|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم تورداشلار ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن ، يېقىندا بىر تورداش ئىستىخار نامىزى توغرۇلۇق ئۇچۇردا مەندىن سۇئال سۇرۇغان ئىكەن كۆرمەي كىچىكىپ كۈرۈپ تىمەن شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا تورداشلارنىڭمۇ پايدىلنىپ قېلشىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنبەردە تىما سۈپتىدە يوللۇدۇم.
مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىڭىزدا مەلۇم ئىشدا ئىككىلنىپ قالسىڭىز مەسلەن : بۇ قىز بىلەن توي قىلسام بۇلارمۇ بولماسمۇ ؟ ، بۇ تىجارەتنى قىلايمۇ قىممايمۇ ؟ ، بۇ سەپەرنى قىلسام بۇلارمۇ بولماسمۇ ؟ بۇ ئۆينى ئالسام بۇلارمۇ بولماسمۇ ؟ دىگەندەك ئىشلاردا ئىككىلنىپ قالسىڭىز ئىستىخار نامزىنى چىن قەلبىڭىزدىن ئاللاھ غا يېلنىپ تۇرۇپ ئۇق سىڭىز ئاەللاھ سىزگە توغرا يولنى كۆرسەتكىسى .
ئىستىخار نامزى قانداق ئۇقلۇدۇ ؟
ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا ئىستىخارە سېلىش نىيىتى بىلەن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ، نامازدىن كېيىن ياكى نامازنىڭ ئىچىدە تۈۋەندىكى دۇئا ئوقولىدۇ
«ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا، مېنى بۇ ئىشتا مۇۋەپپەق قىلغىن، ماڭا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن، ماڭا بۈيۈك ئېھسانىڭدىن ئاتا قىلغىن، سەن ھەر ئىشقا قادىر بولىسەن، مەن قادىر بولالمايمەن. سەن بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن.
ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش (قىلماقچى بولغان ئىشنى ئاتايدۇ) سېنىڭ ئىلمىڭدە مېنىڭ دىنىم، دۇنيايىم، ھاياتىم ۋە ئاقىۋىتىم ئۈچۈن خەيرلىك بولسا، ماڭا بۇ ئىشنى نېسىپ قىلغىن ۋە بۇ ئىشنى قىلىشنى ئاسان قىلىپ بەرگىن، ئاندىن ئۇ ئىشتا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن.
ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش (قىلماقچى بولغان ئىشنى ئاتايدۇ) سېنىڭ ئىلمىڭدە مېنىڭ دىنىم، دۇنيايىم، ھاياتىم ۋە ئاقىۋىتىم ئۈچۈن يامانلىق بولسا، مېنى بۇ ئىشتىن، بۇ ئىشنى مەندىن يىراق قىلغىن، بۇ ئىشنى ئەقلىمدىن چىقىرىۋەتكىن، ماڭا ياخشىلىق نېسىپ قىلغىن، مېنى ياخشىلىق بىلەن قانائەتلەندۈرگىن»-
بۇ نامازدا مۇئەييەن بىر ئايەت بەلگىلەنمىگەن ھەر كىم ئۈزى بىلگەن ئايەتنى ئۇقسا بۇلدۇ يەنى سۈرە فاتىھە دىن كىيىن بىر سۈرە قۇشۇپ ئۇقسىلا بۇلدۇ .
ئەسكەرتىش
1- ئىستىخارىدە چۈش كۆرۈش دەيدىغان بىر گەپ يوق. ئىستىخارىدىن كېيىن كۆڭۈل بىر تەرەپكە مايىل بولمىسا، بىرقانچە قېتىم، (ھەتتا يەتتە قېتىم) ئىستىخارە سېلىشقا بولىدۇ. ئىستىخارىدە مۇھىم بولغىنى چۈش كۆرۈش ئەمەس، كۆڭۈلنىڭ بىر تەرەپتىن سوغۇپ، يەنە بىر تەرەپكە قىزىشىدۇر.
2- ھەر كىم ئۆز ئىستىخارىسىنى ئۆزى سالىدۇ. باشقا بىرىگە ئىستىخارە سالدۇرۇش ياكى ئىستىخارە سېلىپ بېرىش ئۈچۈن باشقا بىرىنى «نىمكار» لاش، ئىشنىڭ بىدئەت تەرىپىدۇر.
3- ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ھەرقانداق بىر ئىشقا ئىستىخار سېلىشقا بولمايدۇ .
مەنبە مەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھسسلامنىڭ ھەددىسى ھەددسنى ئىمام بۇخارى توپلىغان بۇلۇپ دۇئالار بابىدا زىكىر قىلغان .
|
|
|
|
|
|