ماۋزېدۇڭنىڭ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى
ماۋزېدۇڭ ئۆمۈر بۇيى كىتابنى دۇست تۇتۇپ ۋاقىتىنى قەدىرلەپ ،نۇرغۇن كىتاب ئۇقۇغان كىشى ئىدى.ئۇنىڭ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى ئاساسلىقى "قايتا-قايتا ئۇقۇش"،"قەلەم سىياھ ئىشلەتمەي تۇرۇپ كىتاب ئۇقۇماسلىق"،ئۇنىڭ "بىر كۈن تاماق يىمىسىمۇ بۇلىدۇ،بىر كۈن ئۇخلىمىسىمۇ بۇلىدۇ،ئەمما كىتابنى بىركۈنمۇ ئۇقۇماسلىققا بۇلمايدۇ"دىگەن مەشھۇر سۆزى بار. ماۋزېدۇڭ ياش ۋاقىتلىرىدىلا جۇڭگۇنىڭ كىلاسىك مەشھۇر تارىخى كىتابلىرىدىن "تارىخى خاتىرلەر"،"خەننامە"قاتارلىق كىتابلارنى ئىنتايىن پىششىق ئۇقۇغانىدى،كىيىن بۇ كىتابلارنى يەنە داۋاملىق قايتا قايتا ئۇقۇدى، ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۇخشاش بىر تارىخى كىتابنى قايتا قايتا ئۇقۇپ تەتقىق قىلدى شۇنداقلا ئۇقۇپ بۇلغان ئۇخشاش بىر كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا چەمبىرەك سىزىپ قۇياتتى ، سىزىلغان چەمبەر سانى ئۇنىڭ بۇ كىتابنى قانچە قىتىم ئۇقۇغانلىغىنى بىلدۈرەتتى،شۇڭا ئۇ ئۇقۇغان نۇرغۇن كىتابلاردا ئۆچ تال ،تۆت تال چەمبەرلەر سىىزىلغانىدى،ماۋېدۇڭ ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا كىتاب ئۇقۇغاندا "كۆپ ئۇقۇش،كۆپ ئۇيلاش،كۆپ يىزىش،كۆپ سۇراش"دىن كىتاب ئۇقۇش ئادىتى بارئىدى،ئۇ ئۇقۇغان كىتابنىڭ ئىچىگە ھەرخىل چەمبىرەك ،سىزىق، چىكىتلەرنى قۇيۇپ ماڭاتتى.
لۇشۇننىڭ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى
لۇشۇن نۇرغۇن كىتابلارنى ئۇقۇش ئاساسىدا ئۆزىگە خاس كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
بىرىنجى،كەڭ دائىرلىك ئۇقۇش،ئۇ كۆپ تەرەپلىمە كۆرۈپ ھەر قايسىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىگىلەشنى ،بۇش ۋاقىتلاردا ئۇنى -بۇنى كۆرۈپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئىككىنجى،قادىلىپ تۇرۇپ ئۇقۇش،چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن زۆرۈر ئۇقۇيدىغان كىتابلارنى باش چۆكۈرۈپ ،قادىلىپ تۇرۇپ ،تاكى مەزمۇىنى تەلتۆكۈس بىلگىچە ئۇقۇش. ئۈچىنجى،مەخسۇس بىرىلىپ ئۇقۇش، كەڭ دائىرلىك ئۇقۇش ئاساسىدا ئۆزى ياقتۇردىغان مەلۇم ساھەگە ئائىت كىتابلارنى چۇڭقۇرلاپ تەتىقىق قىلىش كىرەك ،ئۇنداق بولمىغاندا ھەر قانچە كۆپ كتاب ئۇقۇغان تەقدىردىمۇ ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ.تۆتىنجى،جانلىق ئۇقۇش،لۇشۇن كىتاب ئۇقۇشتا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشنى ۋە ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بىرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ئۇ "كىتابلارنى ئۇقۇۋىرىشمۇ بىر خىل كىسەللىك ،شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەت بىلەنمۇ ئۇچىرشىشى ،ئۇقۇغان كىتابنى جانلىق كۈچكە ئىگە قىلىش كىرەك"،"ئۆز كۆزى ئارقىلىق جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ تىرىك كىتابنى ئۇقۇش كىرەك "دەيدۇ.بەشىنجى،كىتاب ئۇقۇشتا كىتابلارنى تاللاپ ئۇقۇپلا قالماستىن يەنە ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالى،ئەسەرلىرىدىنمۇ خەۋەردار بۇلۇش ،مۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاپتۇر تۇغان دەۋىرنى ۋە بۇ دەۋىرنىڭ ئورنىنى چۈشەنگىلى ،ئەسەرگە بولغان چۈشىنىشنى چۇڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
سۇبۇچىڭنىڭ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى
ئىلىمىزنىڭ مەشھۇر ماتىماتىكا ئالىمى سۇبۇچىڭ كىتاب ئۇقۇشتا كۆپ ئۇقۇش ۋە تەپسىلى ئۇقۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ،ئۇ كىتاب ئۇقۇغاندا بىرىنجى قىتىم ئۇقۇغاندا تەخمىنەن ئۇقۇشنى ئىككىنجى ،ئۈچىنجى قىتىم ئۇقۇش ئارقىلىق تىخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ،ئۇ مۇشۇ خىل ئۇقۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق "قىزىل راۋاقتىكى چۈش "،غەربكە ساياھەت"،"ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسسە"قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئۇقۇغانىدى،ئۇ "لىياۋجەي رىۋايەتلىرى"نى تۇلىمۇ ياقتۇرىدىغان بۇلۇپ،ئۆزىمۇ بۇ كىتابنى قانچە قىتىم ئۇقۇغانلىقىنى دەپ بىرەلمەيدۇ، ئۇ دەسلەپتە ئۇقۇغان كىتابىغا قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىسا ،قايتا قايتا ئۇقۇش ئارقىلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ،ئۇ ماتىماتىكىغا ئائىت كىتابلارنى ئۇقۇغاندا بىر تەرەپتىن ئۇقۇپ بىر تەرەپتىن ئۇيلاش،يەنە بىر تەرەپتىن كۆنۈكمىلەرنى ئىشلەيدۇ، بىر قىتىم ئۇقۇش ئارقىلىق چۈشىنىپ بۇلالمىسا ،قايتا قايتا ئۇقۇش ئارقىلىق پۈتۈن كىتابنى ئۇقۇپ بۇلىدۇ،سۇبۇچىڭ مۇنداق قارايدۇ:كىتاب ئۇقۇشتا كىتابنى كۆپ ئۇقۇش شەرت ئەمەس،كىتاب ئۇقۇشتا تەپسىلى ،ئىنچىكە ئۇقۇش كىرەك ،ئۇقۇغان كىتابنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ،كەمچىلىكىنى ۋە خاتا تەرەپلىرىنى بىلسە ئاندىن بۇ ،تەپسىلى ياخشى ئۇقۇغانلىق ھىسابلىنىدۇ .
خۇالۇگىڭنىڭ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى
خۇا لۇگىڭ ئىجتىھات بىلەن ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ ئۆسۈپ يىتلگەن ماتىماتىكا ئالىم.خۇالۇگىڭ تۇلۇقسىز ئوتتورانى پۈتكۈزگەندىن كىيىن بەش ئالتە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ ،تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنىڭ ماتىماتىكا دەرىسلىرىنى ئۆگەنگەن،خۇالۇگىڭ ئۆزىنىڭ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلىنى مۇنداق ئىككى باسقۇچقا يىغىنچاقلايدۇ،بىرسى،"قىلىنلىقتىن نىپىزلىككىچە " يەنە بىرسى،"نىپىزلىكتىن قىلىنلىققىچە".سىز ئۇقۇغان كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇق چۈشەنگەن بولسىڭىز ،مۇھىم نۇقتىسى ۋە ماھىيتىنى ئىگىلىگەن بولسىڭىز ئۇنداقتا كىتاب قىلىنلىقتىن نىپىزلايدۇ،كىتابقا نىسبەتەن چۈشەنچىڭىز ئاشقانسىرى ،بىلگەنلىرىڭىز شۇنچە كۆپىيىپ ،كىتاب شۇنچە نىپىزلىغاندەك تەسىر بىرىدۇ،ئەگەردە سىز كىتاب ئۇقۇش جەريانىدا ھەر قايسى باب پارىگىرافلار بۇيىچە چۇڭقۇر تەتقىق قىلسىڭىز ،ھەر بىر بەتتە يىڭىدىن ئىزاھات،چۈشەنچىلەرنى قۇشسىڭىز ،پايدىلىندىغان ماتىرياللارنى تۇلۇقلىسىڭىز ئۇنداقتا كىتاب شۇنچە قىلىنلايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن كىتاب ئۇقۇش نىپىزلىقتىن قىلىنلىققىچە ۋە قىلىنلىقتىن نىپىزلىققىچە قۇش جەريان.
خۇالۇگىڭ پەرەز قىلىش ئۇسۇ لىنى قۇللىناتتى ،يەنى ئۇقۇماقچى بولغان كىتابنى قۇلىغا ئالغاندىن كىيىن ،كىتابنىڭ ئىسمىغا قاراپ كۆڭلىدە ئەگەردە بۇمەسىلىنى مەن ئىشلىگەن بولسام قانداق ئىشلەيتىم دەپ ئويلىناتتى ،ئاندىن بۇ كىتابنى ئۇقۇشقا باشلايتى.
ماركىسنىڭ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى
ماركىس ماركىسىزىم نەزەرىيەسىنىڭ بەرپاچىسى ،پۈتۈن دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئۇلۇغ ئالىم ،ئۇنىڭ كۆپ بىلىملەرنى ئىگىلەپ ، شۇنچىۋالا كۆپ ئەسەرلەرنى يىزىشى كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ،بىرىىنجىدىن ،كىتاب ئۇقۇشتا ئۈزۈندە ئىلىش ۋە خاتىرە قالدۇرۇش ،ماركىس كىتاب ئۇقۇشتا سىسىتىمىلىق ،مەقسەتلىك ھالدا ئۇقۇيتى ،ئۇ ھەر قىتىم كىتاب ئۇقۇغاندا ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان ،پايدىلىنىش قىممىتى بار مەزمۇنلارنى كۆچۈرەتتى ۋە خاتىرە يازاتتى .ئىلككىنجى،قانۇنىيەتلىك بولغان كىتاب ئۇقۇش تۇرمۇشىدا چىڭ تۇرۇش،ماركىسنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرى سەرگەردانلىق ،مۇقىم تۇرالغۇسى بولماسلىقتەك ھالەتتە .ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇ كىتاب ئۇقۇشنى ئەزەلدىن ئۈزۈپ قۇيغىنى يۇق،1849-يىلى لۇندۇنغا كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغاندىن كىيىن ،ئىقتىسادى جەھەتتىن قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ ،ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق بولغان ۋاقىتلاردىمۇ ئۇ ئاۋالقىدەكلا كىتاب ئۇقۇش ۋە ئىلمى تەتقىقات خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،ئۇنىڭدىن بىر خىل تەسەللىگە ئىرىشكەنىدى ،ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ھەر كۈنى ئەتىگىنى سائەت 7:00دە لۇندۇن كۈتۈپخانىسىغا كىلىپ ،كەچ سائەت 7:دە ئۆيگە قايتاتتى ،مەيلى بۇران چاپقۇنلۇق كۈنلەر ،يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ ئۇ ھەر كۈنى ئىزچىل مۇشۇنداق ياشىدى ،كۈتۈپخانىدا ئۇنى تۇنۇمايدىغانلار يۇق ئىدى ،ئۇ ئۇلتۇرغان ئۇرۇندۇقنىڭ ئاستىدا ئۇنىڭ ئايىغىنى ئىزى قالغانىدى.ئۈچىنجى،جىددى ئۇقۇش بىلەن ئازادە ئۇقۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش،ماركىس ئاساسلىقى سىياسىي ئىقتىساد،پەلىسەپە،سىياسەت ئىلىملىرى قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئىلىپ بارىدۇ ،ئۇ بۇ ساھەلەرگە زۇر مىقداردا زىھنى كۈچىنى سەرىپ قىلغان بۇلۇپ ،ئون نەچچە يىلنى خۇددى بىركۈندەك ئۆتكۈزگەنىدى ،بۇ ساھەگە نىسبەتەن ئۇقۇيدىغان كىتابنىڭ مىقدارىمۇ كۆپ ۋە جىددى ئىدى ،ئۇ مۇشۇنداق جىددى ۋاقتىلاردا چارچىغان چاغدا ئىسىل شىئىرلار ۋە ئىسىل ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۇقۇش ئارقىلىق ھاردۇقىنى چىقىراتتى.
بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى