مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2350|ئىنكاس: 31

ئـــاپــا سىز بىلەن تـوي قىلغۇم بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتلىقنى تۇغۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1196
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9697
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 03:49:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپا سىز بىلەن توي قىلغۇم بار  


  تۇنجى قېتىم ئاپامغا  مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلغىنىمدا ئەمدىلا ئۈچ ياشتا ئىدىم، شۇ كۈنى مەن تەنتەنىلىك ھالدا ئاپامغا توي تەكلىپى قويدۇم.






    شۇ چاغلاردا دادامنىڭ ئۆيدە بولىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز ئىدى(خالىغاندا پەيدا بولۇپ، خالىغاندا يوقاپ كېتىشمۇ ئۇنىڭ بىر خىل ھوقۇقى ئىدى)، ئەگەر ئۇ ئۆيدە بولسىلا ئاپام بىلەن ئۇرىشاتتى، ئۇلار بىر بىرىنى ئەيىبلىشەتتى، ۋارقىرىشاتتى، ئۆي ئىچى قورقۇنۇشلۇق كەيپىياتقا تولۇپ گويا بوران چاپقۇن ئالدىدىكى  قارا تۇمان باسقان شەھەرگە ئوخشاپ قالاتتى، بۇنىڭ ئەكسىچە ئاپام ئىككىمىز«خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر»ئىدۇق،  كىللاسسىك مۇزىكا خەلىق چۆچەكلىرى، شىئىر ۋە پەن تېخنىكا بىلىملىرى  بىزنىڭ ئورتاق قىزىقىشىمىز ئىدى. بىز بىللە ئوينايتتۇق، ھاياجان، خوشاللىق ۋە ۋەھىمىلەردىن ئورتاق ھۇزۇرلىناتتۇق، ئەگەر ئوتتۇرىمىزدا بىرەر زىدىيەت پەيدا بولسا، بىز دەرھال سۆزلىشىپ ھەل قىلاتتۇق، بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل ھەمراھ بولامدۇ؟ئاپام تەكلىپىمنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن،  ئۆزىنىڭمۇ مېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بىراق ھازىرقى ئەھۋالدا توي قىلساق بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى مېنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىمنى ئېيىتتى . بۇ مەن ئۈچۈن چۈشىنەرلىك سەۋەب ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن تاماقنى تېخىمۇ جىق يەيدىغان، ۋېتامىن ۋە ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بېلىق مېيىنى چىداپ تۇرۇپ يەيدىغان بولدۇم. مەن تېزرەك چوڭ بولۇپ، ئاپام بىلەن توي قىلىدىغان ياشقا تولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.

2.
مەن تۆت ياشقا كىرگەن يىلى ئاپام مەندىن:- سىڭلىڭىز بولىشىنى خالامسىز؟-دەپ قايتا قايتا سورىدى. مەن خالىمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئاپام مېنى يېزىغا ئاپىرىپ قويۇشنى قارار قىلدى، بىراق مەندىن پىكىر ئېلىشنى ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قالمىدى(بىز دېگەن ھەقىقىي بىرجۈپلەر-دە)، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئېغىر ئۆپكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئامالسىز شۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى.
  گەرچە ئاپامدىن ئايرىلغۇم كەلمىسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقى ساياھەت مېنى خېلىلا قىزىقتۇردى، چۈنكى يېزىدا شەھەردە كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ھايۋانلارنى كۆرەلەيتتىم.   مەسىلەن،  ئۈستىدە دېغى بار، يوغان تۇخۇم تۇغىدىغان تۆگىقۇش، توپىنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش ئۆزگىرەلەيدىغان كۆزەينەكلىك يىلان قاتارلىقلار.....شۇڭا يېزا تۇرمۇشىدىن بەھرلىنىش ئۈچۈن ئاپامدىن ئايرىلىپ يېزىغا كەتتىم.

3.
نەچچە ئايدىن كېيىن، شەھەرگە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئاپام ئۆزىنىڭ ماڭا بىر سىڭىل تۇغۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيىتتى. بىز بۇرۇنلا بۇ توغرۇلۇق سۆزلەشكەن بولغاچقا، بۇ گەپكە ئانچە ھەيران قالمىدىم. ئاپام مېنى يېتىلەپ ھۇجرا ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، بۆشۈكتىكى يېڭى مېھماننى تونۇشتۇردى.

- ئۇ گەپ قىلالامدۇ؟
- ياق، - دەپ جاۋاب بەردى ئاپام.
- ماڭالامدۇ؟
- ياق.
مەن ئۈمۈدسىزلەنگەن ھالدا بۆشۈكتىكى بوۋاققا يەنە بىر قاراپ قويدۇم - دە، تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ تۇرۇپ ئاخىرقى سۇئالىمنى سورىدىم:
- ئۇ مەن بىلەن ئوينىيالامدۇ؟
- ئۇ تېخى كىچىك، ھازىر ئوينىيالمايدۇ.
- ئۇ ھېچنېمە قىلالمايدىكەن، - مەن شۇنداق دېدىم -دە، گۈللۈكتىكى ئىشلىرىمنى قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىم.
مەن ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇپ، سىڭلىمغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايتتىم. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ چوڭ بولۇش جەريانىدا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمنى قىلدىم. بەزىدە ئۇنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش، يۇيۇشقا ياردەملىشىش، سۈت بوتۇلكىسىنى تەييارلاش دېگەندەك ئۆزۈم قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم. ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتاتتى، سىڭلىم يەنىلا بۆشۈكتە، يا گەپ قىلالمايتتى، يا مەن بىلەن ئوينىيالمايتتى. مەن بولسام تېزرەك چوڭ بولۇپ، مۇھەببەتكە سادىق ھەمراھ بولۇشقا ۋە ئاپامنى قوغداشقا ئالدىرايتتىم.
4.
ئۇ يىلى يىل ئاخىرىدا، ئاپام ماڭا مەكتەپتە ئوقۇشۇم كېرەكلىكىنى ئېيىتتى. بۇ پىلان مېنى پەقەتلا خوشال قىلمىدى. ئاپام ماڭا:
- قىزىم، مەكتەپكە بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى توغرا چۈشىنىمەن، بىراق دۆلەت قانونىدا مەكتەپتە ئوقۇش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن، دېدى.
مەن ئاپامنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشنى خالىمىغاچقا، ھاياتىمدىكى بۇ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشقا ياۋاشلىق بىلەن ماقۇل بولدۇم. مەن، مەكتەپكە بېرىش يېشىغا تولغاندىن كېيىن ئاپام بىلەن توي قىلىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولدۇم، دەپ يەكۈن چىقاردىم. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەنى غەنىمەت بىلىپ توي ئىشىمىز توغرۇلۇق يەنە گەپ ئاچتىم. چۈنكى دادام بىلەن ئاپامنىڭ ئوتتۇرسىدا پات-پات يۈز بېرىدىغان كەسكىن جەڭلەردە «ئاجرىشىمەن» دېگەن سۆز ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئەگەر ئۇلار راستتىنلا ئاجرىشىپ كەتسە، بىز توي قىلالايتتۇق.
بۇ قېتىم ئاپام ماڭا باشقىچە شەكىلدە جاۋاب بەردى. ئۇ ئىككىمىزنىڭ بىر - بىرىمىزنى ھەقىقەتەن سۆيىدىغانلىقىمىزنى، پىكرىمىزنىڭ بىر يەردىن چىقىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى، بىراق ئوتتۇرىمىزدا بىر توسالغۇ بارلىقىنى ئېيتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال، بۇ توسالغۇ سىڭلىم بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. گەرچە ئادەتتە سىڭلىمغا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىسەممۇ، بىراق بۇ رېئاللىقنى ئاللىقاچان قۇبۇل قىلغانىدىم.

ئاپام ئىككىمىز دائىم سەيلە قىلغىلى چىققاندا ئۇنى ئېلىۋالاتتۇق، ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بېرەتتۇق، ھەتتا مەن بەزى ئۇيۇنچۇقلىرىمنى ئۇنىڭغا بېرەتتىم(گەرچە ئۇ ئوينىيالماي بۇزىۋەتسىمۇ).ئۈچىمىز سەيلە قىلغىلى چىققان چاغلاردا ئاپام، مەن ۋە سىڭلىم ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايتتۇق. ئاپام ماڭا چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى:
- قىزىم بۇ بىر قانۇنىي مەسىلە، قانۇندا بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى بەلگىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قىزىنىڭ ئاپىسى بىلەن توي قىلىشى چەڭلەنگەن.
مەن بەك مەيۈسلىنىپ سورىدىم:
- ئەمىسە ئاپىسى قىزى بىلەن توي قىلسا بولامدۇ؟
- بولمايدۇ، قىزىم.
ئەمدى بىلدىم. مەن چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ ئاپام بىلەن توي قىلالمايدىكەنمەن، چۈنكى ئوتتۇرىمىزدا ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر توسالغۇ بار ئىكەن. شۇڭا، مەن ھازىردىن باشلاپ ئۆز  ھاياتىمنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم.
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، ھەر قېتىم شۇ ئىشلارنى ئەسلىگىنىمدە، ئاپامغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى، ئاپام گۆدەك چاغلىرىمدا توي قىلىشىمىزغا بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ماڭا ئېيتمىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىگە نىسبەتەن جىنسى پەرىقنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، مېنى مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىيلىقىغا ئىشەندۈرۈش، پەقەت چىن مۇھەببەت بولسىلا، چىرايى ياش پەرقى، جەمىيەتتىكى ئورنى ياكى يۇرتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى ماڭا تۇنۇتۇش ئىدى. گەرچە ئاپام بىلەن توي قىلىش پىلانىمدىن ۋاز كەچكەن بولساممۇ، ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. مەن يەنە شۇنى سەزدىمكى، ئاپامنى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىلارنى ياخشى كۆرسەممۇ بولىدىكەن.
ھازىرغىچە بىر نەچچە قېتىملىق قىزغىن مۇھەببەت تارىخىنى باشتىن كەچۈردىم. ئۇلاردىن ئايرىلىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن قايتا ئۇچرىشىپ قالغاندا، ھەتتا بىردەم بىللە ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشكىمۇ رايىم بارمىدى. ئەكسىچە، ھەر قېتىم ئۆيگە قايتىپ، ئاپام بىلەن يەنىلا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆرۈشكىنىمدە بولسا ئالەمچە خوشال بولىمەن. بىز قەھۋە ئىچكەش پاراڭلىشىمىز، تەڭ كۈلىمىز، بىللە سەيلە قىلىمىز، بىللە كىتاب ئوقۇيمىز، مۇزىكا ئاڭلايمىز. بەزىدە ئاپام بالىغا، مەن ئاپامغا ئايلىنىپمۇ قالىمىز.





شۇنداق، جاھاندىكى بارلىق نەرسە ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ، ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.  


دىلئارا باھاۋىدىن  تەرجىمىسى

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئەلشاھ + 2 ياخشى ئەسەركەن ،ياقتۇرۇپ قالدىم
چالىقۇش + 20 ئىسىل تەرجىمە

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 22   باھا خاتىرىسى

يىقىلغان  يەردىن  دەس  تۇر  !!!!

ھەركىم ئۆز تەقدى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 490
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8828
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 03:55:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا-بالىلىق مېھىر-مۇھەببەتكە ھېچنەرسە توغرا كەلمەيدۇ ،،،ئۇنى ھېچنىمە توسۇپ قالالمايدۇ ،،

كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل

اللە ھەممىمىزنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1123
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8061
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 03:57:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1(چالىقۇش)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

توغرا دەيسىز، دۇنيادا ئانا-بالىنىڭ مۇھەببىتىگە تەڭداش تاماسىز، ساپ مۇھەببەت بولمىسا كېرەك...

اللە ھەممىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرگەي!

سىزلا سەمىمى بول

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 245
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9404
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 03:57:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى يېزىلغان تىمىكەن بۇ!!!!رەھمەت ھە!!

مەن سىزنىڭ چىن دوستىڭىز

ئوماق قىزىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 132
يازما سانى: 2063
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15107
تۆھپە نۇمۇرى: 559
توردا: 9685 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 03:59:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1(چالىقۇش)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

توغرا ئىيتىسىز ..ئانىنىڭ مۇھەببىتى شەكسىز

سەنئەتكە بىرىلگەن مىللەت چۈشكۈنلەشكەن مىللەتتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1576
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11535
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 04:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتىتى تۇغرا ،دۇنيادا ئاتا-ئانا مۇھەببىتىگە ھىچقانداق بىر نەرسە تەڭ بۇلالمايدۇ.ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرنىنى باسالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 999
يازما سانى: 1356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107745
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 4409 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 04:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاپامنى سۆيىمەن!  ھە راست، تېمىنىڭ قەيەردىن تەرجىمە قىلىنغىنىنى بىلىپ قالساق بولامدۇ؟

(مەن يازغان تۇخۇم ئىنكاسنى كىم چېقىۋەتتى؟)

مەن ئاپامنىڭ ئاپئاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.......

ھاياتلىقنى تۇغۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1196
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9697
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 04:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالامەت تۇردىڭىزمۇ  سىڭلىم ؟  تولىمۇ  نەپىس  بىزەپ  قويۇپسىز  سىزگە قىززىق زەرەپشان  چېيى  تۇتتۇم  سۇۋۇپ  كەتكۈچە  بىر  ئوتلاڭ !

يىقىلغان  يەردىن  دەس  تۇر  !!!!

تۇرۇكجان

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 915
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8781
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2010-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 04:07:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانام ئۇچۇن ھەممېنى قېلىشقارازېدۇرمەن مىڭ ئەپسۇس مەن ئۇچۇن تۇسالغۇ بار.... مېنى كەچۇر ئانا... [s:22]

تۇرۇكجان

爱我就不要伤害我

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 314
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10824
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 1295 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-31 04:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيادا ئەڭ ساپ ئەڭ پاك ئانا بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇھابەتتۇر

بىرتامچە سۇدىنمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ ~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش