مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1974|ئىنكاس: 2

يىڭى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى بۇددا دىن تەتقىقاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93701
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 298
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 07:52:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يىڭى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى دۆلەت ئىچى قەدىمكى  بۇددا دىن  تەتقىقاتىدىن   ئەسلىمە ۋە كەلگۈسىگە نەزەر
                           تەرجىمە ئەسەر
                          دىلخۇمار سادىق
شنياڭ،دۈنخۇۋاڭ قاتارلىق جايلاردىن ئارقا-ئارقىدىن قېزىۋىلىنغان كۆپلىگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا دىن ۋەسىقىلىرى ،بىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇلار ئېتقات قىلغان بۇددا دىنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۇرىشىمىزنى بىرىنچى قول ماتىريال بىلەن تەمىللىدى.بۇ يۈز يىلدىن بۇيان دولەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلمى خادىملار بۇ قىممەتلىك ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلدى،شۇنداقلاقەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىنىڭ تارىخى مەنبەسى ئۈستىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى.
21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تېخىمۇ كۆپ قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىنىڭ بايقىلىپ ،مەنىلىرىنىڭ يېشىلىپ ئىلىم ساھەسىگە ئىلان قىلىنىشى،شۇنداقلا ئىلكتۈرلەشكەن«نوملار دىۋانى»نىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىشى،كوميىپىتۇر تېخنىكىسىنىڭ ئومۇمىلىشى دۆلەت ئىچى بۇددا دىن تەتقىقاتىنى يېڭى بىر ھاياتى كۈشكە ئىگە قىلىپ ،كىيىنكى قەدەمدىكى بۇددا دىن تەتقىقاتىنى شارائىت بىلەن تەمىللىدى.
خۇلاسىلاپ چىقىشقا ئاسان بۇلۇشى ئۈچۈن تۆۋەندە ئىلگىركى تەتقىقاتلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە كەلگۈسىدىكى تەتقىقات مەنزىلىگە بولغان كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويوپ ئۆتمەكچىمەن.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شىنجاڭنىڭ تۇرپان ،قۇمۇل رايونلىرى،گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىچۈۋەن رايونلىرىدىن بىر تۈركۈم قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەر بايقالدى.بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ مەزمۇنى تولىمۇ مول بولۇپ ،قەدىمكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى،دىننى ئىتقادى،تىل-يىزىقى،ئىلىم –پەن تىخنىكىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە ئالاقىدار مەزمونلار بار بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە بۇددا دىنىغا ئائىت ماتىرياللار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.بۇ بىر تۈركۈم قىممەتلىك ۋەسىقىلەر ،بىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئىتقات قىلغان جەمئىيىتىنى تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزنى بىرىنچى قول ماتىريال بىلەن تەمىللەيدۇ.
يىڭى ئەسىرنىڭ باشلىنىشى بىلەن جوڭگۇ ،روسىيە،ئەنگىلىيە،قىرانسىيىلەردە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددادىن ۋەسىقىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىلان قىلىشى،شۇنداقلا موگاۋ ئونكىرىنىڭ شىمالى رايونىدىن يەنە بىر تۈركۈم قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىنىڭ قىزىۋىلىنىپ ئاشكارلىنىشى «نوملار دىۋانى»نىڭ ئىشلىتىلىنىپ،كومپىتۇر تېخنىكىسىنىڭ ئومومىلىشىشى ،قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىنىڭ كەملىرىنىڭ تولۇقلىنىپ ،رەتلىنىش خىزمىتىدە پايدىلىق شارائىتلار بىلەن  تەمىللىدى.بۇ ئون يىل مابەينىدە دۆلەپ ئىچى قەدىمكى بۇددا دىن تەتقىقاتى ،ئەزەلدىن كۆرىلىپ باقمىغان جانلىق ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى،تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرنەرلىك بولدى.ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ؛قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ قىزىۋىلىنىپ ئاشكارلىنىشى،ۋە تەتقىقات خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن دەرىجىدە مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلەندى.تەتقىقات نىشانى  ئەسلىدىكى بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىگىلا قارىتىلغان بولسا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ بۇددا دىن تارىخى،بۇددا دىن مەدىنىيىتىگە قاراپ تەرەقى قىلدى.دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن تەتقىقات خىزمىتى ئومومىلىشىشقاۋە سىستىمىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات ساھاسىنىڭ تەرەقىياتىنىڭ موھىم نامايەندىسى،شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ خەلقارا قەدىمكى ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتىغا قوشقا موھىم تۆھپىسى.

قەدىمكى ئۇيغۇر  يىزىقىدىكى بۇددا نوم دەستۇرلىرى تەتقىقاتى

غەربى يۇرۇت،دۈنخۇۋاڭ قاتارلىق جايلاردىن قىزىۋىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ئومومەن مۇنداق ئىككى تەرەپدىن كۆرىۋالالايمىز.بىرى ھىندىستان بۇددا كىلاستىك ئەسەرلەر تەرجىمىسى،تەنە بىرى قىزىۋىلىنغان يازما ئەسەرلەر.مەسىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت شېئىرلار.
يىڭى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنى ۋەسىقىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتا جاللىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولۇپ،تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرىنەرلىك بولدى شۇنداقلا مۇنەۋەر ئەسەرلەر بارلىققاكەلدى.مەسىلەن:نىۋرۇجىنىڭ«قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىدىكى –بۇددا نوملىرى ۋە پارىژدا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇۋاڭدىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا دىن ۋەسىقىلىرى ھەققىدە ئومۇمى بايان»(شېنجاڭ ئۇنۋىرسىتى نەشىرياتى2000-يىل)ناملىق كىتابىدا غەربى يۇرۇت ،دۈنخۇۋاڭ قاتارلىق جايلاردىن قىزىۋىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەرگە قارىتا سىستىمىلىق رەتلەش ئىلىپ بارغان بولۇپ،باش قىسمىدا دۈنخۇۋاڭ ،تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن قىزىۋىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىنىڭ رەت نومۇرى،رەتلىنىپ ئىلان قىلىنىشى،تەتقىقات ئەھۋاللىرى بايان قىلىنسا كىيىنكى قىسمىدا مەخسۇس قىلىپ پارىژدا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇۋاڭدىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىنىڭ ساقلىنىش ،نومۇر بىكىتىش،تەتقىقات ئەھۋاللىرى ئۈستىدە مۇلايىزە قىلىنغان.ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس قىلىپ پارىژدا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇۋاڭدىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋسىقىلىرىنىڭ تەتقىقات ئەھۋالىغا قارىتا قەدىمكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى كۆرىنەرلىك ئالىم گىڭشىمىن ئەپەندى ئارقا-ئارقىدىن ئىلان قىلغان «شېنجاڭنىڭ ئەدەبىيات تارىخى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»(مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى2001يىل)«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى»( مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى2003يىل)قاتارلىق ئىككى پارچە ئەسىرىدىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرى ھەققىدىكى بىلىملەر نۇرغۇن.
دىلدار مەمتىمىننىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇدا دىن ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتىدىكى –(يۈگانى ئۇستاز تۇتۇش)(مەنچۇ شېئىرلىرى بۇددا دىنى ئىتقادىدىكى ئەڭ ئۇلۇق شېئىر )»(شېنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى 2001يىل )ناملىق كىتابىداكالا بىلەن سىمۇ تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ بۇ ئىككى ۋەسىقە ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە ئېلىپ بېرىپ ،بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.
«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋىرلەردىكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى»ناملىق كىتابىدا گىڭشىمىن ئەپەندى «مايتىرى سىمىت »ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى تىلغا ئالغاندىن سىرىت يەنە نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلغانلىقىنى«ئابىدەرمە كۇشە شاستىرا»«كۇشە شاستىرا»«80جىتلىق ئاۋاتەمسەكە سۇترا»«ئالتۇن يارۇق»«»«ئاۋالوكسۇۋارا نامىغا ئوقۇلغان 21خىل پاشائى»قاتارلىق ئەسەرلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى سۆزلەنگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا گىڭشىمىن ئەپەندىمنىڭ «غەربى يۇرۇت ئەدەبىيات تارىخى ھەققىدە»ناملىق كىتابىدا «بۇددا دىنىنىڭ ھىندىستان ۋە شىنجاڭدا تارقىلىشى»«قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىكى ۋەسقىلەرنىڭ بايقىلىشى ۋە تەتقىقاتى»«قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئاساسلىق بۇددا دىن ۋەسىقىلىرى»«قەدىمكى ئۇيغۇرلانىڭ خەلق ئىغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى(مايتىرى سىمىت)»«قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (ئاق نىلوپەر دىننى مەزھىپى)نىڭ پارچە نوسخىسىنىڭ تەتقىقاتى»قاتارلىق ئىلمى ئەمگەكلىرى بار .بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى «ئاق نىلوپەر دىننى مەزھىپى»بىلەن «»بولۇپ ئۇ ئەسەرلەر بولۇپ بۇ ئەسەرلەر گىڭشىمىن ئەپەندىنىڭ يىقىنقى بىر نەچچە يىلللىق قەدىقى بۇددا دىن تەتقىقاتىدىكى مۇھىم نەتىجىلىرىدۇر.گىڭشىمىن ئەپەندى ئىلان قىلغان يەنە نۇغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرى بار.گىڭشىمىن ئەپەندىنىڭ تۇنجى قىتىم ئىلان قىلغان ھازىر مەملىكىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «ئاق نىلۇپەت دىننى مەزھىپى»ناملىق ئەسەرنىڭ ئىككىنچى بىتى بولۇپ ئەسلى تۆت قىسىمدى تۈزۈلگەن جوڭگۇدا ساقلىنىۋاتقىنى ئۈچۈنچى قىسمى .بۇ كىتاپنىڭ يىزىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا 10-11ئەسىرلەردە يىزىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.بىراق خەتنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا 13-14چى ئەسىرلەرگە توغرا كىلىدۇ.بۇ كىتاپنىڭ بايقىلىشى شېنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان خەلىقلەرنىڭ مايتىرى بۇددىغا چوقۇنۇش ئىتقادى ئومۇمىلاشقاندىن كىيىن ئامىتا بۇددىغىمۇ چوقىنىش بىر مەزگىل ئومومىلاشقان .شۇڭا قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە «ئامىتا بۇددا نومى»تىلغا ئىلىنغانلىقى يىزىلغان①.
گىڭشىمىن ئەپەندىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ تەتقىقاتىغا پۇتۇن زىھنىنى سەرىپ قىلغان بولۇپ تەتقىقاتنى توختىتىپ قويماي داۋام ئەتتى .بۇ ۋەسىقىنىڭ6-بۆلىمى «ھاسسا تۇتۇپ تۇرغان پادىشاھ»ھىكايىسىنڭ 2-بىتىدە موھىم بۇختا گەۋدىلەنگەن بولۇپ،باشلىنىشتىن تارتىپ قۇمۇلنىڭ قويۇق يەرلىك پۇرىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن②.
دۈنخۇۋاڭدىن تىپىلغان «ئابىدارما كۇشە شاستىرا»قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ئىچىدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغىنى بولۇپ بۈگۈنگە قەدەر or.8212/75A-B نومۇر بىلەن ئەنگىليە لوندۇن دايىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. بىرق موگاۋ ئونكىرىنىڭ شېمالىي رايونىدىن بايقالغان يەنە بىر ۋەسىقە پارچىسىنىڭ نومۇرىB52(乙);17 .بولۇپ جاڭتىشەننىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى ئەنگىليە كۈتۈپخانىسىدىكى كىتاپ بىلەن سىلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان نەتىجىدە دۈنخۇۋاڭدىن تىپىلغان بۇ قىسمى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى بىكىتتى③.ئۇنىڭدىن باشقاموگاۋ ئۆنكىرىنىڭ شېمالىي رايونىننىڭ 157Bنومۇرلۇق ئورنىدىن تىپىلغان B157:17ناملىق ۋەسىقىنىڭ «ئابىدارما كوشە شاستىرا»ناملىق ۋەسىقىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىنىقلىغان.④
«كۇشە شاستىرا»ناملىق ئەسەر بىلەن زىش مۇناسىۋەتلىك بولغان قەدىمكى ئۇيغۇريىزىقى بىلەن يىزىلغان «كۇشە شاستىرەنى مەدھىلەش شەرھى»ناملىق كىتاپ موگاۋ ئۆنكۈرىنىڭ شىمالىي رايونىدىن تىپىلغان بولۇپ ،مۇناسىۋەتلىك ۋەسىقىلەر ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ئىلان قىلىنىپ  ھازىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىجىڭ ئۇنېۋېرسىتىتى،لوندۇن دايىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.موگاۋ ئۆنكىرىنىڭ شىمالىي رايونىدىن تىپىلغان يىڭى نۇسخىسى B172بولسا بەشكە بۆلۈنگەن بولۇپ نومۇرى ئايرىم ئايرىم ھالداB172:5
«ئاخەن نومى»نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ تارقىلىشى شۇنداقلا كەينى كەينىدىن ئىلان قىلىنغان ھەرخىل ئۇسلۇپتىكى «ئاخەن»نوم پارچىلىرىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ.مەسىلەن بىجىڭ ئۇنېۋېرسىسىتىدە ساقلىنىۋاتقان «بىجىڭ ئۇنېۋېرسىتىتى D012VۋەC01Vپارچىلىرىدۇر.جاڭتىشەن ئەپەندى بۇ نوقتىغا قارىتا ئىلگىركىلەر يۈۋەن سوۇلالىسىدىن تارتىپ خەنزۇ يىزىقى بىلەن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ كەلگەن ،قىستۇرۇپ يىزىلغان خەنزۇچە خەتلەر پەقەت بىرلا خىل رولنى ئوينىغان.كىيىنكىلەر بولسا يۇۋەن سۇلالىسىدىن تارتىپ قوللانغان خەنزۇچە   بەزىلىرى مەزمۇنىنى  قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغان.شۇڭا بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ مەزمونىنىڭ بەزىلىرى ماس كەلسە بەزىلىرىنىڭ ماس كەلمەيدۇ.شۇنداقلا كەم يەرلىرى تولۇقلانغان دەپ قارىلىدۇ⑤.
شۇ يىلى جاڭجىشە ئەپەندى يەنە دۈنخۇۋاڭدىكى موگاۋ ئۆنكىرىنىڭ شېمالىي رايونىدىن قىزىۋىلىنغانB5218چى نومۇرلۇق قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «ئوتتۇرا ئافەن نومى»نى لاتىن يىزىقىغا ئۆزگەرتىپ يىزىپ ۋە تەرجىمە ئېلىپ باردى.⑥
بۇ يەردە قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «ئالتۇن يارۇق»نى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.ھازىرغىچە تىپىلغان نۇسخىلىرى بۇرغۇن بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە روسىيىلىك مالوفۇنىڭ1910-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىۋچۈۋەن رايۇنىدىن بايقالغان بۇ نۇسخىسى تولىمۇ موھىم بولۇپ جەمى398بەت بولۇپ ساقلانغان.بۇ كىتاپ قۇرماتى ئەڭ چوڭ بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى كىتاپلارنىڭ بىرى.بۇ كىتاپ ئۈستىدىكى تەتقىقات ئاللىبۇرۇن خەلقارالىق تەتقىقات قىززىق نۇختىسىغا ئايلانغان بولۇپ تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرىنەرلىك بولدى.يىڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ ،كىشىلەرنىڭ بۇ ۋەسىقىلەرگە بولغان قىزىقىشى يوقرى دولقۇننى قوزغىماقتا.ئىسراپۇل يۈسۈپ بىلەن ئالىم كىرىمنىڭ ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئالتۇن يارۇقنىڭ سەككىزىنچى بۆلۈم ئون يەتتىنچى،ئون سەككىزىنچى تەتقىقاتى ⑦،جاڭجىشەن ئەپەندىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «ئالتۇن يارۇق»دىكى ئۆزىنى قۇربان قىلى يولۋاس بىقىش بابىنى تەتقىق قىلىپ چىققان ،شۇنداقلا خەنزۇىزىقىدىكى نۇسخىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەرجىمە قىلىپ ،خەنزۇ يىزىقىدىكى تەرجىمە ماھارەت مەسىلىسىنى يىتىلدۈردى. ⑧
مۇساجان ئەلى «ئالتۇن يارۇق»نىڭ لىكسىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ ،ئەڭ موھىمى ئۇنىڭ ئىچىدىكى خەنزۇ تىلى ،گىرىس تىلى،سۇسۇ تىلى ،زاڭزۇ تىلى ،پارىس تىلى،توخۇر تىلى قاتارلىق تىللارنىڭ لىكسىكىسىدە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىقات ئېلىپ باردى.⑨
بۇلاردىن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا دىنى دەستۇرلىرى ھەققىدە يىزىلغان يىزىلغان تەتقىقات ماقالىلىرى كۆپ بۇلۇپ بىر نەچچە مىسال بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى شەرىقدىن قىزىلغان يازما ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە تەتقىقاتى

دۈنخۇۋاڭ ،تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا دىن دەستۇرلىرى تىپىلغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى يازما ئەسەرلەرمۇ ئۇچرايدۇ.يىڭى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا بۇ قىممەتلىك ۋەسىقىلەر ئىلىم ساھاسىدىكىلەرنىڭ تەتقىقات قىززىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.
بۇ ۋەسىقىلەر ئاساسەن  دۈنخۇۋاڭ ،تۇرپان ئىككى جايدىن تىپىلغان بولۇپ ئەڭ موھىمى 1988-1995يىللىرى موگاۋ ئۆنكىرىنىڭ شىمالىي رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا قىزىۋىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا نوم ۋەسىقىلىرى بولۇپ ،دۇنيادىكى ھەرقايسى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتقان .ئابدىرىشىت ياقۇپ بۇ بىر تۈركۈم ۋەسىقىلەر ئۈستىدە بۇددا مۇخلىسلىرى مونى،بۇددا راھىپلىرى رىۋايىتى،بۇددا دەستۇرلىرىدىن ئىزھ بىرىش،يىقىن تۇققانلار ۋەسىقىلىرى،قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىدىكى شېئىرلار ئەپسۇن،ۋە باشقا بۇددا دىنى مەزمونىدىكى شېئىرلار ئۈستىدە ئايرىم –ئايرىم ھالدا رەتلەش ئېلىپ باردى⑩.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە«ئۇستازنى مەدىلەش»نىڭ پارچە نۇسخىسى،«ماھايانانىڭ چەكسىز ئۆمۈر كۈرۈش سۈترەسى»نىڭ پارچىسى قاتارلىق توققۇز پارچە ئەسەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارددى .موگاۋ ئۆنكىرىنىڭ شېمالىي رايونىدىن قىزىۋىلىنغان « ماھايانانىڭ چەكسىز ئۆمۈر كۈرۈش سۈترەسى»ناملىق ئەسەرنىڭ پارچە نۇسخىسى تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ رادىلۇفنىڭ بۆلۈش ئۇسسۇلى بىلەن ئوخشاش،تەرجىمە جەريانىدا زاڭزۇ يىزىقىدىكى تەرجىمە قىلىش ئۇسسۇلىمۇ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ قەدىمكى ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئىجاتجانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.كىتاپ بولۇپ چىققان ۋاقتى تەخمىنەن 13-14ئەسىرلەرگە توغرا كىلىدۇ.يىقىندا ئابدىرىشىت ياقۇپ ئەپەندى يەنە تۇپان پەيزىكدىن تىپىلغان ئۈچ ھۆججەتلىك« ماھايانانىڭ چەكسىز ئۆمۈر كۈرۈش سۈترەسى»نىڭ پارچىسى ئۈستىدە يەنىمۇئېلگىرلىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ باردى.⑾
موگاۋ ئۆنكىرىنىڭ شېمالىي رايونىدىن قىزىۋىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەىقىلىرى دۈنخۇۋاڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى،دىنى،مەدەنىيىتى،قاتارلىق تەرەپلەردىن تەتقىق قىلىشتا قىممىتى ناھايتى زور.ئەڭ موھىمى قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىنىڭ بۇ پارچە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بۇددا مۇناقلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەن .مەسىلەن B128نومۇرلۇق ئۆنكۈردىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «مېھىر-شەپقەت دىننى مۇراسىمىدىكى تۆۋۋەقىلىش ئۇسسۇلى »ناملىق ئەسەرنىڭ پارچە قىسمىدا يۈۋەن سۇلالىسى دەۋىردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان z بىلەنs t,بىلەنd ئالمىشىپ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ بۇ ئەھۋال شۇ دەۋىرنىڭ يۇۋەن سۇلالىسى دەۋرى ئىكەنلىكىنى بىكىتەلەيمىز⑿.يىقىندا جاڭجىشەن ئەپەندى 1980-يىلى تۇرپان بەيزىكتىكى تاش ئۆنكىردىن قىزىۋىلىنغان ئىككى قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «مېھىر-شەپقەت دىننى مۇراسىمىدىكى تۆۋۋەقىلىش ئۇسسۇلى »نىڭ پارچە نۇسخىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ،بۇ ئىككى بەتلىرى تولۇق بولمىغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «مېھىر-شەپقەت دىننى مۇراسىمىدىكى تۆۋۋەقىلىش ئۇسسۇلى »ناملىق ئەسەرنىڭ سەككىزىنچى قىسمى دەپ مۇقۇملاشتۇردى.
يوقۇرقى قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن باشقا يەنە موگاۋ ئكنكىرىنىڭ شىمالىي رايونى B59نومۇرلوق ئۆنكۈردىن يەنە بىر تۈركۈم ۋەسىقىلەر بايقالغان بولۇپ جاڭجىشەن ئەپەندى بۇلارنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ساكيامۇنى ئۆتكەن دەۋىردىكى ئالاقە تۇشۇش دىن كەلگەن دەپ قارىغان⒀.ھەيدەر مىر كامال بۇ پارچىلارنىڭ ژانىرى ۋە شەكلى  قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ساكيامۇنى ئۆتكەن دەۋىر بىلەن ئۇددۇل كىلىدۇ دەپ قارىغان⒁.ئابدىرشىت ياقۇپ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى مەكتۈپ 59:68 بۇددا مۇخلىسلىرىغا يىزىلغان بۇلۇشى مۇمكىن .بىراق مەكتۈپنىڭ يىزىلغان مەزمۇنىغا قارىغاندا بۇ پەقەت ئەمەلدارلار ئوتتۇرسىدىكى شەخسى خەت ئالاقىغا تەۋە بولۇپ مۇخلىسلارنىڭ يازغان مەكتۈبى بولۇشى ناتايىن.
قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «»بولسا گىرمانىيە تۇرپان ئىكىسپىدىيە ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئىككىنچى قىتىم تۇرپانغا بارغان ۋاقتىىدا تۇرپان شەھرى شىجاۋ دەريا قەدىمكى خارابىسىدىن بايقالغان قەدىمكى يادىكارلىق بولۇپ بۇ ۋەسىقە بىرلىن گىرمانىيە دۆلەتلىك كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا نومۇرى 22... بۇ كىتاپنىڭ بايقىلىشى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ« ۋاجرا دىنىغا»ئىتقات قىلىش بىلەن بىردەك بولۇپ بۇ بۇددا دىن مەدەنىيىتىنىڭ خەلق ئىغىز ئەدەبىياتىدىكى بىر ئىسپاتى.
ماشاۋلىڭ روسىيەدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «سۈۋەنزاڭنىڭ قىسسىلىرى»ناملىق ئەسەرنىڭ 5-بۆلىمىنى ئەسەرنىڭ ئاساسى مەزمونى دەپ قاراپ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ باردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خوڭ مىڭ نىڭ «شۈۋەنزاڭ قىسسىلىرىنىڭ»10-بۆلىكىنىڭ خەت شەكلى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ باردى.⒂

دۈڭخۋاڭدىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى « كۆڭۈل ماھىيىتىنى چۈشەندۈرگۈچى  نوم »نىڭ خارەكتىر مەسىلىسىگە نىسپەتەن دۇنيا تەتقىقات ئالىملىرى نىڭ دىققەت ئىتىىبارىنى قوزغۇدى.ئالىم يۈسۈپ ئەپەندى بۇ بىر تۈركۈم قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا دىنى پەلسەپەۋى ئەسەرلەر دەپ كۆرسەتتى.  ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم خىللىرىنىڭ يىزىلىش ئۇسلۇبى باشقا قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئەسەرلەرنىڭ يىزىلىش ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدۇ،دەسلەپكىلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدا كىيىنكىلىرى خەنزۇ يىزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا يىزىلغان  مەنىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەنگەن دەپ قارىغان⒃.
ئىتالىيە بۇددا دىن مۇتەخخەسسىسى شىدىچىڭ نىڭ قارىشىچە بۇ خىل ۋەسىقىلەرنىڭ مەلۇم قىسمى خەنزۇلاردىكى ھەن مەزھىپىنىڭ تەرجىمىسى بولۇشى مومكىن دەپ قارىدى.شىدىچىڭ كۆپلەپ سىلىشتۇرۇش  شۇنداقلا «دامۇ ئۇستازنىڭ نوقتىنەزەرلەر نەزىريىسى»نىڭ مەزمۇنىغا يىغىنچقلاپ ئىنچىكلىك بىلەن تەرجىمە قىلدى.

قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن تارىخى ۋە ئەتراپىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغۇرسىدا

يىڭى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدىن بۇيان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن تەتقىقاتىدا جاللىنىش ۋەزىيىتى كۈرۈلدى، نەتىجىلەر كۈرىنەرلىك بولدى.كۆپلىگەن داڭلىق قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن تەتقىقاتچىلىرى سىستىمىلىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.شۇنداقلا يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە ئتتراپىدىكى (خەنزۇ،تىبەت،قىتان،جورجىت،مۇڭغۇل)قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىننى مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى⒘.
دۈنخۇۋاڭ ئۆنكىرلىرىدىن ۋە تۇرپاندىن بايقالغان  بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى يازما ئەسەرلەر ۋەمەتپە نۇسخىلىرىنىڭ پارچىلىرىغا نىسپەتەن تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات مىۋىلىرىگە ئاساسلىنىپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.رەتلەپ ئىلان قىلغان 90 نەچچە پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىگە قارىتا تۈرلەرگە بۆلۈپ تەتقىقات ئېلىپ بىرىپ نامى،شەكلى،كىلىش مەنبەسى ،قۇرۇلمىسى،ۋە شەكىللىنىش جەريانى قاتارلىق تەرەپلەردىن چوڭقۇر مۇلايىزە قىلىپ ئىلمى يەكۈنلىدى⒅.
ۋاڭ دىڭ گىرمانىيە،ياپۇنيە،روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان تۇرپان تىكىسى«开宝藏»نىڭ پارچىسىغا ئاساسەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر  خانلىقى   مەزگىلدە ئىشلەتكەن نوم بولۇپ  بۇ نىمە ئۈچۈن «开宝藏»نىڭ تۇرپاندىن تىپىلغانلىقىنىڭ  ئارقا كۆرىنىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى⒆.قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرىدىن باشقا يەنە دۈنخۇۋاڭ،موگاۋ ئۆنكىرى،شىجقيەنفۇ ئۆنكىرى،شىنجوۋ ئورمان ئۆنكىرى ۋە شېچۈۋەن قارياغاچلىق ئورمان ئۆنكىرى قاتارلىق ئۆنكىرلەردىن مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئابىدىلەرمۇ بايقالغان.بۇ ئابىدىلەردە پەقەت تارىقلا خاتىرلەنگەن بولماستىن يەنە بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دۈنخۇۋاڭ خىشى كارودىرى ،يىپەك يولى بىلەن قەدىمكى بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشىدەك قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىللەيدۇ.⒇
بۇ ئابىدىلەر قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى،دىنى،مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا مەدىنيەت ئالماشتۇرۇشىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايتى قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىللەيدۇ.كىشىنى تېخىمۇ قىززىقتۇردىغىنى شۇكى ۋىن تىغىنىڭ ۋەنفۇ ئۆنكىرىدىن بايقالغان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا ئابىدىلىرى ئىچىدە مىڭ،چىڭ سۇلالىرىنىڭ ۋاقتىغا توغرا كىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.ئەڭ بۇرۇنقىلىرى مىڭ سۇلالىسى جىياچىنىڭ 30-يىللىرىغايەنى1551يىلى،ئەڭ كىيىنكىلىرى كاڭشىنىڭ 12-يىلىغا يەنى1713-يىلىغا توغرا كەلگەن.بۇلار شۇنى ئىسپاتلايدىكى خىشى كارۇدىرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا ىنى كاڭشىنىڭ 12-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان.خىشى كارۇدىرى ئەتراپىدا قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنى ۋە بۇددا مەدىنىيىتىنىڭ ساخلىنىشى كىيىنكى مەزگىللەردە سىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ساخلانغان ئەنئەنىۋى مەدىنيەت يارىتىشىغا ئاساس بولغان.شۇنداقلا مۇڭغۇل گۇدىڭ خان قەبىلىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قويوق مەدىنىيەت ئالاقىسىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ،مۇڭغۇللار ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويوق مەدىنيەت ئالاقىسىنى ئورناتقان ،مانا بۇلار سىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان رولى بار.
دۈنخۇۋاڭ تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن قىزىۋىلىنغان كۆپلىگەن قەدىمكى ئۇيغۇربۇددا دىنىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەسەرلەر قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىن ئىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ ،باشقا مەزمۇن شەكىل ئامىللىرىدىن قارىغاندا بۇ تەشۋىق ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ بۇددا دىن مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
تۇرپاندىن قىزىۋىلىنغان قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدىكى خەنزۇ يىزىقىدىكى «مۇنار ياساش خاتىرىسى»ناملىق كىتاپتا ئىيتىلىشىچە خەنزۇ بۇددا دىنىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە غەربى رايونغا تارقىلىشى بۇ رايونلارنىڭ خەنزۇ مەدىنىيەت سىستىمىسى ئىچىگە كىرىپ كىتىۋاتقانلىقى يىزىلغان ،تۇرپاندىن تىپىلغان 4672نومۇرلۇق قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «»ئىلىم ساھاسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تاتقان بولۇپ تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ كۆرىنەرلىك بولدى.يىقىندا ئالىملار بۇ ئەسەرنىڭ تاڭجىنىڭ سەككىزىنچى يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى يىزىلغان دەپ قارىدى.
قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىنىڭ تەرەقى قىلىش جەريانىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئەتراپىدىكى خەنزۇ،قىتان،جورجىت،مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەر ئورناتقان بولۇپ قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىنىڭ باشقا مىللەت دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى يىڭى ئەسىردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن تەتقىقاتىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا.
قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلار غەرىپ تەرەپكە سىلجىپ ئۈچكە بۆلىنىپ قۇچۇ(ھازىرقى تۇرپان)،بەشبالىق(جىمسار)خىشى كارودىرى(پامىر )بىرىپ ماكاللاشقان .گەنجۇ ئەتراپىغا ماكانلاشقانلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ خىشى ئەتراپىغا بىرىپ ماكانلىشىپ قالغان.كىيىن بۇددا دىنى مانى دىنى بىلەن تەڭ قوللىنىپ كىيىن بۇددا دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ قوللىنىلغان ،شۇنداقلا يىپەك يولى ئەتراپىدىكى خوشنا دۆلەت،مىللەت،رايونلار بىلەن ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارغان.
دۈنخۇۋاڭ تۇرپاندىن تىپىلغان ۋەسىقىلەرگە قارايدىغان بولساق تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەت تارىخى مۇناسىۋىتى ناھايتى زىش بولۇپ ،تىبەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خىشى كارۇدىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىن ئىتقادىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغان.قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىننىڭ تەسىرىگە قىتان،جۇرجىت،مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە تارقىلىش جەريانىدا ئوخشىمىغان بۇددا دىن مەدىنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.ۋاڭخوڭمى بىلەن ۋاڭ فۇ شۆنىڭ تۇرپاندىن قىزىۋىلىنغان تەرجىمە ئېلىپ بىرىپ بۇ دەستۇرنىڭ «يەتتە گۆھەر»مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ باردى. بو دۆلىتىمىز ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ چوڭ نوم كىتابى بولۇپ ئۇ تەرجىمە قىلىنىپ، رەتلىنىپ ، تولۇقلىنىپ ،قايتا كۆچۈرىلىنىپ ،نەشىر قىلىنىپ چىقىش جەريانىدا قەدىمكى ئۇيغۇر رايىپلىرى موھىم رول ئوينىغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىنىڭ باشقا دىنلار بىلەن مەسىلەن مانى دىنى ،نىستورى دىنى ،شۇنداقلا ئوتتۇر تۈزلەڭلىكتىكى يەنە بىر قىسىم دىنلار بىلەن قويوق مۇناسىۋەتتە بولۇپ تارىخىي خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنى بىلەن مانى دىنىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايتى قويوق بولغان ،ئىلگىرى مانى دىنى بۇددا دىنىدىن كۆپ خىل ئۈنۈم قوبول قىلغان  بۇ نىڭ روشەن ئىپادىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دەستۇرلىرىدا مانى دىنىنىڭ ئىزنالىرى ساقلانغان ،شۇنداقلا منى دىنىدىكى ئاتالغۇلار بۇددا دىنىغا قوبول قىلىنغان ،ھەتتا بۇددا دىن ئىدىيىسىمۇ مانى دىنىنىڭ ئىدىيىسىنى قولۇل قىلغان .
ھەتتا ئۇيغۇر بۇددا دىنىنىڭ تەرەقىياتى جەريانىدا ئوتتۇر تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارمۇ قەدمىمقى ئۇيغۇر بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان .قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ تىلىغا ۋە زاڭزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ،قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىنىڭ تىلىمۇ خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
ئىبادەتخانا تەمسىل قىلىنغان «كامالىي ئوۇغۇنىش سۈترەسى»قەدىمقى ئۇيغۇرلاردىمۇ تارقالغان ئەلۋەتتە،بۇ يەردە خەنزۇلاردا تارقالغان بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن تەسىرى مۇشۇ سەۋەپدىن ،ھىندىستان بۇددا دىنىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ،زاڭزۇلاردا تارقالغان بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىر قىلىشى تەكىتلەنگەن.1980-يىلى قىزى؛ مىڭ ئۆيدىن تىپىلغان بىر پارچە سانكىرىت يىزىقى-قەدىمكى ئۇيغۇريىزىقىدىكى قوش تىل پۈتۈكلىرى،ھىندىستا بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىىلەن زاڭزۇلار تىخىمۇ يىقىن ئۇچراشقان بولۇپ 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ زاڭزۇلاردىكى بۇددا ىنى بىلەن تىخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇچرىشىش بولغان.مىڭ يۈۋەن سۇلالىرىدە زاڭزۇ بۇددا دىنىنىڭ كەڭ ئومۇمىلىشىشى ،قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا زاڭزۇ بۇددا دىنىنىڭ لاما رايىپلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.دۈنخۇۋاڭ ،تۇرپان قاتارلىق رايۇنلاردىن قىزىۋىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن قارىغاندا نۇرغۇنلىغان زاڭزۇ يىزىقىدىكى بۇددا نوم كىلاسسىكلىرى ئىلگىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىغا تەرجىمھە قىلىنغان بولۇپ ،زاڭزۇلارغا تارقالغان بۇددا دىنى قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا تىخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئومۇمىي گەھەتتىن ئالغاندا زاڭزۇلارغا تارقالغان بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى خەنزۇ بۇددا دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن خىلىلا يىراق.
يىقىنقى دەۋىرلەردە ئارخىلىگۇلىك تەكشۈرگۈچى خادىملار  تۇرپان ئويمانلىقى يالقۇنتاغنىڭ غەربى قىسمى داتىياۋ جىلغىسى ۋە شاۋتىياۋ جىلغىسى كىمىرلىرىگە نىسپەتەن قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىپ ،كىمىردىكى شەكىل تۈزۈلۈش ۋە تىما مەزمۇنى ،ئۇسلۇبى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئىككىسىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ سڭ تۈۋەن سۇلالىرىنىڭ ۋاقتىغا توغرا كىلىدىغىنىنى بولۇپمۇ داتىياۋ جىلغىسى 9-كىمىر ئىچىدىكى بارلىق 84 چوڭ نەتىجە قازانغۇچىلانىڭ تېخىمۇ زاڭزۇلاردا تارقالغان بۇددا دىنىنى غەربى يۇرىت قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنى تەسىر قىلغىنىدەك ئىسپاتقا ھۆكۈم قىلغان.
بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار رايۇنىغا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ،قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتىقات سىستىمىسىدا ھەرخىل ئىتىقاتلار شەكىللىنىشكە باشلىدى.مەسىلەن ئۈۋەيىن ئىتقادى،مايتىرى ئىتقادى،ۋۇتەيشەن بۇددا گاھى،ۋە مەنچۈ شېئىرلىرى،بۇدساتۋا ئىتقادى قاتارلىقلار ،ئالىملار مۇشۇ ئىسپاتلار بۇيىچە قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىغا نىسپەتەن ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىقاتنى كىڭەتكەن.
مايتىرى بۇددىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا تارقىلىشى بىرقەدەر ئۇزۇن ،كەڭ تارقانغان ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ ،قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىنڭ يەنى بىر ئالاھىدىلىكى دىيىشكە بولىدۇ.
مۇشۇ خىل ئىتقاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ،قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغاندا داۋاملىق ئاڭلىق ھالسد ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا مايتىرىغا چوقۇنىدىغان مەزمۇننى قوشۇپ قويىدۇ.بەزىدە يەنە تاللاپ تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىملىرى مايتىرىغا چوقۇنىشقا مۇناسىۋەتلىك يوقرى رايىپلار تەزكىرسى بىلەن ئاڭلىق ھالدا مايتىرغا چوقۇنىشنى تەكىتلەيدۇ.دەل قەدىمكى ئۇيغۇرلار مايتىرغا چوقۇنغاشقا «شۈۋەنزاڭنىڭ تەرخىمھالى»ناملىق پۈتۈن ئەسەت ئاندىن قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقى بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ كىڭەيتىلىپ چىققان،ئۇنىڭدىن باشقا مەنچۇ شېئىرلىرى ئىتقادى،قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا تارقالغان گۈۋەلىن ،يەنى پىرەكىرەنى،شاسەنە،شاستىرا،مەخپىيەت مەزھىپى،بۇ خەنزۇ بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى، زاڭزۇ بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنى قايرىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ،قەدىمكى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ كۆپ  خىللىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.



ئىزاھەت

①گىڭشىمىننىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى «ئاق نىلۇپەر دىننى مەزھپى »ناملىق ئەسەرنىڭ ئىككىنچى بىتى تەتقىقاتى،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»2003يىللىق 5-سانى 1-5بەت:گىڭشىمىن ئەپەندىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى « ئاق نىلۇپەر دىننى مەزھپىنىڭ باشقا ئىككى بەت تەتقىقاتى»مەركىزى مىللەتلەر ئىلمى ژۇرنىلى »2005يىلىق 1-سان 110-114 بەت:گىڭشىمىن ئەپەندىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى « ئاق نىلۇپەر دىننى مەزھپى»نىڭ بىرىنچى بەت تەتقىقاتى «شىنجاڭ پىداگۇگا ئۇنۋىرسىتىتى ئىلمى ژۇرنىلى2007-يىللىق 4-سان،17-19بەت.
②گېڭشىمىن ئەپەندىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى  تەتقىقاتى «شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ئىلمى ژۇرنىلى »2008يىلىق 1-سان 140-144 بەت
③جاڭتىغەن ئەپەندىمنىڭ «دۈنخۇۋاڭ موگاۋ ئۆنكىرى شېمالىي رايۇنىB52نومۇرلۇق ئۆنكىردىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ تەتقىقاتى »«دۈنخۇۋاڭشۇناسلىق ئىلمى ژۇرنىلى »2002 يىللىق 1-سان 13-21 بەت
④ئايدار مىركامالنىڭ « دۈنخۇۋاڭ موگاۋ ئۆنكىرى شېمالىي رايۇنىB 157نومۇرلۇق ئۆنكىردىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى()نىڭ پارچە بۇسخىسىنىڭ تەتقىقاتى »«بىيجىڭ ئۈېنۋېرسسىتىتى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى »24-نومۇر 2005-يىلى 1-13 بەت
⑤جاڭتىشەن ئەپەندىمنىڭ «بىيجىڭ ئۇنۋىرسىتىتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئىككى بەتلىك دۈنخۇۋاڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى»«غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى »نەشىرياتى 2001-يىللىق 1-سان،97-103- بەت
⑥جاڭتىشەن ئەپەندىمنىڭ «دۈنخۇۋاڭ موگاۋ ئۆنكىرىنىڭ شىمالىي رايۇنىدىن قىزىۋىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (ئوتتۇرا ئاخەن نومى)نىڭ پارچە نۇسخىسىنىڭ تەتقىقاتى.
⑦ئىسراپۇل يۈسۈپ بىلەن ئابلىم كىرىمنىڭ  «قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (ئالتۇن يارۇقنىڭ)سەككىزىنچى قىسىم 16-بۆلۈم تەتقىقاتى»«تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى »(ئۇيغۇرچە)2001-يىللىق 1-سان،15-37- بەت،«قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (ئالتۇن يارۇقنىڭ)سەككىزىنچى قىسىم15 -بۆلۈم تەتقىقاتى»«تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى »(ئۇيغۇرچە)2001-يىللىق 2-سان،  
⑧جاڭتىشەن ئەپەندىمنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (ئالتۇن يارۇق  ) «شىنجاڭ پىداگۇگا ئۇنۋىرسىتىتى ئىلمى ژۇرنىلى2012 -يىللىق 4-سان،  63-67بەت.
⑨چىنمىڭنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (ئالتۇن يارۇقدىكى پارچىلار )قەشقەر پىداگۇكا ئىنىستۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»2012-يىللىق 4-سان 56-58بەت
⑩مۇساجان ئەلىنىڭ«قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (ئالتۇن يارۇقتىكى سۆزلۈكلەر تەتقىقاتى)»شىنجاڭ ئۈنېۋېرسىسىتى2012يىللىق  دوكتۇرلۇق تاماملاش ئىلمى ماقالىسى،
⑩ئابدىرشىت ياقۇپنىڭ «دۈنخۇۋاڭ شىمالىي تاش ئۆنكىرىدىن تىپىلغان قەدىكى ئۇيغۇريىزىقىدىكى بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىدىن بايان»،«دۈنخۇۋاڭ موگاۋ ئۆنكىرى شىمالىي تاش ئۆنكۈر تەتقىقاتى»،485-502بەت
⑾ئابدىرشىت ياقۇپنىڭ «پەلزەكدىن تىپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئىپادىلەر» سىدىشىڭ،لى شاۋ نارىنگاۋ بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن «قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە بۇددا دىنىنىڭ ئۆزگىرىشى»،ئۈرۈمچى خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان 2010-يىللىق107-117بەت
⑿جاڭتىشەن ئەپەندىنىڭ «موگاۋ ئۆنكىرى شېمالىي 128-نومۇرلۇق ئۆنكۈردىن قىزىۋىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى پارچىسىنىڭ تەتقىقاتى «مىللىتلەر ئەدەبىياتى»2008-يىللىق 1-سان 51-57 سان
⒀جاڭتىشەن ئەپەندىنىڭ «موگاۋ ئۆنكىرى شېمالىي رايۇنىدىن قىزىۋىلىنغان ئىككى پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بۇددا دىن ۋەسىقىسى پارچىسى تەتقىقاتتى»،«دۈنخۇۋاڭشۇناسلىق ئىلمى ژۇرنىلى»2003يىللىق 2-سان 79-86يەت
⒁ئايدار مىركامالنىڭ «موگاۋ ئۆنكىرىنىڭ شىمالىي رايونىدىن قىزىۋىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى  پارچىسىنىڭ قايتا تەتقىقاتى»«شىنجاڭ ئۈنېۋېرسىسىتى ئىلمى ژۇرنىلى »2008-يىللىق 1-سان 145-148 بەت
ماشاۋلىنىڭ «روسىيەدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى شۈۋەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى نىىڭ بىرىنچى بەت تەرجىمە ئوقۇشلىقى»«ئىلى پىداگۇكا ئىنىستۇتى ئىلمى ژۇرنىلى»2010-يىللىق 2-سان.49-53 بەت
⒂ئالىم يۈسۈپنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (قەلىپنىڭ ماھىيىتىنى ئىپادىلىگۈچى نوم)مىڭ ئەسلى ماتىريالى »«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»2010-يىللىق1-سان 59-64 بەت «قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (كۆڭۈلنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرگۈچى نوم)ھەققىدە ،«تۈركىي تىللار تەتقىقاتى-گىڭشىمىن ئەپەندىنىڭ سەكسەن ياشلىقىنى خاتىرلەش ئەسەرلەر توپلىمى»27-36 بەت
⒃ئالىم يۈسۈپ بىلەن پاتىگۈل مەمەتنىڭ «دۈنخۇۋاڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى (كۆڭۈل ماھىيىتىنى بىلدۈرگۈچى نوم)دىكى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ مەنىسى»«غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى»2010-يىللىق 2-سان 105-112 بەت.
⒄نىۋنۈجىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرىدىكى-بۇددا دەستۇرلىرى ئومۇمىي بايانى پارىژدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا ۋەسىلىلىرى»ئۈرۈمچى:شېنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشىرياتى،2000يىل؛«دۈنخۇۋاڭ تۇرپان قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن ۋەسىقىلىرى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا دىن چوڭ نوم لوغىتى»«غەربى يۇرۇت تەتقىقاتى»2001يىللىق 2-سان،56-65 بەت
⒅ۋاڭدىنڭنىڭ «غەربى يۇرۇتتا تارقىلىپ يۈرگەن –غەربى يۇرۇتتىن تىپىلغان خەنزۇ يىزىقىدىكى بۇددا نىزىم تەتقىقاتى»سىدىشىڭ،لڭشاۋ،نارىن گاۋۋا،ھەمكارلىشىپ تەھرىرلىگەن «قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە بۇددا دىنىنىڭ ئۆزگىرىشى»،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان 2010-يىللىق 160-190 بەت
⒆تڭيھن ۋېي جاڭنىڭ«گاۋچاڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى پۈتۈگى»شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى،2006-يىل
⒇ياڭ قۇ شۆنىڭ«دۈنخۇۋاڭ قەدىمكى ئۇيغۇر  بۇدداۋەسىقىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىممىتى»2-قىسمى 2002يىل،111-119 يىل
غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنېۋېرستىتى

ئىسىم فامىلىسى:دىلخۇمار سادىق
دەرس ئوقۇتقۇچىسى:ئالىم يۈسۈپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6594
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 04:30:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوماراجىۋا دەپ بىرسى بولىدىغان.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم، رەھمەت!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش