بۇ دېتال پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇرچە تىل ھەم ئاۋازنىڭ ھازىر مودا بولۋاتقان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن چىقىدىغان ھەر خىل ئېلېكتىرونلۇق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە پەرىقلەندۇرۇش تېخنىكىسىنى ھەل قىلىش يولدا ئاددىي ياسىلىپ چىققان بىر دېتال.
دېتالنىڭ ھېچقانداق پايدا ئېلىش مەقسىتى يوق.پەقەت مىللىتىمىزنىڭ تەرەقىياتنى قوللايدىغان سىز ۋە سىزگە ئوخشاش كىشلەرنىڭ ئاۋازنى (بىز كۆرسىتىپ بەرگەن جۈمىلە ياكى سۆز) مەلۇم بىر خىل ساقلاش ئۇسۇلدا ساقلاپ ،ئوخشاش بىر سۆز ياكى جۈملىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇللىرى مەلۇم بىر سانلىق قىممەتكە يەتكەندە ،بۇلارنىڭ ئورتاق بولغان بىر ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىقىپ ،نۆۋەتتىكى سۆزلىگۈچىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى بىلىش .
بۇ خىل تېخنىكا باشقا مىللەتلەردە ياكى تىل -يېزىقلاردا ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولدى،ھەتتا بەزى تىللارنىڭ 99% كە يېقىنلاشتى.لېكىن بىزنىڭ ئۇنداق ئەمەس؟
بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەجەبا بىزنىڭ مىللەت بۇنداق تېخنىكىنى ياقتۇرمامدۇ؟
ياق ،ئەمەليەتتە ھەر قانداق بىر ئىنسان ،ئۆزنىڭ قىلۋاتقان ئىشغا ئاسانلىق يارىتىدىغان(توغرا ئۇسۇل بىلەن) تېخنىكا ياكى ياردەمچى بولسا چوقۇم قوبۇل قىلىدۇ.بەئەينى ئەينى يىللاردا كىشلەر دۇكان ھېساباتىنى قەغەزچە قىلغان بولسا ،ئەمدىلىكتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ يېتىپ ھەممسى دېگۈدەك كومپيۇتېردىكى يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ...ئۇنداق بولسا بىزنىڭ بۇنداق ئىلغار تېخنىكىنى ھەل قىلالماسلىقىمىزدىكى سەۋەب نېمە؟
بۇنىڭدىكى سەۋەب تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈكمىكىن دەيمەن:
1.ئىقتىساد مەسىلىسى
بۇ مۇھىم مەسىلە .ئىقتىساد بولمىسا نۇرغۇن ئىشلارنى خىيال قىلغان بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.(ئۆينى قانداق بېزەشنى ئويلاشقا ئىقتىساد كەتمەيدۇ،لېكىن شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىقتىساد بولمىسا بولمايدۇ.) شۇنىڭغا ئوخشاش بۇنداق ياخشى تېخنىكلارنى دېيارىمىزدىكى نۇرغۇن شىركەت ياكى ئورۇن ۋەياكى شەخسلەر بۇرۇنلا ئويلاشقان.
2.تېخنىكا
بىرنچى مەسىلە ھەل بولغان تەقدىردىمۇ ،تېخنىكا بولمىسا يەنىلا بىكار.لېكىن تېخنىكا مەسىلىسنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدۇ.مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى:ئۆگىنىش ھەم ئىزدىنىش .....ھازىر تور دەۋىرى تەرەققي قىلغان دەۋىر،99% ئۇچۇرنى ئاساسەن ئىزدەپ تاپالايمىز .
3."خام ماتىريال" يەنى " چوڭ ئامبار"
ھەر قانداق بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا نۇرغۇنلىغان سانلىق ماتىرياللارنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.ھەم بۇ ماشىنا ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى ھەم نەتىجىسىنى توغۇرلاپ تۇرىدۇ.
مەسىلەن :ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ماشىنا بار دەپ قارىساق ،بۇنداق ماشىنا ياساش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نۇرغۇنلىغان "ئۇيغۇرچە -خەنزۈچە تەرجىمە ماتىريالى" بولۇشى كېرەك.بۇنى مەلۇم بىر خىل ساقلاش ئۇسۇلدا ساقلايمىز. ھەم مۇشۇ جۈمىلە ياكى سۆزلەردىكى باغلىنىش مۇناسىۋىتى ،ئالدى -كەينى ئورۇنلىشىش مۇناسىۋىتى،ئىشلىنىش مۇناسۋىتى ،تىل بىلەن تىلنىڭ گىراماتىكىلىق مۇناسىۋىتى .....دېگەندەك نۇرغۇن ھېسابلاش ئارقىلىق مەلۇم بىر ئامبارنى شەكللەندۇرىمىز.
مەلۇم بىر جۈمىلە كەلسە ،ئەگەر مۇشۇنڭغا 100% ئوخشايدىغان جۈملە ئامباردا بولسا ،بىۋاستە تارتىپ چىقىرىپ بېرىمىز،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا جۈمىلىنى پارچىلايمىز(بۇ يەردىكى پەقەت بىر خىل ئۇسۇل ،توغرا بولشى ناتايىن ،پەقەت چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە) ،سۆزلەرنى ئالدى كەينى كېلىش مۇناسىۋىتى ھەمدە جۈملىنىڭ گىراماتىكىلىق ئالاھىدىلىكگە ئاساسەن مۇشۇ جۈمىلىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىمىز......
بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ ھەم ۋاقىت كېتىدۇ....
گەپنى قىسقارتىپ دېسەك ،توردا خەتىلىك ئۇچۇرلارنى توپلىماق بەك ئاسان ،لېكىن ئاۋازلىق ئۇچۇرلارنى توپلىماق بەك قىيىن(ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس)...شۇۋەجىدىن مۇشۇ دېتالنى ياساپ چىقتۇق...
كۆپچلىكنىڭ تەرەقىياتىمزغا بىر كىشلىك تۆھپىڭىزنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بەلكىم بۇنداق گەپلەر ھازىر بەك تولا بولۇپ كېتىپ قۇلاققا خوش ياقمايدىغاندۇ،شۇنداق بولسىمۇ چىداپ تۇرۇپ بىر دوستىڭغا ،چ چ توپىڭىزغا مۇشۇ ئادىرسنى ئەۋەتىپ قويۇڭ...قانچىلىك ئادەمنى ئاۋازى يىغىلسا ،توغۇرلۇق دەرجىسى شۇنچىلىك يۇقىرى بولدۇ...باشقىلار قىلغاننى بىزمۇ قىلالايمىز...گەپ شۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەم قىزىقىشتا......
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىلەن كومپيۇتېرنى ئاچسىڭىز ،،،،،،
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىلەن تېلېۋىزورنى ئاچسىڭىز .....
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىلەن ئىشكىنى ئاچىسىڭىز.....
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىلەن ماشىنىنى ئوت ئالدۇرسىڭىز...
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىلەن مەلۇم بىر نەرسىنى توردىن ئىزدىسىڭىز....
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىلەن قىسقا ئۇچۇر يازسىڭىز.....
يەنە نۇرغۇن........
چۈشۈرۈش
دېتالدا 1 مېگابايىت ئېقىمدا 100دىن ئارتۇق جۈمىلە 500 دىن ئارتۇق تاق سۆز يوللىيالايسىز.....
ھۆرمەت بىلەن :ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى كۆچمە ئۈسكىنە ئەپ ئېچىش بۆلىمى
باشقا ئەپلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز:www.almas.biz.
مەنبە :
ئالىپ تورى