مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: musilina

دات باسقان يۈرەك ( مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 05:42:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 05:47:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دات باسقان يۈرەك ..   ماۋزۇسى سەل ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102693
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 05:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 05:14 PM
مەزمۇنى ھازىرقى دەۋىر  ياشلىرىغا چۈشۈپ قالغۇدەك

بىز ئىپار پۇراقلىق قەبرىنى ساقلاپ ئولتۇرساق سىز بۇ تىمغا كىرىپ ئېنكاس يېزىپ كىتىپسىز  ئوقۇرمەننى كۆزگە ئىلش دىگەننى بىلەمسىز  يا جىلۋەم .
ئوقۇپ ئالدىراشمىكى دەپ توغرا چۈشەنگەن لىكىن ما ئىنكاسىڭىزنى كۆرەپ ئادەم ئەخمەق قىلۋىتىپتۇ دەپ چۈشەندىم جىمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 06:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aliFF يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 05:52 PM
بىز ئىپار پۇراقلىق قەبرىنى ساقلاپ ئولتۇرساق سىز بۇ تى ...

ئۇف ،  كەچۈرۈڭ .....
بىر نەچچە كۈندىن بىرى راستىنلا ئالدىراش  ئىدىم ، مۇنبەرگە كىرىپلا بۇ تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، شۇڭا ئىنكاس يېزىپ قويغان ئىدىم ...
ئىپار پۇراقلىق قەبرىنىڭ داۋامى تىخى ھازىر يوللاندى ...خاتىرجەم بولۇڭ ،مەن ھەرگىز سىلەرنى ئەخمەق قىلمايمەن سىلەر مىنى ئەخمەق قىلمىساڭلارلا

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77463
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-3-15
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:43:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 09:07:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىمنى ياقتۇرغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن.....

ئەسەرنىڭ داۋامى تېز سۈرئەتتە سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 09:14:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹دات باسقان يۈرەك››نىڭ داۋامى







قولۇم سۇنۇپ كەتكەننىڭ ياقى سىرتلارغا كۆپ چىقمىدىم،يېقىن دوستلۇرۇم چىللىغان ئويۇن –تاماششا سورۇنلىرىغىمۇ جىق قاتناشمىدىم،چىقىمدىن قورقۇپ ئەمەس،ئۇنداق سورۇنلارغا بارغاندىن كېيىن كېپ چىقىدىغان تەسادىپى ئاقىۋەتلەرنى ئويلاپ،‹‹يەنە بىر بالا –قازاغا ئۇچراپ قالماي›› دەپ بارمىدىم،يېقىن ئاغىينىلىرىمدىن بىرنەچچىسى يوقلاپ كەلگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرى مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى،ئۇلارنىڭ مېنىڭ خەجلەپ بەرگەن پۇللىرىمغا،سۈر –ھەيۋەمگە ،كوچا بالىلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئىناۋىتىمگە دوست ئىكەنلىكنى چۈشىنىپ قالدىم.يوقلاپ كەلگەن دوستۇمدىن ماڭا ئوخشاش ‹‹ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان››بىر ئاغىينەمنىڭ بىرسىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ،تۈرمىگە كىرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ ياش ھاياتىنىڭ تۈرمىدە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئېچىندىم.بۇ ئىشتىن ئىبرەت ئېلىش كېرەكلىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.
مېنى ئىزدىگەن،ماڭا ئاشق بولغان قىزلارمۇ ئاساسلىقى مېنىڭ  سۆلەتلىك تۇرقۇمغا،پۇللۇرۇمغا،ئوينۇتۇشلۇرۇمغا ئاشق ئىكەن ئەسلى. قىزلار بىلەنمۇ بەك كۆپ ئالاقە قىپ كەتمىدىم. كۆپىنچە  خاتىرە كومپىيوتۇرنى كارۋات ئۈستىگە قويۇۋېلىپ تورغا چىقىپ ،بىر قولۇم بىلەن  مائۇسنى باشقۇرۇپ مۇنبەر كۆرەتتىم،ئېسىل تېمىلارنى تاللاپ ئوقۇيتتۇم ياكى كىنو كۆرەتتىم.بەزى تېمىلارغا ئىنكاس يېزىپ قوياتتىم.ئۈندىدار ‹‹دوستلۇق چەمبىرىكى››دىكى ئېسىل مەزمۇنلارنى تاللاپ ئوقۇيتتۇم.ئانام دۇكاندىن قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن ھال –مۇڭ بولاتتىم.بۇرۇنقى‹‹ ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان››‹‹ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەيدىغان ›› لۈكچەك بالىدىن ھەر ھالدا  ئەقلىمنى تېپىپ  ئاستا –ئاستا ئۆزگىرىۋاتاتتىم.
بىر كۈنى چ چ دا  ياشتا چوڭ بىر ھەدەم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،ئۇنىڭ پىسخىلوگلاردەك سۆزلىرى ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلاتتى.ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم چ چ دا سۆزلەشسەم،دىلىم باشقىچە يورۇپ،كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپلا قالاتتى.ئۇ  ھەدەمگە ئۆزۈمنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم.
-        ‹‹ يېتىپ يېسە  تاغمۇ توشۇماپتۇ››دېگەندەك، دادىڭىزدىن قالغان مال-دۇنيالارنىڭ سىزنىڭ بۇنداق بىكار يۈرۈپ خەجلىشىڭىزگە توشۇمايدىغانلىقىنى، سىزھەر قېتىم  خەجلەيدىغان پۇللارنى ئانىڭىزدىن ئالغاندا ،ئانىڭىزنىڭ شۇ پۇللارنى تېپىش ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟-دەپ خەت يازدى  ھەدەم.
-        ئويلۇدۇم،-دەپ جاۋاب يازدىم.
-ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇنداق مەنىسىز ئۆتكەن كۈنلىرىڭىزگە ئېچىنمامسىز؟سىز دېگەن ياش،ياشلىق دېگەن ئادەمگە باقى –بەخشەندە ئەمەس،ئادەم ياشلىقىدا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىشى كېرەك. ھېلىھەممۇ كېچىكمەيسىز،‹‹دادام رەھمىتىنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن›،دېسىڭىز ،قولىڭىز ساقايغاندا بىرەر ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتۇڭ.
-ئىنسان دېگەن تۇغۇلىشىدىن ئەسكى بولۇپ تۇغۇلمايدۇ،چوڭ بولۇش جەريانىدا ئۇ ياشاۋاتقان مۇھىت ،ئۆزىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئادەمدە  شۇ خىل خارەكتىر –مىجەزنى يېتىلدۈرىدۇ...
ئۇ ھەدەم ماڭا يەنە نۇرغۇنلىغان نەسىھەتلەرنى قىلدى،ئۇنىڭ يازغان سۆزلىرىنى ئوقۇدۇم-يۇ،خىجىللىقىمدىن جاۋاب قايتۇرالمىدىم.ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى شۇنداق ئورۇنلۇق،جايىدا ئېيتىلغان سۆزلەر ئىدى،ئۇ ماڭا ‹‹خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر››ناملىق رومانىدىكى ‹‹ئويۇن -تاماشا ،ئەيشى -ئىشرەت، كەيپ -ساپا ئەزەلدىن ئادەمنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغان ئەمەس،بۇرۇنمۇ بۇنداق بولۇپ باققان ئەمەس،بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇنداق بولمايدۇ،ئادەم ئۆزى ياراتقان ئەمگەك بىلەن ،ئۆزى ياراتقان قىممەت بىلەن ئەزىزلىنىدۇ،بىز ئۆزىمىزگىلا ئادەم ئەمەس،بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بىز مۇھتاج بولىدىغان،بىزگە مۇھتاج بولىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار،چېكىدىن ئاشقان كەيپ -ساپا ،تۇرمۇشقا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك ئادەمنى چۈشكۈنلۈككە باشلاپ كىرىدۇ››دېگەن مۇھىم نەسىھەتلىك مەزمۇننى  ئەۋەتىپ بېرىپ،مۇشۇ سۆزلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇمنى تاپىلىدى.
ئىلگىرىمۇ ئانام ،كىچىك دادام،خۇلۇم –خوشنىلار....ماڭا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلغان ئىدى،ئۇ نەسىھەتلەر ئۇ قۇلىقىمدىن كىرىپ،بۇ قۇلىقىمدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى،بىراق غۇلام دادام بىلەن ئۇ ھەدەمنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىمگە تەگدى،مېنى يامان چۈشتىن ئويغاتتى.راست،ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئەسكى بولۇپ تۇغۇلمايدۇ.مەنمۇ ئەسلىدە  ئەسكى بالا ئەمەستىم،ئۆزۈمنى ئۆزۈم شۇنداق ئەسكىلەشتۈرىۋاپتىمەن.ئائىلىمىزگە  كەينى –كەينىدىن كەلگەن مۇسىبەتنى،بايلىقىمىزنى،مۇھاببەتتىن كۆڭلۈم ئازار يېيىشلەرنى،جەمىيەتتىكى ئالىقاپ ئاغىينىلىرىمنى ...ئەسكى يولغا كىرىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى قىلىۋاپتىمەن،قەلب كۆزۈمنىڭ كورلىقىدىن سەۋەنلىكنى ئۆزۈمدىن،ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسىزلىقىمدىن،تۇرمۇشقا توغرا قارىيالمىغانلىقىمدىن ،مۇھاببەت يولىغا بالدۇر قەدەم بېسىپ قالغانلىقىمدىن،‹‹بالدۇر ئېچىلغان گۈلنىڭ بالدۇر توزۇپ كېتىدىغانلىقىنى››دىن ...   كۆرمەپتىمەن،ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ياخشى كىشىلەر،نۇرغۇن ياخشى ئىشلار،ئانامنىڭ،ئۇرۇق –تۇققان،ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرىمنىڭ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆيۈنۈشلىرى،مېھرى –مۇھاببىتىنى ھېس قىلالماپتىمەن.قىسقىسى ئۆزمنى ئۆزۈم نابۇت قىلىپ،بىرنەچچە يىللىق ياشلىقىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ، يامان نام بىلەن ياشاپتىمەن.




داۋامى بار....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106654
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-5-11
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 09:23:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام مۇسلىنە ئاچا ئەسىرىرىڭىز ياخشى چىقىۋاتىدۇ تېخىمۇ تىرىشىڭداۋامىنى يەنە تېزراق يوللىغان بولسىڭىز بۇرۇن دىلناز ئاچاممۇ مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى كوپ يازاتتى بىراق ئۇزاق بولدى كورۇنمەيدۇئەسىرىڭىزنىڭ ياخشى چىقىشىغا تىلەكداشمەن ھارمىغايسىز

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 09:13:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاي، ئېنكاسنى بىراقلا يازامەن ھەدە.
مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110022
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2014-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 03:01:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن، ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ،ئۇكامنىڭ بەئەينى ئۆزى تەسۋىرلىنىپتۇ.ئۇلۇغ ئاللادىن ئۇكامغا ئىنساپ ۋە ھىدايەت تىلەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش