مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2040|ئىنكاس: 33

دات باسقان يۈرەك ( مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 8446
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 32311
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3741 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  بالىلىق ۋاقتىمدىن باشلاپلا  بوۋام -مومام،دادام –ئاپاملارنىڭ ئەتىۋارلىشىدا يېگىنىم ئالدىمدا ،يېمىگىنىم كەينىمدە ،چوڭ يەپ،چوڭ ئىچىپ سۇ ئۈستىدىكى بېلىقتەك شۇنداق ئەركىن –ئازادە،ھېچنىمىدىن غېمىم يوق،ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغان ئىدىم،قورسۇقۇم تويسا،دېگىنىم تەل بولسىلا كۇپايە ئىدى،ئەتىگەندىن –كەچكىچە مەھەللىدىكى بىر توپ بالىلارنى يىغىۋېلىپ قىيغىتىپ-سەكرىشىپ،قىيا –چىيا بىلەن مەھەللىنى بېشىمىزغا كىيىپ ئوينىغىنىمىز –ئوينىغان ئىدى ،ئويناپ ھارغاندا ياكى كەچ ۋاقىتلىرى  بوۋامدىن ساۋاق ئالاتتىم ،ئالتە ياشتىن سەل ئاشقان  يىلىم  ئۆيىمىزدىن خېلىلا يىراق بولغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى تەييارلىق سىنىپقا ئەكىرىپ بەردى،كېيىنكى يىلى تەييارلىق سىنىپنى تۈگىتىپ 1-يىللىققا چىقتىم.شۇنىڭدىن باشلاپ مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى.

-بىزنى مېھمان قىلىڭا دىليار...

-ئاداش بۈگۈن قەيەرگە بېرىپ ئوينايمىز...

-ئاداش، بۈگۈنكى تاماشىغا قانچە پۇل خەجلەپسەن...

-پۇل دېگەننى سۇدەك خەجلەيسەن جىما ئاداش...

-دىليار بايۋەتچىگە ئۇنچىلىك پۇل دېگەن نېمىتى...

مانا بۇ باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىدىن  تارتىپ ھازىرغىچە كەينىمدىن يۈرىيدىغان قىز –ئوغۇل  ساۋاقداشلىرىمنىڭ ،جەمىيەتتكى مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان دوستلۇرۇمنىڭ ماڭا خوشەمەت قىلىپ ئېيتىدىغان سۆزلىرى ئىدى.قىزلارمۇ ماڭا بۆلەكچىلا ئامراق بولۇپ ماڭا تەلەپ قويىدىغان قىزلارمۇ خېلى بار ئىدى.

ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك يانچۇقۇمدىن پۇل ئۈزۈلمەيتتى،مەن پۇل تەلەپ قىلمىساممۇ بوۋام،مومام، دادام ،ئاپاملار ئۆزلىكىدىن خەجلەيدىغانغا پۇل بېرىپ تۇراتتى.بىزدەك قول –ئىلكىدە بار ئائىلىلەر ئۈچۈن مېنىڭ ئۇنچىلىك پۇللارنى خەجلىشىم ھېچقانچە گەپ ئەمەس ئىدى.  مەكتەپكە بېرىپ –كېلىشم ماشىنىلىق ياكى بولمىسا دادام ئېلىپ بەرگەن توكلۇق ۋېلسىپىتتە ئىدى.ئويۇن –تاماشىلىرىم ،خەج –خىراجەتلىرىم  ياش دائىرەمدىن ئېشىپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى.بىراق دەرستە بەك ناچار ئەمەس ئىدىم،ئۇنچىۋالا قىلىقسىز بالىلار قاتارىغىمۇ كىرمەيتتىم،دادامنىڭ پات –پات مېھمان قىلىشلىرىدىنمۇ، ياكى سوۋغاتلارنى سۈڭگۈتىشىدىنمۇ ۋە ياكى  ئويۇنقېپى بولغىنىم بىلەن دەرستە بەك ناچار بولمىغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر مۇئەللىملەرمۇ ماڭا ئامراق ئىدى.

تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققان يىلى  باشلانغۇچتىن تارتىپ   بىللە ئوقۇغان،ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا باشقا مەكتەپكە ئالمىشىپ كەتكەن  بىر ساۋاقدىشىمنى مەكتىبىگە ئاپىرىۋېتىپ ،مەكتەپكە قايتىش جەريانىدا يېقىن  دوستۇم غېنىنىڭ بىر قىز بىلەن مەكتەپكە بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.كېيىن ئۇ ئىككىسىنىڭ داۋاملىق بىللە مېڭىشلىرىدىن گۇمان قىلىپ سوراپ يۈرۈپ ،ئۇ قىزنىڭ دوستۇمنىڭ مۇھاببىتى ئىكەنلىكنى،ئىسمىنىڭ مەۋلۇدە  بىلدىم،ئۇ ۋاقىتلاردا گەرچە قىزلار ماڭا تەلەپ قويۇپ يۈرسىمۇ، بىراق ‹‹مۇھاببەت ››دېگەن ئۇقۇمنى چىن مەنىسىدىن چۈشىنىپ كەتمەيتتىم. ئۈچىمىز دائىم بىللە مەكتەپكە بېرىپ –كېلىش جەريانىدا ئۇ قىز بىلەن بەك يېقىن دوست بولۇپ كەتتىم،كېيىنچە  دوستۇم غېنى  پات –پات دەرس تاشلاپ مەكتەپكە كەلمەيدىغان  قىلىقنى چىقىرىۋالدى،مەن مەۋلۇدەنى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ ئۇنى مەكتەپكە بىللە ئېلىپ كېلىدىغان بولدۇم.

بىر كۈنى غېنى مېنى ئىزدەپ كەپتۇ،ئۇنىڭ دېيىشىچە مەۋلۇدەنىڭ  باشقا بىر بالا بىلەن ئاپئاق-چاپاق بولۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپتۇ،ئۇ مەندىن:

-       مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟-دەپ مەسلەھەت سورىدى.مەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي:

-       ئۆزۈڭ بىلىپ بىر ئىش قىل،-دېدىم.كېيىن ئۇ ئىككىسى ئايرىلىپ كەتتى.بىر كۈنى غېنى ماڭا:

-       ئاغزىڭدىن چىقارمىغىنىڭ بىلەن ئەسلى سەن مەۋلۇدەنى ياخشى كۆرەتتىڭ،ئۇنىڭ بىلەن ئاپئاق –چاپاق بولۇپ يۈرگەن بالا سەن ئىدىڭ ئەسلى،مەن سەن ئۈچۈنلا ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ئىدىم،بىزنى ئايرىۋېتىپ يا ئۆزۈڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈرمىدىڭ،كېيىن پۇشايمان قىلىسەن بىزنى ئايرىۋەتكىنىڭگە،-دېدى.مەۋلۇدەمۇ ماڭا:

-       سەنمۇ مېنى ياخشى كۆرەتتىڭ،شۇڭا غېنى بىلەن ئىككىمىزنى ئايرىۋەتتىڭ،كېيىن پۇشايمان قىلىسەن ،-دېدى.

-       مەن باشقا گەپ قىلماي ‹‹ھە››لا دەپ قويدۇم.بىراق كۆڭلۈمدە مەۋلۇدەنىڭ داۋاملىق يېنىمدا بىللە بولىشىنى،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭمىغان كۈنۈم كۆزلىرىمنى ئۇنى ئىستەيدىغانلىقىنى،ئۇنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلاتتى.

بىر كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتى  ئىدى،سىنىپ مۇدىرىمىز  سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:

-دىليار،بۇ ياققا چىقە ،-دەپ چاقىردى.

‹‹نېمە قىلىدىغاندۇ مېنى ؟››دېگەن ئوي بىلەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ  مۇئەللىمنىڭ قېشىغا باردىم.

-ئاپاڭنىڭ سەل مىجەزى يوق بولۇپ قاپتۇ،سومكاڭنى ئېلىپ ئۆيۈڭگە بارغىن،-دېدى مۇئەللىم.

-ئەتىگەندە ساق قالغانغۇ؟ئاپامغا نېمە بوپتۇ؟-دەپ كېتىپتىمەن جىددىيلەشكىنىمدىن مۇئەللىمگە.

-ئۆيۈڭگە بارغاندا بىلىسەن نېمە بولغانلىقىنى ،-دېدى مۇئەللىم كۆزىنى مېنىڭ  ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزۈمدىن قاچۇرۇپ.يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى،سومكامنى ئېلىپلا ئۆيگە قاراپ چاپتىم.

قورو ئالدىغا كېلىپ ھازىدار  كىيىمى كىيىۋالغان كىشىلەرنىڭ كىرىپ –چىقىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ‹‹قورودا بىرەركىم تۈگەپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟كىم تۈگەپ كەتكەندۇ؟››دەپ ئويلۇدۇم كۆڭلۈمدە.قورو ئىچىگە كىرىپلا ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۈم،ئىشىك ئوچۇق ئىدى،ئۆي ئىچى ئاق كىيىم كىيىۋالغان كىشىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى، ئۇرۇق –تۇققانلارنىڭ يۆلىشى بىلەن ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان ئانام ئۈن سېلىپ يىغلاۋاتاتتى،باشقىلار ئانامغا سەبر تىلەۋاتاتتى.

-ئانا، نېمە بولدى  ئانا؟-دەپلا ئانامغا ئېسىلدىم مەن.

-ئوغلىڭىز كەلدى مانا مۇرەببىم!ئوغلىڭىزنى تاشلاپ كەتتىڭىزغۇ مۇرەببىم!‹‹دادا››دېگەنلەرنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرسۇن دېدىڭىزمۇ مۇرەببىم،سىزگە جەننەت تىلەيمەن مۇرەببىم...-ئانام مېنى قۇچاقلاپ تېخىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى،ئانامنىڭ يىغا ئارىلاش سۆزلىرىدىن دادامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم،يۈرىكىمنى بىرسى سۇغۇرىۋالغاندەك نەپسىم قىسىلىپ ،يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم.بوغۇزۇمدا  بىر ئاچچىق يىغا قىسىلىپ تۇراتتى،بىراق ئاۋازىم چىقمايتتى.ھۇشۇمدىن كەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم،بىر كەمدە ئېسىمنى تېپىپ ،مېنى يۆلەپ تۇرغانلارنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ :

-دادا،سىز قايەردە دادا؟!سىز ئۆلۈپ كەتمىدىڭىز ،دادا!...،دەپ ۋارقىرىغىنىمچە ئۆزۈمنى ئىچكىركى ئۆيگە ئاتتىم.

-ئۆزۈڭنى بېسىۋال ،ئوغلۇم..!داداڭ ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپتۇ،جەسىدىنى يولدا ئەكىلىۋاتىدۇ...!-دەپ ،مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇتىۋالدى ئانامنىڭ ئاچىسى پەرىدە ئاپام.

دادامنىڭ جەسىدىنى نامازشام بىلەن ئېلىپ كەلدى،مومام  شۇ جايدىلا ھۇشىدىن كەتتى.ئۆي ئىچىنى يىغا –زارە قاپلىدى،باشقىلارنىڭ تۇتىۋېلىشىغىمۇ قارىماي ،دادامنىڭ جەسىدىگە ئۆزۈمنى ئېتىپ ھۆركىرەپ يىغلىدىم،يىغلاپ ئاۋازلىرىم بوغۇلۇپ كەتتى.ئاچام بىلەن ئىككىمىزنى دادامنىڭ جەسىدىدىن تەستە ئاجرىتىپ ،يەنە بىر ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى.كېچىسى دوختۇرخانىدىن مومامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلدى، مېيىت بامدات نامىزىغا ئۈلگۈرتۈپ ئەچىقىلدى، بىر كۈن ئىچىدە يىغا –زارە بىلەن ئىككى كىشىنى، دادام بىلەن مومامنى ئۇزاتتۇق، ئۆيىمىزنى چوڭ مۇسىبەت قاپلىغان ئىدى.دادام بىلەن مومامنىڭ ئۆلىمى بوۋامغا بەك تەسىر قىلدىمۇ ،ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.دېمىسىمۇ يۈرەك پارىسى بولغان ئوغلىدىن ۋە ئۆمۈر ھەمرىيىدىن بىر كۈن ئىچىدە ئايرىلىپ قېلىش ئەلۋەتتە ئېغىر كېلىدۇ –دە،بۇ ئۆلۈم بىزگىمۇ بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى،قايغۇ ئىچىدە نەزىر –چىراق ئىشلىرىنى ئۇزاتتۇق،ئۆيدىن بىر خىل سوغۇقچىلىق چىقىپ تۇرغاندەكلا بىلىنەتتى،دادام بىلەن مومام بىرەر ئۆيگە مۆكىۋالغاندەك ياكى سىرتتىن ‹‹بالام››دەپلا چاقىرىپ كىرىپ قالىدىغاندەك مەلۇم بولاتتى،ئۇ ئۆي – بۇ ئۆيلەرگە ئىختىيارسىزلا كىرىپ باقاتتىم،دېرىزىدىن سىرتقا بويۇنداپ قاراپ باقاتتىم.يۈرىكىمنى ئېغىر بىرنەرسە قاماللىۋالغاندەكلا ئىدى.

كەتكەننىڭ كەينىدىن تەڭ كەتكىلى بولمايدىكەن،تىرىكلەر يەنە ياشىىشى كېرەككەن،بوۋاممۇ بىرەر ئايغا يېقىن دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقتى.ئۇنىڭغا قارىسام ئىچىم سېيرىلىپ كېتەتتى.بوۋام  باشقىچىلا قېرىپ كەتكەندەك مۈكچىيىپلا قالغان ئىدى.ئېلىڭ-سېلىڭلا يۈرەتتى،ھەممىمىزنى روھى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى،سىنىپتا ئولتۇرساممۇ دادام بىلەن مومام  ئېسىمگە كېلىۋالاتتى،كاللامغا دەرس چۈشمەيتتى.دادام تۇيۇقسىز كېلىدىغاندەك پات –پات سىنىپنىڭ ئىشىكىدىن بويۇنداپ قاراپ قوياتتىم.ئون ئالتە ياشقا ئەمدىلا قەدەم باسقان،ھەممە نېمەم تەل،ھېچنىمىدىن قىسلىچىقىم يوق،پۈتۈن دۇنيا ماڭا كۈلۈپ باققان،قۇياش نۇرى مەن ئۈچۈنلا يورۇغان،ئۆينىڭ ئەتىۋارلىقى،كۆز مۇنچىقى بولۇپ ياشاۋاتقان ، مۇھتاجلىق ،غەم –قايغۇ ،خارۇ –زارلىق نېمىلىكىنى بىلمەي،بەخت قوينىدا ئەلەڭلەپ  ئۆتكەن غەمسىز  چاغلىرىمدا ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرىكى،ئانامنىڭ ئۆمۈر ھەمرىيى ،ئاچام ئىككىمىزنىڭ تاغدەك يۆلەنچۈكى،بوۋامنىڭ يۈرەك پارىسى دادامدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدىم.

بۇنداق بولىشىنى،دادامنىڭ بىزدىن بۇنداق تۇيۇقسىز ئايرىلىپ كېتىشى ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى،تالاي كۈن –تۈنلەرنى ئۇلاپ ،جاپالىق ئىشلەپ تاپقان مال –دۇنيالىرى،قوتانلاردىكى مال –چارۋىلىرى،نەچچە يەردىكى ئۆي –زىمىن،دۇكانلىرى،نەچچە مىليون پۇللىرى دادامنىڭ جېنىغا ئارا تۇرالمىغان ئىدى، دادام ماشىنىغا قويلارنى بېسىپ بولۇپ،ئالدىدا ماڭدۇرىۋېتىپ،ئارقىسىدىن ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسىدا كېلىۋاتقاندا ،ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ  ئۈچ ئادەمدىن ئىككىسى ئېغىر يارىلىنىپ ،دادامنى ئەجەل سۆرەپ كەتكەن ئىدى. دادام...!ھەر قېتىم مالدىن كەلسە ئالدىغا يۈگىرەپ چىقىپ ،ئانامنىڭ ‹‹چوپ –چوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ كىچىك بالىلارنىڭ قىلىقىنى قىلىپ ئەركىلەپ ئېسىلىپ يۈرسەڭ سەت تۇرمامدۇ؟سىزمۇ ئوغلىڭىز بىلەن تەڭ كىچىك بالا بوپ كېتىسىزغۇ ھەر قېتىم مالدىن كەلسىڭىز...››دەپ ۋايساشلىرىغا قارىماي،  بوينىغا ئېسىلىپ سۆيۈپ –قۇچاقلاپ كېتىدىغان،‹‹پۇلۇم بار...››دېگىنىمگىمۇ ئۇنىماي،‹‹ئوغۇل بالىنىڭ يېنىدا پۇل جىق بولسا كۆڭلى توق تۇرىدۇ،يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالمايدۇ››دەپ يېنىمغا نەچچە يۈز يۈئەنلەپ پۇل سېپ قويىدىغان ،‹‹مېنىڭ ئىزىمنى باسىدۇ بۇ ئەركەك  ئوغلۇم...››دەپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان،ئۇرۇق-تۇققان،دوست –بۇرادەرلىرىگە قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدىغان،نامرات –ئاجىز،يېتم-يېسىرلارغا خەير –ساخاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان،ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە  سازاۋەر بولغان،شۇ مەرت ،كۆڭلى –كۆكسى دەرياچە كەڭرى،ھاتەمدەك سېخى ،تىرىشچان،ئىشچان دادام پۈتۈن تاپقان –تەرگەنلىرىنى قالدۇرۇپ ،قارا تۇپراققا كىرىپ كەتكەن ئىدى،ئىنسان دېگەن شۇنداق بولىدىكەن،تىرىلىكىدە بۇ دۇنيانىڭ مەشىئەتلىرى ئۈچۈن جېنىنىڭ بېرىچە تىرىشىپ –تىرمىشىپ مال –دۇنيا توپلايدىكەن،ئۆلۈپ كەتكەندە بولسا ئىككى مېتىر يەرگە كۆمۈلۈپ كېتىدىكەن،‹‹ئىنسان بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كېلىپ ،يالىڭاچ كېتىدۇ››دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى  دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن بارا –بارا چۈشىنىشكە باشلىدىم.‹‹ كىشىلەرنىڭ لەنەت نەپرىتىگە ئۇچراپ كەتكەن، شۇنداق  ئەسكى ،بۇ دۇنيادا ياشاش لايىقىتى يوق كىشىلەر ساق قېلىپ ،نېمىشقا مېنىڭ  ئالتۇنغا بەرگۈسىز دادام تۈگەپ كېتىدۇ؟..››دېگەننى ئويلايتتىم،جان دېگەن بىر ئامانەتكەن،ۋاقتى –سائىتى كەلگەندە اللەھ  ئامانىتىنى ئېلىپ كېتىدىكەن،ئىنسان بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولغانكەن،ئەجىلى يەتكەندە ئۇ دۇنياغا كېتىدىغان گەپكەن،پەقەت ئىلگىرى –كېيىنلىك تەرتىبى ئوخشىمايدىكەن خالاس.ھەممە كىشىنىڭ بارار جايى شۇ قارا تۇپراق ئىكەن،

دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئانام ئاشخانىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزىۋېتىپ ،كېسەلچان بولۇپ قالغان بوۋامنىڭ ۋە بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالدى.مال –چارۋىلارنى يۆتكەيدىغان ئىشلارنى دادامنىڭ  ئىنىسى بىلەن ئاپامنىڭ ئىنىسى ئۆز قولىغا ئالدى،(دادام ئۈچ ئوغۇل بولۇپ،بالىلارنىڭ چوڭى ئىدى،دادام بىر ئاغىينىسى بىلەن شېرىكىلىشىپ ، مال –چارۋا سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى،يېزىدا بىرنەچچە قوتان مال –چارۋىلىرىمىز ،ئىجارىگە بېرىلگەن نەچچە يۈز مو چامىسىدا كېلىدىغان يېرىمىز بار بولۇپ،مەخسۇس ياللىۋالغان ئادەملىرىمىز بۇ مال –چارۋىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.ماللىرىمىزنى توپ سويۇپ تارقىتىش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ سېتىپ چىقىرىشقا ، دادامنىڭ كىچىك ئىنىسى مەسئۇل ئىدى.ئانام ئاچىسى بىلەن ئاشخانا ئاچاتتى،گەرچە دادام –ئاناملارنىڭ جاپاسى جىق بولسىمۇ ،بىراق ئائىلە كىرىمىمىز ناھايىتى ياخشى بولۇپ بىر بىنا ئۆيىمىز ،ئىككى دۇكىنىمىز ئىجارىگە قويۇقلۇق ئىدى .بوۋامنىڭمۇ قول –ئىلكىدە بار كىشى ئىدى. )

دادامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دەرسلەردە كۆرۈنەرلىك چېكىنىپ كەتتىم،ئۆگىنىش قىلىش پەقەتلا خوش ياقمايتتى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ پاراڭلىرىغىمۇ جىق ئارىلاشماس،پاراڭ خالىماس بولۇپ قالغان ئىدىم، ئولتۇرغان يېرىمدە سائەت –سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم،خىيالىمدا دادامنىڭ سىيماسى لەيلەپ يۈرەتتى،تۇرۇپ –تۇرۇپلا قاتتىق يىغا باساتتى،بېشىمنى پارتىغا قويۇۋېلىپ ئۈنسىز يىغلىۋالاتتىم،ساۋاقداشلىرىممۇ مېنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشەنگەچكە مەن بار جايدا كۈلۈشۈپ ،چاخچاق قىلىشتىن،دادىلىرى توغرۇلۇق گەپ ئېچىشتىن ئېھتىيات قىلاتتى.مېنىڭ ئەھۋالىم مۇئەللىمنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسا كېرەك،بىر كۈنى مېنى ئىشخانىسىغا چاقىردى.

-ئائىلەڭدىكىلەر قانداراق تۇرىۋاتىدۇ؟ئۆزۈڭچۇ؟قارىسام بەكلا روھىڭ چۈشۈپ كەتكەندەك تۇرىدۇ...-دېدى مۇئەللىم.ئۇنىڭ سۆزى ئاياقلاشمايلا كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار قۇيۇلۇپ ھېقىقداپ يىغلاشقا باشلىدىم.

-يىغلىۋال بالام،قانغۇدەك يىغلىۋال،شۇنداق قىلساڭ ئىچىڭ بوشاپ يېنىكلەپ قالىسەن،- دېدى مۇئەللىم بېشىمنى سىيلاپ،بىر ھازا يىغلىۋېلىپ ئۆزۈمنى يىغىدىن توختاتتىم.

-ئەمدى سەل ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ بالام،-دېدى مۇئەللىم مېھرىبانلىق بىلەن.مەن ‹‹ھەئە››دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم.

-ماڭا قارا ئوغلۇم،ئەجەل دېگەن ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار،ئىنسان پىشانىگە پۈتكەننى كۆرمەي ئامال يوق،ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ،تىرىكلەر يەنە ياشىشىمىز كېرەك،بۇنداق ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتسەڭ داداڭنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمامدۇ؟ئۇنىڭغا قانداق يۈز كېلەلەيسەن ؟داداڭ رەھمىتى ھايات ۋاقتىدا سېنىڭ ياخشى ئوقۇپ،كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلاتتى،ئۇنىڭ شۇنداق جاپالارنى تارتىشى دەل سىلەر ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟داداڭنىڭ روھىنى خوش قىلاي دېسەڭ قەددىڭنى رۇسلا،ئوغۇل بالا دېگەننىڭ بېشىغا نى ئىشلار كېلىدۇ،ئۆزۈڭنى بۇنداق تاشلىۋەتمە....،-دەپ بىرمۇنچە تەربىيەلەرنى قىلدى.ساۋاقداشلىرىمنىڭ،دوستلۇرۇمنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ كۆيۈنىشى،كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن بارا –بارا روھىي –كەيپىياتىم تەڭشىلىپ ئەسلىمگە كېلىشكە باشلىدىم.

كۈنلەر بىر –بىرىنى قوغلۇشۇپ  ئۆتىۋەردى،قۇياش شەرقتىن چىقىپ غەرىپكە پېتىۋەردى،مەنمۇ يەيدىغىنىمنى يەپ ياشاپ كېتىۋەردىم.

بوۋام  دادام بىلەن مومامنىڭ ئىچ كۆيۈكىنى بەك تارتىپ كەتتىمۇ،كېسىلىدىن تازا ياخشى بولالماي،بىر كۈنى كېچىسى تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغۇلۇپ ،دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق،نۆۋەتچى  دوختۇر –سېستىرالار بوۋامنى ھارۋىغا سېلىپ كۈزىتىش ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى،شۇ ئەكىركەتنىچە ئاپارغان تاماقلىرىمىزنىمۇ ئالماي،‹‹كېسىلى ئېغىر،جىددىي قۇتقۇزىۋاتىمىز››دېگەن گەپ بىلەن يەتتە كۈنگىچە بىزنىمۇ كۆرۈشتۈرمەي،ئاخىرى  ئەتىگەن سەھەردە  ‹‹ئامال قىلالمىدۇ،تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭلار››دەپ  كەچ بولغاندا جەسىدىنى ئەچىقىپ بەردى،يىغلا –قاخشا مېيىتنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدۇق.سەل بىر ئەسلىمگە كەلگەندەك بولىۋىدىم ،بىر يىل ئىچىدى ئارقا –ئارقىدىن كەلگەن بۇ مۇسىبەتلەر ماڭا راستىنلا ئېغىر كەلدى، بۇ دۇنيادا بىرمۇ يېقىنىم قالمىغاندەكلا بەكلا تۈگىشىپ كەتتىم،ئانام،ئاچام ،ئۇرۇق-تۇققانلار يىغا –زارە قىلىشاتتۇق،يەنە بىر –بىرىمىزگە تەسەللىي بېرىشەتتۇق.مۇئەللىمنىڭ،ساۋاقداشلىرىمنىڭ،دوستلۇرۇمنىڭ تەسەللىيلىرى،كۆيۈنۈشلىرى ماڭا مەدەت بولىۋاتاتتى.

تولۇق ئوتتۇرىغا ئاران دېگۈدەك چىقىۋالدىم.ئۆزۈمنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاپ تۇرمىسام،چېكىنىپ كېتىشىم مۇقەررەر ئىدى.ئۆگىنىشىم ئوتتۇرىھال كېتىپ باراتتى.ئاچام ئالىي مەكتەپكە كەتتى،ئۆيدە ئانام بىلەن ئىككىمىز قالدۇق،ئانام ئاشخانىنى شۇ ئۆتكۈزىۋەتكەن پېتى، ئاچىسى بىلەن بىرلىشىپ رەخت دۇكىنى ئېچىۋالدى.ئەمدى ‹‹نەدە تۇردۇڭ؟نېمە كۆردۈڭ ؟...››دەپ سۈرۈشتە قىلىدىغان دادام،ماڭغان –تۇرغان يەرلىرىمنى دوكلات قىلىپ تۇرىدىغان بوۋام،موماملار يوق ئىدى،ئانام بۇرۇندىنلا ئالدىراش يۈرگەچكە ،پەقەت مېنىڭ ئىش تېرىپ بەرمەي يۈرگىنىمىلا خوش ئىدى، خەجلەشلىرىمگە دۆڭ –دۆڭ پۇللارنى بېرىپ تۇراتتى.پۇل خەجلەپ  ئوينۇتۇشلىرىمغا  خۇشتار بولۇپ ،كەينىمدە يۈرىيدىغان قىز –ئوغۇل دوستلۇرۇم بۇرۇنقىدىنمۇ بەكراق ئاۋۇپ.قىزلارنىڭ تەلەپ قويۇشلىرىمۇ ئىلگىركىدىن كۆپەيدى.مەكتەپتىكىدىن  سىرتتىكى ئويۇنلارغا بەكراق مەھلىيا بولۇپ،ئىچ پۇشۇقۇمنى باسماقچى بولىۋاتاتتىم.







داۋامى بار...







مەنبە :ئۆز ئىجادىيىتىم






ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەر مىسرانىم تورىغا تەۋە،ھەرقانداق تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىغا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 10:27 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ahter + 100 ياخشى ئەسەر
jelwa + 300 ئامەت تىلەيمەن ھەدە ....
TAXNAI2 + 100 ياخشى،،،مۇبارەكلەيمە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 8446
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 32311
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3741 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دات باسقان يۈرەك (داۋامى)



تولۇق 2-يىللىققا چىققان يىلى ساقچى مەكتىبىدە ئوقۇيدىغان گۈلپىيە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن چ چ دا تونۇشۇوپ قالدىم،مەن ئۇ قىزغا ئائىلە ئەھۋالىمنى سۆزلەپ بەردىم ۋە رەسىمىمنى ئەۋەتىپ بەردىم،ئۇمۇ ماڭا رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەردى،چوڭ- چوڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى چاقناپ تۇرغان ،ئوماققىنە بىر قىز سۆرەت ئىچىدىن ماڭا كۈلۈپ باقاتتى.مەن ئۇ قىزنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم،ئارىدىن بىرەر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى . بىز  داۋاملىق چ چ دا ۋە تېلىفوندا كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق،ئالاقىمىز قويۇقلاشقان ئىدى،بىر كۈنى ئۇ ماڭا چ چ دا مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ تەلەپ قويۇپتۇ.مەنمۇ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم،شۇڭا ئۇنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلدۇم.گۈلپىيە مېنىڭ تۇنجى مۇھاببىتىم ئىدى،ئۇ ماڭا دائىم تېلىفون قىلاتتى،بوۋامنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن   جەمىيەتتىكى بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ،ئويۇن –تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەچكە ، دەرستە  چېكىنىپ كەتكەن ئىدىم،مۇئەللىم مېنى تولا ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ تەربىيە قىلسىمۇ،مەندە  ئوخشاشلا ئىلگىرلەش بولمىغاچقا ،مېنى مەيلىگە قويۇۋەتكەن ئىىدى ئىدى،  گۈلپىيە بىلەن ئىككىمىز تېلىفوندا ياكى  چ چ دا سائەت –سائەتلەپ پاراڭلىشاتتۇق،كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ پاراڭلاشقىلى تۇرساق بەزىدە ھەتتا يېرىم كېچىگىچىمۇ گېپىمىز تۈگىمەيتتى،بەك  كەچ ياتقاچقا ئەتىسى دەرس ۋاقتىدا داۋاملىق ئۇخلاپ قالاتتىم،ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭمۇ مەن بىلەن كارى يوق ئىدى.دەرستىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا دوستلۇرۇم ئويغۇتۇپ قوياتتى،ئويغۇنۇپلا ئۇنىڭدىن تاماق يېگەن –يېمىگەنلىكىنى،نېمە تاماق يېگۈسى بارلىقىنى سوراپ  تېلىفون قىلاتتىم .تېلىفونلىرىمىزنىڭ پۇلى تۈگەپ كەتسە  بىر –بىرىمىزنىڭ تېلىفونلىرىغا پۇل قاچىلاپ قوياتتۇق.كۈنلىرىم ئەنە شۇنداق مەنىسىزلىك ئىچىدە مەنىلىك ئۆتمەكتە ئىدى.تاپشۇرۇقلىرىمنى سىنىپىمىدىكى قىزلار ئىشلەپ بېرەتتى،ئۆگىنىش دېگەن نەرسنى خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى.خىيالىمدا گۈلپىيەلا بار ئىدى.ئىككى ئايدىن كېيىن گۇلپىيە تەتىل قىلىپ كەلدى،بىراق بىز تەتىل توشۇشقا ئاز قالغاندىمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈشەلمىدۇق.پەقەت تەتىل توشۇشقا ئاز قالغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە ئاچام بىلەن كۆرۈشتۈردۈم.ئاچام ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئانامغا ئېيتىپ قويۇپتۇ،ئانام مېنى راسا تىللىدى،ئاچامدىن گۈلپىيەنىڭ تېلىفون نومۇرىنى سوراپ،ئۇنىڭغىمۇ ‹‹دىليار سىز سەۋەبلىك دەرستە بەك چېكىنىپ كەتتى،ئۇ مېنىڭ بالامغا ئوخشىماي قالدى،بۇنىڭ ھەممىسىگە سىز سەۋەبچى،ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ،بېشىنى قايدۇرۇپ يۈرمەڭ..››دەپ ،بىرمۇنچە ئېغىر گەپلەرنى قىپتۇ.ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ بىرمۇنچە قورساك كۆپۈكلىرىنى تۆكۈۋېتىپ يىغلىغىنىچە كەتتى.ئاچام بىلەن راسا بىر پەدە سوقۇشتۇم‹‹بۇ گەپلەرنى ساڭا ئىشىنىپ دەپ بەرسەم نېمىشقا ئانامغا ئېيتىپ قويىسەن ...››دەپ.گۇلپىيەگە كۈندە تېلىفون قىلىپ،چ چ ۋە ئۈندىدارىغا سۆز قالدۇرۇپ يالۋۇرۇپ  يۈرۈپ يارىشىۋالدىم،بىز يەنە ئەسلىمىزگە قايتىپ تېخىمۇ بەك ئىناق ئاشق –مەشۇقلاردىن بولۇشۇپ كەتتۇق.ئۇ ماڭىدىغانغا بىرنەچچە كۈن قالغاندا ئانامدىن ئۇششۇقلۇق قىلىپ پۇل ئېلىپ  ئۇنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ئاغىينىلىرىنى يىغىپ چوڭ سورۇن تۈزۈپ بەردىم،سورۇن تازا ئەۋجگە كۆتۈرۈلگەندە غېنى كىرىپ قالدى،مەن ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ يېنىمغا ئولتۇرغۇزدۇم.مەستچىلىكتە ئۇنىڭغا گۈلپىيە بىلەن يۈرىۋاتقىنىمنى ئېيتتىم .ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :
-مۇبارەك بولسۇن،ساڭا بەخت تىلەيمەن ئاداش ،-دېدى ۋە بىرئاز ئولتۇرۇپلا چىقىپ كەتتى.ئەتىسى گۈلپىيە ماڭا تېلىفون قىلمىدى،مەن تېلىفون قىلساممۇ ئالمىدى،ئۈندىدارىغا سۆز قالدۇرساممۇ جاۋاب بەرمىدى.گۈلپىيە  بىلەن كۆرۈشمىگەن ئىككى كۈن مەن ئۈچۈن ئىككى يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ساراڭلاردەك ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىۋەردىم ئۇ ئاخىرى تېلىفوننى ئالدى.
-تېلىفون قىلسام نېمىشقا ئالمايسەن،-دېدىم ئۇنىڭغا.
-بىز ئايرىلىپ ڭېتەيلى،-دېدى ئۇ.
-نېمىشقا،نېمە سەۋەبتىن ئايرىلىپ كېتىمىز؟-دېدىم مەن.
-نېمىشقا ئايرىلپ كېتىدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئاغىينىڭىز غېنىدىن سوراڭ،سىزگە ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن ،-دېدى ئۇ.
-ئۇ ساڭا نېمە دېدى؟قېنى ئۆزۈڭلا ئېيتىپ بېرە،-دېدىم ئۇنىڭغا،ئۇ دەسلەپتە گەپ قىلماي تۇرىۋالدى،قايتا –قايتا سوراپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن:
-سىز بەك ناچاركەنسىز، سىزنى ھېچقايسى ئوغۇل بالىلارغا ئوخشىمايدۇ دەپ يۈرسە،قىيامەتلىك ئاغىينىڭىزنى مۇھاببىتىدىن ئايرىۋېتىپسىز،-دېدى.مەن غېنىنىڭ ھازىرغا قەدەر مەۋلۇدە بىلەن ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىنى مەندىن كۆرۈدىغانلىقىنى چۈشەندىم.كېيىن بىلسەم،غېنى بىلەن مەۋلۇدە گۈلپىيەنىڭ يېقىن دوستلىرى ئىكەن،ھېلىقى كۈنى غېنى سورۇندىن چىقىپلا مەۋلۇدەگە تېلىفون قىلىپ ،گۈلپىيە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئېيتىپتۇ،كېيىن ئىككىسى  ئارقا –ئارقىدىن گۈلپىيەگە تېلىفون قىلىپ راسا ئېچىتپتۇ،ئۇلار گۈلپىيەنىڭ يېقىن دوستى بولغاچقە،ئۇ ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپتۇ.مەن ئۇنىڭغا ئۇنداق ئىشنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ قايتا –قايتا چۈشەندۈرسەممۇ ،ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرىۋالدى،شۇنىڭ بىلىن ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتتۇق.ئۇنىڭ ئايرىلىپ كېتىش ئالدىدا ئېيتقان:
-سىز ئەسلى مېنىڭ ئويۇنچۇقۇمتىڭىز،سىزنى ئويناپ بولدۇم،ئەمدى تاشلىۋېتىمەن،سىزنىڭ ئەمدىكى ئورنىڭىز ئەخلەت ساندۇقىدا ،-دېگەن گېپى ماڭا بەك ئېغىر كەلدى.ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم .ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ئازابلىق كۈنلىرىم باشلاندى،ئۇنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئىچىش،چېكىشكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم،دەرس تاشلايدىغان ئىشلىرىممۇ ،جەمىيەتتىكى ئارىلىشىغان بالىلارمۇ كۆپەيدى. مەكتەپتە مودا بولغان،قۇلاق كەستى،ئويۇنقېپى،جىدەلخور بالىلار ئۆزلىرىچە قۇرىۋېلىشقان ‹‹يەتتە بۆرە››يەنى (七匹狼)دېگەن گۇرۇھقا قوشۇلۇپ قالدىم.ئانامنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان نەسىھەتلىرى،ئاچامنىڭ تېلىفوندا قىلغان تەسىرلىك سۆزلىرىمۇ قۇلۇقۇمغا كىرمەس بولۇپ كەتكەن ئىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدا بىللە سودا قىلىدىغان جاندوست ئاغىينىسى غۇلام دادام (ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن قايتا توي قىلىپ كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ ،ئىككى قىزى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى)  ئۆيۈمىزگە تولىراق كېلىپ بىزنى يوقلايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھەر قېتىم كەلگەندە ئاپام بىلەن كۇسۇرلىشىپ ،كۈلۈشۈپ ئولتۇرغانلىقى كۆزۈمگە چېلىقاتتى،بىراق ئۆزۈمنىڭ ئويۇن –تاماشىلىرىم بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، ئۇلارغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيتتىم.ئاناممۇ مېنى كىچىكىدىن باشلاپلا چوڭ قول،ئۆز بېشىمچى قىلىپ تەربىيلىگەنلىكدىن  پۇشايمان قىلىپ،مېنىڭ ئەركىلەپ تۇرىۋېلىشىم ياكى ‹‹ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن››دەپ تەھدىت سېلىشىم بىلەن ماڭا ئارتۇق گەپ قىلالماي،كۆزۈمگە قاراپ دېگۈدەك ئۆتىۋاتاتتى.گۈلپىيە بىلەن ئايرىلىپ كەتكىلى بىرنەچچە ئايچە بولغان كۈنلەردە شىخەنزىدە ئوقۇيدىغان  ئالمىرە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئۈندىداردا تونۇشۇپ قالدىم،ئىككىمىز ئۆزئارا رەسىملىرىمىزنى ئەۋەتىشتۇق.تېلىفوندا ،ئۈندىداردا پاراڭلىشىش جەريانىدا مىجەزىمىز چىقىشىپ قېلىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.بىر كۈنى ئۇنىڭغا تەلەپ قويدۇم،ئۇمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قاپتىكەن،تەلىۋىمگە تېزلا قوشۇلدى،بىراق ئۇ ماڭا
‹‹1.مەكتەپتىن قاچمايسىز 2.دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ ئولتۇرماي،دەرسلەرگە كۆڭۈل قويىسىز3.تاماكا چېكىشنى ،ھاراق ئىچىشنى تاشلايسىز.4،باشقىلار بىلەن قەستەن جىدەل چىقارمايسىز.5.جەمىيەتتە ئوينايدىغان بارلىق ئاغىينىلىرىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى تارتىپ،ئۇلار بىلەن ئارىلاشمايسىز...››دېگەن  بىرقانچە تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ تۇرىۋالدى،بۇ گەپلەر ماڭا پايدىلىق بولغاچقا،دەماللىققا ئىجرا قىلالمىساممۇ ،تاماكىنى تاشلىيالمايدىغانلىقىمنى،قالغان شەرتلەرنى ئامال بار ئورۇنداشقا تىرىشىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.ئالمىرە بىلەن ئىنتايىن رومانتىك مۇھاببەت كۈلىرىنى ئۆتكۈزۋاتاتتىم.ئەسلى ئۇنىڭ بىلەن گۈلپىيەنى ئۇنتۇش ئۈچۈنلا يۈرگەن ئىدىم،بارا –بارا  ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ كەتتىم.گۈلپىيەنى بولسا ئۇنتۇپلا كەتتىم.دەرسلەرگە بەك كىرىشىپ كېتەلمىسەممۇ،ھەر ھالدا بۇرۇنقىدەك تولا دەرس تاشلايدىغان،ئىچىۋالىدىغان ،كۆزۈمگە سىغمىغان بالىلارنى ئۇرۇپ –سوقىدىغان ئىشلاردىن  ئازىراق بولسىمۇ قالدىم. شۇ ئارىلىقتا غۇلام دادامنىڭ ئۆيىمىزگە كېلىشى   كۆپىيىپ قالدى. بىر كۈنى كەچتە ئانام ھودۇققان ھالەتتە:
-بالام ،مايەرگە كىرە،ساڭا مەسلەھەت سالىدىغان بىر گەپ بار ئىدى،-دېدى،مەن ئانامنىڭ قېشىغا كىردىم.ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن ئەپقاچقان ھالدا :
-بالام،ئۆزۈڭ بىلىسەن،غۇلام داداڭ رەھمەتلىك داداڭنىڭ جان –جىگەر ئاغىينىسى،داداڭ رەھمىتى ھايات ۋاقتىدا ئۇ ئىككىسى دائىم ئايرىلماي دېگۈدەك بىللە يۈرەتتى.سەنمۇ كىچىكىڭدىن ئۇياقنى ‹‹غۇلام دادا›››دەپ چوڭ بولدۇڭ.....-دەپ دەپلا گېپىنى توختىۋالدى. ئاپامنىڭ ماڭا ئېغىز ئېچىشقا ئارسالدى بولىۋاتقان بىر گېپى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.
-ھە،شۇنداق بولغاندا نېمە دېمەكچىسىز..؟-دېدىم   ئانامنىڭ كۆزىگە قاراپ.
-مەن...غۇلام داداڭ...،-ئانام يەنىلا گېپىنى ئوچۇق قىلالماي دۇدۇقلاپ قالدى.
-بولدى،گەپ بولسا ئوچۇق قىلىۋېرىڭ...-دېدىم مەن.
-غۇلام داداڭ  ‹‹ئىككىمىز توي قىلىپ قالساق...››دېگىلى خېلى بولغان،شۇڭا سېنى...
-مېنى نېمە دەركىن دەپ مەسلەھەت سېلىۋاتامسىز؟ئۆزىىڭزچۇ؟قانداق قىلماقچى ....؟-دېدىم مەن،ئاۋازىم يوغانراق چىقىپ،چىرايىممۇ ئۆزگىرىپ كەتتى.
-مەن،شۇ....سېنىڭ ئاغزىڭغا قاراپ...-دېدى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.
- ئۇ ئادەمنى نېمە  ئۆيىمىزگە تولا قاتىراپ،بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتتىكىن دېسەم ،ئەسلى ئىش مۇنداقكەن –دە.ئائىلىمىزدە كەينى –كەينىدىن مۇسىبەت يۈز بېرىپ،شۇنداق دىشۋارچىلىقلار كەلدى،دادام تۈگەپ كەتكىلى تېخى ئىككى يىل بولماي،دادامنىڭ كىرپىكىگە توپا قونماي تۇرۇپلا ،سىز توي قىلىشنى غېمىدە قالدىڭىزما؟تېخى رەھمەتلىك دادامنىڭ جان –جىگەر ئاغىينىسى بىلەن،ئۇ دادامنىڭ ئاغىينىسى ئەمەس دۈشمىنىكەن،ھەقاچان ئالدى بىلەن سىزنى قولغا كىرگۈزۈپ،ئاندىن دادامدىن قالغان شۇنچە مال –مۈلۈكنى قولغا كىرگۈزەي دېگەندۇ....!دادا....جېنىم دادا....بۇ سەتچىلىككە نېمە دەي دادا...!؟-بىر تەرەپتىن يىغلاۋاتىمەن،بىر تەرەپتىن ۋارقىراۋاتىمەن،ئانام بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالماي مەن بىلەن تەڭ قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى.تازا پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالغاندىن كېيىن ئالدى –ئارقامغا قارىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.چىقىپلا بىرنەچچە ئاغىينىلىرىمگە تېلىفون قىلىپ چىلاشقۇدەك ئىچىشكەندىن كېيىن،ئۆيگىمۇ كەلمەي مېھمانخانىدا تۈنەپ قالدىم.ئەتىسى كۈن چۈشكىچە ئۇخلاپتىمەن،بېشىم شۇنداق ئېغىر،خىرە –شىرە ئەسلىسەم ئاخشام بىز بىلەن بىرگە ئولتۇرغان بىر قىز بىلەن ياتاققا بىللە سۆرىشىپ كىرگەن ئېسىمدە بار،قارىسام ئۇ قىز يوق،ئالمان –تالمان يانچۇقلىرىمنى ئاختۇردۇم،يانچۇقۇمدا بىر موچەنمۇ پۇل قالماپتۇ،بىراق كىملىك،كارتا  قاتارلىقلار جايىدا باركەن،ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇنچىغا كىرىپ سوغۇق سۇدا بولىشىغا يۇيۇندۇم،يۇيىنىۋېتىپ ئانامنىڭ ئاخشامقى گېپى يەنە ئېسىمگە كېلىۋالدى،كۆز ياشلىرىم مۇنچىنىڭ سۈيى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.ياتاقنى قايتۇرىۋېتىپ تورخانىغا كىردىم.تورخانىدا ئولتۇرۇپ ئالمىرەگە تېلىفون قىلدىم.ئۇ مېنىڭ تورخانىدا ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ كوتۇلدىغىلى تۇردى.ئاخشامقى ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا قاتتىق تەگدىم،ئۇ يىغلىغان پېتى تېلىفوننى قويىۋەتتى.ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى،ئۇنىڭغا تېلىفون قىلسام پەقەت ئالغىلى ئۇنىمىدى.مېنىڭمۇ خۇيۇم تۇتۇپ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلمىدىم،كاللام بەك قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىدى،ئانامنى كۆرسەملا جۇدۇنۇم تۇتۇپ قالاتتى،ئەسلىغۇ جۆرىسى تۈگەپ كەتكەلەرنىڭ توي قىلىشى نورمال ئىش ئىدى،بىراق دادام تۈگەپ كەتكىلى ئىككى يىل بولا –بولمايلا ئانامنىڭ توي ئىشىنى ئېغىزغا ئېلىشى ئەقلىمگە سىغمىغان ئىدى،بولمىسىغۇ مەن تونۇيدىغان نەچچە ئاياللار بار ،يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر توي قىلماي بالىلىرىنى ئۆزلىرى بېقىپ قاتارغا قوشقان.ئاناممۇ مېنىڭ پەيلىمدىن ئەنسىرەپ قالدىمۇ قانداق،ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان بولدى.ئارىلىقتىن ئىككى ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتتى. مەن ئالمىرەگە ،ئالمىرە ماڭا  بۇتناپ تېلىفون قىلىشمىدۇق،بىراق ئۇنى سېغىنمىغان بىر كۈنۈم يوق ئىدى،ئاخىرى بىر كۈنى چىدىماي يەنە تېلىفون قىلدىم،بىراق ئۇ يەنە ئالغىلى ئۇنىمىدى.شۇ ئارىلىقتا پاراللىل سىنىپتا ئوقۇيدىغان نۇربىيە ئىسىملىك بىر قىز تەلەپ قويۇپ خەت يېزىپتۇ،مەنمۇ ئالمىرەگە بۇتناپ ‹‹ماقۇل››جاۋابىنى بېرىۋەتتىم.نۇربىيە بىلەن يۈرۈپ ئوننەچچە كۈنلەر بولغاندا ،كىمدىن ئۇقتىكىن بۇ ئىشلاردىن ئالمىرە خەۋەر تېپىپتۇ،ئۇ تېلىفوندا يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا‹‹سىزگە بەخت تىلەيمەن،ماڭا نۇربىيەنى چوقۇم بەختلىك قىلشقا ۋەدە بېرىڭ،سىزنىڭ بەختىڭىزنى كۆرۈشمۇ مېنىڭ بەختىم...››دېدى.
ئۇنىڭ تېلىفوندا يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرىدىن ،مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم،يۈرىكىمگە قول سېلىپ باقسام،مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم.مەن شۇ ۋاقىتتىلا نۇربىيەنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى،ئىچىم ئاغرىپ ‹‹ماقۇل››دەپ قويغانلىقىمنى ئېيتىپ،ئايرىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدىم،ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئايرىلىپ كېتىش  تەلىۋىمگە قوشۇلدى.
ئالمىرە بىلەن يەنە يارىشىۋالدىم،ئۇنىڭغا ئانامنىڭ گەپلىرىنى ئېيتىپ بەردىم،ئۇ ماڭا بىرمۇنچە نەسىھەت قىلدى،ئۇنىڭ ئورۇنلۇق گەپلىرىنى ئاڭلاپ قايىل بولۇپمۇ قالدىم.خېلى ئۆزۈمگە كېلىۋالغاندەك قىلاتتىم.ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ بەش ئايچە  ئۆتكەندە ئالمىرە ماڭا تېلىفون قىلىپ ئايرىلىپ كېتىش تەلىۋىنى قويدى.مەن سەۋىبىنى سوراپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كېرىيەلىك بىر بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، ئۇ بالىنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى،ئۇ بالىنىڭ ئۆزىگە تەلەپ قويغانلىقىنى،مەندىن ئايرىلىپلا شۇ بالا بىلەن يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يالۋۇردۇم،دېمىگەن ياخشى –يامان گەپلىرىممۇ قالمىدى،ئۇ ھېچبىر يۇمشاي دېمىدى.ئەسلى ئۇ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە بېرىپ راسا بىر ئەدىبىنى بېرەي دەپ ئويلىغان،بىراق يەنە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم،شۇنىڭدىن تارتىپ قىز بالا دېگەنگە ئىشەنمەس بولدۇم.كۆزۈمگە جاھاندىكى ھەممە قىزلار شۇنداق ساختىپەز،ئالدامچىدەكلا تۇيىلاتتى.‹‹ئەمدى ھېچقانداق بىر قىز بىلەن مۇھاببەتلەشمەيمەن...››دەپ ئويلۇدۇم كۆڭلۈمدە،ئالمىرە،مەن ياخشى كۆرگەن،مېنىمۇ چىن يۈرىكىدىن سۆيىدۇ دەپ ئويلىغان ئالمىرە مېنى ئاسمانغا ئەچىقىپ،ئاندىن يەرگە تاشلىۋەتكەن ئىدى.شۇنىڭدىن كېيىن قىزلارنى ئەخمەق قىلىش ئادىتىمگە ئايلاندى.ئويۇن –تاماشىغا بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم،ئەپتىمدىن ھېچبىر ئوقۇغۇچىدەك قىياپەت چىقمايتتى.‹‹يەتتە بۆرە›تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم.بىر –بىرى بىلەن ئۆچمەنلىشىپ قالغانلار،باشقا بالىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلار مېنى ئىزدەيتتى.ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش بەدىلىگە تېگىشلىك ھەققە ئېرىشىپ تۇراتتىم.بۇ ئىشلارنى كىم ئاشكارىلاپ قويسا ،جەمىيەتتىكى ئاغىينىلىرىمگە ئېيتىپ ئەدىبىنى بەرگۈزەتتىم.شۇڭا مەكتەپتىكى مەندىن ئەدىبىنى يېگەن بالىلار گەرچە كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك قىلسىمۇ،بىراق ئاغزىدىن چىقىرالمايتتى.



داۋامى بار....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 8446
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 32311
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3741 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دات باسقان يۈرەك ( داۋامى )




لۈكچەكلىك قىلىپ جىدەل –ماجرا چىقىرىش،ئوقۇتقۇچىنى ئۇرۇش،مەكتەپنىڭ قائىدە –تۈزۈملىرىگە بويسۇنماسلىق،جەمىيەتتىكى ناچار بالىلارغا ئارىلىشىش.....قاتارلىق بىر قاتار قىلمىشلىرىم تۈپەيلىدىن ،مەكتەپ رەھبەرلىكى مۇزاكىرلىشىپ ،مېنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۋەتتى.مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگىنىمنى ئۇققان ئانام يىغلاپ ئايلىنىپ قالاي دەپ قالدى،كىچىك دادام،ئاناملار سوۋغاتلىقلارنى ئېلىپ مەكتەپ مۇدىرى،ئەخلاقىي تەربىيە مۇدىرى...قاتارلىقلارنىڭ ئۆيىگە نەچچە رەت كىردى،بىراق ئۇلار مېنى‹‹قىلمىشلىرى چەكتىن ئېشىپ كەتتى، قايتا مەكتەپكە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ››دەپ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ.、ئالمىرەدىن ئايرىلىش ئازابىنى تارتىپ بولالمايۋاتسام،مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلۈش ئازابى ماڭا تېخىمۇ ئېغىر كەلدى،گەرچە ئەسكىلىكتە خېلى ئۇچىغا چىققان بولساممۇ،بىراق قانداقلىكى بولمىسۇن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ،دادامنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈمىدىم بار ئىدى،ئالىي مەكتەپ ئىمتىغانىغا پەقەت بىر ماۋسۇملا قالغان ئىدى،ئەگەر مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلمىگەن بولسام ،ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشاتتىم .ئالدىنقى يىلى ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھانىغا قاتناشقان ،مەندىنمۇ ئۆتە لۈكچەك،ناچار بالىلار نوقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ كەتتىغۇ ؟مەكتەپ ماڭا يەنە بىر پۇرسەت بەرسە نېمە بولىدۇ....؟؟دېگەنلەرنى قانچىلىغان پۇشايمانلار ئىچىدە ئويلاپ مەكتەپتىن چېكىنىشىمگە سەۋەبچى بولغان ئەخلاقىي تەربىيە مۇدىرى بىلەن ماتىماتېكا ئوقۇتقۇچىسىغىمۇ  ئۆچلىكىم كەلدى.ئادەم دېگەن شۇنداق نەرسىكەن.‹‹ھەركىمنىڭ تېزى بېشىدىن ئېگىز ،ئۆزى كۆرمەيدۇ››دەپ،ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ئۆزىگە ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىكەن.مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن ھەممە نەرسە كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈشكە باشلىدى.بار ئاچچىقىمنى ئانامدىن چىقىرىپ،ھەدىسە ئۇنىڭغا ئورۇنسىز ۋارقىرايتتىم،ئانامنىڭ قانچە قېتىملا ئۈنسىز كۆز يېشى قىلغانلىقىنى ساناپ بېرەلمەيمەن،ئەسلى ئۇنداق قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى،بىراق ئۆزۈمنى تۇتالماي قالاتتىم.ئەخلاقىي تەربىيە مۇدىرى بىلەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچۇمدىن ئۆچ ئالماقچى بولۇپ نەچچە قېتىم قۇلاقكەستى ئاغىينىلىرىم بىلەن ئارقىسىدىن پايلاپ باقتىم،ئۇلار مېنىڭ پەيلىمدىن قورقۇپ سىرتلارغا يالغۇز چىقمىدىمۇ ياكى اللەھ ئىگەم مەندەك نىيىتى ياماننى مۇرادىغا يەتكۈزمىدۇ ئۇقمۇدۇم،ئۇلارنى كەچ ۋاقىتلاردا سىرتلاردا كۆرمۈدۈم،كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئۆچ ئېلىش ئىستىكىممۇ ئۆزلىكىدىن پەسىيىپ قالدى.
كۈنلىرىم بىكارچىلىق ئىچىدە لاغايلاپ يۈرۈپ ئۆتىۋاتاتتى،كۈندۈزى كۈن چۈشكىچە ئۇخلاش،ئاخشىمى تۈن تەڭگىچە دېسكوخانىلارغا،قاۋاقخانىلارغا ، ktv   لەرگە   بېرىش،تورخانىلاردا تۈنەپ 英雄联盟,逆战,QQ飞车,穿越火线 ....قاتارلىق تور ئويۇنلىرىنى ئويناش .... دېگەندەك ھازىرقى ياشلار مودا قىلىۋالغان ھەر خىل ئويۇن –تاماشىلارغا باشچىلاپ شۇڭغۇش،ھاراق ئىچىپ جىدەل –ماجرالارغا باش بولۇش ،كۈندە چ چ غا ،ئۈندىدارغا قىزلارنى قاچىلاش، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش،رەسىملىرىمىزنى ئەۋەتىش،ياقتۇرۇپ قېلىشقانلىرىمىزدا كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىش،قىلغىلى پەقەت ئىش تاپالمىغاندا ئۈچ –تۆتىمىز بىر موتېسكىلىتقا مىنىۋېلىپ چەت  كوچىلاردا ئوچقاندەك ھەيدەپ ،ئامرېكىنىڭ كىنولىرىنى دوراپ موتېسكىلىت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش .... مېنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇم بولۇپ قالغان ئىدى.ئويۇن –تاماشىلىرىمغا كېتىدىغان پۇللارنى ئاپامدىن ئالاتتىم،پۇل ئېلىشقا كەلگەندە مەندەك يۈزى قېلىن ئادەم ئىككىنچى تېپىلمايتتى،ئاپەممۇ دېگەن پۇللارنى بېرىپ تۇراتتى،بەرمەيمۇ ئامال يوق ئىدى،‹‹ئۇنداق ئادەم مېنى نېمشقا تۇققان؟دادامدىن قالغان شۇنچە پۇللارنى نېمە قىلماقچىدىڭىز؟...››دېگەن گەپلەر تەييارلا ئىدى سەل كەينىگە تارتقۇدەك بولسا.يىغلاپ نەسىھەت قىلسا :
- ئۆزىگە چۇمادۇ ئۇرۇپ ،زەھەرگە خۇمار بولۇپ  ئاق چېكىپ ئاتا –ئانىسىنى زار قاخشىتىدىغان،ئاتا –ئانىسىغا ‹.پۇل بەر››دەپ كانىيىگە پىچاق تەڭەليدىغان بالىلارمۇ بار جەمىيەتتە،مەن ئۇلاردىن كۆپ ياخشى...-دەپ ،مەندىن ناچار بالىلار بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۈرۈپ، ئۆزۈمنى ئاقلايتتىم.كىچىك دادىلىرىم نەسىھەت قىلسا،ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇپ جاۋابلىشاتتىم،شۇڭا ئۇلارمۇ مەندىن  ئۆزلىرىنى  تارتىپ يۈرىشەتتى.‹‹لاۋدا››لىق تالىشىپ  جىدەل چىقىرىپ بىر ئاغىينەمنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا چاناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى،ۋەقە ئېنىقلىنىپ بولغۇچە   تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا يېتىپ چىققانلىرىم،باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ  دوختۇرخانا چىقىملىرىنى ئاپامنىڭ تۆلىگەنلىرى،ئۆزۈمنىڭمۇ قانچە قېتىملاپ زەخمىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ چىققانلىقىم ....يەنە نۇرغۇن –نۇرغۇن ئىشلار ماڭا ھېچبىر ئىبرەت بولاي دېمەيتتى،بۇ ئەسكى ئىشلاردىن قول ئۈزەي دەپمۇ ئۈزەلمەيۋاتاتتىم،پاتقاققا تېخىمۇ  چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتاتتىم.
قىزلارغا قىلغان يالغان –ياۋىداق سۆزلىرىمگە ئۆزۈممۇ ھەيران قالاتتىم،بەزىدە ئۆزۈمنى گۇيا سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئارتىستتەك ھېسابلاپ قالاتتىم.قىزلارمۇ بۇ يالغان سۆزلىرىمگە ئىشىنىپ قالاتتى.قوشۇما قاشلىق،چوڭ –چوڭ قوي كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان،قاملاشقان بۇرۇتلىرى ئۆزىگە ياراشقان،ئارتىسلاردەك چىرايلىق بولغان مەندەك يىگىتنى قىزلار بەك ئىتتىك ياخشى كۆرۈپ قالاتتى.قانچە قىزلارنىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ماڭا تاپشۇرغانلىقى،قانچە قېتىم چەكلەنگەن مېۋىگە ئېغىز تەككەنلكىم بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايتتىم.بەزىدە ئاچامنىڭ :
-ئىككىمىز بىر قورساق ،ئۇ دۇنيا،بۇ دۇنيالىق  قېرىنداش،قىزلارنى ئۇنداق ئەخمەق قىلما،قىزلار ئويناپ تاشلىۋېتىدىغان قونچاق،كىيىپ تاشلىۋېتىدىغان كىيىم ئەمەس،ئۇنداق قىلما، شۇ قىزلارنىڭ ئۇۋالىغا قالىسەن، مەنمۇ شۇ قىزلارغا ئوخشاش بىر قىز بالا،سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ماڭا يېنىپ قالمىسۇن...-دەپ يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان نەسىھەتلىرى ئېسىمگە كېلىپ يۈرىكىم ‹.جىغغىدە››بولۇپ قالاتتى ۋە  شۇ قىزلارغا ئىچ ئاغرىتاتتىم-يۇ ،بىراق دەرھاللا ‹‹ئۆزىنىڭ شورى،مەن مەجبۇرلىمىدىم،ئۆزى ئىختىيار قىلدى››دەپ ئۆزۈمنى ئاقلايتتىم. ئالمىرەدىن ئايرىلىپ تۇنجى قېتىم قانغۇدەك  ياش تۆككەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا قىزلارنىڭ ھەممىسى كۆزۈمگە ئالدامچى بولۇپ كۆرۈنەتتى.مېنى ئالدىغان،مەن ئالدىغان ، بىزدەك نامى چىققان كوچا لۈكچەكلىرىنىڭ كەينىدە ئەگىشىپ يۈرگەن توپ –توپ قىزلارغا قاراپ.   ‹‹جاھاندا پاك،ئەخلاقلىق،ياخشى قىزلار ئاز قالدىمۇ نېمە؟››دەپ ئويلاپ قالاتتىم كۆڭلۈمدە .
كۈنلەر توختاۋسىز ئالمىشىپ تۇراتتى، تەبىئەت ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە بىر كۈندىن كېيىن يەنە بىر كۈننى كۈتۈۋالاتتى. قۇياش سېخىي نۇرلىرىنى  كەڭ كائىناتقا تەكشى ھەدىيە قىلاتتى. پەسىللەرمۇ بىر –بىرىگە ئۇلىشىپ ئۆز خاسىيەتلىرىنى نامايەن قىلاتتى،بىر –بىرىنى قوغلاپ ئۆتىۋاتقان بۇ كۈنلەر،ھەر پەسىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىكى، ماڭا ھېچبىر تەسىر كۆرسەتكەندەك ئەمەس ئىدى، تۇرمۇشۇمدا يېڭىلىق يوق،  كۈنلىرىم گەرچە خۇشال –خۇرام ئۆتىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ،بىراق بىر خىل مەنىسىز ئىدى.چىن يۈرىكىمدىن كۈلۈپ باقمايتتىم،يۈرىكىم قېتىپ قالغاندەك ،دات بېسىپ كەتكەندەك بىر خىل ھالەتتە ئىدى،مانا مۇشۇنداق ئويۇن –تاماششا،كەيپى –ساپا،ئىشرەتلەر ،قىيا –چىيالار بىلەن  ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.
بۈگۈنمۇ كۆزۈمنى ئېچىپلا ،يانفونۇمنىڭ سائىتىگە قارىدىم،سائەت ئون ئىككى بولاي  دېگەن ئىدى،سۇزۇلۇپ يەنە بىردەم يېتىۋالغاندىن كېيىن،كىيىملىرىمنى كەيمەي تۇرۇپ ئۈندىدارنى ئاچتىم.
ۋاي-ۋۇي،قالدۇرۇلغان ئۇچۇر دېگەنگە توشاق بولۇپ كېتىپتىغۇ.ھەممىسى دوست –بۇرادەرلىرىمدىن كەلگەن ئۇچۇرلار ئىدى،‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى››دىكى مەزمۇنلارنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتىم،‹‹يۈرەككە تەككۈدەك سۆزلەر››دېگەن يازمىدىكى ‹‹شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدىكى بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈنلىرىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ پۇشايمان قىلسەن،بىراق بۇ پۇشايمانلنىرىڭ ھەرگىزمۇ پايدا بەرمەيدۇ››دېگەن سۆز دەل مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمغىلا قارىتىلغاندەك، نەق بېرىپ يۈرىكىمگىلا تەگدى.ئىتتىكلا ئۆچىرىۋەتتىم بۇ يازمىنى،ھاۋا شۇنداق تۇتۇق،يامغۇر ياغىدىغاندەكلا قىلاتتى،كەيپىياتىممۇ ھاۋارىيىغا قاراپ   ناچارلاشقان  ئىدى، قىز دوستلىرىمدىن بىرقانچىسىنىڭ قالدۇرغان سۆزلىرىنى  ئازىراق ئاڭلاپلا بولدى قىلدىم،قالدۇرۇلغان ئاۋازلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاشقا ھەپلىسىم يوق ئىدى،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ  مۇنچا ئۆيگە كىرىپ ئەينەككە قارىدىم،ئانام كالا گۆشى تېڭىپ،قۇلىقى ئاڭلىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باققان بولسىمۇ،بىراق يۈزۈمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۆك تېخى يۈتمىگەن ئىدى،ئەلەم بىلەن يۈزۈمدىكى كۆكنى سىيلىدىم،بۇ ئىككى ھەپتە ئالدىدىكى نوچىلىق تالىشىپ قىلىشقان جىدەلنىڭ يالدامىسى ئىدى.يۈز –كۆزۈمنى يۇيۇپ ،ئاشخانا ئۆيگە كىردىم،ئانام مەن ئامراق گۆشناندىن بىرنەچچىنى  ،تەخسىگە سېلىپ ئۈستىنى يېپىپ قويغان ئىدى.قورسىقىمنى تويغۇزۇپ ،سىرتقا چىقماسلىق نىيىتىدە كومپىيوتۇرنى قوزغاتتىم.چ چ نى ئېچىپ كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئوقۇمايلا ئېتىۋەتتىم.
بىردەم مۇنبەر كۆرمەكچى بولدۇم،مۇنبەر ئارىلاپ ياخشى يېزىلغان تېمىلارنى تېپىپ ئوقۇپ بىردەملىككە بولسىمۇ  كەيپىياتىمنى تەڭشىدىم.تازا قىزىقىپ بىر پوۋېستنى ئوقۇۋاتسام ،يانفونۇم سايرىدى،ئالسام ئۆلۈشكۈن  كۆرۈشكەن بىر قىزكەن،ئۇ ئۆزىنىڭ زېرىكىپ كەتكەنلىكنى،ۋاقتىم چىقسا ئويناتقىلى ئاپىرىشىمنى ئېيتتى.مەن مىجەزىم يوقلىقىنى ئېيتىپ رەت قىلسام،ئۇنى –بۇنى دەپ ،يىگىتلىك غورۇرۇمغا تېگىدىغان  سۆزلەرنى قىلىپ ئاخىرى ماقۇلغا كەلتۈردى.ئۇنىڭ بىلەن كەچتە ‹‹بايۋەتچە››دېسكوخانىسىدا كۆرۈشمەكچى بولدۇق.ئارىلىقتا بىرنەچچە ئاغىينىلىرىمگە تېلىفون قىلىۋەتتىم.كەچكە يېقىن ئانامدىن پۇل ئېلىپ دېسكوخانىغا قاراپ ماڭدىم،دېسكوخانا ئالدىدا ئاغىينىلىرىم بىلەن ئۇچرۇشۇپ،قىزلارنى ساقلىدۇق،بىرئاز ۋاقىتتىن كېيىن  ھېلىقى قىز توزدەك ياسانغان بىرنەچچە دوستلىرى بىلەن كەلدى،ھەممىمىز بىرلىكتە دېسكوخانىغا كىردۇق.ھاراق دېگەن ئۈزۈلمەي ئىچىلدى،قىزلارمۇ ئىچىشتە بىزدىن قېلىشمىدى.بىر توپ ئالۋاستىلاردەك چىرقىرىشىپ ،ۋارقىراپ –جارقىرىشىپ،سەكرىشىپ تۈن تەڭگىچە ئوينۇدۇق،دېسكوخانىدىن چىققاندىن كېيىن  قىزلارنى يولغا سېلىۋېتىپ ،ئۈچىمىز بىر ئاغىينەمنىڭ موتېسكىلىتىغا مىنىپ ماڭدۇق،موتېسكىلىتتا ئولتۇرۇپ قىيا –چىيا بىلەن ئۇچىۋاتاتتۇق،بىر كەمدە ‹‹جاڭ››لا قىلىپ ،موتېسكىلىتتىن ۋايجانلىغىنىمچە  تىك موللاق چۈشتۈم.قالغان ئىككىسىمۇ  خېلى نېرىغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى.مەستلىكممۇ يېشىلىپ كەتكەندەك بولدى،ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولۇپ يەرگە تايانغان ئىدىم،سول قولۇمنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىقىدىن‹‹ۋايجان ››دەپ ۋارقىرىۋەتتىم.ئاستا ئۆمىلەپ ئىككىسىنىڭ قېشىغا باردىم،ئۇلارنىڭ باش –كۆزلىرى يېرىلىپ قان  يامراپ كەتكەن بولسىمۇ،ھەر ھالدا  تىنىقى باركەن،دېمەك ئۈچىلىمىز ھايات ئىدۇق.مىڭ تەسلىكتە  يەرگە چۈشۈپ قالغان يانفونۇمنى  كوچا چىرىقىنىڭ يورۇقىدا سىيلاشتۇرۇپ تېپىپ،كىچىك دادامغا  تېلىفون قىلىپ بار يېرىمىزنى ئېيتىپ بەردىم،كىچىك دادام ئۈچىمىزنى ماشىنىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئەكەلدى.سول قولۇم ئىككى يەردىن سۇنۇپ كەتكەن ئىدى،ئىككىسىگە قارىغاندا ھەر ھالدا مېنىڭ زەخمەم يېنىكرەك ئىكەن.ھېلىمۇ ياخشى ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقماپتۇ،ئەسلى يولنىڭ يېرىم بۆلىكى ياسىلىۋاتقاچقا ،ئاگاھلادۇرۇش تاختىيى قويۇلۇپ توساقتا توسۇۋېتىلگەن ئىكەن،ئۈچىلىمىز مەست بولغاچقا ھەم ئاغىينەم توساققا دىققەت قىلماي ، موتېسكىلىتنى ئۇچقاندەك تېز ھەيدىگەچكە،‹‹بىز ئۇچتۇق....››دەپ ۋارقىرىشىپ ،ئوبدانلا ئۇچۇپ توساققا ئۈسۈپ ، موللاق ئېتىپتىمىز.‹‹ئۆزۈم تاپقان بالاغا،نەگە باراي داۋاغا...››دەپ ،كەيپ –ساپانىڭ زىيىنىنى يەنە بىر قېتىم تارتتىم.دوختۇرخانىدىن چىقىپ بولغۇچە ئارىلىقتا غۇلام دادام ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ھالىمدىن خەۋەر ئالدى.مەن ئۇنىڭغا:
-سىزنى ھاقارەتلىگەن، ئانام بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلمىغان تۇرسام،ئۇنىڭغا  خاپا بولمامسىز؟مېنى نېمىشقا مېنىڭ ھالىمدىن بۇنداق ئوبدان خەۋەر ئالىسىز ؟-دېدىم.
-ماڭا قارا بالام،ئادەم دېگەن بۇ دۇنياغا تۆرەلگەنكەن،باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشى،ياخشى نام –ئاتاق قالدۇرىشى كېرەك،ياخشى نام ئالماق بەك تەس،يامان ئاتاققا ئېرىشىش بىردەمچىلىك .داداڭ رەھمىتى  باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلاتتى،شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ياخشى نام –ئەمەلى بىلەن ئەسكە ئالىدۇ،ئېسىڭدە بارمۇ بالام،مېنىڭ پۇتۇم سۇنۇپ كېتىپ نائەھلى خوتۇنۇم بىلەن  بىر قورساق قېرىنداشلىرىم مېنى  بېقىشتىن ئۆزىنى تارتقاندا،داداڭ رەھمىتى ئۆيگە ئەكىلىپ تاكى پۇتۇم ئەسلىگە كېلىپ بولغۇچە  ھالىمدىن خەۋەر ئالغان،‹‹بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس،بىر يامانلىق ئۇنتۇلماس›› دېگەن گەپ بار،ئۇنىڭدىن سىرت مېنىڭ تىجارەتتە روناق تېپىپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كېلىشىمدىمۇ داداڭنىڭ زور تۆھپىسى بار.داداڭ رەھمىتى بەك ئېسىل ئادەم ئىدى،مەن ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىنى بىر ئۆمۈر قايتۇرۇپ بولالمايمەن،-دېدى.
غۇلام دادام ماڭا دادام بىلەن ئىككىسىنىڭ مالغا بېرىش جەريانىدا يولۇققان قىزىقارلىق ئىشلىرىنى،قىيىنچىلىقلارنى،دادامنىڭ يول بويى باشقىلارغا قىلغا ياردەملىرىنى...دادامنىڭ مەن بىلىدىغان ،بىلمەيدىغان ئېسىل خىسلەتلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى
دوختۇرخانىدىن ئۆيگە يېنىپ چىققاندىن كېيىنمۇ غۇلام دادام ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.ئۇ ماڭا ياخشى ئادەم بولۇش،ياشلىقنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك توغرۇۇلق نەسىھەت قىلاتتى.ئۆزىنىڭ پۇل –ماللىرىنىڭ ئىككى قىزى ۋە ئۆزىگە كەڭرى يېتىپ ئاشىدىغانلىقىنى،ئاپام بىلەن توي قىلىشتىكى مەقسىدى ماڭا دادا بولۇپ ،مېنى يامان يولدىن قايتۇرۇپ،دادام رەھمىتىنىڭ روھىنى قورۇندۇرماسلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەتتى.
مۇشۇ كۈنلەردا رەھمەتلىك چوڭ ئانام،چوڭ دادام،داداملار تولا چۈشۈمگە كىرەتتى،چۈشۈمدە ماڭا يېقىن كېلەتتىيۇ،بىراق قاراپمۇ قويماي كېتەتتى،ياكى مېنى ئۆزلىرىگە يېقىنلاشقىلى قويماي  قېشىدىن نېرى ئىتتىرەتتى .بىر كۈنى رەھمەتلىك چوڭ دادام چۈشۈمگە كىرىپ قالدى، چۈشۈمدە چوڭ دادام ئالدىمدا كېتىۋاتقۇدەك،يېتىشىۋالاي دەپ ماڭسام،ئورنۇمدىن پەقەت  قوزغۇلالمىغۇدەكمەن،توۋلاي دېسەم ئاۋازىم چىقمىغۇدەك.تىت –تىت بولۇپ تېپىچەكلەپ تۇرسام ،چوڭ دادام تۇيۇقسىز ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ :
-ھەپتىيەكنى ئۆگىنىپ بولغان ئىدىڭ‹‹يادىلاپ بەر دېسەم ››قېچىۋاتىسىنا ؟قۇرئانغا قاچان كىرىسەن،ھەپتىيەكنى تولۇق ئۆگىنىپ بولالمىساڭ مېنى ئىزدىمە...!،-دەپ ،بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ ،كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ كېتىپ بارغىدەك،مۇشۇ گېپىدىن باشقا گەپلىرىنى ئاڭقىرالمىغۇدەكمەن.ئارقىسىدىن يۈگۈرسەم يۈگۈرەلمىگۈدەكمەن.‹‹چوڭ دادا.چوڭ دادا....!››دەپ توۋلىغىدەكمەن،كەينىمدىن بىرنەرسە كېلىپ كانىيىمنى بوغۇۋاتقۇدەك،بىرمۇنچە ئىتلار ئەتراپىمنى قورشاپ ھەدەپ ماڭا خىرىس قىلىپ قاۋاۋاتقۇدەك.قورققىنىمدىن چىرقىراپ كېتىپتىمەن.بىر كەمدە ئۆزۈمنىڭ خىرقىرىرىغان  ئاۋازىمدىن ئۆزۈم ئويغىنىپ كەتتىم،كۆزلىرىم ياش يۇقى تۇرىدۇ،‹‹قارا بېسىپتۇ››دەپ ئويلۇدۇم كۆڭلۈمدە.ئويغانغاندىن كېيىن چۈشۈمدە چوڭ دادامنىڭ دېگەن گەپلىرىنى  ئويلاپ ئۇيقۇم كەلمىدى.دېمىسىمۇ رەھمەتلىك  چوڭ دادام ھايات ۋاقتىدا  ئۆيدە ئۆزى بىر قوللۇق ساۋاق بەرگەن ئىدى،ساۋاقلىرىمنى يادىلاپ بەرسەم خۇشاللىقىدا مېنى مۇكاپاتلاپ پۇل بېرەتتى.قىرائەت قىلسام ئاۋازىم مۇڭلۇق چىقاتتى.خېلى كۆپ سۈرىلەرنى بىلەتتىم.ئەسلى دىنىي جەھەتتە  ئازىراق بولسىمۇ تەلىم  ئالغان مەندەك بالا ئەسكى يولدا ئەمەس،بەلكىم ياخشى يولدا مېڭىشى كېرەك ئىدى،بىراق ئاتالمىش مۇھاببەت،كەيپ –ساپا،جەمىيەت كۆرگەن ئاغىينىلىرىم مېنىڭ ئەقىل كۆزۈمنى توسۇۋالغان ئىدى.ئۈندىداردا كۆردۈممۇ ئېسىمدە يوق.‹‹كۆز كورلىقىدىن ئەقىل كورلىقى يامان››دېگەن گەپ ئېسىمگە كەچتى،گەرچە كۆزۈم ئوچۇق بولسىمۇ دىلىم قاراڭغۇلۇشۇشقا باشلىغان ئىدى،دۇنيا مەشىئەتلىرى ئەقىل كۆزۈمنى توسۇۋالغان ئىدى.ئەتىسى خامۇش ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم،غۇلام دادام كەلگەندە ئۇنىڭغا كېچىدىن كۆرگەن چۈشۈمنى سۆزلەپ بەردىم.
- سېنى قارا بېسىپ قاپتۇ ئوغلۇم،بولسا ناماز ئۆتەشنى ئۆگىنىپ  ،تەرەت ئالالمىغاندىن كېيىن ،تەييەممۇم قىلىپ بولسىمۇ ناماز ئۆتىگىن ،ناماز ئادەمنىڭ دىلىنى يورۇق قىلىدۇ،رەھمەتلىك بوۋاڭ،موماڭ ،داداڭ سېنى بەك ياخشى كۆرەتتى.داداڭ  رەھمىتى ‹‹مېنىڭ ئىزىمنى باسىدىغان،چىرىقىمنى ئۆچۈرمەيدىغان ئوغلۇم بار،اللەھ خالىسا ئوغلۇمنى چەئەلگىچە چىقىرىپ ئوقۇتىمەن،قانچىلىك ئوقۇيالىسا شۇنچىلىك ئوقۇتىمەن،مەن ياشلىقىمدا بەڭباشلىق قىلىپ دادامنىڭ گېپىگە كىرمەي ،ئويناپ يۈرۈپ ياخشى ئوقۇيالمىغان ئىدىم، مەندەك بىلىمسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئوغلۇمنى  چوقۇم ياخشى ئوقۇتىمەن ››دەپ سەندىن بەك زور ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى ،ئەپسۇس سەن مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلۈپ ،داداڭنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدۇڭ،ھېلىھەممۇ كېچىكمەيسەن بالام،سەن تېخى ياش،ئون گۈلۈڭنىڭ بىرى ئېچىلمىدى،كۈنلىرىڭ بۇنداق ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ،تېنچ –ئامان ساقىيىۋالساڭ ياخشىراق  ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتقىن،كەيپى –ساپا ئادەمنىڭ ئۆمىرىنى چىرىتىدۇ،ئاخىرى باشقا بالا بولىدۇ...،-دەپ بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلدى غۇلام دادام  . ئۇنىڭ گەپلىرى ئارقىلىق مەن  بۇزۇپ –چېچىپ خەجلەۋاتقان پۇللارنىڭ دادامنىڭ قانچىلىغان قان –تەرى بەدىلىگە كەلگەنلىكنى ،دادامنىڭ  ئۈمىدىنى ئاقلىيالمىغانلىقىمنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم،چۈشلىرىمدە بوۋام،مومام ،داداملارنىڭ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقلىرىنى ھازىرقى ناچار قىلىقلىرىمغا باغلاپ چۈشەندىم.
مەندە ھەر ھالدا زەررىچە بولسىمۇ  نومۇس تۇيغۇسى باركەن،دادامنىڭ ئەجرىنى يەردە قويغانلىقىمدىن ،بىرنەچچە يىللىق ئۆمرۈمنى بىھۇدە ئۆتكۈزگەنلىكمدىن ئۆكۈنۈش تۇيغۇلىرى ئازىراق باش كۆتۈرۈپ چىقتى.





داۋامى بار.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 12:03 AM  


تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7329
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەرگە مەن قىسىلىپ   داۋامىنى ساقلاپ باقاي  ، غەيرەت قىلىپ  مۇكاپاتقا  ئىرىشىپ قالسىڭىز   كاۋا سەي  لەغمەندە  مېھمان قىلىشنى   ئۇنتۇپ قالماڭ .. ھا ھا ھا  

گۈل دىگەن  كۆڭۈلنىڭ  ئاددى  سىموۋلى ، خارلانماس  زەھەرلىك  يىلان ئالدىدا

ئويلان جىسمىنىڭ چاكىرى ئىنسان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32111
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4756
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:45 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۇرسىز مەن مايەدىن ئۆتۇپ كىتىۋاتقان داۋامىنى ياناشىمدا ئوقۇي غەيرەت قىلىڭە

قېرىنداشىق+دوسلۇق+مۇھتاج=  جاسارەت. ساداقەت . ئىشەنچ . ئىشىنىش. ھىمايە .بۆلۈشۈش . ئادىللىق. ھەمكارلىق.سىرداشلىق . ۋە كۆڭۇلبۈلۈش..100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 1740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1683
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1199 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 05:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇسلىنە مومىمىز   ،   مۇكاپاتلىنىپ قالسىڭىز ، شۇ نەرسىلەرنى  بوياققا تىگىشىپ ،چېچىمنى قارىدايمەن دەپ يۈرمەڭ ئەمدى .                 « چاخچاق  »   

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108984
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-8-6
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە كىرىپ 2-ئۇچراتقان ياخشى ئەسەر بولدى

كوچا  چىراقلىرىدەك بولما ، كىم ئۈچۈن  يانغىنىڭ  ئىنىق  بولسۇن  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 603
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ،،،،،،چۈشىنىشلىك ،تىلى راۋان چىقىپتۇ داۋامىغا تەشنامەن،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12485
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەدەمنىڭ مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە باسقان قەدىمىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. تولۇق ئوقۇپ چىقاي!

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102567
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىشىشىگە تىلەكداشمەن داۋامىنى ساخلايمەن

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرىكىم بىلەن بىر  كۈن ياشاپ باققان  بولساڭ .....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش