مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2628|ئىنكاس: 12

غەربى شمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46460
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3518
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 01:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بىيجىڭ ۋاختى كەچ سائەت 7:30 دە ، غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتى مۇزىكا زالىدا 2012-يىللىق ناخشا كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانتى نۇر مۇھەممەدجان ئىمامنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش ناخشا كىچىلىگى ئۆتكۈزۈلدى.
mmexport1415220333694.jpg

بۇ كىچىلىككە غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتىنىڭ رەھبەرلىرى،ئىنىستىتۇت رەھبەرلىرى ، ئۇستازلىرى، كەسىپداش-ساۋاقداشلىرى قاتناشقاندىن سىرت يەنە ، لەنجۇدىكى ھەر-كەسىپ ھەر ساھەدىكى قىرىنداشلار ۋە شۇمەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
كىچىلىككە ئالاھىدە تەكلىپلىك قاناشقان مىھمانلاردىن:
غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى: يۈسۈپجان ئەمەت.
جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات جەمىيىتى دائىمى ھەييەت ئەزاسى،جۇڭگۇ تۈرۈك تىلى  تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ  كاتىۋى، غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى باش مۇدىرى،دوكتۇر يىتەكچىسى : ئابدىۋىلى كىرەم غولبويى.
غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى: ئوسمان جۈمە
غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى: سۇيەن
غەربى شىمال مىلللەتلەر ئۇنۋىرستىتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتى مۇئاۋىن مۇدىرى : ئاربىن دالەي
ناخشا كىچىلىگى << ئاھ ! قۇياشىم>>،<<ئاياللار ئۆزگىرىشچان>><<نازىنىن>> قاتارلىق ئىتالىيە ئوپىرا ناخشىلىرى بىلەن باشلاندى.
mmexport1415220476503.jpg

ئارقىسىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامدىن <<پەنجىگاھ مۇقامى>> نىڭ مۇقەددىمىسى، تەئەززە،نۇسىخا ،،،قاتارلىقلار ئورۇنلاندى.
mmexport1415220350721.jpg

تەمبۇر مۇزىكىسى << ئەجەم >> نىڭ ئورۇنلىنىشى بىلەن بۇ كىچىلىك تىخىدىنمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.
mmexport1415185557281.jpg

ئىجادى ناخشىلاردىن << ئالەم گۈزەل مۇھاببەتتە>><<مۇقاملار>><<بىغىشلا ئەلگە تۆھپەڭنى>> قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيىدىكى ناخشىلار ئورۇنلىنىپ تاماشىبىنلارنى سۆيۈندۈردى.ئاخىرىدا <<كاچۇڭ سەنىمى>> ئورۇنلىنىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش چاۋاك سادالىرى ئىچىدە كىچىلىك ئاخىرلاشتى.
غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى يۈسۈپجان ئەمەت  بۇ كىچىلىكنى ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى . ئاخىرىدا نۇر مۇھەممەدجان ئىمام  مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە بۇ قىتىمقى ئويۇنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان قەشقەر سەنئەت مەكتەپ مۇزىكا ئوقۇتۇش گورۇپىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرى بىلەن بىرلىكتەكوللىكتىپ خاتىرە سۈرئەتكە چۈشتى.
mmexport1415372488966.jpg

mmexport1415185058807.jpg

mmexport1415184399266.jpg

بۈگۈنكى كىچىلىكنىڭ باش پىرسۇناژى نۇرمۇھەممەدجان ئىمام  شىنجاڭ قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇقام ئوقۇتقۇچىسى.
غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ناخشا كەسپى تارىخىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ماگىستىر ئاسپىرانت.
ئۇ 1982-يىلى5-ئاينىڭ28-كۈنى شىنجاڭ قەشقەرشەھرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .
ئۇنىڭ دادىسى ئىمام زۇنۇن قەشقەر ۋىلايىتىدە نامى بار مائارىپچى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى  . ئانىسى خەيرىنسا مەممەت قەشقەر شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بۇلار ئىككىلىسى ھازىر دەم ئىلىشتا . نۇرمۇھەممەدجان ئىمامنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغان دادىسى ئىمام  زۇنۇننىڭمۇ مۇزىكىدىن خەۋىرى بار بولۇپ تەمبۇر چىلىشقا ئىشتىياقى بار ئىدى.نۇرمۇھەممەدجان كىچىكىدىن دادىسىنىڭ مۇشۇ ئىشتىياقىدىن ئۆرنەك ئىلىپ ناخشا-مۇزىكىغا ئوتتەك قىزىققان . كىچىكىدىن ھىيتەم ھۈسىيىن، ئوسمان ئەمەت،ئابلىز شاكىر ،ئابدۇرىيىم ھىيت قاتارلىق ئۇستازلارنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ناخشىللىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭغان.

ئاتا-ئانىسى نۇرمۇھەممەدجان نىڭ بۇخىل ھەۋىسىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن،ھەمدە 1999-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىر ئۆمىگىنىڭ ئارتىسى،ئاتاقلىق مۇقام ئۇستازى مەرھۇم خالىق ھاجىغا شاگىتلىققا بەرگەن.
مەرھۇم خالق ھاجى مۇئەللىم بۇ ياشنىڭ يوشۇرۇن تالانتىنى كۆرۈپ يىتىپ نۇرمۇھەممەدجاننى ئۆزىگە شاگىرتلىققا قوبۇل قىلغان.
نۇر مۇھەممەدجان بۇ ۋاقىتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا ، مەكتەپتىكى ئوقۇشىغا تەسىر يەتمىگەن ئاساستا،شەنبە-يەكشەنبە دەم ئىلىش كۈنلىرى شۇنداقلا قىشلىق تەتىل،يازلىق تەتىللىك دەم ئىلىش ۋاقىتلىرىىن پايدىلىنىپ خالىق ھاجى مۇئەللىمدىن مۇقام ۋە تەمبۇ چىلىشنى ئۈگەنگەن . ئۇستازىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەبىيلىشى ئاستىدا نۇرمۇھەممەدجان 2000-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى 2-قارار تولۇق كۇرۇس مۇقام سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان.
شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا كىرگەندىن كىيىن بۇ يەردىكى ئۇقۇتقۇچىسى ئەمەتجان مۇئەللىم ۋە ئايشىگۈل مۇئەللىملەرنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا مۇقام ئورۇنلاش كەسپىدە تىخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلىگەن. 2004-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىشتىتۇتى مۇزىكا زالىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ناخشا كىچىلىگىنى ئۆتكۈزۈپ مەكتەپتىكى ھەر دەرجىلىك رەھبەرلەر ۋە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ھەمدە شۇ يىلى شىنجاڭ قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىنىڭ ئالاھىدە تەكلىۋى بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ مۇقام ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلىنغان.
نۇرمۇھەممەدجان ئىمام قەشقەر سەنئەت مەكتىۋى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا قىتىلغاندىن كىيىن كەسىپتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خزمەتلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ كەلگەن. نۇرمۇھەممەد ئۆزىنىڭ توختىماي تىرىشىدىغان ، ئۆز بىلىملىرىدىن قىلچىلىك قانائەت ھاسىل قىلمايدىغان روھى بىلەن 2011-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىنتاھانىسىغا قاتنىشىپ غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ناخشا كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىللىنىدۇ.
ئۇ 2011-يىلى 9-ئايدى 2012يىلى 7-ئايغىچە ئوقۇتۇش تەلىپى بويىنچە لىياۋنېڭ نىفىت خىمىيە سانائەت ئۇنۋىرستىتى  مىللەتلەر مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا بىر يىل چەتئەل تىلى بۇيىنچە تەييارلىقتا ئوقۇيدۇ.
2012-يىلى غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بىلەن مۇزىكا ئىنىستىتۇتى پىرافىسورى،ئاتاقلىق مائارىپچى<< شىڭ يەن چىڭ>> مۇئەللىمدە تەربىيلىنىش شەرىپىگە ئىرىشىدۇ.
ئۇ دەسلەپ كەلگىنىدە شۇنداق يۇقىرى سەۋىيىدىكى ناخشىلارنى، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئورۇنلاش تىخنىكىسى ۋە ئۇسۇلى بىلەن قىلچىلىك قىينالمايلا ئورۇلاۋاتقان ساۋاقداشلىرى ۋە كەسىپداشلىرىنى كۆرۈپ دەسلىۋىدە ئىنتايى بىسىم ھىس قىلىدۇ.لىكىن ئۇ قىلچىلىك بوشىشىپ قالماي ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويۇپ باشقىلار 1-2 سائەت مەشىق قىلسا ئۇ 5-6 سائەتلەپ مەشىق قىللىدۇ. ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپ << پەقەت ئىرادىلام بولسا قىلىمەن دىسەڭلا قىلالايسەن>> دىگەن سۆزنى ئۆزىگە ھەركەتلەندۈگۈچ كۈچ قىلىپ كەلگەن.
تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى، ئۇ 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتى زالىدا تۇنجى قىتىملىق يالغۇز كىشىلىك ناخشا كىچىلىكىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىدۇ. ھەمدە ئۇستازلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشدۇ.
ئۈگەنگەنلىرىدىن، ئىرىشكەن نەتىجىللىرىدىن قىلچىلىك قانائەت ھاسىل قىلمايدىغان بۇ يىگىت توختىماستىن ئىزدىنىپ قانداق قىلغاندا مۇشۇ گۈزەل ئۇسلۇپتىكى ناخشا ئىيتىش ئۇسۇلىنى بىزنىڭ ئون ئىككى مۇقام ئاھاڭلىرىغا خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ، زادى قانچىلىك رولى بار؟ قانچىلىك ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ دىگەن تىمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ۋە قوللىشىغا ئىرىشىدۇ.  ھەمدە 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 05- كۈنى كۆپچىللىككە ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان بىر مەيداق ئوقۇش پۈتتۈرۈش يالغۇز كىشىلىك ناخشا كىچىلىگىنى تەقدىم قلدى.

mmexport1415185276795.jpg
mmexport1415185266290.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 03:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ››بولغىنىدەكبۇ ياش شاگىرت نىڭ بۇندىن كىيىنكى غەلبىسى ئۈچۈن ئۇتۇقلار تىلەيمەن.
تىما يوللىغۇچىغىمۇ كوپ رەھمەت.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109886
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 646
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2014-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 03:51:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشرۈش ئادرىسى يوقما
ما بالىنىڭ قانچىلىك تالانتى با  بىي كۇرۇپ باقىلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 04:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizyaxa يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 03:51 PM
چۈشرۈش ئادرىسى يوقما
ما بالىنىڭ قانچىلىك تالانتى با  ب ...

شۇنى دەيمەنا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7404
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1172 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 09:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيى شۇ ئوقىغان 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئائىلە قوروسىدا،مېنىڭ چوڭ ئاپاملار بىلەن قوشنا ئىدى بۇرۇن،بىر ئىنىسى بار ئۇ بالىمۇ تەمبۇرنى خىلى ياخشى چەپ قويىدۇ.
بىر ئاكىسى ئوقۇتقۇچىغۇ دەيمەن،ھە راست ئىنىسىمۇ ئوقۇتقۇچى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9028
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 09:51:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەق مەيدان ناخشىسىدىن بىرنى يوللاپ قويساڭلار تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەنتۇق !

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4434
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:08:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇئەللىمنىڭ تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قۇيمەن، مەكتىپىمزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەريىللق نۇرۇز سەنئەت كىچلىكلىردە نۇمۇر ئورۇنلاپ ئالقشقا ئىرشەتتى.

سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4968
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TATLIHIM يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 09:51 PM
نەق مەيدان ناخشىسىدىن بىرنى يوللاپ قويساڭلار تېخىمۇ ي ...

شۇنى دەڭە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4968
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 10:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ سىنىپ مودىرىممۇ باكەنيا ئاۋۇ يەردە، سەل ھاياجانلاندىم جۇمۇ.بۇ ئادەمنىڭ ناخشىسىنىغۇ ئانچە مۇنچە ئاڭلىغان بۇرۇن، يىراقتىنلا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   花公主 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 10:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 05:30:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
花公主 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 10:11 PM
مېنىڭ سىنىپ مودىرىممۇ باكەنيا ئاۋۇ يەردە، سەل ھاياجان ...

سىزمۇ كەسپى ئارتىس ئوخشىمامسىز

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش