|
|
|
|
ئۇيغۇر ماكانى-ئەزىزانە قەشقەر بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 F5 v2 }( X' t# ]2 r1 ^
(چاتما سۈرەتلەر ــــ 1 ) بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( h0 w( ?0 d( [* W1 ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( T4 S. g" Q8 t) d3 J+ p2 e قەشقەر تىلغا ئېلىنسا، جاھان ئەھلى ئۇنى «ئۇيغۇرلار ماكانى، قەدىمىي مەشھۇر شەھەر» دەپ تەرىپلىشىدۇ. «قەشقەرگە كەلمىسە، شىنجاڭغا كەلگەن ھىساپلانمايدۇ» دىگەن سۆزمۇ قەشقەرنىڭ قەدىمىيلىك، مىللىيلىك ئالاھىدىلىكىگە قارىتىپ ئېيتىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ قانداق ماكان ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغان ھەرقانداق جوڭگولۇق، چەتئەللىك ساياھەتچى ئالدى بىلەن قەشقەرگە كېلىشى كېرەك. جوڭگولۇق، چەتئەللىك ساياھەتچىلەر شۇنچە يىراقتىن بۇ قەدىمىي جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىۋاتسا، يېنىمىزدا تۇرغان بۇ ئەزىز ماكانغا بىز نىمە ئۈچۈن كەلمىگۈدەكمىز؟ مانا بۇ بىزنىڭ يەتتە سائەتلىك مۇساپىنى بېسىپ، بۇ قەدىمىي ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىمىزدىكى بىر چىقىش نۇقتىمىز ئىدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 L0 {5 A% H" C+ S2 ]$ z" l
ئالاقىدار ماتىرىياللاردىن قارىغاندا، قەشقەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن بۇلۇپ، 2000 يىلدىن ئاشىدىكەن. مىلادى 10-ئەسىردە قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان بۇ شەھەر ئوتتۇرا، غەربى ئاسىيانىڭ قاتناش تۈگۈنى، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شىمالى، ئوتتۇرا، جەنۇبى لىنىيىسىنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسى بۇلۇپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، روسىيە، ئەنگىلىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قەشقەردە كونسولخانا، ۋە ۋەكالەتخانا تەسېس قىلغان ئىكەن. ئۇيغۇرلار ئومۇمى نۇپۇسنىڭ %82.8 نى تەشكىل قىلىدىغان بۇ شەھەر بۈگۈنكى كۈندە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزىگە، جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىرىنچى چوڭ شەھەرگە، يېڭى يىپەك يولىدىكى جۇلالىنىپ تۇرغان مەرۋايىتقا ئايلانغان. 1986-يىلى قەشقەر شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قىلىپ بېكىتىلگەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 F! F8 E+ W0 X, I. Z ^ قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر قەشقەرنىڭ ئاۋات سودا، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ھېيتگاھ مەيدانىنى ۋە مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى - ھېيتگاھ جامەسىنى كۆرمەي كەتمەيدۇ، بۇ يەرنى كۆرمىگەنلەر قەشقەرگە كەلگەن ھىساپلانمايدۇ. بىزنىڭمۇ ئالدى بىلەن كەلگەن يېرىمىز مانا مۇشۇ ھېيتگاھ بولدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' h4 @& U, j( U+ J& n. U2 g 1442-يىلى قۇرۇلغان ھېيتگاھ جامەسى ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم ئۇيغۇر ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەت بۇلۇپ،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, b7 y; x' T7 c! a# M% f; k' Oئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرنىڭ ھۆسنىگە ئالاھىدە ھۆسېن قوشۇپ تۇرىدىكەن. تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسى خانىقا، كايىۋان، تىلاۋەتخانا، ھويلا، گۈمبەز، مۇنار ۋە چوڭ دەرۋازا قاتارلىق يەتتە قىسىمغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆپ قېتىم رىمۇنت قىلىنىپ كېڭەيتىلىپتۇ. 1983-يىلى دۆلەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ جامەنى رىمۇنت قىلىش بىلەن بىللە، يېڭىدىن زامانىۋىي مۇنچا، ئىستىنجاخانا، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئاممىسىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ياخشى شارائېت يارىتىپ بېرىپتۇ. 1994-يىلى دۆلەت يەنە مەبلەغ ئاجرىتىپ، جامەنى بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك رىمۇنت قىلىش بىلەن بىللە، يېڭىدىن 23 ئېغىزلىق پىششىق خىشلىق ئۆي، 53 ئېغىز دوكان سېلىپ، جامەنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قامدىشىغا شارائېت ھازىرلاپ بېرىپتۇ. 1999-يىلى يەنە بىر قېتىم مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، جامەنى چوڭ كۆلەمدە رىمۇنت قىلدۇرۇپتۇ. 2001-يىلى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ھېيتگاھ جامەسىنى «دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى» قىلىپ بېكىتىپتۇ. ھېيتگاھ جامەسىگە كىرگەن ئادەم ئۆزىنى خۇددى گۈلزارلىق، ئورمانلىق گۈزەل باغچىدا يۈرگەندەك ھېس قىلىدىكەن. جامە ئىچىدىكى ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسكەن سوۋادان تېرەكلەر، تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلگەن رەڭگارەڭ گۈللەر، پاكىزە يوللار جامەنىڭ مۇھىتىنى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپتۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 }, U/ v) a; Q4 ~1 T
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىغا جايلاشقان ھېيتگاھ مەيدانى جوڭگولۇق، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان بىر جاي بۇلۇپ، بۇ يەردە ساياھەتچىلەرگە ئاتاپ تەييارلانغان ئات، تۆگىلەر، كۆزنىڭ يېغىنى يىگىدەك نەپىس ياسالغان ساياھەت ھارۋىلىرى ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىكەن. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بەرپا قىلىنغان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىرايلىق گۈللۈك ئەتراپىدىن كىشىلەر ئەگىپ كېتەلمەيدىكەن. بۇ يەردە سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان، گۈللەرنى تاماشا قىلىۋاتقان كىشىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدىكەن. مەيدان ئەتراپىدىكى دەرەخ سايىلىرىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقان، ھەمسۆھبەتتە بولىۋاتقان كىشىلەرنىڭ روھى قىياپىتىدىن بىرخىل خاتىرجەملىك، ئازادىلىك، ئاسايىشلىق چىقىپ تۇرىدىكەن. ئەتراپتىكى مىللى ئۇسلۇبتا سېلىنغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى قەشقەرنىڭ مىللىيلىك ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' y; A# G& z2 {& R تۆۋەندە قەشقەردىكى ساياھەت داۋامىدا تارتىلغان «ئۇيغۇر ماكانى-ئەزىزانە قەشقەر» تىمىسىدىكى چاتما سۈرەتلەرنىڭ 1-قىسمىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ l/ {& v+ X1 n6 R
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& O5 O; _8 ~% C& H ]' ]0 I8 N6 ?8 r
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ?" H5 S. M! y+ l, ~2 S% z9 k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ]9 D2 j1 w0 K3 S G$ ` D8 m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 O' N$ D, v. F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: E; p: k. W5 K) N" N" z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( T6 s8 K# {6 {1 f" `9 [: W
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ u) d; a" S7 [4 s5 N- P7 i5 k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 g! ?" L: l$ U/ X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 h0 I' n& P( W l# D
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ c) d& T. Y& l: ` بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-29 11:36 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& m" _) \5 n! S$ z# I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ y# Y* E; |8 D. v$ K4 |
|
|
|
|
|
|