مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Aytugh

ئايتۇغ: قۇياش نۇرى ھامان ئىللىق-ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 23743
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 5113 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 03:59:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باھار ئاپتىپى ھەممە يەرگە ئىللىق نۇرىنى سىپىپ، گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ ۋە بارلىق جانلىقلارغا ھاياتلىق بېغىشلاۋاتقان باش باھارنىڭ يەكشەنبە كۈنلىرىنىڭ بىرىدىكى سەھەردە سەلىمەنىڭ دادىسى بۇ ئۆيگە ئۇلارنى يوقلاپ كەلدى. ئۇلار قىزغىن كۆرۈشۈپ ھال مۇڭ بولۇشتى. ئەلۋەتتە سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىككى ئاجىزە ئۈچۈن بىرەرسىنىڭ ئۇلارنى يوقلاپ كىلىشى ئالەمچە تەسەللى ۋە روھى ئۇزۇق،خۇشاللىق بېغىشلايتى.

سەلىمەنىڭ دادىسى قايتىش ئالدىدا پەرھات ۋە پەرىدەگە قىزىنىڭمۇ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، مەھەللىدىمۇ ئۇنى قېچىپ كىتىپتۇ دېگەندەك مىش-مىش گەپلەرنىڭ ئاينىپ قېلىۋاتقانلىقىنى شۇڭا ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىزىنى بىرەرسىگە تۇتقۇزۇش ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى، مۇمكىن بولسا پەرھاتنىڭ ئىدارىسىدىكى ياكى ئەل ئاغىنىلىرى ئىچىدىكى بىرەرسىنى ئويلىشىپ سەلىمەنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشىنى ئۈتۈندى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان موماي ۋە پەرىدە چۆچۈپ بىر-بىرسىگە قاراشتى ۋە ئارقىدىنلا لاسسىدە بولۇپ قېلىشتى. ئەلۋەتتە بويىغا يىتىپ قالغان بىر قىزنى مەڭگۈ بۇ ئائىلىگە بېكىنمە قىلىپ قويۇشقا، ئۆزلىرى ئۈچۈن داۋاملىق بەدەل تۆلەشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇدە؟نىمىلا بولسۇن ئۇمۇ بىر ئائىلىگە ئىگە بولىىشى، بالىلىق بولۇشى،بىرسىنىڭ مەڭگۈلۈك ھىمايىسىگە ئۆتۈشى كېرەكتە....

شۇ كېچە تاڭ ئاتقۇچە پەرىدەنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىدى. خۇددى سەلىمە كەتسىلا بۇ ئۆيدىكى بارلىق خۇشاللىقلار، خاتىرجەملىك،شوخ كۈلكىلەر مەڭگۈلۈككە غايىپ بولىدىغاندەك ئىدى. ئەلۋەتتە پەرھاتقىمۇ يەنە ئارامچىلىق بولمايتتى.پەرىدەمۇ يەنە خىجالەتنىڭ،غېرىپلىقنىڭ،يالغۇزلۇقنىڭ دوقمۇشلىرىدا يەنچىلەتتى.

ئەتىگىنى سەلىمە چىرايلىق سالام قىلىپ پەرىدەنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ كەلگەندە پەرىدە پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ۋە تۈنۈگۈن دادىسىنىڭ دېگەن گەپلىرىنى سەلىمەگە دەپ ‹‹بىزنى تاشلاپ كەتسىڭىز قانداقمۇ قىلارمىز؟››دەپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى.سەلىمەمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى ۋە-ياق، مەن كەتسەم بولمايدۇ!مەن كەتسەم سىلەر قانداق قىلىسىلەر؟ پەرھات ئاكام قانداق قىلىدۇ؟ ماڭىمۇ مەيلى نەگىلا باراي بۇ ئۆيدىكىدەك خاتىرجەملىك نىمىش قىلسۇن؟ خاتىرجەم بولۇڭ پەرىدە ھەدە مەن سىلەرنى تاشلاپ كەتمەيمەن، دەپ پەرىدەنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

سەلىمەنىڭمۇ بۇ ئۆيدىكى ھەممەيلەنگە مىھرى بار ئىدى. كۆيۈمچان مومىسىغا قىيمايتتى، مەسئۇلىيەتچان ئاكىسىنىڭ پەرىدەگە بولغان مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنەتتى ۋە پەرھاتنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەر دەپ ھۆرمەتلەيتتى. پەرىدەدىكى چىدام-غەيرەتكە قول قوياتتى. ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا چىن يۈرىكىدىن قايىل بولاتتى ۋە مەڭگۈ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى نىيەت قىلاتتى. ئۇنىڭ ياردىمىدە ساۋادى چىققان بۇ قىز پەرىدەنى ھەقىقى ئۇستازى،قېرىندىشى ئورنىدا كۆرەتتى، ئۇنىڭدىن ئادەم بولۇش ۋە ھەقىقى ئايال بولۇشنى ئۈلگە ئالاتتى.كىچىكىدىن ئانا مىھرىگە قانمىغان ۋە كىچىك تۇرۇپلا نىكاھنىڭ لەززەتسىز تەمىنى تېتىپ، تۇرمۇشتىن رايى يانغان بۇ قىز بۇ ئائىلىنى ھەقىقى ئۆز ئۆيىدەك ئىپتىخارلىق بىلەن سۆيەتتى...

كاللىسىغا كىرىۋالغان ۋە نەچچە كۈن ئويلىنىپ چىقارغا قارارىنى مۇۋاپىق بىر پۇرسەتتە يېنىدا بىىارامان كىتاپ كۆرۈپ ياتقان ئېرىگە تەسلىكتە ئېغىز ئېچىپ دېگەن پەرىدەنى ئېرىنىڭ كەسكىن رەت قىلىشى پەرىدەنى يەنە بىىر رەت ئۈمىتسىزلەندۇردى. ئەلۋەتتە سەلىمەنى ئېلىپ قېلىشقا بۇنىڭدىن باشقا ياىشىراق سەۋەپ تېپىلمايتتى.

-ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ پەرىدە؟ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟دەپ ۋاقىراپ كەتتتى پەرھات،-سەلىمە ئۆز سىڭلىمدەك تۇرسا؟ يەنە كىلىپ....بۇنداق خىيال كاللىڭىزغا قانداقمۇ كەلگەندۇ؟ بىز ئۆزىمىزنى دەپ بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلساق ئۇنىڭغىمۇ ماڭىمۇ ھەتتا سىزگىمۇ ئۇۋال بولمامدۇ؟

-پەرھات خاپا بولماي ئېيتقانلىرىمنى سەمىمىيرەك ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن. بۇمىنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلغىنىم ئەمەس، ئۇنى پەقەت مۇشۇ ئۇسۇلدىلا يېنىمىزدا ئېلىپ قالالايمىز. ئۇ باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان ھالەتتىمۇ بۇنداق ساددا، يۇۋاش قىزنى باشقىلارغا بوزەك بولۇپ قالمايدۇ، بەختلىك بولالايدۇ، دىيەلەيمىزمۇ؟ ئۇمۇ ھەممىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭمۇ بۇ ئائىلىدىن كەتكىسى يوق.لېكىن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلىماي بولمايدۇ.سىزنىڭ ئادىمىيلىكىڭىزگە ۋە ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزگە مەن ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن. مىنىڭ دەۋاتقىنىم پەقەت بىر رەسمىيەتقۇ؟ ئاشۇ رەسمىيەت بىلەن ئۇنى بۇ ئائىلىدە ئېلىپ قالساق نىمە بوپتۇ؟ مەن گېزىتتىن كۆردۈم مەندەك ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارنىڭ ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان ئاساستا يەنە بىرەيلەننى ئەمرىگە ئېلىشىغا بولىدىكەن.يەنە كىلىپ مومام ۋە مىنىڭ قانچىلىك ئۆمرىمىز قالدى بۇنى ئاللاھلا بىلىدۇ. بىزدىن كىيىن قالسىمۇ ئۇنىڭدىن ۋە سىزدىن خاتىرجەم كۆز يۇمالايمىز ئەمەسمۇ؟

ئەر- ئايال ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ھەقتىكى دە تالاش خېلى كۈنلەرگۈچە داۋاملاشتى.پەرھاتنىڭمۇ سەلىمەنى بۇ ئۆيدىن كەتكۈزگۈسى بولمىسىمۇ بۇ ئۇسۇلدا ئۇنى ئېلىپ قېلىشنى راۋا كۆرمەيتتى. بۇ ئىشنىڭ سەلىمە ئۈچۈن ئۇۋالچىلىق بولۇپ قېلىشىدىن خاۋاتىرىلىنەتتى. لېكىن پەرىدەنىڭ تەكرار چۈشەندۈرۈشلىرى،يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى ۋە سەلىمەنىڭمۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈشلىرى نەتىجىسىدە ئۇ بۇ ئىشقا دىلىغۇللۇق بىلەن قۇشۇلدى.

بۇ مەسلىھەت مومايغىمۇ ياغدەك ياقتى. تىكەندەك يالغۇز نەۋرىسىنىڭ بىرەر پەرزەنتىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېچىلەپ دۇئا قىلىپ كىلىۋاتقان موماي تاتلىق بىر ئۈمىدتە ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى.

سەلىمەنىڭ دادىسى بۇ مەسلىھەتتىن سەل گاڭگىراپ قېلىپ ئويلىنىپ بېقىش ئۈچۈن قايتىپ كەتكەندىن كىيىن خېلى كۈنلەرگۈچە بۇ ئۆيگە دەسسىمىگەن بولسىمۇ ئاخىرقى ھىساپتا ھازىرقى ئايالىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن بۇ ئىشقا ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىپادە بىلدۈردى.

ئەمدىكى گەپ رەسمىيەتلەردە قالغان ئىدى. لېكىن، بۇ ئىشنى قانۇنلۇق ھەل قىلىش سەل تەسكە توختىدى. خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن مەخسۇس ئادەم كىلىپ پەرىدەدىن ئەھۋال ئىگەللىدى ۋە پەرھات بىلەن سەلىمەنىڭ پەرىدەنىڭ قوشۇلىشى بىلەن توي قىلغان ھالەتتىمۇ چوقۇم توي خېتى ئېلىشى كېرەكلىكىنى،لېكىن توي خېتى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم پەرھات بىلەن پەرىدەنىڭ ئەسلىدىكى توي خېتىنى ئايرىش لازىملىقىنى ئېيتتى.پەرىدە قىلچىمۇ ئويلانماي پەرھات بىلەن توي خېتىنى ئايرىش قارارىغا كەلدى.ئۇ پەرھاتقا ۋە سەلىمەگە ئىشىنەتتى. بىر توي خېتى سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ئۇنى تاشلىۋەتمەيدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ پەرھاتنىڭ نارازىلىقىغا باقماي توي خېتىنى ئايرىپ سەلىمە بىلەن توي خېتى ئېلىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدى.

رەسمىيەتلەر پۈتۈپ،ھەممە كۈتكەن، نىجاتلىقنىڭ ئەلچىسى بولغان بۇ توي ئاددى-ساددا لېكىن تولىمۇ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

سەلىمە بۇ ئۆينىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسىغا ئايلاندى. ھەممىنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق پارلىدى.

نەۋرىسىنىڭ يەنىلا ھەر كۈنى كەچتە پەرىدەنىڭ ھوجرىسىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان موماينىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۈتكەن تاتلىق ئۈمىتلىرى بەربات بولغانلىقىدەك ئاچچىق ئەمەلىيەت باغرىنى ئۆرتەشكە باشلىدى. پەرىدە ۋە نەۋرىسىگە دارىتمىلاپ ئاللىنىمىلەرنى دەپ غۇدۇرايدىغان بولىۋالدى.

ئۆمرىدە دادىسىدىن باشقىلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشىپ باقمىغان،ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان سەلىمەمۇ پەرھاتنى ئەڭ ئاۋال ئۆز ئاكىسى سۈپىتىدە ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭدىكى پەرىدەگە بولغان مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىققا چىن يۈرىكىدىن قايىل بولۇپ ھۆرمىتى ئاشقان بولسا نىكاھى ئوقۇلغاندىن بېرى قەلبى تاتلىق بىر ئۈمىد ۋە تەلپۈنۈشتە ھارارەتلەنگەن ئىدى. بەزەن كېچىلىرى يالغۇز ھوجرىسىدا ئۇيقۇسى كەلمەي، خىياللارغا بۆلىنىپ ياتقاندا پەرھاتنىڭ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ كىلىشىنى تىلەپمۇ قالغان ئىدى. ئۇنىڭچە ھېچقانداق ئەركەك زاتى پەرھاتتەك مۇكەممەل بولالمايتتى.ئۇ بارغانسىرى پەرھاتنى كۆرسە تەمتىرەپ پۇت-قوللىرى، گەپ-سۆزلىرى قولاشمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ چىن يۈرىكىدىكى ھۆرمەتنىڭ مۇھەببەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالاتتىيۇ بۇ خىياللىرىدىن پەرىدەگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئۇيىلاتتى. پەرىدەنىڭ كۆزلىرىگە قاراشتىن خىجىل بولاتتى.ئۇ دەسلىۋىدە بۇ نىكاھتىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلىشقا پېتىنالماي يۈرگەن بولسىمۇ قەلبىدىكى كۈنسىرى ئۇلغىيىۋاتقان مۇھەببەت، تەلپۈنۈش. موماينىڭ ئۇنىڭغا مەخپى ۋە يۇشۇرۇن بەرگەن نەسىھەت، بىشارەتلىرىدىن ھەرزامان ئەندىكىپ،ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قويغاندەك مەڭدەپ قالاتتى.

ئۇلارنىڭ نىكاھسى ئوقۇلماستىلا بۇ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈتۈپ بولغان پەرىدەمۇ نەچچە قېتىم پەرھاتقا بىشارەت بەرگەن بولسىمۇ پەرھاتنىڭ گەپنىڭ ئاخرىسىنى ئاڭلىمايلا كەسكىنلىك بىلەن گەپنى باشقا ياققا بۇرىشىدىن كۆڭلى زەررىچە سۆيۈنگەن بولسىمۇ يەنىلا پەرھاتنىڭ ئۆزىنى دەپ پەرزەنتلىك بولماي ئۆتۈپ كىتىشىنى خالىمايتتى. بۇ ھەم پەرىدە ئۈچۈن ۋېجدان ئازاۋى ۋە ئاللىقانداق بېسىملارنى ئېلىپ كىلەتتى. بۇ ئۆيدە بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى، پەرھات ۋە سەلىمەنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش شەرىپىدىن بەھرىمان بولۇشىنى تىلەيتىيۇ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى كۆڭلىدە ناگاندا بىر باش كۆتۈرۈپ قالىدىغان رەشىك ئوتلىرىدا پۇچۇلىناتتى...

پەرھاتنىڭ كىرىمى ۋە پەرىدەنىڭ ئىدارىسىدىن بېرىلىدىغان پۇللار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ھەر ھالدا بۇ ئۆيدىكى تۆت جاننىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرىشىگە يېتەتتى. سەلىمە بۇ ئۆيگە كەلگەندىن باشلاپلا ھەممە ئىقتىسادنى ئۆزى تۇتۇپ، بىر قوللۇق، پىلانلىق باشقۇرۇپ كىلىۋاتاتتى. ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن تولىمۇ خاتىرجەم ئىدى.سەلىمەمۇ ئىقتىساتتا ناھايىتى تۇجۇپىلىك ۋە پىلانلىق ئىدى.

كۈز ئايلىرىنىڭ سوغۇق شاماللىرى سارغايغان يوپۇرماقلارنى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇرتۇپ،ھەممە يەرنى سېرىقلىق قاپلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە موماي ئاغرىپ قالدى ۋە ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن پەرھات بىلەن سەلىمەنى چاقىرتىپ كۆڭلىدىكى ئېيتتى.ئۇلاردىن ئۆزىگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بېرىشىنى ئۆتۈندى.سەلىمە پەرھاتقا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا يالىتتىدە قاراپ قويۇپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كەتتى. پەرھات مومىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندەك قىياپەتتە ئولتۇرسىمۇ كاللىسىدىكى گادىرماچ خىياللار خېلىدىن بۇ يان تەڭقىسلىقتا قېلىپ چارچىغان نېرۋىسىنى ھالسىرىتاتتى.

قانداق قىلىش كېرەك؟ دەپ ئويلايتتى ئۇ ئىشخانىسىدا يالغۇز قالغاندا ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويۇپ. پەرىدەنىڭمۇ، مومامنىڭمۇ تەلىپى شۇ...لېكىن، قانداقمۇ...پەرىدە ئاغزىدا شۇنداق ئۆتۈنگەن بىلەن كۆڭلىدە راستىنلا رازىلىقى بولارمۇ؟ ئەگەر ئۇ چىن يۈرىكىدىن رازى بولغان ھالەتتىمۇ مەن ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ،ئاتالمىش مۇناسىۋەتنى دەستەك قىلىپ ئۆز سىڭلىمدەك كۆرۈپ كىلىۋاتقان بىرسىگە ...ياق، ياق...بۇنداق قىلسام ھەممەيلەنگە ئادىللىق بولمايدۇ!

پەرھاتنىڭ ئىدارىسىدىكى بىرەيلەن ئوغلىنىڭ تويىنى قىلىۋىدى ئۇ پەرىدەنىڭ ‹‹سەلىمەمۇ چارچىدى، زېرىكىپ قالدى، ئۇنىمۇ بىللە ئاپىرىپ كەلسىڭىز››دەپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋېلىشى بىلەن سەلىمەنى تويغا بىللە ئېلىپ باردى.

تويدا خىزمەتداشلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن كۆپرەك ئىچىپ سالغان پەرھات سەلىمەگە ئاللىقانداق گەپلەرنى قىلىپ غودۇرىغىنىچە دەلدەڭشىپ يۈرۈپ مېڭىپ ئۆيگە ئاز قالغاندا كۆڭلى ئاينىپ يول بويىدىكى چىملىققا ياندۇرۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى سىلكىنىپ قەي قىلىشلىرىغا چىدىيالماي قالغان سەلىمە  كىلىپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە يىنىك شاپىلاقلاپ قوللىرىدىن تارتىپ يۆلىگەن ئىدى. ئاياللاردىن كەلگەن ئاللىقانداقتۇر ھىدتىن مەستخۇش نېرىپلىرىنى كونتىرۇل قىلالماي قالغان پەرھات ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.پۈتۈن بەدىنىگە تاراۋاتقان مەست قىلغۇچ ھوزۇردىن ئۆزىنى يوقاتقان سەلىمەنىڭ قەلبىدىكى يۇشۇرۇن مۇھەببەت بىراقلا پارتىلىغاندەك بولدى ۋە ئۇمۇ پەرھاتنى چىڭ قۇچاقلاپ ئوتتەك قىززىق لەۋلىرىنى ئۇنىڭ لەۋلىرىگە ياقتى...

نىمىدىندۇر ئەندىككەن پەرھات ئۆزىگە سەل كىلىۋالدى ۋە سەلىمەنى كۈچەپ ئىتتىردى.

-يوقال! سەن كىم؟ سەن كىم ئىدىڭ؟مەندىن يىراق تۇر!

پەرھات يەنە نىمىلەرنىدۇر دەپ ۋاقىرىغىنىچە سەلىمەدىن يىراقلاپ كەتتى. سەلىمە ئەلەم ۋە خورلۇقتىن پۇچۇلانغان يۈرىكىنى بېسىپ تۇرۇپ ۋاقىرىدى:

-مەن كىم بولاتتىم؟ مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز! سىزنى سۆيىدىغان ئايالىڭىز! سىز نىمىشقا ماڭا بۇنچە ئادالەتسىزلىك قىلىسىز؟ مىنىڭمۇ تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش، ئېرىمدىن مۇھەببەتكە ئېرىشىش ھوقۇقۇم بار!مىنى بۇنچە ئۆچ كۆرسىڭىز ئەتىلا بۇ ئۆيدىن كېتەي! مەڭگۈ كۆزىڭىزگە كۆرۈنمەي!

پەرھات سەلىمەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ جايىدا توختاپ كەينىگە بۇرۇلدى ۋە مەستلىكتىن قىزىرىپ كەتكەن، خۇمارلىق كۆزلىرى بىلەن سەلىمەنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى.

ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كىرگەندە موماي ۋە پەرىدە ئۇخلاپ قالغان ئىدى. سەلىمە پەرھاتنى يۆلەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاياغلىرىنى سالدۇردى ۋە پەرىدەنىڭ ھوجرىسى تەرەپكە كىتىۋاتقان پەرھاتنىڭ كەينىدىن قۇچاغلىۋېلىپ ئۇنى ئاستا ئۆز ھوجرىسى تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى...


داۋامى بار...

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 23743
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 5113 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 04:02:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەمەلىيەتتە پەرىدە ئۇخلىمىغان ئىدى. ئۇ ھەممىنى سەگەكلىك بىلەن تىڭشاپ ياتاتتى.پەرھاتنىڭ سەلىمەنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ كەتكىنىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇ يا خۇش بولۇشنى يا خاپا بولۇشنى بىلمەي ئىپادىسىز كۆزلىرىنى تورۇسقا تىكىپ ياتتى.ئۇنىڭ پەرھاتتىن ياكى سەلىمەدىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەددى بولسۇن؟ بىرسى ياش ھەم چىرايلىق قىز، يەنە بىرسى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر! ھامان شۇنداق بولاتتى. يەنە كىلىپ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇ ئۆزى قوشۇلغان ۋە مۇۇشۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىغۇ؟ئېرى ئۇنى ھاجىتىمدىن چىقالمىدىڭ دەپ تاشلىۋەتمىدى ياكى باشقا ئەرلەردەك سىرتتىن خۇشاللىق ئىزدەپ ئۇنىڭ باغرىنى خۇن قىلمىدى.ھەممىنى ئۇنىڭ خاھىشى بويىنچە قىلدى. ئۇ كىمدىن ئاغرىنىشى كېرەك؟ ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە ئۆزىنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان تەقدىردىن باشقىسىدىن ئاغرىنىش ھەققى يوق!

تاڭ ئاتقۇچە زىددىيەتلىك خىياللارنىڭ ئاسارىتىدىن كۆزىگە ئۇيقۇ ئىلىنمىغان پەرىدە ھوجرىسىنىڭ ئىشىكى ئاستا ئېچىلىشى بىلەن كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. پەرھات بولسا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىلىپ پەرىدەنىڭ قوينىغا كىرىپ ياتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئادىتى بويىچە پەرىدەنى قۇچاغلاش ئۈچۈن ئۇزاتقان قوللىرى يىنىك تىترەپ كەينىگە ياندى...

تاڭ ئاتارغا يېقىن مەستلىكى يىشىلگەن پەرھات ئۆزىنىڭ سەلىمەنىڭ ھوجرىسىدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ يېنىغا قارىدى،ئۇنىڭ يېنىدا سۇس كۈلۈمسىرەپ،بىخارامان ئۇخلاۋاتقان سەلىمە يىنىك پۇشۇلداپ ياتاتتى.ئۇ سەلىمەنىڭ قوللىرىنى دەرھال يەلكىسىدىن ئالدى ۋە چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ھوجرا ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا،شۇ ھالدا بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ئېغىر يەلكىسىنى سۆرەپ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى. سوغۇق سۇغا چىلىنىپ خېلى ئۇزۇن تۇرغاندىن كىيىن بالكونغا چىقىپ نەچچە تال تاماكىنى چىكىۋەتكەن پەرھات شەرق تەرەپنىڭ سۈزۈلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ پەرىدە ئويغانماستا ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ كىتىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەرىدەنى ھېلىھەم بۇ قەدەر ياخشى كۆرىدىغىنىنى جەزىملەشتۈرگەندە كېچىدىن يۈز بەرگەن ئىشلاردىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى ۋە ئۆزىنى كۆپ ئەيىپلىدى. ئىچ ئەزالىرىنى مىڭلارچە قۇرت غاجىلاۋاتقاندەك ئارامسىزلانغان پەرھات پەرىدەنىڭ قېشىغا كىرگەندە ئۇنىڭ ھېچنىمىنى سەزمەي ئۇخلاۋاتقان تۇرقىغا قاراپ سەل خاتىرجەم بولغاندەك بولغان بولسىمۇ قوللىرىنى ئۇنىڭغا ئارتىش ئۈچۈن ئاپارغاندا يۈرىكى ئېغىپ قوللىرى تىترەپ كەتتى. ئۇ خۇددى گۇناھلىق بىر ئىشنى قىلىپ قويغاندەك ئەمدى قوللىرىنى پەرىدەگە ئارتىپ ئۇنى قۇچاغلاپ ئۇخلاش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولغاندەك ،ئەڭ قىممەتلىك بىر نەرسىسىنى يۈتۈرۈپ قويغاندەك ئارامسىزلاندى.

بۇ ئۈچەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق بىر خىل جىمجىتلىق نەچچە كۈنلەرگۈچە داۋاملاشتى. ھەممە چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتى-يۇ يەنە بىر يەرلىرىدىن قىلغانلا ئىشلىرى قولاشمايتتى.

ئارىدىكى بۇ كەيپىياتنى يەنىلا پەرىدە ئوڭشاش قارارىغا كەلدى ۋە پەرھاتقا ئاشكارە-يۇشۇرۇن بىشارەتلەرنى بېرىپ ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنى، قىلغانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى، ئۇنى توغرا چۈشىنىدىغىنىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۈز كىلەلمەسلىك تۇيغۇسىدا خاۋاتىرلەنگەن سەلىمەمۇ ئوخشاشلا پەرىدەنىڭ رېغبەتلەندۈرىشىگە ئېرىشىپ كۆڭلى خېلى ئەمىن تېپىپ قالغاندەك بولدى.

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى.كۆرۈنۈشتە ھەممە ئەسلىگە قايتقانداق بولسىمۇ بىر خىل ئوڭايسىزلىق ھامان ھۆكۈم سۈرەتتى.بەزى ئىشلارنى دىمەك، ئارزۇ قىلماق ئاسان بولغاندەك قىلغان بىلەن ھەقىقى ئەمەلىيلەشكەندە كىشى مۇراتقا يىتىشنىڭ خۇشاللىقىغا چۆمەلەلمەي قالىدىغان نەتىجىلەرمۇ بولاتتى.

ئۇزۇن كېسەل تۇتۇپ ياتقان موماي بالىلىرىغا قىيمىغان ھالدا بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى. ئۇنىڭ ئاخرەتلىك ئىشلىرىنى پەرھات بىلەن سەلىمە ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ مەھەللە كويدىكىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

موماينىڭ كېتىشى بىلەن بۇ ئائىلىدە يەنە بىر بوشلۇق پەيدا بولغاندەك بولۇپ ھەممىنىڭ چېھرىگە يىتىملىكنىڭ داغلىرى چۈشۈشكە باشلىدى.

ئۈچ ھوجرىلىق بۇ بىر يۈرۈش ئۆينىڭ بىر ھوجرىسىدا پەرىدە،بىر ھوجرىسىدا موماي، يەنە بىر ھوجرىسىدا سەلىمە تۇراتتى. يېقىندىن بېرى پەرھات ‹‹ماتىرىيال كۆرۈپ مومىسىنىڭ ھوجرىسىدا يېتىپ قېلىش››نى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالدى. پەرەدە ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك ئاياۋاتقان پەرھاتتىن يەنىلا مىننەتدار بولاتتى.ياندىكى ھوجرىدىن ئاڭلىنىۋاتقان بوش پىچىرلىشىشلار، كۈلكىلەر گاھىدا ئۇنى رەشىكنىڭ ئوتلىرىدا كۆيدۈرۈپ ئەزەلدىنلا ئاجىز يۈرىكىنى كاۋاپ قىلىۋەتسىمۇ ئۇ يەنىلا ھېچنىمىنى چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتى.

ئۇ يەنىلا ھەممىگە رازى ئىدى. پەرھات بىلەن،سەلىمە بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتەلەيدىغىنىدىن، پەرھاتنىڭمۇ دادا بولالايدىغىنىدىن، كەلگۈسىدكى كىچىك مىھماننىڭ بۇ ئۈچ گەۋدىنى مەڭگۈ بىر بىرىگە باغلاپ تۇرالايدىغىنىدىن تەسەللى تاپاتتى.

سەلىمەمۇ بۇرۇنقىدەك يۈز كىلەلمەسلىك تۇيغۇسىدا بولمايدىغان، ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ يۈرەلەيدىغان بولغان ئىدى. ‹‹نىمىنى خاتا قىلدىم؟››دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە، بىرگە بولسام ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان،ھەقلەپ-نىكاھلاپ تەگكەن ئېرىم بىلەن بىرگە بولدۇم. يەنە كىلىپ بۇ ئىشقا پەرىدە ھەدەمنىڭ ئەزەلدىنلا رازىلىقى بار.مەن بۇلار ئۈچۈن، بۇ ئائىلە ئۈچۈن ئاز جاپا تارتىممۇ؟ئاز بەدەل تۆلىدىممۇ؟ كىچىككىنە بەختتىن بەھرىمان بولۇش مىنىڭمۇ شۇنداقلا پەرھاتنىڭمۇ ھەققىغۇ؟ئۇ ئويلىغانسىرى كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. ئۆزىنى بۇ ئۆينىڭ ھەقىقى ئايال خوجايىنىدەك ھىس قىلاتتى.پەرىدەگە بولسا كېسەل قىيىن ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان كىلىندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولۇپمۇ قالاتتى.

مۇھەببەت يەنە شۇنداق بىر خىل تىلسىماتكى ئۇ يولۇققان ھەرقانداق كىشىنى شەخسىيەتچى قىلىۋىتەلەيتتى. سەلىمە پەرھاتقا مەستانە بولغانسىرى ئۇنى پەرىدەنىڭ ھوجرىسىدىنمۇ قىزغىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.پەرھات بىلەن پەرىدەنىڭ چاخچاقلىشىپ كۈلۈشكىنى كۆرسىلا ئاچچىقى كىلىپ قوللىرىدىكى نەرسىلەرنى قەستەن يەرگە تاشلاپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۆلمەكچى بولاتتى. ئۆزىچە ئۇلارغا دومسىيىپمۇ قالاتتى. ئۇ شۇنداق شەخسىيەتچى بولۇپ قېلىۋاتاتتىكى پەرھاتنى ھەممە ئادەمدىن ھەتتا ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەش ئىقتىدارىمۇ بولمىغان، ئۆز ھەدىسىدەك كۆرۈپ كەلگەن، بۇ بەختىنى ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغان پەرىدە ھەدىسىدىنمۇ قىزغىناتتى.

پەرھاتنى ئامال قىلىپ پەرىدەنىڭ ھوجرىسىغا كىرگۈزمەسلىككە تىرىشاتتى.ئەگەر پەرھات پەرىدەگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىپ كەتسە پەرىدەگە چىراي ئاچماي يۈرۈيدىغان ۋاقىتلىرىمۇ كۆپىيىپ قېلىۋاتاتتى. پەرھات بولسا ناگاندا بىر‹‹مومىسىنىڭ ھوجرىسىدا قونۇپ››قالمىسىلا يەنىلا پەرىدەگە ئىلگىرىكىدە كۆيۈنەتتى.پەرىدەنىڭ ھوجرىسىدا قونمىغان كۈنلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك پايپېتەك  بولۇپ ئۇنىڭغا ھەتتا ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كىتەتتى.

گەرچە پەرھاتنىڭ ئۆزىگە بولغان مىھرىبانلقىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ سەلىمەدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن پەرىدەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۆزىگە قېرىندىشىدەك،سىڭلىسىدەك،ئەڭ يېقىن سىرداش دوستىدەك مۇئامىلە قىلىپ كىلىۋاتقان قىزنىڭ يېقىندىن بېرى بۇنداق غەيرى مىجەزلىك بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ بۇرنىغا ئاللىقانداقتۇر كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ۋەھىمىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىۋاتاتتى.




داۋامى بار...



ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 893 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 05:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھاتتەك ئەر ئاز ئۇچرايدۇ تۇرمۇشتا.ئۇنىڭغا بەك  قايىل بولدۇم .ئەسەرنىڭ داۋامىغا تەشنا.

ھاياتتا كۈلۈپ يۈرگەن بەخىتسىزلەرنى،يىغلاپ يۈرگەن بەخىتلىكلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.ئىنساننى بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز دەپ ئايرىماق قىيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14837
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 05:19:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق يىزىپ بەرسىلە،ئىڭىكىمىز چۈشۈپ قالغۇچە ساقلاپ باقىلى...

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 05:27:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھات  ئىسىلكەن  

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 05:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا  تەشنامەن

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 06:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ،،ئاخىرىغا تەشنا بىز...



ئاخىردا پەرھات سەلىمەگە  ساقال تاشلاپ يۈرمىگىيدى.دەپ ئويلاپ قالدىم...............

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 06:47:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئوقۇپ بولدۇم...پەرھات ھەقىقى ياخشى ئەر ئىكەن،،،
  ئەمدىكى مەسلە ..سەلىمەنىڭ  پەرىدەنى  قانداق قىينىشى توغرىسىدا بولامىكى ھەقىچان

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 07:39:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ تىمىسىدىن قارىغاندا پەرىدە مىھرى مۇھەببەتكىمۇ ئىرىشىىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ قۇياشى پەرھات . ئۇ شۇ قۇياشىنى دەپ سەلىمەنى ئايال قىلىپ بەردى. سەلىمەنىڭ دەھشەتلىك قورقۇنچلۇق خىياللاردىن بېشىنى بىر سىلكۋېتىپ يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ بېقىشىغا توغرا كىلىدۇ.

ئەگەر پەرىدە مۆجىزە يۈز بىرىپ ساقىيىپ قالسا يەنە قانداق قىسمەتلەر بۇلا؟!

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109641
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 07:49:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئىسىت،  يەنە داۋامى يوقكەندە شۇنداق قىزىقىپ ئوقىۋاتقان ئىدىم ، پەرھاتقا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم . داۋامىنى تېزراق يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش