ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!
كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ دەرسلىكلىرى ۋە داڭلىق
شەخسلەرنىڭ لېكسىيەلىرىنى سۇنۇش مەقسىتىدە، ئۆزىمىزدىكى تېخنىكا ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۇزدىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى باشقۇرۇشىدا بىر قىسىم نادىر ئوچۇق دەرسلىكلەرنى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم قىلىپ تۈزۈپ چىقتۇق. ھەمدە ئۇزدىل دەرسخانىسى
سىستېمىسى بىلەن دەرسلىكلەرنى نۇقتىلىق يوللاش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئاللاھ خالىسا كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا قالماي قېرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بىر قىسىم دەرسلىكلەرنى ئۇزدىل يوۋكۇ قانىلىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ:
http://i.youku.com/uzdilcom
بىز يەنە داۋاملىق تۈردە نادىر دەرسلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى تورداشلارنىڭ
ھۇزۇرىغا سۇنۇپ تۇرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ قايسى ساھەدىكى دەرسلىكلەرگە ئېھتىياجى بولسا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
كامالىي ئېھتىراملار بىلەن:
ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزى
2014.10.30