قۇربان ھېيتقا يۇشۇرۇنغان ھايات ھېكمىتى
(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)
ئاپتۇرى:تۇرسۇنجان سۇلايمان (شەررارى)
ئىنسانغا ھەدىيەقىلىنغان نىئمەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك ، مەنا بەخش نىئمەت - - -تەپەككۇرغا زاكات كەلسە ئىدى ، ئۇنىڭ زاكىتى ئۆمۈر ئوقۇشخانىسىدا تەلقىن ۋە تەپەككۇردا بولۇپ ھايات ھېكمەتلىرىنى بايقاش بولىشى ئېھتىمال . لىكىن مىڭ ئەپسۇسلار بولسۇنكى ، " ئەھلى چەۋەندازلار ئات يېمى غېمىدىلا بولۇپ چەۋەندازلىق كامالىتىنى ئۇنتىغاچقا "تالاي ھېكمەت دۇردانىللىرى نەزەرلەردىن ساقىت قىلىنىپ ئىككى كۆزگە " ئات يېمىدىن " باشقا ھىچ نەرسە كۆرۈلمىدى . بۇ خۇددى پۈتۈن دۇنيانى كۆرۈش قۇدىرىتىگە ئىگە ئىككى كۆزنىڭ ئالدىغا ئىككى تەڭگىنى قويۇپ قويسا ، شۇ ئىككى تەڭگىدىن باشقا ھىچ نەرسىنى كۆرەلمىگەن كۆزنىڭ مىسالىدۇر . شۇڭلاشقا بىزدە <مەن سەھەردە ھەقىقەتنى بىلىۋىلىپ ، كەچتە ئۆلۈپ كېتىشكە رازىمەن > دىگەن سۆزنى قىلغان كۇڭفۇزىدىكى ھېكمەتكە تەلپۈنىدىغان قەلبمۇ ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ < ھېكمەت مۆئمىن كىشىنىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان گۆھىرى ، ئۇنى نەدىن تېپىۋالسا شۇ يەردىن تېپىۋالسۇن > دىگەن بۈيۈك كۆرسەتمىسىدە ئەسكەرتىلگەندەك ھېكمەت تەقەززالىقىمۇ كەمدىن كەم بولدى . ھالبۇكى ، ھايات دېڭىزىغا تەپەككۇر غەۋۋاسى شۇڭغۇپ كىرىپ ھېكمەت مەرۋايىتلىرىنى پارلىتالىغاندىلا ئۆمۈر زەگەرخانىسى ئۆزگىچە جۇلالانغان بولاتتى . چۈنكى ، ياراتقۇچىنىڭ ھەربىر ھۆكمى ۋە قارارىدا ،تەقدىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا بۈيۈك بىر ھېكمەت چەشمىللىرىنىڭ يارقىن ئىكەنلىكىدە ھىچ شەك يوقتۇر . مەسىلەن ، ئىنسانلارنىڭ چىرايىنى بىر - بىرىدىن پەرقلىق قىلىپ يارىتىشتا ھالال جۇپلىرىنى ئېنىق تونۇپ كۆڭۈل خىيانىتىدىن يىراق بولۇش ، ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كىتاب " قۇرئان كەرىم " دە قەيت قىلىغان < نامەھرەملەرگەقاراش شەيتاننىڭ زەھەرلەنگەن ئوقلىرىنىڭ بىرىدۇر ، كىمىكى ئۇنى ( نامەھرەملەرگەقاراشنى ) تەرك ئەتسە ، مەن ئۇنىڭ قەلبىدە تېتىيالىغىدەك ئىمان ئاتا قىلىمەن >دىگەن بۈيۈك سۆزلىرى ئارقىلىق يۈكسەك روھىيەت پاكىزلىقىغا يىتىش ھېكمىتى يۇشۇرۇنغان بولسا ، رامىزان ئېيىدىكى روزا تۇتۇشنىڭ نەفسى ئۈستىدىن غالىب كېلىش ، شۈكۈر قانائەتمەن بولۇش ، روھنى پاكىزلاش قاتارلىق ھېكمەتلەر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . ئەنە شۇ ھېكمەتكە تولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئىچىدىكى " قۇربان ھېيت" ھەققىدىكى ھېكمەت چۆكمىللىرىنى ياراتقۇچىنىڭ ئىلھام بېرىشى ئاساسىدا يورۇتۇپ چىقىش مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىدۇر . تارىختىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ ھېيتنىڭ ھېكمەت قاتلىمىغا يېتەلمىگەنلىكىمىزدىن ئەپسۇس ھېس قىلىمىز . ھەقىقەتەنمۇ ، بارچە بىلىمنىڭ بازىسى بولمىش چوڭ مېڭىنىڭ بىلىم ھەققىدىكى قۇرۇلمىسى سۈزۈك بولىدىكەنيۇ لىكىن بۇ ھېكمەت بايقاشقا يېتەرلىك بولمايدىكەن . ھېكمەت خەزىنىللىرىنى بايقاش ئۈچۈن چوڭ مېڭىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن قەلب ساپلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن . چۈنكى بىلىم چوڭ مېڭىدە ساقلانسىمۇ ، ھايات ھېكمەتلىرى قەلب ئارقىلىق سېزىلىدىكەن . بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى قۇربان ھېيىت ئاساسەن " ھېيىت نامىزى ، قۇربانلىق قوي سۇيۇش ، يېڭى كىيىم كىيىش ، ھېيتلىق پۇل تارقىتىش " قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئايەم بىرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئاساسلىق مەشخۇلاتلىرىمىزمۇ مۇشۇ تۆت نوقتا ئارىسىدا بولىۋاتىدۇ . بۇ خىل " ھادىسە بىرتەرەپلىمىلىكى " بىزلەرنىڭ بۇ مۇقەددەس ھېيتنىڭ ھېكمەت ئارقا كۆرىنىشىنى كۆرىشىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئېنىقكى، ھېكمەتنى سەزمىگەن ، مەنىۋىيەتنى مەركەز قىلمىغان ئىشتىن مەنا لەززىتى ۋە پىكىرقۇۋۋىتى ئۆز سىماسىنى ئېلىپ قاچقان بولىدۇ . كىسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى ، مۇھەببەت ،مېھىر-ۋاپا ۋە غەيرەتنى ئاستىنقى قاتلام قىلغان ئۇشبۇ ئەزىز بايرامنىڭ بىزلەرگەبېرىدىغان ھايات لەززىتى ئۆزگىچە ۋە مەپتۇنكار بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .
< قۇربان ھېيت > سۆزى چىققان ھامان رەھمەتلىك مۇمامنىڭ ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ، ئامىن ) سۆزلەپ بېرىدىغان ئىبراھىم پەيغەمبەر ۋە ئوغلى ئىسمائىل پەيغەمبەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇشەققەتلىك ئەمما مۇھەببەتكە تولغان سىناق جەريانلىرى ئېسىمگە كېچىدۇ . بۇ ھەم ئۇشبۇ ھېيتنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى سۈپىتىدە ھېكمەتلىك جۇلالىنىدىغان بولۇپ ۋەقەنىڭ قىسقىچە جەريانى مۇنداق :
ئىبراھىم پەيغەمبەر ياراتقۇچىدىن تىلەپ بىر ئوغۇللۇق بولىدۇ ۋە ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئىسمائىل دەپ قويىدۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياراتقۇچى ئاللاھ ، بەندىسى ئىبراھىم پەيغەمبەرنى سىنىماقلىق ئۈچۈن قۇربان ھېيىت كۈنى ئوغلى ئىسمائىل پەيغەمبەرنى ياراتقۇچىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش بۇيرىقىنى ئىبراھىم پەيغەمبەرگە چۈشى ئارقىلىق بىلدۈرىدۇ . ئىبراھىم پەيغەمبەرمۇ ياراتقۇچىنىىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتەك ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئوغلى ئىسمائىل پەيغەمبەرنى قۇربانلىق قىلىشقا تەرەددۇت قىلىدۇ . ئوغلى ئىسمائىل بولسا دادىسى ئىبراھىم پەيغەمبەرگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ، ياراتقۇچىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن شىھىد بولۇشقا ھەرۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە پىچاق سۈرۈشتىن ئىلگىرى كۆزىنى يەرگە قارىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ ، ئۆزىنىڭ جان تالىشىش جەريانىدا ئاتىسىغا ئالىيىپ سېلىپ گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىدەك پەزىلەتلىك تەشۋىشىنى بايان قىلىدۇ . ئىبراھىم پەيغەمبەر ماقۇللۇق بەرگەندىن كىيىن پىچاقنى ئوغلى ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ بوينىغا سۈرىدۇ ، لىكىن تاشنى كەسكەن پىچاق ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ بوينىنى كىسەلمەيدۇ . بۇ ھالغا شاھىد بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر تەسىرلەنسە ، ياراتقۇچى ئۆز بەندىسى ئىبراھىم پەيغەمبەر ۋە ئىسمائىل پەيغەمبەرلەردىن رازى بولىدۇ ۋە جەننەتتىن ئىككى قوشقار ئىنئام قىلىدۇ . ھېكمەتكە تولغان ھېكايەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇشۇ بولۇپ تەپەككۇر ئىگىسىگە ھېكمەت جاۋھاھىراتلىرىنى كۆرسەتكۈسى . تۆۋەندە ئەنە شۇ ھېكمەت تەرمەچلىرىنى كۆڭۈل داستىخىنىڭلارغا ھېيتلىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇنماقچىمەن .
1 . < ھۆرمەت > ھېكمىتى
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى <قۇرئان كەرىم > دە " شەك - شۈبھىسىزكى بىز ئىنساننى ھۆرمەتلىك ھۆرمەتلىك قىلىپ ياراتتۇق" دىگەن بۈيۈك قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز .دۇنيانىڭ بارلىق نىئمەتلىرىنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىپ ۋە ئۇلارنى ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ياراتقۇچى ئىنساننى ھەقىقەتەن ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىك قىلىپ ياراتقان . قايسى بىر پەيلاسوپ " ھايۋان ئەمەس ئىنسان بولۇپ يارالغانلىقىمدىن تەقدىرىمدىن سۈيىنىمەن " دىگەن سۆزى ئارقىلىق شۈكرانىسىنى بىلدۈرسە ، ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن " مەن شائىر ۋە پەيلاسوپ بولۇپ شان - شۆھرەت تېپىش ئۈچۈن يازمىدىم ، مەن ئىنسان ، ماڭا مۇشۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك شان - شۆھرەت " دىگەن بايانلىرى ئارقىلىق ئىنسانىي قەدىر -قىممەتنىڭ ماھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى . ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ تاشقا ئۆتكەن ئۆتكۈر پىچىقى ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ بوينىغا كەلگەندە ئۆتكۈرلىكىنى يوقىتىدۇ .چۈنكى بۇ يەردە ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاچقا پىچاق" كەسمە " دىگەن خىتابنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كېسىش خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدۇ . بۇ گەرچە ئەقىلنىڭ لوگىكىسى قۇبۇل قىلالمايدىغان ئىش بولسىمۇ ، لىكىن بەندە بىلەن ئىلاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت بۇنىڭغا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بەرگەن . ئىلاھى باغلىنىشتىن يۈز بەرگەن بۇ ھەقىقەت ئۈستىدە ئانالىز ۋە تەسەۋۋۇرلارنى قىلىشقا ئارتۇق جۈرئىتىم بولمىغاچقا قەلىمىمنى مۇشۇ يەردە توختاتماقچىمەن . دەيدىغىنىم ، ھەربىر كىشى ،بۇلۇپمۇ مىللەتنىڭ ئانىسى بولمىش قىزلىرىمىز ياراتقۇچى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىنسانىي قەدىر - قىممەت ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى سۆيىشى ، ئۇنى بىۋاپا ئالەمنىڭ كىرپىكىدىكى چاڭ - توزان كەبى ئەرزىمەس نەرسىلەر بولغان ئەمەل - مەنسەپ ، مال- دۇنيا ، دىپلوم ... قاتارلىقلارغا تىگىشىپ قويماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
2 . < ۋاپادارلىق > ھېكمىتى
خەنزۇلارنىڭ مۇتەپپەككۇرى كۇڭزىنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ھەممە ساۋابنىڭ بېشى ۋاپادارلىق بولىدۇ . بۇ خىل كۆز قاراشنى ئەقىدىمىزمۇ قۇۋۋەتلەريدۇ . " ئوغلۇم ، سىنى ئاتاڭ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى " دىسە ماقۇل بولۇشتىن سىرت "جان ئاتا ، مىنى بوغۇزلاش جەريانىدا كۆزۈم سىزگە چەكچىيىپ قالمىسۇن ئۈچۈن كۆزۈمنى پەسكە قارىتىپ قويۇڭ " دىگەن سۈيۈملۈك ، پەزىلەتلىك ، ۋاپادار بولغان ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بۇ خىل ئىتائەت ۋە ھۆرمەت بىزلەرنى ھەرۋاقىت ئويغا سالىدۇ ۋە خىجالەت دەرياسىغا غەرق قىلىدۇ . بۇ ۋەقەنىڭ ئۇمۇمى تەرەققىياتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللامنىڭ" ئاتا - ئانا پەرزەنتكە مەمنۇن بولۇپ بىر قېتىم قارىسا ، ئاللاھ شۇ پەرزەنتكە بىر قۇلنى ئازاد قىلغانلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ " دىگەن مۇبارەك سۆزى بىلەن تومۇرداش بولغانكى زامانىمىزدىكى ھويلىدىكى سۇنى ئەكىرىۋەت دىسە كومپىيوتۇر ئالدىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان قەلبى بەز پەرزەنتلەرگە بۈيۈك بىر ۋاپا دەرسى بولالايدۇ ، ئەلۋەتتە . " ۋاپا " ئۇقۇمى ھەرقانداق دىن ، ئېرق ، مەدەنىيەت قاتلىمىدا ئالاھىدە تەرىپلەنگەن مەنىۋىيەت مەلىكىسىدۇر . قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئۆتكەن ئەللامە پەيلاسوپلارنىڭ " ۋاپا " ھەققىدىكى كۆز - قاراشلىرىدا پەرق بولسىمۇ ، لىكىن كىشىگە ئۆزگىچە مەنا بېرىدۇ . رايىشچىلار ئېقىمىنىڭ باشلامچىسى كۇڭزى " پەرزەنتتىكى ۋاپادارلىق ئاتىسىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا نامايەن قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ " دىسە ، مۇتەپەككۇر مىڭزى " ۋاپادارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئاتا - ئانىنى ھۆرمەتلەشتە " دەپ قارايدۇ .ئۇلۇغ بوۋىمىز قابۇس " ئى ئوغلۇم ، ئاتا - ئاناڭغا ئالتىنچى بارماقتەك پەرزەنت بولۇپ قالما ، كېسىۋەتسە ئاغرىيدىغان ، قويۇپ قويسا ئارتۇقچە " دىگەن سۆزى ئارقىلىق ئاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا قول ، پۇتىغا پۇت بولۇپ يۈك بولۇپ قالماسلىقنى ۋاپادارلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتسە ، يازغۇچى زىيەن " ۋاپادارلىق مىسالى بىر ئەزىم دەريا ، دەريا بېشى توسۇلۇپ قويۇلسا ، دەريا ئاخىرى قۇرۇپ كېتىدۇ " دىگەن سۆزى ئارقىلىق ئۈزۈكسىز قىلىنغان ۋاپادارلىقنى چىن ۋە مۇستەھكەم بولىدۇ دىگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ۋەھالەنكى ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ ۋاپادارلىق يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ۋە ئىتائەتمەنلىكى ھەربىر پەرزەنتنى ئويغا سالىدۇ . ئاتا - ئانىغا بولغان مېھىر ۋاپانى ماددىي جەھەتتىنلا ئىپادىلەش ، ماددىي پاراغەتنى ۋاپادارلىقنى بىلدۈرۈشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى قىلىۋىلىپ چوڭلارنىڭ" تەۋەلىك ئېھتىياجىنى " نەزەردىن ساقىت قىلىش ، چوڭلارنىڭ ئېچىرقىغان كۆڭۈل خىلۋەتگاھىنى سۆھبەت شەربىتى بىلەن سۇغارماسلىق ، چوڭلار يۈزلىنىۋاتقان غېرىپسىنىش ، يالغۇزسىراش مەسىلىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش يۈزەكىلىقتۇر ! شۇسەۋەب ۋاپادارلىقنى ھەر تەرەپلىمە يەتكۈزۈش ئۇشبۇ ھېكمەتنىڭ مېغىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى كۇڭزى ئېيتقىنىدەك " ھەربىر پەرزەنت ئاتا - ئانىسىنىڭ يېشىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك . سەۋەب ، ئاتا - ئانىسنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىدىن شادلىنىش بىلەن بىرگە ، قېرىپ كىتىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشكەچۈشۈپ ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشكە ئالدىرىمىقى ئۈچۈندۇر " .
3 . < پىداكارلىق > ھېكمىتى
مۇتەپپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن" ئىنساننىڭ دەردىنى ئاڭلىماسلىق ئىنسانىيەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىك " دىگەن سۆزى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك گۇمانىستىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەنىدى . ئۈجمە دەرىخىنى مۇساپىرلار يىسۇن دەپ باغ ياكى ھويلا - ئارامنىڭ ئىچىگە تىكمەستىن يول لىۋىگە تىككەن بۇ خەلق گەرچە قىسمەن ئىنسانلار تۈپەيلى كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لىكىن ۋۇجۇدىدىكى پىداكارلىق روھى خوراپ كەتكىنى يوق . پىداكارلىق روھى جەمئىيەتنىڭ مۇھەببەت بازىسى ۋە جەمئىيەت ئۇيۇشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان تايانچ كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . " قۇربان ھېيىت " نامىنىڭ ھېكمەت قاتلىمىدىمۇ پىداكارلىق يوشۇرۇنغان . كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ھېيتنىڭ نامىنىىڭ" قۇربان ھېيت " دەپ بېكىتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى قۇربانلىق قىلىنغان قويغا قارىتىدۇ . ھالبۇكى ، قۇربان ھېيت باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆز نەفسىنى قۇربان قىلىدىغان ، باشقىلارنىڭ تەختى ئۈچۈن پىداكارلىققا ئاتلىنىدىغان ھېيتتۇر . بىر مىسكىننىڭ غەمكىن مەڭزىدە كۈلكە غۇنچىسىنى ئېچىلدۇرۋىلىش بىرئەقىدىلىك كىشى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئالەمچە خوشاللىق ۋە مەنىۋى لەززەتتۇر . مۇھەممەد ( س ئە ۋ) پەيغەمبەرنىڭ ئىدىيسىدىكى قۇربان ھېيت پىداكارلىق ۋە باشقىلاربەختى ئۈچۈن قۇربان بېرىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان مۇقەددەس كۈن بولۇپ ، ئۇھەرگىزمۇ سويۇلغان قوينى ئۆزى يەۋىلىپ مىسكىنلەر بىلەن كارى بولماسلىقنى كۆرسەتمەيتتى . ئەگەردە شۇنداق بولغان بولسا ئىدى قۇربان ھېيتتا سۇيۇلغان قوي "قۇربانلىق قوي "دىيىلمەستىن " سۇيۇلغان قوي " دىيىلىشى كىرەك بولاتتى . لىكىن بۇنىڭ " قۇربانلىق قوي " دىيىلىشىدىكى سەۋەب قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق قوينى ئۆز نەفسىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مىسكىنلەرنىڭ ھالىغا تاپشۇراتتى ۋە بۇ پىداكارلىقى سەۋەبلىك ساۋاب لەززىتى سۈرەتتى . تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭغا دەلىل بولغۇسى :
مۇھەممەد ( س ئە ۋ) پەيغەمبەرنىڭ ئايالى ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قۇربانلىق قوينىڭ كاللىسىدىن باشقا ھەممە يېرىنى مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بولغاندىن كىيىن " يا رەسۇللىلاھ ، بىزگە قوينىڭ كاللىسىدىن باشقا ھىچ يىرى قالمىدى " دىگىنىدە مۇھەممەد ( س ئە ۋ) پەيغەمبەر"قوينىڭ ھەممە يىرى بىزدە قاپتۇ ، كاللىسىدىن باشقا " دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەنلەر . سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ جاۋابىدىنلا بۇ ھېيتقا يۇشۇرۇنغان پىداكارلىق ھېكمىتى نۇرلۇق پارلانغان . شۇ سەۋەب بۇ ھېيتقا مۇشەررەپ بولغۇچى ھەربىرىمىز ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولمىقىمىز دەركار .
4 . < ئارزۇ > ھېكمىتى
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ " غايە" سىنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى بىلمەيدۇ . ئۆزى " غايە " دەپ قارىۋالغان نەرسىنىڭ كۆپىنچىسى غايە بولماستىن خىيال ياكى خاھىشتۇر . بۇنىڭ روشەن ئىسپاتى غايە ئېگىسىنىڭ ھەرىكەت نىيىتىنىڭ كەمچىل ياكى يوق بولىشى . " ھەرىكەت نىيىتى "دىگىنىمىز ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىگە يىتىش يولىدىكى كۆرەشلىرىدە پەيدابولغان نىيەت دولقىنى بولۇپ ، ئۇ ئىرادىسىزلىك ۋە ھورۇنلۇق بىلەن بىر قەلبتە چىقىشالمايدۇ . بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھەرىكەتسىز خىيالىغا " ئارزۇ" ماركىسىنى چاپلاپ بىخۇش يۈرمەكتە ۋە شۇنداق يۈرگەنلىكىدىنمۇ بىخەۋەر ھالەتتىدۇر . پىسخىلوگىيەدىكى بۇنداق ئاگېنوزىم ھادىسىسى ( نىمىنى بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەسلىك ھادىسىسىنى ئاگېنوزىم ھادىسىسى دەپ ئاتايمىز )ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىللىرىدا بىر ئاز ئېغىرراق ساقلانماقتا . ئېنگىلىس ئېيتقاندەك" بىر ئادەم ئارزۇسىغا يىتىشنى ياخشى كۆرىدىكەن ، ئارزۇسىغا يىتىش يولىدىكى جاپا - مۇشەققەتلەرنىمۇ ياخشى كۆرىشى كىرەك " . خىيال ئارزۇنىڭ دەسلەپكى بىخ ھالىتى بولۇپ ، ئۇ ھەرىكەت بىلەن بىرلەشكەندە ھەقىقى كۈچ ۋە قىممەتكە تولىدۇ . مۈشكۈل جاپادىن قورقمىغاندىلا ئارزۇ ئۆز ئېگىسىنى ئەزىز قىلىدۇ . بۇ يەردىكى جاپادىن قورقماسلىق نوقۇل ھالدىكى ئىرادە مەسىلىسى بولماستىن بەلكى ئىدىيىۋى ئادەت يىتىلدۈرۈش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . يەنى بەك كۆپ غورۇرنى تەكىتلىۋالماسلىق ۋەجامائەت پىكرىگە بەند بولۇپ قالماسلىقنىمۇ ئۆز كاتېگورىيىسىگە تەۋە قىلىدۇ . چۈنكى، ھە دىسىلا غورۇرنى تەكىتلىۋىلىش ئارقىلىق ئارزۇغا يېتىش يولىدىكى مۈشكۈلات ۋە تەجىربىسىزلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ، بېلگايتىسنىڭ سۆزى بويىچە ئېيقاندا ھە دىسىلا غورۇرنى تەكتىلەپ بوينىنى قاتتىق تۇتقۇچىلار مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقى مۇمكىن . جامائەت پىكرىنى زىيادە قۇبۇللىۋالغاندا ۋە ياكى شۇنىڭغا بەند بولۇپ قالغاندا بولسا ئارزۇ ھەققىدىكى پىكىرلەر بىر نوقتىغا يىغىلالمايدۇ . كىسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى ، ئارزۇ يولى غېرىب يولدۇر ، ئۆز ئارزۇيۇڭىزغا بولغان ئەقىدىڭىز كۈچەيگەنسىرى باشقىلارنىڭ كۆزىگە شۇنچىكى سىغمايسىز ، ھەتتا سىزنى ساراڭ دەيدىغانلارمۇ چىقىدۇ تاكى سىزمۇۋەپپىقىيەت قازانغىچە . سىزنى كەمسىتكەن ، سىزنى ساراڭ دىگەنلەر دەرھال سىزنى تەستىقلايدىغان بولىدۇ . مىنىڭ بۇ ئارزۇ ئەھلىللىرىگە ئېينىشتىيىننىڭ "سىنى كەمسىتكەنلەرگە پىسەنت قىلما ، مىنىمۇ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ مازاق قىلىشاتتى ، ئاخىرىدا قولىغا ئاتومنى پارچىلاپ تۇتقۇزدۇم " دىگەن سۆزىنى سوۋغا قىلغۇم كېلىدۇ . شۇڭلاشقا كوللىكتىپ پىكرىدىن كۆرە ئۆز ئارزۇيىڭىزغا بولغان ئەقىدىڭىز كۈچلۈك بولسۇن . ئارزۇ ھەققىدە شۇنچە كۆپ سۆزلىشىمىزدىكى سەۋەب ئارزۇ بىلەن خىيالنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىش ، ئارزۇ يولىدا ئۆزىمىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنى قىلالىغاندىلا ، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى كۆرگەنلىرىگە ئېرىشالايدىغانلىقىمىزدەك ھەقىقەتنى ئەقلىي تونۇپ يېتىش ئۈچۈندۇر . بىز ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىل پەيغەمبەرنى قۇربانلىق قىلىش جەريانىدىكى لوگىكىلىق باغلىنىشلارغا دىققەت قىلغىنىمىزدا يۇقارقى سۆزلەرنىڭ ئىسپاتىنى تاپالايمىز .
ئېنىقكى ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ " ئارزۇسى " ئاللاھ رازىلىقىغا ئېرىشىش ، بۇنى بىز ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ يەتمەكچى بولغان ئارزۇسى دەپ چۈشۈنۇپ تۇرايلى . ئىبراھىم پەيغەمبەر بۇ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئوغلى ئىسمائىل پەيغەمبەردىن ۋاز كىچىپ ، ئۆزى ئەڭ ياقتۇرمىغان ئىش - - - " ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش" نى قىلىدۇ . يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ،ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىدىن ۋاز كىچىپ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا رازىلىق بەردى ، ئاخىرىدا ئارزۇسىغا يەتتى . دىمەك ، ھەممىگە پىكىر نەزىرى بىلەن قارايدىغان ھەر بىر ئەقىدە ئەھلىگە ئارزۇنىڭ فورمىلاسى مانا مۇشۇنداق ئېنىق كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن . ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش قىزغنلىقى بار لىكىن تىرىشمايدۇ ؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ خىزمەت تېپىش ئىستىكى كۈچلۈك لىكىن جۈرئەت قىلىشنى خالىمايدۇ ؛ ياشلاردا باي بولۇش قىزغىنلىقى كۈچلۈك لىكىن تىجەشچان ۋە ئەمگەكچان بولۇشنى خالىمايدۇ ؛ ياشانغانلار ساغلام بولۇشنى ئىستەيدۇ لىكىن ھە دىسىلا تىنىگە زۇلۇم بولىدىغان ئىش - ھەرىكەتتە بولىدۇ ... دىمەك ، ھەممە ئادەم " ئارزۇ " قىلىدۇ لىكىن بەدەل تۆلەشنى خالىماي ئارزۇسىنى خىيالغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . شۇ سەۋەب ھەرىكەت ئارقىلىق ئارزۇنى قىممەتكە ۋە ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كىرەك . ھەربىر ئارزۇ ئېگىسى ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەردىن ( ئويۇن ، تاماششا ،ھورۇنلۇق ) ۋاز كېچىپ ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنى ( تىرىشىش ، ئۆگىنىش قىلىش ) دادىل قىلىمىقى زۆرۈر . مانا بۇ ئىبراھىم پەيغەمبەر قىسسىىسىدىكى ئارزۇ ھېكمىتى ۋە ئارزۇغا يېتىشنىڭ فورمىلاسىدۇر .
ئېينىشتىيىن " ئىككى خىل ياشاش ئۇسۇلى بار ، بىرى ھىچقانداق نەرسىگە ھەيران قالماي ياشاش ، يەنە بىرى ھەممىنى مۆجىزە دەپ ياشاش " دىگەن . شۇ پىكىر يۆلىنىشىدە دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىمۇ ئىككى تۈركۈمگە ئايرىش مۇمكىن . بىرى ، ھىچنىمىدىن ھېكمەت بايقىيالمايدىغان بەز قەلبلەر ؛ يەنە بىرى ھەر بىر مەۋجۇداتنىڭ جىسمى ۋۇجۇدىدىن ياراتقۇچىنىڭ ھېكمىتىنى بايقىيالايدىغان سۈزۈك قەلب ئېگىللىرى . ئۈمۈدىمىز ، ھەر بىرىمىزنى كىيىنكى ئىنسان تۈركۈمىلىرىدىن بولۇشقا دالالەت قىلىش . ھەربىر نەرسىدىن ھېكمەت ۋە مەنا ئىزدىسەك ، پىكرىمىز تەپەككۇرغا بېقىنسا ، زېھنىمىز تەپەككۇردىن ھاسىل بولغان ھېكمەت ئۇچقۇنلىرى بىلەن بېزەلسە دىگەن ئارزۇيىمىز كۈچلۈكتۇر...ماقالەمنىڭ ئاخىرىنى مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ھېكمەت ھەققىدە يازغان تۆۋەندىكى رۇبائىيسى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن :
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ھەربېتى راھەت ماڭا ،
مەيلى قايغۇ مەيلى شادلىق كەلگىنى ئامەت ماڭا .
بولسا گەر قەلبىڭدە ھېكمەت قىلغۇلۇق جۇتنى باھار ،
بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت ئامىتىم ئاپات ماڭا .
2014-يىل9-ئاينىڭ30-كۈنى( كورلا )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-30 12:10 PM