مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Girl

ئىنىم، مېنى يەنە بىر رەت ياخشى كۆرگىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 10:49:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىكتەك قىلامدۇ نىمە ؟ ئاخرىغىچە ئۇقۇپ باقاي قېنى .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 11:37:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمۇش يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 08:44 AM
ئازراق ئىملا خاتالىقى باركەن، بۇ قۇسۇر تاپقىنىم ئەمەس  ...


قەيەردە ئىملا خاتالىقى باركەن، ئېيتىڭ، تۈزىتىمەن.لېكىن مېنىڭ ئىملارىم خېلى توغرا، مەن تەرجىمانلىق قىلىمەن. دېسىڭىز ئاڭلاپ باقاي نەدە خاتالىق باركىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 11:37 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 12:07:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇيتۇم، چۈنكى مەكتەپ فورمامنىڭ ئىنىمنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئۈستۈمگە چىققانلىقىنى بىلەتتىم.مەن رۇفېڭغا:مەن چوقۇم تىرىشىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، خىزمەت تېپىپ سېنى ئوقۇتىمەن دەيتىم.ئۇ كۈلۈپلا قويۇپ گەپ قىلمايتى، لېكىن ئۇ ئوقۇشقا ئامراق ئىدى، بۇرۇن مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدا نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى.
رۇفېڭ ئىشتىن بالدۇردا چۈشۈپ، بۇرۇنقىدەك مەكتەپكە مېنى ئالغىلى كېلەتتى، ۋە ماڭا ھەرخىل پىرەنىكلەرنى سوۋغا قىلاتتى. قىزلار مەكتىپىنىڭ ئالدىدىكى ئوغۇللار ھامان قىزلارنى ئۆزىگە جەلب قىلاتتى.ئاز ئۆتمەي، يېنىمدىكى پارتىدىشىم مەندىن سورىدى:مەكتەپ ئالدىدىكى قاملاشقان بالا كىمۇ؟سېنىڭ ئوغۇل دوستۇڭما؟مەن سوغۇققىنا قىلىپ ئىنىم دەپلا جاۋاب بەردىم.
-ھە، ئىنىڭما؟بەك كېلىشكەن ئىنىڭ باركەن، ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويغىن بولامدۇ؟ئاشەن قاتتىق ھاياجانلانغان ئىدى.
- تونۇشتۇرۇپ نېمە ئىش قىلىمەن؟
-ئەلۋەتتە مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، يۈرۈپ قالىمىز!ئۇ  ئەينەكتە قارىغاچ ماڭا :ئىككىمىز بەك ماسلىشىمىز شۇنداقمۇ؟
-ئارىلىشىپ نېمە ئىش قىلىسىلەر؟مەن داۋاملىق سورىدىم.
-شيا رۇخۇا!ئۇ ئەجەبلىنىپ ۋارقىرىدى، سەن راسىتلا رەسىم ئىچىدىن پەيدا بولغانمۇ نېمە!(خۇا دېگەن سۆز خەنزۇ تىلىدا رەسىم دېگەنلىكتۇر)يۈرۈشنىمۇ بىلمەمسەن؟تۇۋۋا، سەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانما؟
- ياق
-ھە!؟سەندەك چىرايلىق قىزمۇ مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانما؟ لېكىنغۇ سەن بەك جىمغۇر، پەقەت دەرس تەكرار قىلىشنىلا بىلىسەن، مۇنداق قىلايلى، سەن ئىنىڭنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويغىن، مەن ئاندىن ساڭا باشقا بالىلارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي.
- بولدى رەھمەت. ئۇنىڭ قىزغىنلىقى مېنى بىزار قىلدى، راستىمنى ئېيتسام بۇيەردىكى قىزلارنى ئانچە ياقتۇرمايتىم.
- قانداقلا بولمىسۇن، بۇدا ئىنىڭ كەلگەندە مېنى چاقىرىۋالغىن، ئۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتى.
-ماقۇل، لېكىن ئۇنىڭ گېپىگە ئانچە ئېرەن قىلمىدىم.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن رۇفېڭنىڭ ئېگىز قامىتى پەيدا بولغىنىدا، ئاشەننىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ مېنى ھاجەتخانىغا تارتىپ ئەكىرىپ قايتىدىن گىرىم قىلدى. مەن ئەزەلدىن گىرىم قىلىپ باقمىغان، ئادەتتىمۇ پەقەت مەكتەپ فورمىسىنىلا كىيىپ يۈرەتتىم، گۈزەللىكنى ئانچە قوغلىشىپ كەتمەيتىم.مەنمۇ ئەينەككە قاراپ باقتىم، گەرچە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي بىرئاز ئورۇق بولساممۇ، يوغان كۆزلىرىم ناھايىتى چىرايلىق ئىدى...
-ئاشەن، مەن چىرايلىقمۇ؟
-ئەلۋەتتە، بەك چىرايلىق، ھېلىمۇ ياخشى رۇفېڭنىڭ ھەدىسى بولۇپ قاپسەن!تېز بولغىن، مېنى ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ بارغىن.
  ئۇ مېنى سۆرەپ دېگۈدەك ئېلىپ چىقتى، ئاخىرقى رەت ئەينەككە قارىدىم، ئەينەكتىكى شيا رۇخۇا تولىمۇ ئازابلىق كۆرىنەتتى.
رۇفېڭ مېنىڭ مەكتەپتىن چىققىنىمنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئىللىق كۈلۈمسىرىدى، ئۇنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈپ ئىچىمگە ئىللىق بىر ئېقىم شۇڭغۇشقا باشلىدى.
-بۈگۈن ھېرىدىڭمۇ؟
-ياقاي، دەپ باقە؟ساڭا نېمە ئېلىپ كەلدىم؟
- بىلمەيمەن. قانداق ياخشى نەرسە ئېلىپ كەلدىڭ؟
  ئۇ سىرلىق ھالدا قولىدىكى كونا سومكىسىنى ئېچىپ قەغەز بولاقنى ئالدىمغا ئەكەلدى.
-پۇرچاق تەملىك بولكا.
-پاھ!نېمانداق ياخشى!يىمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ، خۇشاللىقىمدىن ۋارقىرىۋەتتىم.
  ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئاشەن تاقاتسىزلىك بىلەن يۆتىلىپ قويدى، شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئارقامدا ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى.
-ئافېڭ، بۇ لىن زىشەن، مېنىڭ ساۋاقدىشىم.
-ياخشىمۇ؟مېنى ئاشەن دەپ چاقىرسىڭىزلا بولىدۇ!رۇخۇا دائىم گېپىڭىزنى قىلىپ بېرىدۇ،سىز ئۇنىڭ ئىنىسى رۇفېڭ، شۇنداققۇ؟ئۇ بەكلا قىزغىن ئىدى.
-ياخشىمۇ، رۇفېڭ سوغۇقلا جاۋاب بېرىپ، ماڭا "ھەدە، جۈرە كېتەيلى "دېدى.
-بىللە تاماق يەيلى!نېمانداق ئالدىراپ ئۆيگە قايتىسىلەر؟سىلەرنىڭ ئۆيدە ئىككىڭلارلا بارغۇ؟
-بىزنىڭ ۋاقتىمىز يوق. رۇفېڭ شۇنداق قوپال جاۋاب بەردى.
  نېمىشقىدۇر بىلمەيمەن، شۇنداق خۇشال ئىدىم، ئۆزۈمچە ناخشا غىڭشىپمۇ ماڭدىم، رۇفېڭنىڭ ئۇنى رەت قىلغىنىغا بەك خۇشال بولدۇم.
-بەك خۇشالغۇ؟ھەدە
-ياقەي، بولكىدىن ئازراق چىشلىدىم دە قالغىنىنى رۇفېڭنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 12:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 12:47:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا ئاددىيغىنە تاماق ئېتىپ بەردىم، ئۇ تولىمۇ مەززە قىلىپ يىدى.
ئۇنىڭغا سەپ سالدىم، ئۇ ھەقىقەتەن كېلىشكەن ئىدى، بويىمۇ بۇرۇنقىدىن ئۆسۈپ قاپتۇ،180سانتىمېتىردىمۇ ئاشقان ئوخشايدۇ، كىچىكىدىن باشلاپ ئىش قىلغاچقىمۇ، قول-پۇتى ئۇزۇن، قامەتلىك كۆرىنەتتى....
ئۇ مېنىڭ قاراپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، يۈزۈمنى چىمدىپ قويدى:
-نېمىگە قاراۋاتىسەن؟
مەن بىر تەرەپتىن جوزا سۈرتۈپ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بۈگۈن سەن كۆرگەن ئاشەن، سېنى بەك كېلىشكەنكەن دەپ ماختىدى، دېدىم.
ئۇ گەپ قايتۇرمىدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئۇ ئىنتايىن مەيۈس ھالدا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ.
-بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنى سەن ئورۇنلاشتۇردۇڭمۇ؟ئۇ ماڭا بۇنداق قوپال تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ باقمىغانىدى.
-ئۇ سەن بىلەن تونىشىمەن دېگەن، شۇڭا...نېمە بولدى؟مەن بىر ئازجىددىيلەشتىم.
ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ئورۇندۇقنى ئۆرىدىدە ماڭا قاراپ: «سەنچە بۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟قاملاشمىغان» دەپ ۋاقىرىدى.
ئۇ چاپىنىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلەلمىدىم. ئۇ مېنى تاشلىۋەتكەندەك ھېس قىلدىم، چۈنكى ئۇ مېنى پەقەت يالغۇز قويۇپ قويمايتى.مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەيتىم، پەقەت ئۇ كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن راسا ئۇرۇشۇشنى ئويلاپ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم، تېنىمنى قورقۇنچلۇق تۇيغۇ چىرمىۋالدى....
  يېرىم كېچىدە، ئۇ قايتىپ كەلدى، تېنىدىن ھاراق پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى.
مەن ئۇنى كۆرۈپلا شۇنداق ئازارلىق ھېس قىلىپ كەتتىم دە ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىدىم.
رۇفېڭ نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى.
-ھەدە، نېمە بولدۇڭ؟نېمىگە تېخىچە ئۇخلىمىدىڭ؟يىغلىمىغىن
مەن تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا يىغلىدىم
-سەن نېمىگە مېنى تاشلاپ قويىسەن؟سەن كەلمىسەڭ مەن قانداق قىلىمەن؟
رۇفېڭ تۇيۇقسىز يەلكەمنى سىلكىپ:ھەدە، مەن مەڭگۈ سېنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن، دېدى.
مەن ئۇنىڭ ئالقىنىدىن ئازراق بوشىنىپ تۇرۇپ:
-ئەمدى قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، مېنى تاشلاپ قويما!يالغۇز قويما دېدىم.
-ماقۇل، ئۇ تېزلا جاۋاب بەردى.ئۇ كۈنى مەن ناھايىتى تاتلىق ئۇخلىدىم...

ئاشەن، رۇفېڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن مەنزىرىگە تازا رازى بولمىغانىدى، 2-كۈنى ئۇ مېنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنى ئىزدىگىلى قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپتۇ.
-رۇفېڭ!
رۇفېڭ ئالدىراش ھالدا قولىدىكى قۇم خالتىنى تاشلىۋېتىپ يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەنىدى.
- نېمە بولدى؟ھەدەمگە بىرەر ئىش بولدىما؟
- ياقەي
-ئەمسە، مەن قايتىپ بېرىپ ئىشىمنى قىلاي
-قايتما، ساڭا گېپىم بار، ئۇ سەنلەشكە باشلىدى
رۇفېڭ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى:
-كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ ئىشىڭىزنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق.
ئاشەن ئۇنىڭ ئۆزىگە بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى، ئۇ تاكى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆزىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان.ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ رۇفېڭغا:«نېمانداق قىلىسەن؟سەن بىلەن تاماق يەپ دوست بولۇپ قالسام بولمامدا؟»دېدى.رۇفېڭ ئۇنىڭ كۆز يېشىغا قىلچە ئېرەن قىلمىدى«سەن مېنىڭ نەرىمنى ياخشى كۆرىسەن؟كېلىشكەن دەپلىما؟ئىككىمىز بىر دۇنيانىڭ ئادىمى ئەمەس، چىقىشىپ بولالمايمىز».
- مېنىڭ نەرىم ياخشى ئەمەسكەن؟سېنىڭ دۇنيارىڭ قانداق؟ بىر قىزنىمۇ سىغدۇرالمامدا؟
-ئۇ يەرنى ئاللىقاچان بىرسى ئىگىلەپ بولدى.
-ھە!ئەسلىدە قىز دوستۇڭ باركەندە، بالدۇرراق دېسەڭ بولمامتى، ئادەم ئاخماق قىلغۇچە
-نېمە دېسەڭ دە!ئىشقىلىپ ئىككىمىزنىڭ ئىشى مۇمكىن ئەمەس.
-ئۆزۈڭنى چاغلاپ گەپ قىل، كىم سەن بىلەن بىرگە بولاي دەپتۇ.
ئاشەن يىغلىغىنىچە كېتىپ قالدى، رۇفېڭ تۇيۇقسىز بىرنەرسىنى ئېسىگە ئالدى دە، ۋارقىرىدى:
-ھەي!توختىغىن!
ئاشەن ئۇ پۇشايمان قىلغان ئوخشايدۇ دەپ قەدىمىنى ئاستىلاتتى.
-مېنى ئىزدەپ كەلگىنىڭنى ھەدەمگە دېمە!
ئۇ پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ كەينىگە قاراپ ۋارقىرىدى:
-ئەمدى سېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىمەن.
2-كۈنى، دەرسكە چىقاندا، ئاشەن مەندىن سورىدى:
- ئىنىڭنىڭ قىز دوستى بارما؟
-يوق، ئۇنىڭ نېمە دەپ بۇنداق سورىغانلىقىنى بىلمىدىم
- بولدىلا، ساڭا دېگەننىڭ پايدىسى يوق.
مەن بېشىمنى ساڭگىلاتتىم، ئۇنىڭ گېپى قەلبىمگە شەك چۈشۈرۈپ قويدى.
13ياشتىن كېيىن، مەن بىلەن رۇفېڭ يات كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئىدۇق، ئەمدى ئۇنىڭ يېنىدا راستىنلا بىر ئادەم كۆپىيىپ قالدىما؟بىر كۈن شۇنداق بىسەرەمجان ئۆتتۈم.كەچتە يامغۇر يېغىپ كەتتى، رۇفېڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنىدى، بەزى كۈنلىرى ئۇ ئىشتىن كەچرەك يېنىپ كېلەتتى، مەنمۇ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇراتتىم، لېكىن بۈگۈن ساقلاشقا قىلچە تاقىتىم قالمىغانىدى.ئاشەننىڭ سۆزى ماڭا ھەقىقەتەن تەسىر قىلغانىدى، مەن رۇفېڭنىڭ يېنىدا ھەرقانداق كىشىنىڭ پەيدا بولۇشىنى خالىمايتىم.
  مەن كوچىنىڭ ئۇ بېشىغا بېرىپ ئۇنى ساقلاشنى قارار قىلىپ، كۈنلۈكۈمنى كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن چىقتىم.
لېكىن پەقەت پەقەت ئويلىماپتىمەن، ئىشىكنى ئاچقان شۇ دەقىقىدە، تەقدىرىم پۈتۈنلەي ئاستى-ئۈستى بولۇپ كەتتى.....



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 12:53 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 01:37:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يوللىنىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 03:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 01:37:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشىكنى ئاچقىنىمدا، ئۈچ لۈكچەك موتوسكلىتنى ھەيدىگىنىچە تار كوچىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقانىدى، مەن چىقىرغىنىمچە ئارىسىدىن بىرسىنىڭ موتوسكلىتىغا سوقۇلۇپ يىقىلىپ چۈشتۈم.
- پاسكىنا، كۆزۈڭ يوقما؟ئارىسىدىن بىرسى ۋارقىرىدى.
مېنىڭ پۇتۇم سوقۇلۇپ يارىلانغان چېغى، مىدىرتالمايۋاتاتتىم، مەن ئارانلا ئورنىمدىن تۇرىۋالدىم.
مەن ئەمدىلا تۇرۇشۇمغا ئارىسىدىكى بىرسى مېنى يەنە ئىتتىرىۋەتتى، مەن يەنە يىقىلىپ چۈشتۈم، ئاغرىق پۇتۇم تېخىمۇ ئاغرىپ كەتتى.
-يوقال، سېرىق چاچلىق بىرسى مېنى يەنە تەپمەكچى ئىدى، ئۇنىڭغا بىرسى ۋارقىرىدى.ئۇلارنىڭ ئاتامانى بولسا كېرەك.
- سەن شيا رۇخۇا ما؟
مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ بىر ئاز تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى تونىدىم.
-ئافۇ
ئۇ مېنى يۆلەپ تۇرۇپ، سېنى تونىماپتىمەن، كۆرمىگىلى بەك ئۇزاق بوپتۇ، دېدى.
مەن تۆۋەن ئاۋازدا ھەئە دەپلا قويدۇم
-يارىلانغانسەن، مەن سېنى ئۆيگە ئەكىرىپ قوياي.
ئۇ مېنىڭ بېلىمدىن تۇتۇپ ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى يۇ مېنى پەقەت قويۇپ بېرىدىغاندەك قىلمايتى. مەن بىرئاز بىئەپ ھېس قىلدىم دە ئۇنىڭ قولىدىن ئاجرىلىپ چىقتىم.
ھۆل كىيىم مېنىڭ يېتىلگەن بەدىنىمنى تولۇق نامايەن قىلىپ تۇراتتى، ئافۇ ئەيمەنمەستىن مېنىڭ كۆكسۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ:رۇخۇا، سەن بۇرۇنقىدىن چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن، دېدى.
مەن ئوڭايسىزلىق ھېس قىلغىنىمدىن بەدىنىمنى يانتۇ قىلىۋالدىم.ئافۇ ئېڭىشىپ ئالدىمغا كەلدى.
-پۇتۇڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟مەن قاراپ باقاي، ئۇ شۇنداق دەپلا قولىنى يوپكامغا ئۇزاتتى.
- بولدى، مەن ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتىم،« سىلەرنىڭ ئىشىڭلار باردۇ، مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، ئىشىڭلارنى قىلىڭلار، رۇفېڭ ھېلى قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ ماڭا قارايدۇ»
ئافۇ قاقاھلاپ كۈلگىنىچە، يېنىدىكى ئىككى ئۇكىسىغا:ئۇ مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم!ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنى دەپ مەن بىلەن ئۇرۇشقان ئىدى دېدى.
سېرىق چاچلىق ئۇكىسى ئىسقارتقىنىچە:كۆزۈڭ مال تونۇيدىكەن دەپ قويدى.
ئافۇ قىلچە تەپ تارتماي يېنىمغا كەلدى، مەن تامغا چاپلىشىپ تۇرۇپلا قالدىم، مۆكۈنگىدەك جاي يوق ئىدى.ئۇ قولىنى يوتامغا قويۇپ بىلجىرلاشقا باشلىدى:«مەن بىلەن ياتقان قىزلارنىڭ، قايسىسى سەتەڭ ئەمەستى».
مەن ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم، يوقال، ماڭا چېقىلما!
ئافۇ كۈلۈشكە باشلىدى«ئۆزۈڭ ئالدىمغا كەپسەن، سېنى قويىۋەتسەم بولماس؟
ئىككى ئۇكىسى چىقىپ كەتتى، سېرىق چاچلىقى چىقىپ كېتىش ئالدىدا ئەسكەرتىپ قويدى:«ئىشنى تېزراق پۈتتۈرگىن!بۈگۈن خوجايىننىڭ بۇيرۇيدىغان باشقا ئىشى بار».
مەن ئافۇغا قورقۇنۇچلۇق تۈستە قارىدىم، مەن ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغىنىنى بىلمەيتىم، ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان ۋەھىمە ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى.
ئافۇ ھېچقانداق كۈچىمەيلا مېنى ئاستىغا بېسىۋالدى، پۇتۇم ئاغرىق بولغاچقا قىلچە تىركىشەلمەيتىم، مەن ئاۋازىمنى قويۇپ ۋارقىرىدىم، لېكىن يامغۇر ئۇنى يۇتىۋەتتى.ئۇ قولى بىلەن كوپتامنى يىرتىۋەتتى، كۆكسۈم ئۇنىڭ قولىغا چىقىپ قالغانىدى، نومۇستىن ئۆزۈمنى نەگە ئېلىشنى بىلمەي قالدىم، گۇگۇم نۇرىدا يالىڭاچ بەدىنىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى ئۇنىڭ كۆزىدە يالتىرايتى.
-ئالۋاستى
ئۇ مېنىڭ ئىككى قولۇمنى تۇتقىنىچە، بەدىنىنى ئالدىغا ئىتتىردى، مەن ئازاب بىلەن بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرىدىم.
-رۇفېڭ
مەن رۇفېڭنى كۆردۈم، ئافۇ كەينىگە بۇرۇلۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۈستۈمگە يىقىلدى، رۇفېڭنىڭ پىچىقى ئافۇنىڭ بەدىنىدىن ئۆتۈپ مېنىڭ قورسىقىمغا تېگەي دەپلا قالغانىدى. بەدىنىم ئافۇنىڭ قېنى بىلەن بويالدى.
رۇفېڭ ئافۇنى كۆتۈرۈپ يەرگە تاشلاپ قويۇپ، كۆينىكىنى سېلىپ مېنى يۆگەپ قويدى، مەن بىر ئېغىز گەپ قىلمايتىم، كۆز ياشلىرىم بولسا كۆزۈمدىن توختىماي ئېقىۋاتاتتى.
ئىشىك ئالدىدىكى رۇفېڭ تەرىپىدىن ئۇرۇپ يىقىتىلغان ئافۇنىڭ قولچۇماقلىرى بۇ مەنزىرىدىن ئەس -ھوشىنى يوقاتقىنىچە، خوجايىننى چاقىرىپ كېلەيلى دېگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
رۇفېڭ مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانىدى، كۆزىدىكى غەزەپ ئوتى تېخىچە ئۆچمىگەنىدى.
مەن ئافۇنىڭ جەسىتىگە قاراپ، ئۇنىڭدىن سورىدىم؟
-ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتىڭمۇ؟
ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى، ئەزەلدىن يىغلاپ باقمىغان ئۇمۇ كۆز يېشى قىلدى، ئۇ مېنى تېنىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتمەكچى بولغاندەك چىڭ قۇچاغلايتى.
-بىز بىللە ئۆلەيلى؟ماقۇلمۇ رۇفېڭ، بىللە ئۆلەيلى!
-ماقۇل، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بەردى، مەن تىنچلىق ھېس قىلدم، توۋۋا، ئۆلۈممۇ ئادەمگە تىنچلىق تۇيغۇسى بېرىدىكەن.
بىردەمدىن كېيىن ئىشىك ئالدىدا ئاپتوموبىلنىڭ لابا ئاۋازى ئاڭلاندى، ئىشىك تېپىلىپ ئېچىلدى، بويى ئېگىز، ئوتتۇرا ياشتىكى بىر ئادەم كىرىپ كەلدى.
-خوجايىن، ئافۇنى ئۆلتۈرگەن نەق شۇ
ئۇ ئادەم ئافۇنىڭ جەسىتىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئىككىمىزنىڭ يېنىغا كەلدى.مەن قورقمىدىم، ئۆلۈشنى تاللاپ بولغان ئادەم ھېچ نەرسىدىن قورقمىسا كېرەك.ئۇ تاپانچىسىنى چىقىرىپ رۇفېڭغا تەڭلىدى، مەن ئەگەر ئۇ رۇفېڭنى ئۆلتۈرۋەتسە، مەن يەردىكى پىچاقنى ئېلىپ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالاي دەپ ئويلىدىم.
ئۇ تۇيۇقسىز تاپانچىسىنى ماڭا تەڭلىدى، رۇفېڭ ئېتىلىپ كېلىپ مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتىۋالدى.
مېنى ئۆلتۈرۋەتسىمۇ مەيلى، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىكەن، مەن سوغۇق كۈلۈمسىرىدىم.
لېكىن ئۇ كىشى تۇيۇقسىز تاپانچىسىنى چۈشۈرۈپ، سېرىق چاچقا قاراپ:«مەن مۇشۇنداق ئىشقا بەك ئۆچ، ئافۇنىڭ جەسىتىنى بىرتەرەپ قىلىۋەتكىن!پاكىز قىلغىن».
ئۇ كىشى بۇرۇلۇپ  رۇفېڭغا قاراپ:
-ئەتە ئەتىگەن دۇڭگې كېچىلىك كۇلۇبىغا كەل دېدى.
سېرىق چاچ ۋارقىرىدى:ئاكا، سەن ئۇنى كۇلۇبقا ئەكىرمەكچىما؟؟
-بۈگۈن بۇ ئىش مۇشۇ يەردە قالسۇن، ئۇ كىشى چىقىپ كېتىش ئالدىدا رۇفېڭغا قاراپ:
-سەن يامانكەنسەن، مەن ساڭا قايىل بولدۇم، لېكىن بىلگىن، ئەگەر كەلمىسەڭ، مەن سېنى قويۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ساقچىلار سېنى قويىۋەتمەيدۇ دېدى.
رۇفېڭنىڭ قەتئىيلىكى تېڭىرقاشقا ئايلاندى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم، روھىم تېنىمغا قايتىپ كەلگەندەك قىلاتتى، بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلار خاتىرەمدە يارقىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
ئاسماننىڭ چاقماق ئۇرۇشى بىلەن، مەن قاتتىق تۈگۈلگىنىمچە ھوشۇمدىن كەتتىم.
ئۇ يىلى مەن17ياش، رۇفېڭ16ياش ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 03:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 03:17:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xatuti يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 05:17 PM
ھەقىقەتەن تەسىرلىك يېزىلغان ئەسەركەن...خەنزۇچىسىنى با ...

رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 03:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاككىر69 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 05:49 PM
كۆپ تەرجىمە قىلىپ ھەپتىدە بىر  يوللىماي ئازراق تەرجىمە ...

مەن شۇ ۋاقتىم چىقسىلا يوللاۋاتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 03:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahzada517 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 07:21 PM
داۋامىنى كۈتىمىز.
باشقىلارنىڭ نىمە دىيشى بىلەن كارىڭى ...

ھەيۋىڭىز ئازراق كۈچىنى كۆرسەتتىمۇ ھە، ئاخىرىنى يېزىپ قويدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 03:22:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gulkiz2211 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 12:45 AM
بەك ياخشى تەرجىمە قىپسىز قوللىرىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن . ...

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-35635-1-1.html

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش