مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7825|ئىنكاس: 44

خىمىيىۋى ئوغۇتنى كۆپلەپ ئىشلتىشنىڭ پەيدا قىلىدىغان ناچار تەسىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باھار ھامان ئىللىق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77760
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4334
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2012-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 12:10:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگو نوپۇس ۋە بايلىق زىددىيىتى كەسكىن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى  ٪9تېرىلغۇ يەر ۋە ٪6 سۇ بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى ٪21 نوپۇسنى بېقىۋاتىدۇ بۇنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىكى خىيىم-خەتەردىن بالدۇر ئاگاھ بولۇشىمىز، بالدۇر تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن: بىز دۇنيادىكى بەشدىن بىر قىسىم نوپۇسنى بېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان خىمىيىلىك ئوغۇت مىقدارىمىز ھازىر دۇنيادىكى ئومومىي مىقدارنىڭ ئۈچدىن بىر قىسمىغا يېقىنلاشقان. خىمىيىلىك ئوغۇتنى كۆپلەپ ئىشلىتىش قانداق ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، دېھقان لى يۈلەن دائىم ئېتىزىغا قاراپ غەمگە پاتىدىغان بولۇپ قالدى، ئىلگىرى كەنتتىكى دېھقانلار بۇغداي تېرىسا، بىر مو يەرگە ئوتتۇرچە ھىساپ بىلەن  يۈز جىڭ بىرىكمە ئوغۇت، قوشۇمچە 30 جىڭ ئورىيا بېرىدىغان بولۇپ بۇ خىل ئوغۇتلاش ئۇسۇلى 30-20 يىل داۋاملاشقان. لېكىن يېقىنقى يىللاردا دېھقانلار خىمىيىلىك ئوغۇتنى بارغانسېرى كۆپ ئىشلەتسىمۇ لېكىن ھوسۇلى ئاشمىغان. ئەمەلىيەتتە غەمگە پاتقىنى پەقەت لى يۈشىنلا ئەمەس. دېھقانلار زىرائەت ئوغۇت بىلەن ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن ھازىر جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا زىرائەتنىڭ ھەممىسى خىمىيىلىك ئوغۇت بىلەن ئۆستۈرىلىدۇ. سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، 1978-يىلى جۇڭگودا دېھقانچىلىققا 8مىليون 840مىڭ توننا خىمىيىلىك ئوغۇت ئىشلىتىلگەن. 2007-يىلى 51مىليون 78مىڭ توننىغا يەتكەن. خىمىيىلىك ئوغۇتنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلسىمۇ لېكىن زىيىنىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىغان.
يەر قېتىۋالسا تۇپراقنىڭ سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، زىرائەت يىلتىزىنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ بۇنىڭ بىلەن ھوسۇل تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خىمىيىلىك ئوغۇت زىيادە ئىشلىتىلسە تۇپراقنىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداق يەرنى ھوسۇلى يوق دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ. جۇڭگو  يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسى يېزا ئىگىلىك  بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى رايونغا ئايرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇ مىڭگاڭ مۇنداق دېدى: تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، جەنۇبتىكى قىزىق تۇپراق رايونىدا، تۇپراقنىڭ كىسلاتالىقى يەنى PHقىممىتى 20يىلدا 0.5بىرلىك تۆۋەنلىگەن. ئادەتتە تەبىئەت سېستىمىسىدىمۇ كىسلاتالىقى ئاشىدۇ، لېكىن ئۇ 3مىليون يىلدا بىربىرلىك تۆۋەنلەيدۇ. مۇۋاپىق پايدىلانمىغاندا PH قىممىتى 30-20 يىلدىلا بىر بىرلىك تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا سۈرئەتنى ئىنتايىن تېز دېيىشكە بولىدۇ.
تۇپراقنىڭ ئۆزگىرىشى دېھقانلارنى خاتىرجەمسىزلەندۈرگەن. نۇرغۇن جايلاردا، دېھقانلار ھوسۇلنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلالايدىغىنى پەقەت تېخىمۇ كۆپلەپ خىمىيىلىك ئوغۇت ئىشلىتىش لېكىن ھوسۇلنى ئاشۇرۇش بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسى يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكنى رايونغا ئايرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇ مىڭگاڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە يەرنىڭ ئاساسىي كۈچى ياكى تۇپراقنىڭ ئۆنۈمدارلىقى تۆۋەنلىدى ياكى ئاجىزلىدى. خىمىيىلىك ئوغۇت ئۇزۇن مەزگىل كۆپلەپ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، تۇپراقنىڭ ئاساسىي كۈچى، ئۇزۇن مەزگىل تولۇقلىنالماي، ئاجىزلاپ كېتىدۇ. شۇڭا پۈتۈنلەي سۇ ۋە ئوغۇتقا تايانغاندا يەر باغانسېرى ھورۇنلىشىپ كېتىدۇ ياكى تويماس بولۇپ قالىدۇ.
 2007-يىلى جۇڭگو تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى تەكشۈرگەن. جايلاردىن يىغىلغان 40نەچچە مىڭ تۇپراق ئەۋرىشكىسىدىن ئورگانىك ماددىنىڭ مىقدارى ئۆلچەمگە يەتمىگىنى ٪87نى، فوسفور كەمچىل بولغىنى ٪81.4نى، كالىي كەمچىل بولغىنى ٪41.7نى، گۈڭگۈرت مىقدارى كىرىتىك قىممىتىدىن تۆۋەن بولغىنى ٪30نى، سىنىك كەمچىل بولغىنى ٪51.1نى ئىگىلىگەن. ئىقتىسادشۇناسلىقتا چەتكى ئۈنۈم تەدرىجىي تۆۋەنلەش دېگەن بىر ئۇقۇم بار. ئېلىمىزدە ئاشلىقتا، خىمىيىلىك ئوغۇت  سېلىنمىسى ۋە ئاشلىق ھوسۇلىدىن ئىبارەت بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن  ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ ھازىر ئاساسەن چېكىگە يەتكەن. خىمىيىلىك ئوغۇت بىلەن ھوسۇلنى ئاشۇرۇش مۇمكىن بولماي قالغان.
خىمىيەلىك ئوغۇتنى ھەددىدىن زىيادە بېرىۋەتكەندە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما بۇ خىمىيىۋىي ئوغۇتنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. خىمىيىلىك ئوغۇتنىڭ  ئىنسانلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تۆھپىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. كەلگۈسىدىكى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، ئىنسانلار قورسىقىنى توقلاش ئۈچۈن، خىمىيەلىك ئوغۇتتىن ئايرىلالمايدۇ. مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى قانۇنىيەتنى تونۇپ، خىمىيىۋىي ئوغۇتنى ئىلمىي ئىشلىتىش. ئاگرانوملار مەسىلىنى مۇنداق ئۈچ ئامىلغا يىغىنچاقلاپ چىققان. يەنى مۇۋاپىق ئوغۇتلاش، تەڭپۇڭ ئوغۇتلاش، ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشنى كۈچەيتىش. ئىلىمىز 2005-يىلىدىن باشلاپ، «تۇپراقنى ئۆلچەپ ئوغۇتلاش»تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن. ئاممىباب سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن تۇپراقنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن تۇپراقنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دورا بېرىش، نىمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش، قانچىلىك كەم بولسا شۇنچىلىك تولۇقلاش، تۇپراقنىڭ قوبۇل قىلالماسلىقىدىن ساقلىنىش. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئەمەلىيەت داۋامىدا، بۇ تەدبىر ئانچە ياخشى ئوموملاشمىغان، ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟
ئۆز يېرىنىڭ قېتىۋېلىش ۋە كېسلاتالىشىش ئەھۋالىدىن غەم قىلغان خېبىيلىق دېھقان لى يۈلەن 2010-يىلى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇغداي ئېتىزىنى تۇپراقنى ئۆلچەپ تەڭشەپ ئوغۇتلاشتىكى سىناق ئېتىزى قىلغان. يېرىنىڭ يېرىمىنى ئەسلىدىكى ئۇسۇل بويىچە ئوغۇتلىغان، يېرىمىنى ئاگرانوملار  ئۆلچىگەندىن كېيىن تەڭشەش كۆرسەتمىسى بويىچە ئوغۇتلىغان. تۇپراقنى ئۆلچىگەندە، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇرىيانى كۆپ بېرىۋەتكەچكە، لى يۈلەننىڭ بۇغداي ئېتىزىدا ئازوت ئېلمىنتى ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كېتىپ، كالىي ئېلىمىنىتى  يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان. بۇ دەل ئۇنىڭ توختىماي ئوغۇتلاپ، ھوسۇلنىڭ ئاشماسلىقىدىكى سەۋەب. ئاگرانوملار  رېتسىپ يېزىپ بەرگەندىن كېيىن، ئورىيا چېچىشنى توختىتىپ، ھەر مو يەرگە 8جىڭدىن كالىيلىق ئوغۇت چاچقان. بۇلتۇر، لى يۈلەننىڭ بۇغداي ئېتىزلىرىنىڭ مەھسۇلاتى كۆپ يىل بىر ئىزدا توختاپ قېلىشتىن ئاخىرى كۆرىنەرلىك ئۆسكەن.
تۇپراقنى ئۆلچەپ ئوغۇت تەڭشەش ئۇسۇلىدا، بۇ يەرگە چېچىلىدىغان ئوغۇت مىقدارى ٪20دىن ئارتۇق ئازىيىپ، مەھسۇلاتى ٪20ئاشقان بولۇپ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كىشىنى خوشال قىلىدۇ. ئەمما سىناق ئېتىزى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن چىققاندىن كېيىن، تۇپراق ئۆلچەپ تەڭشەپ ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ شەندۇڭ ئۆلكىسى شۇۋگۇاڭ يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى تەكشۈرۈش مەركىزىدە، يەردە ھەرقايسى جايلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن تۇپراق ئەۋرىشكىسى بار بولۇپ، ئاگرانوملار بىزگە، تۇپراق تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىزچىل ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىزمەت مىقدارىنىڭ پارنىك سانىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
شۇگۇاڭ شىمالىي جۇڭگونىڭ كۆكتات بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇگۇاڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ 28 كىشلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى مەملىكەتتىكى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇنلار ئىچىدە ئادىمى خېلى كۆپ ھېسابلىنىدۇ. خېبىي ئۆلكىسىنىڭ چېڭئەن ناھىيەسىنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەش تېخىمۇ تەس. تۇپراق تەكشۈرىدىغانلار جەمئىي ئالتە كىشى بولۇپ، دېھقان ئائىلىسى 80مىڭغا يىتىدۇ. بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئىككى-ئۈچ پارچە، كۆپلىرىنىڭمۇ 7پارچىدىن تېرىلغۇ يېرى بار. تۇپراقنى تەكشۈرۈپ ئوغۇتلاش ئېلىمىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن ئۆرنەك ئالغان ئىلغار ئۇسۇل بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە دېھقانچىلىق  ئىشلەپچىقىرىشىدا چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى كۆلەملەشتۈرۈلۈپ تېرىغان. پۈتكۈل بىر رايوندىكى يەرلەرنىڭ كۈچى ۋە ئوغۇتلىنىش ئەھۋالى ئاساسەن  ئوخشاش بولىدۇ، نەچچە يۈز گىكتار ئېتىزدىن 15تىن 20گىچە ئەۋرىشكە ئالسىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ. ئەمما جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ھەر ئائىلە ئايرىم تېرىقچىلىق قىلىدۇ. بىر پارچە يەر كۆپىنچە بىر ئىككى مو ئەتراپىدا بولىدۇ، ناۋادا مۇشۇنداق بىر پارچە يەردىن 15 دىن 20 گىچە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ سانىنى مۆلچەرلەش تەس.
ئەمەلىيەتتە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز مالىيەدىن ھەر يىلى نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۇپراق تەكشۈرۈپ ئوغۇتلاش كېڭەيتىلىۋاتىدۇ، بۇ پۇل ئاڭلىماققا كۆپتەك قىلغىنى بىلەن، ئىشلىتىپ كەلسە يەتمەيدۇ. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسى يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكنى رايونغا ئايرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇ مىڭگاڭ مۇنداق دېدى: بىر يىلدا نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنسا دۆلىتىمىزدە 1مىليارد 800مىليۇن مو تېرىلغۇ يەر بار. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مو يەرگە بىر يۈەندىن توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە يەنىلا تارقاق تېرىقچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.چۈنكى ئېلىمىز يەرلىرى پارچە-پارچە، يەنە كېلىپ ئوزۇقلۇق قۇبۇل قىلىشىدا پەرق زور، شۇڭا تېخنىكا يەنىلا بۇ خىل تېرىقچىلىق ئۇسۇلىغا ماس كەلمەيۋاتىدۇ.
ئۇنداق بولسا دېھقانلار ئۆزى چىقىم قىلىپ تۇپراق تەكشۈرتەمدۇ يوق؟ خېبىي ئۆلكىسى چېڭئەن ناھىيەسىدىن دېھقان لى يۈلەن تۇپراق تەكشۈرتۈپ ئوغۇتلاپ تېرىش بويىچە ئۈلگە ئېتىزىنىڭ خوجايىنى، قائىدە بويىچە ئۇ تۇپراق تەكشۈرۈشنىڭ پايدىسىنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ. تۇپراق تەكشۈرتۈپ ئوغۇتلاشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، مەركەزلەشتۈرۈپ كېڭەيتىشتە قىيىنچىلىق زور. ئەمما تۇپراق تەكشۈرتمىگەندە، ھوسۇل توسالغۇغا، ئىشلەپچىقىرىش چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇ نوقتىنى دېھقانلار ئەڭ چۈشىنىدۇ. شۇڭا يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىش توسالغۇغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، دېھقانلار تۈرلۈك چارىلەرنى سىناپ، ئامالنىڭ بېرىچە يەرنىڭ كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ئەھۋالى ۋە ئادىتى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ھەممە جاي ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈۋاتىدۇ
شەندۇڭ دۇڭشۇگۇاڭدىكى بىر كەنتتە، مۇخبىر بىر ئايالنى ئۇچراتقان. ئۇ ئايال ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇ بېشىغا ياغلىق چىگىۋالغان بولۇپ ئەمما گۈزەللىكنى بۇنچە سۆيىدىغان ئايالنىڭ شال شاكىلى ساتىدىغانلىقىنى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ. بۇ ئايالنىڭ ئىسمى سۈي يۈپىڭ بولۇپ ئۇ مۇنداق دېدى: يول بويىغا بۇ ئورگانىك ئوغۇتنى چۈشۈرگەن ئىدىم، كېتىۋاتقانلار تېلېفون نۇمۇرىمنى سوراپ، ئورگانىك ئوغۇت ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نەچچە يىلدا، شۇگۇاڭ ئورگانىك ئوغۇتىنىڭ سېتىلىش مىقدارى كۈنسىرى ئاشقان. بارغانسىرى كۆپلىگەن دېھقانلار پۇرچاق كۈنجۈرىسى، شال قاسرىقى، توخو مايىقى قاتارلىقلارنى پارنىكنىڭ ئاساسىي ئوغۇتى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. باشقا جايلاردىكى دېھقانلار خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىشنى ياقتۇرسىمۇ ئەمما شۇگۇاڭنىڭ دېھقانلىرى نىمە ئۈچۈن ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىشنى ياقتۇرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، شىمالىي جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ كۆكتات بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەردە ئوغۇتنى كۆپ بېرىۋېتىش سەۋەبىدىن تۇپراقنىڭ ناچارلىشىش مەسىلىسى بۇرۇنلا پەيدا بولغان.
خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئىشلەتكەنسىرى ئۈنۈمى ياخشى بولمىغاچقا، چوقۇم ئامال قىلىش كېرەك. كاللىسى سەزگۈر بىر قىسىم دېھقانلار توخۇ مايىقى، پۇرچاق كۈنجۈرىسى قاتارلىق كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىشلەتمىگەن ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشنى ئويلاشقان. ئورگانىك ئوغۇتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش بولۇپ ئورگانىك ئوغۇتنى ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن دېھقانلار، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنىڭ كۆرىنەرلىك ئاشقانلىقىنى، كۆكتاتلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆسكەنلىكىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئورگانىك ئوغۇت بازىرى قايتىدىن جانلانغان. دېھقانچىلىق تېخنىكىسى تارماقلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات قائىدىسى ۋە ئىشلەپچىقرىش تېخنىكا مەشغۇلات قائىدىسى بېكىتكەن ھەمدە ھەر بىر ئائىلىگىچە ئوموملاشتۇرغان. ئوغۇتلاشتىكى ياخشى ئۇسۇل خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمەسلىك ئەمەس بەلكى خىمىيۋى ئوغۇت بىلەن ئورگانىك ئوغۇتنى مۇۋاپىق نىسبەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش. بۇنداق بولغاندا مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتكىلى، شۇنداقلا يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
مۇخبىر بىر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ماگىزىنىدا يېشىل خالتىلىق ئوغۇتنى كۆرگەن. بۇ ئىسرائىلىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت بولۇپ، ئازوت، فوسفور، كالىي ۋە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمىنتلار بار ئىكەن. بىر خالتىسى 25كىلوگىرام بولۇپ، باھاسى 600يۈەن ئىكەن. مال ساتقۇچى خادىم بۇ ئوغۇتنىڭ قىممەت بولغىنى بىلەن ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. دېھقانلارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ كىچىك خالتىلىق خىمىيەۋى ئوغۇتنى بىر پارنىكقا 4قېتىم چاچقىلى بولىدىكەن. خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مىقدارى جەھەتتە مىقدارى جەھەتتە كۆپ تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن. شۇگۇاڭ شەھەرلىك كۆكتات پونكىتىنىڭ باشلىقى ليۇلىگۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئوغۇت خىمىيەلىك بېرىكمىنىڭ ئاددىي ھالدىكى  ئارىلاشمىسى بولماستىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى. ٪40دىن ٪50گىچە ئوغۇت تىجىيەلەيدۇ، تۇپراقنى بۇلغىشىمۇ ناھايىتى ئاز.
كۆكتات تېرىش كۆلىمى  كېڭەيگەچكە  بۇ  جايدا  ئۇدا نەچچە يىل يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بىلەن  تەڭلەشكەن. بۇ دەل دېھقانلارنىڭ كۆپ مەبلەغ سېلىپ كۆپ مەھسۇلاتقا ئېرىشىشنى خالىشىدىكى سەۋەب. تېرىلغۇ يەرگە سەرپ قىلىنغان ۋاقىت ۋە مەبلەغ ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى كىرىمگە ئېرىشتۈرگەن. شۇگۇاڭ تەڭپۇڭ ئوغۇتلاش، تۇپراقنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما كۆپ يىللاردىن بويان تۇپراقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە بۇلغىنىشىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. يېقىنقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، شۇگۇاڭدا تۇپراقتا يىغىلىپ قالغان خىمىيەلىك ئوغۇت دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ  قالدۇقلىرى چوڭقۇر قاتلامغا قارىغاندا تېيز قاتلامدا تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈلگەن. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ شۇگۇاڭ شەھەرلىك كۆكتات پونكىتىنىڭ باشلىقى ليۇ لىگۇڭ مۇنداق دېدى: يەر يۈزىدىكى دېھقانچلىق دورىسى، خىمىيەلىك ئوغۇتلارنىڭ بۇلغىنىشى ئاستا-ئاستا يەر ئىچىگە سېڭىپ 20نەچچە مېتىر  چوڭقۇرلۇققا يەتكەندە 7يىل ياكى 10يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنى بۇرۇنقى كىشىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيەسى مۇھىت ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مېي شۈرۇڭ مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغۇچە نەچچە ئون يىل كەتكەن. ئەسلىگە كەلتۈرۈش  بىر ئىككى كۈنلۈك ئىش ئەمەس، نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن.
شۇگۇاڭنىڭ كۆكتاتلىرى ئوخشاپ ئوغۇتنىمۇ ياخشى بېرىلگەن.  ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئومومىلاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. ئەمما شۇگۇاڭلىقلارمۇ خىمىيەلىك ئوغۇتنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىشتەك ناچار تەسىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەر، بىر ناھىيە ھەتتا بىر ئائىلىگە تايىنىپ قالساق تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەي قالىمىز. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يەر سۈپىتىنىڭ ئۆزگۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش مۇھىم ئالدىنقى شەرت. يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشمۇ مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سىياسىتىدە ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولىدىكى، تۇپراقنى ياخشىلاش، ئوغۇتنى ئۆزگەرتىش كونكرېت تېخنىكا لاھىيەسى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشقا چېتىشلىق بولۇپ قالماي، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. پەقەت مەركەزنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ماسلاشقاندىلا بۇ خىزمەت ئاندىن ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.

مەنبەسى: http://www.uycnr.com/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-4 12:34 PM  


شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 09:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىمىيىۋىي ئوغوتنىڭ  بەك زىيانلىق تەرەپلىرى باركەن ، يەنىلا بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ....ئوغوتلىرى ياخشىكەن .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7157
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 10:46:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
326ayixa يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 09:57 PM
خىمىيىۋىي ئوغوتنىڭ  بەك زىيانلىق تەرەپلىرى باركەن ، يە ...

ئۆزىمىزنىڭ ئۇغۇتلىرى (مەھەللىۋى ئوغۇت)      ياخشىلىقى ياخشى    ئاساسلىقى مىۋىلىك دەرەخلەرگە ماس كىلىدۇ .
لىكىن ئېتىزغا يىلدا تېرىيدىغان زىرائەت ئۇرۇقلىرى ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق خىمىيۋى ئۇغۇتقا كۆنۈپ كەتكەچكە     خىمىيۋى ئۇغۇتقا تايانمىسا مول ھوسۇل  ئازلاپ كىتىشى ئىنىق...  

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 11:27:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خمىيۋى ئوغۇتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى زور ،يەنە كېلىپ ھازىر ئېتىزلار پۈتۈنلەي ئوغۇتقا كۆندى ،بىراق زىينىمۇ چوڭ .
ئۇرىيە دىگەن ئاساسلقى تەركىبىدە پەقەت  46%تىن يۇقىرى ئازوت بولغان ئاق ئوغۇتنى كۆرسىتىدۇ ،يەرنى چۆيۈندەك قاتۇرۋېتىدىغىنى مۇشۇ ئۇرىيە.بۇرۇن ئېلىمىزنىڭ خىمىيە سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا ئاساسلقى ئۇرىيە ئىشلىيەلەيتى ، ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى  شىنجاڭ ئوغۇت شركىتى ، ئۈرۈمچى نېفىت -خمىيە سانائىتى باش زاۋۇتى ۋە پوسكام نېفىت بازىسدىكى ئۇغۇت زاۋۇتى رايونىمىزنىڭ ئۇرىيە سانائىتىدىكى باشلامچى كارخانىلار ئىدى ،ھازرمۇ شۇنداق .بۇ ئۇرىيەلەر ئادەتتە يىزا ئىگىلىكگىلا ئىشلىتىلىپ قالماستىن ، بەلكى باشقا ئوغۇتلارنى ئشلەشنىڭ خام ئەشياسى قىلنىدۇ ،سانائەتكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ .
ئەمدى بىركمە ئوغۇت بولسا تەركىبدىكى ئازوت ،كالىي ،فوسفور تەركىبنىڭ ئاز-جىقلىقىغا قاراپ (ئادەتتە دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە  ئۈچ خىل تەركىپنىڭ مىقدارى% 25-40%كىچە بولىدۇ ،ھەربىر يەككە تەركىپ  4%كەم بولماسلقى كېرەك )تۆۋەن ،ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى بىرىكمە ئوغۇت دەپ ئايرىلىدۇ . ئادەتتە برىكمە ئوغۇتقا% 8-20%كىچە ئورگانىك ماددا قېتىلسا ئورگانىك -ئانئورگانىك بىركمە ئوغۇت دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەمدى  ئازوت ،كالىي ،فوسفورنىڭ يىغندا  مىقدارى %5تىن تۆۋەن بولمىغان ،بىراق ئورگانىك ماددا مىقدارى 45%تىن تۆۋەن بولمىغان ئوغۇت ئورگانىك ئوغۇت بولىدۇ ،بۇنىڭ يەرگە بولغان زىينى ئازراق ،مەھەللىۋى ئوغۇتقا ئەڭ يېقىن ،بىراق ئازوت ،كالىي ،فوسفورنىڭ  مىقدارى ئاز بولغاچقا بۇ ئېلمىتلار كەم يەرلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتا رولى چوڭ ئەمەس .
ھازىر دىھقانلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدغىنى ،باھاسى ئەڭ يۇقىرىسى  قارا ئوغۇت يەنى 64%لىك (ئازوت 18%،فوسفور 46%)ئاممونى فوسپات (لىنسۈئەن ئېر ئەن ) بولۇپ ،بۇرۇن روسىيە ،قازىقىستان ۋە ئامرىكىنىڭ قارا ئوغۇتلىرنى ئىمپورت قىلناتتى ،ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى  جوڭگۇ -چەتئەل شېرىكچىلىكدىكى ۋە دۆلىتمىزنىڭ كارخانىلىرى ئشىلەپچىقارغان  قارا ئوغۇتلار بازارنى  ئىگىلىگەن .
لېكىن ئوغۇت سېتىۋالغاندا ساختىسىنى سېتىۋىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەش كېرەك ،ساختا ئوغۇتنىڭ يەرگە ۋە سالامەتلىككە بولغان زىينى تېخىمۇ زور . ئوغۇت ئىشلەپچىقرىش ،بولۇپمۇ قارائوغۇت ۋە ئۇرىيە ئىشلەپچىقىرش بىرقەدەر يۇقىرى تېخنىكا ،كۆلەملەشكەن زاۋۇت ۋە زور مەبلەغ تەلەپ قىلغاچقا ئادەتتىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقىرالمايدۇ .
رايونىمىزدىكى بەزى كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئۆزى ئوغۇت ئىشلەپچىقرالمايدۇ ،بەلكى ئۇرىيە ، 64%ئاممونىي فوسفات ئوغۇتى ، 50%كالىي سۇلفات ئوغۇتلىرنى (لىيۇ سۈەن جىيا ) مۇئەييەن نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ ،دۆلەت ئۆلچىمىگە ئويغۇنلاشتۇرۇپ  بېرىكمە ئوغۇت قىلىپ قاچىلاپ ساتىدۇ .بۇنىڭغا ئادەم ۋە ھايۋانات گەندىسى ،كۆمۈر توپىسى ..قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلغان ئورگانىك ماددا (يوۋ جى جىژ) مۇئەييەن نىسبەتتە ئارلاشتۇرسا ئورگانىك ياكى ئورگانىك -ئانئورگانىك ئوغۇت بولىدۇ .
ئىشقىلىپ ھەر رايون ،ھەريەر ئۆز يېرىنىڭ ئالاھىدىكى ،تۇپراق تەركىبى ،ۋە تۇپراق زۆرۈ بولغان ماددىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىلمى ئوغۇتلاپ ئىشلىتىش كېرەك .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aisadap + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10865
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 03:02:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر خېمىيۋىلاشمىغان نىمە قالدى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10317
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 11:23:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئادەم ھەر يىلى 6kg خمىيۋى ئوغۇتنى ئىستىمال قىلىدىكەن. يىگەن نەرسىلەر ساپلا خمىيۋىيىلىك نەرسىلەردۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 02:51:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بەدىنىگە بوكغان زىيىنى  دىيىلمەپتىغۇ؟   بىزدە  ئىختىساد  ئېڭى بار،   سالامەتلىك  ئېڭى يوقمۇ؟   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 857 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 03:17:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 11:27 PM
خمىيۋى ئوغۇتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى  ...

  ۋاي-ۋۇي ئاداش . سىزنىڭ ئەسلى ئوغۇت توغۇرسىدىكى قارشىڭىز ھەجەپمۇ چوڭقۇركىنا ؟ شۈنچىلىك تەپسىلى ۋە شۈنچىلىك ئەتىراپلىق . مەن جىنىدا باغۋەنچىلىك قىلىپمۇ ئوغۇت توغۇرسىدا بىر ئازمۇ چۈشەنچەم يوقكەن دىسە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 857 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 03:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لىكىن ماۋۇ تېما بەكمۇ چۈشىنچلىك ۋە تەملىك بولاپتۇ . بىراق مەن دەيمەن  بۇ قاراش جۇگگۇچىلىقتا خۇددى بىر بەڭگىنىڭ داڭلىق ماركىدىكى تاماكىسىنى چىكىپ بولۇپ قۇرۇق قىپىنى تاشلىۋەتسە يولدىن ئۆتكەن كىشى قۇرۇق قاپنىڭ تولىمۇ زىللىق بىلەن نەفىس ئىشلەنگەن ھۆسنىگە مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكىنىدەك بىر ئىش .

   بۇ تېمىنى قازاغىستاننىڭ تور بەتلىرىگە يوللىغان بولسىڭىز - ئالامەت ئېسىل ئىنكاسلار چۈشەتتى دە ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 03:21 PM  


ياشا ھەم يەشاشقا يول قوي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29728
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 06:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۆجىزە خاراكتىرلىك مۇنازىرمۇ نمە ؟مەن ئەزەلدىن تور يۇزدە شنجاڭدىكى ئاساسلىق كەسىپنىڭ بىرى بولغان يىزا ئگلكى توغۇرسىدا مۇنازرە قلغاننى كۆرمىگەنتىم.مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇمىز دەپ خىمىۋى ئوغۇتنى كۆپ ئشلىتىپ تاپقان پۇلغا دوختۇرخاننى ئىزدىدۇق 8+8=16 بولۋاتدۇ  شۇ

ئادەم ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇشى كىرەكمۇ؟ياكى ئۆلۇش ئۇچۇنلا ياششى كىرەكمۇ؟
ئبادەت ئەسلى خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش مەسچىت جەينامازدا ئەمەستۇر بۇ ئىش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش