سەلىمە ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان،ئۆيلەرنىمۇ شۇنچە پاكىز رەتلىك تۇتۇدىغان، پەرھاتقىمۇ ئالاھىدە قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، پەرىدەنىڭ كۆزىچە ئۇنىڭغا ئەركىلەيدىغان بولدىيۇ پەرىدەگە بارغانسىرى سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ تىگىنى قۇرۇقدايدىغان، بەدىنىنى سۈرتۈپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرىدىغان ئىشلارنى بۇرۇن خۇشاللىق بىلەن تولىمۇ ئەستايىدىل قىلغان بولسا مانا ھازىر چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،بۇرۇنلىرىنى ئىتىپ، غۇدۇراپ تۇرۇپ قىلاتتى. بۇرۇن ئۈچۈيلەن تاماقنى پەرىدەنىڭ ھوجرىسىدا يىگەن بولسا مانا ھازىر پەرىدەگە تامىقىنى ئەكىرىپ بېرىپلا پەرھات ئىككىسىنىڭ تامىقىنى مىھمانخانا ئۆيگە راسلايدىغان بولدى.
بۇ ئۆيدە پەرىدەنىڭ مەۋجۇتلىقى بارغانسىرى ئۇنتۇلۇپ كىتىۋاتقاندەك ئىدى.
-توۋا،ئادەم ئۆزگىرەي دىسە بىردەمچىلىككەن، دەپ پىچىرلايتى پەرىدە ئۆزىگە،-مەندىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتتىمۇيە؟مەن كۈنلەمچىلىك قىلىپ ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قويغان يەرلىرىم بولسا ئۇنىڭغا ھار كىلىپ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىۋاتامدۇيە؟دەپمۇ ئويلاپ قالاتتى ئۇ ۋە سەلىمە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىدىكىدەك ياخشىلاشقا تىرىشىپ ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك مىھرىبانلىق نەزىرى بىلەن قارايتتى. ئۇنىڭ تۇرقىغا ھەۋەسلىنىپ ماختىسىمۇ ئۇ پەرىدەگە سوغۇقلا قاراپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەندەك ئىدى.
پەرھاتمۇ ئىلگىرىكىدەك كۆپ قورۇنۇپ كەتمەيدىغان بولدى. توي-تۆكۈن، پائالىيەتلەرگە پەرىدە دىمىسىمۇ چىرايلىق ياسىنىۋالغان سەلىمەنى قولتۇقلاپ ئاپىرىپ ئۆيگە خۇشال كۈلۈشۈپ كىرىدىغان بولدى.ھەمدە پەرىدەنىڭ ھوجرىسىدا پەقەتلا قونمايدىغان بولۇپ قالدى. خۇددى رەسمىيەت ئۈچۈنلىدەك ئەتىگىنى ۋە كەچتە پەرىدەنىڭ ھوجرىسىغا بېشىنى تىقىپ قولاشمىسىمۇ ئۇنى بۇنى دەپ قويۇپلا چىقىپ كىتىۋاتقان پەرھاتقا قاراپ پەرىدە ئەڭ قىممەتلىك بىر نەرسىسىنى يۈتۈرۈپ قويغاندەك كۆڭلى يېرىم بولۇشقا باشلىدى. نەھالەنكى ئۇنىڭ كەيپىياتى بىلەن ھازىر ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئىدى. بۇرۇن سەلىمەنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىنى توغرا چۈشەنگەن،‹‹مەندەك تىرىك تاپنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاسانمۇ؟››دەپ يەنىلا مىننەتدارلىق بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ كىلىۋاتقان پەرىدەگە پەرھاتنىڭمۇ ئۆزىدىن يىراقلىشىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن ھار كەلدى. ئۇ نەچچە كېچىنى ئاللاھتىن ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ ئۆتكۈزگەندىن كىيىن تۇيۇقسىز بىر كۈنى قولىغا چىققان بىر پارچە گېزىتتىن ئۆزىگە ئوخشاش مېيىپ بىرسىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ نەچچە شەھەرنى ئايلىنىپ چىققان ئىش .ىزلىرىنى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشتەك ئىرادىسىزلىقىدىن غەزەپلەندى.‹‹باشقىلار ماڭالمىسىمۇ يەنە شۇنداق غەيرەت بىلەن ياشاۋېتىپتىيۇ مەن نىمىشقا ئۆيدىنمۇ تالاغا چىقالمايمەن؟ يەنە تېخى ئاللىكىملەردىندۇر نىمىلەرنى كۈتۈپ ئاغرىنىمەن؟ ئاۋال ئۆزۈمدىن بىر غەيرەت تىلەي! ھېچبولمىسا ساپ ھاۋادىن، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىناي، بۇ لەنەتتەككۈر ھوجرىدىن ئازات بولاي!ئەمدى غەيرەتكە كەلمىسەم مەن روھىيىتىمدىنمۇ تۈگىشىپ كىتىمەن. جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى ئاجىزلىق،يالغۇزلۇق، غېرىپلىق، چۈشكۈنلۈك...مىنى پۈتۈنلەي يالماپ يۇتۇۋېتىشى مۇمكىن! ئاللا ھەر بىر ئىنسانغا ھاياتنى پەقەت بىرلا قېتىم بەرگەن. ئۇنى قەدىرلەش ياكى خار زابۇن قىلىش ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىق!
كەچتە پەرھات مىھمانخانا ئۆيدىكى شىرەگە تەييارلاپ قويۇلغان تامىقىنى سەلىمە بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ يەپ بولغاندىن كىيىن پەرىدەنىڭ ھوجرىسى تەرەپكە مېڭىۋىدى سەلىمەنىڭ:-
-ۋاي ئۇنى ئوغرى ئېلىپ چىقىپ كىتەمتى بىردەم ھاردۇقىڭىزنى ئېلىپ كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ،دېگەن سۆزىنى پەرھاتمۇ پەرىدەمۇ ئاڭلىماسقا سالدى.
-قانداراق تۇرىسىز؟ دىدى پەرھات پەرىدەنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئۇنىڭغا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ.
-شۈكرى ئاللا يامان ئەمەس، ئۆزىڭىزچۇ، چارچىدىڭىزمۇ؟
-ھە بۈگۈن بەك چارچىدىم بالدۇرراق ئارام ئالايمىكىن مومامنىڭ ھوجرىسىدا...
-سىزگە مەسلىھەت سالىدىغان بىر ئىش بار ئىدى...
-ھە قېنى دەڭ؟
-ماڭا چاقلىق ئورۇندۇقتىن بىرنى ئېلىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
-نىمە؟ چاقلىق ئورۇندۇق؟
-ھەئە.
-سىز...سىزگە بولارمۇ ئۇ؟
-مىنىڭچە بولىدۇ، سىناپ باقاي دىۋىدىم...
-ھە مەن ئەتە بېرىپ سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقاي سىزگە ماس كىلەمدۇ يوق...
-ماقۇل ئەمىسە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
پەرھات چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كىتىشكە شۇنچە ئالدىرىدىكى پەرىدەنىڭ ئەتىگەندىن بېرى تولا يىغلاپ ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىغا، قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگىمۇ دىققەت قىلمىدى.
پەرىدە گەرچە ئۆزى ئارزۇ قىلغان چاقلىق ئورۇندۇققا ئېرىشكەن بولسىمۇ ئۇنى ھەيدەشنى ئۆگىنىش ئۇنىڭغا ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى. قول ئالقانلىرى قاپىرىپ، تىشىلىپ،ئۇزۇن ھەركەتسىز يېتىپ قېتىشىپ كەتكەن يەلكە-مۈرىلىرى چىدىغۇسىز تېلىپ ئاغرىپ، پۈتۈن بەدىنى ھالسىزلىنىپ كەتسىمۇ ئۇ خۇددى مۇشۇ ھارۋىنى ھەيدەشنى ئۆگىنەلمىسىلا ياشاش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالىدىغانداق بىر خىل ۋەھىمىنىڭ تۈرتكىسىدە قەتئىي غەيرەتكە كىلىپ،ئىرادىسىدىن بوشاشمىدى.ئۇ باشتا قورو ئىچىدە مەشىق قىلغان بولسا بارغانسىرى پەرھات ئەتىگىنى ئىشقا ماڭغۇچە كۆتۈرۈپ ئاچىقىپ ھارۋىسىغا سېلىپ قويسا، ئۆزى خالىغان، نەچچە يىلدىن بېرى بېرىشنى ئارزۇ قىلغان جايلارغا بېرىپ ئايلىنىپ كىلىدىغان بولدى. نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا دائىم ئۇچراپ تۇراتتى. دۆڭلەردىن،قىرلاردىن،ئورەك،ئېقىنلاردىن ئۇنى خالىسانە ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشىلەردىن ئىللىق مىھىرگە تويۇنغان پەرىدەنىڭ كۈنلىرىگە ھەر كۈنىسىرى يېڭى-يېڭى مەنالار قوشۇلىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇنىڭ ئەمدى پەرھات ۋە سەلىمەلەر بىلەن كارى بولمايتتى.ئۇلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۆز كەيپىياتىنى بەلگىلەپمۇ ئولتۇرمايتتى.ئۇ ھەتتا بۇرۇن باشقىلار قىلىپ بېرىپ كىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ كۆپىنجىسىنى ئۆزى ھارۋىسىنى سۆرەپ يۈرۈپ ئۆزى قىلالايدىغان بولدى.
«توۋا، بۇ ئەقىل نىمىشقا بۇرۇنراق كاللامغا كەلمىگەن بولغىيتى»دەپ پىچىرلايتى ئۇ ئۆز-ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن مەمنۇن بولۇپ.
ئۇنىڭ پەرھات ۋە سەلىمەلەر بىلەن كارى بولمايدىغان، ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلىپ،ئۆزىگە تەۋە بولغان دۇنيارىنى چىرايلىق بېزەپ ياشاشقا باشلىغان ئىدى. پەرھات بەزىدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە بازارلارغا باراتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ پەرھاتنىڭ ھرۋىسىنى ئىتتىرىپ مېڭىش ھەققىدىكى تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلاتتى. پەرھاتنىڭ ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇر قىلىپ بەرگىسى بولسىمۇ پەرىدە ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەيتتى.
پەرىدەگە كۈنلەر بۇرۇنقىدىن تېز ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. مانا چاقلىق ھارۋىغا ئولتۇرۇپ كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ باھار ۋە يازنى شۇنچە ياخشى ئۆتكۈزىۋلقان پەرىدە زىمىستاندا يەنىلا ئۆيدىن چىقالمىغان بولسىمۇ بۇرۇنقىدەك پەرىشان ئەمەس ئىدى. ئۆي ئىچىدە ئۆزى قىلغۇدەك ئىشلارنى ئۆزى قىلىپ باشقىلارغا ھاجىتىنى چۈشۈرۈشتىن ساقلىناتتى.بىكار بولسىلا كىتاپ كۆرەتتى،شېئىرلارنى يازاتتى.
نىمىشقىدۇر يېقىندىن بېرى ياسىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ كەتكەن سەلىمە بىلەن پەرھات پات-پاتلا تاكاللىشىپ قالىدىغان، پەرھات بەزى كۈنلىرى ئۆيگە مەست ھالەتتە قايتىپ كىلىپ راستىنلا مومىسىنىڭ ھوجرىسىدا قونۇپ قالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
سەلىمەنىڭ دوستلىرىمۇ كۆپەيدى. بارىدىغان جايلىرى،كىلىدىغان مىھمانلىرىمۇ كۆپەيدى.پىشانىسىنى يېپىپ بوشقىنە چىگىۋالىدىغان ياغلىقىنى ئېلىپ تاشلاپ چاچلىرىنى بۇدرە قىلغان سەلىمە قىسقا يوپكىسىنى يەلپۈتۈپ، ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى تاقىلدىتىپ كۈندە كەچتە چاي ۋە قائىدە-يوسۇنلارغا كىتەتتى...
بۇ يىلقى باھار ئۆزگىچە چىرايلىق كەلگەن ئىدى. پەرىدە چاقلىق ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ يول بويىدىكى ھۈپپىدە ئېچىلغان ياۋا شاپتۇل چېچەكلىرىگە،بىخ چىقىرىشقا باشلىغان مەجنۇنتاللارغا زور،ئىشتىياق بىلەن قارايتتى.باھارنىڭ،سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن كىلىۋاتقان چېچەك ھىدلىرىغا قانماستىن كۆكرەك قەپىزىنى تولدۇرۇپ، چوڭ –چوڭ نەپەس ئالاتتى.ئۇ شەھەرنىڭ ئاۋات جايلىرىدىن بىرى بولغان خەلق مەيدانى تەرەپتىكى گۈللۈككە كىلىپ توختىدى ۋە بىردەم ئارام ئالغاچ بۇ يەردىكى قايناق مەنزىرىدىن ھوزۇر ئېلىپ ئەتراپقا كۆزيۈگۈرتۇپ چىقتى. ھەر كۈنى دىگۈدەك مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالىدىغان، ئۆزىگە ئوخشاش چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان ھېلىقى خۇشچاخچاق،شوخ،يۇمۇرىستلىك ئادەم بۈگۈن كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار ھەر كۈنى مۇشۇ يەردە دوقۇرۇشۇپ قالاتتى. دەسلىپىدە ئىككىلىسىدىكى تەقدىرداشلىق ئۇلارنى ئىختىيارسىزلا بىر بىرىگە سالام قىلدۇرغان بولسا، بارا-بارا ئۇنى بۇنى دەپ مۇڭدىشىدىغان، بىرگە ئەتراپنى ئايلىنىدىغان ھەمراھلاردىن قىلىپ قويغان ئىدى.
داۋامى بار...