مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7060|ئىنكاس: 41

قانغا بويالغان ئەسلىمە ( ئەزىزان ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 03:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |






قانلىق ئەسلىمە

ھېكايە






يارالغاندەك ، سەن ئۈچۈن دۇنيا ...
سۆيەلمىدىم ، ھېچكىمنى سەندەك ...

نۇرغۇن يىللار ئاۋۋال ، ياق ، ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا ئون ئالتە يىل مۇقەددەم بۇ شەھەردىن ئايرىلغان ئىدىم . بۇ ئايرىلىش ئون ئالتە يىلغا سوزۇلۇشنى ئويلىمىغان ، چۈشلىرىمدە جەننەت كەبى ئايان بولغان بۇ شەھەردىن ئايرىلغان ئون ئالتە يىل ئىچىدىكى ھەر بىر كۈنلىرىمنىڭ يىللار ، ئەسىرلەر كەبى ئۇزۇن ، قاباھەتلىك ، سېغىنىشلىق بولۇشىنى تېخىمۇ ئويلىمىغان ئىدىم . ئەلۋەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ، چوڭ شەھەرلەردە ، دېڭىزدا ، ئاسماندا يۈرگەن ئون يىل جەريانلىرىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇشۇ يەرنى ، ياق ياق ، مۇھەببىتىم ئۈنۈپ ، بىخلاپ ، شاخلىغان ۋە قەلبىمگە پاتمىغان مۇشۇ شەھەرنى قايتا كۆرەلىشىمنى ، قايتا ئۇنىڭ باغرىغا قايتىپ كېلەلىشىمنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم . لېكىن مەن بۈگۈن قايتىپ كەلدىم .
بىر-ئىككى پارچە ئەسىرىمنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە بىر-ئىككى يېڭى نەزەرىيەمنىڭ بىلىم ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىر جەمئىيەتتە تېڭىرقاپ يۈرگەن ئاددىي زىيالىيدىن مانا ئەمدى نەچچە ئون مىليونلاپ مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندىم . شۇنداقلا ، جاھاننىڭ رەھىمسىز قايناملىرىدا ئېزىلىپ قايناپ يۈرگەن دەۋرلىرىمنىڭ رەھىمسىز بەلگىسى سۈپىتىدە ئىككى پۇتۇمدىن ئايرىلدىم . ياق ، ياق ! مەن ئىككى پۇتۇمدىن زادى قاچان ئايرىلغانلىقىمنىمۇ ئەسلىيەلمەيمەن . 25 ياشلىق ياش ئوغۇل بالا ئىدىمغۇ سېنىڭ ئايرىلغىنىمدا ، ياش قىرىقتىن ئاشقاندا ، بۇ قەدىرگە ھەم يېتىپ ھەم ئېشىپ ھەم سېغىنىپ ھەم كۆيۈپ بۈگۈن مەن قايتىپ كەلدىم .
توۋا . ئايروپىلاندا ئۇچماقتىمەن . شۇ شەھەر ، شۇ شەھەر قوينىغا قاراپ ئۇچماقتىمەن ، ئايروپىلان خىزمەتچىسىنىڭ قونۇش تەييارلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشلىرى بۆلۈمچە ئىچىدە توختىماستىن قايتىلانماقتا . ئاھ خۇدا ، مەن بۈگۈن قايتىپ كەلدىم . لېكىن نېمىشقىدۇر يۈرىكىم ئېغىر سالماقتا ، قاتتىق سوقماقتا .
توۋا . پىسخىكا دوختۇرى ماڭا قانچە قېتىملاپ چوڭقۇر نەپەسلىنىشىم ، بىر نەرسىگە تىكىلىۋالماسلىقىم ، خىيال سۈرۈشتىن ساقلىنىشىم كېرەكلىكىنى جىكىلىگەن . لېكىن مەن يەنە شۇنداق چوڭقۇر خىياللار ئىچىگە پېتىپلا كېتىۋاتىمەن ، كۆز قارچۇقۇم مەلۇم نۇقتىغا مىختەك تىكىلگەنچە ، خىيالغا كىرىپ كېتىۋاتىمەن .
باشقا كىشىلەرمۇ مۇشۇنداقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن . لېكىن مەن ئاجايىپلا بولۇپ قالدىم . ئون ئالتە يىل جەريانىدا قەلبىمدىكى مۇشۇ شەھەرنى ، قەلبىمدىكى مۇشۇ تۇپراق مۇشۇ ھاۋانى ، ياق ياق ، ئېنىقىنى ئېيتقاندا قەلبىمدىكى ئاشۇ گۈزەل قىز رەيھاننى يۈز مىڭ قېتىم ، مىليون قېتىملاپ خىيال قىلدىم ، چۈشلىرىمدە كۆردۈم . خىياللىرىم چۈشلىرىمگە ، چۈشلىرىم ئەسلىمىلىرىمگە ، ئەسلىمىلىرىم تەسەۋۋۇرلىرىمغا ئارىلىشىپ ، قايسى راست ، قايسى مەۋھۇم ، قايسى رىئاللىق قايسى بولسا ئۆزۈمنىڭ خىيالىي ئويدۇرمىسى ئىكەنلىكىنى زادىلا پەرق ئېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم .
ھەتتا تەسەۋۋۇرۇمدا ئۇنىڭ چىرايىمۇ بارغانسېرى گۈزەللىشىپ ، بارغانسېرى خۈنۈكلىشىپ ، بارغانسېرى بىر دەستە نۇرغىلا ئايلىنىپ قالغاندەك ، بۇ كۈچلۈك نۇر ئارقىسىدىكى ئۇنىڭ ھەقىقىي چىرايىنى ، شۇ ئون ئالتە يىل ئىلگىرىكى مېنى كۆيدۈرگەن چىرايىنى پەقەتلا ئىلغا قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدىم . ياق ، ياق ! بەلكىم ئۇنىڭ ئىسىمى رەيھانمۇ ئەمەس ، ئۇ پەقەت مەن ئون ئالتە يىلدىن بېرى چۈشلىرىمدە « رەيھان ، رەيھان ، رەيھان ! » دەپ چاقىرغان ۋە ئېسەدىگەن كېچىلەردىلا ، پەقەت شۇ كېچىلەردىلا ئۇ رەيھاندۇر بەلكىم ...
مەن ئون يىل ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ ئاخىرقى پاتېنتىنى سېتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن ، گۈزەل كېچىدە ، دېڭىز بويىدىكى بىر مەرۋايىت شەھەرنىڭ دوقمۇشلىرىدىكى رەڭگارەڭ چىراغلار ئارىسىدا ، پۈتۈن ئاسمان ، پۈتۈن زېمىن پىكاسو رەسىملىرىدىكى خىيالىي دۇنيادەك شامالدۇرغۇچ سىياقىدا ئايلىنىپ ، بارغانسېرى كۆز ئالدىمدا كىچىكلەپ ، مېڭەمگە يىڭنىدەك سانچىلغان شۇ كېچىدە ، يىقىلدىم . شۇندىن كېيىن قانچە ئاي ئۇخلىغىنىمنى كېيىن نېرۋا كېسەللىكى مۇتەخەسىسىدىن ئاڭلىدىم . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مېنىڭ نېرۋامدىن چاتاق چىققان ، لېكىن مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن ، مەن ھەممە نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيمەن ، ئېنىق ئاڭلىيالايمەن ، ئېنىق سېزەلەيمەن . لېكىن مەن قايتا ئويغانغىنىمدا ، ئىككى پۇتۇمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئىدىم . كېيىنكى ئالتە يىل ئىچىدە مەن غايەت زور كاپىتال بىلەن ۋە سەگەك كاللام بىلەن دۆلەت ھالقىغان بىر چوڭ شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولدۇم ، چوڭ خوجايىن بولدۇم . مانا مۇشۇ كۈنلەر مەن كۈتكەن راھەت-پاراغەت ئەمەسمىدى ؟! ياق ، ياق ، ياق ! مەن بۇ كۈنلەرنى كۈتمىگەن ، ھەتتا ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن . مېنىڭ چۈشۈمدە پەقەت رەيھانلا بار بولغاچقا ، بەلكىم بۇلار خىياللىرىمغا كىرىشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدى . كەچۈرۈڭلار ، مەن يەنە بۇ رىئاللىقنى تەسەۋۋۇرۇمغا ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك قىلىمەن ، بەلكىم مەن دوختۇرخانىدا قايتا ئويغىنىشتىن ئاۋۋالقى دۇنيا بۈگۈنكى ئەسلىمەم بىلەن تازا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن ئىدى . لېكىن مەن كۈچەپ ، تىرىشىپ شۇ دۇنيانى ئەسلىمەكتىمەن . نېمىشقىدۇر ياراتقۇچى كاللامغا پەقەت شۇ رەيھاننى قويۇپ ، قالغان ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كەتكەن ئىدى .

ئايرودرومدىن چىقىپ بۇ شەھەرنىڭ مەن ئەڭ تونۇش ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك دېگەن ناتونۇش تۇپرىقىدا دەسسەپ ، ئەڭ ئىللىق ۋە ئەڭ پاكىز دېگەن ناتونۇش ھاۋاسىدا نەپەسلىنىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تۇرۇپ كەتتىم . ياق ، ياق ، مەن بۇنداق خىيالغا پېتىپ كەتسەم بولمايدۇ .

مەن رەيھان بىلەن ، كەچۈرۈڭلار ، ئون ئالتە يىللار ئىچىدىكى ھەر بىر كېچىدىكى چۈشلىرىمدە ئۇنى شۇنداق چاقىرغانلىقىم ئۈچۈن ، بۇ ھېكايەمدە ئۇنى رەيھان دەپ ئاتاپ تۇراي ، تونۇشقىلى ئون يەتتە يىل بولدى . نېمىشقا بۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ، مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، رەيھان بىلەن بىللە مۇشۇ شەھەردىكى مەلۇم بىر مەكتەپكە تەڭلا ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىندۇق . رەيھان بىلەن تونۇشۇشۇم تولىمۇ رومانتىك ، مەڭگۈ ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك بىر كۈنىدىكى ئىش ئىدى . بىز يېڭى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار باشقا يەرلەردىن كەلگەن بولغاچقا ، بۇ مەكتەپتە بىزگە ھۇجرىلار ئاجرىتىلغان ئىدى . ئۇنىڭ ياتىقى بىلەن مېنىڭ ياتىقىم قارىمۇ-قارشى تەرەپتىكى ئۆيلەردە بولۇپ ، ئۇنىڭ ياتىقىدا تۆت قىز ، مېنىڭ ياتىقىمدا پەقەت مەن يالغۇز ئىدىم .
شۇ كۈنى ، ئۇلار خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىپ تۇنجى قېتىم تاماق ئەتتى . مەنمۇ بازارنىڭ تامىقىدىن زېرىكىپ تۇرغان ئىدىم . شۇڭا كەچلىك تاماققا ئۇلارنىڭ تەكلىپى بىلەن داخىل بولدۇم . بىز تاماق يېگەچ ناھايىتى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق ۋە چۈشىنىشتۇق . مېنىڭ كۆزۈم بۇ تۆت قىزنىڭ ئارىسىدا پەقەت رەيھانغىلا تىكىلەتتى ، خۇددى يېنىدا باشقىلار يوقتەك . تاماقتىن كېيىن مەن ياتىقىمدىن گىتارىمنى ئېلىپ چىقىپ بىر ھازاغىچە مۇڭلۇق كۈيلەرنى چالدىم ، رەيھان ئېڭەكلىرىنى يۆلىگەنچە مۇڭلىنىپ تىڭشايتتى . ۋاقىت ئەنە شۇ كېچىدە ، شۇ يۇلتۇزلۇق كېچىدە توختاپ قالغاندەك ، دۇنيا قاتقاندەك ئىدى . ئۇنىڭدىن كېيىن بىز بىللە مەكتەپنىڭ توپا مەيدانلىرىدا بىللە ئايلاندۇق . مەن ئۇنى ئاستا-ئاستا قولتۇقلىدىم ، قوللىرىنىڭ ئۇچىدىن ئاۋايلاپ تۇتتۇم ، ئاستا-ئاستا ، ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان قۇياشنىڭ ھارارىتى يۈرىكىمنى پاراس-پاراس قىلىپ كۆيدۈرگەن ئاۋازلار مېڭەمنى جاراڭلاتقان ئىدى . ئۇشتۇمتۇت بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان كەتتى ، رەيھان يانچۇقىدىن بىر ۋاراق مەشق قەغىزى چىقىرىپ تازا پۇرلاپ ، ئۇۋۇلاپ يۇمشاتقاندىن كېيىن ئاۋايلاپ بۇرنۇمغا تىقىپ قويدى ، قوللىرىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئاسمانغا قاراپ مېڭىشىمنى جىكىلەپ ، مېنى يۆلەشتۈرۈپ ، مەكتەپ بېغىدىكى گۈرۈلدەپ مۇزدەك سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان قۇدۇقنىڭ يېنىغا ئاپاردى ، شۇ مۇزدەك سۇلاردىن ئوتتەك ئالقانلىرىغا ئېلىپ ئىللىتقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا يۈزلىرىمدىكى قان يۇقۇندىلىرىنى يۇيدى ...
مەن ئۇ كۈنى كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم ، كارىۋات ئۈستىدە يۈزلەپ ، مىڭلاپ قېتىم ئۆرۈلدۈم ، بىراق ئۇيقۇدىن جۇدا ئىدىم . مېنىڭ تىنىقلىرىم ، پۈتۈن ئەزايى-بەدىنىم قىزىپ كەتمەكتە ئىدى . خۇددى باياتىن رەيھاننىڭ تەپتى قوللىرىنىڭ ئۇچىدىن ئۆتۈپ پۈتۈن جىسمىمنى چىرمىغاندەك قىزىپ كېتىۋاتاتتىم . ھازىرلا يۇلقۇنۇپ چىقىپ ، رەيھاننىڭ ياتىقىغا كىرىپ ، مېڭىپ كىرمەي ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپ باستۇرۇپ كىرىپ ، يۈگۈرۈپ بېرىپ رەيھاننى ئىككىنچى قەۋەتتىكى كارىۋاتتىن يۇلۇپ ئالغىنىمچە يەرگە بېسىپ بويۇنلىرىغا ، ئاتەش بويۇنلىرىغا قېنىپ سۆيگىلىرىم ، لەۋلىرىدىن مۇنچاق ئۈزگىلىرىم ، كىيىملىرىنى يىرتقۇلىرىم ، ئۇنىڭغا يىرتقۇچ ھايۋانلارچە ئېتىلىپ ھۇجۇم قىلغۇلىرىم بار ئىدى . ئۇ مېنىڭ ، مەن ئۇنىڭ بارلىقى بولۇپ ، مۇشۇ ئاخشامدا ئەڭ ئىپتىدائىي ھېسلار ، ياق ياق ، ئەڭ رىئال ئەڭ چىن ھېسلار بىلەن مەڭگۈ ياشىسام ، بۇ كېچىدە مەڭگۈ ياشىسام ، ئەتىنى ئويلىمىسام دېگەنتىم ئۆزۈمگە نەچچە رەت .
لېكىن مەن ئۇنداق غەيرەتكە كېلەلمەيتتىم .
شۇنىڭدىن كېيىن ، شۇ كېچىدىن كېيىن ، رەيھان ماڭا ئوتلۇق كۆزلىرىدە تىكىلسە ، مەن قۇياشنىڭ تەپتىنى سېزەتتىم . بۇ سوغۇق شەھەردە ، بۇ كەچ كۈز ئاخشاملىرىدا ، بۇ زۇلمەت ياشلىقىمدا ، گويا پۈتۈن بەدىنىمنىڭ ئوتتۇز سەككىز سېلسىيە گرادۇسلۇق تەپتى رەيھاندىن كېلىۋاتقاندەك ، ئۇ مەن ئۈچۈن ھاۋا ، ئۇ مەن ئۈچۈن سۇ ئىدى .
شۇ كەچ كۈزدە ، 23-ئاۋغۇست ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشقان مۇھەببىتىم ، تولۇق ئوتتۇرا ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇپ پۈتتۈرگۈچە ئايرىلماي ، ئەقىدىمىزنى ۋە رىشتىمىزنى ئۈزمەي كەلگەن ياشلىقتىكى مۇھەببىتىم ، 23-ئۆكتەبېر ، يەنى بىز خوشلىشىپ ئىككى شەھەرگە ئايرىلغاندىن كېيىن نەخ ئىككى ئاي بولغاندا ماڭا ئايرىلىش ئىستىكىنى بىلدۈردى . تېلېفوننىڭ تۇرۇپكىسىنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىم تىترەيتتى ، ئۇنىڭغا « نېمە ئۈچۈن » دېگەن ئاۋازلىرىم تىترەيتتى . تېلېفوننى قويدۇم ، يەر ۋە ئاسمان ماڭا قاراڭغۇلاشتى ، بۇ جاھان توساتتىن سوۋۇدى . دۇنيا ئىشلىرى شۇنداق بولسا ، مەن يەنە ھايات نېمە قىلاي دېگىنىمچە بېشىمنى ياستۇققا يۆگەپ دۈم يېتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم . قانچىلىك يىغلىغىنىم ئېسىمدە يوق ، بىر ھازادىن كېيىن دۈمبەمنىڭ بىراۋلار تەرىپىدىن يېنىك چېكىلىشى بىلەن ئېسىمنى يىغىپ ئۆرۈلۈپ قارىسام رەيھان . ئۇ ھەيران ۋە خىجىللىق ئىچىدە بوش ئاۋازدا « تاماق يېمەمسىز ؟ » دەپ سورىدى . ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماستىن يوتقاننى باشلىرىمغا چىڭ پۈركىۋالدىم .
بىر ھازا شۇنداق تۇرغاندىن كېيىن نەپسىم سىقىلغاندەك بولدى ، رەيھانمۇ چىقىپ كەتكەندەك ئىدى . ئەمما يوتقاندىن بېشىمنى چىقىرىپ قارىسام ئۇ يەنىلا جايىدا داڭقېتىپ تۇرغان ئىدى . ئۇنىڭ قوللىرىدىن ناھايىتى قوپال تارتتىم ۋە كارىۋاتقا يىقىتىپ بېسىۋالدىم . ئۇنى ناھايىتى چىڭ قۇچاقلىدىم . ھەتتا ئۇنىڭ ئەۋرىشىم بەدەنلىرىدىكى قوۋۇرغىلارمۇ قاراس-قاراس قىلىپ كەتكۈدەك چىڭ قۇچاقلىدىم ، ئۇ مۈرەمنى كۈچەپ چىشلىمەكتە ئىدى ، مۈرەمدىن چىققان قانلار ئاپئاق كۆڭلەكنى بويلاپ قىزىل سىزىق تارتىپ ئاقماقتا ئىدى ، يەنە ئۇنىڭ لەۋلىرىدىن ۋە ئېڭەكلىرىدىن سىزىق تارتىپ ئاقماقتا ئىدى . مەن ئۇنىڭ بويۇنلىرىنى سىقىمدىغانچە قۇچاقلىدىم ، ئۇ تېگىمدە كۈچەپ يۇلقۇنۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ مېنىڭ بويۇنلىرىمنى قاتتىق چىشلىمەكتە ئىدى . بويۇنلىرىمدىكى قان ئۇنىڭ ئېغىزىدىكى قانلار بىلەن بىللە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ بوينىنى سىققان بىلەكلىرىمگە ئاقماقتا ئىدى . مەن ئۇنىڭ لەۋلىرىنى لەۋلىرىمگە ياقتىم ، ئۇ يۈزلىرىمگە قاتتىق ئۇردى ، يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتكۈچە تەستەكلىدى .
ئاخىرى ئىككىلىمىز بوشىشىپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ لەۋلىرىدىكى قانلار مېنىڭ لەۋلىرىمگە يۇقۇشۇپ ، ئىككى قان شورىغۇچ مەخلۇقتەك ، قانغا بويالغانچە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ، بىر-بىرىمىزگە دۈمبىمىزنى قىلىپ يېتىپ كەتتۇق .
« ئۇ كىم » دېدى رەيھان ھاسىرىغىنىچە ماڭا كەينىنى قىلىپ يېتىپ ، « ئۇ ئۆتمۈش » دېدىم مەنمۇ بوش ئاۋازدا .
« مەن كىم » دېدى رەيھان ھاسىرىغىنىچە ماڭا كەينىنى قىلىپ يېتىپ ، « سەن بىر لەۋلىرىدىن قان تېمىپ تۇرغان جاللات » دېدىم مەنمۇ بوش ئاۋازدا .
ئۇ يۇمشاق ساغرىسى بىلەن بېلىمگە قاتتىق بىرنى سوققاندىن كېيىن جىمىپ كەتتى .
« مەن كىم » دېدى رەيھان نەپەسلىرى جايىغا چۈشكەندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن ماڭا ئاستا ئالدىنى قىلىپ ، « سەن ھاۋا ! سەن سۇ ! » دەپ قاتتىق ۋارقىرىدىم مەنمۇ ئۇنىڭغا ئالدىمنى قىلىپ .
« بۇندىن كېيىن سېسىق ئېغىزىڭنى مەندىن نېرى تۇت » دېگىنىچە جان يېرىمگە قاتتىق تىزلىدى رەيھان ، « ۋايجان » دەپ يۇمىلانغىنىمچە كارىۋاتتا قالدىم ، رەيھاننىڭ ئىشىكتىن كىرىۋاتقان كەچ كەز ئاپتىپىدا ، نۇرلار ئارىسىدا ئاستا-ئاستا يىراقلاۋاتقان سىماسىغا قاراپ .

كەچ كۈز شاماللىرى ياپراقلارنى سۈپۈرۈپ ئېلىپ ، يامغۇرلارنى شىددەت بىلەن بۇ زۇلمەت باسقان شەھەرگە تۆكۈپ ، ئاستا-ئاستا قەھرىتان قىشنىڭ شېۋىرغان ۋە كۈمۈش رەڭ قارلىرىنى ئېلىپ كەلدى . قىشلىق تەتىل تولىمۇ ئۇزۇن ئىدى ، مەن ئۆيۈمدە تۇنجى قېتىم شۇنچە زېرىكتىم ، مېنىڭ كۆڭلۈم مەكتەپنى ، رەيھاننى تارتىۋاتاتتى . چاقىرغۇمغا رەيھاندىن ئۇچۇر كەلدى ، « مەن مەكتەپكە بۈگۈن بارىمەن » .
شۇ كۈنى مەنمۇ ئالدىراپلا نەرسە-كېرەكلىرىمنى يۇغۇشتۇرۇپ ، ئاپامنىڭ « تېخى تەتىل توشۇشقا ئىككى كۈن بارغۇ » دېگەن گەپلىرىگىمۇ يالغان جاۋابتىن بىرنى بېرىپ مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقتىم .
مەكتەپ ھويلىسى ئادەمنىڭ پاچىقىغا كەلگۈدەك قار بىلەن يېپىنغان ئىدى . بۇ يىل قار قېلىن ياغقان ئىدى . نەرسە-كېرەك ۋە سومكىلىرىمنى كۆتۈرۈپ ، موتسكىلىتتا مېنى ئەكىلىپ قويغان ئۇكاشقا ئۈچ كوي بەرگەندىن كېيىن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئاتلىدىم . رەيھان مەكتەپ ھويلىسىنىڭ قاق ئوتتۇرىدا دەرۋازىغا قاراپ تىكىلىپ تۇراتتى .
مەن توۋا دېدىم ئىچىمدە ، رەيھاننىڭ شۇ ئاپتاپلىق ، نۇرلۇق ، قۇياش تەپتى كېلىدىغان ئوتلۇق كۆزلىرى ۋە يۈزلىرىنىڭ ھارارىتىدە بۇ قارلار ئېرىپ كەتمىگىنىگە . سومكىلىرىمنى قار ئۈستىگە تاشلىدىم ۋە ئۇنىڭغا قاراپ ئىلدام ماڭدىم . ئۇ جايىدا ماڭا قاراپ تىكىلىپ تۇراتتى ، تۇيۇقسىز ئۇمۇ ماڭا قاراپ يۈگۈردى . ئارىمىزدىكى بۇ ئەللىك مېتىر كەلمەيدىغان مۇساپە خۇددى مارافونچە يۈگۈرۈشتەك ، قېلىن قارلار ئارىسىدىن ئىككىيلەننىڭ ئۆتۈكلىرىدىن چىققان غىچ-غىچ قىلغان ئاۋازلار ئارىسىدا ، بىر-بىرىمىزگە يۈگۈرمەكتە ئىدۇق . ئۇ ناۋاترەڭ كالتە پەلتۇ كىيىپ ، بوينىغا چوڭ گۈل چىقىرىپ توقۇلغان ئوتقاشتەك قىزىل شارپا ئارتىۋالغان ، قولىغا ئوتقاشتەك قىزىل پەلەي كىيگەن بولۇپ ، ئاپئاق قېلىن قارلار ئۈستىدە پۇتلىرىنى يۇلۇپ ئېلىپ ، رەڭلىك كېپىنەكتەك ئويناقشىپ يۈگۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى .
ئۇنى باغرىمغا باستىم . ئۇ مېنىڭ دۈمبەمگە قاتتىق ئۇرماقتا ئىدى . پۇتلىرىمغا تەپمەكتە ئىدى . توڭلىغان ئالقانلىرىمنى چىشلىمەكتە ئىدى . چېچىمدىن ئېرىپ چۈشكەن قار سۇلىرى ئۇنىڭ مەڭزىگە تامچىماقتا ئىدى .
ئۇ تۇيۇقسىز تېقىنىمغا بىرنى تېپىپلا مېنى يىقىتتى ۋە يۈزلىرىمگە ئالقانلىرىدا قارلارنى تۆكتى . ئۇ مېنى قار دۆۋىسى ئىچىگە كۆممەكتە ئىدى ، مېنىڭ روھىم بارغانسېرى قارلار ئاستىدا قېلىۋاتقان بەدىنىمدىن ئاجراپ چىقىپ ، ئۇنىڭ ئىللىق سىماسى بىلەن بىرىكىپ كېتىۋاتاتتى . ئۇ مېنى قېلىن قارلار ئارىسىغا راۋۇرۇس كۆمگەندىن كېيىن ، ئۈستۈمگە چىقىپ جىمجىت ياتتى . مەن بىلەن ئۇنىڭ جىسىمىمىز ئارىسىدا بىر غېرىچ قار بار ئىدى . بۇ قارلار خۇددى ئوتتا قىزارغان قازانغا چۈشكەن سۇدەك پاراسلاپ پارلانماقتا ئىدى . مەن قارلار ئارىسىدا يېتىپ ، ئۇنىڭ قارنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان ئوتتەك ئىللىق تىنىقىنى ئېنىق سېزىپ يېتەلەيتتىم .
شۇنىڭ بىلەن بىرلا يۇلقۇنۇپ ئۇنى تېگىمگە بېسىۋالدىم ، ئۇ قوللىرىدا ئىككى تەرەپتىن بىر مۇنچە قارنى ئېلىپ يەنە ئاغزى-بۇرنۇمغا تىقماقتا ئىدى . بىز پومداقلىشىپ پۈتۈن مەيداندا قوغلىشىپ مەيداندىكى قارلارنى پۈتۈن بېسىپ ئاخىرى ئېغىر ھاسىراشقانچە ئولتۇرۇپ قالدۇق .
بىز بىللە بىر قار بوۋاي ياسىدۇق ، ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا بىر قار موماي ياسىدۇق .
قار بوۋاي بىلەن قار موماي كۆمۈر داشقىلىدىن پۈتكەن كۆزلىرىدە ، قوللىرىنى قوللىرىغا تۇتۇشۇپ ، يىراق ئۇپۇققا نەزەر تاشلىشىپ ، ئاشۇ يىراق ئەسلىمىلىرىم ئىچىدە قالغان ئىدى ...

« ئەپەندىم ، بۇياققا مەرھەمەت » دېدى كاتتا مېھمانسارايدىكى مۇلازىم قولۇمدىكى لەپتوپ ۋە ھۆججەت خالتامنى ئالغاچ . مېنىڭ ياتىقىم 20-قەۋەتتە ئىدى . ياتاققا چىققۇچە تۆتىنچى قەۋەتتىكى رېستۇرانتتا ئاددىي غىزالىنىۋالدىم .
20-قەۋەت بۇ شەھەرگە نىسبەتەن تولىمۇ ئېگىز ئىدى . تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە يۈرگەن بۇ ئون نەچچە يىللار مابەينىدە ، 20-قەۋەتتىكى ياتاقتىن پەقەت ئۇدۇلدىكى بېنانىڭ بېلىنىلا كۆرگىلى بولاتتى . بىراق بۇ شەھەردىكى بۇ مېھمانساراينىڭ 20-قەۋىتىدىن ، شەھەرنىڭ خېلى يىراق قىرلىرىدىكى پاكار-پاكار ئۆيلەرنى ، باغلارنى ۋە شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چوڭ-كىچىك ئۆمۈچۈك تورلىرىدەك يوللارنى ، يوللاردا گاھ ماشىنا ، گاھ توكسىكىلىت ، گاھ پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەرنى ئىلغا قىلغىلى بولاتتى .
قارايتتىم ، يىراق-يىراق يەرلەرگە قارايتتىم . ياتاقنىڭ چوڭ دەرىزىسى يېنىدا ، پەردىلەر ئارىسىدىن مەخپىي قارايتتىم . خۇددى شۇ يىللاردا ، رەيھان مېڭىپ ئۆتكەن ھەر بىر يوللار ، كوچىلار ۋە سىنىپلار ئالدىدىن ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدەپ مەخپىي قارىغاندەك ، دىلىمدا مەخپىي ئۇنى ئىزدەيتتىم .
ئېلېكترونلۇق چاقلىق ئورۇندۇقۇمنى ياتاق ئىچىدە ئۇياندىن بۇيانغا چۆرگىلەتتىم ، كۆز ئالدىمدا بۇ ياتاق چۆرگىلەۋاتاتتى . ياتاق ئىچىدىكى چوڭ كارىۋات ۋە سافالار ، تورۇستىكى گرىك تام سىزمىلىرى ، شىنجاڭ تېلېۋزىيەسىدىكى نازىگۈلنىڭ تېلېۋېزور ئېكرانىدىكى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ، تامدىكى ئىران گېلىمى ، چاقماق تېزلىكىدە چاس ئالمىشىپ ئايلىنىۋاتقان پرويېكسىيەدەك ، كۆز ئالدىمدا توختىماستىن ئايلىنىۋاتاتتى ، بۇ دۇنيا ئايلىنىۋاتاتتى ، پەقەت مەنلا ، تېزلىكتىن خالىي ، ۋاقىتتىن خالىي ، پۇل ۋە مالغا مۇپتىلا ، ماكان ۋە جاناندىن جۇدا جايىمدا قېتىپ قالغان ئىدىم .
شۇنداق ئايلىنىشلار ئىچىدە ، توختىماستىن ئايلىنىشلار ئىچىدە ، ياتاق ئىچىدىكى چوڭ كارىۋات ۋە سافالار ، تورۇستىكى گرىك تام سىزمىلىرى ، شىنجاڭ تېلېۋزىيەسىدىكى نازىگۈلنىڭ تېلېۋېزور ئېكرانىدىكى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ، تامدىكى ئىران گېلىمى ، چاقماق تېزلىكىدە چاس ئالمىشىپ ، كونتروللۇقىنى يوقاتقان پرويېكسىيەدەك ئايلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئىچىدە ، غىل-پال قىلىپ ، ماڭا دۇنيادا ئەڭ تونۇش ، ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ ناتونۇش ، ئەڭ يىراق بىر كۆرۈنۈش ئارىلىشىپ قالاتتى . ياق ، ياق ! بۇ مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم ، بۇنى كۆرەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى . كەچۈرۈڭلار ئوقۇرمەنلەر ، مەن بۇ ھېكايىنى يېزىشتىن بۇرۇن ، ئۆزۈمگە شۇنچە جىكىلىگەن ، رىئاللىق ۋە چىنلىقتىن يازىمەن دېگەن . شۇنچە تىرىشىۋاتىمەن ، بىراق لەپتوپ ئۈستىدە تاراسلاپ ئىلدام چېكىۋاتقان بارماقلىرىم يەنە مېنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مېڭە رايونۇمغا يوشۇرۇنغان قانداقتۇر بىر خىيال ۋە تەسەۋۋۇرلارنىڭ چاقىرىقى بىلەن ، كۇنۇپكا تاختىسىدا ئۆزۈممۇ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدىغان سۆزلەرنى ۋە جۈملىلەرنى ئۇرۇپ چىقارماقتا .
ياق ، ياق ! بۇ مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم ، خىيالىم خالاس ! بەس !
لېكىن ئىدراكىم خىيال ۋە تەسەۋۋۇر ۋە ئەسلىمىنىڭ كۈچلۈك ، ناھايىتى كۈچلۈك ، چەكسىز كۈچلۈك قوللىرىدا كانىيى بوغۇلۇپ تۇنجۇقماقتا ئىدى . بەلكىم مېنىڭ ھاياتىم مۇشۇ خىيال ، مۇشۇ تەسەۋۋۇر ۋە مۇشۇ ئەسلىمىلەر بىلەن داۋام قىلغان ، ۋە يەنە مۇشۇ خىيال ، مۇشۇ تەسەۋۋۇر ۋە مۇشۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئاياغلىشار ئىدى .
مەن يەنە ئىختىيارىمسىز شۇ ئەسلىمىگە غەرق بولدۇم .

بىز باغچىلارغا باراتتۇق ، باغچىلاردا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا جىمجىت ئولتۇرۇپ كېتەتتۇق . مېنىڭ بارماقلىرىم جىم تۇرماي ، ئالقانلىرىم جىم تۇرماي ، تاش ئورۇندۇق ئۈستىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆمىلەپ مېڭىپ ئۇنىڭ بارماقلىرىنى ، ئۇنىڭ ئالقانلىرىنى ئىزدەيتتى ، ئىزدەپ تاپاتتى ، مەھكەم قۇچاقلايتتى . خۇددى بۇ بارماقلار ، بۇ ئالقانلارنىڭ ئىگىلىرى شۇ بارماقلاردەك ، شۇ ئالقانلاردەك مەھكەم قۇچاقلىشىپ ، مۇشۇ باغچىدە ، مۇشۇ تاش ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە ، مۇشۇ قۇياش غەربىي شىمالغا قىيسايغان تومۇز ئاخشاملىرىدا ، مەڭگۈ ، مەڭگۈ ، مەڭگۈ ... مۇشۇ باغچىدىكى بىر جۈپ تاش ئابىدىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن دېرەك بېرىۋاتقاندەك .
تۇيۇقسىز ئالدىمىزدىن يىراقتىكى ، ناھايىتىمۇ يىراقتىكى يەنە بىر ئەسلىمە ، ياق ، ياق ! ئەسلىمە ئىچىدىكى يەنە بىر ئەسلىمىگە تەۋە بولغان ، قەدىمىي ئۆتمۈشكە تەۋە بولغان بىر قىز ئۆتتى . قىز ؟ ياق ، بۇ بىر چوكان ئىدى ، بىر كېلىشكەن ، چىرايلىق ، قىزىل مەڭزىدىن ۋە ئوتلۇق كۆزلىرىدىن بەختنىڭ ئۇچقۇندىلىرى ئۇچقۇنداپ تۇرىدىغان بىر گۈزەل ، ياش چوكان ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كەلدى . ئۇ ئەمدىلەتىن مېڭىشنى ئۆگىنىۋاتقان بىر ئوماق ئوغۇل بوۋاقنى ئىككى قولىدىن مەھكەم تۇتۇپ ، زورىغا ماڭغۇزۇپ ، بالىنىڭ « دە .. دە .. دە ... » دېگەن چۈشىنىكسىز سۆزلىرىگە قوڭغۇراقتەك ئاۋازى بىلەن جاراڭلىق كۈلۈپ ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى . مېنىڭ كۆزلىرىم ، نەزىرىم ئۇنىڭ ئۈستىدە قاتقان ئىدى . ئۇ مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە تاشلاشماي ، مەكتەپتىكى مۇھەببەت ، بەكمۇ شېرىن ۋە لەززەت دەپ ئويۇن چېڭىغا چىققان چاغلىرىمىزدا ئەقىدىمىز ۋە رىشتىمىزنى ئۈزمەي كەلگەن ، مەن خىزمەتكە چىققان شۇ يىلى ، رەيھان بىلەن ۋىسال ئىزدەۋاتقان شۇ يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى مەندىن خوشلاشقان گۈزەل قىز ، مېنىڭ ئىلگىرىكى سۆيگۈنۈم ئىدى .
ئۇ ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىچە ماڭا قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بىر چوڭقۇر سالام قىلدى . مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بىر چوڭقۇر سالام قىلدىم . رەيھان ئۇنىڭغا سوغۇق تەبەسسۇم بىلەن بىر يېنىك سالام قىلدى . ئۇ رەيھانغا بۇرنىنىڭ دىمىقىدا بىر يېنىك سالام قىلدى .
بىز شۇنداق ئۆتۈشۈپ كەتتۇق . خۇددى تارىخنىڭ چاقلىرى مايسىراپ زەنجىر چىشلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەندەك مەڭگۈلۈك ئۆتۈشۈپ كەتتۇق . بەلكىم بۈگۈن ئەمەس ، بەلكى شۇ يىلى 23-ئاۋغۇستتا .
ياق ، ياق ! كەچۈرۈڭلار ، بۇ يەردە يەنە بىر ئەسلىمە بار . بىز بۇنداق ئۆتۈشۈپ كەتمىدۇق ، ئۇ ماڭا قاراپ گەپ قىلدى .
ئۇ كۆزلىرىمگە مەقسەتسىز تىكىلىپ تۇرۇپ « ئۇ كىم » دەپ سورىدى ، مەن يىراقلارغا تىكىلىپ تۇرۇپ « ئۇ رەيھان » دېدىم .
رەيھان كۆزلىرىمگە مەقسەتلىك تىكىلىپ تۇرۇپ « ئۇ كىم » دەپ سورىدى ، مەن يىراقلارغا تىكىلىپ تۇرۇپ « ئۇ ئۆتمۈش » دېدىم .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوكان يىراقلارغا ئۇزاپ كەتتى .
مەن رەيھاننىڭ كۆزلىرىگە مۇھەببەتلىك تىكىلىپ تۇرۇپ « مەن كىم » دەپ سورىدىم ، ئۇ يىراقلارغا تىكىلىپ تۇرۇپ « سەن لەۋلىرىدىن قان تېمىم تۇرغان جاللات » دېدى .
مەن رەيھاننىڭ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇپ ، ئالقانلىرىنى باغرىمغا يېقىپ تۇرۇپ « مەن كىم » دەپ سورىدىم ، ئۇ ئاتەشتەك يۈزلىرى قىزارغىنىچە يەرگە قاراپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا « سەن سۇ بىلەن ھاۋا ، سەن سۇ بىلەن ھاۋا ، سەن سۇ بىلەن ھاۋا ... » دېدى ...
بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ، سۆيگۈمىز ئەنە شۇنداق داۋام قىلدى . بىز قەلبىمىزدە بىر-بىرىمىزنى يىرتقۇچلارچە سۆيەتتۇق ، خۇددى ئاندىس تاغلىرىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدەك ، شىددەت بىلەن سۆيەتتۇق . بۇ سۆيگۈ بۇ باغچىنى ، بۇ شەھەرنى ، بۇ زېمىننى يالماپ يۇتاتتى . بىراق كۆكسىمىز ، لەۋلىرىمىز ئۆزىگە مۇناسىپ ئارىلىق ساقلايتتى ، ناھايىتى قىيىن ساقلايتتى . ئىشتانباغلىرىمىز خۇددى دادۈي دەرۋازىسى ئالدىغا باغلانغان ئىتلاردەك ، شېرىن ھەۋەسلەرنى ھەم چىڭ ساقلايتتى ، لېكىن ناھايىتى قىيىن ساقلايتتى ئۇلارمۇ .
بىز ئۇپۇقتىن ، دەرەخلەر ئارىسىدىن تالا-تالا ئاخىرقى نۇر دەستىلىرىنى چېچىپ ئۆيىگە قايتىۋاتقان قۇياشقا قارايتتۇق . قۇياش گاھ رەيھاننىڭ قۇياشتىن نۇرلۇق كۆزلىرىدىن خىجىل بولغاندەك ، گاھ بىزنىڭ قۇياشتىن ئوتلۇق مۇھەببىتىمىزدىن خىجىل بولغاندەك ، بۇ باغچىنى ، بۇ زېمىننى بىزگە تاپشۇرۇپ ، كېچە پەردىلىرىنى يېپىۋەتكەندىن كېيىن بىز بىلەن خوشلىشىپ قايتىپ قالاتتى . بىز بولساق بىر-بىرىمىزگە كۈلۈپ بېقىشقىنىمىزچە ، بۇ كەچلەردە ، تىنىقلىرىمىزنى تىڭشايتتۇق .

ياق ، ياق ! توختاپ تۇرۇڭلار ئوقۇرمەنلەر ، مەن ئايلىنىشتىن توختىغان بۇ دۇنيادا ئەسلىمىلەر قوينىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتىم ، كاتتا مېھمانساراينىڭ 20-قەۋىتىدە ، ئېلېكترونلۇق چاقلىق ئورۇندۇقۇمنىڭ ئۈستىدە ، گويا بۇ شەھەرنىڭ شۇ تونۇش ھاۋالىرى ، ئەڭ تونۇش ئەسلىمە ھۈجەيرىلىرىمنى قايتا ئويغاتقاندەك ، رەيھاننىڭ چىرايى بارا-بارا شۇ گۈزەل بىر دەستە نۇردىن ، ئەسلىگە قايتىۋاتقاندەك ، مەن كۈچلۈك نۇرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۇنىڭ شۇ چىرايىنى ، ئوتلۇق كۆزلىرىنى قايتا كۆرۈۋاتقاندەك بولۇۋاتىمەن . ياق ، ياق ! بۇ خىيال ئەمەس ، بۇ تەسەۋۋۇر ئەمەس . بەلكى خىيال ۋە تەسەۋۋۇر شاكاللىرى ئارىسىدىن ئەقىل-ئىدراكىم ئىلغاپ چىقىۋاتقان بىر گۈزەل ۋە ئازابلىق ئەسلىمە . رەيھان ئۇنچە گۈزەل ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ چىرايى ھەتتا ئادەتتىكىچە ئىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇنچە نۇرانە ئەمەس ئىدى ، ھەتتا بەزىدە بورنىڭ ئاچچىقىدا ۋە كىتابلار ، تاپشۇرۇقلارنىڭ بېسىمىدا قىزىرىپمۇ كېتەتتى . ئۇ ئۇنچە ئاپئاقمۇ ئەمەس ئىدى ، بەلكى بۇغداي ئۆڭ قىز ئىدى . ئۇ ئۇنچە ئەۋرىشىممۇ ئەمەس ئىدى ، بويى ئادەتتىكىچە ، بەدەن قۇرۇلۇشىمۇ بەك گۈزەل ئەمەس ئىدى . شۇ ۋاقىتتا كارىۋاتتا مېنىڭ بېلىمگە گۈس قىلىپ تەگكەن ساغرىسىمۇ ئۇنچە يۇمشاق ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ بوينىدا ، ياق ، يۈزىدە ، ياق ياق ، پېشانىسىدە بەلكىم ، بىر تال ئىنچىكە تارتۇق بار ئىدى . مەن يەنىلا ئېسىم يەتكەن دائىرە ئىچىدە بۇ ھېكايەمنى داۋاملاشتۇراي . لېكىن نېمىنى ، نېمىسىنى داۋاملاشتۇرىمەن ؟ بۇ ئەسلىمە تولىمۇ چالا ، يەنە كېلىپ خىياللىرىم ، ئويدۇرمىلىرىم ، تەسەۋۋۇرلىرىم بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە ، قايسىسى ھېكايەم ، قايسىسى چۆچىكىم ، قايسىسىدا رەيھان بار ، قايسىسى پەقەت چۈشۈم ، ئۆزۈممۇ ئىلغاپ بولالمايۋاتاتتىم .
تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلىپ ، مۇلازىم قىزچاق كىرىپ كەلدى ۋە يېنىك قەدەملىرى بىلەن يېنىمغا كېلىپ ، ئاستا تېلېۋېزورنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كېيىن قۇلىقىمغا « ئەپەندىم ، شاڭخەيدىن جاڭ ئەپەندى سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ ، تۆتىنچى قەۋەتتە ساقلاۋاتقۇدەك ... » دەپ پىچىرلىدى ، مەن « كۆرۈشەلمەيمەن » دەپ ئۇنى ئۇزاتقاندىن كېيىن ، ئېلېكترونلۇق چاقلىق ئورۇندۇقنى يەنە دەرىزە يېنىغا ھەيدىدىم .
« جاڭ ئەپەندى ؟ شاڭخەيدىن ؟ » ئىچىمدە كۈچەپ ئەسكە ئېلىشقا ئۇرۇنماقتىمەن . توغرا ، ئۇنىڭ ئىسىمى جاڭ ۋېندى ، مېنىڭ كونا بۇرادىرىم . بىراق بىز قانداق تونۇشقان ؟ مەن شاڭخەيگە قانداق بارغان ؟ ئۇ مېنى ئىزدەپ دۆلەتنىڭ ئەڭ غەربىدىكى بۇ شەھەرگە قانداق كېلىپ قالدى ؟ توختا ، توختا ، مېنىڭ نېرۋامدا يەنە خاتالىق چىقىشقا باشلىدى ، كاللام يەنە قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى .
مەن ئەسلى شاڭخەيگە تىجارەت قىلىشقا بارغان ، شۇ چاغلاردا يېنىمدا ھېچقانچە پۇل يوق ئىدى ، يەنە كېلىپ نېمە تىجارەت قىلىشىم ، نېمە تىجارەت قىلالىشىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم . شۇ چاغلاردا جاڭ ۋېندى مېنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ، ماڭا تىجارەت يوللىرىنى ئۆگەتكەن ، مەن تەتقىقاتىم ۋە يېزىقچىلىقىمنى شۇنىڭ يېنىدا قىلغان ، كېيىن ئۇ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى بىلەن مال-مۈلۈكلىرىدىن ۋە شىركىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان . مەن شۇ دەكە-دۈكە ئىچىدە قولۇمدىكى پاتېنت ۋە يازمىلارنى نەچچە مىليونغا سېتىپلا ، ئۆزۈم باشقا شىركەتتە ئىش باشلىغان . ئەمىسە ئۇ بۇ ئارىلىقتا نېمە ئىشلارنى قىلدى ؟ بىز بۇ ئون نەچچە يىل جەريانىدا يەنە كۆرۈشتۇقمۇ ؟ ئاھ خۇدا ... بۇ ھېكايىنى يېزىپ بولغۇچە ، مەندە ئەڭ ئەقەللىي تەلەپكە لايىق لوگىكا ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغايسەن . شۇنداق ، مەن بۇ شەھەردىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ، خۇددى بىر ئايال ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەندەك ، بازار ئايلىنىدۇ ، لېكىن نېمە ئېلىشىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ . مەن بۇ شەھەردىن ئەنە شۇنداق يامانلاپ چىقىپ كەتكەن . دوست-بۇرادەرلەردىن ، ياق ، ياق ، ئېنىقىنى ئېيتقاندا ... رەيھاندىن ...
20-قەۋەتتىكى بۇ چوڭ دەرىزىدىن ، كەچكى شەپەق ئاستىدىكى بۇ شەھەرگە نەزەر تاشلىماقتىمەن . يىراقلاردىن ئەر-خوتۇنلار ، بالا-چاقىلار باغچە ئايلىنىۋاتقان ، ھاۋا يەۋاتقان مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدا كۆرۈنمەكتە . نەلەردىندۇر توي كۆچۈرىۋاتقان ماشىنا ئەترەتلىرىدىن ياڭرىغان ناغرا-سۇناي ساداسى قەلبىمدىكى ئەڭ نازۇك ، ئەڭ چوڭقۇر نېرۋىلارنىڭ تارىنى قاتتىق چېكەتتى . بىز ئەنە شۇنداق بىر زاۋالدا ، ئەبەدىي خوشلاشقان ...

رەيھاننى ئاتا-ئانىسى توي قىلىشقا قىستايتتى ، لېكىن نېمىشقىدۇر رەيھان مېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇمنى ئاتا-ئانىسىغا بىلدۈرمىگەن ئىدى . رەيھان قوللىرىمدىن مەھكەم سىقىمداپ تۇرۇپ ، ئېسەدىگىنىچە ، « مېنى ئەمرىڭگە ئالغىن جېنىم » دەيتتى ، مەنمۇ زور ئىشەنچ بىلەن « چوقۇم ، يېقىندا » دەپ ۋەدە بېرەتتىم .
شۇ يىلى يازلىق تەتىلدە ، مەن ئاپامنىڭ ئىددىيىسىنى ھەل قىلىپ ، باشقا يۇرتتىن بولغان بۇ قىزنى ئەمرىمگە ئېلىش تەييارلىقىنى كۆردۈم . ئۇنىڭغا چاقىرغۇ قىلدىم ، بىراق تېلېفون قايتمىدى . يەنە چاقىرغۇ قىلدىم ، بىراق تېلېفون قايتمىدى . ئاخىرى موتسىكىلىتىمنى ھەيدىگىنىمچە ، قولۇمدا بىر دەستە قىزىلگۈل تۇتقىنىمچە ، مېنىڭ ناھىيەمدىن ئۇنىڭ ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقتىم .
مەن ئۇنىڭ يۇرتىغا بېرىپ كىشىلەردىن سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ ، ئاخىرى ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى تاپتىم ۋە ئىشىكنى چەكتىم . ئىشىك ئېچىلمىدى . ياندىكى ئۆيدىن بىر سېمىز خوتۇن چىقىپ « يىگىت ، ئۇلار شەھەرگە توي قىلغىلى كەتتى » دېدى ، مەن ھەيرانلىق ئىچىدە « كىمنىڭ تويىنى » دەپ سورىدىم ، سېمىز خوتۇن « بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ شۇ بىرلا قىزى بار » دېگەن جاۋابنى بەردى . گۈلنى سېمىز خوتۇننىڭ چىرايىغا پالاققىدە ئاتتىم-دە ، ئۇنىڭ چىرقىراپ تىللىغان ئاۋازلىرى قۇلىقىمغىمۇ كىرمەي بېنادىن چۈشۈپ ، موتسىكىلىتىمنى مىنگەنچە شەھەرگە قاراپ يولغا ئالدىم .
كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى ، ياق ياق ، مەن ئىشىكنى خاتا چېكىپ قاپتىمەن ، دەيتتىم ئۆزۈمگە . ئۆزۈمنىڭ ھاماقەتلىكىمدىن ، نېمىشقا سېمىز خوتۇندىن توي قىلغۇچىنىڭ ئىسىمىنى سورىۋالمىغانلىقىمدىن ئاغرىناتتىم .
مەن ئۇچقاندەك ماڭاتتىم . توساتتىن ياندىكى ئېتىزلارنىڭ ئارىسىدىن بىر تراكتور چىقتى ۋە موتسىكىلىتىمنى قاتتىق ئۇرۇۋەتتى . مەن يەرگە يىقىلغانچە كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى . مېڭەم تاش يول ئۈستىگە قاتتىق تەگكەچكە ، كۆرۈش قۇۋۋىتىم بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى . خېلى ھازاغىچە « رەيھان ... رەيھان ... رەيھان ...» دەپ ئىڭراپ ياتقاندىن كېيىن ، كۆزۈمنى ئاچتىم ، ھېلىقى تراكتور ئاللىبۇرۇن تىكىۋەتكەن ئىدى . موتسىكىلىتىم بولسا يول ئۈستىدە سۇنايلىنىپ ياتاتتى . مەن ئۆمىلەپ دېگۈدەك بېرىپ موتسىكىلىتىمنى قايتا يۆلەپ ئوت ئالدۇردۇم ، ئوڭ پۇتۇم قەتئىي ئىشلىمەيۋاتاتتى . يەنە قانغا بويالغان پېتىم شەھەرگە قاراپ ئۇچقاندەك ماڭدىم .
مەن شەھەرگە كەلگەندە ، ھەممە ئاخىرلاشقان ئىدى . ھايات ئاخىرلاشقان ئىدى . قارا خرۇم چاپىنىم يىرتىلغان يەرلىرىدىن قان تەپچىپ چىقىپ ، يولنىڭ توپىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ قىپقىزىل رەڭلىك خېمىرغا ئايلانغان ، بويۇنلىرىم ، يۈزلىرىم قىپقىزىل قانغا بويالغان پېتىم ، يولدا نەلەرگە بارارىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم . مايماق بولۇپ كەتكەن موتسىكىلىتىممۇ ، بويۇنىنى قىسىپ خۇددى كۆڭلۈمنى ، دىلىمنى چۈشىنىۋاتقاندەك ، مەن بىلەن تەڭ بۇ يولغا تىكىلىپ تۇراتتى . زاۋال ۋاقتى ئىدى .
يىراقلاردىن بىر توي كۆچۈرىدىغان ماشىنا ئەترىتى يېتىپ كېلىپ ئالدىمدىن ، ئالدىمدىكى يولدىن ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى . مەن سىنچىلاپ قارايتتىم . تاكى شۇ بىر جۈپ كۆزنى ، قارا رەڭلىك توي ماشىنىسىنىڭ يېرىم ئېچىلغان دەرىزىسىدىن ، شۇ ئوتلۇق كۆزلەر ۋە يۈزلەرنى ئۇچراتقۇچە سىنچىلاپ قارىدىم . گەرچە نېپىز چۈمپەردە ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولسىمۇ ، مەن بۇ كېلىنچەكنى تونۇيتتۇم . ئۇنىڭ تىنىقلىرىنى ، كۆكسىنىڭ تېز رەۋىشتە كۆپۈپ ئېسەدىگەن ھالىتىنى مەن قىرىق مىڭ كىلومېتىر يەردىنمۇ تونۇيتتۇم . مەن موتسىكىلىتىمغا مىنگىنىمچە يولنى كېسىپ ئۆتۈپ ، ئۇدۇل بېرىپ توي ماشىنىسىنى سوقتۇم ۋە يولغا يىقىلدىم ، ئاخىرىقى نەپسىم ، ھۇشۇمدىن كېتىشتىن ئاۋۋالقى نەپسىم پەقەت شۇنداق قىلىشقىلا يەتكەن ئىدى .
كىشىلەر مېنى دوختۇرخانىغا توشۇماقتا ئىدى ، بىرقانچە ساقچى فورمىسىلا كۆزۈمگە غۇۋا كۆرۈنەتتى ، يەنە شۇ ساقچى فورمىلىرىنىڭ ئارىسىدىن غىل-پال قىلىپ ئاق توي كۆينىكى ، ئاق توي كۆينىكى ئۈستىدىكى قىپقىزىل قانلار كۆزۈمگە كۆرۈنەتتى .
بارا-بارا ھېچنېمىنى كۆرەلمەي قالدىم ، ئۆزۈمنىڭ تىنىقى ئۆزۈمگە نىكاراگۇئا شارقىراتمىسىدىكى گۈلدۈراس ئاۋازدەك غايەت زور بولۇپ ئاڭلىنىۋاتاتتى . ھېچنېمىنى كۆرەلمەيتتىم ، شاۋقۇن-سۈرەنلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمايتتىم . بارماقلىرىمنى مىدىرىتىشقا ، ئەينى چاغدىكى تاش ئورۇندۇقتا ئۆمىلەپ رەيھاننىڭ بارماقلىرىغا ئويناقشىپ ئېسىلغان بارماقلىرىمنى مىدىرىتىشقا كۈچەپ تىرىشاتتىم . بارماقلىرىممۇ رەيھاننىڭ بارماقلىرىنىڭ يېنىمدىلا بارلىقىدىن بەلگە بېرىپ تۇراتتى . « رەيھان ... رەيھان ... رەيھان ... » دەپ ئۈنسىز نىدا قىلماقتا ئىدىم . تۇيۇقسىز بىر يىغا ئاۋازى بىلەن ئاپئاق بىر بەدەن ئۈستۈمگە يىقىلدى ، باشقىلارنىڭ تارتىشى ، ساقچى فورمىلىرىنىڭ كۈچەپ كۆتۈرۈشىگە ئۇنىماي مېنى چىڭ قۇچاقلىدى ، ئۇ رەيھان ؟ ئاپئاق توي لىباسى كىيگەن رەيھان ؟ مەيدىسىدىكى گۈل ؟ ياق ، مەيدىسىدىكى قىزىل ، ئاق لىباس ئۈستىدىكى ئۇ بىر پارچە غۇۋا قىزىل مەندىن غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ چىققان قانلار ئىدىغۇ ...
ھۇشۇمغا كەلگىنىمدە دوختۇرخانىدا ئىدىم . مەن شۇ كۈنىلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتىم . كۆرۈش قۇۋۋىتىم تولىمۇ ئاجىز ئىدى .
مەن مەكتەپكە كېلىپ نەرسە-كېرەكلىرىمنى يۇغۇشتۇردۇم ، دېژورنىلىقتا تۇرغان مەكتەپ مۇدىرى چۈشىنەلمىگەندەك ئالدىمنى توستى . مەن توسۇشىغا قارىماي بۇ مەكتەپتىن ئۇچقاندەك ئايرىلدىم .
شۇنداق ، مەن بۇ مەكتەپتىن ، بۇ شەھەردىن شۇنداق ئايرىلدىم . مەن رەيھاننىڭ باشقىلارنىڭ ئايالى سۈپىتىدە قىينئانىسى تويلۇق تىكتۈرۈپ بەرگەن چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ مەكتەپكە كېلىشىنى ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۆرۈشنى خالىمايتتىم . مەن ئۇنى ئۆلۈپ كەتسىكەن دەيتتىم ، چۈنكى مەندە ئۆزۈم ئۆلۈپ كەتكۈدەك غەيرەت قالمىغان ئىدى .
مەن بۇ دۇنياغا ئىشەنچسىز قالدىم . بۇ دۇنيا ماڭا ئىشەنمىدى . بۇ پەلەك ماڭا رەيھاننى بەرمىدى . مەن بۇ پەلەكتىن يەنە نېمىنى كۈتەي ؟ بۇ دۇنيا ماڭا ئىشەنچسىز قالدى ، مەن بۇ دۇنياغا ئىشەنمىدىم . مەن رەيھاننىڭ قوللىرىدىن مەڭگۈ مەھكەم تۇتالمىدىم ، بۇ پەلەك مەندىن يەنە نېمىنى كۈتكەي ...

خىياللىرىمدىن ئۆزۈمنى يۇغۇشتۇرۇپ ، تۆتىنچى قەۋەتتىكى رېستۇرانتقا تېلېفون قىلدىم ۋە جاڭ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ، ئۇنىڭ ساقلاپ تۇرۇشىنى ئېيتتىم .
مەن جاڭ ۋېندى بىلەن شەھەر ئايلىنىۋاتاتتىم . ئۇ بۇ شەھەرگە يېڭى كەلگەن ئىدى ، بۇرۇن تونۇشمايتتى بۇ شەھەر بىلەن . مەن بۇ شەھەردە بۇرۇن ياشىغان ئىدىم ، بۇ رۇن تونۇشاتتىم بۇ شەھەر بىلەن . جاڭ ۋېندى ماڭا كۈلۈمسىرەپ چېكەمدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ ، چاقلىق ئورۇندۇقۇمنىڭ ئالدىدا بويىنى تۆۋەن قىلىپ « لاۋ ئەي ، نى لاۋ لې ، يې بيەندې مىنگەن لې » دېدى . مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭ ئىقتىساد بازارلىرىدا تولا جاپا چېكىپ ئاقارغان چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ « ۋېن ئاكا ، سەنمۇ قېرىپسەن ، چاچلىرىڭ ئاقىرىپتۇ » دېدىم . جاڭ ۋېندى ياندا قاراپ تۇرغان قارا كىيىملىك ، بەستلىك كۆتۈرگۈ-قوپۇرغۇلىرىغا ئىشارەت قىلىپ ، مېنى ماشىنىغا ئېلىشىنى بۇيرۇدى . مەن ئاستا قولۇمنى كۆتۈرۈپ ، پىيادە ئايلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ، كۆتۈرگۈ-قوپۇرغۇلار كەينىگە داجىدى . جاڭ ۋېندى كۆزلىرىدىكى ياشلارنى تۇتالماي قالدى . مەن ھەيران قېلىپ « ۋېن ئاكا ، نېمىگە يىغلاپ كېتىسەن ؟ سودا ئىشى ؟ » دەپ سورىدىم ، چۈنكى مېنىڭ نەزەرىمدە جاڭ ۋېندى سودىنى ھايات ، ھاياتنى سودا دەپلا قارايدىغان كىشى ئىدى . جاڭ ۋېندى گېپىمنى ئاڭلاپ يەردە ئولتۇرغىنىچە ، بېشىنى چاقلىق ئورۇندۇقۇمنىڭ كونترول تاختىسىغا بېشىنى قويۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى . « لاۋ ئەي ، ۋو تىڭ يىسېڭ گېي ۋو جياڭ گو لې ، نى دۇ كۇەي بۇشىڭ لې ، خەي خۇيلەي گەنسا ، ۋو با نى دەيخۇيچۈ ، زەي شاڭخەي زىلياۋ » . مەن جاڭۋېندىنىڭ بېشىغا بېشىمنى قويۇپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا دېدىم ، « ۋېن ئاكا ، مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى داۋالاش مۇشۇ بولسا كېرەك . ئۆلۈممۇ ئەڭ ياخشى دورا ، بەزىدە ... » . بىزنىڭ دېئالوگلىرىمىزدىن ياندا تۇرغان كۆتۈرگۈ-قوپۇرغۇلارمۇ مىشىلداپ كېتىشىۋاتاتتى .
بىز شۇنداق قىلىپ شەھەرنى ناھايىتى ئۇزۇن ئايلاندۇق . مەن بۇ ھېكايىلىرىمنى ، ئەسلىمىلىرىمنى جاڭ ۋېندى ۋە كۆتۈرگۈ-قوپۇرغۇلارغا سۆزلەپ بەرگەچ ماڭدىم . بۇ يول تۈگەپ قالاتتى ، چۈنكى ھايات تۈگەپ قالاتتى . بۇ ھېكايە تۈگەپ قالاتتى ، چۈنكى ھايات تۈگەپ قالاتتى . بىراق ، پەقەت ، پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ ھاياتتىكى مۇھەببىتىم ، مېنىڭ رەيھانغا بولغان سېغىنىشىملا تۈگەپ قالمايتتى ، بۇ ھاياتىمنىڭ ، جىسىمىمنىڭ ، ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مۇھەببەت ئىدى . بۇ مۇھەببەت مۇشۇ دۇنيا ئىدى ، بۇ مۇھەببەت مەن ئىدىم ، سەن ئىدىڭ .
بىز مەن بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپكە باردۇق ، مەكتەپلەر زامانىۋىيلاشقان ، ئەينى چاغدىكى خام خىشلىق ياتاقلىرىمىز بار جايلارغا ئېگىز قەۋەتلىك ئائىلە قورۇلار سېلىنغان ، ئەينى چاغدىكى مەكتەپ باغلىرى زامانىۋىي پۇتبول مەيدانلىرىغا ئايلانغان ئىدى . مېنىڭ نەزىرىم مۇشۇ يەردە قاتقان ئىدى . مۇشۇ پۇتبول مەيدىنىنىڭ ئاستىدىكى ، ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بۇرۇنقى شۇ يىلى قىشتا ياغقان قېلىن قارغا كۆمۈلگەن جىسىمىمنى ، ئاپئاق قار ئۈستىدە كېپىنەكتەك ئويناقشىپ ماڭا ئۆزىنى ئاتقان رەيھاننى ئىزدەيتتىم . بىراق ئۇ يوق ئىدى .

مانا ، جاڭ ۋېندى بىلەن خوشلاشقىلىمۇ ئىككى كۈن بولدى . ئۇ قايتىپ كەتتى . بىز ياخشى ۋىدالاشتۇق . 20-قەۋەتتىكى ياتاقتىن تۆۋەنگە قارىماقتىمەن . مېنىڭچە ، دورىنىڭ تۈگىشى بىلەن ، مېنىڭ بۇ ھېكايەممۇ تۈگەيدىغاندەك قىلىدۇ . چۈنكى كاللام بارغانسېرى قالايمىقانلىشىپ ، نېرۋىلىرىم سەزگۈرلىشىپ ، چىدىغۇسىز ئاغرىققا مۇپتىلا ئىدىم . بۇرنۇمدىن توختىماي قان كېلىۋاتاتتى . مېڭىدىكى ئۆسمە نېرۋىلارنى ، ئەسلىمە ھۈجەيرىلىرىمنى باسماداپ ، مېنى ئازابتىن خالىي ئۇ دۇنياغا ، ئەسلىمىلىرىمنى ئازابتىن خالىي يېڭى مۇھەببەتكە باشلىماقچى بولاتتى . بىراق ئەسلىمىلىرىم ئۇنىڭغا يول قويمايتتى . ماڭا خىيال ، ئويدۇرما ، تەسەۋۋۇر لازىم ئەمەس ئىدى . دورىنىڭ ناركوز تەسىرىدىن قۇتۇلغان بۈگۈندە ، گەرچە چىدىغۇسىز ئاغرىققا مۇپتىلا بولساممۇ ، بىراق مېڭەم ئىلگىرىكىدىن رۇشەن ئىدى . ئەسلىمىلىرىممۇ بارا-بارا يورۇۋاتقان چىراغدەك ، خىيال ، ئويدۇرما ۋە تەسەۋۋۇرلارنىڭ ئىچىدىن يورۇپ كەلمەكتە ئىدى .
ياق ، ياق ! توختاپ تۇرۇڭلار . مەن ئېلىشىپلا قالدىم . بۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئېلىشىپلا قالدىم . نەچچە كۈندىن بېرىقى بۇ ئەسلىمىلىرىم خاتامۇ ؟ يالغانمۇ ؟ ئۇنداقتا رەيھان زادى كىم ؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن قاچان تونۇشقان ؟ ئاھ خۇدا ... مەن ئون يەتتە يىل ئاۋۋالقى 23-ئاۋغۇست كۈنىدىن نەخ ئىككى ئاي كېيىنكى 23-ئۆكتەبېر كۈنى ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ دەۋرلىرىمدە ئەقىدىمىز ۋە رىشتىمىزنى ئۈزمەي مۇھەببەتلەشكەن سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلغان شۇ كۈنى ، تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇپلا ، ياستۇققا بېشىمنى قويۇپ يىغلىغان شۇ كۈنى ، رەيھان مېنىڭ ياتىقىمغا كىرگەنمۇ ؟ ئۇنى مەن قۇچاقلىغانمۇ ؟ ئۇنى تېگىمگە بېسىپ سۆيگەنمۇ ؟ ئۇ مېنى چىشلىگەنمۇ ؟ ياق ، ياق ! ھەممىسى قۇرۇق خىيال ! پەقەت قۇرۇق خىيال ، خالاس ...
ئەمىسە ئۇلارنىڭ ياتىقىدا تاماق يېگەچ گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتىشقان كۈنى ، ئۇنىڭ قوللىرىنى مەكتەپ بېغىدا چىڭ تۇتۇپ ئايلانغان شۇ كۈنى ، بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان كەتكەن شۇ كۈنى ، ئۇنى تۇنجى تونۇغان شۇ كۈنى ، زادى قانداق ئىش ؟ ئاھ ئوقۇرمەنلەر ، مېنى كەچۈرۈڭلار .
مەن ئەسلى ئۇ ياتاقتا يالغۇز ئەمەس ئىدىم ، يەنە بىر تەڭتۇش بالا بىلەن بىللە خىزمەتكە چىققان ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇراتتىم ، ئۇنداقتا مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم ئىچىدە نېمىشقا ئۇ يوق ؟! ياق ، ياق ، مەن خاتالىشىپتىمەن ، رەيھان زادى ماڭا تىكىلىپ قاراپمۇ باقمىغان ، مەن ئىلگىرىكى مۇھەببىتىم بىلەن تېلېفوندا ئايرىلغان كۈنى ئۇ بىزنىڭ ياتاققا دەل شۇ بالىنى ئىزدەپ كىرگەن ، ئۇ شۇنىڭ بىلەن يۈرگەن ، ئۇ شۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ! ئاھ خۇدا ! ...
ئۇ توي قىلغان ئۇ كۈنى مەن ئۇنى ئىزدىمىگەن ، ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ بارمىغان ، ئۇنى يولدىمۇ كۆرمىگەن ئىدىم . بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ خىيالىم ئىدى . ئاھ خۇدا ... مېنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈمنى ناركوز قىلىپ كېلىۋاتقان تاتلىق ئەسلىمىلىرىمنىڭ ھەممىسى ، ھەتتا رەيھان بىلەن بولغان مۇھەببىتىممۇ پەقەت خىيال ئىدى . بۇ مۇمكىنمۇ ؟ بىراق بارغانسېرى رۇشەنلىشىپ كېتىۋاتقان ئەقىل-ئىدراكىم ، دورىلارنىڭ ناركوز رولىنىڭ چەكلىمىسىدىن پۈتۈن قۇتۇلۇپ ، ماڭا بۇنى تونۇپ يەتكۈزىۋاتاتتى .
مەن زادى ئەقلىمگە ياكى بۇ ئەسلىمىلىرىمگە ئىشىنىشىمنى ، زادى قايسىسىغا ئىشىنىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم .
چاقلىق ئورۇندۇقۇمنى ئىلدام ھەيدىگىنىمچە مېھمانساراينىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا چۈشتۈم . ۋە ئالدىمدا توختىماستىن ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپىغا قاراپ ، بۇ قوغۇشۇن رەڭ ئاسمانغا ، بۇ قىپقىزىل زېمىنغا قاراپ كۈچەپ ۋارقىرىدىم ، بۇ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم شۇنچە كۈچەپ ۋارقىرىشىم ، بېسىمدىن ئازاد ۋارقىرىشىم ئىدى :
ــ ئاھ مېھرى ئىسسىق ماكان ، ئاھ ھاياتىم تۈپلەنگەن كىتاب ، مەن باغرىڭغا قايتىپ كەلدىم ! بىر تۇتام توپا بولۇپ كېتەي باغرىڭدا سېنىڭ ! ئاھ زېمىن ! ئاھ ئانا ماكان !
بۇ تۇيۇقسىز ۋارقىرىشىمدىن چۆچۈگەن كىشىلەر ماڭا قاراپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قېلىشتى ، ۋە تېزلا يوللىرىغا راۋان بولۇشتى .
پەقەت بىرلا ئايال ، بىر پاكىز ئايال ، چېكىسىگە ئاندا-مۇندا ئاق سانچىغان بولسىمۇ گۈزەللىكى كۆزلىرىدىن ياغىدىغان بىر ئايال ماڭا يىراقتا قاراپ تۇراتتى . ئۇ ياراشقان ئاق كوپتىسىنىڭ ئۈستىدىن قارا رەڭلىك ئۇزۇن پەلتۇ كىيىۋالغان ئوتتۇرا ياش ئايال ئىدى . ئۇ ماڭا سىنچىلاپ قاراپ تۇراتتى . مەنمۇ ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ تۇراتتىم .
ئۇ ئاستا يېنىمغا مېڭىپ كەلدى ، ئۇنىڭ مېڭىشلىرى پەرىلەرچە چوڭ سۈپەت ، گۈزەل ، لاتاپەتلىك ئىدى . ئوتتۇرا ياش چوكانلارنىڭ بارلىق لۇتفىنى ئۇنىڭ ھالەتلىرىدىن ئىلغا قىلغىلى بولاتتى .
بىز قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشتە ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتاتتۇق ، ئۇ يېنىمدا توختاپ ، چاقلىق ئورۇندۇقۇمنى كاپپىدە تۇتۇپ توختاتتى ۋە يىراقلارغا قارىغىنىچە سورىدى :
ـــ سىز كىم ؟
مەن ئىختىيارسىز بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە جاۋاب بەردىم :
ـــ مەن بىر ئوچۇم تۇپراق .
ئۇ ئىختىيارسىز بۇرۇلۇپ كۆز جىيەكلىرى قىزارغىنىچە ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ مەندىن سورىدى :
ـــ مەن كىم ؟
ـــ سىز سۇ بىلەن ھاۋا ! ............

ياندىكى كىشىلەر دېئالوگىمىزدىن ھەيران بولغىنىچە جايىدا توختىشىپ بىزگە قارىشاتتى ، ئۇ توساتتىن ياقامنى چىڭ سىقتى ۋە كۈچەپ تۇرۇپ قارا چاپان ئىچىدىكى ئاق كۆڭلىكىمنى تارتتىدە يىرتىپ تاشلىدى. كىشىلەر تېخىمۇ ھەيران بولۇپ قاراشماقتا ئىدى ، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە بىز بىر جۈپ ساراڭلار ، ياق ، ياق ،  مۇشۇ مەيداندىن ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان ئىككى ساراڭ ئىدۇق .
كۆڭلىكىم يىرتىلغاندىن كېيىن مۈرەمدىكى ئۈچ جايدا ئېنىق ساقلانغان چوڭقۇر چىش ئىزىدىن قالغان تارتۇققا قارىغىنىچە ، ئۇ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى .
مەن يەرگە قاراپ تۇرۇپ كەتتىم ، ئۇھسىندىم ، ۋە ھېكايەمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملىنى بىر ھەرپتىن ، بىر ھەرپتىن كىرگۈزدۈم : « ت ، ۈ ، گ ، ى ، د ، ى »




                       ---ئەزىزان---

                             قەشقەر

                  2014-يىلى 11-سېنتەبېر


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 04:41 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
114...n + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57513
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4532
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 04:07:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ھەر خىل ئەسلىمىلەر بىلەن ئوقۇدۇم ، رەھمەت...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4994
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1808 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 04:08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە ياخشى يىزىلىپتۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 04:34:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2817
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16503
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2525 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 04:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇغا قاراپ سىزنى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىگە دائىر ئىشلارنى  بايان قىلىدىغاندەك  ئويلاپ كېتىپتىمەن...تىلىڭىزنىڭ سۈرىتى تېز ئىكەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چارەك ئەسىر بولغان ئىشلارنى تۆكۈپ بولۇپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7906
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 04:50:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستەغپۇررللا..... مەن  بىر ئاز چۈشنەلمىدىم بۇنى..... يەنە بىر ئوقۇپ باقاي جۇمۇ...

مۇھەببەتتىن سانجىلغان تىكەن دەرتكە داۋا بولدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 04:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئۇزۇندا ئوقۇپ بولدۇم...ئۇففففففففففففففففففففففففف..ياخشى يېزىپسىز ...تەسىرلىك ئىكەن..

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13689
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8809
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 04:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن !ئادەمنى ھەر خىل ئەسلىمىلەرگە ھەم ئويغا سېلىۋەتتى ،مۇشۇنداق ئەسەرنى بىراقلا يوللىسا چۈشۈنۈپ ئوقۇغىلى بولىدىكەن .

ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7906
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 05:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە.... ئەمدى ئازراق چۈشەنگەندەك قىلمەن..... 二次曝光 دىگەن كىنونى ئېسىمگە سەپ قويدى.....

مۇھەببەتتىن سانجىلغان تىكەن دەرتكە داۋا بولدۇ.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 05:37:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللام گادىرماچ بولۇپ،  يامان تەستە ئوقۇدۇم جۇمۇ، بىراق، بۇ يەردە تەسۋىرلەنگەن ئەسەبىي مۇھەببەت ھەقىقەتەنمۇ كاللامنى بەك ئۇماچ قىلىۋەتتى.....نۇرمال مۇھەببەتتىن ھالقىغان ئەسەبىي، يىرىتقۇچ مۇھەببەت ئىكەن، گۇيا چۈشتەك تەسىر بەردى ماڭا....

قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بەك كۈچلۈك ئىكەن، بۇ خىلدىكى ھېسىيات ئادەم ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتمىسە، مۇنداقلا يازىمەن دەپ يازغىلى بولىدىغان ھېسيات ئەمەس !!!!!!

يازغۇچىلار چۈشىنىشىلىك يازمىلارنى بەك تولا يېزىۋەتسە، مەنىسىزدەك ھېس قىلىپ، مانىڭدەك گۇڭگا يازمىلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقىتدارىنى يەنىمۇ نامايەن قىلامدۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم!!!!!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش