مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1311|ئىنكاس: 9

نىران خانىدانلىقى (تۆتىنچى بۆلەك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 07:09:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)
aychiwer.jpg

(27)
بۇ ئادەملەر بىلەن ئېلىشىپ سەل چارچىغان ئەركىن ئىشىك ئالدىدا يەردە ئولتۇردى. چىرايىنى قورقۇنچ قاپلىۋالغان ئايچىۋەرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ شەمشىرىنى يېنىدا قويۇپ ئولتۇردى.
بۇ ئادەملەر كىم؟ نېمىشقا بىزگە قەسىت قىلىدۇ؟،ــ ئايچىۋەر ئەركىننىڭ پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ.
«ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ ئادەملىرى سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارمۇ شۇلار ئىدى.،ــ ئەركىن بۇ ئىشلارنى ئايچىۋەردىن يۇشۇرغىنىغا خىجىل بولۇپ.
«ھىلال ئاي» مەزھىپى؟ بۇ قانداق مەزھەپ؟ مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن تېخى ماڭا قەسىت قىلغانلارنى توغرۇل ئەۋەتتى دەپ ئويلاپ يۈرگەنىدىم. مېنىڭ «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەر بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتىم بولمىسا ئۇلار نېمىشقا ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟،ــ دېدى بارغانسىېرى چىگىشلىشىپ كەتكەن ئىشلاردىن گاڭگىراپ قالغان ئايچىۋەر.
ئايچىۋەر مەن سىزدىن بىر ئىشنى يۇشۇرغانىدىم. يۈرۈڭ ئۆيگە كىرەيلى سىزگە بىر نەرسە كۆرسىتىمەن.
ئەركىن ئۆيگە كىرىپ چىراغنى ياقتى. كارۋىتىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قويۇلغا چوڭ ياغاچ ساندۇقتىن بىر تال شەمشەرنى ئالدى. بۇ شەمشەرنىڭ غىىلاپىمۇ شۇنچىلىك نەپىس ئىشلەنگەنىدى. ئۇ شەمشەرنى قېنىدىن سۇغاردى. شەمشەرنىڭ ياخشىلىقىدا گەپ يوق بولۇپ بىسى قىلنىمۇ كېسىۋەتكىدەك دەرىجىدەك ئىتتىك ئىدى. ئەركىن شەمشەرنى ئايچىۋەرگە سۇندى. ئايچىۋەر شەمشەرنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈۋېدى. شەمشەرنىڭ بىسىنىڭ ئوتتۇرىغا «ھىلال ئاي» دېگەن خەت ۋە ھىلال ئاينىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. ئايچىۋەر ئەركىنگە بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندەك سوئال نەزىرىدە قارىدى.
بۇ ئاتامنىڭ يالدامىسى، مەرھۇم ئاتام ماڭا مۇشۇ بىر تاللا شەمشەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەسلى «ھىلال ئاي» مەزھىپىنى ئاتام بارلىققا كەلتۈرگەن. ئاتام كىچىكلىكىدىن چامباشچىلىققا قىزىقىدىكەن. ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن ئۇستازلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلاردىن نەچچە يىل ماھارەت ئىگىلەپتۇ. كېيىن ئاتامنىڭ ئەتراپىغا چامباشچىلىققا قىزىقىدىغان نەچچە ئادەم يىغىلىپ قاپتۇ. ئاتام بۇلارنى تەشكىللەپ بىر مەزھەپ قۇرۇپ چىقىپتۇ. ھەمدە بۇ مەزھەپكە «ھىلال ئاي» مەزھىپى دەپ نام بېرىپتۇ. ئاتام قاتارلىق بۇ كىشىلەر ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ نامراتلارنى بوزەك قىلغان بايلارنىڭ ئەدىۋېنى بېرىپ ئاجىزلارنىڭ يىغىسىنى تەڭ يىغلاپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا «ھىلاي ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنىڭ نامى خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپتۇ. كېيىن ئاتام بۇرادەرلىرىنى ئېلىپ پايتەخىتكە كەپتۇ. مۇشۇ يەردە كىچىك تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاچ مەزھەپتىكى بۇرادەرلىرىنى يىتەكلەپ مەزھەپنى خېلى زورايتىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتام ئانام بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ ئىككەيلەن توي قىلىپتۇ. ئانام ماڭا ھامىلدار بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ساقايماس ئۆپكە كېسلى بولۇپ قېلىپ مەن تۇغۇلۇپ بەش ئايدىن كېيىن ئانام تۈگەپ كېتىپتىكەن. ئاتام ماڭا ئانا ھەم ئاتا بولۇپ چوڭ قىلىپتۇ. مەن چامباشچىلىق ئائىلىسىدە چوڭ بولغاچقا كىچىكىمدىن چامباشچىلىققا قىزىقاتتىم ئاتاممۇ ماڭا ئۆزىدە بار ماھارەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۈگەتتى. مەن ئون بەش ياشقا كىرگىچە ئاتامنىڭ ھەممە ماھارەتلىرىنى ئىگەللەپ بولدۇم.
بۇ شەمشەرنى ئاتام نۇرغۇن پۇل بېرىپ شەمشەرنىڭ بىسىغا «ھىلال ئاي» نامىنى ئويغۇزۇپ ياساتقانىكەن. ئاتام بۇ شەمشەرنى بەكلا ئەتىۋارلايتتى. مەن ئۇنىڭ پات-پات بۇ شەمشەرنى سۈرتۈپ پاكىزلاپ يەنە قويۇپ قويغىنىنى كۆرەتتىم. شۇ يىلى ئاتام بازار ئايلىپ يۈرۈۋاتسا بىرنەچچە ئادەم بىر ئادەمنى ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. ئاتام بېرىپ ئاۋۇ نەچچە ئادەمنى ھەيدىۋېتىپ ھېلىقى ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. بۇ ئادەم دەل ھازىرقى «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ باشلىقى ئوسمان ئىدى. ئاتام ئۇ ئادەمنى قۇتقۇزۇپ بىر ئاشخانىغا ئەكىرىپ تاماق ئېلىپ بەرگەچ باشقىلارنىڭ ئۇنى نېمىشقا ئۇرىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئوسمان قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇۋېتىپ بۇلارغا قەرىزدار بولۇپ قالغانلىقىنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنىمۇ قەرىزگە ھىسابلاپ ئېلىۋالغانلىقىنى قەرىزلىرى بۇنىڭلىق بىلەنمۇ تۈگىمەي ئۇلارنىڭ يەنە قەرىز سۈيلەپ كېلىپ ئۆزىنى ئۇرغانلىقىنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قلغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن. باغرى يۇمشاق ئاتام ئوسماننى ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ باشقا بۇرادەرلىرىگە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ ھەممىسى ئازراقتىن پۇل يىغىش قىلىپ ئۇنىڭ قەرىزلىرىنى تۆلىۋەتتى. ئۇ قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلىشىدىن قورقۇپ ھەمدە ئاتامنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياخشلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بۇ يەردە ئېلىپ قېلىشنى ئۆتۈندى. ئاتام باشقا بۇرادەرلەر ئۇنى ئۆيىمىزدە ئېلىپ قالدى. كېيىن ئوسمان باشقىلارغا بوزەك بولماسلىققا پايدىسى باركەن دەپ چامباشچىلىق ماھارىتىنى ئۈگەندى. ئوسمان ھەممىدە ئاتامنىڭ ئېغىزىغا قارايتتى ئاتامنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتى. كېيىن ئىككەيلەن قول بېرىشىپ ئاكا-ئۇكا بولۇشتى. ئوسمان «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ ئىككىنچى باشلىقى بولۇپ قالدى.
(28)
شۇنداق قىلىپ ئوسمان بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئاتامنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى مېنىڭ ئاتامدىن قالسا ئەڭ يېقىن ئادىمىم بولۇپ قالدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ نامى سىزنىڭ ئاتىڭىز يەنى ھۈسەيىن خاننىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. بەلكىم خانغا ۋەزىرلەر «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنىڭ نامراتلارغا يار-يۆلەك بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسا كېرەك. خان ئاتىڭىز ئۆزىنىڭ يېقىن ۋەزىرلىرىدىن بىرىنى ئاتامنىڭ ھوزۇرىغا ئەۋەتىپ «ھىلاي ئاي» مەزھىپىنىڭ ئاتىڭىزغا ئىشلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىراق بۇنى باشقىلار بىلسە بولمايدىغانلىقىنى ھەركەتلىرىنىڭ مەخپىي خاننىڭ بۇيرۇقلىرى بويىچە بولىدىغانلىقى ئېيتىپتۇ. ھۈسەيىن خاننىڭ «ھىلال ئاي» مەزھپىدىكىلەرگە ئاساسلىق قىلغۇزىدىغان ئىشى ئوردىدىكى خانغا قارشى ئەمەلدارلارنىڭ ھەركەتلىرىنى سىرىتتىن يۇشۇرۇن كۆزىتىش ۋە پارىخورلارنىڭ ئەدىۋىنى «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق بېرىش ئىكەن.
ئاتام بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپتۇ. گەرچە ئاتام خاننىڭ ئۆزى بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ ھۈسەيىن خاننىڭ ئەلنى ئادىللىق بىلەن سوراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بەكلا مەمنۇن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ «ھىلاي ئاي» مەزھىپى خان ئۈچۈن ئىككى يىل خىزمەت قىلدى. خاننىڭ مەخپىي بۇيرۇقى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئەمەلدار ۋە ھاكاۋۇر بايلارنىڭ جاجىسىنى بەردى. شۇ يىلى ئاتامغا نەدىن چاپلاشتى تۇرۇپلا بېشى قاتتىق ئاغرىيدىغان كېسەل چاپلاشتى. كۆرسەتمىگەن تىۋىپ قالمىدى. ئۆزىمۇ دورا ياساپ يەپ باقتى كار قىلمىدى. ئاتامنىڭ باش ئاغرىقى كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بېشى ئاغرىپ چىدىيالماي قالغاندا مەن ھەممىدىن بەك قورقۇپ كېتەتتىم. چۈنكى مېنىڭ ئاتامدىن باشقا ھېچكىمىم يوق ئىدى. ئاتام شۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىر ئەتىگىنى ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم. ئاتام تام تەرەپكە قاراپ يېتىپتىكەن چاقىرسام جاۋاب قايتۇرمىدى بېرىپ مىدىرىتىشىمغا تاس قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى ئاتامنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق ئېغىزىدىن كۆپۈكلەر چىقىپ قالغان ھالدا ياتاتتى، نەپىسى ئاللىقاچان توختاپ قالغان چىرايى كۆكىرپ كەتكەنىدى. مەن يىغلاپ تۇرۇپ باشقىلارنى چاقىردىم ئوسمان قاتارلىقلار ھەممىسى كەلدى. تىۋىپ چاقىرىپ كېلىۋېدۇق. تىۋىپ بېشى قاتتىق ئاغرىغانلىقتىن مېڭىسىدە قان ئۇيۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئاتامنى يەرلىكىگە قويدۇق. مەن يالغۇز قالدىم.
ئاتام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئوسمان «ھىلاي ئاي» مەزھىپىنى پۈتۈنلەي قولىغا ئالدى ھەممە ئىش ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بولاتتى. ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىن بەك كۆيىنىدىغان بولۇپ قالدى. مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرەتتى مەنمۇ ئۇنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتىم. ئوسمان مەزھەپكە ئاتامان بولۇپ يەنىلا ھۈسەيىن خانغا ئىشلىدى. كېيىن ئۇنىڭ نەپسى بارغانسېرى يوغىناشقا باشلىدى. ھۈسەيىن خان ئەۋەتكەن تەمىناتلارغا شۈكرى قىلماي باشقا ئەمەلدارلارغىمۇ ئىشلەپ كىم كۆپ پۇل بەرسە شۇنىڭ دۈشمىنىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتەك قەبىھ ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. بۇنى ھۈسەيىن خاننىڭ خاس ئادەملىرى بىلىپ قالغان چېغى ئاتىڭىز تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنى تارقىتىۋەتتى.
مەزھەپتىكى بۇرادەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەر يانغا تارىلىپ كەتتى. كېيىن ئوسمان بىر قىسىم ناچار ئادەملەرنى ئۆز يېنىغا تارتىپ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ نامى بىلەن ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ يۈردى. مېنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكرىم بار بولسىمۇ كىچىك بولغاچ ھەمدە ئوسماننى ئاتا ئورنىدا كۆرگەچكە ئۇنىڭدىن باشقا يېقىن ئادىمىم بولمىغاچقا گەپ قىلالمىدىم.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. مەن يىگىرمىگە كىردىم. بىر كۈنى ئۇنىڭ قورسىقى ئاغرىپ قاپتىكەن ھېلىقى ئاتامنى كۆرسەتكەن تىۋىپنىڭ يېنىغا دورىغا باردىم. تىۋپ ماڭا دورىنى بېرىپ بولۇپ ئاتامنىڭ بۇرۇن باشقا كېسىلى بار يوقلۇقىنى سورىدى. مەن ئاتامنىڭ  باشقا كېسىلى يوقلۇقىنى پات-پات بېشى ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. تىۋىپ باش ھەر قانچە قاتتىق ئاغرىسىمۇ ئۇنداق تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى دېدى. ئۇنىڭ ماڭا بىر نەرسىنى دېگۈسى باردەكلا قىلاتتى. مەن ھەر قانداق گەپ بولسا دەپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالدىم.
تىۋىپ ئاخىرى ئامالسىز ھەممىنى دەپ بەردى.
سېنىڭ ئاتاڭ ماڭا كۆپ ياخشلىق قىلغان. ئۇ ۋاپات بولغاندا قىلغان ئىشىمغا ھازىرغىچە ئۆكۈنىمەن سېنى ھەر بىر كۆرسەم بەكلا خىجىللىق ھېس قىلىمەن. ئاتاڭنى باشقىلار قەستلىدى. ئاتاڭنىڭ ئىچىدىغان دورىسىغا زەھەر سېلىۋەتكەچكە ئاتاڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى.،ــ تىۋىپ خىجىللىقتىن بېشىنى كۆتۈرەلمىدى.
ئاتامنى كىم قەستلىدى؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ؟،ــ تىۋىپنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىشلىدىم.
ئاتاڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئاتاڭنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشى ئوسمان يېنىمغا ئەڭ كۈچلۈك زەھەر تېپىپ بېرىشىمنى ئېيتىپ كەپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا زەھەرنى تېپىپ بەرگەنىدىم. ئۇنىڭ ئاتاڭنى قەستلىشىنى كىم ئويلىغان دەيسەن بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تېپىپ بەرمەس ئىدى.  ئاتاڭ ۋاپات بولغان كۈنى سەھەردە مېنى يەنە ئىزدەپ كەپتۇ. ئاتاڭنىڭ نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تىۋىپ چاقىرىمىز دېسە مېنى ئاپىرىدىغانلىقىنى مېنىڭ ئۇنىڭغا بېشى ئاغرىپ مېڭىسىدە قان ئۇيۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ دېيىشىمىنى ئېيتتى. مەن ئۇنداق قىلالمايمەن دېسەم ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنى بىلەن ئويناشما دېگىنىمنى قىلمىساڭ مەندىن ياخشى كۆرمەيسەن دەپ تەھدىت سالدى. مېنى كەچۈرگىن ئوغلۇم، مەن ئالدىڭدا گۇناھكار.،ــ تىۋىپنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ چۈشەتتى.
(29)
مەن تىۋىپنىڭ يېنىدىن قانداق يېنىپ چىقتىم بىلمەيمەن. بىر چاغدا قارىسام كوچىدا مېڭىۋېتىپتىمەن.
بۇ مۇمكىن ئەمەس؟! ئوسمان ئاتامنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشى تۇرسا ئۇ قانداقمۇ ئاتامنى قەستلىسۇن؟
مەن ئاشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئۆيگە كېلىپ قالغىنىممۇ سەزمەي قاپتىمەن. ئۆيگە كىرىپ ئاتامنىڭ مۇشۇ شەمشىرىنى قولۇمغا ئالدىم. ئوسماننىڭ ئۆيىگە كىردىم ئۇ يوق ئىدى. ئارقا ھويلىدىكى مەشىق مەيدانىغا باردىم. يىگىتلەرنىڭ مەشىق قىلغىنىغا قاراپ ئولتۇرۇپتىكەن. بېرىپلا شەمشەرنى ئۇنىڭ گېلىغا تەڭلىدىم.
ئېيتە! ئاتامنى نېمىشقا قەستلىدىڭ؟ ئۇ سېنى قۇتقۇزىۋالغان ئۆز يېنىدىن ئورۇن بەرگەنىدىغۇ؟ ئۇ سېنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشىڭ ئىدى.،ــ ئۆزۈمنى قانچە تۇتۇۋالاي دېسەممۇ كۆز ياشلىرىممۇ ماڭا بويسۇنماي تاراملاپ تۆكۈلمەكتە ئىدى.
ئوغلۇم ئەركىن، نېمە قىلىۋاتىسىەن؟ نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن؟،ــ دېدى ئوسمان شەمشەرنىڭ بىسىنى نېرىغا ئىتتەرگەچ.
تولا ھىلىگەرلىك قىلما! سەن ئاتامنى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋەتتىڭ. سەن بۇنى بۇرۇنلا پىلانلاپ قويغان. مەن ئەمدى سېنىڭ جېنىڭنى ئالىمەن، ئاتامنىڭ قىساسىنى ئالىمەن!،ــ شەمشەرنىڭ ئۇچىنى ئۇنىڭ گېلىغا سانچىدىم. ئۇ مىدىرلىيالماي قالدى. شۇ ئەسنادا بىرسى كەينىمدىن كېلىپلا قولۇمنى تۇتۇۋالدى. ياندىكى تۈۋرۈككە قولۇمنى ئۇرۇپ قولۇمدىن شەمشەرنى چۈشۈرىۋەتتى. كەينىمگە بۇرۇلۇپلا ئۇ ئادەمگە يۈزىگە بىر مۇشىت سالدىم. يەردىكى شەمشەرنى ئېلىپ ئوسمان تەرەپكە ماڭاي دېيىشىمگە مەشىق مەيدانىدىكى ئۇنىڭ ئادەملىرى ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىشىك تەرەپكە قاچتىم. ئۇلار كەينىمدىن قوغلاپ كەلدى. مەن قېچىۋېرىپ بىر تىك يارلىققا كېلىپ قاپتىمەن. كەينى تەرىپىم تىك يار ئالدىمدا مېنىڭ دۈشمەنلىرىم قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ ئادەملەر تېزلا يېتىپ كەلدى. مەن بۇلار بىلەن ئېلىشمىسام بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ ئاۋۋال ھۇجۇمغا ئۆتتۈم. ئاتامنىڭ ئۆتكۈر شەمشىرى بىلەن بىرىنىڭ بىلىكىنى يەنە بىرىنىڭ مۈرىسىنى چېپىۋەتتىم. بۇلار كۆپ بولغاچقا ھەممىسى ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. قايسى بىرىنىڭ شەمشىرى ئارقا سول مۈرەمنى كېسىۋەتتى. مەن ئايلانغاندەك بولۇپ لەيلەپ قالدىم. يەنە بىرسى كېلىپ قورساق تەرىپىمگە شەمشەر ئۇرىۋېدى. مەن ئۆزۈمنى قاچۇرغان بولساممۇ شەمشىرى قورسىقىمنى خېلى كۆپ تىلىۋەتتى. مەن تىك يارنىڭ لىۋىگە كېلىپ قالدىم. بىرسى مېنى تەپكىنىچە تىك ياردىن چۈشۈرىۋەتتى. كېيىن كۆزۈمنى ئاچسام تاغ باغرىدىكى بىر قويچى بوۋاينىڭ ئۆيىدە يېتىپتىمەن.
بوۋاينىڭ دىيىشىچە ئۇ تاغ باغرىدا قويلىرىنى بېقىۋاتقاندا مەن ئۇچراپ قاپتىمەن. ئۇ چاندا مەن يېرىم جان ھالەتتە ئىكەنمەن. بوۋاي مېنى ئېشىكىگە مىندۈرۈپ ئۆيىگە ئەكەپتۇ. مەن ساق بىر ھەپتە ھوشسىز يېتىپتىمەن. بوۋاي يارىلىرىمنى تېڭىپ داۋالاپتۇ. مەن ھۇشۇمغا كەلگەندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋېدىم تۇرالمىدىم. مەن شۇ ياتقانچە بىر ئاي ياتتىم. بىر ئايدىن كېيىن ئانچە-مۇنچە سىرتلارغا چىقالايدىغان بولدۇم. مەن بۇ ئاقكۆڭۈل بوۋاينىڭ ئۆيىدە شبىر نەچچە ئاي تۇردۇم. كېيىن ئۆز تۇرمۇش يولۇمنى ئۆزۈم تېپىش ئۈچۈن بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتىم. ئوسماننىڭ ئادەملىرىگە ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن ۋە كىشىلەردىن بەكلا كۆڭلۈم قالغاچقا ئادەم كۆپ يەردە ياشاشنى خالىماي مۇشۇ ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. ئوسماننىڭ ئادەملىرى شۇ قېتىمدا مېنى ياردىن چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ قايتا ئىزدەپ كەلمىدى. ئۆتكەندە سىزنى قۇتقۇزىۋالغاندا بۇلار بىلەن ئېلىشقانىدىم. ئىچىدە «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ كونا ئادەملىرىدىن بىرسى بار ئىكەن مېنىڭ ماھارىتىمدىن تونۇۋالدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئوسمان مېنى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتكەن گەپ. ھامان بىر كۈنى مۇشۇ شەمشەر بىلەن ئوسماننىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ ئاتامنىڭ قىساسىنى ئالىمەن.
بۇ ئادەملەر نېمىشقا ماڭا قەسىت قىلىدۇ؟،ــ يەنىلا چۈشەنمىگەن ئايچىۋەر قايتۇرۇپ سورىدى.
مېنىڭچە توغرۇل سىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئوسماننى ياللىغان گەپ. بۇ ئىپلاس كۆپ پۇل بەرسە ئۆز ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ. ئۇ بۇ قېتىم سىزنى ھەم مېنى بىر يولىلا كۆزدىن يوقتىش ئۈچۈن كەلدى. ئەنسىىرىمەڭ سىزنى ئۆزۈم قوغدايمەن. مەنلا يېنىڭىزدا بولىدىكەنمەن بىرەرسى بىر تال مويىڭىزغا چىقىلالمايدۇ.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ قولىنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئالدى.
سىزنىڭ بۇنچە ئازاپلىق ئەسلىمىلىرىڭىز بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. خۇشال كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا بىز چوقۇم بەخىتلىك ياشايمىز،ــ ئايچىۋەر ئەركىننىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويدى.
بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىدىكەنمىز كەلگۈسىمىز پارلاق بولىدۇ.
(30)
ئايچىۋەر ئەركىنگە يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ ئۇيقىغا كەتتى. ئەركىننىڭ ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ بارلىق ئىشلارنى بىر-بىرلەپ خىيال ئەينىكىدىن ئۆتكۈزۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنلىرى ئايچىۋەر بىلەن بىرگە بولغان كۈنلىرى ئىدى. بۇ كۈنلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، رىئال تۇرمۇش ئىنساننىڭ رايىغا باقمايتتى. ئەركىن كۆڭلىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى.
تاڭ ئاتتى. قۇياش بۇلۇتلارنى يېرىپ شەپەق نۇرىنى ئورمانلىققا چاچماقتا ئىدى. ئايچىۋەرنى تۇتۇپ ئولتۇرغان ئەركىننىڭ قولى تېلىپ كەتتى. قولىنى ئازراق يۆتكىۋېدى ئايچىۋەر ئويغۇنۇپ كەتتى. ئەركىن ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى ئوڭشاپ قويدى.
ئەركىنگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ راھەتتە ئۇخلىغان ئايچىۋەرنىڭ ھاردۇقى خېلى چىقىپ قالغانىدى.
مەڭگۈ سىزگە مۇشۇنداق يۆلىنىپ ئولتۇرسام دەيمەن،ــ ئايچىۋەر كۆزلىرىنى يۇمدى.
ئەركىن ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىدى. ئايچىۋەر بەكلا چىرايلىق ئىدى. ئەركىن ئۆمرىدە بۇنداق چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقمىغان. تەقدىرنىڭ قانداق بولۇپ بۇ قىزنى ئۆزىگە ئۇچراشتۇرغىنىغا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا مۇيەسسەر قىلغىنىغا ئۆزىنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.
ئايچىۋەر، مەن كۆپ ئويلاندىم. سىز ھازىرقى جىددىي پەيىتتە ئوردىغا قايتىشىڭىز كېرەك.
ئايچىۋەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەركىنگە قارىدى.
نېمىشقا؟ مەن ئىشلارنى ئارسلان ئاكام بىلەن ئابدۇراھمان تاغامغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇ ئىككىسى ئىشلارنى ياخىشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. مېنىڭ ئەمدى بۇ جېدەل-ماجرالارغا ئارلاشقۇم يوق. مېنىڭ سىز بىلەن بۇ يەردە تىنىچ-خاتىرجەم ياشىغۇم بار،ــ دېدى ئايچىۋەر ئەركىننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
سىىزنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى خاتىرجەم بىللە ياشىشىمىزنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن. ھەممىنى نۇرغۇن ئادەم ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان شاھلىقنى تاشلاپ مەن بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن ۋاز كېچەلىگەنلىكىڭىزدىن چەكسىز خۇرسەنمەن. بىراق، ئايچىۋەر بىلىشىڭىز كېرەك سىز ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى نىران خانلىقىنىڭ تەخىت ۋارىسى. پۈتكۈل ئەل سىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتىدۇ. نىران خانلىقىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئەلنىڭ گۈللىشىنى سىزگە باغلىق. توغرۇل خانلىق تەخىتكە ۋارىسلىق قىلسا خەلقنىڭ ئۇنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىز. شۇڭا سىز ئۆز زىممىڭىزدىكى بۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچىسىڭىز بولمايدۇ. ۋەتىنىمىز سىزگە موھتاج. سىز ئوردىغا قايتىپ ھۈسەيىن خاننىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشىڭىز لازىم. شۇندىلا خان ئاتىڭىزغا خەلققە يۈز كېلەلەيسىز.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئىڭىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئۆزى تەرەپكە قاراتتى.
نېمىشقا مەن ئاددىي ئادەمنىڭ قىزى بولۇپ قالمىدىم؟ شۇندىلا مېنى ھېچكىم ئاۋارە قىلمايتتى. ئۆزۈم ئارزۇ قىلغاندەك ياشايتتىم. راستىمنى دېسەم بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستەمگە ئېلىشتىن قورقىمەن. بەزىدە شۇنداق ئاجىز بولۇپ قالىمەنكى ئازراقلا خاپىلىق كەلسىمۇ كۆتۈرەلمەي قالىمەن.
ئايچىۋەر، غەيرەت قىلىڭ! سىز چوقۇم قىلالايسىز. سىزدە خان ئەۋلادىنىڭ قېنى، جاسارىتى بار. مەن ئېتىڭىزنى تەييار قىلاي.،ــ ئەركىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئات تەرەپكە ماڭدى. ئۇ بىردەمدە ئاتنى تەييار قىلىپ يىتىلەپ كەلدى. ئايچىۋەر ئاستا ئورنىدىن تۇردى.
كېلىڭە! سىزنى ئۆزۈم مىنگۈزۈپ قوياي.،ــ ئەركىن شۇنداق دېگىنىچە ئايچىۋەرنى كۆتۈرۈپ ئاتقا مىندۈرۈپ قويدى.
سىز خانلىقنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ھەممە ئىشلار ئۆز جايىغا چۈشكەن ۋاقىتتا مەن سىزنى يوقلاپ بارىمەن، شۇ چاغدا قوغدىغۇچىلىرىڭىز سەندەك ئادەمنى تۇنۇمايمىز دەپ كىرگۈزمەمدۇ تېخى!،ــ ئەركىن قىزىقچىلىقنى يەنە باشلىدى.
چوقۇم بارىسىز، ئوردىنىڭ ئىشىكى سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوچۇق. سىزنى ساقلايمەن.،ــ ئايچىۋەر كۆز يېشىنى يۇشۇراي دېسىمۇ يەنە يۇشۇرالمىدى.
بولىدۇ چوقۇم بارىمەن. ئەمدى مېڭىڭ!،ــ ئەركىن ئاتنىڭ يايلىغا بىرنى سېلىۋېدى ئات يورغىلاپ مېڭىپ كەتتى.
ئەركىن خوش! كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ!،ــ ئايچىۋەر كەينىگە قاراپ توۋلىدى.
ئەركىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوش دېدى.
(31)
ئارسلان ئەركىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئازراق خاتىرجەم بولۇپ ئوردا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. توغرۇلنىڭ ئادەملىرى ئارسلاننى ئىزدەپ شەھەرنى قېزىۋەتكەن بولسىمۇ ئۇنى تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. ئارسلاننى يوقاتمىغىچە كۆڭلى تىنمايدىغان توغرۇل بۈگۈن مىڭ كىشىلىك تاللانغان سەرخىل ئەسكەرلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئارسلاننى ئىزدەش ئۈچۈن چىقتى. چۈشتىن بۇرۇن ئەتراپتىكى كەنىتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئاختۇردى. ئارسلاننى يەنىلا تاپالمىدى. تۇرۇپلا توغرۇلنىڭ خىيالىغا ئورمانلىق كېلىپ قالدى. ئايچىۋەر ئورمانلىق تەرەپتە ئادەملىرىنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولدى. ئارسلان ئايچىۋەرنى ئىزدەپ ماڭغان بولسا ئۇ چوقۇم ئورمانلىقتا بار. توغرۇل ئادەملىرىنى ئورمانلىقنىڭ ئەتراپىنى ئىزدەشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئوسماننىڭ ئەركىن بىلەن ئايچىۋەرنى ئىزدەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئادەملىرىنىڭ بىرقانچىسى قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. يەنە بىر نەچچىسىدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق ئىدى. چۈشكە يېقىن ئارسلاننى ئۆلتۈرۈشكە بېرىپ قېچىپ كەتكەن ئادەم ھېرىپ ماجالى قالمىغان ھالدا قايتىپ كەلدى ۋە ئوسمانغا بولغان ئىشلارنى ئىككى ھەمرايىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يەتكۈزدى. ئەركىننىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئۇنىڭ تېخىچە ھايات ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلگەن ئوسماننىڭ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۇچتى. ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ يولغا چىقىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئون بەشتەك ئادەمنى باشلاپ ئېتىغا مىنىپ ئورمانلىق تەرەپكە ماڭدى.
ئەركىن ئايچىۋەرنى ئۇزىتىپ قويۇپ ئۆيىگە كىرىپ ئاتىسىنىڭ شەمشىرىنى قولىغا ئېلىپ سۈرتتى. شەمشەرنىڭ پارقىراقلىقىدىن ئادەمنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. ئوقدىنىنى قولىغا ئېلىپ مۈرىسىگە ئاستى ياچاقنى يېنىدا قويۇپ شەمشەرنى يەنە سۈرتۈشكە باشلىدى. ئەركىن ئوسماننىڭ ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئايچىۋەرنى كەتكۈزىۋەتكەن ئىدى. ھەم ئايچىۋەر خانلىقنى بۇنداقلا تاشلاپ قويسا بولمايتتى. ئۇ ئارسلانغا ئايچىۋەرنى قوغدايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىسا بولمايدۇ. ئايچىۋەردىن ئايرىلغۇسى يوق تۇرۇپ ئۇنى يەنىلا كەتكۈزىۋەتتى. ئايچىۋەر ئەلنىڭ باشپاناھى ئۇنىڭغا بىرەر خەتەر يېتىپ قالسا ئەل پاناھسىز قالىدۇ. شۇڭا ئەركىن جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ بولسىمۇ ئايچىۋەرنى قوغدايدۇ.
بىردىنلا شەمشەردە ئوسماننىڭ چىرايى پەيدا بولدى. ئەركىننىڭ نەپرىتى تېخىمۇ ئاشتى. بۈگۈن ئوسمان بىلەن ھىساپ-كىتاپنى چوقۇم قىلىشى كېرەك.
ئايچىۋەر ئاتقا توختىماي قامچا ئۇراتتى. ئەنە ئوردىنىڭ ئىشىكى كۆرۈندى. ئوردا قاراۋۇلى يىراقتىنلا ئايچىۋەرنى تونۇپ ئىشكىنى ئاچتى. ئايچىۋەر ئاتقا قامچا ئۇرغان پېتى ئۇچقاندەك ئوردىغا كىرىپ كەتتى. كىرىپ ئېتىدىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئوردا قۇبۇلخانىسىغا كىردى. قۇبۇلخانىدا ئىككى پىشقەدەم ۋەزىردىن باشقا ئادەم يوق ئىدى. ئايچىۋەرنى كۆرۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. ئايچىۋەر ئولتۇرۇڭلار دەپ ئىشارەت قىلدى. ئىككەيلەن بولغان ئىشلارنى ئابدۇراھماننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى توغرۇلنىڭ تەخىتكە چىققانلىقىنى ئارسلاننىڭ نەچچە كۈندىن بېرى يوقاپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئايچىۋەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلاپ تاشلىدى. ئابدۇراھمان ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسىدەك كۆيۈنەتتى. تەخىتنىڭ كەينىدىكى نىران خانلىقىنىڭ مۇقەددەس شەمشىرىنى ئالدى،ــ دە. ۋەزىرلەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپ چىقىپ كەتتى.
ئۆيىگە كىرىپ ئەينى ۋاقىتتا خان ئاتىسى بىلەن بىللە جەڭگە چىققان ۋاقتىدا كىيگەن دۇبۇلغا-ساۋۇتلىرىنى كىېيىپ تولۇق قوراللاندى. ئېتىغا مىنىپ ئوردا دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى.
شەمشەرنى توختىماي سۈرتىۋاتقان ئەركىن سىرىتتكى ئاۋازلارغا دىققەت قىلدى. سىرىتتىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاستا مېڭىپ كېلىۋاتقان تاۋۇشى كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ياچاقنى بەتلىدى. ئىشىكنى قىيا ئېچىپ قارىۋېدى. ئوسمان ئادەملىرى بىلەن ياغاچ ئۆينى قورشاپ يۇپۇرۇلۇپ كەلگەنىدى.
(32)
ئەركىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىپلا بىرسىگە ئوق ئۈزدى. ئوق ئۇ ئادەمنىڭ سول كۆزىگە تىگىپ يىقىلدى. ئوسمان ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. بۇلارمۇ ئوقلىرىنى بەتلەپ ئېتىشقا باشلىدى. ئەركىن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئۆتۈپلا دالدا قىلدى. بۇلاربارغانسېىرى يېقىنلاشماقتا ئىدى. ئەركىن شەمشەرنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئېتىلىپ چىقتى. چىقىپلا ئېلىشىپ ئىككىسىگە شەمشەر ئۇرۇپ يىقىتتى. شۇ ۋاقىتتا ئېتىلغان بىر تال ئوق ئەركىننىڭ ئوڭ كۆكرىكىگە تەگدى. ئەركىن ئوقنى تەستە سۇغۇرۇپ ئېلىۋېتىپتا چاققانلىق بىلەن ھەر بىرىنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇپ بۇلارنى بىر-بىرلەپ يىقىتتى. ئوسمان بولسا سەل نېرىدىراق قولىدا شەمشەر كۈزىتىپ تۇراتتى. ئەركىن ئازراقلا ئالدىغا سىلجىيدىغان پۇرسەت بولسا ئوسمان تەرەپكە مېڭىشقا تەمشلەتتى. بىراق ئوسماننىڭ ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمى ئەركىننى ئالدىغا بىر قەدەممۇ سىلجىتمايۋاتاتتى. تۇيۇقسىز يان تەرەپتىن بىرسى ھۇجۇم قىلىۋېدى ئەركىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۆتكۈر شەمشەر ئەركىننىڭ يۈزىنى ئازراق تىلىۋەتتى. قانلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئەركىن يىڭى بىلەن قانلارنى سۈرتىۋېتىپ يەنە بىرسىنى يەر چىشلەتتى.
ئەركىن ئارقا-ئارقىدىن يەنە ئۈچنى يىقىتتى. ئوسماننىڭ ئادەملىرىدىن پەقەت بەشلا ئادەم قالدى. بۇلارنىڭ ھەيۋىسى ئەركىننىڭ باتۇرلىقىنىڭ ئالدىدا يەرگە ئۇرۇلغاچقا قالغانلىرى سەل تەمتىرەپ ئەركىنگە ھۇجۇم قىلىشتىن قورقۇپ قالدى. ئادەملىرىنىڭ كەينىگە داجىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئوسمان دەرغەزەپ بولۇپ ئۆزى ھۇجۇمغا ئۆتتى. مۇشۇ پەيىتنى كۈتۈپ تۇرغان ئەركىن شەمشەرنى ئويناتقىنىچە ئوسمانغا ھۇجۇم قىلدى.
شۇنچە يىللاردىن بېرى مەشىق قىلىپ يۈرۈپ ئوسمانمۇ ماھارەتتە يېتىشىپ قالغانىدى. ئەركىن قىلغان ھەر بىر شىددەتلىك ھۇجۇمنى ئەپچىللىك بىلەن توسۇپ ئەركىنگە قايتۇرما زەربە بېرەتتى. ئوسماننىڭ باشقا ئادەملىرىمۇ ئەركىنگە ھۇجۇم قىلدى. ئەركىن ئوسماننىڭ قىلغان ھۇجۇمىنى قايتۇرۇپلا ئۇنىڭغا شەمشەر ئۇردى. شەمشەر ئۇنىڭ سول مۈرىسىنى كېسىۋەتتى. ئوسمان مۈرىسىنى تۇتقىنىچە كەينىدىكى دەرەخكە يۆلىنىپ قالدى. شۇ ئەسنادا بىرسى ئەركىننىڭ كەينىدىن شەمشەر ئۇرىۋېدى شەمشەر ئۇنىڭ بېلىنى كېسىۋەتتى. شەمشەر بىلەن قانلار چاچراپ چىقتى. ئەركىن لەيلىگىنىچە يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن شەمشىرىنى يەرگە سانچىپ ئۆرە تۇرۇۋالدى. ئەركىننىڭ زەربە يەپ قانسىرىغانىلىقىنى كۆرگەن بۇ ۋەھشى بۆرىلەر ئەركىنگە ئارقا-ئارقىدىن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. ئەركىن بار كۈچىنى يىغىپ ئۆزىگە توختىماي تېگىۋاتقان شەمشەرلەرنى قايتۇرۇۋېتىپ يەنە ئىككىسىگە شەمشەر ئۇرۇپ يەر چىشلەتتى. قالغانلىرى يېنىك يارىلانغان بولۇپ يارىلىرىنى تۇتقان پېتى ئوسماننى قوغداۋاتماقتا ئىدى.
ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئوسمان يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتىدە ئەركىن بىلەن جان ئاچچىقىدا تازا ئېلىشتى. ئۇ ئەركىننىڭ شەمشىرىدىن كەينىگە ئىگىلىپلا ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئەركىنگە شەمشەر ئۇردى. شەمشەر ئەركىننىڭ ئالدى كۆكرەك تەرىپىنى خېلى چوڭقۇر كېسىۋەتتى. ئەركىن كۆكرىكىنى تۇتقىنىچە شەمشىرىنى ئوسماننىڭ قورسقىغا سانچىۋەتتى،ــ دە كەينىدىكى دەرەخكە ئاران يۆلىنىۋالدى. شەمشەر ئوسماننىڭ قورسىقىنى تېشىپ كەينىگىچە ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئوسمان كۆزلىرىنى چەكچەيىتكىنىچە ئوڭدىسىغا چۈشتى. ئوسماننىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن ئۇنىڭ يارىدار ئادەملىرى ئورمانلىققا قېچىپ كەتتى.
ئەركىن ئوسماننىڭ جەسىتى يېنىغا كەلدى. ئوسماننىڭ كۆزلىرى چەكچەيگىنىچە قېتىپ قالغانىدى. ئەركىن شەمشىرىنى ئوسماننىڭ قورسىقىدىن سۇغىرىپ ئېلىپ قانلارنى سۈرتىۋېتىپ غىلاپىغا سالدى. ئەركىن قان چىقىۋاتقان يەرنى قولىدا بېسىپ قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ھېلىقى ئېگىز دەرەخ تەرەپكە ماڭدى. ئۇنىڭ پۇتلىرىغا بىرسى تاش ئېسىپ قويغاندەك بەكلا ئېغىر ئىدى. پۇتلىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەكلا ئىدى. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە خېلى ئۇزاقتا دەرەخنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى. قان يۇقى قوللىرى بىلەن شوتىغا ياماشتى ئۇ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ دەرەخكە يامىشىپ ئۈستىگە چىقىپ ياغاچ ئۆينىڭ تېمىدىكى بىر تاختاينى تۇتۇپ ئارانلا ئۆرە تۇرۇۋالدى. ئەركىن شۇنچە ھالسىزلىنىپ كەتكەنلىكىگە قارىماي ئەتراپقا ئورمانلىققا قارىدى. ئەتراپ ياپ-يېشىل قۇشلار توختىماي سايرىماقتا…
ئەركىن بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ئايچىۋەر بىلەن بىللە ھوزۇرلانغان ئايچىۋەر بۇ يەرنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. ئايچىۋەر سىز بىلەن بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئەمدى ماڭا نېسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ. شۇ تاپتا سىز نېمىلەرنى قىلىۋاتقانسىز؟ سىزنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى. پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈۋالسام ئىدىم… ئەركىن ئاستا پىچىرلىدى. ئەركىننىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار سىرغىدى. ياغاچ ئۆينىڭ تېمىغا يۆلىنىپلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئەركىندىن قان بەكلا كۆپ چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاستا-ئاستا يۇمۇلدى…
خاتىمە
توغرۇل ئادەملىرىنى باشلاپ ئورمانلىقنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى ئارسلاننى يەنىلا تاپالمىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. شۇنداق تۇرۇۋېدى ئارسلان ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىن ئات چاپتۇرۇپ چىقتى. ئارسلاننى كۆرگەن توغرۇل ئادەملىرىگە ئۇنى قورشاشقا ئىشارەت قىلدى. ئۇنىڭ ئەرسكەرلىرى تېزلىكتە ئارسلاننى قورشىۋالدى. ئەھۋالدىن ھاڭ-تاڭ قالغان ئارسلان نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇشىغا توغرۇل كەلدى.
ئاخىرى قولۇمغا چۈشتۈڭ! بۈگۈن سېنىڭ بۇ دۇنيادىن ۋىدالىشىدىغان كۈنۈڭ!،ــ توغرۇلنىڭ كۆزلىرىدىن زەھەرخەندىلىك ئۇچقۇنلىرى چاچرىدى.
ئەپتى-بەشىرەڭنى ئاخىرى ئاشكارىلاپسەندە؟! بەك بالدۇر خۇشال بولۇپ كەتمە! سەن ئۇنداق ئاسان مەقسىتىڭگە يېتەلمەيسەن. ئارسلان شەمشىرىنى سۇغارغىنىچە توغرۇلنىڭ سۆزلىرىنى مەنسىتمىگەن ھالدا.
ئابدۇراھمان دېگەن قېرىنىڭ كاللىسىنى مۇشۇ شەمشىرىمدە ئالدىم. سېنىڭ كاللاڭنىمۇ مۇشۇنىڭدا ئالىمەن قاراپ تۇر!،ــ توغرۇل ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىشارەت قىلدى.
ئىپلاس! ئابدۇراھمان تاغامنى نېمە قىلدىڭ؟ سېنىڭ ئىت جېنىڭنى ھازىرلا بارىدىغان يېرىگە يولغا سالىمەن،ــ ئارسلان غەزەپ بىلەن ئېتىلدى.
توغرۇلنىڭ ئەسكەرلىرى ئارسلانغا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقتا. ئارسلان ئەسكەرلەرنىڭ نەيزىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يېقىن كەلگەنلىرىنى بىر-بىرلەپ يەر چىشلەتتى. توغرۇلنىڭ ئادەملىرى كۆپ بولغاچ ئارسلان ھەرقانچە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ئېلىشقان بولسىمۇ يەنىلا تەڭ كېلەلمەيۋاتاتتى. بىر ئەسكەر ئارسلاننىڭ كەينىدىن نەيزە سانچىۋېدى نەيزە ئارسلاننىڭ ئوڭ يوتىسىغا سانچىلىپ ئارسلان تىزلىنىپ قالدى. بۇنى پۇرسەت بىلەن ئەسكەرلەر تۇشمۇ-تۇشتىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. ئارسلان ئۆزىگە قارىتىلىپ شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان نەيزىلەرنى شەمشىرى بىلەن ھە دەپ قايتۇرماقتا ئىدى. شەمشەرنىڭ ھۇجۇمىنى بېسىپ ئۆتكەن نەيزىلەر ئارسلاننىڭ قورساق كۆكرەكلىرىگە سانچىلدى. ئارسلان يەرگە تىزلىنىپ قىلىچىغا تايىنىپ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن قانلار بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتاتتى. ئارسلاننىڭ ھالسىزلانغىننى پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن توغرۇل ئادەملىرىگە ئارسلاندىن يىراق تۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ ئېتىنى دىۋىتىپ ئارسلانغا ئىككى-ئۈچ مېتىر قالغان يەردە تۇردى.
خان ئاتام نېمىشقا سەندەك بىر يېتىم ئوغلاقنى ئوردىغا ئەكىلىپ ئۆز بالىسىدەك كۆرىدۇ. مەن ئۇنىڭ جىيەنى تۇرسام ماڭا ئىشەنمەي ساڭا ئىشىنىدۇ؟ سېنى پارچە-پارچە قىلىۋەتسەممۇ مېنىڭ ئاچچىقىم چىقمايدۇ. سېنى ئوردىغا ئەكەلگەندىن تارتىپ سېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرىۋەتسەم دەپ ئويلايتتىم. بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.،ــ توغرۇل قاقاھلاپ كۈلدى.
توغرۇل، خان ئاتامنىڭ سېنى نېمىشقا ئۆز ئوغلىدەك كۆرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسەن؟ چۈنكى سەن خان ئاتامنى ئۆز ئاتاڭ ئورنىدا كۆرۈپ ئۇنىڭغا ۋاپادار بولالمىدىڭ. ۋاقتى-سائىتى كېلىپ قالسا خان ئاتامنىمۇ ئۆلتۈرۈشتىن يانمايسەن. خان ئاتام سېنىڭ قارا نىيەتلىكىڭنى بۇرۇنلا بىلگەن، شۇڭا سەن خان ئاتامنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالمىغان. سەن نېمە دىگەن بىچارە! ساڭا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. بىر ئۆمۈر ھەسەت ئىچىدە ئۆرتىنىپ ياشىدىڭ. كەڭ-قورساقلىق، مېھرى-مۇھەببەت، قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتتىڭ. سەندەك ئادەم بىر ئۆمۈر خۇشال ياشىيالمايدۇ. غەمكىنلىك ھەسەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىسەن!،ــ دېدى ئارسلان مەسخىرىلەرچە كۈلۈپ.
بولدى! زۇۋانىڭنى يىغ! سېنى ھازىرلار ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىپ قويىمەن. خان ئاتامغا مەندىن سالام دېگىن!،ــ توغرۇل ئارسلانغا شەمشەر ئۇرىۋېدى ئارسلان ئۇنىڭ شەمشىرىنى توسۇۋالدى. توغرۇل ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپلا يەنە قايتۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئارسلانغا يېقىنلىشاي دەپ قالغاندا:
ئىپلاس! قولۇڭنى تارت!،ــ دېگىنىچە ئايچىۋەر ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىنى يېرىپ كىرىپ كەلدى،ــ دە. توغرۇلغا شەمشەر سالدى. توغرۇل ئايچىۋەرنىڭ شەمشىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشتى. ئايچىۋەرمۇ ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپلا يەنە توغرۇلغا ھۇجۇم قىلدى. توغرۇل ئورنىدىن تۇرۇپ ئايچىۋەرنىڭ ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بەردى. ئايچىۋەر بۇرۇندىن ئارسلان بىلەن توغرۇلغا ماھارەتتە تەڭ كېلەلمەيدىغان بولغاچ ھەمدە قىز بالا بولغاچقا توغرۇل ناھايىتى تېزلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. ئۇ ئايچىۋەرنىڭ شەمشىرىگە بىرنى ئۇرۇپلا قولىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئايچىۋەر لەيلىگىنىچە يىقىلىپ چۈشتى. ئايچىۋەر ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋېدى:
ياق! ئايچىۋەر، سىز توغرۇلنىڭ رەقىبى بولالمايسىز. ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيسىز. بولدى قىلىڭ! ،ــ قانسىراپ ھالسىزلىنىپ كەتكەن ئارسلان بېشىنى ئارانلا كۆتۈرۈپ.
نېمە دېگەن تەسىرلىك كۆرۈنۈش، قاراڭلار بۇ ئىككىسىگە بىر ئانىدىن تۇغۇلغان قېرىنداشلار بولسىمۇ بۇنچىلىك قىلماس بولغىيدى، بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ كېتىشلىرىنى، ئەمدى ھەر ئىككىڭلارنى ئۇ دۇنياغا يولغا سېلىپ مۇرادىڭلارغا يەتكۈزۈپ قوياي.
توغرۇلنىڭ سۆزى ئاياقلاشماي تۇرۇپ ئايچىۋەر بايا ئارسلان بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن نەيزىنى ئالدىدە،ــ دە. توغرۇلنىڭ باش تەرىپىنى نىشانلاپ ئاتتى. نەيزە توغرۇلنىڭ گېلىغا نەخ تەگدى. توغرۇل يەرگە گۈپپىدە يىقىلىپ بىردەم جان تالىشىپ توختاپ قالدى. ئايچىۋەر ئورنىدىن تۇرۇپ:
يەنە قايسىڭلار قارشى چىقىسىلەر؟ نىران خانلىقىنىڭ تەخىت ۋارىسىغا قارشى چىققۇچىلار بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەيدانغا چىقسۇن. مەن ئۇنىڭ بىلەن يەكمۇ-يەك ئېلىشىمەن. تاكى بىر تامچە قېنىم قالغىچە ئېلىشىمەن.،ــ ئايچىۋەر ئەسكەرلەرگە غەزەپ بىلەن قارىدى.
توغرۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن ئەسكەرلەر قوراللىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ تىزلاندى. ئەسكەرلەرنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى كۆرگەن ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ ئارسلاننى يۆلىدى. ئارسلاننىڭ ئېغىزىدىن قان چىقىپ گەپ قىلىشىمۇ قىيىنغا چۈشكەنىدى. ئارسلاننىڭ بەدىنىدە ئون نەچچە يەردە نەيزە ئىزى بار بولۇپ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىدىن قان چىقىۋاتاتتى. ئايچىۋەر ئارسلاننى يۆلەپ ئولتۇردى. ئايچىۋەرنىڭ كۆز ياشلىرى ئارسلاننىڭ قان يۇقى يۈزىگە چۈشىۋېدى ئارسلان ئايچىۋەرگە قارىدى.
ئايچىۋەر، يىغلىماڭ! سىزنىڭ يىغلىغىنىڭىزنى كۆرگۈم يوق. سىز يىغلىسىڭىز مەن بەكلا بىئارام بولىمەن. مەن سىزنى دائىم كۈلۈپ خۇشال يۈرسىكەن دەپ ئويلايمەن.،ــ ئارسلان قولىنى تەستە كۆتۈرۈپ ئايچىۋەرنىڭ يېشىنى سۈرتتى.
ئارسلان ئاكا، مېنى كەچۈرۈڭ! سىزگە مەن زىيانكەشلىك قىلدىم. مەن كەتمىگەن بولسام بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئابدۇراھمان تاغامغىمۇ يۈز كېلەلمەيمەن. مېنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمدىن سىلەر ئىككىڭلار بار ئىدىڭلار. ئەڭ يېقىنلىرىمغا ئۆزۈم زىيانكەشلىك قىلدىم.،ــ ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ بېشىنى قۇچاقلىغىنىچە يىغلاپ كەتتى.
بولدى ئۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ! ھەممىمىز تەقدىرىمىزگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئامال يوق. ئېسىڭىزدىمۇ ئايچىۋەر، سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ئۈچۈن مەن ھەممىدىن ھەتتا ھاياتىمدىنمۇ كېچىشكە رازى.،ــئارسلاننىڭ تىنىقلىرى يېتىشمەيۋاتاتتى.
ئېىسمدە، مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتتىم. سىزنىڭ ماڭا شۇنچىلىك كۆيىنىدىغانلىقىڭىزنى مېنى ھاياتىڭىزدىنمۇ ئەزىز بىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ مەن يەنىلا سىزنىڭ قېشىڭىزدىن باشقا بىرسنىڭ يېنىغا كەتتىم.
ئۇنداق دىمەڭ! سىزنىڭمۇ ئۆز ئالدىڭىزغا تاللاش ئەركىنلىكىڭىز بار. مەن ئەزەلدىن سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن. مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىتلىرىم سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم، ماڭا شۇنچىلىك بەخىت خۇشاللىق ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئايچىۋەر، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىشتا ئۆزىڭىزگە تايىنىدىغان بولدىڭىز، سىزگە ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىدىغان ئارسلان ئاكىڭىز ئەمدى يوق. ئىرادىلىك بولۇڭ! نىران خانىدانلىقى ئەل-خەلق سىزگە موھتاج. يەنە ئاتلىرىمغا قاراپ قويۇڭ. ئۇلار ئورۇقلاپ قالمىسۇن، ئاتلىرىمدىن بىرەرسى سەل ئورۇقلاپ قالىدىكەن سىزدىن ھېساپ ئالىمەن!،ــ ئارسلان تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى. ئۇ شۇ كۈلگىنىچە بېشى قىيسىيىپ ئايچىۋەرنىڭ بىلىكىگە يۆلىنىپ قالدى.
ئارسلان ئاكا، ئارسلان ئاكا…. ئايچىۋەر ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى.
ئايچىۋەر ئارسلاننى ئېلىپ ئوردىغا قايتتى. ئوردىغا كىرىپ ھەممىگە ئۆزىنىڭ قايتا تەخىتتە ئولتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەتىسى ئارسلاننىڭ دەپنە ئىشلىرىنى تۈگىتىۋېتىپ ئەركىندىن ئەنسىرەپ ئورمانلىققا ماڭدى. ياغاچ ئۆيگە ئاز قالغاندا ئۇنىڭغا ئىككى ئادەمنىڭ يەردە قالايمىقان ياتقان جەسىتى ئۇچرىدى. ئايچىۋەر ئەركىندىن ئەنسىرەپ ئېتىنى تېزلەتتى. ئۆينىڭ قېىشغا كېلىۋېدى جەسەتلەر يەردە يېتىپ كەتكەن ئەركىننىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى. ئايچىۋەر ئۆيگە كىردى ئۆينىڭ ئىچى قالايمىقان ئەركىن يوق. ئەتراپنى ئىزدىدى ئۇنى تاپالمىدى. ئايچىۋەرنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سېلىپ كەتتى. ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. تۇيۇقسىز كاللىسغا بىر ئوي كېلىپ ئېتىغا مىنىپ چوڭ دەرەخ تەرەپكە ئېتىنى چاپتۇردى. دەرەخ تۈۋىگە تېزلا يېتىپ كەلدى. شوتىغا يامىشىپ ئۈستىگە چىقىپلا تامغا يۆلىنىپلا جان ئۈزگەن ئەركىننى كۆرۈپ كەينىگە يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. دەرەخنىڭ بىر شېخىنى ئارانلا تۇتۇۋالدى. ئۇ يىغلىغىنىچە ئەركىننىڭ يېنىغا كەلدى.
ئەركىن، ئەركىن،… ياق بۇ راست ئەمەس،ــ ئايچىۋەر ئاستا بېرىپ ئەركىننىڭ يۈزلىرىنى سىلىدى.
ئەركىن كۆزىڭىزنى ئېچىڭ بۇ مەن، سىزنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ كەلدىم. ئىككىمىز ئۇ يەردە بىللە بەخىتلىك ئۆتىمىز.،ــ ئايچىۋەر ئەركىننى قۇچاقلاپ يىغلىدى. ئەركىن ئاتىسىدىن قالغان شەمشىرىنىڭ دەستىسىنى چىڭ سىقىمدىۋالغانىدى. خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ئايچىۋەر ئەركىننىڭ قولىدىن شەمشەرنى ئاجرىتىپ يېنىغا ئاستى.بۇ يەردە قانچىلىك ئولتۇردى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. بىر چاغدا ئېسىگە كېلىۋىدى. كۈن كىرىپ كېتەي دەپتۇ. ئەركىننى ئارغامچا بىلەن باغلاپ يەرگە چۈشۈرۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىگە ئورا كولاپ بەخىتلىك مىنۇتلارنى بىللە ئۆتكۈزگەن، ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىگە شاھىت دەرەخ تۈۋىگە كۆمدى.
قۇياش شەپەق نۇرىنى ئەتراپقا چاچماقتا ئىدى. ئايچىۋەر كەينىگە بۇرۇلدى. چوڭ دەرەخنىڭ شاخلىرى مەيىن شامالدا ئاستا سىلكىنىپ ئايچىۋەرگە ئەركىننىڭ ئورنىدا خوش دەۋاتاتتى.
ئەركىن، سىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن…،-دېدى ئايچىۋەر ئەركىننىڭ شەمشىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى. ئايچىۋەر دەرەختىن كۆزىنى ئۈزەلمىگەن ھالدا ئېتىغا مىندى.
ئايچىۋەر بىر ئايغا قالماي نىران خانىدانلىقىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى. نەچچە ئايدىن بۇيان جېدەل-ماجرالار تۈگىمەي كەلگەن خان ئوردىسى شۇنداق جىمجىت ئىدى. بۈگۈن ئايچىۋەر ۋەزىرلەرگە قايتىشقا ئىجازەت بىرىۋېتىپ ئوردىدا ئۆزى يالغۇز قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئايچىۋەرگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇرغان خان ئاتىسى، ھەممە ئىشلارنى ئالدىرىماي ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن قىلىدىغان ئابدۇراھمان، ئايچىۋەر خاپا بولۇپ قالسا ھەرخىل قىلىقلارنى قىلىپ كۈلدۈرۈۋېتىغان خۇشچاخچاق ئارسلان ئاكىسى قاتارلىقلار ئوردا ئىچىدە باردەك بىلىندى. ئايچىۋەر ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ ئارسلاننىڭ ئاتخانىسىغا ماڭدى.
ئاتخانىغا كىرىۋىدى تۇنۇش شەپىنى سەزگەن ئاتلار بەسلىشىپ كىشنەپ كەتتى. ئايچىۋەر ئاتلارنى سىلىغىنىچە كۆز يېشى قىلدى. بوينىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئارسلانغا سوۋغا قىلغان پارقىراق تاشنى ئالدى. ئۇ تاشقا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن يەنە بوينىغا ئاستى. ئوردا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. ھوجرىسىغا كىرىپ ئارسلان بىلەن ئەركىننىڭ شەمشىرىنى ئالدى. ئوردىنىڭ قەھرىمانلار سارىيىغا قاراپ ماڭدى. ئىشىكنى ئېچىپ ئىچىگە كىردى. بۇ يەرگە نىران خانىدانلىقىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان ئەزىمەتلەرنىڭ شەمشىرى قويۇلاتتى. ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ شەمشرىنى غىلاپىدىن سۇغۇرۇپ بىسىنى سىلىدى ئاندىن يەنە غىلاپىغا سېلىپ شەمشەر تىزىدىغان تەكچىگە قويۇپ قويدى. ئەركىننىڭ شەمشىرىنىمۇ غىلاپىدىن سۇغاردى. شەمشەردىكى «ھىلال ئاي» دېگەن خەتكە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن غىلاپىغا سېلىپ ئارسلاننىڭ شەمشىرىنىڭ يېنىغا قويۇپ يېنىك بىر تىندى ــ دە. شەمشەرلەرگە بىردەم قاراپ تۇرۇپ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.
تۈگىدى.


مەنبە:جۇلالىق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izlayman520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-14 07:35 PM  


بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 08:22:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق ياخشى بىر كىنو كۆرگەندەك بولدۇم رەھمەت قىرىندىشىم ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4133
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 11:19:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmat kuligizga dart kalmisun

111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4133
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 11:37:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنوسىنى كۈردىم بەك ياخشى يىزىپسىز ،بۇلۇپمۇ تىلى بەك ياخشى چىقىپتۇ .تىل قابىلىتىڭىز ۋە تەسەۋۇرغا بايكەنسىز

111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 02:12:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىققان ھىكايىكەن ، يەنىمۇ ياخشى ھىكايىلەرنى رۇياپقا چىقىرىشىڭزغا تىلەكداشمەن

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4133
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 03:54:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنوسىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى چىقىپ تۇ ماۋۇ ئەسەر

111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4133
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 03:54:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنوسىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى چىقىپ تۇ ماۋۇ ئەسەر

111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4133
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 03:54:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنوسىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى چىقىپ تۇ ماۋۇ ئەسەر

111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 10:56:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ياخشى يىزىپسىز قىرىندىشىم

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1766
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10645
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1469 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 02:24:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ ،گەرچە ئاخىرسى ھىجران بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ يەنىلا ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن ،مۇھەببەت دىگەن بۇ ئۇقۇمنى چۈشەنمەك راسلا تەسكەن ،نۇرغۇن كىتاپلارنى ئۇقۇپتىمە ،كىنولارنى كۈرۈپتىمە ،كۈپۈنچىسىدە ئاقىۋەت نىمىشقا ھىجران بولدىغىنى تاھازىرغىچە كاللامدىن ئۆتمەيدۇ ،ئەمىليەتتىغۇ شۇنداق بولسۇن لىكىن شۇ قەلەمكلەشلەرمۇ بولسا ئاشىق مەشۇقلارنى نىمىشقا ۋىسالىغا يەتكۈزمەيدىغنىغا ئەقلىم ھەيران ،شۇنداق ناخشىلارنى خۇددى ئۆزلىرى ئۇقۇپ باقمىغاندەكلا ،ئۇنداق دىسەم ئەسەرنى شۇنداق يازمىسا باشقىلار ئۇقىمايدۇ ،سىنارىيەنىمۇ ئاشۇنداق يازمىسا ھېچكىم كۆرمەيدۇ دەيدىكەن ،مەن كۈرىتىم لىكىن ،مىنىڭ ھىجراننى پەقەتلا كۆرگىم يوق

جاھان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش