مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6856|ئىنكاس: 43

مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە : زەينەپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12199
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 05:16:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                              زەينەپ
                                                   (پوۋىست)
بالاخور نەپسى


       نېشىنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى ۋە تاماكىنىڭ قاڭسىق ئىسلىرى ئۆيدىكى ھەممە نەرسىگە شۇنچىلىك ئورناپ كەتكەنكى تالادىن كىرگەن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۇرۇپلا قوياتتى. 10 نەچچە كىشى بۇ كىچىككىنە ئۆينىڭ ئىچىدە ئوڭغۇل- دوڭغۇل يېتىشىپ قاسىم بەڭنىڭ قولىدىكى نېشە قاپىقىنىڭ قاچانلادا قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئۆزلىرىگە كېلىشىنى كۈتۈشمەكتە.
- قوپە ئانناڭنى قوڭالتاق، سېنىڭ ئوسۇرقىڭنى پۇرىغىلى كىرمىدىم مەن، دىدى توختى قاۋان مامۇت يۇمشاقنىڭ كۈتىگە تېپىپ.
- نەدىكى ئوسۇرۇققكەن ئۇ، ئوسۇرۇقمۇ يىسە چىقا، ئانناڭنى قاۋان ئەجەپ تېپىسىنا.
- ھېلى بىكا ئاناڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ قويىمەن ھېجىقىز سولامچى، دىدى توختى قاۋان ھۆرپىيىپ ئورنىدىن تۇرۇپ.
- سولامىچىلىق قىلىپ خوتنىڭنى سولاپ بەردىمما كۆت گۇي. ئەزەلدىن قاتتىق گەپ قىلمايدىغان توختى يۇمشاق ھېلىلا ھەممىسىدىن بالدۇر كېلىپ، خوتۇنى سارەمدىن ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ چىققان 4 تۇخۇمنىڭ كۈچى بىلەن قاسىم بەڭدىن ئېلىپ چېكىۋالغان نېشىنىڭ كۈچىنى كۆرىۋاتاتتى.
- ھە نىمە بولۇشتۇڭ، بىكالىقتىن ئۆي بەرسەم ئەمدى مېنى كۆزگە ئىلىشمىغىدەك بولۇشتۇڭما، ھېلى بىكا ھەممىڭنىڭ كۈتىگە بىگىز تىقىۋېتىمەن، كۈرۈڭ بۇ ھېجىقىزلارنىڭ نوچىلىقىنى، قاسىم بەڭ شۇنداق دەپ ئورنىدىن بىر قىمىرلاپ قويىۋىدى ھەممىسى جىممىدە ئورۇنلىرىغا بېرىشتى.
توختى قاۋان ئۆزىچە خورلۇق ھېس قىلدى، مامۇت يۇمشاقنى ئەزەلدىن بۇزەك قىلىپ كۆنۈپ قالغان بۇ قاۋان يارەنلىرى ئالدىدا قاتتىق ھاقارەتلەنگەندەك ئەلەملىك بىر تولغىنىپ، كۈچلۈك بىر ئاداۋەتنىڭ ئۇرۇقىنى ئەپچىلگىنە قىلىپ كۆڭلىگە تېرىدى.
توختى قاۋان مەھەللىدىكى شۇ دېمەتلىك ياشلار ئارىسىدا داڭقى بار موتىھەم، بۇ مەھەللىدىكى ياشلارلا ئەمەس ياشانغانلارمۇ بۇ قاۋاننىڭ چىشىغا تېگىشنى خالىمايدۇ. توختى قاۋاننىڭ ئانسى ئارقا- ئارقىدىن 4 قىز تۇغۇپ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى. رەھمەتلىك ئاتىسى ھېلىماخۇن ياغاچچىلىق ھۈنىرى يىراق- يېقىندا داڭقى بار يۇۋاش- يۇمشاق كىشى ئىدى. رەھمەتلىك، توختى قاۋان تۇغۇلىدىغان چاغدا مازارغا بېرىپ، ئۇلۇغلاردىن ئۆزىگە بىر پەرزەنت بېرىشنى تىلەپ بىر قوي ئۆلتۈرۈپ نەزىر بەرگەن ئىدى، كىم بىلسۇن رەھمەتلىك بالا تىلەپمىدىكىن ياكى بالا تىلەپمىدىكىن بۇ بالا تۇغۇلغاندا ئۇلار خوش بۇلۇشۇپ، تۇرۇپ قالسۇن دەپ بالىغا توختى دەپ ئىسىم قويدى، بۇ ئەتىۋارلىق ئوغلىنىڭ قىلمەن دىگىنىنى قىلىپ بېرىپ ناھايتى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلدى.
- بالىنى يامان ئۆگۈتۈپ قويدىڭلار ئانىسى، مانا كۆمەمسىلەر كىچىككىنە تۇرۇپ خەقنىڭ قىزىنى بېسىپ يۈرگىنىنى ئادەمنى نۇمۇسقا قويدىغۇ. دىدى ھېلماخۇن ھېللا خوشنىسى پاتامخاننىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دىگەن گەپلىرىدىن ئەندىكىپ كېتىپ.
- نىمە بوپتۇ، دىدى مارجانخان بايلارغا خاس نازاكىتى بىلەن.
- نىمە بولاتتى مۇنۇ بالاڭلار خوشنىمىز پاتامخاننىڭ قىزىنى بىزنىڭ باغدا بېسىپ ...
- ھە ئەمدى مويدىن باينىڭ بىردىن بىر ئوغۇل نەۋرىسى بۇ مەھەللىدىكى يالاڭتۆشلەرنىڭ ئىنجماتۇقلىرىغا ماندا بى چاقچاق قىلىپ قويسا بولمامدىكەن؟ بالام يا ئۇ نان يىمىگەننى بۇزۇپ قويۇپتىما؟
- تۆۋە دەڭلا خوتۇن، بالا كىچىك ئەمەسمۇ تېخى، بىز نەسىھەت قىلايلى دەپ چىقاردىم. مەن دەيمەن بىزمۇ بالىغا نەسىھەت قىلايلى بولمىسا بالا يامان ئۆگۈنۈپ قالىدۇ. لېكىن ھېلماخۇن بالىسىنىڭ خويىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس، قانچە دىگىنى بىلەن خوتۇننىڭ دىگىنى دىگەن بۇ ئۆيدە. شۇنداق قىلىپ بۇ بالا مەھەللىدە ئالا ئۈرۈك بۇلامدۇ، تۇخى- توشقان بولامدۇ، خەقنىڭ تېرىغان قوغۇن- تاۋۇزلىرى بولامدى ئىشقىلىپ ئۆزلىرىدە يوقكى نەرسىلەرگە ئاراملىق بەرمەي توختى قاۋان دىگەن لەقەمنى ئېلىپ چوڭ بولدى، ئۇنىڭ تاپا- تەنىلىرى يۇمشاق ئاتىسىغا كېلەتتى. بۇ قاۋان يىگىتلىك بوسۇغۇسىغا قەدەم باسقان چاغلىرىدا ئانىسى مارجانخان ئاتىسى مويدىن باينىڭ ئۆيىدىكى ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا سېلىپ يۈرۈپ، ئالتە ئايماقنى قېزىپ تىرناقتا توختىغىدەك چىرايلىق قىزىدىن بىرنى ئېلىپ بەردى، خوتۇن ئالغان بۇ قاۋان ھەر ھالدا سەل- پەل يۇمشاپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ چىرايلىق ئايالى ئارزىگۈل تۇنجى بالىسىغا قوساق كۆتتۈرىۋىدى تولا تۇغۇپ بالىسى توختىماي قورقۇپ كەتكەن مارجانخان كېلىنىنىڭ ھەر ھالدا ئەتىۋارىنى قىلىپ تۇنجى قېتىم مەھەللە كويدا ياخشى نام ئالدى.
يەر- جاھان ئېرىپ، بۇلبۇللار سايرىشىپ، دەل- دەرەخلەر چوكانتال بولغان مەزگىلدە توختى قاۋاننىڭ ئايالى تۇغۇپ، ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قىرقىسىنى چىقارغىلى ئېلىپ كېتىلدى. بىر كۈنى توختى قاۋاننىڭ نېشە خۇمارى تۇتۇپ، ئاياغ مەھەللىدىكى نۇرى توكۇرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ يولنى قىسقارتماق بولۇپ مېڭىۋاتقان يولىدىن ئەگىپ، بىر خالتا كوچىغا كىرىپ، كوچا ئايىغىدىكى باغدىن ئارىلاپ ئېتىز بويىغا چىقتى، ئۇ كېتىۋېتىپ يان تەرەپتىكى توپىسى ئويۇپ ئورەك قىلىنپ بېدە تېرىلغان 2 پۇڭمۇ كەلمەيدىغان ئېتىزدا يالغۇز بېدە تىرىۋاتقان، گۈللۈك چىت كۆينەك كىيىۋالغان كىچىك قىزنى كۆرۈپ كېتىپ قېلىپراق بىردىنلا نەچچە ۋاقتىن ئايال زاتى كۆرمىگەنلىكى ئېسىگە كېلىپ، يۈرەكلىرى تىپىچەكلەپ، كۆزلىرىدىن ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئۇچقۇنى چاقناپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بىراقلا بۇرۇلۇپ، ئالدى- كەينىگە قاراپ ئورەككە كىردى دە قىزنىڭ يېنىغا كەلدى.
- سىزمۇ بېدە تەگىلى كەلدىڭىزما؟ سورىدى قىز يېنىغا كەلگەن توختىنى كۆرۈپ.
- مەن سىزگە تىرىشىپ بېرەيمۇ؟ ئىسمىڭىز نىمە؟
- ئىسمىم ئايگۈل، مەن خېلى تەردىم، سىزمۇ تېز بولۇڭ ھېلى ئېگىسى كېلىپ قالسا بېدىمىزنى تاتىۋالىدۇ، دىدى قىز كۈلۈمسىرەپ قويۇپ. توختى قىزنىڭ پەرۋاسىز يەرگە ئىڭىشىپ بېدە تىرىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۈستىدىكى چاپان، كۆڭلىكىنى سېلىپ قولىغا پوملاپ، بىر قولىدا قىزنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە تارتىپ يەردە ياتقۇزۇپ قولىدىكى پومزەكلىگەن چاپان، كۆڭلەكنى قىزنىڭ ئاغىز- بۇرنىغا تىقىپ تۇرۇپ، قىزنىڭ ئىشتىنىنى تارتىپ، يىرتىپ دىگىدەك قىزنى ئاستىغا بېسىۋالدى، نىمىش بولغانلىغىنى بىلەلمىگەن قىز چەكچەيگىنىچە توختىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ئارقىدىنلا قاتتىق ئاغرىق دەستىدىن توۋىلىيالماي قالغان قىز تىترەپ، توختىغا غەزەپ ئىچىدە چەكچەيگىنىچە ھېقىسداپ يىغلاپ ھۇشىدىن كەتتى، قاۋان ئىشىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، چاترىقىدىن قان ساقىپ قالغان قىزغا قاراپمۇ قويماستىن كىيىمىنى كىيىپ ئېتىزدىن چىقىپ نېشە چەككىلى كەتتى.
بېدىلىكىدىن بېدە تەرگەنلەرنى تۇتىۋالسا، تەرگەن بېدىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئېلىۋېلىپ، ئاز بىر قىسمىنىلا بېرىپ تىللاپ ھەيدىۋېتىدىغان نۇسرەتخان بۈگۈنمۈ ئادىتى بۇيىچە بېدىلىكىگە چىقتى. بېدىلىكتىكى باللارنى كۆرۈپ ئۇلارنى تىلاي دەپ تۇرۇشىغا يان تەرەپتىن ۋاقىراپ كېلىۋاتقان سالى چۇرۇقنى كۆرۈپ ئاغىزىغا كەلگەن گەپنى يۈتىۋتىپ سالى چۇرۇققا قاراپ، - نىمىش بولدى دىدى.
- مەنمۇ بىلمىدىم.
- نۇسرەتخان ئاچام سەل ۋاققا قالساق بېدىمىزنى ئېلىۋالىدىكەن دەپ سەھەردىلا بېدە تېرىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن، مەن ئانىسى بىلەن سايدىكى ئېتىزنىڭ قىرىغا كەندىر ئۇرۇقى سالغىلى چىققان، ئانام چىقىپتۇ ئېتىزغا، ئايگۈلنى نۇسرەتخاننىڭ بېدىلىكىدە قان ئىچىدە ياتىدۇ دەيدۇ ،دەپ. ئانىسى ئانامنى يۆلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ شۇنداق دىگەچ ئۆرەككە كىرىپ، بىر كىگىز ئورنىدىكى  قان ئىچىدە ھۇشسىز  ياتقان ئايگۈلنى كۆرۈپ ئايگۈل دىسە ئايگۈل دەپ ۋاقىراپ قىزىنىڭ بېشىنى قولىغا ئالدى. قىزىنىڭ نىمە تالاپەتكە ئۇچرىغىنىنى پەملىگەن ئاتا ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلغىدەك قىلىپ قاتتىق ھۆكىرەپ يىغلاپ تۇرۇپ، ئەي خۇدا كۆزۈڭ بولسا كۆرگەنسەن، قانداق مۇپانىقنىڭ قولى باغاندۇ ھە، ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەنغۇ ... ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قىزىنى چاپانغا يۆگەپ يۈگۈرگىنىچە يېزىلىق دوختۇرخانىغا چاپتى، دۆختۇرلارمۇ پاتىپاراق بولۇشۇپ قىزغا ئاسما ئۇكۇل سېلىپ، ئۇنى – بۇنى قىلىپمۇ قىزنىڭ ئالدىدىن كېلىۋاتقان قانغا ئامال قىلالمىدى. بولمىغاندا ئۇلار قىزنى ناھيىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىشتى. دوختۇرلار قىزنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ، بالا ياتقۇسىنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى قىياس قىلىشپ ئامالسىزلىق ئىچىدە قىزنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈشتى. يېرىم كېچە بولغاندا قىز بىر قېتىم قىمىرلاپ قويۇپ، ئۆزىگە بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇشقان ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققانلىرنى دەرت- ئەلەم، ھەسرەت- نادامەتنىڭ  ئىچىگە كۆمۈپ تاشلاپ، بۇ رەھىمسىز ئالەم بىلەن خوشلاشتى. قاتتىق يىغا- زارە ئىچىدە قىز يەرلىكىگە قويۇلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارلىقتا بۇ نۇمۇسلۇق خەۋەر مەھەللىدىن مەھەللىلەرگە پۇر بولۇپ، سالى چۇرۇققا قىزنىڭ ئۆلۈمىدىن بەتتەر ئەلەم بولدى.
- ئاكا ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ بۇنى قانداق ساقچىغا مەلۈم قىلىمەن؟
- ھەي، مەن ئەمەس سەن ساراڭ بوپسەن، دىدى داۋۇت زەردە بىلەن، قىزىڭ 18 ياشقا كىرگەن بولسىغۇ نۇمۇس قىلساڭ، ئۇ دىگەن تېخى ئاغىزدىن سۈت پۇراپ تۇرغان نارسىدە قىزغۇ، سەن مەلۈم قىلمىساڭ مەن قىلىمەن، جىنايەتچىنى تېپىپ جازاغا تاتقۇزمىساق قانداق كۆڭلۈڭ ئۇنايدۇ .
- لېكىن نىمە دەپ مەلۈم قىلىمەن، مەن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن، سەن بىلمەيسەن مەن تالا- تۈزگىمۇ چىقالمايۋاتىمەن.
- ھەي مەن ساڭا سۈت بەدىممۇ پوق بەدىممۇ؟ داۋۇت تۇغرا دەيدۇ، قىزىڭدا نىمە گۇنا با، بىز ئەرزى قىلمىساق ئايگۈل ئۇ ئالەمدە قانداق ياتالايدۇ. دىدى ئانا مىچىلداپ، كۈن بويى تولا يىغلاپ تۈگۈشۈپ كېتىۋاتقان كېلىنىگە قاراپ، -بالام مېنى يۆلەڭ بىز بارايلى ساقچىخانىغا .
ئۇلار سالى چۇرۇقنىڭ ئەرزى قىلمايمەن دىگىنىگە ئۇنىماي، قىزىنى يەرلكىدە قويۇپ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن  ناھيىلىك ساقچىخانىغا بېرىپ دىلو مەلۈم قىلىشتى. ساقچلار بۇ دىلۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، نىمىشقا ۋاقتىدا مەلۈم قىلمىدىڭلار دەپ ئەيىپلەپ، جىنايەتچىنى چۇقۇم تېز سۈرئەتتە پاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى قايتۇردى.
ئايگۈلنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن قورقۇپ قالغان توختى قاۋان ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆچەككە كىرگەن پاقىدەك  ئۆيدىن چىقمىدى. نېشە خۇمارى تۇتسا قايسى زامانلاردا ئۆگزىسىدە قۇرۇپ قالغان كەندىر ياغىچى ۋە قۇلاقلىرنى ئوۋاپ، كۆك موخۇركىنىڭ ئاچچىقىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ چېكىپ يۈردى، سەزگۈر ئاتا ئوغلىدىكى بۇ غەيرى ئەھۋالنى بايقاپ مارجانخانغا پىچىرلاپ دىدى، -ھەي ئانىسى توختى تالادىن كىرمەيتتى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى زادىلا تالا تۈزگە يولىمايۋاتىدۇ، ئاياغ مەھەللىدىكى سالى چۇرۇقنىڭ قىزىنىڭ  ئۆلىمى بىلەن باغلىنىشلىقى يوقتۇ ھە ؟
- ئاغىزلىرىغا پوق، يوق يەردىن گەپ ئۈندۈرمىسىلە.
يېزىدىكىلەرنى ھەيرانلىقتا قالدۇرۇپ، ئۆيىدىكىلەرنى ھەسرەتتە داغلاپ، ئىچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكەن ئايگۈلنىڭ ئۆلىمى ساقچىلارنىڭمۇ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىپ ئۇلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە سېلىۋەتتى.
ساقچىلار دەسلەپكى قەدەمدە ھەر قايسى كەنىتلەردىكى كەنىت كادىرلىرنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگەللىدى. شۇ كۈنى بۇ ئىشقا گۇۋاچى بولغىدەك كىچىك بالىمۇ چىقىمىدى. ساقچىلار دىققەت نوختىسىنى قىمارۋاز ۋە نېشەخورلارغا يۆتكەپ، ئايگۈل ئۆلۈپ قالغان كۈنى كىملەرنىڭ قانداق ھەركەت ئېلىپ بارغانلىقىنى دەپ بەرسە سۈيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى دەپ قىمارۋاز، نېشىخورلارنىمۇ ھەركەتكە سېلىۋەتتى. نۆۋەت ئاياغ مەھەللىدىكى نۇرى توكورنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ شۇ كۈنى سەھەردىلا توختى قاۋاننڭمۇ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى، ئەتىسىدىن باشلاپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
چىچەك ھەرىلىرى كونىراپ كەتكەن كېسەك تاملارنىڭ تۈشۈكلىرىدە غۇڭۇلداپ ھېلى باغقا، ھېلى تامغا يۈگۈرۈشۈپ يۇرگەن بىر كۈنى سەھەردە مارجانخاننىڭ ئۆيىگە ناھيىدىن ئۈچ ساقچى كىرىپ كەلدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
- ۋائەلەيكۇم ئەسسالام كېلىشسىلە، دىدى ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياغاچچىلىق قىلىپ ئولتۇرغان ھېلماخۇن كىرگەنلەرنى سۇپىغا باشلاپ. چىبەرقۇت كۆرپىنىڭ ئۈستىدە يانپاشلاپ ئولتۇرغان مارجانخان كىرگەنلەرگە قاپىقىنى سوزۇپ قويۇپ ئورنىدىن قوپىشقا مەجبۇر بولدى.
ساقچىلار سوپىنىڭ لېۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قولىدىكى بىر قەغەزنى چىقىرىپ، توختىنى سوراشتى. يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالغان ئاتا دەرھاللا ئۆي تەرەپكە قارىدى.
- تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىز توختىنى دەسلەپكى قەدەمدە سالى چۇرۇقنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۆلۈپ كتىشىگە سەۋەپ بولغانلار قاتارىدا بار دەپ گۇمان قىلىمىز.
- نىمە؟ دىدى مارجانخان ساقچىلارنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىپ، سەنلەرنىڭ گۇمانىلىرىڭغا مىڭ تالاق، نەدىكى گۈمانكەن ئۇ ھە؟ ئۇ ئەر سېغىنىپ قالغان قانجۇق بېدىلىككە خەقنى چىللاپ، خەقنىڭ بىر نىمىسىنى كۆتتۈرەلمەي ئۆلۈپ قالسا مېنىڭ ئوغلۇمدىن كۆرۈشتۇڭما، ھۇ ئۆلۈكىنى ئىت يىمەيدىغان قەلەندەرلەر، ئوغلۇمنىڭ، كۆرسەڭ قارىشىپ ئېغىزلىرىڭغا چىۋىن كىرىپ كەتكىدەك خوتۇنى بار، نىمە قىلىدۇ ئۇنداق ناكەسلەرنى.
- ئالدىراپ كەتمەڭ مارجانخان ئاچا.
- ئاچاڭنى تېپىپ ئاچا دە،كىم سېنىڭ ئاچاڭكەن، ھۇ پىتلىق قەلەندەر.
- ھاي- ھاي دىدى ياشقا سەل چوڭراق كەلگەن بىر ساقچى مارجانخاننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بىز توختىنى جىنايەتچى دىمىدۇق، پەقەت شۇ كۈندىكى گۇماندارلا قاتارىدا بار دىدۇق، قوسىقىڭىزنىڭ ئاغىرىقى بولمىسا نىمانچە قوقىسىز، توختى زادى ئۆيدە بارمۇ؟ بۇ دىگەن ئۆلۈمگە چېتىلىدىغان ئىش، ئايگۈلنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئەرزى قىلدى، جىنايەتچىنى تۇتمىساق بۇلماس.
- ئۇ يالاڭتۆشلەر ئەرزى قىلىىپتۇما؟ ئەسكى تامنىڭ ئاستىدا قالغان كۆك پىتتەك ھەممىنى چېقىپ، پۇل ئۈندۈرمەكچىدۇ تايىنلىق، ئوغلۇم بۈگۈن ئۆيدە يوق، سەھەردىلا چىقىپ  كەتكەن، دىدى مارجانخان ساقچىلارنى ياندۇرماق بولۇپ.
ھويلىدىكى ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن ئويغانغان توختى قاۋان سوزۇلۇپقىنا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھويلا تەرەپكە قارىتىپ ئېچىلىپ، ياغاچ بىلەن نەقىشلىك توسۇق قىلىنغان دەرىزىنىڭ كۆزنىكىدىن ساقچىنى كۆرۈپ، ھۇدۇقۇپ قېلىپراق ئۆزنى چەتكە ئېلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
- سەن دىگىنا شۇ سالى چۇرۇقنىڭ قىزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالاقەڭ يوقتۇ ھە؟ كۆزلىرنى چوڭلاردىن ئامال با قاچۇرۇپ يۈرگەن ئوغلىغا قاراپ دىدى ھېلماخۇن.
- توۋا دىسىلە، ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ، شۇنداقمۇ بالام ؟
- ئانام توغرا دەيدۇ، مەن قىلمىدىم.
نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن توختى قاۋان چوڭ دادىسى مويدىن باينىڭ يۇڭ- تېرە، تىۋىتلىرىنى ئېلىپ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى. توختى قاۋان شۇ كىرىپ كەتكىنىچە قىزى چولپانگۈل تۇغۇلۇپ 5 ياشقا كىرگەن يىلى قايتىپ چىقتى. شۇ قېتىملىق ئىشتا توختى قاۋاننى كۆرگەن گۇۋاچى بولمىغانلىقى، ئۇ بىۋاستە سوراق قىلىنىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، دىلو پاش بولماي بېسىلىپ قالدى.
رەھمەتلىك ئايگۈلنىڭ ئۆيىدىكىلەر شۇ ئىش سەۋەبىدىن تۈگۈشۈپلا كەتكەننىڭ ئۈستىگە مەھەللىدە تۇرالماي يىراق يېزىغا كۆچۈپ كەتتى. ئۇ ئىچكىرىدىن قايتىپ چىققاندىن بېرى تېخىمۇ ئەدەپ كەتكەن ئىدى. نەچچە يىلدىن بېرى قۇلىقى تىنجىپ قالغان ھېلماخۇننىڭ يەنە ئوغىسىنى قاينىتىدىغان ئىشلا چىقىپ تۇراتتى.
مامۇت يۇمشاقتىن قانداق ئۆچ ئېلىشنى پىلانلاپ يۇرگەن توختى قاۋاننىڭ تۈزۈكرەك چارە تاپالماي بېشى قاتتى. كەمبەغەللەرنىڭ قاياشى بولغان ياز ئاياقلىشىپ، ئۇلارنىڭ جانلىرىننى قىسماققا ئېلىپ تۇرىدىغان قىش پەسلى كەلدى. شۇنداق قاتتىق سوغۇق بولغان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ھېلىقى نېشەخانىدا مامۇت يۇمشاقنىڭ ئەتە نەچچە ئادەم بىلەن جاڭگالغا ئوتۇنغا كىرىدىغىنىنى ئاڭلاپ قالغان توختى قاۋاننىڭ كۆزلىرى خوشاللىقتىن يۇرۇپ كەتتى- دە، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا مامۇت يۇمشاقنىڭ بۇغداي ئۆڭ، قوشۇما قاشلىق، قوي كۆزلۈك، جۇمباققىنە ئايالى كەلدى.
مامۇت يۇمشاقنى ئوتۇنغا كەتتى دەپ پەرەز قىلغان توختى قاۋان ئەل ئايىقى بېسىقىپ، ھەممە شېرىن ئۇيقىغا كەتكەن چاغدا، مامۇت يۇمشاقنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇ مامۇت يۇمشاقنىڭ ئۆيىنى ئىككى قېتىم كۈزىتىپ ئۆيگە كىرىدىغان ئورۇننى بېكتى. ئۆزىنىڭ پاراسىتىدىن ئۆزى خوش بولۇپ كۈلۈپ قويدى،- دە، ئاستا پەم بىلەن مامۇت يۇمشاقنىڭ ھاجەتخانىسىدىن ئۇنىڭ ئېغىل- سامانلىق قىلغان ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە يامىشپ چىقتى، ئۆگزىگە چىققان توختى ئەمدى بىر ئىككى قەدەم ئېلىشىغا، قىشتىن ياغقان ئېغىر قارنى كۆتتۈرەلمەي، ئوگزىسىدىكى ئوتتىرسىغا تارتىلغان خە ياغاچ سۇنۇپ كەتكەندە ئېغىل- سامانلىقنى ئايرىپ تۇرغان ئادەم بويى ئىگىزلىكتىكى تامغىلا تىرەپ قويغان، نەچچە يىل ھويلىدا ئاپتاپتا قۇرۇپ پورلىشىپ قالغان جىگدە ياغىچى غاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا سۇنۇپ، ئۆگزىنىڭ ئوتترىسىدىن ھارىۋىنىڭ تاپىنى پاتقىدەك تۈشۈك ئېچىلىپ قالدى- دە، توختى قاۋان ئاۋال پاسىل تامغا چۈشۈپ ئارقىدىن مامۇت يۇمشاقنىڭ بىردىن- بىر مۈلۈكى بولغان يوغان چامبىل ئېشىكىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە چۈشتى. جىمجىت كېچىدە ھۈركۈپ كەتكەن ئېشەك قاتتىق ھاڭراپ، توختى قاۋاننىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تېپىپ ئۇنى بىر بۇلۇڭغا تىقىپمۇ بولدى قىلمىدى، ئارقا پۇتى بىلەن كېرلىپ قالغان چاترىقىغا قاتتىق تېپىۋەتتى. ئۇزۇن قىشنىڭ كېچىسى ئاياقلىشپ تاڭ سۈزۈلگەندە قولىغا قايناق سۇ تۆكۈلۈپ كۆيۈپ قېلىپ ھەمرالىرىدىن  ئايرىلىپ قالغان مامۇت يۇمشاق، كېچىدىن قاتتىق ھاڭراپ ياتمىغان ئېشىكىنى يوقلىغىلى چىقتى.
- ئەجەپ  ياتمىدىڭا جانۋا، بۇ سۇغۇقتا ئارام ئېلىپ قالغانسەن دىسەم ئەسلى ماڭغۇڭ كېلىپ قالغانكەن- دە، ھۇ ئىززىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان، ھايۋان دىگەنغۇ شۇ، ئۇ شۇنداق غۇدرىغىنىچە ئېغىلغا كىرىدى. ئېشىگىنى بىر سىلاشتۇرۇپ، ئاندىن يان تەرەپتىكى سامانلىقتىن سامان ئېلىپ ئېشەكنىڭ ئۇقۇرىغا سالماق بولۇپ مېڭىپراق تامنىڭ بۇلۇڭىدا تۈگۈلۈپ ياتقان باش- كۈزى قان بىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى- دە،- ھاي ئانىسى بۇ ياققا كىرە دەپ قاتتىق ۋاقىراپ كەتتى .
- نىمە بولدى سىلىگە، نىمانداق توۋىلايلا سەھەردە توپان بالاسى كەلگەندەك.
- قارغىنا كىمدۇ بۇ؟ ئۇلار ئېشەكنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئېغىلنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ قاراشتى.
- بول سارەك سەن خوشنىمىز ساۋۇتنى چاقىر.
- ماقۇل دەپ كالىچىنى سۆرىگىنىچە چىقىپ كەتكەن سارەم ھايال قالماي ساۋۇتنى چاقىرىپ كىردى، ئۇلار توختى قاۋاننى يۆلەپ ھويلىغا ئېلىپ چىقىشتى، بۇ چاغدا قاۋاننىڭ ئاران جېنى قالغان ئىدى.
سەھەرنىڭ جىمجتلىقىنى بۈزۈپ سارەم ئالا- تاغىل توۋلاپ ئىچكىرى كاڭلىق ئۆيلىرىدىكى خوشنىلارنىمۇ دۆگۈتۈپ قويماي چاقىرىپ كەلدى، ئۇلار بۇ چالا ئۆلۈك ياتقان مەلئۇننى ئېشەك ئوغرسى دەپ پەرەز قىلىشتى.
- مامۇتئاخۇن ئېشەكنى كۆزلەپ يۈرۈپتىكەن- دە ئەسلى، باققىنىڭلىنى تۆلەپتۇ جۇمۇ بۇ جانۋا.
- راس دىدىڭ ساۋۇت ئاكا.
- سېنى ئوتۇنغا ماڭدىمىكىن دىگەن مەن، كىرمىگەنما؟
- ئەسلى تۆنۈگۈن ئوتۇنچىلار بىلەن ماڭماقچى ئىدىم، چاي ئىچىۋېلىپلا ماڭاي دەپ چىنىگە چاي قۇياي دىسەم ئۆزەممۇ بىلمەيلا قالدىم، قولۇمغا تۆكۈلۈپ كەتتى، قايناپ تۇرغان چاي يامان قىززىق ئىكەن ئەمەسمۇ.
- ھەي چاي ئوتتا قاينايدۇ، ئۇ بى سېنىڭ ئوسۇرۇقۇڭدا قاينىمايدۇ. ئەتراپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇلار شۇنداق دىيىشكەچ سارەمخان داسقا تەڭشىگەن ئىسسىق سۈغا لۈڭگىنى چىلاپ توختى قاۋاننىڭ يۈز- كۈزلىرىنى سۈرتۈشتى، ھەمدە شۇنداق زەن سېلىپ قارىشىپ چۆچۈپ كېتىشتى.
- توۋا بۇ توختى قاۋانمۇ نىمە؟
- راس شۇدەك قىلامدۇ، راش شۇكەن، بۇ قاۋان سېنىڭ ئېشىگىڭنى ئوغۇرلاپ ساتاي دىگەن بولغىيمىدى؟
- كىم بىلىدۇ بۇ قاۋاننىڭ نىمە ئىشلارنى ئويلايدىغىنىنى، گەپ سۆزنىڭ ئاينىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن مامۇت يۇمشاق ئېغىل تېمىغا يۆلەكىك زەمبىلنى ئېلىپ كېلىپ ھوشسىز ياتقان توختى قاۋاننى توت ئەر بىلەن ئۆيىگە ئەكىلىپ بەردى.
- ۋاي ئاللا نىمە ئىش بۇ؟ بالامنى نىمە قىلىشتىڭ قەلەندەرلەر؟
- سىلىنىڭ بالىلىرىنى بىر نىمە قىلمىدۇق، ئۇ كېچىدىن مامۇت يۇمشاقنىڭ ئېغىلىغا ئېشەك ئوغۇرلىغىلى كىرگەن ئوخشايدۇ، ئېشەك يامان بولغاچقا تېپىۋېتىپتۇ، توۋا بىشەملىك قىلماي ما توختىنى يوتقانغا ئوراپ ئىسىتىۋاسلا، بىكا توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدۇ بولمىسا، دىدى زەردە بىلەن ساۋۇت.
كىشىنىڭ يەيدىغان رىسقى تۈگىمىسە ئۆلمەيدىغان گەپكەن، توختى قاۋان چوڭ دادىسى مويدىن باينىڭ كۈچەپ يۇقۇرى ئورۇنلارنىڭ دوختۇرخانىلىرىغا ئاپپىرىشى بىلەن ساقىيىىپ كەلدى، لېكىن شۇندىن كېيىن بەكلا ياۋىشىپ قالغاندەك قىلاتتى، گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەن توختى قاۋاننىڭ ھايات قالغىنى ئۆيدىكىلىرىنى شاتلانغۇرغان بىلەن، تېخى 30 ياشقىمۇ كىرمىگەن توختىغا ھايات قالغىنىدىن ئۆلگىننىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كىممۇ بىلسۇن؟ توختى قاۋان شۇ كۈندىن باشلاپ توختى ئاغۋاتقا ئايلانغان ئىدى...



بۇزۇلغان ئەقىدە



- يەنە ئىچىپ- چېكىپ كىردىڭىزما؟ تۆنۈگۈنلا ئۆلۈمدىن ئامان قالدىڭىز ئەمدى بولسىمۇ بى ئۆزىڭىزنى ئايىسىڭىز نىم بولا، دىدى توختى قاۋاننىڭ ئايالى ئارزىگۈل.
- ئىچسەم ئاناڭنىڭكىنى ئىچتىمما؟ چەكسەم ئاتاڭنىڭكىنى چەكتىمما؟ نىمانداق جاۋىلدايسەن كىشىگە شالىڭنى چېچىپ.
- ئاتا- ئانام سىزگە بىر يامانلىق قىلمىغاندىكىن يولىڭىزدىكى گەپنى قىلىڭە.
- ھو قانجۇق سەن يامان يوغىناپ قالدىڭ ھە؟ شۇنداق دىگەچ ئايالىنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلگەن توختى يوغان مۇشتىمى بىلەن ئارزىگۈلنىڭ كۆزىگە بىرنى سېلىۋەتتى.
- ۋايجان ! ئارزىگۈل دەرھال قاچمىسا بۇنۇڭدىنمۇ كۆپرەك تاياق يەيدىغىنىنى بىلىپ قېينى ئانىسى مارجانخاننىڭ ئۆيىگە قاچتى.
- ھو بەدبەخ، ئادەم بولمايدىغان ھايۋان، قاچانغىچە ھۇشۇڭنى تاپمايسەن ھە؟ ھېلماخۇن ئاچچىقىدا يۈگىرەپ كىرگەن توختى قاۋاندىن بەتتەر ئاچچىغلاپ قولىدىكى ياساۋاتقان ئورۇندۇقنىڭ ياغىچى بىلەن توختى قاۋاننىڭ پاچىقىغا نەچچىنى سېلىۋەتتى.
- ۋاي بولدى قىلسىلا بالىنى ئۆلتۈرۈپ قوياي دەملا، دەپ ئارىغا چۈشمەكچى بولغان مارجانخانغا ئالىيىپ تۇرۇپ، - بالىنى يامان ئۆگەتكەن سىلى يېقىن كەلمىسىلە، تاياقنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسۇن، خەقنىڭ قىزىنى ئۇرسا ئاغرىمامدا؟
- ۋاي ئاتا مەن ئادەم بولاي، ئەمدى ئۇرما، توختى تاياق تېگىۋاتقان پاچىقىنى سىلىغىنىچە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ يىغلاشقا باشلىدى.
- ئاتا ئەمدى ئۇرمىسلا، دىدى كۆزى كۆكىرىپ كەتكەن ئارزىگۈل قېينى ئاتىسىنىڭ قولىدىكى تاياققا ئېسىلىۋېلىپ.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە ئىدى، بىراق توختى قاۋاننى مۇشۇ كۈنلەردە پات- پات چۈشىگە كىرىپ تۇرىۋالغان ئايگۈل قىيناپ ئارامىنى قويمايۋاتاتتى. توختى قاۋان ئاتىسىنىڭ تايىقىنى ئويلىدىمىكىن، ياكى ئۆزىدىكى ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن ئارزۈگۈلگە خېلى ئىشلار بولسىمۇ چىش يېرىپ بىر نىمە دىيەلمىدى، ئەكسچە كۈندە دىگۈدەك مەس كىرىپ كىرپىدەك تۈگۈلۈپ يېتىۋالىدىغان بولدى.
- ھەي دىدى بىر كۈنى ئارزىگۈل ئانچە بەك مەس بولۇپ كەتمىگەن ئېرىنى نۇقۇپ تۇرۇپ، -ئانام بىزنى يەنە بالىلىق بولساڭلار بولىتتى، مېنىڭ مۇشۇ بىر تاللا ئۇغلۇم بار، ئوغول نەۋرەم بولمىسا قانداق بولىدۇ، نەسلىمىز قۇرۇپ كەتمەمدۇ دەيدۇ.
توختى قاۋان گەپنى ئاڭلىمىغاندەك قىلىدىيۇ، ئەمما جىممىدە كۆزلىرىگە كېلىپ قالغان ياشلىرىنى ئايالىدىن يۇشۇرۇپ ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالدى.
ئۇ تېخى تاڭ يۇرىماستا قاسىم بەڭنىڭ ئۆيىگە ماڭدى، بىراق نىمىشقىكىن يولىنى ئۆزگەرتىپ ئېتىز ئارىلاپ ماڭغۇسى كەلدى، ئۇزۇن ماڭا- ماڭمايلا خۇددى نۇرەك توكورنىڭ ئۆيى تەرەپتىكىگە ئوخشاش كىچىك ئۆرەك ئېتىزلىق، ئوخشاش بېدىلىك تۇراتتى، ئۇ ئۆتۈپ كەتمەك بولۇپ مېڭىپراق ئارقىسىغا ياندى، چۈنكى ئېتىزدا ئايگۈل بۇرۇنقى چىت كۆڭلىكىنى كىيىۋالغان بولۇپ، كۆڭلەكنىڭ ياماق سالغان مۆرىسىمۇ يوق ئىدى، ئايگۈل شۇنداق چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، توختى قاۋان ئېتىزغا سەكرەپ چۈشتى.
- كېلىڭە توختى ئاكا ماڭا بېدە تىرىشىپ بېرىڭە.
- سىز ئايگۈلمۇ؟ ئەجەپ سىز .... دىدىيۇ لېكىن توختى قاۋان ئۆزىنى تۇتالماي ئايگۈلنىڭ يېنىغا كېلىپ يېقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى، تۇتىيۇ ۋاقىراپ قاچماقچى بولدى، بىراق بۇ يۇمشاق پاختىدەك قول دەرھاللا ئامبۇردەك كۈچلىنىپ توختى قاۋاننىڭ يۈزلىرىنى تاتىلاپ، ئۇنىڭ گېلىنى با كۈچى بىلەن سىقىشقا باشلىدى، قوقۇپ كەتكەن توختى قاۋان، - مەن، مەن... بىلمەپتىمەن،
مەن ئادەم بولاي، جېنىم ئايگۈل مېنى قويىۋېتىڭ .... ئۇ جىېنىڭ بارىچە توۋىلاپ، ئايگۈلنى تېپىپ قاچماقچى بولدى، شۇ چاغدا ئايگۈل غايەت زور بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ توختى قاۋاننى تىرىك يۇتۇشقا باشلىدى...
ئانا، ئانا، ئانا.... مەن بىلمەپتىمەن، مېنى قۇتقىزىۋال، ئايگۈل مېنى يەۋەتمىسۇن...
چىلىق- چىلىق تەرلەپ كەتكەن توختى قاۋان شۇنداق قاتتىق ۋاقىراپ ئايالى ئارزىگۈلنىمۇ قوقىتىۋەتتى.
- نىمىلەرنى دەيسىز؟ ھەي توختى، توختى. ئۇنى تۈرتۈپ ئويغاتقان ئارزىگۈلنىڭ كۆز ئالدىغا لەپ قىلىپ نەچچە يىل ئاۋالقى ئايگۈلنىڭ ئۆلۈم ئىشى يەتتى.
- ئەجەپ قارا باستا، ئاران ئويغانغان توختى بېشىدا پەنەر چىراغ تۇتۇپ تۇرغان ئايالنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى، ئۇ قولى بىلەن پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتىگەچ- ماڭا سۇ بېرە دىدى.
ئارزىگۈل قولىدىكى پەنەر چىراغنى سۇپىنىڭ لېۋىگە قويۇپ، تاشقىرى ئۆيدىن بىر چىنە سوغۇق سۇ ئېلىپ كىرىپ توختىغا سۇندى.
- قارىغاندا سىزنى رەھمەتلىك ئايگۈل ياتقۇزماپتۇ ھە؟
- نىمە دەيسەن؟
- يېقىندىن بېرى سىز، ئايگۈل مەن ئەمەس، مېنى كەچۈرۈڭ، دەپ جۆيلىيدىغان بولۇپ قالدىڭىز، بۇ سەۋەپسىز ئەمەستۇ؟
- مېنى قارا بېسىپ قالغان گەپ.
- ئەجەپ قارا باسىدىكەن ھە؟ مېنىڭچە بىكاغا باسقان قارا ئەمەس ئۇ؟... شۇ چاغدا ساقچىلار ئۆيدىكىلەردىن قوقۇپ بەك تەكشۈرمىگەن پۇرسەتتىن سىز پايدىلىنىپلا قېچىپ قۇتۇلدىڭىز، لېكىن خەقلەر سىز شۇنچە ئۇزۇن يوقاپ كەتكەندە سىزدىن گۇمان قىلىشقان بولسىمۇ چىش يېرىپ بىر نىمە دىيىشمىدى، ئەمما ئەمدى رەھمەتلىك سىزنى ياتقۇزمىغان گەپ.
بىردىنلا قوقۇپ كەتكەن توختى قاۋان ئايالنىڭ ئالدىدا كۇچۈكلىنىپ يالۋۇرۇشقا باشلدى، - جېنىم خوتۇن بىرمۇ سەندىن، ئىككىمۇ سەندىن، بۇنى سەن تىنمىساڭلا ئىنسى- جىن بىلمەيدۇ. سەن نىمە دىسەڭ شۇنى قىلىپ بېرىمەن.
- ھە ئەسلى سىززە مېنى نەچچە ۋاقتىتىن بېرى بىكا ئۇرۇپ يۈرۈپسىز ھە؟
- بولدى بوشراق ۋاقىرا، ئانام ئاڭلاپ قالمسۇن.
- ئاڭلىسا ئاڭلىمامدۇ؟ مەن ئاز جاپا تارتتىممۇ بۇ ئۆيدە؟ شۇنداق دىدىيۇ ئارزىگۈل ئەمدى بۇندىن كېيىن توختى قاۋاننىڭ بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ ياشايدىغىنىنى خىيال قىلىپ ئارتۇق سۆزلىمىدى.
- جېنىم خوتۇن ئا بالىنىڭ يۈزىنى قىلغىن، تاپقان تەرگىنىمىزنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن بۇندىن كېيىن.
- ھىم، دەپ دىماقى قىرقىپ قويۇپ يېتىپ قالدى ئارزىگۈل، شۇندىن كېيىن ئارزىگۈل قېينى ئانىسى سالغان ئالتۇن زىرىلەرنى، ئۇچىسىغا كىيگەن ئەڭگىلىشىم، خان ئەتلەس كۆينەكلەنى كېيىدىغان بولدى.
جىگدىلەر چېچەكلەپ، زىمىننى باھار ھىدى قاپلىغان، ھەممە يازلىق تېرىلغۇنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئېتىز- قىرلارنى چېپىپ، قايناق ھاياتنى باشلغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئارزىگۈل ئېتىز بېشىغا ئىشلەمچىلەرنى چىقىرىپ قويۇپ ئۆزى كېلىدىغان ئازنە بازارنى كۈتمەيلا، ئازراق يېرى سۆكۈلۈپ كەتكەن يازلىق بېتىنگىسىنى ياماتقىلى مەھەللىنىڭ سەل تۆۋەن تەرىپىدىكى مۇزدوز سېلىم ئوستىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ كەلگەن چاغدا ئىش قىلدۇرىۋاتقان ئىككى ئايال بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگەندە ئىشىمىز ئالدىراش دەپ چىقىپ كېتىشى.
- بەتىنگىنى بەسلە خېنىم دىدى سېلىم موزدۇز يەردىن بېشىنى كۆتتۈرمەي تۇرۇپ.
- مانا ئاسلا، ئوبدانراق ياماپ بەسلە، ئەتىلا يىرتىلغىدەك يامىماي .
- ماقۇل خېنىم، ئالدىراش ئىشلىرى بولسا سىلى قايتىپ تۇرسىلا، مەن ياماپ بولغاندا بالىلاردىن ئۆيلىرىگە ماڭدۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
- ئوشتەڭ، ئۆزۈم ئېلىپ كېتىمەن، يامىسلا.
- ئەمدى دەيمەن توختاخۇن ....
- قويسىلا ئۇ لامزەللىنىڭ گېپىنى قىلماي، دىدى ئارزىگۈل موزدوزىڭ ئۆيىگە نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ، سەھەرنىڭ ئىزىرغىن شاماللىرىدا جىگدە چىچىكىنىڭ پۇرىقى دىماقنى يېرىپ كىشنى ئاللاقانداق ھىسلارغا چۆمدۈرەتتى. سېلىم موزدوزنىڭ بۇ كونىراپ كەتكەن لاي تام ئۆيى ھەرە ئۇۋىسى بولۇپ كەتكەندەك ھەرىلەر غوڭۇلداپ ئۇچۇشاتتى، ھويلا- ئارام نەچچە يىللاردىن بېرى سۈپۈرگە كۆرمىگەچكە ھەممە يېرىدىن شور ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ، ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر دۆۋە كونا ئاياق، ياماق پۇرۇچلىرى تۇراتتى.
- ئۆزلىرى يالغۇز تۇراملا؟
- ھە ئاران ئۆزۈمنى باقىمەن، تېرىيدىغان يېرىم يوق، خوتۇن ئالسام قانداق باقىمەن؟ دىگەچ سېلىم موزدوز، قاۋاننىڭ بۇ تولغان، ئاق- پىشماق خوتۇنىغا سىڭا كۆزىدە قارىۋالدى.
- ۋىييەي ئەجەپ ئىسىپ كەتتىما، سىلى ئاياقنى ياماپ بولغىچە مەن ئى ئۆيلىرىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇراي، دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ بەللىرىنى تولغاپ مېڭىپ، موزدوزنىڭ سۇۋالمىغان قارا تام، بورا ئۈستىگە يېرىمىغا پالاز، يېرىمغا كىگىز سالغان ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ، كۆڭلىكىنى قايرىپ ئۆزىنى يەلپۈشكە باشلىدى. ئاياقنى ياماپ بولغان سېلىم موزدوز ئۆيگە كىرىپ ئۆزىنى يەلپۈپ ئولتۇرغان ئارزىگۈلنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ، ئوسسىغان بولسىلا سوغۇق سو ئىچسىلە دەپ ئاستىنقى تەرىپىدىن سو تەپچىرەپ تۇرغان ھېجىر تۇڭدىن بىر نوگاي سۇ ئېلىپ ئارزىگۈلگە سۇندى.
بىرەر ئىككى يىلدىن بېرى ئەر زاتى كۆرمىگەن ئارزىگۈل سۇنى ئېلىپ غۇرتىلدىتىپ ئىچىپ بولۇپ موزدوزغا يېقىملىق بىر كۈلۈمسىرەپ ، يەنە ئاسلا قانىدىغاندەك قىلمايمەن سولىرىغا دىدى.
سېلىم موزدوز ناھايتى چاققانلىق بىلەن كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان بۇ ئايالنى، تېز ئەمما قوپال ھەركەتلىرى بىلەن شىرىن دەملەرگە باشلاپ قويدى.
- ئىشنى قىلدۇق، ئەگەر توختى قاۋان بىلىپ قالىدىغان بولسا ئىككىلىمىز ئۆلىمىز جۇمۇ خېنىم دىدى سېلىم موزدۇز.
- نىمىنى ئۆلىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۆلگەن، ھېلىقى مامۇت يۇمشاقنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ.
شۇ كۈندىن باشلاپ توختى قاۋاننىڭ ئايالى كۈن ئارلاپ ئاياق ياماتقىلى سېلىم موزدوزنىڭ ئۆيىگە قاترايدىغان بولىۋالدى، مەھەللىنىڭ سەزگۈر ئاياللىرىنىڭ كۆزىدىن بۇ ئىشلار قېچىپ قوتۇلالمدى.
- ئاڭلىدىلىمۇ ئايىمخان؟ قاۋاننىڭ خوتۇنى موزدوز بىلەن ئاپپاق- چاپپاق بولۇشۇپ يۈرىشىدۇ.
- شۇنىمۇ ئاڭلىمامدۇ كىشى، مەن نەچچە قېتىم بۇ جومباقنىڭ سامسا كۆتتۈرۈپ كىرىپ كەتكىنى كۆردۈم.
- مۇنداق ئىشمۇ بار دىسىلە جىنەستىخان.
- ئاڭلىشىمچە بۇ قاۋان ھېلىقى مامۇت يۇمشاقنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا چۈشكەن يىلالا ھېلىقى بىر نىمىسى ئىشلىمەس بولۇپ قالغانمىش، دىدى ئۆي- ئۆيدە گەپ بولسا ھەممىنى بىلۋالدىغان ئايىمخان.
- يائاللا سىلىنىڭ قۇلاقلىرى ئالامەت ئۇزۇن جۇمۇ ئايىمغان ئاچا، دىدى جىنەستىخاننىڭ كېلىنى ئەتراپىغا قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆتەپ تېشىپ بۇ جۇمباققا موزدوز ياراپ قېلىپتۇ،- دە ... ھى ھى ھى ...
- بوش موزدۇز ئەمەس ئۇ، قۇرۇپ قالغان باغقا سۇ باشلغاندەك بۇ جۇمباقنى سوغىرىپتۇ، ئەمما كۆكلەپ قالىدىغان بولسىزە چاتاق جۇمۇ...
مارجانخاننىڭ ئۆيىدىكى شىرمان نانلار، بازاردىكى ناۋايلارنىڭ سامسىلىرى ئۈزۈلمەي سېلىم موزدوزنىڭ ئۆيىگە تۇشۇلىۋەردى، دىگەندەك بۇ خېنىم موزدوزدىن ئىككى قاتمۇ بولدى، مىش- مىش پاراڭلار ئاۋۇپ ئاخىرى قاۋاننىڭ قولىقىغا يەتتى.
- ئېيتە بۇ ھاراملىق كىمنىڭ ئەمدى؟ نەدىن تاپتىڭ دىگىنە؟
- ھەي بالام بىمەنە گەپ قىلمىساڭچۇ؟ دىدى مارجانخان كېلىنىنىڭ قوساق كۆتتۈرگىنىگە خوش بولۇپ.
- ئانا سىز بىلمەيسىز ئۇ ئۆزى بى دەپ باقسۇنچۇ، ئۇ قوللىرىنى ئېگىز كۆتتۈرۈپ ئايگۈلنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى.
- ئەمدى مېنى ئۇرالمايسەن، دىدى خورىكى خېللا يوغىناپ قالغان ئارزىگۈل.
- بۇ ھاراملىقنى نەدىن تاپتىڭ؟
- نەدىن تاپسام سېنىڭ نىمە كارىڭ؟ ھۇ يارىماس ئاغۋات ...
- ئاغىزىڭنى يۇم قانجۇق، ھېلى بىكا قولۇمدا ئۆلۈپ كېتىسەن.
- ھە ئەمدى مېنى ئۆلتۈرەي دەۋاتامسەن قاتىل، مەن ئايگۈلدەك بوزەك ئەمەس.
- ھاي، ھاي بالام نىمانداق يامان گەپلەنى قىلىسىز سەھەردە؟ خوشنا- خۇلۇملار ئاڭلىسا سەت ئەمەسمۇ؟ دىدى قېينى ئاتىسى دەرۋازىنى يېپىۋېتىپ كېلىپ.
ئاڭغىچە توختى قاۋان ئۆزىنى باسالماي يۈگۈرەپ كەلگىنچە ئارزىگۈلنىڭ قوسىقىغا بىر نەچچىنى تېپىۋەتتى. جان ئاچچىغىدا تىپىرلاپ قالغان ئارزىگۈل بار ئاۋازى بىلەن،- ئادەم ئۆلدى، ئادەم بارمۇ مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار دەپ ئالا- تاغىل ۋاقىراشقا باشلدى.
ھويلا ئىچىگە خوشنىلار كىرىپ، بۇلارنىڭ تاماششاسىنى كۆرگەچ ئۇلارنى ئاجراتقان بولىشاتتى.
- تويە قانجۇق،ئاغىزىڭنى بۇزغانغا.
- ۋايجان! توختى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بولدى، ۋۇ قاتىل.
كىشىلەر كىرگەنسىرى جىدەل ئاۋۇپ كېتىۋاتاتتى، مارجانخان ئارزىگۈلنى تىللاپ ئوغلىنى ئاقلاشقا تىرىشاتتى.
- ھەي تېگى پەسنىڭ ئەۋلادى، ئەمدى ئوغلۇمغا قارا چاپلىغىدەك بولدۇڭما؟ سېنىڭ زادى تايىقىڭ كەملەپ كەتكەن، بۇ قانجۇڭنىڭ ئاغىزىنى يىرتىۋەت بالام.
- مېنى نىمە قىلالىغان سەن ئاغۋات، سەنمۇ شۇ مارجان، بالاڭ تۇغمىسا مەندىن كۆرۈپ مېنى ئاز ھاقارەتلىدىڭمۇ؟ كۆرە مەن تېخى تۇغالايمەن، ئا نېشىخور بالاڭدىن سورا....
جىدەل بارغانسىرى ئاۋۇپ، مەھەللىدىكىلەرگە كىنو قويۇپ بېرىۋاتقاندەك ھېلى ئۇنىڭ ئاغزىغا، ھېلى بۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ كۈلىشەتتى، بىر- بىرلىرىگە كۇسۇرلىشاتتى، بۇ جىدەلنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقمايدىغانلىقىنى پەملىگەن ئاتا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇنجى قېتىم ئايالى مارجانخاننىڭ كاچىتىغا قاتتىق بىرنى سالدى- دە، ھەممىڭ ئۆيدىن يوقىلىش دەپ زەردە بىلەن ۋاقىراپ ھەممىسىنى ئۆيدىن قوغلىدى. ھېلماخۇننىڭ ئەزەلدىن ئاچچىقلاپ باققىنى كۆرمىگەن خوشنا- خۇلۇملار بىر- بىرلەپ ھويلىدىن چىقىپ كېتىشى. بويان تۇمۇرلىرى كۆپۈپ، ئاچچىقتىن يۈز مۇسكۈللىرى تىترەپ كەتكەن ئاتا بارغان بويىدا ئوغلىنىڭ قولىدىكى ئايالنى ئۇرۇشقا ئېلىۋالغان بادرىنى تارتىپ ئېلىپ ئوغلىنى قاتتىق دومباللدى، ئۆمىرىدە باشقىلاردىن تاياق يەپ باقمىغان مارجانخان ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلشقا باشلىدى.
- بولدى قىلسىلا، مۇشۇ يىغلاشلىرى بىلەن مۇنۇ بالىنى ئادەم قىلماي، مانا مۇشۇنداق ھايۋانغا ئوخشاش چوڭ قىلدۇق، مەن دىمىگەنمۇ بالا دىگەنمۇ ئەكىلىتىدىغان چاغمۇ با، باشقۇرىدىغان چاغمۇ با، مەن سىلىنى چوڭ كۆرۈپ يۈرۈپتىمەن، مانا قارىسىلا ئۆي نىمە بولدى؟ ... ھېلماخۇن كىشىنىڭ يۈرەك- باغرىنى ئەزگىدەك ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى... ھويلىنىىڭ ئىچى جىمجىتلىققا چۆمدى، ھېلماخۇن قاتتىق ۋاقىراپ كەتكەچكىمۇ ياكى ئىچى ئېلىشىپ قالدىمۇ تۇيۇقسىزلا گۈپپىدە ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى، كىم بىلسۇن  ھېلماخۇننىڭ باش قىسمى يىقىلغان تەرەپتە ھېلماخۇن ياغاچچىلىق قىلغاندا ئىشلەتكەن سايمانلار بولۇپ، بوۋاينىڭ بۇينىنىڭ ئارقا تەرىپىگە، ئورۇندۇقلارنى چېتشقا ئىشلىتىدىغان شىنە( ياغاچ مىق) كىرىپ كېتىپ بۇۋاي شۇ يىقىلغىنىچە ئورنىدىن مەڭگۈ تۇرالمىدى.
بۇ جىدەللەر مەھەللىمۇ- مەھەللە يېيىلىپ ئايگۈلنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى قولىقىغا يەتكەندە، ئۇلار يېڭى باشتىن يىغلىشپ ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۈم قىلىشىتى. ھېلىم بوۋاينىڭ يەتتە نەزىرىنى بەرگەن كۈنى ناھيىدىن توۋلاپ ماڭىدىغان ماشىنا بىلەن كىرگەن ساقچلار ناھايتى داغدۇغا قوزغاپ توختى قاۋاننى تۇتۇپ كېتىشتى.
ئارزىگۈل ئىشلارنىڭ بۇنچە يوغىناپ كېتىشنى بىلەلمىدى ئەلۋەتتە، ئەمما ئۇمۇ بۇ ئائىلىدە تۇرغدەك يۈزىنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلىپ قىزى چولپانگۈلنى قېينى ئانىسىغا قالدۇرۇپ، توختى قاۋاننىڭ قاتتىق تىپىشى بىلەن بويدىن ئاجراپ كەتكەن بالىسىنىڭ قىرقىسىنىمۇ قىلالماي ئۆيدىن ياق يۇرتتىن چىقىىپ كەتتى. ئالدىنقى يىلىلا تاغدەل يۆلىكى بولغان ئاتىسىنى ئۇزۇتۇپ قويغان مارجانخان مانا ئەمدى بۇ يىل يۇۋاش، يۇمشاق، تىللىسىمۇ كۆلۈپلا تۇرىدىغان ئېرى ھېلماخۇننى ئۇزىتىپ قويدى، ئۇنى ئاز كەلگەندەك ئوغلى توختىنى سوتلاپ، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىدىغان بولدى، ئاتىسى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ مىراس قالدۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتىسىنىڭ مال- مۈلۈكىدىن ئازراقلا بەرگەن ئانا باشقا ئىنىسى بۇ جىدەلخور ئاچىسىدىن قوقتىمۇ قانداق، ئاتىسىنىڭ يەر- جايلىرىنى بىر كېچىدىلا سېتىۋېتىپ، باللىرىنى ئېلىۋېلىپ غىپپىدە يۇتۇپ كەتتى. ھىچقانداق ئۇرۇق- تۇققىنى قالمىغان مارجانخانغا ئىككى يىلدىلا قېرىلىق يەتكەندەك بولۇپ قالغان ئىدى.


قىزىل ئالما

- مارجانخان ئاپا نىمە ئۇ؟ كاككۇك، كاككۇك، دەپ چاقىرۋاتقان؟ كىم بىلەن سۇقۇنۇشماق ئوينايدىغاندۇ؟ توختىغىنا ماڭا كۆرسىتپ قويا. تاتلىق تىللىرى بىلەن مارجانخاننىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، كۆز يېشىغا ئەڭ زور تەسەللى بولۇپ پېشىگە ئېسىلۋالغان، 9 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان قىز ئېگىز- پەس، تار ئېتىز قىرلىرىدا چولپانخاننىڭ ئارقىسىدىن قالماي ماڭاتتى.
تاپقان- تەرگىنىنى ئوغلىغا تىقىپ تۈگەتكەن بۇ ئانا ئەمدى ئۆينىڭ ھەم ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىغا نەۋرىسى بىلەن مېڭىۋاتاتتى، ئەزەلدىن ئەمگەك قىلىپ كۆرمىگەن قوللار قاپىرىپ، بەللەر ئاغرىپ، چېكە چاچلىرى باشقىچە ئاقىرىپ، بوۋاينى سېغىندۇرۇپ، كېچىلرى نەۋرىسىدىن ئوغۇرلۇقچە كۆز يېشى تۆكتۈرەتتى.
بۇغداي تېرىلماي قوناق تېرىغان، تېخى ئەمدىلا 30-40 سانتىمىتىر ئىگىزلىكتە ئۆسكەن ياپ- يېشىل قوناق مايسىلىرى بىلەن تولغان ئېتىزغا كىرىپ، ھەر بىر سولغا تەپسىلى قاراپ، غۇژمەك- غۇژمەك ئۈنگەن قۇناق مايسا تۈپىدىن ياخشىراق ئۆسكەن ئىككى تال قوناق مايسىسىنى قويۇپ قالدىلىرىنى يۇلۇپ، يۇلغان قۇناق مايسىلىرىنى قوناقلىقنىڭ چۆنىكىگە  قويۇپ يەنە كىرىپ كەتتى، ئۇ بۇ ھەركەتنى نەچچە قېتىم تەكرارلاپ، باشقىلار ئاللاقاچان تاقلاپ بولىدىغان قوناقلىقنىڭ ئاران يېرىمىنى تاقلاپ بولدى. ئاڭغىچە كۈنمۇ نەيزە بويى ئۆرلىگەن بولۇپ، سەھەردىلا ئاتەشتەك نۇرلىرىنى كەڭرى كەتكەن ئېتىزلارغا ئايىماي چاچماقتا ئىدى. قۇياشنىڭ ئالتۇنرەڭ نۇرى ھەممىنى ئىسسىتىشقا باشلىغاندا قىزمۇ ئىسسىپ جىدەل قىلىشقا باشلىدى.
- مارجانخان ئاپا ئۇسساپ كەتتىم، كىرىپ كېتەيلىچۇ؟
كاككۇك، كاككۇك ، كاككۇك... يېقىنلا يەردىكى بىر دەرەخ ئۈستىدىن يەنە شۇ ئاۋاز چىققىلى تۇردى.
- مارجانخان ئاپا كاككۇك دەپ چاقىرۋاتقان قوشنىڭ ئىسمى نىمە؟ نىمىشقا دائىم كاككۇك دەپ چاقىرىدۇ؟ باشقا قوشلار ئۇنداق دەپ چاقىرمايدىكەن ئەجەپ؟
-ماڭە ئا ئېتىز ئىچىدىكى تاقلىغان قوناقلارنى ئېلىپ چىقە، تولا بېشىمنى ئاغرىتماي. دىدى ئانا قىزنىڭ سۇئاللىرىدىن بىزار بولۇپ.
- دەپ بەمىسەڭ ئېلىپ چىقمايمەن، ئۆزەڭ ئېلىپ چىق. قىز شۇنداق دەپ قىر ئۈستىدە ئولتۇرۋالدى.
- ماقۇل مەن ئېيتىپ بېرەي. بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا كاككۇك ۋە زەينەپ ئىسىملىك ئاشىق- مەشۇقلار ئۆتكەن ئىكەن، ئۇلار نۇرغۇن جەبرى- جاپالاردىن كېيىن، تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مۇرادى ھاسىل بولۇپ ئىناق ئائىلە قۇرۇپتۇ. ئۇلار جاھاننىڭ قەيەرىدە باھار بولسا شۇ يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، شۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. شۇنداق ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئولار ياشاۋاتقان يەرگە، تاجىلىرى رەڭلىك، ئۆزى تولىمۇ كېلىشكەن ھۆپۆپ ئىسىملىك قۇش پەيدا بولۇپتۇ، ئۇ كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ھەسەت قىلىپ زەينەپنى ئازدۇرۇشقا باشلاپتۇ، كاككۇك دەپتۇ:- سەن بەك ئەخمەقلىق قىلىۋاتىسەن، ھۆپۆپ ساڭا مەندەك ۋاپا قىلمايدۇ، سەن زىيان تارتپ قالاسەنمىكىن دەپتۇ.
- ياق مەن كۆڭلۈمنى ئۇنىڭغا بەردىم، ئۇ ماڭا مەڭگۈ ۋاپادارلىق قىلىدۇ، دەپتۇ.
نەچچە يىللىق ھەمراھىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان كاككۇك كۆزلىرىدىن مۆلدۈردەك ياش تۆكۈپ كېتىپ قېلىپتۇ. مەخسىدىگە يەتكەن ھۆپۈپمۇ ئۇزاق تۇرماي زەينەپنى تاشلاپ كېتىپتۇ. مانا شۇنۇڭدىن بېرى زەينەپ قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ھەسرەت ئىچىدە جاھاننىڭ قايسى يېرىدە باھار بولسا شۇ يېرىگەبېرىپ كاككۇكنى ئىزلەپتۇ، چاقىرىپتۇ، مانا ھازىرغىچە تاپالماپتۇ، شۇڭا ئادەم ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا ۋاپادار بولۇش كېرەك، دەپتۇ.
- زەينەپ، كاككۇك دەپ چىرايلىق چاقىرىدۇ، مەنمۇ چوڭ بولغاندا زەينەپ بولۇپ كاككۇكنى چاقىرىمەن.
- ئاغىزىڭنى ئۈشۈتمە بالام. دىدى مارجانخان قىزنىڭ بىلمەيلا دىگەن گەپلىرىدىن چۆچۈپ كېتىپ.
ھېلىم بوۋاينىڭ چىۋەر قوللىرى بىلەن مەھەللىدىلا ئەمەس پۈتۈن يېزا بۇيىچە  خىلمۇ- خىل مېۋە- چېۋىلىرى بىلەن داڭقى بار باغ- ۋارانلار يىلدىن- يىلغا قۇرۇپ قېلىۋاتاتتى. يېقىندىن بېرى مارجانخانمۇ تازا ساق بولالمايۋاتاتتى، ئۇ بىردىن- بىر نەۋرىسىدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتى، ناۋادا راسلا ئۆزىمۇ بوۋاينىڭ يېنىغا كەتسە....
- مارجانخان ئاپا ئەتە ئازنە بازارغا بارايلىچۇ؟ ماگىزىنغا يېڭى گۈللۈك چىت، شەمبىزە كېلىپتۇ، ماڭا بىرە كۆينەك ئېلىپ بېرەسەن؟
- قاچان كۆردۈڭ؟
- تۈنۈگۈن رابىگۈل بىلەن ئويناپ بارغان، كۆردۇق، ئۇمۇ ئاپسىغا دىدى ئېلىپ بېرەي دىدى، سەنمۇ ئېلىپ بېرە.
- ماقۇل قىزىم.
ئۇلار ئىككىسى ئەتىسى چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ھەپتىدە بىر كېلىدىغان ئازنە بازارغا مېڭىشتى. قۇرغاق ئەتياز پەسلى بولغاچقا، بازاردا دېھقانلارنىڭ ئۇششاق بالىلارنىڭ ئوغۇرلىقىدىن تولىمۇ تەستە ساقلاپ، بۈگۈنكى بازارغا ئېلىپ كەلگەن قىزىل ئالما كۆپرەك ئىدى، دېھقانلار قىزىل ئالمىنى دۆۋە- دۆۋە قىلىپ بۆلۈپ ھەر دۆۋىسىنى چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ، 1موچەندىن 5 موچەنگىچە دەپ توۋلاپ سېتىشماقتا ئىدى، سامسىپەزلەرنىڭ، ۋاقىراشلىرى، ئاشپۇزۇللاردىن چىقىۋاتقان لەغمەن، پولولارنىڭ مەزىللىك ھىدى بازاردىكى ۋاراڭ- چۇرۇڭلارنى بېسىپ چۈشەتتى.
- مارجانخان ئاپا سامسا ئېلىپ بەرسەڭچۇ؟
- يائاللا سېنىڭ غەلۋەڭ نىمە دىگەن جىق، دىدى مارجانخان نەۋرىسىگە ئالىيىپ قاراپ، ئەمما ئۆزىنىڭمۇ ئىككى پىيالە چاي بىلەن سامسا يىگۈسى كېلىپ تۇراتتى.
- كەلسىلە مېھمان، يۇقۇرى ئۆتسىلە، دىدى سامسىپەز ئىككەيلەننى ئىچكىرى ئۆيدىكى سوپىغا باشلاپ قويۇپ ئۆزى تونۇر بېشىغا چىقىپ كەتتى.
- مېھمان ئىككىلىرى سامسىدىن نەچچىنى بۇيرۇتتىلىكىن؟ دىدى چۆچەككە چاي قۇيىۋاتقان ئايال مارجانخانغا قاراپ تۇرۇپ.
- ئالتە سامسا ئەكىرسىلە، ئىسسىقراق بولسۇن،  تويمىساق يەنە يەرمىز، دىدى مارجانخان چۆچەكتىكى قېنىق دەملەنگەن چايدىن بىر ئوتلاپ قويۇپ.
ئۇلار سامسىلىرنى يىيىشىپ، بازاردىن ئالىدىغان لازىملىق نەرسىلىرنى ئېلىشىپ، ئەرلەر خانىقادىن جۈمە نامىزىنى ئۆتەپ چىقىپ بولغىچە بازاردىن قايتتى. يولدا كېتىۋېتىپ، پاكار ھويلا تېمىدىن يولغا ساڭگىلاپ تۇرغان ئالما دەرىخىدىكى  چىرايلىق قىزىرىپ پىشقان ئالمىنى كۆرگەن قىزنىڭ ئالمدىن نەچچىنى ئالغۇسى كېلىپ ئالمىغا قول ئۇزارتتىپ تۇرۇشىغا، كۆزلىرى قىزىرىپ چاپاق بېسپ كەتكەن، ئۇچىسىدىكى كۆڭلكىنىڭ كىرلىكدىن رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ئىشتىنىنىڭ ئالدىدىن ئىشتان بېغى ساڭگىلاپ تۇرغان، بېشىدىكى دوپپىسىنىڭ جىيەكلىرى يىرتىلىپ، گۈللىرى ئۆڭۈپ كەتكەن، ئۆزى ئۇرۇق، غۇنچە بوي بىرسى چىقىپ، - ھەي، ھەي مەن مۇشۇ بىر تۈپ ئالما بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن، مەن ئۆزەممۇ يىيەلمەي تۇرسام، سەن ئوغۇرلاشقا قانداق پېتىندىڭ ھە جۇۋەينىمەك.
- ئۇكام خاپا بولماڭ، قىزىم كىچىكلىك قىلىپ قويۇپتۇ، دىدى مارجانخان بۇ كىشىنىڭ ئەلپازىدىن قوقۇپ.
- مەن تېخى ئالما ئالمسام قانداق ئوغرى بولىمەن، سەن چاپاق مېنى ئوغرى دەيسىنا دىدى قىزمۇ بوش كەلمەي.
- ھوي ما ماڭقىنىڭ ئاچچىقىنى كۆمەمدىغان، مەن چىقمىسام موككىدە ئوغۇرلاي دەپ تۇرغانغۇ دەيمەن. بۈگۈن كەيپىم تازا ياخشى چاغدا ئۇچراپ قالدىڭ، بولمىسا مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىشەمسەن؟ مەن دىگەن ھېلىقى ئالتە شەگە داڭقى بار ئوسمان توڭ شۇ، بىلىپ قال.
- بولدى خاپا بولمىسلا، لېكىن سىلىنى مەن بۇرۇن ئەجەپ كۆمەپتىكەمەن، سىلى قاچان كۆچۈپ كەلدىلە؟ بىلمەي قاپتۇق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھويلىغا كۆچۈپ كىرگەنلىرىنى، دىدى مارجانخان ئۆزلىرىگە تېيەك بولىدىغان ئادىمىنىڭ يوقلىغىدىن ئۆكۈنۈپ، ئەگەر بۇرۇنقى چاغلار بولسا ئوسمان توڭدىن ھېلىغۇ بىرسىكەن، ئونى بولسىمۇ بىر ئۆزى تېتىپ قوياتتى، بىراق ھازىر ياۋاشقىنە كېتىپ قالمىسا بىكار، شۇڭا ئانا قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ دىگۈدەك ئېلىپ كەتتى.
- مەن بۇ ھويلىنى قىمار ئويناپ ئۇتىۋالغان، ئالىدىغان ئادەم چىقسا سېتىۋېتىمەن، لېكىن سېتىۋەتكىچە بۇ يەردىكى ھەممە مېنىڭ بولىدىغاندۇ؟
- شۇنداق، شۇنداق ھەق گەپ، دىدى مارجانخان ئالدىكى بۇ كىشىگە ئەيمىنىپقىنا قاراپ قويۇپ.
بىر تال ئالما ئالماي تۇرۇپلا ئوغرى ئاتالغان چولپانگۈل ئەتىسى چىڭقى چۈش مەھەلدە ئوسمان توڭنىڭ ئالمىسىنى ئوغۇرلىغىلى كەلدى. ئۇچىسىدىكى چىت كۆڭلىكىنىڭ ئىتەكلىرىنى لىق ئالما بىلەن تولدۇرغان چولپانگۈل ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا، بىلىكىدىن كاپلا قىلىپ بىرسى تۇتىۋالدى.
- مېنى قويۇپ بەر دىدى قىز، بۇ قولدىن يۇلقۇنۇپ چىقماق بولۇپ.
- ئەمدى ئوغرى بولغانسەن، ماڭە دىگىنىچە ئوسمان توڭ قىزنى ھويلىسىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى، قىزنىڭ ئالما بىلەن تولغان ئېتەكلىرىنىڭ ئاستىدىكى ئېچىلىپ قالغان ئاپپاق يوتىلىرى ، بۇلاقتەك كۆزلىرى ، قىياقتەك قاشلىرى ، جىنەستىدەك قىزىل لەۋلىرى، قاش- تېشىدەك سۈزۈك يۈزلىرى ئوسمان توڭنىڭ ئاللاقانداق ھىسياتلىرىنى قوزغىدى، بىردىنلا يۇمشاپ، قىزغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى.
- ئىسمىىڭ نىمە؟
- چولپانگۈل.
- نەچچە ياشقا كىردىڭ؟
- مۇشۇ يىل 13 ياشقا كىرىسەن دەيدۇ مارجانخان ئاپام.
- ئويۇڭلاردا كىملەر بار؟
مارجانخان ئاپام بىلەن ئىككىمىزلا با.
- ھە بىلدىم، ئالە بۇ قەن سالغان چاي، ئىچىپ بولۇپ ئالغان ئالماڭىنىمۇ بېرەي، مەن دىگەن ئىشقا ئۇنىساڭ بۇ ئالمىلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولىدۇ، بىلدىڭمۇ؟
ئۇ شۇنداق دەپ، ھېلىلا دەملىگەن مەجۇننى قىزغا ئىچۈردى، بىردەمدىن كېيىنلا مەجۇن كۈچىنى كۆرسىتىپ، قىز كۈلۈشكە باشلىدى، ئارقىدىنلا ئىچى قىزىغاندەك بولۇپ كۆينەكلىرنى سېلىشقا باشلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىمارۋاز ئوسمان توڭ قىزنى ....
چارچاپ ھالىدىن كەتكەن قىز قاش قارايغان ۋاقىتتا ئاران- ئاران دەسسەپ پەيدا بولدى، ئىتىكىدىكى  بىر مۇنچە ئالمىلارنى ھويلىسىدىكى بىر سېۋەتكىلا تۆكۈپ قويۇپ مارجانخان نامازشام ئوقۇپ بولغىچە ئۇخلاپ قالدى، نەۋرىسىنى ھېرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دىگەن مارجانخان ئەتىسى قىزنىڭ ياتقان ئورنىغا كېلىپ قالغان قاننى كۆرۈپ نىمە بولغىنىنى سورىدى.
- نىمە بولدى ساڭا، دىگىنە ؟
- بىلمەيمەن مارجانخان ئاپا.
- تۈنۈگۈن نەگە باردىڭ؟
- ئوسمان توڭنىڭ ئالمىسىنى ئوغۇرلىغىلى باردىم. دىدى قاننى كۆرۈپ قوقۇپ كەتكەن قىز يىغلامسىراپ تۇرۇپ.
- ئاندىن نىمىش بولدى؟ دىگىنە بالام دىدى ئانا ئەلەملىك تولغۇنۇپ.
مېنى تۇتىۋالغان ئىدى، ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ بىر چىنە قەن سالغان چاي بەردى، ئاندىن بۇ ئىشنى خەققە دىمە بولمىسا ئاناڭ بىلەن ئىككىڭلار ئۆلۈپ قالسىلەر دەپ ...
يۈرىكىگە پىچاق تىققاندەك بولۇپ كەتكەن مارجانخان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ھۇ ھايۋان دىگىنىچە ئويدىن چىقىپ ئۇدۇل ھېلقى ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئۇ بېرىپ بىلدىكى ئوسمان توڭ بۇ ئۆينى كېچىدىن باشقا بىر قىمارۋازغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، كېچىلەپ ناھيىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.
- ئاھ! خۇدا ماڭا نىمە كەلگۈلۈك بۇ ئەمدى؟ ھىچ بىر ئىنسانغا دىيىشكە پېتىنالماي ئۆز- ئۆزىگە يىغلاپ، مەيدىسىنى زەي يەرگە چاپلاپ، نەچچە كۈن ئىچىدە بۆلەكچىلا قېرىپ كەتتى.
شۇنداق تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرى مانا مۇشۇنداق، سەن قىلمىشىڭنى كىشىلەر ئۇنتوپ كەتتى دىگەن بىلەن ئۇنتىمايدىغان بىر زات بار. ئۇ ئالدىراپ كەتمەيدۇ، بىخەستىلىك قىلمايدۇ، ئاشۇرۋەتمەيدۇ، كېمەيتىىپمۇ قويمايدۇ... سەن ئۆزگىگە زەرىچىلىك يامانلىق قىلساڭ ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ ئالىسەن. ئەگەر كىشىلەر ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى بىلمىگىنىدە چۇقۇم مەنپەت ئۈچۈن بىر- بىرىنى يىۋېتشى تۇرغان گەپ.
شۇنداق ئىنساننىڭ ھايۋاندىن نىمە پەرقى بار؟ ئۇ پەقەت پىكىر قىلالايدۇ خالاس. چۈنكى ئىنسان قىلغان نۇرغۇن ئىشلارنى ھايۋان جېنىدا قىلمايدۇ. بىر پىيالىگە ھاراق قۇيۇپ، ئۈچ كۈن ئۇسسىز قويغان ئېشەككە بەرمەكچى بولغان سۇغا شۇ بىر پىيالە ھاراقنى ئېلەشتۇرۇپ بېرىپ بېقىڭ ئېشەك ئىچەمدىكەن؟ ئەلۋەتتە ئىچمەيدۇ، لېكىن ئادەمچۇ قانچە قېتىملاپ بالايى- ئاپەت ئېلىپ كەلسىمۇ يەنە ئىچىدۇ.
بىر چېكىم نېشە، تاماكا...دىگەندەك نەرسىلەرنى بېرىپ بېقىڭ ئېشەك يەمدىكەن؟ لېكىن ئادەمچۇ؟ ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەس يەرلىرى كۆپتۇر بەزىدە...
يىغلاپ- قاقشاپ قالغان مارجانخان ئۆزىگە يانغان بۇ ئاپەتنى كۆتتۈرۈپ بولالمايدىغاندەكلا قىلاتتى، ئەمما ئۇ يەنە ياشىمىسا بولمايتتى ئەلۋەتتە.
مارجانخان ئۆتمۈشنى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى، ناۋادا رەھمەتلىك بوۋىيى دىگەندەك ئوغلى توختىنى قاتتىقراق باشقۇرغان بولسا قانداق بولار ئىدى ھە؟ ئوغلىنى زىيادە ئەركىلىتىپ، ئاقىۋەتتە كۆرگەنلىرى نىمە بولدى؟ ئاتىسى، ئېرى ئۆلۈپ، ئوغلىنى تۇتۇپ كېتىۋىدى مەھەللىدە ھىچ بىر كىشى بولارنى ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ باقمىدى. يىراقنى دىمىگەندىمۇ يېقىندىكى مۇنۇ بىر نانغا كۈچى يەتمەيدىغان خوشنىسى قاراپ تۇرۇپلا توخۇلىرىڭ بېغىمغا چىچىپ قويۇپتۇ دەپ بىر مۇنچە ئاھانەت قىلۋاتمامدۇ. مارجانخان ئۆكۈنەتتى، ھەسرەت ئىچىدە كېچىلىرى يىغلاپ كېتەتتى.



زەينەپ

مارجانخان ئانىسىدىن قالغان ئالتۇن زىرە، بىلەيزۈكلىرىنى سېتىپ دىگۈدەك قىزنى مەكتەپكە بەردى، مەكتەپكە خېلىلا قىززىپ چولپانگۈل ئانىسىنىڭ باشلانغۇچتىن چىقىرىۋالىمەن دىگىنىگە ئۇنىماي، تۇلۇقسىز ئوتتۇرغىچە ئوقۇدى.
- قىزىم سەنمۇ مېنىڭ ھالىمغا يەتكىن، مانا قارا قەدەملىرىم قىسقىراپ كۈندىن- كۈنگە بوۋاڭنىڭ يېنىغا يېقىنلاۋاتىمەن، ئەمدى ئۇنى ئۇنداق دەپ، بۇنى بۇنداق دەپ تۇرۋالساڭ ئەر چىقمايدۇ ساڭا.
- شۇ مەن ئەرگە تەگىمەي دىمىدىم مارجانخان ئاپا، كۆڭلۈمدىكىسى چىقمىسا قانداق قىلىمەن؟
- بالام تويدىن كېيىن قاملىشىپ قالىسەن، ئۇنداق كاجلىق قىلمىغىن بولامدۇ؟ سېنى ياتلىق قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس ئۆزەڭ بىلىسەن، ئاۋال بىرەسىگە ئات بولۇپ ياتلىق بولۇپ تۇرساڭ، قاملىشىپ قالساڭ تۇراسەن، قاملىشالمىساڭ بىر گەپ بولمامدۇ؟
- مارجانخان ئاپا مەنمۇ تەگمەي دىمىدىم، مەن ئاڭلىدىم ناھيىدە سىفەن مەكتىپى قۇرۇلغىدەك، مەن داۋاملىق ئوقۇيمىكىن دىگەن ماقۇل دىگىنە.
- ھال- كۈنىمىز بۇرۇنقىدەك ئەمەس بالام، ئوقىساڭغۇ بولاتتى، لېكىن قىز بالا ئوقۇپ نەگە بارىدۇ، يەنىلا ۋاقتىدا بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتقىنىڭ تۈزۈكمىكىن.
- ئەر دىگەن قاچانلا تەگسە با، تۇنجى قاراردا ھەقسىز ئوقۇتىدىكەن، سىنىپتىكى نەچچە ساۋاقداش دىيىشتۇق بىللە ئوقۇيدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ چولپانگۈل مارجانخاننىڭ دىگەنلىرىگە كۆنمەي كاجلىق بىلەن ناھيىدە قۇرۇلغان تۇنجى سىفەن مەكتىپىدە ئوقۇدى. بۇ سىفەن مەكتىپى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇۋاتقان بالىلارنى قايتۇرىدى. ھۆكۈمەت بالىلارنى ئۇقۇدى دەپ ئىشسىز قويماي ھەر قايسى يېزىلارىغا ئىشچى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدى، شۇ قاتاردا چولپانگۈلمۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تەقسىم قىلدى.
كۆزلىرى بىر نوختىغا تىكىلگەن قىز، مارجانخاننىڭ پىكىرىنى ئورۇنلۇق دەپ بىلىپ، مارجانخاننىڭ ئانا تەرەپ شېرەم تۇققىننىڭ توكور ئوغلىغا ياتلىق بولۇشقا قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ مارجانخان نەۋرىسىنى ئىيون ئېيىنىڭ مەلۈم بىر كۈنى كۆپ داغدۇغا قىلمايلا ياتلىق قىلدى. قىزنىڭ بىر توكۇرغا ياتلىق بولغىنى كۆرگەن قۇرداشلرى ھەيرانۇھەس بولۇشۇپ، ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنى قىلىشىپ قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئۇزىتىپ قۇيدى، ئاساسلىقى ئۇلار قىز تەرەپنىڭ قول- ئىلكىدە بولمىغانلىقى سەۋەدىن ئۆزىدىن سەل باي تۇققىنىغا ياتلىق بولدى دىيىشتى، قىزنى كۆچۈرۈپ ماڭغاندا يىغلىغان يىغىسغا ئانا زادىلا چىداپ تۇرالماي ئەس- ھوشىنى يوقاتقان ئىدى.
بۇ قاملاشقان قىزنى ئەمرىگە ئالغان توكور، نېرى- بىرىسنى سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدى ئەكسىچە چولپانگۈلنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالدى، بىراق چولپانگۈل بۇ ئەرنى زىنھار ياراتماي تالاي قوساق كۆپىكى بىلەن قېچىپ كەتتى، قەلبىگە تۈنجى ئايال كىشىنى سىغدۇرۇپ قالغان بۇ توكور قېينى ئانىسىغا يىغلاپ تۇرۇپ كۆپ قېتىم يالۋۇردى، بىراق نەتىجە يەنىلا چولپانگۈل ئاجرىشپ كەتتى. ئالتە ئاي تۇرمىغان چولپانگۈل يىل ئۆرۈلمەستىلا يەنە بىر ئاشىق يىگىتكە ياتلىق قىلىندى.
- ئۇكام كېلىڭە، دىدى چولپانگۈن ئېرىنىڭ ئاكىسىنىڭ 5-6 ياشلىق قىزىنى چاقىرىپ، مەن سىزگە بەش موچەن بېرىمەن، كەچتە مەن بىلەن بىللە يېتىشپ بېرىڭ بولامدۇ؟
- ماقۇل، بىراق ئاخشامقىدەك يۇسۇپ ئاكام مېنى چىقىپ كەت دىسە قانداق قىلىمەن؟
- ماڭا چىڭ چاپلىشىپ يىغلاپ تۇرۋالىسىز، مەن ئازنە بازارغا بارغاندا سىزگىلا سامسا ئېلىپ بېرىمەن.
- چولپانگۈل بالام كەلسلە ما بىر چىنە ئاشنى ئىسسىقىدا ئىچىۋالسىلا. دىدى موماي بىر نەرسە تۇتقاندا تىترەپ تۇرىدىغان قوللىرى بىلەن چۆچەكتىكى  ئاشنى چولپانگۈلگە سۇنۇپ تۇرۇپ.
- يەنە ئاشما؟ تازىمۇ بىر قەلەندەرلەگە ئۇچراپ قالدىممۇ نىمە؟ دىدى چولپانگۈل مومايغا ئالىيىپ قويۇپ.
- بالام ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىسلە، توي قىلغىچە ئازراق قەرز بولۇپ قالدۇق، يۇسۋاخۇنمۇ ئىشلەۋاتىدۇ، شۇ ئەپەندىنىڭ ئايلىقى سەل تۆۋەنكەن، بۇ قەرزىلەرمۇ تۈگەپ قالا خېنىم بالام.
- كىم بىلدۇ بۇ قەرزى تۈگەپ بولغىچە مەنمۇ تۈگەپ قالامدىم؟
مۇشۇنداق تاپا- تەنىلەر بۇ ئانىنىڭ يۈرەك- باغرىنى ئېزىپ تاشلىسىمۇ، ئوغلى پىراقدا كۆيۈپ، تەگمەيمەن دىسە ئاغرىپ قېلىپ ئالغان بۇ كېلىنىگە ئارتۇقچە بىر نەرسە دىيەلمەيتتى، ئوغلى مەكتەپتىن كىرگىچە ئانىنىڭ يۈرىكى سۇ ئىدى، كېلىننى قىچىپ كېتەرمىكىن دەپ.
بۇ ئۆيدىكىلەر شۇنچە ئىززىتىنى قىلسا ئۆزىنى بىلەلمىگەن بۇ قىزىمىز يۇسۇپ مۇئەللىمگە تۈزۈككىنا تۇتۇق بەرمەي ئاخىرى بۇ يىگتنىڭ كۆڭلىگىمۇ ھىجران سايىسىنى باشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
- خۇدا كۆزۈڭ بولسا كۆرەسەن، ئۆزەڭگە قويدۇم، تەڭشەپ قويارسەن... بىر ئۆمۈر ئەر زاتى كۆرمەي ئۆتەسەن دىدى، ئانا بوپىسنى كۆتتۈرۈپ چىقىپ كېتىۋاتقان كېلىنىنىڭ ئارقىسىدىن ئەلەمگە چىدىماي جەيناماز ئۈستىدە يامغۇر كەبى تۆكۈلۈپ تۇرۇپ.
- ھەي چولپانگۈل ئەتە ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى كېلىپ، يېزىمىزدا ئويۇن قويىدىكەن، شۇڭا سىز ئاسىگۈل بىلەن زالنى پاكىز تازىلاپ، تەييالىق قىلىپ قويۇڭلار، ئۇلارنىغۇ سەمەت دادۇيجاڭنىڭ بېغىغا باشلامىز شۇنداقتىمۇ بىخەستە تۇرمايلى.
- بىلدىم شاڭجاڭ.
ھەي قايسى يېزىلاردا ئويۇن قويۇپ بولغان سەنئەتچىلەر ماڭىدىغان ئاخشىمى سەمەت دادۇيجاڭنىڭ بېغىغا ھاردۇق چىقارغىلى كېلىشتى.
-مارجانخان ئاپا كەچتە سەنمۇ بارغىن سەمەت دادۇيجاڭنىڭ بېغىدا مەشرەپ بار، چۇقۇم بار ھە دىگەچ ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنى ئالماشتۇردى، دە چىقىپ كەتتى.
سەمەت دادۇيجاڭنىڭ بېغىغا كادىرلار، سەنئەتچىلەر، دېھقانلار بولۇپ 200 دەك ئادەم يىغىلغان ئىدى. مېھمانلارغا تاماق تارتىلغاندا ئۇچىسىغا ھالرەڭ كۆڭلەك كىيىپ، بېشىغا قىزىل گاز ياغلىق ئارتىۋالغان مارجانگۈل بۇ مەشرەپنىڭ مەشرەپ گۈلىدەك جۇلالىنىپ كەتكەن ئىدى. تاماقلار يىيىلىپ، سازلار تەڭشىلىپ، مۇزىكىلار ياڭراپ ئۇسۇل خۇمارى بارلارنى ئورنىدا تۇرغىلى قويمىدى، بىرىنچى مۇزىكا تۈگىگەندە قولىدىكى تەمبۇرنى ياندىكى ھەمراھىغا بېرىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى پىچىرلاپ، ئورنىدىن تۇرغان يىگىت مۇزىكا چىقىش بىلەن ئۇدۇل كېلپ چولپانگۈلنى ئۇسۇلغا تارتتى.
- مەن بەك بىلمەيمەن، باياتىن بېرى يىگىتتىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قالغان چولپانگۈل.
- كېلىڭە مەن ئۆگىتىپ قويىمەن.
- باشقىلار قاراپ تۇرسا قانداق ئۆگىتپ قويىسىز؟
-ئاۋال مەيدانغا چۈشمەمسىز؟
قىز تارتىنىپقىنا ئۇسۇلغا چۈشتى. – ئاھاي ئەسلى مەندىن يۈشۈرۈپتىكەنسىز ھە. دىدى قىزنى ئەپچىلگىنە چۆرگىلەپ توختىغان يىگىت قىزىدىن كۆزنى ئۈزەلمەي.
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ بۇ چولپانگۈلىمىز قەلىب ئىكرانىغا، كۆز ئالدىدا شوخلۇق بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بولغان ئىدى، كۆز ئالدىدا نامازشام گۈلىدەك جۇلالىنىپ تۇرغان بۇ قىزغا يىگىتنىڭمۇ مەيلى چۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتى.
- بىز ھېلىلا ماڭىمىز، ئاخشام ئەجەپ گەپ- سۆز قىلمايلا كېتىپ قاپسىز.
- بەك كەچ بولۇپ كەتسە كېتەلمەي قالماي دەپ شۇ.
- مۇبارەك ئىسمىڭىزنى سورسام بولامدىكىن؟
- بولىدۇ، ئىسمىم چولپانگۈل. مۇشۇ يېزىدا ئىشلەيمەن.
- ئىسمىم ئارسلان، ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەيمەن. مەن سىزنى چۇقۇم ئىزلەپ كېلىمەن، بىز بىرەر ئايلاردىن كېيىن يەنە ئويۇن قويغىلى كېلىمىز.
- ھاي ئارسلان، ماڭە بۇ ياققا، يولغا چىقىمىز. دىدى بىرسى. شۇنداق قىلىپ ئارسلان تۇنۇشا- تۇنۇشمايلا چولپانگۈلنى ھىجران ئوتىغا تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ يولىغا قاراپ كۈن ساناپ، يازنىڭ ئۇزۇن كۈنلىرىنى، قىسقا تىنجىق كېچىلىرىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۋاتقان چولپانگۈلگە ئارسلان كەلگۈچە بولغان بىر يېرىم ئاي ۋاقىت تولىمۇ ئۇزۇن بىلىندى، ئۇلار كۆزلىرىدىن بالقىپ تۇرغان ئوتتەك تەشنالىق بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
- مەن سىزنى بىرە قۇر سۇرۇشتۇردۇم، مەنمۇ ئىككى قېتىم ئۆيلىنىپ قاملىشايماي ئاجرىشىپ كەتكەن، ئەگەر ئۆيىڭىزدىكىلەر قوشۇلسا ئىككىمىز توي قىلساق، توي قىلغاندىن كېيىن تەشكىلگە ئىلتىماس سۇنۇپ سىزنى مېنىڭ قېشىمغا ياكى مەن بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كېلەلەيتتۇق، دىدى ئارسلان قىزنىڭ ئاپپاق، پاختىدەك يۇمشاق قوللىرىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ.
- لېكىن مەن سىزنى بىلمەيدىغان تۇرسام، دىدى چولپانگۈل.
- مانا بىلسىڭىز مەن ئالدىڭىزدىلا تۇرىمەنغۇ، سىز بىلمەيسىز مېنىڭ ئاتا- ئاناممۇ مۇشۇ يۇرتتىن چىققان، تاغىلىرىم بار.
- يالغان دىمىڭە ئادەمنى گوللاپ، دىدى قىز لېكىن كۆڭلىدە ئارسلان بىلەن بولىدىغان توينىڭ چوتىنى سوقۇپ تۇرۇپ.
- راس ديمەن، بولمىسا دادۇيجاڭدىن سوراپ بېقىڭ. بۇلار تۇنۇشۇپ 6 ئايمۇ ئۆتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككى تەرەپنىڭ تەستە قوشۇلىشى بىلەن بولۇپمۇ ئارسلان تاغىسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى يېڭىپ توي قىلدى. تويدىن كېيىن ئارسلان ئايدا بىرە- ئىككى قېتىم كېلىپ ئايالنى يوقلاپ تۇردى. يىلغا قالماي ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى.
ئەر زاتى يوق ئۆيدە چوڭ بولۇپ، كۆپ باشقۇرۇشلار ئىچىدە يۈرمىگەن بۇ قىزىمىز چوڭ بولغانسىرى بولۇپمۇ ئەردىن چىققاندىن كېيىن مارجانخان ئانىنىڭ گەپلىرىگە ھە ماقۇل دەپ قويۇپ ئۆزى خالىغان يەرلەردە يۈرۈپ كۈنۈپ قالغان كونا ئادىتى، ئىككىنچى قىزىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېرىنىڭ يېنىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ يەنە قوزغىلىپ ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە تىنەپ يۈرۈشكە باشلىدى. بۇرۇنلاردا بۇ قىزىمىز بىلەن ھىچ كىشىنىڭ كارى بولمىغان بىلەن مانا ئەمدى ئارسلاننىڭ  تاغسى ئۇنى كۆزىتپ تۇرغاندەك بەزى ئۇنىڭ يېغىرىنى تاتىلايدىغان گەپلەرنى قىلاتتى.
- ھەي ساڭا خوتۇن چىقمىغاندەك بۇ بىر نىمىنى ئالما دىسەم ئالدىڭ، ئەمدى يا خىزمىتىنى يۆتكىمەيسەن، يا ئۆزەڭ يېنىپ كەلمەيسەن 5 يىلدىن بېرى قانداق تۇتقان ئۆي بۇ؟
- ئاكا مەنمۇ مېڭىۋاتىمەن، لېكىن زادىلا ئامال قىلالمايۋاتىمەن.
- ئەمسىە قويىۋەت بۇنى.
- نىمە دىگىنىڭ بۇ ئەمدى؟ سەن بىرەر گەپ ئاڭلاپ قالمىغانسەن ھە؟
- ئاڭلىساممۇ نىمە بولماقچى،ئاڭلىمىسام نىمە بولماقچى؟ باللىرىڭنى مەن باقاي بەك باقالمىساڭ.
بەش يىلدىن بېرى يا ئايالىنى يۆتكىيەلمەي جىلى بولۇپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى بۇ ئايالدىن سۇۋۇپ قېلىۋاتقان ئارسلان ئاكىسنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل تېڭىرقاپ قالدى دە قېينى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئايالىنى سوتلاشقا باشلدى.
- مەن يوق چاغلاردا سەن قەيەرلەردە يۈردۈڭ دىگىنە؟ نىمىشقا كوچىغا بۇلا- بولماس گەپلەر چىقىپ قالىدۇ؟
- نىمە دەيدىغانسىز ئەمدى، دىدى چولپانگۈل ئۆزىنى ئاقلاپ، مەن جاپادا باللىرىڭزنى بېقىپ تۇرسام، ماڭىمۇ ئاسانمۇ، ئەنە باللىلارنى ئۆزەم بىر قوللۇق ئالدىنى بەش ياشقا كەينىنى ئۈچ ياشقا كىرگۈزدۈم، سىز بىرە قېتىم بالىنى قانداق بېقىۋاتىسەن دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇ يىللاردىن تارتقان جاپاسىنى دەپ ئۆزنى ئاقلاشنىڭ ياخشى ئامالنى تاپقان ئىدى.
- بولدى، بولدى دىدى ئارسلان نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ دىگەن قېينى ئانىسىنىڭ ئۆيى ئەمەسمۇ.
ئۇلار بۇ قېتىم سوغۇقلا خوشلاشتى. بىراق چولپانگۈل ئېرىنىڭ مۇشۇ سېگىنالىدىنمۇ ئويغىناي دىمەي ئۆزىىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ يۈرەۋەردى. ئارسلان شۇ كەتكەنچە 6 ئايدىن كېيىن كەلدى. بۇ چاغدا ئۇ ئايالىنىڭ بەكلا مىجەزى يوقلىقىنى بىلىپ دوختۇرخانىغا بىللە چىقىپ تەكشۈرتمەكچى بولدى.
- ئايالىڭىزنىڭ بويىدا بار ئىكەن، شۇڭا بىئارام بولۇپ، يىگىنى سىڭمىگەن گەپ، بۇنۇڭغا دورا يوق، ئاز ۋاقتتىن كېيىن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
بېشىدا چاقماق چاققاندەك بولۇپ كەتكەن ئارسلان گەپ سۆز قىلالمايلا قالدى،- دە، چىققان بويىدا ئايالىنىڭ كاچىتىغا كەلتۈرۈپ ئىككى تەستەك سېلىپ دوختۇرخانىدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتى.
نىمىش بولغىنىنى بىلەلمىگەن چولپانگۈل دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرىپ ، - مەن نىمە كېسەل ئىكەنمەن دەپ سورىدى.
- سىز بىلمەمتىڭىز؟ بويىڭىزدا باركەن.
- مۇمكىنمۇ مەن دورا يىگەن تۇرسام... ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقىپ ئارسلاننىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغان بولسىمۇ زادىلا يىتىشەلمىگەن چولپانگۈل ئىشنڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلالمىغان ئىدى.
چىققان بويىدا ئارسلان قېينى ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېرىپ،- قىزىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىڭ، ماڭا شۇنداق پاك قىزنى ساقلاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مېنىڭ ئىككى بالام بار، خالىسا ئالسۇن ، خالىمىسا بەرسۇن ئۆزەم باقىمەن، قىزىڭىز تالاق، مىڭ تالاق، ئون مىڭ تالاق دەپ قويۇپ ھىچ قانداق سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي چىقىپ كەتتى، ئارسلان ئايالىنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىغا قاراپمۇ قويماي، ئوغلىنى ئۆزى ئېلىپ، قىزىنى ئايالىغا بېرىپ ئاجرىشىپ، ئوغلىنى ئېلىۋېلىپ كەتتى.
ئەمدى بىر ئارامىغا چۈشۈپ قالغان مارجانخانغا بۇ ئىشلار ئېغىر كەلدىمۇ ياكى قېرىلىق يەتتىمۇ چولپانگۈل ئاجرىشىپ بىرەر ئاي بولا- بولمايلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.
مارجانخان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلغان چولپانگۈل ئۆزىنىڭ ئارسلاننى ھەقىقىتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاندىن بىلدى، ئۇ مارجانخاننىڭ ئۆلۈمىگە ئەمەس ئېرىگە چىدىماي ئۆزىنى ھەر يانغا ئېتىپ كىشلەرنىڭ باغرىنى ئېزىپ تۇرۇپ ھازا ئاچتى، كىممۇ ئۇنىڭ دەردىنى بىلسۇن؟
‹ كىينكى پۇشايمان، ئۆزگە دۈشمەن› دىگەندەك ئۇنىڭ دەردىگە يەتكۈدەك ئادىمى قالمىغان ئىدى، ئۇ يىگانىلىقنىڭ ئىچىگە مەھكەم بۆلىنىپ، ۋاختىدا يىمىگەن دورىنىڭ تەسىرىدە مېيىپ تۇغۇلغان، ئاتىسىنىڭ كىمىلىكى بىلمەيدىغان ئۈچۈنچى بالىسىنى تۇغدى، بالىسىنى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلۈپ قالدى دەپ باشقىلارنىڭ ياردىمدە يەرلىككە قويۇپ كەلدى. باشقىلار ھېلىغىچە ئۇ بالىنى چولپانگۈل ئۆزى ئۆلتۈرۋەتكەن دىيىشىدۇ.
‹‹سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول›› دەپتىكەن كونىلار.
ئۆزىنى سۆيگەننىڭ قەدرىنى بىلمەي، ئۆزىنى سۆيمىگەننىڭ ئوتىدا كۆيۈپ تۇرۇپمۇ، چىن سۆيگۈنى قەدىرلىمىگەن چولپانگۈل چاچلىرى ئاقىرىپ،نەۋرىلىك بولغانغا قەدەر ئېرىنى ساقلاش بىلەن ئۆتتى. زەينەپ يىلنىڭ بىر پەسلىدە ياش تۆكسە، ئۇ يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ياش تۆكىدۇ. ئۆنىڭ ئۆمرى ئۆكۈنۈش، ھەسرەت چېكىش، دەرت- پىغان بىلەن تولغان ئۆمۈردۈر...


                    كەلپىن ناھيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن :
                                     گۆھەر ئابلا.
               

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 11:55 AM  


باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5409
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20214
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 10:15:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەينەپ دېسە ئۇچۇپ كىردىم

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2625 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 10:56:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىمۇ ياكى،ئايىغى بارمۇ،

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 242 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:09:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توختى قاۋان ھەجەپ چىقمىدى تۇرمىدىن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kepanogrisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 12:55 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 242 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:10:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر تەرتىپلىك بايان شەكلىدە ۋەقەلىكلەر مارجاندەك تىزىلىپ ياخشى يىزىلىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8742
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2090 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:50:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى تىلى زىيادە قوپال سۆزلەرنى ئىمكانقەدەر باشقا سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىپادىلەپ بىقىشقا تىرىشسىڭىز  . بىر نەچچە قۇر ئوقۇپلا بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 10:35:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋىيەلىك چىقىپتۇ ... قىزىقىپ ئوقىدىم ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101922
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:31:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتا ئوقۇپ يەنە داۋامى چىقماس ئەسەرمىكىن دەپ  ئويلىغانتىم، ئوقۇپ بۇلۇپ ئەسەرنىڭ ئاخىرلىشىشدىن رازى بولدۇم، توختى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر كۈنلەرگە قالغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2907
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2570 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:50:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى ،ۋەقەلىگى تۇرمۇشقا يېقىن يېزىلىپتۇ،ھارماڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 11:51 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5136
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:24:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ھارمىغايسىز

ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇ :دوسلىرىم پەخىرلىنىپ كۈلگىدەك ، دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگۈدەك .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش