ، كەلگۈسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئەۋلاد تەربىيلەيدىغانلارنىڭ ئاغزىدىن ھىلىتىنلا پوقتىن مەينەت سۆزلەر چىقامدۇ ؟ ئايقەمەر سىز دەڭە زادى نىمە بولدى ؟ سىزنى خىلى ياۋاش ئوقۇغۇچى ، ئاق-قارىنى پەرق ئىتىدۇ دەپ ئويلايتىم ، نىمە سەۋەپتىن ئۇرۇشتۇڭلار؟
- شۇ مۇئەللىم ، دەرس تەكرارلاۋاتسام ، ياتاقتا ۋارقىراپ ناخشا ئىيتىپ ، دىققىتىمنى چىچىۋەتتى ، بوشراق ئىيتسىڭىز ، دەر تەكرارلىيالمىدىم دىسەم ، قانداق قىلاتتىڭ ، بەك ۋارقىرايمەن دەپ تىللاپ كەتتى .
- مەنلا تىللىدىمما ، سەنمۇ تىللىدىڭغۇ- دىدى شازادەم ئۆڭۈپ .
- سەن تىللىساڭ ، تىللىماي قانداق قىلىتىم ، گەپ قىلمىسام بوزەك كۆرۈپ قالغانمىتىڭ .- دىدى ئايقەمەرمۇ قاپىقىنى تۈرۈپ .
- بولدى ، مۇشۇ يەردىمۇ ئۇرۇشاي دەۋاتامسەن ، نومۇس قىلمايدىغان ، ھاياسىزلار . ئەتە تەكشۈرۈشنامە يىزىپ ، سىنىپ مەسئۇلىڭغا تاپشۇرۇپ بىرىش . قارا بۇلارنىڭ تەپتارتمايلا مىنىڭ ئالدىمدا ئۇرۇشۋاتقىنىنى . – دىدى نۆۋەتچى مۇئەللىم .
ئەتىسى ئۇلار تەكشۈرۈشنامىسىنى يىزىپ سۈلھەت مۇئەللىمگە بەردى . سۈلھەت مۇئەللىم ئايقەمەرنىڭ تەكشۈرۈشنامىسىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى :
-ئايقەمەر ، بۇ قانداق ئىش ؟ سىز سىنىپتىكى ،شۇنداقلا مەكتەپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى تۇرۇپ ، ياتاقتا ئۇرۇشۇپ ، چاچلىشىپ يۈردىڭىزما ؟
- شۇ ، مۇئەللىم ، مەن قەستەن ئۇرۇشمۇدۇم .
- ھىچكىم قەستەن ئورۇشۇپ يۈرمەيدۇ قاراڭ . مەنغۇ شازادەمنىڭ ئۆھتەملىكىنى بىلىمەن ، ئەمما سىزنى بۇنداق يەڭگىلتەك دەپ ئويلىماپتىكەنمەن .
- كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ، مەن خاتا قىلىپتىمەن – دىدى ئايقەمەر خىجىل بولۇپ .
- بولدى ، مەن ياتاق باشقۇرۇش ئىشخانىسغا دەپ قوياي ، سىزنى ياكى شازادەمنى باشقا ياتاققا يۆتكىۋەتسۇن ، قاراڭ ئۇكام ، سىلەر كىچىك بالا ئەمەس ، يەنە كىلىپ ئۇرۇشۇپ ، جىدەل قىلىدىغان ئوغۇل بالىمۇ ئەمەس ، شۇنداققۇ ، قىز بالا بولغاندىن كىيىن ئىغىر بىسىق بۇلۇڭلار ، ئەگەر كىلەر قىتىم يەنە مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرسە ، مەكتەپتىن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىمەن جۇمۇ .
- كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ، مەن دىققەت قىلاي .
- ھە ، بولىدۇ ، چىقسىڭىز بولىدۇ .
- بولىدۇ ، مۇئەللىم .- ئايقەمەر مۇئەللىمدىن كەچۈرۈم سوراپ چىقىپ كەتتى . سۈلھەت مۇئەللىم شازادەمنى باشقا ياتاققا يۆتكىۋەتتى . ھەي ، ئەگەر شازادەم بىلەن ئايقەمەر ئوقۇش يىڭى باشلانغاندىلا ئۇرۇشقان بولسا ، ياكى سۈلھەت مۇئەللىم ئۇلارنى باشتىلا ئايرىۋەتكەن بولسا ، بەلكىم ئايقەمەرمۇ بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالماس بۇلغۇيتى .

داۋامى بار...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KETMEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-9 11:24 PM  


ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 11:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇبەييا يوللىغان ۋاقتى  2014-9-9 02:19 PM
يەنە تۈگەپ كەتتىغۇ ماۋۇ ھىكايە...............يەنە قانچىلىك س ...

سەۋر قىلىڭ ، ئەسلى ئارگىنال يوقاپ كەتكەنلىكتىن ، قايتىدىن يىزىپ يوللاۋاتىمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت تىخى ئالدىراش ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت تىپىپ يىزىپ يوللاۋاتىمەن  ، ھەر ھەپتىدە بىر بۆلەكتىن يوللاپ ، ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تولۇق يوللاشقا تىرىشىمەن .

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 11:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شازادەم يەنىلا كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ ، ئاچچىقى تىخىمۇ كەلدى ، ئۇ ھازىر ئايقەمەرنى چايناپ چايناپ پۈركىۋەتسىمۇ دەردى چىقمايتى . چۈنكى ئايقەمەر سەۋەبلىك ئۇ مۇئەللىمدىن تەنقىد ئاڭلىدى ، يەنە تىخى ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن دوسلىرىدىن ئايرىلىپ ، باشقا ياتاققا يۆتكەلدى. ئۇ ئاچچىقىدا ياسىن خونداغا تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ بولسىمۇ ئاچچىقىنى ئازراق باسماقچى بولدى . ئۇ ياسىنغا تېلفۇن قىلىپ كۆرۈشمەكچى بولدى . ياسىنمۇ ماقۇل بولدى .
ياسىن خوندا دىيىشكەن يەرگە بىرىپ تۇرىشىغا ، شازادەممۇ كەلدى . ياسىن شازادەمنىڭ قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ :
  -ھە ، ئاپپاق قىز ، نىم بولدىلا ، ھەجەپ قاپاقلىرىغا مۇز تۇتۇپ ، يۈزلىرىنى زىمىستان قاپلاپ كىتىپتىغۇ ؟- دەپ سورىدى .
- نىمە بولاتتى ، ھىلىقى پەرمان دىگەن سۇيۇق ، تۇزى يوق ، سۆلەتۋاز بەگزادەڭ ، ما سەھرالىق تومپايغا دۈم چۈشۈپ ، ئىغىز بۇرۇن يالىشىپ تۇرمامدۇ ؟
- قايسى سەھرالىق ئۇ ؟
- تولا ئادەمنى چالمىغىنە ، بىلىپ تۇرۇپ سوراپ .
- خىنىم ، سىلى يا چالىدىغان دىۋانىنىڭ ساپايسى ، ياكى پاتەمخاننىڭ قۇيۇلۇپ قالغان ئۇمىچى بولمىسىلا .
- ئەمدى بولدى قىل جۇما ، بىشىڭنى يەيدىغان . كىم بولاتتى ، ئايقەمەر پىت يەيدىغان قانجۇق بولمامدۇ .
- ئايقەمەر ؟ ئايقەمەر پەرمان بىلەن يۈرىۋاتامدا ؟
- يۈرىۋاتامدا ، ھازىر ئۇلارنىڭ پەقەت توي خىتى يوق ، ئۇنىڭدىن باشقىسى تەل بولغان ئەر خوتۇن بولۇپ قالغىلى تۇردى .
- چاقچاق قىلىۋاتامسەن يا ؟
- ساڭا چاقچاق قىلغىلى كىمنىڭ چۇلىسى . مەنمۇ ئەخمەق ، نەدىكى ئىنجىمارۇق تىگى پەس رەسۋانى دوستۇم دەپ يۈرۈپتىمەن دىسە .
- ئەستا ، ما پەرمان دىگەن شاۋچىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى ، نىمانداق ئىزدەپ قويمايدىكى دىسەم ، ئەسلى يار تۇتۇپتىكەندە . خەپ . ئۆزۈم بىر ھىساپلاشمىسام .
- نىمىنى ھىساپلىشىسەن ، بوپتۇ ، مۇرادىغا يەتسۇن ، ئەتە-ئۆگۈن يىشىنى ئىقىتىپ كەلگەندە ، قانداق كۈلىمەنكى .
- ئۇنداق دىمە ، ئايقەمەر ساددا قىز ، پەرمانمۇ قاراپ تۇرۇپ .
- شۇنى دىگىنە .
- شۇنىڭغا ئاچچىقىڭ كەلگەنمىدى ؟
- ۋاي ، ما ئايقەمەر دىگەن رەسۋانى دەيمەن ، پەرمان بىلەن يۈرۈپ ، ئانچە مۇنچە شەھەر كۆرۈپ كۆزى ئىچىلىپ ، ھازىر ئادەم ياراتمايدىغان بولۇپ كەتتى دەيمەن .
- بولدى ، كۆڭلىڭگە ئالمىغىنە . يۈرە تاماق يىگەچ مۇڭدىشىمىز . بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ .
ياسىن شۇنداق دەپ شازادەمنى بەزلىگەچ تاماققا ئىلىپ ماڭدى ، ئەمما ئۇ پەرماننىڭ قىلغانلىرىدىن غەزىپى تىشىپ تۇرسىمۇ ، چاندۇرماي زورىغا كۈلۈپ ، يەنە چاقچاقلىرى بىلەن شازادەمنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىدى . تاماقتىن كىيىن شازادەم دىسكوخانىغا بارىمەن دەپ تۇرىۋالدى ، ياسىنمۇ قوشۇلۇپ شازادەمدىن :
- قايسى دىباغا بارىمىز ، قۇيۇنغىما ؟– دەپ سورىدى .
-كەچكىچە قۇيۇنغىلا بارامدۇق ، ھىلىقى يىڭى ئىچىلغان مىڭ بىر كىچىگە بارايلى – دىدى شازادەم . ياسىن شازادەمنى ئىلىپ تاكسىغا چىقىپ دىسكوخانىغا قاراپ مىڭىپ كەتتى .
ئۇلار دىسكوخانىغا بارغاندا سەھنىدە ئۇسسۇل قايناپ كەتكەن ئىدى . ئۇلارمۇ بىر يەرنى تىپىپ جايلىشىۋىلىپ ، ئىچىملىك بۇيرۇتتى . ئۇسسۇل تۈگەپ يەنە شۇ گاڭنام ستاي باشلاندى . ئەمما شازادەمنىڭ بۈگۈن ئۇسسۇل دىسكوغا مەيلى يوق ئىدى . ياسىنمۇ ئۇنى زورلىمىدى . سەھنىدىكى ياشلار بىر پەس ئات چىپىپ بولغاندىن كىيىن ، لەرزان تانسا مۇزىكىسى قۇيۇلدى . ياسىن شازادەمنى تانسىغا تارتتى ، گەرچە شازادەمنىڭ ئوينىغۇسى كەلمىسىمۇ ، ئەمما يەنىلا بىر قول ئويناشنى لايىق تاپتى . تانسا لەرزان ، مۇڭلۇق ، يىنىك رىتىمدا داۋاملاشماقتا ئىدى .
بىر چاغدا شازادەم ئۆزىدىن ئانچىمۇ يىراق بولمىغان ئايرىمخانىدا ئولتۇرغان پەرمان بىلەن ئايقەمەرنى كۆرۈپ قالدى . شازادەم ياسىنغا :
- قارىغىنە خوندا ، سۆلەتۋاز بەگزادە بىلەن ئايبانۇم ئاۋۇ يەردىكەن – دىدى .ياسىن خوندا ئۆرۈلۈپ قارىشىغا پەرمان بىلەن ئايقەمەر قىزغىن پاراڭلاشماقتا ئىدى . ياسىن پەرمان تەرەپكە ماڭاي دەپ تەمشىلىپ تۇرىشىغا ، شازادەم ئۇنىڭ قولىدىن تۇتىۋىلىپ :
- بۇ يەردە سەتلەشمە خوندا ، پەرمان بىلەن سەن بۇ يەردىكىلەرگە ئانچە بەك يات ئەمەس . – دەپ ئۇنى توسۇپ قويدى . ياسىن خوندامۇ شازادەمنىڭ گىپىنى ئورۇنلۇق ھىس قىلىپ ، ئۇنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى . ياسىن خوندا شازادەمنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى . يولدا ماڭغاچ ئۇ پەرماننى قىلغانلىرىغا غەزەپلىنىپ ئاچچىقى كىلىپ ، ئۇدۇللا مىڭ بىر كىچىگە باردى . ئەمما پەرمان بىلەن ئايقەمەر قايتىپ كەتكەن ئىدى .
ئەتىسى ئۇ ئاچچىقىدا پەرماننىڭ دۇكىنىغا ئىزدەپ باردى . دۇكاندا پەرمان ۋە ئىككى خىرىدار بىر كاستيۇم-بۇرۇلكىنىڭ سودىسى قىلىۋاتاتتى . پەرمان ياسىن كۆرۈپ :
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، خوندا قارى ، مۇبارەك قەدەملىرى يىتىپ قاپتۇ ، قىنى ئۇرۇندۇققا مەرھەمەت – ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى . ياسىن سالامنىمۇ قايتۇرماي ، ھىچ بىر ئىپادىسىزلا كىلىپ ئولتۇردى . خىرىدارلار باھانى قىممەت كۆرۈپ ، كىلىشەلمىدى ، پەرمان ياسىننى كىلىشتۈرۈپ قويىدۇ دەپ ئۇنىڭغا قارىدى ، ئەمما ياسىن ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلماي ئۇيان-بۇيانغا قاراپ ئولتۇردى . خىرىدارلار كىلىشەلمەي چىقىپ كەتتى . پەرمان ئاچچىقلاپ :
- قاراپ قويغاندىن كىيىن ، ئىككى ئىغىز سالا قىلىپ قويساق بولمامدۇ – دىدى .
- ئاداش ، ئولتۇرە .- دىدى ياسىن خوندا قاپىقىنى ئاچماي .
- نىمە بولدى ، كەيپىيات نۆلدىن تۆۋەنمۇ قانداق ؟- پەرمان ياسىننىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردى ، ئاندىن ياسىندىن :
- نىمە بولدۇڭ ؟ ئويغانمىغان غەزەپلىرىڭ ئويغۇنۇپ كەتتىمۇ ، نىمانداق بوپ قالدىڭ دەيمەن – دەپ سورىدى .
- ئاداش ، مەن سىنى گەرچە ئويۇنچى ، شوخ بولسىمۇ ، ۋىجدانى بار ، خىلى بىر ئەركەك قىنى بار دەپ ئويلايتىم ، لىكىن سەن ؟
- ھە،نىمە بولدۇڭ ، نىمە ئىغى بار بىغى يوق گەپ قىلىپ يۈرىسەن . نىمە بولدى ؟
- نىمە بولدى ؟ مەن ساڭا نىمە دىگەن ؟
- نىمىنى نىمە دىگەن ؟
- ساڭا ئايقەمەرگە نىسپەتەن يامان ئويدا بولما ، ئۇ سەن بىز دىبادا كۆڭۈل خوشى دەپ ئارلىشىۋاتقان قىزلارغا ئوخشىمايدۇ دىگەنمۇ يا ؟
- ھە ، نىمە بوپتۇ ؟
- نىمە بوپتۇ ؟ نىمە بولغىنىنى ئۆزۈڭ بىلىدىغانسەن ؟
- گەپنى پوسكاللىسىنى دىگىنە ، زادى نىمە دىمەكچى سەن ؟
- ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ، يۈرۈپسەنغۇ ؟
- ھە ، يۈردۈم ، نىمە بولدى ؟
- يۈردۈڭ .
- ھەئە . يۈردۈم ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ . شۇڭا يۈردۇق .
- نەچچىلىك يۈرەسەن ؟
- بۇ نىمە دىگىنىڭ . يۈرگەندىن كىيىن يا توي قىلغۇچە ، يا ئايرىلىپ كەتكۈچە يۈرەمىز .
- توي قىلغۇچە دىدىڭما ؟
- ھە . توي قىلاي دەيمەنغۇ ؟
- ئاداش ، مەن سىنى بىلمەمدىم ، ئەتە-ئۆگۈن ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بىرىنى كۆرسەڭ ، ئۇنى ئۇنتۇپ كەينىدىن چاپاسە .
- ئۇنى بىر نىمە دەپ بولمايدۇ ، كۆڭۈل دىگەن پادىشاھ ، كۆيەپ قالسا تاتىشا دەپتىكەن . سەن نىمە بولدۇڭ دەيمەن .
- ئاداش ، ماقۇل ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدۇڭمۇ دەيلى ، ھازىر ئۇنىڭ ئوقۇشى پۈتكىچە نەچچە يىل بار ، ئۇنىڭغىچە ئايقەمەر بىلەن ئارلىشىپ ، ھەممە كەچۈرمىش ، سىرلىرىنى بىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇمۇ  سىنى چۈشۈنۈپ ،ئەستە-پاختاڭلار ئۆرۈلۈپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر-بىرىڭلارغا قىزىقىپ ، مىھرىڭلارنى بىرىپ ئۆتەلەمسىلە ؟
  -ئاداش ، تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئۇنچىلىك ئارتۇق ئويلاشنىڭ نىمە ھاجىتى ، ئۆلەپ كىتىدىغان جاھان بۇ ، ئۇنداق مۇرەككەپ ئويلاپ ، كاللىنى قاتماللاشتۇرۇپ ساراڭمۇ سەن دەيمەن . ئەمدى ياشلىقىم شاشلىقىم دەپ ئوينىۋالمىساق ، قىرىغاندا ئويۇن نەدە دەيمەن .
- بۇنداق شاللاقلىق قىلما ئاداش ، بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم قارا ، ئىشقىلىپ ۋىجدان سورىقىغا قالما .
- ۋوي پەيلاسوپ ، كەچكىچە ھەزىل قىلىپ يۈرەمىكى دىسەم ، بۇنداق گەپلەرنىمۇ بىلىمەن دە، ئەجەپ سەنمۇ قالماي ئويناپ يۈرىۋاتىسەنغۇ ؟
- ئاداش ، توغرا مەنمۇ ئويناپ يۈرىمەن ، ئەمما ھازىرغىچە ۋىجدانىمغا خىلاپ بىرە ئىش قىلىپ باقمىدىم . جاھاندا ئەڭ تەس ئىش پاكىز ياشاپ پاكىز جان بىرىش . ئەمدى ئايقەمەر بىلەن بۇ ئويۇننى باشلاپ بوپسەن ، لىكىن سەندە ئۇنىڭغا سادىق يۈرەك ، ئىگە بولغۇدەك جاسارەت بارمۇ ؟
- ئاداش ، گىپىڭنىڭ ئورامىدىن قارىسام ، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن يا ؟
- خاتا چۈشىنىپ قالما ، مەن پەقەت ئۇنى سىڭلىم ئورنىدا كۆرىمەن ، چۈنكى مىنىڭمۇ سىڭلىم بار ، سىنىڭمۇ ھەم ، شۇڭا قىلىۋالدىم ،ئىتىۋالدىم دەپ ياشايدىغان جاھان ئەمەس بۇ .
- بولدى ،چۈشەندىم ئاداش . مەن قانداق قىلىشىنى بىلىمەن . سەن ئارتۇق ئويلاپ كىتىپسەن .
-قانداق قىلىشىنى بىلىسەن ؟ يەنە بۇرۇنقى دىباچى مۇھەببەتلىرىڭگە ئوخشاش ، تاشلاپ كىتەرسەنمۇ ؟
- ئۇ ، ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ . نەدىكى پەلىپەتىش ، ئالدى كەينىنىڭ تايىنى يوق قىزلارغا چۈشۈپ قالغان پەرمان يوق .
- ئەتە-ئۆگۈن ئايقەمەرنىڭمۇ تايىنى يوق بولۇپ قالارمۇ ؟
- بولدى ، سەن بۇنىڭغا باش قاتۇرما . – پەرمان ياسىننىڭ بۇ سۇئالىدىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتاتتى ، چۈنكى ئۇمۇ ئۆزىدە ئايقەمەرگە ئىگە بولغۇدەك ساداقەتنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى .
  ياسىن پەرمان بىلەن بىر ھازا تاكاللىشىپ ، چىقىپ كەتتى . پەرمان بولسا بۈگۈن ياسىن خوندانىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى كۆرگەندەك بولۇپ قالدى .
ياسىن خوندا گەرچە پەرماندەك ئۇيۇنچى ، ئەينو ، گەپدان بولسىمۇ ، ئەمما ئۆزى دىگەندەك ۋىجدان ئازابىغا قالىدىغان ئىشنى قىلىپ باققان ئەمەس . بىر قىتىم ياسىن بىلەن پەرمان قويۇن دىسكوخانىسىدا قانغۇچە ئوينىدى ، پەرمان سەل ئارتۇقراق ئىچىۋالغاچقا تەڭشىلىپ قالغان ئىدى . ئۇلار قايتاي دەپ  دىسكوخانىدىن چىقىشىغا ، ئىشىك ئالدىدا بىر نەچچە قىز ئۇيان-بۇيان ئۆتكەن ، دىسكوخانىدىن چىققانلارنى شەرەتلەپ چاقىرىۋاتاتتى . پەرمان ياسىندىن :
- ئاۋۇ،نىمە قىلىدىغان قىزلاركەن ؟ نىمە بىزنى چاقىرماي نەدىكى سەھرالىق بالىلارنى چاقىرىدۇ ؟
- ئۇلارما ئاداش ، تىجارەتچىلەر . خىرىدار ئىزدەۋاتىدۇ ؟
- تىجارەتچى ، ھە ، ھىلىقى تىجارەتچى دە .
- ھە ، بىلسەڭلا بولدى . يۈرە كىتىمىز . – دىدى ياسىن خوندا پەرماننى يۈلەپ . پەرمان كەيپچىلىكتە ھەۋەسلىرى قوزغالدىمۇ ، ياسىن خونداغا قاراپ :
- ئاداش ، ئىچىپ شالاقشىپ كىتىپتىمىز ، بەرىبىر ئۆيگىمۇ بارالمايمىز ، ئۇنىڭدىن مۇشۇ تىجارەتچىلەردىن ئىككىنى توغۇرلاپ ، بىرە ياتاققا كىرىپ پەيزى قىلمامدۇق ؟ - دىدى .
- پەيزى قىلامدۇق ؟- ياسىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل سەگىگەندەك بولدى . – ياق ، ئاداش ، قىلمايمىز ، خۇدا خالىسا ئەتە-ئۆگۈن توي قىلىپ ، ھەقلەپ خوتۇنىمىز بىلەن قىلىمىز ، جاھاننىڭ ئىگىسى بار ئاداش . مۇشۇ يەردە ئويناپ ، ئىچىپ چىققان گۇناھلىرىمىزمۇ يىتىدۇ . ماڭە بولدى ، بىرىپ مىنىڭ ئۆيۈمگە بىرىپ ياتىمىز ، ئۆيدە ھىچكىم يوق . يۈرە كىتىمىز ، نەدىكى ناشايان ئىشلارغا ھەۋەس قىلما دەيمەن .
- ماڭە ۋە ، لاتا ، زەيپا گۇي . پۇلدىن ئەنسىرەۋاتامسەن يا پىتى پىششىق ئاداش . ماڭا قارا چاقىرە ئىككىنى ، ھەممە پۇل مەندىن . بولە .-دىدى پەرمان ۋارقىراپ . بۇ گەپلەر ياسىننى خىلى سەگىتتى بولغاي :
- جىق ئىچىۋاپسەندە ، بولدى ماڭە جىدەل قىلماي ، نەدىكى يوقىلاڭ پاراڭنى قىلماي ، ئەتە-ئۆگۈن كىسەل تىپىۋالساڭ ، ئۆلگىنىڭ شۇ . ماڭە ئالىجوقى ساراڭ . ئەگەر بەك بولالمىساڭ پەرھاتكامغا دەپ سىنى ئۆيلىۋىتەي ، ھىلىمۇ توپاقتەك بولاپ كەتتىڭ – دىگىنىچە پەرماننى يۈلەپ ئىلىپ كەتتى . پەرمان بايا مۇشۇ ئىشلارنىمۇ ئەسلەپمۇ ئۈلگۈردى . غەرق مەست چىققان تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا خىلاپ ئىش قىلمىدى . بەلكىم بۇ ئاڭ ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىگىچە سىڭىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن .
ياسىن خوندانىڭ 5 ياش ۋاقىتلىرى ئىدى . بىر قىتىم ئۇ باغدا ئۆرۈك ئۈزگەچ دەرخ شىخىدا تۇرۇپ ، قوشنىسىنىڭ قىزىدىن تەرەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈپ قالدى . ئۇ قىزنىڭ ساغرىسىدا ئانىدىن توغما بىر كۆك مەڭ بار ئىدى . ياسىن بۇنى كۆرۈپ قالدى . ئەتسى ئۇ قوشنىسنىڭ قىزىنى ، كۆك قوڭ دەپ زاڭلىق قىلىپ يىغلىتىۋەتتى . قوشنىسىنىڭ قىزى بۇ ئاھانەتكە چىدىماي ، ياسىنىڭ دادىسىغا دىدى . ياسىننىڭ دادىسى ياسىن ئەكىرىپ :
- نىمىشقا قوشنىمىز داۋۇتاخۇننىڭ قىزىنى كۆك قوڭ دەيسەن ؟- دەپ سورىدى .
-شۇ قوڭى كۆككەن – دىدى ياسىنمۇ سەبىيلىك بىلەن .
- قوڭى كۆككەن ، سەن قانداق بىلىسەن ؟
- تۈنۈگۈن كۆرۈپ قالغان .
- كۆرۈپ قالغان ؟ نىمىنى قانداق كۆرۈپ قالدىڭ ؟
- شۇ تۈنۈگۈن باغدا ئۆرۈك ئۈزىۋىتىپ قارىسام ، بىغىدا چىچىۋىتىپتىكەن ، قارىسام قوڭىدا شاپتۇلدەك چوڭلۇقتا كۆك مەك باركەن – ياسىن گىپى تۈگىمەيلا دادىسى كىلىشتۈرۈپ بىر تەستەك سالدى ، سالغاندىمۇ بوش سالمىدى . ياسىن خوندا كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ كەتتى . دادىسى بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي ئۇنىڭ قولىدىن سۆرەپ باغقا ئىلىپ چىقىپ ئۆرۈك دەرىخىگە باغلىدى . ئاندىن باشمالتاق چوڭلىقىدا بىر ئۆرۈك شىخىنى ئۇشتۇپ :
- ۋۇ ئادەم بولمايدىغان ھايۋان گۇي ، نومۇس قىلماي قىزلارنىڭ ئوياتلىق يىرىگە قاراپ ، ئۇنى ئاز دەپ مەسخىرە قىلىپ يۈردۈڭما ، مەن ما مەلىدە قانداق يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن .- دىگىنىچە رەھىمسىزلەرچە ساۋاشلا باشلىدى . ياسىن :
- جىنىم دادا مەن ، خاتا قىلىپتىمەن ، مىنى كەچۈر ، مەن ئەمدى قىلمايمەن – دىگەن نالىلىرىگە پەرۋامۇ قىلىپ قويمىدى . تاياق تەگگەن يەرلەر قىزىرىپ ، تىتىلىپ كەتتى . ئەمما دادىسى ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئاخىرى ياسىننىڭ ئانىسى :
- بالامنى ئۆلتۈرەي دەمسەن – دىگىنىچە دادىسىنى تۇتىۋالدى ، ئەمما دادىسى :
- سەن ئارلاشما ، بۇ لامزەللە نومۇس قىلماي ، قىزلارنىڭ قوڭىنى ماراپ يۈرۈپتۇ ، بۇنداق گۇينىڭ كۆزلىرى ئىقىپ كەتسۇن .
- ۋاي ، شۇنىڭىمۇ مۇشۇنچلىك قىلىش كىتەمدۇ ؟
- كىتىدۇ ، قىزلارنىڭ نومۇسلۇق يىرىگە قاراشتىن ئويالمىسا ، ئەتە-ئۆگۈن چوڭ بولغاندا نومۇسىغا تىگىشتىن يانمايدۇ بۇ . ئۆتە بۇياققا –دەپ ئانىسىنىمۇ ئىتتىرىۋىتىپ يەنە ساۋىدى . تاكى تاياق سۇنغانغا قەدەر ئۇرۇشتىن توختىمىدى،
ياسىننىڭ قول ، دۈمبىلىرى تاياقنىڭ زەربىسىدە تىتىلىپ قان قان بولۇپ كەتكەن ئىدى . كەچتە دادىسى دورا ئەكىرىپ ياسىننىڭ يارىلىرىنى تازىلاپ ، تىڭىپ قويغاچ :
- ئوغلۇم ، سىنى بۈگۈن نىمە ئۈچۈن ئۇردۇم ؟
- مەن ، يۈزۈڭنى تۆكىدىغان ئىشنى قىلىپ قويدۇم .
- نىمە ئىش قىلدىڭ ؟
- قوشنىمىزنىڭ قىزىنىڭ ئۇياتلىق يىرىگە قارىدىم ، تىخى ئۇنى زاڭلىق ئەتتىم .
- ئىسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم ، قىز دىگەن ، مەيلى ئۇ سىنىڭ ئۆز ئاچاڭ ياكى سىڭلىڭ بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، ئوغۇل بالا چوقۇم ئۇلارغا ئىگە بولۇشى ، ھۆرمەتلىشى ، ئىزلەتلىشى ، قوغدىشى لازىم . چۈنكى ئۇلار سەندىن ئاجىز يارالغان ، نىمە ئۈچۈن ؟ سىنى باشپاناھ بولىدۇ ئىگە بولىدۇ دەپ . قىنى دەپ باقە ، سەن ئاناڭغا ئامراقمۇ ؟
- ھەئە ، بەك ئامراق .
- دورۇس ئىيتىڭ . بارىكاللا . لىكىن سەن ئويلاپ باق ، ئاناڭمۇ بورۇن خۇددى قوشناڭنىڭ قىزىدەك كىچىك ، ئوماققىنە بىر قىز ئىدى . ئەگەر بىرەسى ئاناڭنى زاڭلىق ئەتكەن بولسا سەن چىداپ تۇرالامسەن ؟
- ياق ، ھەرگىز چىداپ تۇرمايمەن ، كىم ئانامنى ئۇنداق بۇنداق دەيدىكەن ، شۇنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن .
- ھەببەللى ، شۇڭا ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇتقىن ، ھەرگىزمۇ قىزلارغا خىيانەت قىلما ، ئۇلارنى ئاسرا ، نۇمۇسلۇق يەرلىرىگە قارىما ، مەيلى كىم بولسۇن  ئۇلارنى ئۆز قىرىندىشىڭدەك كۆر ...- ياسىننىڭ دادىسى ئوغلىغا ئەنە شۇنداق مەنىلىك تەربىيەلەرنى قىلغاچ ئۇنىڭ يارىلىرىنى تىڭىپ قويدى .
   بەلكىم ئۆرۈك تايىقىدا قىلغان بۇ تەربىيە ياسىننىڭ قانلىرى ئارقىلىق تومۇرلىرىغا ، ھۈجەيلىرىگە سىڭىپ كەتكەندۇ ، شۇڭا ئۇ گەرچە قىزلار بىلەن تونۇشۇشقا ماھىر بولسىمۇ ، ئەمما ھەرگىزمۇ پەرماندەك نىيىتى بۇزۇپ ، ۋىجدان ئازابىغا قالىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلمايتى .
   پەرمان بولسا بىر ئوغۇل بولۇپ دادىسى پەرھات دۇنيالىقتا بىر ئوغلۇم بار ، مەيلى ئوغۇل بالا بولغاندىن كىيىن قىلىدۇ ، ئىتىدۇ ، مەن ياش ۋاقتىمدا تولا ئىشلەپ جاپا تارتىپ ، ياشلىقىم جاپا بىلەن كەتتى ، ئەمدى مۇشۇ ئوغلۇم بولسىمۇ ، ياشلىقىدا ئوينىۋالسۇن ، ئەتە ئۆگۈن ھايات ئۇنى تۇرمۇش دىگەن ھارۋىغا قاتقاندا ، ئويناي كۈلەي دىسە نەدە ۋاقىت ، بوپتۇ ، ئوغۇل بالا ، ئوغلۇڭ بار ، ئالتۇنۇڭ بار دەپتىكەن . دەپ ئۇنى ئاشۇنداق ئەركە ئۈگىتىۋەتكەن ئىدى . ئاپىسى پەرىدەمۇ ئوخشاشلا ئۇنى ئارزۇلاپ باقاتتى . ئۇ تولۇققا ئوتتۇرىغا ئۆتەلمىگەندە دادىسى پەرھات ئۇنى پۇل خەجلەپ ، يول مىڭىپ بىرە مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇراي دىگەندە ، پەرمان ئاپىسىغا ئوقۇغۇم يوق ، تىجارەت قىلىمەن دەپ يىغلاپ داتلىغان . ئاپسى پەرىدەمۇ دادىسىغا :
  - ۋاي ، بوپتىلا دادىسى ، ئوقۇمايمەن دىسە ئوقۇتمايلى ، نىمە قىلىمىز بىكاردىن بىكار ئۇنىڭغا زورلاپ . كىم ئوقۇماي ئۆلۈپ قاپتۇ ، مەيلى ئوغۇل بالا بولغاندىن كىيىن تىجارەت قىلىمەن دىگەن بولسا بوپتۇ قىلىپ باقسۇن ، شۇ سىلىنىڭ ئىزلىرىنى بويلاپ مىڭىپ سودىگەر بولىمەن دىگەن چىغى – دىگەندە ، دادىسى پەرھات :
  - خوتۇن ، ئۇنداق دىگەن بىلەن ھازىر تىجارەتمۇ تەسلىشىپ كەتتى ، بۇ بالا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۋالسا ، ئاندىن يەنە ئاز-تولا پۇل خەجلەپ يول مىڭىپ بىرە ئىدارىگە ئەكىرىپ قويساق ، مائاشلىق بولۇپ قالسا ، كىيىن بىزنىڭ ئەنسىرىشىمىز ئازىيدۇ ئەمەسمۇ .- دىدى . پەرىدە شۇھامان :
  - ۋۇئۇش ، نىمە پايدىسى مائاش قۇل قىلىپ ، بىر ئوغلىمىز بار ، ھازىردىن باشلاپ تىجارەتكە كىرىشسە ، جاھاننىڭ ئەلمى تەلىمىنى بىلىپ ، كىيىنچە چوڭ شىركەتلىرى بار لوبەن بولۇپ كىتەمدۇ تىخى ، بولدى ، جىنىم ئوغلۇمنىڭ جىنىغا جاپا سالمايلى . جاھان يولى كادىر بولۇش بىلەنلا تۈگەمتى ،  سىلىمۇ باشلانغۇچنىمۇ تۈزۈك ئوقۇيالمىغانغۇ ؟ سىلىمۇ ئاچ قالمىدىلا ، ھازىر قايسى باشلىقتىن قىلىشىلا ، پۇل دىسىلىرى بار ، تىجارەتمۇ جايىدا بولاۋاتمامدۇ ؟- دەپ پەرھاتنىمۇ قايىل قىلىپ پەرماننى تىجارەت كوچىسىغا باشلاپ قويغان ئىدى .
   ياسىن پەرمان بىلەن تاكاللىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ،پەرمان يەنە ئايقەمەرنى ئىلىپ مىڭ بىر كىچە دىسكوخانىسىغا باردى . ئۇ كۈنى شەنبە بولغاچقا دىسكوخانىلار تاڭغىچە ئىچىلاتتى. ئايقەمەرمۇ ئۆيگە قايتمىغان ئىدى. بۇ قىتىممۇ دىسكوخانىغا يىڭىدىن تونۇلىۋاتقان ناخشىچىدىن بىرى ئەزىز مىھمان سۈپىتىدە قاتنىشىپ ، ناخشا ئىيتماقتا ،تۆۋەندىكىلەر چوقان سىلىپ ، ئۇسسۇل ، دسىكو ئويناپ قاينىماقتا ئىدى . ئۇسسۇل ، دىسكو ، تانسىلار بىر نەچچە قولدىن ئوينالدى ، ئاندىن تاماششىبىنلارنىڭ تەلىپى بويىچە يەنە ھىلىقى ، تىلىنى ئۆزىمۇ ئۇقمايدىغان ، ئىشتاننىڭ ئىغىنى ئات دەپ مىنىپ ئوينايدىغان گاڭنام سىتاي قويۇلدى . بۇ قىتىم ئاساسەن كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئوينىدى ، پەرمانمۇ ئايقەمەر بىلەن بىللە ئات چاپتى . ھازىر بۇ تېرىشچان ئوقۇغۇچىمىز دىسكو ، تانسىلارغا خىلى ئۇستا بۇلۇپ قالغان ئىدى ، بۇرۇنقىدەك تەمتىرەش ، ئىزا تارتىشتىن ئىزنامۇ قالمىغان ئىدى . تاماششىبىنلار ئات چىپىپ بولغاندىن كىيىن ، رىياسەتچى چىقىپ :
   - ئەمدى ، بىر مەيدان ئۇسسۇل ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز ، ئۇسسۇلغا چەبدەس ياشلىرىمىز قىنى سەھنىگە مەرھەمەت ، ئەلۋەتتە ، چىمپىيونلارنى قورۇق قول چۈشۈرۋەتمەيمىز .قىنى ئەمىسە ، مەرھەمەت – دەپ توۋلىدى .
  ئايقەمەر چۈشىنەلمەي :
  - بۇ قانداق مۇسابىقە ؟- دەپ سورىدى پەرماندىن .
  - بۇ ما ؟ ئۇسسۇل ، دىسكو ئوينايدىغانلار چىقىپ بىرە مىنۇت ئوينايدۇ ، ئۇتالىسا ئوغۇللارغا بىرە بوتۇلكا ھاراق ، قىزلارغا سوغۇق ئىچىملىك مۇكاپات بىرىدۇ .
  - ھە ، مۇنداقكەندە . – ئايقەمەرنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا مۇسابىقە باشلاندى . ئوقۇغۇچىلار ، ياشلار بەس-بەستە مۇسابىقىگە چۈشتى . بىرى مىللىيچە ، بىرى دىسكو ، بىرى تۈركچە ، بىرى ئۆزبىكچە مۇزىكىلارنى تەلەپ قىلىپ شوخ قەدەملىرى بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى .  بەلكىم ئۇلار مۇشۇ قىزغىنلىق ، شوخلۇق ، مەردانىلىكىنى دەرسكە ، ۋە ياكى كەسىپىگە بەرگەن بولسا ، چوقۇم كەلگۈسى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالىغان بولاتتى ، تولىمۇ ئەپسۇس ، ئۇلارنىڭ ھاراق رومكىلىرىدا بوغۇلغان ئەقلى ئۇلارنى بۇ تەپەككۇردىن بوغۇپ قويدى . ئۇلارنىڭ ياشلىقىمۇ ھاراق رومكىلىرىدا چايقىلىپ خارابلاشماقتا ئىدى .
  -مىنىڭچە ، ئاۋۇ بالا چىمپىيۇن بولامىكى ؟- دىدى ئايقەمەر قوشما قاشلىق بىر بالىنى كۆرسىتىپ .
  - قايسىنى دەيسىز – دىدى پەرمان .
  - ئاۋۇ ، قوشما قاش ، ھازىر ئۇسسۇل ئويناپ چۈشۈپ كەتكەن بالىچۇ ؟
  - ھە، ئاۋۇما ؟ ئۇ بولالمايدۇ ؟
  - نىمىشقا ؟ شۇنداق ياخشى ئوينىدىغۇ ؟
  - ياخشى ئوينىغان بىلەن ،مۇناسىۋىتى بولسا ئاندىن چىمپىيون بولىدۇ . ئەنە ئاۋۇ بايا دىسكو ئوينىغان بالىنى كۆردىڭىزما ؟
   - ئاۋۇ ، غورا قاپاقنى دەمسىز ؟
  - ھە ،دەل شۇ ، ئاشۇ چىمپىيون بولىدۇ .
  - نىمىشقا ؟ ئۇ يا تۈزۈك ئوينىيالمىدىغۇ ؟
  - دىدىمغۇ ، بۇ يەردە ماھارەت ئەمەس ،مۇناسىۋەت ئاقىدۇ ، ئۇ غورا قاپاقنىڭ رىياسەتچى ، مۇزىكانتلار بىلەن خىلى قويۇق مۇناسىۋىتى بار ، شۇڭا بۈگۈن شۇ چىمپىيون .قىزلارغا كەلسەك ، ئاۋۇ ئوزۇن چاچ قىزنى كۆردىڭىزمۇ ؟ ھەقىچان سەل تۇرۇپ بەللىرىنى تولغاپ بىر پەس ئوينايدۇ ، ئاشۇ ما رىياسەتچىىنىڭ مابىتى ، شۇ چىمپىيون بولىدۇ .- پەرمان ئايقەمەرگە دىسكوخانىلاردىكى بەزى مەخپى ئىشلارنى ئىيتىپ بەردى ، دىگەندەك پەرمان كۆرسەتكەن ئىككەيلەن بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونى بولدى .
كۈنلەر ئەنە شۇ رىتىمدا كىتىپ بارماقتا. پەرمان بىلەن ئايقەمەرنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانچە قۇيۇقلىشىپ ، ھازىر ئەر-خوتۇنلاردەكلا بولۇپ قالدى ، ھازىر ئۇلار بىر-بىرىنى سەنلىشىپ چاقىرىشاتتى . بۇرۇن دەرس تەكرارلايمەن دەپ ياتاقتىن چىقمايدىغان ئايقەمەر ئەمدىلىكتە ئوينايمەن دەپ سىرتتىن كىرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى . ھازىر كىيىنىشلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك ئاددى-ساددا ئەمەس ، مودىلىشىپ كەتتى . سىنىپتىمۇ قىزلار بىلەن مەيلى دەرس ، ياكى جەمىئىيەت پاراڭلىرى بولسا تەڭ پاس بىرىپ قىلشىدىغان ، ياتاقداشلىرىنىڭ مۇھەببەتلىك پاراڭلىرىغا داخىل بولىدىغان ، بەزىدە بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن ئايرىم دىسكوخانىلارغىمۇ بارىدىغان بولدى .
بىر جۈمە كۈنى ئايقەمەر پەرمانغا تىلفۇن قىلىپ :
- جىنىم ، ئەتە ئۆيگە بارمايمەن ، دىسكوغا بارىمىزمۇ – دەپ سۆز ئاچتى . پەرمان :
- ۋاي ، جىنىم مىنىڭمۇ بەكمۇ بارغۇم بار ، لىكىن بۈگۈن جىددى ئۈرۈمچىگە بىرىپ مال ئەكەلمىسەم بولمايدۇ ، تىخى ساڭا تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرغان ، ئۆزەڭلا قىلىپسەن ، شۇڭا سەن ئەتە ئۆيۈڭگە قايتىپ تۇر ، مەن كەلگەندە سىنى ئالامەت بىر ئوينىتىۋىتىمەن . بولامدۇ ؟ -دىدى .ئايقەرمۇ ئۇشۇق گەپ قىلماي قۇشۇلدى . ئەمما ئۇنىڭ دىسكوخانىغا بىرىپ تازا يايرىغۇسى بار ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ قىتىمنىمۇ نىسى قويمىدى ، پەرمان بولمىسمۇ ، ئۇ دوستلىرى بىلەن بىللە بارماقچى بولدى .
  ئەتىسى ئۇ بىر نەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە مىڭ بىر كىچىگە باردى . ئۇلار دىسكوخانىغا بارغاندا ئايقەمەردىن باشقىلىرىنىڭ يىگىتلىرى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. ئۇلار بىللە كىرىپ ، دىسكوخانىڭ خالىي يىرىدە ئولتۇردى . شەنبە كۈنى بولغاچقا دىسكوخانا ئاۋات ھەم قايناق ئىدى . قىز-يىگىتلەر بىردەم مۇڭدىشىپ تۇرىشىغا مۇزىكا قويۇلدى ، خالىغانلار ئوتتۇردىغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ، دىسكو ئوينىدى ، ھارغانلار ئولتۇرۇپ بىر-بىرىگە خۇش كەيپ قىلىپ بىر ئىككى رومكىدىن ئىچىشىتى . ئۇسسۇل ، دىسكو ئوينىلىپ بولۇپ ، تانسا باشلاندى . يىگىتلەر سەنەملىرىنى قولتۇقلاپ بىرە پەس ئوينىدى ، بىللە ئويناپ زىرىكسە ، ئالمىشىپ ئوينىدى ، ئۇلار بەكمۇ يىقىنمۇ ئىشىقىلىپ بىرىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن يەنە بىرى ئويناۋىرەتتى ، ئايقەمەرنىڭ دىلنىگار دىگەن دوستىنىڭ مۇھەببىتى ئىرشات ئايقەمەرنىڭ يالغۇز ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ، ئۇنى بىر قول تانسىغا تارتتى ، ئايقەمەرمۇ يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكتى بولغاي ، ناز قىلمايلا ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئىرشاتنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ، يىنىك قەدەملەر بىلەن تانسىغا چۈشتى . ئۇلار تانسا ئوينىۋاتقاندا ئىرشات ئايقەمەرنىڭ قولىقىغا :
- تانسىنى بەك ياخشى ئوينايدىكەنسىز .- دىدى ، ئايقەمەر جاۋابەن :
- ئانچىمۇ ئەمەس . بەك ئاشۇرىۋەتتىڭىز . – دىدى .
- بەك كەمتەركەنسىز جۇمۇ ، قاراڭ ئاۋۇ دىلنىگار دىگەن كالامپاي ، قەتئىي ئادەمگە ماسلىشىپ ئوينىمايدۇ دەيمەن .
- نەدىكىنى ، ئۇ مەندىن ئۇستىغۇ ؟
- نەرى ئۇستا بولىدۇ ، كالامپاينىڭ ، ھە راس ، ئىسمىڭىز ئايقەمەرما ؟ بايا دىلنىگار شۇنداق چاقىرغاندەك قىلدى .
- ھەئە ،
- ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن ، ئۆزىڭىز ئىسمىڭىزدىنمۇ چىرايلىقكەنسىز .
- ۋاي ، رەھمەت ، بەكلا ئاشۇرۋەتتىڭىز .
- مابىتىڭىز بارمۇ يا ؟ - دىدى ئىرشات ھىيقىمايلا .
- بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟
- شۇ ، ئەگەر بولمىسا ، سىزنى كەلتۈرەي دەيمەنغۇ .
- ۋاي ، بەك قىززىقچىمۇ سىز ؟ ، مىنى كەلتۈرۋالسىڭىز دىلنىگارنى قانداق قىلىسىز ؟
- قانداق قىلىتىم ، ئايرىلىپ كىتىمەن .
- ئايرىلىپ كىتىمەن .
- ھە ، سىزدەك چىرايلىق مۇھەببىتىم بولسا ، نىمە قىلىمەن ئۇ كالامپاينى .
- بۇ گەپچە سىز ئۇنى ياخشى كۆرمەمسىز ؟
- ۋاي ، نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز ، قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كىتىشى قانچىلىك ئىشتى ئۇ . ئاۋۇ دىلنىگارنىڭ يىنىدىكى زۇلمىرە بارغۇ ؟
- ھە ، نىمە بولدى ؟
- ئۇ مىنىڭ دىلنىگارنىڭ ئالدىدىكى مۇھەببىتىمتى ، بىر قىتىم ئۇرۇشۇپ قىلىپ ئايرىلىپ كەتكەن ، ھازىر ئاۋۇ خەمىت دىگەن خام سويما بىلەن ئارلىشىۋاتىدۇ ؟
- ۋاھ ، مۇنداق دەڭ ، كونا رەقىپلەر ئۇچراشتۇق دەڭە .
- نىمە كونا رەقىپ ، شۇ كىلەشىلىسەك يۈرىمىز ، بولمىسا داۋاي .- ئىرشاتنىڭ گىپى بىلەن تەڭ مۇزىكىمۇ ئاخىرلاشتى . ئۇلار ئورنىغا قايتىپ كىلىپ ، بىرە رومكىدىن ئىچىپ بولۇپ پاراڭلىرىنى باشلىدى .
- ھە ، زۇلمىرە جىنىم ، بۈگۈن پەيزى ئوينىغانسەن – دىدى ئىرشات بايا گىپىنى قىلغان خەمىت .
- ھە ، ھەر ھالدا بولىدۇ . – دىدى زۇلمىرەمۇ جاۋابەن .
- ئەمىسە ، مۇشۇ قەدەھنى كۆتۈرۋەتمەمدۇق .- يىگىت قىزلار رومكىلىرىنى تەڭ سوقاشتۇرۇپ كۆتۈرۋەتتى . ئاڭغىچە ئىرشات دىلنىگارنىڭ ئالدىدىلا :
- ھەي ، دىلنىگار ، مەن ماۋۇ ئايقەمەرنى كەلتۈرەي دەيمەنغۇ – دىدى .
- ۋاي ، كەلتۈرەلىسەڭ كەلتۈرمەمسەن ، مانا ئايقەمەر – دىدى .
- ئەگەر كەلتۈرۋالسام سەن قانداق قىلاسەن .
- قانداق قىلاتتىم ، مەنمۇ ماۋۇ پەخرىيەنىڭ مابىتىنى كەلتۈرۋىلىپ ، كۆزۈڭدىن ئوت چىقىرىپ يۈرمەمدىم .
- پەخرىيەنىڭ مابىتى سىنى ياراتماسمىكى ، بۇ دىگەن خىلى ھالى بار بالا ،ئىمىن ھاجىمچۇ سەندەك كالامپاينى ياراتمايدۇ دەيمەن .- سورۇندىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى .
- ۋوي ، ئىرشاتجان ، ئادەم ياراتمايدىغان ، ئۇنچىلىك چوڭچى بالا ئەمەس بىز ، دىلنىگار دەپ قاپتۇ ، بوپتۇ ، دىلنىگار ماۋۇ ئاۋاقنىڭ خىتىنى نەق مەيداندىلا بىرىڭە ، سىزنى ئۆزەملا ئالاي .
- ئەمىسە مىنىچۇ – دىدى پەخرىيە كەينىدىن .
- سىنىما ، ماۋۇ ئاۋاققا بەرمەمدىم . – دىدى ئىمىن ھاجىم .
- دەپ قاپسە ، ماڭە ئىرشات جىنىم ، ماۋۇ بايۋەتچىنى مۇرادىغا ھازىرلا يەتكۈزۈپ قۇياي ....- چاقچاقلار شۇ دەرىجىدە بولاتتى ،ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن  ئۇلارنىڭ رومكىدىكى ھاراقتەك ، ئۆزى ئاچچىق ، كەيپى تاتلىق بۇ مۇھەببەتلىرىنىڭ قانچلىك داۋام قىلار ؟ شۇ رومكىدىكى ھاراقنىڭ كەيپى تۈگىگىچمۇ ؟ ۋەياكى دىسكوخانىدىن ئۇزاپ چىققۇچىمۇ ؟ بەزىلىرى بولسا ، مىھمانخانىڭ ياتاقلىرىدىكى ئىڭرىغان ئاۋاز پەسەيگىچىمۇ ؟ بۇ ئۇلار ئۆزىمۇ بىلمەيتى .
ھەي پاك مۇھەببەت ، چىن مۇھەببەت ، ئادەمگە بەخت سائادەتتىن مەنا مۇھەببەت ، ئادەمگە پۈتمەس شىجائەتلەرنى بىرىدىغان ، مۆجىزە يارىتالايدىغان مۇھەببەت . مۇھەببەتتىن يارالغان ئالەم  ، مۇھەببەت بىلەن گۈزەل بۇ ئالەم . يازغۇچى ، شائىرلارنىڭ قەلىمىدە ئۆلمەس تىما ، ناخشىچىلارنىڭ مۇڭىدا مەڭگۈلۈك مىلودىيە دەپ تەرىپلىنىدىغان ئاشۇ ئۇلۇغ، قەدىرلىك ، بىباھا مۇھەببەت ، ئەمدىلىكتە بۇ ياشلارنىڭ نەزىرىدە مۇشۇ رومكىلاردىكى ھاراقنىڭ كەيپى، ھاراق كەيپىدىن بولغان خوشاللىقلىرىدىن ئىبارەت ئىدى . بۇلارنىڭ رومكىدىكى مۇھەببەتلىرى زادى قانچە ئۇزۇن داۋام قىلار.........

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108846
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 12:06:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەكەيكۇم،ياشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيلى، ياشلىرىمىزنىڭ ئەسەپ ئەخلاقلىق بولۇپ ، ئىلىم ئۆگىنىپ ، پىشقەدەملەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ مىللىتىمىزنى ياخشى نام بىلەن دۇنياغا تونۇتۇشىنى تېلەيمەن. ھەممەيلەن ئاتا ، ئانا، ئاچا، ئاكا، ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداش، دوست...... بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېزىپ كەتكەن ياشلىرىمىزغا تەربىيە قىلايلى! بىرەر قېتىم قىلىپلا ئۈمىدنى ئۈزىۋەتمەي، قايتا قايتا سۆزلەيلى! ئامال بار كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيەنى كۈچەيتىپ، يامان يولدا مېڭىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى! تىرىشايلى قېرىنداشلار، تاما تاما كۆل بولار ، سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن!
ئاپتور يەنىمۇ تىرىشقايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 01:46:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسز  !
ئەمدى داۋامى  تۈگدىما  بۇنىڭ.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 01:49:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسنىڭ داۋامنى قاچان يۇللايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108846
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 05:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەت خاتا يوللىنىپ قاپتۇ، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 07:32:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتۈۋاتىمىز........

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10938
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1527 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 05:35:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاينامغا كىرىپ قالسىڭز ،ئەڭ ياخشىسى جىم تۇرۋرلىڭ ،شۇندىلا سىز قۇتۇلۇپ كىتەلەيسىز ئەگەر ئۇنداق قىممىسڭىز ،قانچە تىركەشكەن ،تىرىشقان بىلەن پايدىسى يوق

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109415
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 09:00:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىڭىز  مەن ئەڭ ياختۇرۇپ ئوقۇغان  تىما ئىدى   داۋامىنى قاچان يوللاسىز  ؟؟     چوقۇم مۇكاپاتلىق ئەسەرگە  تاللىنىدۇ

ھەقىقەت ئېگىلەر سۇنماس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش