uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 02:36 PM
تېما يوللغۇچىىڭ خاراكتىرى ئوچۇق ۋە يۈمۇرىستىك چىر ...
ئەپسۇس، دۇئالىرىڭىز ئىجاۋەت بولمىدى، ئېغىزىم ناھايتتى جايىدا، ئوبدان تۇرىۋاتىدۇ دىسە.....لېكىن ماڭا راستىنلا تېتىقسىز بىلىنگەن تۇرسا، ئەجىبا سىز مىنى يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىماقچىمۇ، ئۆزىمۇ تېتىقسىزلىقى راس دەپ ئېتىراپ قىلىۋاتسا، ھەي........مۇشۇ كەمنىڭ ياش بالىلىرى -زە!
مىھىرىيەنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈك، مىجەزىنىڭ ئوچۇق- يورۇق، ئېسىل قىز ئىكەنلىكىنى تېما ئىنكاسلىرىدىن بىلگەن بولغاچقا، تارتىنمايلا راس گەپنى قىلغان ئىدىم، شۇنداق قىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى مانا!
يەنە بىر گەپ، ئۆزلە مەندىن كۆپ كىچىك، تېخى توي قىلمىغان ياش يىگىت ئىكەنلا، مىنىڭ سەككىز ياشقا كىرگەن ئوغلۇم بار قارىسىلا......تۇركىيە پاسۇنىدا، يېقىن كۆرۈپ، ئەدەپلەپ قويىغىنىڭىزغا رەھمەت ھە!
سىزنىڭ پات ئارىدا، ئېسىل، ئوچۇق- يورۇق، بىلىملىك، ئىمانلىق، گۈزەل، پۇلدار، مەرت ، لىۋەن بىر قىز بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇپ، ھايات مۇساپىڭىزغا يەنە بىر مول مەزمۇن قوشىشىڭىزنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن! ئامىن!