توردا ماختاش بەك ئاسان،
دەسمىي كەتمەس ئۇنىڭغا،
نىمە كارىڭ دەپ يەنە،
ئاچچىقلانماڭ بۇنىڭغا.
كۆپلەر باركىن ئاق كۈڭۈل،
چىن كۈيۈنەر دېھقاندا.
ئاز ساندىكى يوق ئەمەس،
قوشاق تۇقار ئالۋاڭغا.
ھەتتا تېخى بىلسەڭلار،
بارمىغان ھەم سەھراغا.
ئەسسالام دەپ بىر قېتىم،
قول سۇنمىغان دېھقانغا.
ئەسلا چىقىپ باقمىغان،
ئىش قاينىغان ئېتىزغا.
كەلمىگەن ھەم ئۆمرىدە،
دېھقان بار شۇ خامانغا.
كەتمەن چېپىش نىمە ئۇ،
چىن جاۋاپ يوق ئۇنىڭدا.
كېۋەز تىرىش ئەسلا يوق،
مامۇق پاختا ئۇيىدا.
سەي ئالماق بۇپ چىقسا گەر،
قايناق ئازنا بازارغا.
شۇنچە پىسقى تۆۋە دەي،
ئاھ دېھقىنىم ئالدىدا.
بەشمۇنىمۇ تالىشار،
چىڭ سىقىمداپ قولىدا.
ئاتار پونى زەي سالماي،
مانا ئىنكاس- يازمىدا.
سۆكەي دىسەم ئۇلارنى،
مىسال كۆپتۇر ئويۇمدا.
گۇناھىنى ئۇلارنىڭ-
ئارتماي بولدى بوينۇمغا.
غېيۋەت بۇلۇپ قالمىسۇن،
ئېبرەت بولسۇن پەقەتلا.
كەچۈرۈڭلار سۆزلۈرۈم،
ئارتۇق كەتسە جان دوستلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kepanogrisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-24 12:52 AM