مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 101457|ئىنكاس: 272

پۇلدار بويتاق - پوۋىست (مىسرانىم مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 02:24:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



untitled000副本.jpg






پۇلدار بويتاق





پوۋىست



ئاتىگۇل ئەخەت (نازپەرى)




(1)


   چىڭقى چۈش، كۆك قەھرىدە ئېسىلىپ تۇرغان غايەت زور ئوت شارىنىڭ يالقۇنلۇق تەپتى پۈتۈن زىمىننى ئۆز ھارارىتى بىلەن قىزدۇرىۋاتقان بىر مەھەلدە 42 كىشىلىك ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى ئېغىر چايقىلىپ بىكەت ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدى. ئۈچ كېچە-كۈندۈزلۈك ئۇزۇن سەپەردە يېتىۋىرىپ بەللىرى ئاغرىپ كەتكەن ئەلقەم ماشىنىدىن چۈشۈپ پۇت-قوللىرىنى ئازراق ھەرىكەتلەندۈرىۋالغاندىن كىيىن كىچىك چامادانىنى سۆرەپ چىقىش ئىشىكى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. چىقىش ئىشىكىنىڭ ئالدى سەپەرگە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ۋە ئۇزىتىۋاتقانلار بىلەن لىققىدە تولغانىدى. ئەلقەم بۇ ئادەم دېڭىزىدىن مىڭ تەسلىكتە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئەمدىلا تاكسى توساي دەپ تۇرۇشىغا بىرىنىڭ ئۆزىنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆزىدىن ئىككى يىل كىيىن ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋىتىپمۇ ئۆزىنى ئىزچىل تۈردە ئىزدەپ تۇرغان قىز-نازاكەت ئۇنىڭغا جىلمىيىپ قاراپ تۇراتتى. تۈجۈپىلەپ كىيىۋالغان، بەدىنىگە چىپپىدە كەلگەن كىيىمى ۋە قاملاشتۇرۇپ قىلغان گىرىمى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق نامايەن قىلىپ تۇراتتى.
   -ئەلقەمجان ئاكا، ‹‹ يولغا چىقتىم›› دەپ بىرەر ئېغىر تىنىپمۇ قويماپسىز. ئابلاكامدىن سورىمىغان بولسام ئالدىڭىزغا چىقالماي قالاركەنمەن.
   نازاكەت ئەلقەمدىن جاۋاب كۈتۈپ ئۇنىڭ كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قاپقارا كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى. ئەلقەم جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ تاكسى توسىدى ۋە قولىدىكى كىچىك چاماداننى تاكسىغا سالدى.
   -ئەلقەمجان ئاكا، جاۋاب بەرمەيسىزغۇ؟
   -ماشىنىغا چىقىڭ. ھازىر بەك ھېرىپ كەتتىم. جاۋابىنى ئەتە تويدا كۆرۈشكەندە بېرەي. ماقۇلمۇ؟
   ئەلقەم قىزنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتمەستىن ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ قاراپ تۇردى. ئازراق جىلە بولۇپ قالغان نازاكەت ئەلقەمگە نارازىلىق ئەكس ئىتىپ تۇرغان كۆزىدە لاپپىدە قارىۋەتكەندىن كىيىن ماشىنىغا چىقتى.
   كىچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغان ئەلقەم سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. مۇنچىغا كىرىپ مۇزدەك سۇدا ئۇزاق تۇرغاندىن كىيىن قايتىپ چىقىپ كىيىنىشكە باشلىدى. ئەينەككە قاراپ چېچىنى تارىغاچ ئۆزىنىڭ قىياپىتىدىن تولۇق مەمنۇن بولغان ئەلقەم كۆزىگە تاش قويۇلغان كۈمۈش ئۈزۈكىنى بارمىقىغا سىلىپ ياتاق ئۆيىدىن چىقتى. ئۇ كارىدور بويلاپ مېڭىپ ئىشىك تۈۋىدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاستا چەكتى.
   -كىرىڭ.
   ئىچىدىن ئاڭلانغان سىلىققىنە ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەلقەم ئىشىكنى ئېچىپ ئاستا كىردى. دادىسى ئابلا ئاكا رەھمەتلىك ئايالى ئايشەمنىڭ تامدىكى چوڭايتىلغان رەسىمىگە قاراپ ئېغىر سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. ئەلقەم دادىسىدىن تىنىچ-ئامانلىق سوراپ بولۇپ دادىسىغا قارىدى:-
   -كىيىمىڭىزنى كىيسىڭىز تويغا بىللە بېرىپ كىلەيلى،-دىدى ئەلقەم دادىسىنىڭ مەيۈسلۈك ۋە سۇلغۇنلۇق قاپلىغان چىرايىغا قاراپ،-مەن چىقىپ ئەختەمنى چاقىرىپ كىرەي.
   -بولدى چاقىرماڭ بالام،-ئابلا ئاكا ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ قويدى،-ئۇ ئاخشام ئۆيگە قايتمىدى.
   ئەلقەم داڭلىق ماركا قوغلىشىپ كىيىم كىيىدىغان، دادىسىنىڭ پۇل-ماللىرىغا تايىنىپ بولار-بولماس ئاغىنىلىرى بىلەن تۈننى تاڭغا ئۇلايدىغان ئىنىسى ئەختەمنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. نەچچە يىلدىن بىرى ئۇنىڭغا ياخشى گەپ قىلىپ ئاڭلىتالمىغان ئەلقەم بۇ قېتىم قاتتىق قوللۇق قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ۋە دادىسىغا چاندۇرمايلا:-
   -ئۇنداق بولسا مەن چىققاچ تۇراي دادا. سىزنى ھويلىدا ساقلايمەن.
   ئەلقەم ھويلىنىڭ چېتىدىكى ماشىنا قويۇش ئۆيىدىن ئاق رەڭلىك خوندا ماشىنىنى ھەيدەپ ئىشىك ئالدىغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەنىدى.
   ئوتتۇرا بويلۇق، كىلىشكەن قەددى-قامىتىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىنىۋالغان ئەلقەمنىڭ ئىشىكتىن كىرىشى بىلەن ھويلىدىكى يىگىتلەرنىڭ ئاغزى ئېچىلدى:-
   -بويتاق ئاغىنىمىزمۇ كەلدى مانا، ئەمدى ماڭساق بولا.
   -ئوھوي، ئەلقەمجان ئاغىنىمىز قەددى-قامىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ دىسە.
   -پۇل دىگەن گاچىنىمۇ زۇۋانغا كەلتۈرىدۇ ئاداش..ھى ھى
   -پۇلدار يىگىتنىڭ كىيىنىشىمۇ باشقىچە بولىدىكەن دىسە. ئەلقەمجان ئاغىنىمىز بىلەن بىرگە ماڭساق بىز راستىنلا چىنىپ قالغۇدەكمىز.
   -چېنىپ قىلىشلا ئەمەس، قىز دوستلىرىمىزمۇ بىزگە قارىماي قويامدىكىن دەيمەن.
   -ئۆزى كىلىشكەن ھەم پۇلدار ئاغىنىمىزنىڭ تېخىچە بويتاق يۈرىۋاتقىنىغا ئېچىنىمەن جۇمۇ...
   بەزىلەر ھەۋەس بىلەن بەزىلەر ھەسەت بىلەن ئىچىدىكىنى دەۋىلىشتى، ھەمدە ئەلقەم بىلەن بىر قۇر كۆرۈشۈپ ھال-ئەھۋال سوراشتى. ئەلقەم ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن باشقا، باياتىنقى گەپلىرىگە كۈلۈپلا قويدى خالاس. ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىسىل مىجەزىمۇ خىلى كۆپ قىزلارنى داغدا، ئەلەمدە قويغانىدى.
   ئەتتىگەندە بېرىپ نىكاھ ئوقۇتۇپ كەلگەندىن كىيىن ئەلقەمنىڭ قوشۇمىلىرى بىلىنەر-بىلىنمەس تۈرۈلۈپ قالغانىدى. لىكىن بۇنىڭغا ئاغىنىلىرى دىققەت قىلمىدى. ئەلقەم بۈگۈنكى توينىڭ يىگىت قولدىشى بولغاچقا تويى بولىۋاتقان ئاغىنىسى تاھىرنىڭ يىنىغا بېرىپ ئولتۇردى.
   -سېنىڭ كىلىشىڭنى ساقلاپ تاس قالدىم ئاداش بۇ توينى قىلالماي قالغىلى.
   -قولۇمدىكى ماللارنى چىقىرىپ بولالماي سەل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى ئاداش، خاپا بولما،-دىدى ئەلقەم قولىنى تاھىرنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ،-ھىلىمۇ ئازراق تاشلارنى تۇرسۇنكامغا تاشلاپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم ئاداش.
   -بۇ قېتىملىق تاشلاردىن ئاز-تولا پايدا باردۇ ئاداش؟ ھى ھى...-تاھىر تويغا كىلىۋاتقان دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆرۈشكەچ،-ئەمدى كىيىنكى توي نۆۋىتى سېنىڭ جۇمۇ. ھىلىمۇ نازاكەت سېنى ئاز ساقلىمىدى. سېنى دەپ نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ توي تەكلىپىنى رەت قىلىۋاتىدۇ.
   ئەلقەم تاھىرنىڭ پارقىراپ تۇرغان يۈزىگە لاپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۈنچىقمىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئاپئاق توي كىيىمى ئىچىدە بەرنالاردەك ئولتۇرغان گۈلرەيھان كىلىۋالغانىدى. ئۆزىنىڭ كەمسۆزلۈكى تۈپەيلى سەككىز يىلدىن بىرى ياخشى كۆرۈپ كىلىۋاتقان بىر قىز بۈگۈن ئاغىنىسىنىڭ ئايالى بولۇپ كەتكەنىدى. ئەلقەم ئەلەم بىلەن لېۋىنى چىشلىدى، لىكىن پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ،دە!
   رىستۇراندا چوڭلار تارقاپ پەقەت ياشلارلا قالغان ۋاقىتتا مۇزىكا لېرىك تانسا مۇزىكىسىغا ئالماشتى. نېرۋىنى غىدىقلىغۇچى لېرىك مۇزىكىغا ئەگىشىپ يىگىتلەر بىر-بىرلەپ كىلىپ قىزلارنى تانسىغا تارتىشقا باشلىدى. شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرى:-
   -تاھىركام بىلەن گۈلرەيھان ھەدەم بىر قول تانسا ئويناپ بەرسۇن!
   دەپ ۋارقىرىدى. سورۇندا قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈلدى. يىگىتلەر ئۇنى دەپ، قىزلار بۇنى دەپ ئاخىرى خىجىللىقتىن تىترەپ تۇرغان گۈلرەيھان بىلەن ھاياجاندىن كۆزلىرى قىسىلىپ كەتكەن تاھىر زال ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغاندا ھەممەيلەن ئۇلارغا ئورۇن بوشاتتى. گۈلرەيھاننىڭ نازۇك بىلىنى چىڭ قاماللىۋالغان تاھىر خۇددى ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە دەسسەپ پىرقىۋاتقاندەك ھىسياتقا كەلگەن ئەلقەم ئەلەم بىلەن ئېغىر ئۇھسىندى. ئېغىر سەپەر ھاردۇقى ۋە كىچىدىنكى ئۇيقۇسىزلىقتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، بەدەنلىرى سىرقىراپ ئاغرىپ تۇرسىمۇ يۈرىكىنىڭ ئاغرىقىغا تەڭ بولالمايتتى. باشقىلار ئۇنىڭ ھارغىن چىرايىنى كۆرەلىسىمۇ، ئازاب ئىچىدە لەختە-لەختە بولۇپ كەتكەن ئاجىز يۈرىكىنى كۆرەلمەيتتى. غېرىپ ھىس-تۇيغۇلىرىنى سىزەلمەيتتى.
   مۇزىكا ئالمىشىشى بىلەنلا گۈلرەيھان قىز قولدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرىۋالدى. نېرىدا تاماشا كۆرۈپ تۇرغان ئەختەم دوستلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ تاھىرنىڭ يېنىغا كەلدى:-
   -تاھىركا، ئارانلا بىر مۇزىكا تۈگىگۈچە ئوينايدىغان گەپما؟ بىز تېخى تاماشا كۆرۈپ قانمىغانتۇق...
   ئەختەم دوستلىرى بىلەن سەت ھىجىيىپ كۈلۈشتى. ئارىدا تەڭلىكتە قالغان تاھىر بىردە دوستى ئەلقەمگە قارىسا، بىردە ئەختەم ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىغا قاراپ تۇرۇپ قالغانىدى. تاھىرنىڭ دادىسى ئۆمەر ئاكا بىلەن ئەلقەملەرنىڭ دادىسى ئابلا ئاكا خېلى يىقىن دوستلاردىن بولغاچقا بۈگۈنكى تويغا ئابلا ئاكا ۋە ئەلقەم، ئەختەملەر تولۇق كەلگەنىدى.
   ‹‹ ئەلقەمغو ئەڭ يېقىن ئاغىنەم ۋە ئۇزۇن يىللىق ساۋاقدىشىم. مۇنۇ ئەختەم تويۇمغا كەلمىسىمۇ خاپا بولۇپ قالمايتتىم. ئادەمنى ھەممىنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلىپ.....››
   تاھىر دەقىقە ئىچىدە خىيالىغا كەلگەن گەپلەرنى ئىچىگە يۈتىۋىتىپ چىرايىغا زورمۇ-زور كۈلكە يۈگۈرتتى:-
   -قېنى ئەمدى سىلەر ئويناڭلار. نۆۋەت سىلەرنىڭ....
   تاھىرنىڭ گىپى تۈگىشى بىلەنلا ئەختەم يۈگۈرگەندەك قىلىپ نازاكەتنىڭ ئالدىغا باردى ۋە بىر تىزىنى يەرگە قويۇپ بېشىنى سەل ئىگىپ ئوڭ قولىنى نازاكەتكە ئۇزاتتى. مەيداندا يەنە بىر قېتىم قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈلدى. ئەلقەم ئىنىسىنىڭ ھىچ ئەيمەنمەستىن قىلغان قىلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ساھىپخان دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتتى...
   بۈگۈنكى توي ئەلقەمگە خۇشاللىقتىن خاپىلىقنى كۆپرەك ئېلىپ كەلدى. توي تارقاپ بولغۇچە زور چىدام-غەيرەت بىلەن ئۆزىنى بېسىۋىلىپ ئولتۇرغان ئەلقەم ئۆيگە كىلىپلا لۆم-لۆم كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى. ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى سەككىز يىلدىن بېرى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ كەلگەن قىزنىڭ تويىدا يىگىت قولدىشى بولۇش ئىدى. ئەلقەم ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ كىيىم ئىشكابى ئاستىدىكى مەخپى شېغىرلىق ساندۇقچىنى ئېچىپ قارا رەڭلىك بىر خاتىرىنى ئالدى دە ئورنىغا كىلىپ ياتقاچ خاتېرىنى ۋاراقلىدى. سەككىز يىلدىن بېرى گۈلرەيھانغا يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەنلىكىنىڭ شاھىدى بولغان بۇ كۈندىلىك خاتىرىگە ئۇنىڭ خۇشاللىق ۋە خاپىلىقى تامامەن يوشۇرۇنغانىدى. ئەلقەم خاتېرىنى ۋاراقلاپ يېتىپ قايسى ۋاقتتا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى.

داۋامى ئېنكاس شەكلىدە يېزىلىدۇ...


مىسرانىم مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە ئاتاپ يېزىلدى. باشقا ھەر قانداق توربەت ۋە سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ چاپلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ناۋادا كۆچۈرۈپ چاپلانغانلىقى بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئاپتورى : قاغىلىق ناھىيە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋاكالەتچىسى

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bikarqi + 300 تۈفى
oygurum + 200 تۇنۇش دۇشمەن 200 مۇنبەر.
TAXNAI2 + 100 مەن 100 كوي بىلەن مۇكاپ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 600   باھا خاتىرىسى

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 04:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئاتاپ بىر پوۋېست پۈتكۈزگەن بولسىڭىز ھەقىقەتەن يامانكەنسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 256
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 04:42:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز ،  تىزراق يوللارسىز .

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8030
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8441
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 3447 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 04:53:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yollar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 04:30 PM
مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئاتاپ بىر پوۋېست پۈتكۈزگەن بول ...

تېخى پۈتمەپتۇ،ئەمدى باشلىنىپتۇ،سەۋرچانلىق بىلەن ساقلايدىكەنمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109846
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-9-11
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 04:56:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىدار غەنىمەت ھەمشىرەم ھەم مۇنبەردىشىم ..........سىزنىڭ يەنە بىر ئىسىل ئەسىرىڭىز بىلەن ئۇچىرشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن ........
بۇ پوۋسىتىڭىزنىڭ باشلىنىشى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ......ۋەقەلىك ئىچىگە كىرىپ كەتكۈدەكلا ..داۋامنى ساقلايمىز .........

ئۆتمۈشۈڭدە خار قىلغان بىرى بولسا،كەلگۈسۇڭدە خان قىلىدىغان بىرى بولىدۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 05:06:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىنىشى ياخشى چىقىۋاتىدۇ.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

تامنى بۇزغان زەي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3746
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41818
تۆھپە نۇمۇرى: 1138
توردا: 6419 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 05:07:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار دەپ توختاپتۇ سۆزدىن.
ۋالاقتەككۈرۈپنىڭ ئۆلۈمى دىگەن شېئىردىن.

ھەزەر قىل ئادەم سىياقى تۈلكىدىن، رەزىللىككە نىقاپ بولغان كۈلكىدىن. ھىجايسىلا كۈلدى دىمە ئۇ قاپقان، دەسسىدىڭلا قۇتۇلمىقىڭ تەس ئىلكىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 05:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ...مۇبارەك بولسۇن ئەسىرڭىزگە ...
مۇكاپاتقا  ئېرشىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 05:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەلقەم مەندەك قاشتاشچى ئىكەن ،
ئوخشىمايدىغىنى مەن بويتاق ئەمەس..
ئەختەمنىڭ قىززىپ ئوينىغانلىرى،
ياشلىقتىكى  شۇ ئۆتكۈنچە ھەۋەس .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAXNAI2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 06:01 PM  


كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 06:01:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ قىسىملىق پوۋېست

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش