babur99 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 12:11 AM
مەنمۇ ئەمدى سىزدىن ئاڭلاپ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن ،سىزدە ...
بولسا تىپىلىپ قالسا بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ . ئاساسلىق مەركىزى ئىددىيىسى . ئاسارە ئەتىقە ئىلىپ-ساتىدىغان ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى ئەقىل جەھەتتە ئامېرىكان مىللىتتىگە يەتمەيدۇ دەپ قارايدىغان ،تولىمۇ كۆرەڭ ھاكاۋۇر بىر ئامېرىكىلىق ياش ، ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا بىر تۈرۈك يىگىتىنى تەرجىمانلىققا ئىشلىتىپ ، تۈرۈك زىمىنىدىن يىڭىلىققا قەدەم قويۇپ بۇرۇنقى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئەزان نەرقىدە سېىتىپ قولدىن چىقرىۋاتقان مەزگىلدە ئالتۇن پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تۈركىيە خەلىقنىڭ ئىچىدە ساددا-گول كىشىلەرنىڭ قولدىكى قەدىمى بۇيۇملارنى ئەزان نەرقىدە ئىلىپ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ئىلىپ چىقىپ ناھايتى يۇقۇرى باھادا سېتىپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە كاتتا زەردارغا ئايلىىندىكەن . بۇ كۆرەڭ ئامېرىكان يىگىت ھىلىقى تۈرۈك تەرجمانىنى ئىلىپ يەنە بىر قىتم كەڭ كۆلەملىك ئاسارە-ئەتىقە سېتىۋىلىش ئۈچۈن تولىمۇ ھەشەمەتلىك ماشىنىسى بىلەن تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىغا كىلدىكەن . بۇ يېزىنى چارلاپ كۆڭۈلگە ياققۇدەك بىرەر بۇيۇم تاپالماي كىتىش ئۈچۈن مىڭىۋاتقىنىدا ، توساتتىن يول بويىدا تولىمۇ قىرى ۋە تولىمۇ نىمجان ئورۇق بىر ئىشەكنى دەرەخكە باغلاپ قويۇپ ئارام ئىلىۋاتقان بىر بوۋاينى ئۈچۈرتۇپ قىلىپ . ئۇ ئىشەكنىڭ تولىمۇ بىچارە قىياپىتىگە دىققەت قىلۋاتقان ئامېرىكان يىگىتى توساتتىن ئىشەكنىڭ ئۈستىدىكى تىتىلىپ كەتكەن ۋە رەڭگى تولىمۇ ئوڭۈپ ئەسلى رەڭگىنى بىلگىلى بولمىغۇدەك توقۇمغا قاراپ . ئۇ توقۇمنى سېتىۋىلىپ ياۋرۇپاغا ياكى ئامېرىكىغا ئىلىپ چىقسام گەپ يوق نەچچە يۈزمىڭ ياكى نەچچە مىلىيۇن دوللار پۇلغا ياراپ قالغۇدەك دىگەنلەرنى ئويلاپ ھىلىقى تەرجىمان يىگىتكە بۇ سودىدا تەرجىمان بولۇپ بىرىشنى ئىيتىپتۇ . تەرجىمان ماقۇل بوپ تەمشىلگىنىدە ھىلىقى ئامېرىكىلىق يىگىت ئۆزىنى تولىمۇ ئەقىللىق چاغلاپ تەرجىمانغا ، بىز ئۇ بوۋايغا توقۇمنى سېتىپ بىرىڭ دىسەك . ئۇ بوۋاي بۇ توقۇمدا بىر خىسلەت بار ئوخشايدۇ دەپ زىيادە يۇقۇرى باھا قويۋالىدۇ . شۇڭلاشقا بىز توقۇمنى سىېتىپ بىرىڭ دىمەي ئىشىگىڭىزنى سېتىپ بىرەمسىز . بىز سىز نەچچە ئون قاۋۇل ئىشەكنىڭ پۇلىسىنى بىرىمىز دىسەك ئەخمەق ساددا بوۋاي نۇرغۇن دوللارنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن ئۇ ئىشگىنى بىزگە ئىنىق ساتىدۇ .بىز ئىشەكنى ماشىننىڭ كەينىگە باغلاپ بوۋايدىن يىراقلاشقاندا ئىشەكنى يولغا تاشلاپ قويۇپ ئۈستىدىكى توقۇمىنى ئىلۋالساق نىمىدىگەن ئېسىل چارە ! دىگەن تەكلىپنى بىرىپ ھىلىقى بوۋايغا ئىشگىنى سېتىپ بىرىش تەكلىپىنى قويدىكەن . ھىلىقى بوۋاي باللىرىم سىللەرگە قارىسام كاتتا زەردار چىرايكەنسىلەر . بۇ قوتۇر ئورۇق ئىشىگىمنى سېتىۋىلىپ نىمە قىلىسلەر بۇ ئىشگىمدە مەن بىلمەيدىكغان بىرەر خسلەتنى بايقىدىڭلارمۇ نىمە ؟ دىسە - ھىلىقى ئىككەيلەن . بوۋا ئىشىگىڭدە ئالاھىيدە خىسلەتمۇ يوق . دوستۇمنىڭ ئېشگىڭنى سېتىۋىلىشتىكى مەقسىتىكى بۇ ئىشەكتە بىر ئۇزۇن يىللار ئىگىسىگە ھەدىيە قىلغان مىھنەتسىز ئەجرى ۋە بىشىدىن ئۆتكەن نەچچە يىللىق تارىخى بار . ھەم ھازىر بۇنداق يەرلىك نەسىلدىكى ئىشەكلەر يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قالدى . دوستۇم بۇ ئېشەكنى سېتىۋىلىپ چەتئەلگە ئىلىپ چىققاندىن كىيىن نوپۇزلۇق جانلىقشۇناس تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ يىتەكچىلىگىدە مەخسۇس ئاسىيا يەرلىك ئىشەكلىرىنى ياۋرۇپانىڭ ئىشەكلىرىگە چىتىشتۇرۇپ شالغۇت سورتلۇق ئىشەكلەرنىڭ سانىنى ئاۋۇتۇش پىلانى باركەن ..... مومىيالاپ ياۋرۇپا مۇزىيخانىسىغا قويماقچىكەن . ....مەخسۇس مۇشۇنداق نەسىلدىكى ئىشەك بىقىش فىرمىسى قۇرۇپ ئېشەك سۈتى ئىشلەپ چىقىرىش پىلانى باركەن .....دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇ تولىمۇ ساددا بوۋاينى ئالىغاندىن كىيىن بوۋاي ئىشكەنى نۇرغۇن ئامېرىكا دوللىرىغا ساتىدىغان بولۇپ پۈتۈشىدىكەن . ئۇ ئامېرىكىلىق ئىشنى تولىمۇ پۇختا ۋە سۇ كىرمەس قىلىپ پۈتتۈرمەن دەپ دوللارنى ساناپ بوۋاينىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ بولغىنىدا ئالاھىيدە قىلىپ ئىشەكنى ياندۇرۋالسا ئېشەكنى ستىلغان باھادىن نەچچە ھەسسە دەمدۇ ئەيتاۋۇر شۇ باھادا يىنىۋالغۇچى تەرەپ تۆلەم تۆلەيدىغان ھۆججەت يازدۇرۋالدىكەن . ھەممە ئىش پۈتكەندە ئامېرىكىلىق قولغا كەلگەن بۇ ئامەتتىن خۇشال بولغان ھالدا ئىشكەنى ھەشەمەتلىك كاتتا ماشىنىسىنىڭ كەينىگە باغلاپ ئەمدى ماڭاي دىيشىگە ھىلىقى بوۋاي . باللىرىم توختاڭلار ! توختاڭلار ! ئىسىم قۇرسۇن باللىرىم . ئىشەكنىڭ توقۇمىنى ئىلىۋالاي دەپ ئۇلارنى تورىۋالدىكەن . ھىلىقى ئامېرىكىلىق يىگىت بوۋا بىر تىيىنغا ئالمايدىغان بۇ كونا ئەسكى توقۇمنى نىمە قىلسىز دىسە -بوۋاي گىپىڭ توغرا بالام ئۇچۇلۇقنى بىر تىيىنغا ئالمايدۇ . بىراق ئەسكى بولسىمۇ بۇ ئۇچۇلۇق رەھمەتلىك دادامدىن قالغان . دادامنىڭ قولى ۋە تەرى تەككەن سىڭگەن شۇڭا ماڭا نىسپەتەن بۇ ئۇچۇلۇق بىر يادىكار بويۇم ھىساپلىنىدۇ دەپ توقۇمنى ئىشەكنىڭ ئۈستىدىن ئىلىۋالدىكەن . ئىشنىڭ تۇيۇقسىز بۇ قىسمەتكە چۈشۈپ قىلىشىغا قوسقى كۆپكەن ئامېرىكىلىق يىگىت توقۇمنى قولدىن چىقارغۇسى كەلمەي ،تەرجىمان يىگىتنىڭ ھەمرالىقىدا دۇنيادىكى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بۇ توقۇمنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن كىرەكسىز نەرسە بولسىمۇ بىراق ئاۋۇ ئىشەكنىڭ ئۈستىدە مەخسۇس مۇشۇ جاندارلارغا خاس بىر خىل گۈزەللىك تۈسى بىردىغانلىقى . ئادەمنىڭ ئۇزۇن يىل قولىغا سالغان سائىتى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە ئوڭ قولغا ئوخشاش تۇرغان سول قولنىڭ خۇددى بىر يىرى كەمتۇك تەسىر بىرىپ قالدىغانلىقى ....دىگەندەك خاسلىق، گۈزەللىك ، تولىمۇ نەفىس . توقۇم ئىشەك ئۈستىدە تۇرسا بۇ كۆرنۈشتىن شەرىقنىڭ قەدىمىيلىكگى . گۈزەللىگى چىقىپ تۇردىغانلىقى ........قاتارلىق چۈشەندۇرۇش ۋە ئىزاھلاشلار بىلەن نەچچە سائەت سۆزلەپمۇ ھىلىقى توقۇمنى بوۋايدىن ئالالماي نەچچە مىڭ دوللار پۇلغا ھىلىقى كۆرۈمسىز ئورۇق ئېشەكنى نائىلاج ماشىننىڭ كەينىگە باغلاپ مىڭىشقا مەجبۇر بولدىكەن . ماشىندا كىتىۋىتىپ ھىلىقى تۈرۈك تەرجىمان بولدىلا نىمە قىلىمىز نەچچە تۈرۈك لىراسىغا ئالمايدىغان تۈكى چۈشۈپ كەتكەن قوتۇر ئېشەكنى ماشىنناڭنىڭ ھۆسنى بۇزۇپ كەينىگە ئەگشتۈرۈپ يىشىۋىتەيلىچۇ ؟دىسە. ھىلىقى ئامېرىكىلىق يىگىت -بولمايدۇ مىنىڭ پەرىزىچمە ئۇ ئۆلمىگۈر تەلۋە قىرى بىزنى كۈزۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ .ئىشەكنى يىشىۋەتسەك ، بىر ئامېركىلىق كىشىنى ئەخمەق قىلۋالدىم دەپ بارغان-تۇرغان يىرىدە ھىكايە قىلىپ ئوبرازىمنى تۆكىدۇ دىسە. ھىلىقى تەرجىمان سىنى نىمە بىلەتتى ئاڭلىغانلار ئەخمەق دىسە بۇنىڭغا جاۋابەن ھىلىقى ئامېرىكىلىق گەپ بۇ يەردە ئەمەس ھەقىقەتەن ئاڭلىغانلار مىنى بىلمەيدۇ ئەلۋەتتە ،بىراق دۇنيادا ئەڭ ئەقىللىق مىللەت ئامېرىكانلار دەپ قارىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىلىقلار ئەسلىدىن مۇشۇنداق دۆتمۇ بولدىكەن دىگەنراق مەنىدە بىر پاراڭنى قىلىپ بىرىپ بوۋاينىڭ كۆزى يەتمىگۈدەك يەرگە بارغاندا ئىشەكنى يىشىپ تاشلاپ قويۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىپ قالغاندەك بىر مەزمۇننى بويلاپ بايان قىلىنغان تېما ئىكەندۇق .
ئەمىلىيەتتە ھىلىقى تۈرۈك بوۋاي ئامېرىكلىق يىگىتىنمۇ ئۆتەر ئەقىللىق ۋە زىرەك كىشى بولۇپ. ئامېرىكىلىق يىگىتكە ئوخشاش ئابىروي پەرەس . پۇل تپىىش يولىدا كۆزى پاختلىشىپ قالغان سودىگەرلەرنىڭ پۇلغا بولغان ھىرسمەنلىكىگىدىن پايدىلنىپ ھەر كۈنى دەمدۇ ياكى ئايدا دەمدۇ بىر كۈننى تاللاپ ھىلىقى توقۇمنى ئېشەك بازىردىن سېتىۋالغان قوتۇر ئېشەكلەرنىڭ ئۈستىگە توقۇپ چەتئەللىك سودىگەرلەر ئۆتۈپ-كىلىپ تۇردىغان يول بويدىكى دەرەخكە باغلاپ قويۇپ سەپەر ئۈستىدە ھىرىپ-چارچاپ ئارام ئىلىپ ئولتۇرغان قىياپتكە كىرۋالدىكەندە . بۇنى ھىس قىلماي ھىلىقى ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى كونا توقۇم ۋە ئىشەكنىڭ بىشىدىكى كونا يۈگەن ئارغامچىلارغا كۆزى چۈشكەن سودىگەرلەر بوۋاينى ساددا نادان چاغلاپ ئەزان باھادا كوملايمىز دەپ ئېشەكنى يۇقۇرى باھادا سېتىۋىلىپ توختام تۈزۈلۈپ بولغاندا يۇقاردا ئىيتىلغاندەك . ئۇ تولىمۇ ‹‹ ساددا ۋە تولىمۇ نادان تۈرۈك بوۋاي ›› ئېسىم قۇرسۇن دىگەن گەپ بىلەن ئىشەكنىڭ ئۈستىدىكى توقۇم ۋە ئىشەكنىڭ بىشىدىكى نۇقتىسنى يىشىۋالدىكەن .سودىگەرلەر يىنىۋالاي دىسە توختام تۈزۈلۈپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن سودىگەرلەر رەللە بولۇپ ئىچى قان بولۇپ تۈرۈك زىمىنىدىن چىرايى بەتترەك ھالدا چىقىپ كىتىدىكەن .
مەن قىسقارتىپ ۋە يۈەكى بايان قىلىپ قويدۇم .ئەسلى بايان شۇنداق يۇمۇرۇستېك ۋە تولىمۇ قىزىقارلىق . تېما بىر پۈتۈن ھەر قايسى پىرسوناژلارنىڭ يۇرىت شىۋىسى ئۇسۇلىدا بايان قىلىنغان . ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئەسسەرنى تورخاندا ئۇچۇرتىپ قىلىپ ئوقۇپ بولغۇچە كۈلۈپ بولالماي قوسقۇم تولا ئاغىرىپ كۈلە-كۈل بوپ كەتكەن مەن . ھاياتىمدا بىرگە مۇشۇ ئەسسەرگە يەنە بىرسى ئەمەلىي تۇرمۇشۇمدا بىر كىشى بىلەن تونشۇپ قىلىپ ھىلىقى كىشنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن جانلىق ۋە تولىمۇ قىزىقارلىق كەچمىشلىرىگە شۇنداق قاتتىق كۈلۈپ سىلىشىم .ھىلىقى كىشى ئۆز كەچمىشلىرنى بايان قىلۋاتقاندا نەق بۇغدا كۆل ساياھەت رايۇندا ئىدۇق ئۇياقتىن-بۇياقتىن يىغىلغان كىشىلەرگە قارىسام ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەر-ئايال دىگۈدەك ھەممىسى كۈلۈپ بولالماي قوساقلىرنى تۇتۇپ پۈكلىنىپ قالغانكەن .
.....ھەر قىتىم ئېسمىگە كەلسە كۈلۈپلا سالىمەن . بىر قىتىم ئۆيدە ۋاقتىمدا تاماق يەۋىتىپ ئېسىمگە كىلىپ كۈلۈپ سالغانتىم سىڭىل نىمىگە بىكاردىن-بىكار كۈلىسىز ئاكا دەپ سوراپ قالدى . سەۋەبىنى دىسەم ،ماڭىمۇ ئوقۇپ بىرىڭە دەپ تۇرالغانتى . ھىكاينى باشلاپ يىرىمىغا كەلسەم سىڭىل كۈلۈپ بولالماي لەلەڭشىپ قولدىكى تاماق دۈم چۈشكەن ئىدى ئانام كىرىپ قىلىپ قىز بالا دىگەنمۇ مۇشۇنداق شاشالاپ كۈلەمدۇ . دەپ ھىقاينىڭ بىلگە تەپكەنتى سىڭىل سىزمۇ ئاڭلىپ بىقىڭە ئانا دەپ زورلىغانتى بىردەم ئاڭلاپ ئاناممۇ كۈلۈپ بىر بولغان .
بولسا يىقىن-يىراقلىرىڭزىدىن سوراپ بىقىڭە ئاداش ئۇچۇراپ قالسا نۇسخىلاپ چىقىرۋالاي دىگەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-9 03:48 PM