مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6078|ئىنكاس: 45

ئايتۇغ: قۇياش نۇرى ھامان ئىللىق-ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 23752
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 5117 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 12:23:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇياش نۇرى ھامان ئىللىق


(ھېكايە)


سائادەت ساتتار ئايتۇغ


‹‹مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە››


                       

2257-11123010440041.jpg



ئۆينىڭ ئېچىۋېتىلگەن دېرىزىسىدىن كىرىۋاتقان باش باھارنىڭ مەيىن شامىلىدا ھالرەڭ نىپىز تور پەردىلەر خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك گاھ كۆتۈرۈلۈپ گاھى پەسىيەتتى.

    ئۆز خىياللىرىدىن ئەندىكىپ، خۇددى ئاشۇ پەردىلەردەك يىنىك سىلكىنىپ تەۋرەۋاتقان كۆكسىنى مەھكەم بېسىۋېلىپ، ئۈنسىز ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان ئاجىزە ئاخىرى بىر قارارغا كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ ئىشىككە تەلمۈرۈپ ياتقىنىغا توپتوغرا بىر كۈن بولدى.ياق، بىر كۈنلا ئەمەس تالاي يىللار بولدى...

ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ بىردەممۇ نېرى كەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان خىزمەتكارى( ياق، ھازىر ئۇنىڭ سالاھىيىتى خىزمەتكارلا ئەمەس )ئەتىگەن كىرىپ چېيىنى ئىچتۈرۈپ، ئاستىنى تازىلاپ قۇرۇقداپ قويۇپ سوغۇقلا بىر كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتكەنچە چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق ۋاقتىدىمۇ قارىسىنى كۆرسەتمىدى.

ئايال پات-پاتلا ئېغىر خۇرسىناتتى.تىترەۋاتقان ئاجىز بارماقلىرى بىلەن مەڭزىنى بويلاپ توختاۋسىز ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتەتتى. ئۇ ئەزەلدىن شۇنچە قەيسەر ئىدىغۇ؟ بۈگۈن ئۇنىڭغا نىمە بولدىكىنە؟ياق! –دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى ئۇ-بۇنداق يېتىۋېرىشكە بولمايدۇ!‹‹ ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار››دەپتىكەن،قاچانغۇچە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتىمەن؟! بۇ قارارىمنى بۈگۈنلا ئۇنىڭغا دەيمەن. ئىنسان ھاياتى ئەسلىدىنلا تەۋەككۈلچىلىككە تولغان ئەمەسمىدى؟ئەگەر بۇ خىيالىم بەربات بولسا يەنە مۇشۇ مۇزدەك خانەمدە، يەنە شۇ ئازاپلار ئىچىدە پۇچۇلىنىپ ياتقىنىم ياتقان...

ئايال ئىشىكنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ يېتىپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى.

ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ، يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل يۇرتلارنىڭ بىرىدە تۇغۇلدى. ئائىلىسى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ زامانداشلىرىغا ئوخشاشلا بالىلىقنىڭ بارچە خۇشاللىقلىرىغا تۇيۇنۇپ چوڭ بولدى. باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ قارارى بىلەن ئۇقۇشتىن توختاپ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بىكار ۋاقىتلىرىنى كىتاپ ئوقۇش، گۈل-كەشتىلەرنى تىكىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان رەسىدە بولۇپ قالغان گۈزەل قىزنىڭ قەلبىدە بارچە قىزلارغا ئوخشاشلا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىتۋارلىق ۋە ھەرخىل رومانتىك ئارزۇ-خىياللار ھوكۈم سۈرەتتى.

قاچانلا قارىسا مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئىككى تال ئۆرۈلگەن توم،ئۇزۇن چېچىنى كەينىگە تاشلىغىنىچە مۇلايىملىق بىلەن سالام قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان، يۈزى تۆۋەن، چېھرى ئىللىق بۇ قىزغا مەھەللىدىكى يىگىتلەرنىڭ ۋە ئوغۇللىرى چوڭ بولۇپ قالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزى چۈشۈشكە باشلىغىنىدا تالاي ئەلچىلەر بۇسۇغىدىن ئۈمىد بىلەن ئاتلاپ پەرىدەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قىزىنىڭ تېخى كىچىكلىكى ھەققىدىكى چىرايلىق چۈشەندۈرۈشلىرى بىلەن ئارماندا قايتىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەھەردىكى دېھقانچىلىق ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىغا ئىشچى قوبۇل قىلىش باشلانغانلىقىنى ئاڭلىغان ياشلار بەس-بەستە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا باشلىدى.

پەرىدەنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغان،چوپ-چوڭ بولۇپ قالغان قىزىنىڭ سىرتتا ئىشلىشى يەنە كېلىپ زاۋۇت ياتىقىدا يېتىپ خىزمەت قىلىشى تۈرلۈك ساراسىمىلەرگە سېلىپ ئەنسىرەتكەن بولسىمۇ قىزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە جاھىللىق بىلەن ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋېلىشلىرى نەتىجىسىدە قىيمىغان ھالدا قىزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بىرگە باردى ۋە بىر تۈركۈم رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولغاندىن كىيىن قىزىنى چىرايىدىن ئىللىق تەبەسسۇم تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان، مۇلايىم،چىرايلىق سېخ مەسئۇلى ئايالغا يېنىش-يېنىشلاپ تاپشۇرغاندىن كىيىن كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا قايتىپ كېتىشتى.

پەرىدە خىزمەتكە تېزلا كىرىشىپ كەتتى.ئۆز كەسپىنى شۇنچە ئەستايىدىل،سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلىدىكى خىزمەتداشلىرى ۋە سېخ مەسئۇللىرىنىڭلا ئەمەس زاۋۇت باشلىقلىرىنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ ئۇدا نەچچە يىلغۇچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىپ،يىغىنلاردا مەيدىسىگە شەرەپ گۈللىرىنى تاقاپ كۆپچىلىكنىڭ قايىللىقى ۋە سۆيۈنۈشلىرىگە نائىل بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددى ئائىلە ئايالى بولۇپ قېلىش خەۋپى بۇرنىغا پۇراۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە بۇ خىزمەتكە ئېرىشكىنىدىن،ئۆز ئەجرىگە چۇشلۇق شەرەپلەرنى قۇچقىنىدىن، قىسقىسى ھەر ئايدا قولىغا تىگىدىغان مائاشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىدى.ئاتا-ئانىسىمۇ بارغانسىرى قىزىدىن ئەنسىرىمەيدىغان، قىزىنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق ۋە قولىدىن ئىش كىلىدىغان بالا بولغىنىدىن سۆيۈنۈپ مەھەللە كويلاردا ماختىنىپ يۈرىدىغان بولۇشتى. قىزى ھەر قېتىمقى دەم ئېلىشلاردا ئۆيىگە قايتقىنىدا ئۇلار ئۇنىڭ ئامراق تاماقلىرىنى تەييارلىشىپ يوللىرىغا ئىنتىزارلىق بىلەن تەلمۈرىشەتتى.قىزىنى ئەڭ ئەزىز مىھمان سۈپىتىدە قارشى ئالغان ئانا ئۇنى چىڭ قۇچاغلاپ،قانماي ھىدلاپ كېتەتتى.قايتىدىغان ۋاقتىدا ئانىسى ئالدىنقى قېتىمقىلارغا ئوخشاشلا قىزىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىدىن غەم يەۋاتقانلىقىنى، دادىسىنىڭمۇ بۇ ئىشنى كەينىگە سوزماسلىقنى تەكىتلەۋاتقانقىنى قىزىنىڭ سەمىگە سېلىشنى ئۇنۇتمايتى.

ئەلۋەتتە پەرىدەدەك ھېچ يېرىدىن ئېۋەن تاپقىلى بولمايدىغان تەبىئىي گۈزەل،مۇلايىم ھەم قابىلىيەتلىك قىزغا يوشۇرۇن كۆز سېلىپ ، سۆز ئېچىشقا پېتىنالماي يىراقتىن كۈزىتىپ،پۇرسەت كۈتۈپ يۈرگەن يىگىتلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.شۇلارنىڭ قاتارىدىكى بويلىرى ئىگىز،بەستلىك،قاڭشارلىق ، كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ تۇرىدىغان،ئاۋازى توم بولغاچ سۆزلىرى سەل قوپال ئاڭلىنىدىغان بىر يىگىت پەرىدەنىڭ غۇبارسىز قەلبىگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان ئىدى.يىگىتنىڭ خىيالچان بېقىشلىرى، مەنىلىك سالاملىرىدىن يۈرىكى ئەندىكىپ،ئىزتىراپلىق تاتلىق ھىسلارغا چۆمگەن قىز يىگىتنىڭ تۇنجى خېتىنى تاپشۇرىۋالغاندا نەچچە كۈنلەرگۈچە ئەندىشىلىك خىياللاردا كۆپ ئويلانغان ۋە ئۆز كۆڭلىنىڭ مايىللىقى ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن قىز يىگىتنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغانلىقى يۇشۇرۇن ئىپادىلەنگەن جاۋاپ خەتنى قايتۇرغاندىن كىيىن ئۇلار تەبىئىيلا يېقىنلىشىشقا باشلىدى. يىگىتتىكى ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سالماقلىق قىزنى خاتىرجەم قىلاتتى.يىگىت كەمسۆز بولسىمۇ تولىمۇ كۆيۈمچان ئىدى.يىگىتنىڭ قەيسەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بالقىپ تۇرغان كۆزلىرى قىزنى كەلگۈسىدىكى خاتىرجەم،بەختلىك تۇرمۇشى ھەققىدە تاتلىق خىياللار قوينىغا غەرق قىلاتتى...

ئەلچى كىرگۈزۈشتىن تاكى توي كۈنى بېكىتىلىشكىچە بولغان ھەر خىل رەسمىيەت، قائىدە-يوسۇنلار چوڭلارنىڭ رازىلىقى بىلەن تولىمۇ ئوڭۇشلۇق ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ توي كۈنى بەرىكەتلىك كۈز ئايلىرىنىڭ خاسىيەتلىك بىر كۈنىگە بېكىتىلدى.

پەرھاتنىڭ ئاتا-ئانىسى خېلى بۇرۇنلا قازا قىلىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ ياشتا چوڭىيىپ قالغان مومىسىنى كۆپ ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆپ نەرسە تەلەپمۇ قىلىپ كەتمەي ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كىلىشىچە تەييارلىقلارنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك ئۆزلىرى پۈتتۈرۈشكە پايپېتەك بولۇشۇپ كەتكەن ئىدى.ئەلۋەتتە ھەر قانداق ئاتا- ئانا بولغۇچى ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك.

پەرھات ۋە ئۇنىڭ مومىسى قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ تولىمۇ كەڭ قوساق ۋە ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن بەكلا خۇشال بولغاچ ئۆزلىرىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قېلىشقان ئىدى. پەرھاتنىڭ خۇشاللىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى. كۆپنىڭ كۆزى چۈشكەن، شۇنچە گۈزەل،لاتاپەتلىك قىزنى خوتۇن قىلىپ ئەمرىگە ئالالايدىغانلىقى،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشايدىغانلىقى، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى نامرات،يىتىم كۆرمەي ،ئارتۇقچە ھېچنىمە تەلەپ قىلماي رازىلىق بېرىشكەنلىرىنى ئويلىسىلا يۈرىكى كۆكرەك قەپىزىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك ھاياجانلىق ھىسلارغا چۆمۈلەتتى ۋە ئۆز-ئۆزىگە-پەرىدەنى چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايالغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنى مەڭگۈ سۆيىمەن،ئاسرايمەن، كۆزىدىن بىر تامچە ياش چىقارماي ئەتىۋارلاپ ئۆتىمەن،دەپ ۋەدە بېرىپ پىچىرلايتى.

توي مۇراسىىمىنىڭ ناھايىتى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكىنىگە ئوخشاش بۇ بىر جۈپنىڭ كىيىنكى كۈنلىرىمۇ ھەقىقى مەناسىغا تويۇنغان بەختتىن بەھرىمان بولۇشقا باشلىدى.ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى بەخت نۇرى ئوخشاشلا ھەر ئىككىلا ئائىلىدىكىلەرنى خۇشال،خاتىرجەم قىلاتتى.

پەرىدە ئۇ چاغدىكى بەختىيار كۈنلىرىنى ئويلىسىلا خۇددى شۇ پەيتلەرگە قايتقاندەك ھاياجانلانماي قالمايتتى. ئەر-ئايال ئىككىسى ئەتىگەنلىك ناشتىنى بىرگە تەييارلايتتى، مومىسىنىڭ چايلىرىنى ئىچۇرۇپ بولغاندىكىن كىيىن بىر-بىرىگە تويماي قارىشىپ ئولتۇرۇشۇپ ناشتا قىلىشىپ ،بىرگە خىزمەتكە باراتتى.يول بويى چاخچاقلىشىپ ھەتتا كىچىك بالىلاردەك قوغلىشىپ ئويناپ يۈرگەن بۇ بىر جۈپلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلمەي قالمايتتى.

پەرھات زاۋۇتنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغاچقا خىزمىتى سەل جاپالىق بولسىمۇ بىكار ۋاقتى بولسىلا پەرىدە ئىشلەۋاتقان سېخقا كىلىپ ئۇنى بىر كۆرۈۋېلىشنى،شوخلۇق قىلىپ ئۇنى-بۇنى دەپ قىزنى كۈلدۈرۈپ ياكى قەستەن تېرىكتۈرۈپ قويۇپ قايتىپ كىتىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان ئىدى.قىزمۇ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشلىرىغا خۇشتار بولغاچ دەممۇ دەم ئۇنىڭ يوللىرىغا تەلمۈرەتتى.يىگىت ئۇزۇنراق كەلمىسە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ،ئۆز كۆڭلىدە ئۇنى دارتمىلاپ تىللاپ قوياتتى.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا قاباھەتلىك «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ ئىزنالىرىدىن بىرى بولغان لەخمە كولاش سەپەرۋەرلىكى باشلاندى. زاۋۇتتىكىلەر تۈركۈم-تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ لەخمە كولاش دولقۇنىغا ئاتلاندى.

پەرھات بىلەن پەرىدەمۇ ئوخشاشلا لەخمە كولاش سېپىدىكىلەرگە قۇشۇلۇپ جاپالىق ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ بەختىگە يەنە بىر كىچىككىنە خوشاللىق يېقىنلىشىۋاتقان ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ خۇشاللىق ئۇلار ئۈچۈن ئالەمچە سۆيۈنۈش ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

دوىتۇرخانىنىڭ كارىدورىدا پەرىدە كىرىپ كەتكەن ئىشىككە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان پەرھات پەرىدە ئىشىكتىن چىقىپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ قولىدىكى تەكشۈرۈش قەغىزىنى قولىغا ئالماي تۇرۇپلا ھەممىنى بىلگەن ۋە باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا پەرىدەنى قۇچاغلاپ نەچچىنى پىقىرىتىۋەتكەن ئىدى.

-يارايسىز ئوماق خوتۇن! ئەمدى مەن دادا بولىدىغان بولدۇم،رەھمەت سىزگە!،دىگەن ئىدى ئۇ پەرىدەنىڭ كۆزلىرىگە رازىمەنلىك،بەختىيارلىق تۇيغۇسى بىلەن مىھىرلىك قاراپ تۇرۇپ.

شۇنىڭدىن كىيىنكى تالاي كېچىلەر كەلگۈسىدىكى مىھماننىڭ ئوغۇل ياكى قىزلىقى، ئۇنىڭغا قانداق ئىسىم قويۇش، قانداق تەربىيەلەش ھەققىدىكى  پىچىرلىشىشلار بىلەن تاڭغا ئۇلاشقان ئىدى.

پەرىدە ئۇ ۋاقىتلاردىكى خۇشاللىقلارنى،چوڭلارنىڭ ئۇنى خۇددى بىر دانە تۇخۇمنى ئايىغاندەك  ئاسراشلىرىنى، پەرھاتنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنۈشلىرىنى ئويلىسىلا شۇ پەيتلەردىكى بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا قايتا چۆمۈلەتتى. ئەپسۇس، خىيال ھامان خىيال-دە؟ئۇ خىياللار قوينىدىن يۇلقۇنغىنىدا ھامان ئېغىر خورسىنىپ ئۈنسىز ياشلىرىنى تۆكەتتى.

مانا، ئۇ ئاشۇنداق گۈزەل كەچمىشلەرگە تويۇنغان،بەختنىڭ قوينىدا خۇشال ئەللەيلەنگەن ۋاقىتلىرىنى،كىيىنكى قارا قىسمەتلەرنىڭ قاباھەتلىك سايىلىرىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ مۇشۇنداق يېتىۋاتقىلى دەل يەتتە يىل بولدى. ئۇ ئاشۇ قارا چۈش باغرىنى، باغرىنىلا ئەمەس پۈتۈن جىسمىمى، تىنىنى ئەزگەن ئاشۇ مىنىۇتلارنى ئەسكە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتىيۇ،يەنىلا ئىختىيارسىز ئاشۇ قاباھەتنىڭ چاڭگىلىدا تەكرار مۇجۇلاتتى، پۇچۇلىناتتى. ئىنسان ئاجىز يارىتىلغان دىيىلىدىكەنيۇ بېشىغا كەلگەندە ئىنساندىكى قەيسەرلىك،جاسارەت ۋە چىدام-غەيرەتكە يىتەلەيدىغان باشقا بىر كۇچنى تېپىش مۇمكىن ئەمەستۇر بەلكىم.

ئۇنىڭ خىياللىرى يەنىلا ئاشۇ كۈندىكى رەھىمسىز ھادىسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتەلمەيتتى.ئۇ كۈنى ئەتىگەندە پەرھات ئۇنى ۋېلىسپىتكە مىندۈرۈپ ئىش ئورنىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن چۈشتە ئۇنى ئالغىلى كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلىشىپ ئۆز خىزمەت ئورنىغا ماڭغان ئىدى.

خىزمەتداشلىرى بىلەن قاپ قاراڭغۇ لەخمە ئىچىدە مەشغۇلات قىلىۋاتقان پەرىدەنىڭ نىمىشقىدۇر يۈرىكى نەچچە قېتىم قاتتىق ئېغىپ كەتتى، يۈرىكىنىڭ ئېغىشى ۋە قاپىقىنىڭ لىپپىدە تارتىشىدىن قانداقتۇر بىر كىلىشمەسلىكنىڭ بىشارىتىدىن خاۋاتىرلەنگەن پەرىدەنىڭ لەخمىنىڭ ئىچكىرىسىگە ئىلگىرىلىگۈسى كەلمەيتتى لېكىن، ئۇلارغا چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان ئەترەت باشلىقى، شەرتسىز ئورۇنلىنىشى كېرەك بولغان بۈگۈنكى ۋەزىپە ئۇنىڭ رايىغا باقمايتتى ئەلۋەتتە!


داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 11:50 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
maripatogli + 200 چىنلىقى ھەقىقەتەن كۈچ.
anamihri + 100 تەسىرلىك چىقىپتۇ ،.
asrari + 111 قايتا ئۇقۇشقا ئەرزىيد.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 411   باھا خاتىرىسى

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 23752
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 5117 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 12:40:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇ كۆزلىرىنى ئاچماقچى بولاتتىيۇ قاپاقلىرىنى بېسىپ تۇرغان نەچچە توننا ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلمەيۋاتقاندەك قىينىلاتتى.ئەتراپىدىن كىملەرنىڭدۇر بوش ئاۋازدا پىچىرلىشىشلىرى،ئۆزىگە شۇنچە تونۇش بولغان نەپەسلەرنىڭ ئېغىر ئۇھسىنىشلىرى ئۇنىڭغا ئېنىڭ ئاڭلىنىپ تۇراتتىيۇ يەنىلا كۆزلىرىنى ئېچىپ ئۇلارنى كۆرەلمەيتى.‹‹مەن نەدە؟ ماڭا نىمە بولدى؟نىمە ئۈچۈن كۆزلىرىمنى ئاچالمايمەن،ئېغىزلىرىمنى مىدىرلىتالمايمەن؟››پەرىدەنىڭ كاللىسىدا مۇشۇ سۇئاللار ئەگىيتى.پەرھاتنىڭ ئىسسىق ئالقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ قوللىرىنى سىلاشلىرىنى ھىس قىلالايتىيۇ ئۇنىڭ‹‹پەرىدە كۆزىڭىزنى ئاچسىڭىزچۇ؟ مىنى بۇنداق قورقۇتماڭ بولامدۇ؟››دېگەن ھەسرەتلىك نىدالىرىغا جاۋاپ قايتۇرالمايتتى.

ئۇ زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاشقا تىرىشاتتىيۇ ئاشۇ لەخمە ئىچىدىكى يىنىك تەۋرەش ۋە ئارقىدىنلا بەدىنىنىڭ قاتتىق بىر نەرسىنىڭ ئاستىدا قالغاندەك چىدىغۇسىز ئاغرىغىنىدىن باشقىنى ئەسلىيەلمەيتتى.

دەرۋەقە ئۇ ئاشۇ لەخمە گۆمۈرۈلۈش سەۋەبلىك زەخمىلىنىپ ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ قۇتقۇزۇپ چىقىلغاندا بولسا تىنىقلىرىمۇ توختاپ قالغاندەك ئىدى. دوختۇرلارنىڭ بىر كېچە جىددى قۇتقۇزۇشى بىلەن ئۇ ھايات قالغان بولسىمۇ ئاشۇ كارىۋاتتا ئاشۇ ھالەتتە خېلى كۈنلەرگۈچە ھوشسىز ياتتى.

رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭ بەختىگە تارلىق قىلغاندەك ئۇنىڭ ھەممە خۇشاللىقلىرىنى بىر دەقىدىلا شىرىن چۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.شۇنداق، ئۇ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىپلا قالماي بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئانا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا كۆرگەن كىشىنىڭ يۈرەك باغرى ئۆرتەنگۈدەك ئازاپلىق ياشلىرىنى تۆككەن بولسا،بەدىنىنىڭ ئاستى قىسمىنىڭ سىزىمىنى يوقىتىشىدىن پەيدا بولىۋاتقان مەڭگۈلۈك يەر دەسسەپ ماڭالماسلىقتەك ۋەھىمىنىڭ قوينىدا ئاچچىق تولغاندى...

ئۇ قانچىلىغان كۈنلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازاپنىڭ ئىلكىدە پۇچۇلىنىپ، ئۇيقۇسىز،غىزاسىز ئۆتكۈزدى.لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن تەقدىرنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

-مېنىڭ يەنە ياشىغىنىمنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟دىگەن سۆزنى تەكرارلاپلا ياتقان پەرىدەنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەنلەر ئېچىنماي، ئېچىنىش ياشلىرىنى تۆكمەي قالمايتتى. شۇنچە ياش ھەم چىرايلىق بىر ئايالنىڭ بىردەمدىلا مەڭگۈلۈك بەختسىزلىكنىڭ چۆلىگە تاشلىنىشى،ئانا بولۇش ۋە چىرايلىق كىيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالىدىغان ئارا پاشنىلىق توپلىيىنى كىيىپ، چاچلىرىنى ئارقىغا تاشلاپ چەبدەس مېڭىپ كىتىشلىرىنىڭ ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئاڭلىسا ۋە كۆرسە كىمنىڭمۇ ئىچى سىرىلمەي تۇرالىسۇن؟

بۇ مەزگىللەردە پەرىدەنىڭ بۇ ھالىتىگە ھەممىدىن بەك يۈرىكى ئېچىشىۋاتقىنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە پەرھات ئىدى. پەرھات گەرچە پەرىدەنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ،ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىشقا ئورۇنۇپ،مەيلى نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ياخشى قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تىتىك يۈرگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپلا ھەسرەتلىك ياشلىرىنى توختىتالماي قالاتتى. تېخى تۇغۇلۇشقا ، ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۇلاردىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان پەرزەنتى، مەڭگۈ پەرزەنتلىك بولالماسلىقتەك ئاچچىق رىئاللىققا ئۆز كۆڭلىدە‹‹تالاي كىشىلەر پەرزەتسىزمۇ ياشاپ ئۆتكەنغۇ؟››دەپ تەسەللى بەرسىمۇ، پەرىدەنىڭ بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماسلىقىدىن، بىر ئۆمۈر ئورنىدىن تۇرالماسلىقنىڭ ئۇنى روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن تۈگەشتۈرىۋېتىشىدىن، ئۇنىڭدىنمۇ ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتى. لېكىن ئۇ پەرىدەنى مەڭگۈ سۆيۈشنى، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بولغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ پەرىدەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قىزىنى قايتۇرۇپ كىتىپ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تۇرغۇزۇش ۋە ھالىدىن ئۆزلىرى خەۋەر ئېلىش ھەققىدىكى تەلىپىنى چىرايلىقچە  رەت قىلدى.

-دادا،ئاپا خاتىرجەم بولۇڭلار! پەرىدەنى ئۆزۈم خالاپ،ھەقلەپ نىكاھلاپ،ئەمرىمگە ئالغان ئىكەنمەن،بۇرۇن قانداق كۆرگەن بولسام بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق ئاسرايمەن، ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن. ماڭا ئىشىنىڭلار، ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار، دەپ ۋەدە بېرىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغان پەرھات پەرىدەنى دوختۇرخانىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە ياندۇرۇپ چىقتى.ۋە ئۇنىڭغا كېچە-كۈندۈز ھەمرا بولۇپ، كۆپ تەسەللى ۋەدىلەرنى بېرىپ روھى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. پەرىدەمۇ پەرھاتنىڭ چىن مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكىسىدە خېلى روھلىنىپ قالدى ۋە تەقدىرگە تەن بېرىپ بۇ قىسمەتلەرگە كۆنۈشكە،تەن بېرىشكە باشلىدى.

«ھەرنىمە بولسا رىزقىم توشماي ھايات قاپتىمەن، كىشىلىك ھايات شۇنچىلىكلا ئىكەنغۇ؟ جان دېگەن قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئوتتۇرىىسىدىكىلا ئىش ئىكەن. بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىمدا پەرھەتقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىسەممۇ، ئۇنى ھەر بىر ئېغىز گېپىمدە بولسىمۇ خىۇش قىلىپ، رېغبەتلەندۇرۇپ، ياشايمەن.ئاللاھ مىنى كارىۋاتقا مەھكۈم قىلسىمۇ زېھنى قۇۋۋىتىمدىن ئايرىماپتۇ.مەن ھېچبولمىغاندا قەلەم تۇتالايمەن.كىتاپ ئوقۇيالايمەن...››دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۆزىگە تەسەللى تاپقان پەرىدەنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز ئىدى. ئۇ يەنە بەزىدە‹‹مىنىڭ ياشىغىنىمنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟پەرھاتقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەننى ئازدەپ ئۇنىڭغا بالىمۇ تۇغۇپ بېرەلمەيمەن، ھەمدە ئۇنى ھەركۈنى ئاۋارە قىلىمەن.خىزمەتتىن چۈشۈپ كىلىپ مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىدۇ،ئۇنىڭغا نىمە كۈن بۇ؟ ئۇلۇغ ئاللاھ ئەينى چاغدا جېنىمنىلا ئالسىچۇ؟››دەپ نالە قىلىپ ياش تۆكەتتى.ئەلۋەتتە ئۇ تالاي قېتىم ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىدى لېكىن ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۆلۈۋېلىشنىڭ قەبىھ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا يۇم-يۇم ياشلىرىنى تۆكۈپ ئاللاھتىن ئۆزىگە بىرەر مۆجىزە ئاتا قىلىشىنى، يەنە يەر دەسسەپ ئورنىدىن تۇرۇشنى تىلىدى.

دۇنيادا شۇنداق سىرلىق بىر تىلسىمات باركى، ئىنسانلار ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ پەقەت ئۇلا ھەمرا بولىدىكەن يەنىلا ھاياتى كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ،ھاياتنى سۆيۈپ، ئۈمىتۋار،خۇشال ياشىيالايدۇ. ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت! شۇنداق، پەرھاتنىڭ ئۆزگەرمەس چىن مۇھەببىتى ئۇلار تونۇشقان،كۆڭۈل بېرىشكەن ۋە توي قىلغان ۋاقىتلىرىدىكىدىن قىلچە ئۆزگەرگىنى يوق.ئەكسىچە پەرىدەگە تېخىمۇ كۆپ مىھىر مۇھەببەت بېغىشلاۋاتاتتى. مانا بۇلار پەرىدەگە ھەقىقى تەسەللى ۋە ئۈمىد بېغىشلايتتى. ئۇنى ياشاشقا ئىلھاملاندۇراتتى.

پەرھاتنىڭ پەرىدەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئىدارىسىدىن بېرىلگەن دەم ئېلىش ۋاقتى توشۇپ خىزمەتكە چۈشتى.

پەرىدە ھەر كۈنى پەرھات ئۆزى ئۈچۈن مەخسۇس دېرىزە تۈۋىگە جايلاشتۇرۇپ بەرگەن كارىۋاتتا چەكسىز ىىياللار ئىچىدە ئۇنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىنى كۈتۈپ ياتىدۇ.كىشىلىك ھاياتتىكى رەھمسىز تەقدىرنىڭ ئۆزىگە تاشلىغان قارا سايىسىدىن نالە قىلىدۇ.پەقەت پەرھاتنىڭ ياشىنىپ قالغان،ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان مومىسى پەرىدەگە ھەمرا بولاتتى.

پەرھات بولسا ئەتتىگىنى ئۆيلەرنى تازىلاپ،مومىسى ۋە پەرىدەگە ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىپ ئۇنى چىرايلىق ئەركىلىتىپ ئىشقا كىتەتتى.چۈشتە ھاسىراپ يىتىپ كىلىپ چۈشلۈك تاماق تەييارلايتتى.تاماقنى كارىۋاتنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئۈستەلگە قويۇپ پەرىدەنىڭ قولىغا چىنىنى تۇتقۇزۇپ بىرگە ئولتۇرۇپ يەيتى.كەچتە بولسا يەنىلا پەرىدەنىڭ ئاستىنى قۇرۇقدايتتى،كىتاپلاردىن ئۆگەنگىنى بويىچە تاماق ئىتەتتى.ئۆيلەرنى تازىلاپ،كىر-قاتلارنى يۇياتتى.ئاخشىمى يەنە پەرىدەگە قىزىقارلىق گەپلەرنى، ئىدارىدىكى بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاغلاپ ئۇخلاپ قالاتتى. پەرىدە ئۇنىڭ شۇنچە ھارغانلىقىنى قىلچە چاندۇرماي ئۆزىنى شۇنچە تىتىك تۇتۇشلىرىدىن،كۈنسىرى ئورۇقلاپ،چىرايلىرىنىڭ سارغىيىپ كىتىۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر ئۇھسىناتتى. پەرھات ئۇنىڭغا قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسا، ھالىدىن قانچە ياخشى خەۋەر ئالسا ئۇ شۇنچە بىئارام بولاتتى.ئازاپلىناتتى.ئېرىنىڭ يۈكىنى بىراقلا ئېغىرلىتىۋەتكىنىدىن ئۆرتىنەتتى.

كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى. پەرىدەنىڭ مۇشۇنداق ياتقىنىغىمۇ بەش يىلدىن ئاشتى.پەرىدەنىڭ ئۇنى ئارا كۈندە بىر يوقلاپ،ھالىنى سورايدىغان،پەرھاتنىڭ تۈگىتەلمەي قالغان ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىغان ئاتا-ئانىسىمۇ، ئارقا ئارقىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.

پەرھاتقا ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۆيدە ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئىككى ئاجىزە ئۇنىڭ كۈتىشىگە قاراشلىق.تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى،خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقى ئۇنى ھەقىقەتەن ھالسىراتقان ئىدى.

شۇ كۈنلەردە پەرھاتنىڭ مومىسىنىڭ يېزىدىكى بىر تۇققىنى قىزىنى ئېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ كەلدى.بۇ كىشى موماينىڭ نەۋرە تۇغقىنى بولۇپ يېشى ئەللىكتىن ئاشقان بولسىمۇ تولىمۇ تىتىك، كەسكىن ۋە قىزغىن كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئون يەتتىگە كىرگەن قىزى يېقىندا مەھەللىسىدىكى بىرەيلەن بىلەن توي قىلغان بولۇپ،لېكىن ئۇنىڭ ئېرى جېدەلخور،ھاراقكەش بولغاچقا قىزىنىڭ نالە-زارلىرىغا چىدىمىغان ئاتا قىزىنى ئاجرىتىۋالدى. لېكىن ئۇ ئەر ئاجراشقاندىن كىيىنمۇ ئارا كۈندە بىر مەست ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كىلىۋېلىپ جېدەل چىقىرىپ ئۇلارغا ئارامچىلىق بەرمىدى.مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئىزا-ئاھانەتكە قالغان بۇ ئاتا ئاخىرى قىزىنى بىر مەزگىل كۆزدىن يىراق قىلىپ تۇرماقچى بولۇپ شەھەردىكى نەۋرە ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە ئەكەلگەن ئىدى. ئۇ گەپ ئارىلىقىدا ھەممە ئىشنى بۇ ئۆيدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردى ۋە قىزىنىڭ بىر مەزگىل مۇشۇ ئۆيدە پەرھاتقا ياردەملىشىپ موماي ۋە پەرىدەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇپ تۇرىشىنى ئېيتتى.

-بۇغۇ بەك ياخشى گەپ ئىكەن، دىدى پەرھات مومىسى بىلەن پەرىدەنىڭ ئۇنىڭ جاۋابىغا تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەندىن كىيىن پەرىدەگە بىر قاراپ قويۇپ.-لېكىن مومام بىلەن پەرىدە ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ، مىنىڭ خىزمىتىممۇ بەك ئالدىراش سەلىمەنى جاپادا قويارمىزرمىكىن....

-مەن ھەممىنى بىلىمەن بالام ،دىدى پەرھاتنىڭ تاغىسى،-كىلىشتىن بۇرۇن ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ كۆپ مەسلىھەتلەشتۇق.ھېلىمۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى سىلەرگە ياردەمدە بولالمىدۇق، سىزمۇ ئايشىخان ئاچامنى ۋە پەرىدەنى شۇنچە ياخشى باقتىڭىز،ئەسلى بىز بۇرۇنراق سىلەرگە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك ئىدى، ھەممىمىز ئۆز ھەلەكچىلىكىمىز بىلەن بولۇپ كەتتۇق.بۇ قېتىم بىزنىڭمۇ بېشىمىزغا كۈن چۈشتى بالام، قىزبالا دېگەننى كۆرگەنلا يەرگە ئاپىرىپ تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ. مۇشۇ ئىشنىڭ سەۋەبى بىلەن بىزمۇ سىلەرگە تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزىۋالساق، قىزىمىزمۇ ئاشۇ ئاۋارىچىلىقلاردىن بىر مەزگىل يىراقراق تۇرۇپ تۇرغان بولسا...

نۇرغۇن مەسلىھەت ۋە ئويلىنىشلاردىن كىيىن پەرھات ئۇ قىزغا مۇۋاپىق ھەق بېرىدىغانلىقىنى شەرت قىلىپ ئۇنىڭ بۇ ئۆيدە قېلىشىغا قۇشۇلدى.

قىز بالا دېگەننىڭ ئايىقى تەككەن يەردىن گۈل ئۈنىدۇ، دېگەن  تەمسىلنىڭ راست ئىكەنلىكى نەچچە كۈنگە قالمايلا بۇ ئائىلىدە نامايان بولدى. سەلىمە تولىمۇ ئىشچان، ئاقكۆڭۈل،پاكىز، رايىش قىز ئىدى. كىملا گەپ قىلسا سۇسقىنە تەبەسسۇم بىلەن باش لىڭشىتىپ تۇرىدىغان بۇ مۇلايىم قىزنى ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ قېلىشتى. ئۇنىڭ يىتىپ كىلىشى ھەممىدىن بەك پەرىدەنى خۇش قىلدى. قىز بىكار بولسىلا پەرىدە بىلەن مۇڭدىشاتتى، پەرىدەدىن خەت ئوقۇشنى ئۆگىنەتتى، ھەر خىل ناخشا لىنتىلىرىنى ئېلىپ كىلىپ پەرىدەگە قويۇپ بېرەتتى.بەزىدە تېخى ئۆزى ناخشا ئېيتىپ،تارتىنىپ تۇرۇپ ئۇسسۇلمۇ ئويناپ بېرەتتى.ئىشقىلىپ ئۇ پەرىدەنىڭ زېرىكىشلىك،تىنچ ھاياتىغا يېڭى مەنالارنى قوشقان، چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتكەن ئىدى. پەرىدەنىڭ ئۇنىڭغا مەسلىكى ۋە ھەۋىسى كىلەتتى.ئۇنىڭدەك بىر ياخشى ھەمراھنى يەتكۈزگەن ئاللاھقا شۈكرى ھەمدۇسانالارنى ئوقۇيتى.

پەرھاتمۇ ئەتىگىنى سەلىمە تەييارلىغان ناشتىلىقنى مومىسى ۋە پەرىدەلەر بىلەن بىرگە يەپ ئىشقا خاتىرجەم ماڭاتتى.سەلىمە كەلگەندىن كىيىن ئۇ چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە چېپىپ يۈرمەيدىغان، كەچلىكىمۇ ئىشتىن چۈشۈپلا كېرەكلىك نەرسىلەرنى، سەي-كۆكتاتلارنى ئالدىراش ئېلىپ ئۆيگە چاپمايدىغان بولدى. ئۆيگە كىلىپ سەلىمە تەييارلىغان تاماقلارنى ئىشتىھا بىلەن يەپ ياخشى ئارام ئالالايدىغان بولغان پەرھاتنىڭمۇ بۇ قىزغا بولغان مىننەتدارلىقى ئاشاتتى.

موماي ۋە پەرىدە سەلىمەگە شۇنچە ئىچىكىپ كەتكەن ئىدىكى ئۇنى بىردەم كۆرمىسە چىداشمايتتى. ئۇنىڭ ھەر بىر ئىشىدىن كۆپ مىننەتدار ۋە خۇشال بولاتتى.پەرھاتنىڭ قولىنىڭ خېلى بوشاپ قالغانلىقىدىن پەرەدەمۇ ئالەمچە خۇش ئىدى ۋە ئىلگىركىدەك ھەر خىل بېسىم ۋە خجالەتچىلىكلەردىن خالى بولۇپ يەلكىسىنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر تاغدىن ئازات بولغاندەك خېلىلا يىنىكلەپ قالغاندەك بولاتتى.


داۋامى بار...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-7 12:42 AM  


ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 12:44:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 01:20:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزىقپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتىغۇ. داۋامىغا تەشنامەن.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10432
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 09:51:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمە   .قارىسام  تۈگەپ  قاپتۇ
  ئاخرى  قاچانمۇ چىقا ئەمدە

تىخىمۇ ياخشى بلغان ئەسەرلەرنى  تورداشلىرىمىزغا  سۇنۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31481
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6523
تۆھپە نۇمۇرى: 205
توردا: 1192 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 10:03:21 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەن بازاردا كىردۇق مانا، ئاچاڭزا، مۇكاپات ئالغاندا بىزلەرنى ئۇنۇتمىغايلا!

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 10:21:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەلىمە پەرھات بىلەن بىرەر ئىش چىقىرىپ قويارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم.

داۋامىغا تەشنامەن ھەدە...

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109692
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2014-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 10:49:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايتۇغ ھىكايىڭىزنى تېزراق پۈتتۈرسىڭىز بولاتتى ،ساقلاپ قالدۇق .بۇ  ھىكايىڭىز «سىلكىنىش»كە ئوخشاشلا ياخشى يېزىلىدۇ دەپ ئويلۇدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105604
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2014-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 10:56:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،مۇكاپاتلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ئارقامغا ياكى ئالدىمغا قارىغۇم يوق. چۇنكى ئارقامدا غەمكىن ئۆتمۇشۇم ، ئالدىمدا تەشۋىشلىك كەلگۇسۇم بار ! يەنىلا ئۇستىگە قاراشنى لايىق تاپتىم،چۇنكى ئۇيەردە ماڭا ھەقىقى بەخىت ۋە خۇشاللىق بىرىدىغان ئۇلۇغ رەببىم بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 11:58:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي  ئاخىرى قېنىى؟شۇنداق قىزىقىپ  ئۇقۇۋاتسام  تۈگەپ كەتتىغۇ....بەك ياخشى  يېزپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش