|
|
|
|
خەيلۇڭ يۇمشاق دېتال شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى 2345 تور تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى كومپىيۇتېر تېرمىنال تۈرىدىكى يېڭى مەھسۇلات بولغان 2345 كومپىيۇتېر قوغدىغۇچىسىنى ئېلان قىلغان.
ئىگەللىنىشىچە، 2345 كومپىيۇتېر قوغدىغۇچىسى كومپىيۇتېر ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش، «ياغاچ ئات» ۋېروسىنى ئۆلتۈرۈش، ئەخلەت تازىلاش، سىستېما يوچۇقىنى ئېتىش، سىستېما تېزلىتىش ۋە يۇمشاق دېتال باشقۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن كومپىيۇتېر بىخەتەرلىك مەھسۇلاتى ئىكەن.
خەيلۇڭ يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ دىيىشىچە، شىركەت كومپىيۇتېر بىخەتەرلىكىنى قوغداش دېتالىنى ياساش جەھەتتىكى ھالقىلىق تېخنىكا تۈرلىرىدە ئۆز ئالدىغا بىلىم-مۈلۈك ھوقوقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ دېتال شىركەتنىڭ رەسمىي تۈردە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ساھەسىگە قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، شۇنداقلا شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىكەن.
دېتال ئۇچۇرلىرى:
دېتال نامى: 2345 كومپىيۇتېر قوغدىغۇچىسى
چوڭلۇقى: 10 مىگابايت
ماس كىلىدىغان سىستېما مۇھىتى: Windows XP/Vista/7/8/8.1
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى
يۇمشاق دېتال تۈرى: سىستېما قورالى
چۈشۈرۈش: بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
|
|
|
|
|
|