مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1075|ئىنكاس: 18

ئۇنىڭ ئۆينى ئىگەللىۋېلىشى توغرىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 01:18:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭ ئۆينى ئىگەللىۋېلىشى توغرىمۇ؟
0(103).jpeg


ئىسراپىل ئەمەت



تۈنۈگۈن ئاخشام بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق بىر ئىشنى سورىغان ئىدى، جىددى بىر ماقالىغا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا جاۋاپ بىرىشكە ۋاقىت چىقمىغان ئىدى.ئۇنىڭ سۇئالىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى مۇنداق:
بىر دوستۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولغاندا، ئۇلارنىڭ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئۆيى ئىككى ئوغلىغا مىراس قالغان ئىدى.نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىنىسى غۇلجىدىكى ئۆي-زىمىنلىرىگە ئىگىدارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، دوستۇم ئۈرۈمچىدىكى مىراس ئۆيىنى سېتىپ ئىشلەتمەكچى بولغاندا،ئۇنىڭ ئىنىسى ئۈرۈمچىدىكى ئۆينىمۇ تالىشىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئۇ دوستۇمنىڭ ئىنىسىنىڭ غۇلجىدىكى ئۆينى ئىگەللەپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئۆينى تالىشىپ،ھەق تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟
بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ سۇئالىغا جاۋابىم مۇنداق بولدى:مىنىڭچە، ئۇ دوستۇڭىزنىڭ ئىنىسىنىڭ غۇلجىدىكى ئۆينى ئىگەللەپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئۆينى تالىشىپ،ھەق تەلەپ قىلىشى توغرا بولماپتۇ.
ئىنىسى غۇلجىدىكى ئۆينى ئىگەللىگەن ئىكەن، ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىنى ئاكىسىغا بىرىشى كىرەك، بۇ ئەقەللى ساۋات! ناۋادا كىلىشەلمەي دەۋاغا چۈشۈپ قالسا مۇنداق بولىدۇ: ئالدى بىلەن ۋەسىيەتنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىگى تەكشۈرىلىدۇ.ئىككىنجى قەدەمدە مىراسخورلار بىكىتىلىدۇ.ئۈچىنجى قەدەمدە مىراس مۈلۈكنى بىكىتىپ،ئۇنى مال باھا ئۇرۇنلىرى باھالاپ بىكىتىپ چىقىدۇ.توتىنجى قەدەمدە مىراس ئۈلىشى يەنى كىمنىڭ قانچىلىك مىراسقا ۋارىسلىق قىلالايدىغانلىغى بىكىتىلىدۇ. بۇنىڭدا مىراسخورلارنىڭ مىراس قالدۇرغۇچىلار ھايات ۋاختىدا قانچىلىك بېقىش-ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىغى، مىراس مۈلۈكنىڭ ئەمىلى ئىشلىتىش قىممىتى يەنى مىراس مۈلۈك مىراسخورلارنىڭ كەسپى خىزمەت قاتارلىقلارغا قولايلىق بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا،ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدۇ.
مىراس تەقسىم قىلىش ۋەسىيەت بولسا ،ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.ۋەسىيەت بولمىسا،قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنى ۋارىسلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.مىراس قالدۇرغۇچىنى ھايات ۋاختىدا، خارلاپ تاشلاپ قويغان مىراسخورلارغا مىراس بۆلۈنمىسىمۇ ياكى ئاز بۆلۈنسىمۇ بولىدۇ. مىراس قالدۇرغۇچى ھايات ۋاختىدا بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان مىراسخورلارغا كۆپرەك تەقسىم قىلىنىدۇ.
دىمەك يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، دوستۇڭىز ئىنىسى بىلەن ئۆز-ئارا كىلىشەلىسە كىلىشكىنىگە قانۇن يول قويىدۇ. ئەگەر كىلىشەلمىسە، سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 08:25 PM  


قانۇن بىلەن ئويناشما !
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110782
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 04:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44632
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15792 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 04:29:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئۈرۈمچىدىكى ئۆي بىلەن غۇلجىدىكى ئۆينىڭ باھا پەرقى ئاسمان پەلەك يۇقۇرى - تۆۋەن بولىسى ئىھتىمال .
شەھەرلەردىكى ئۆيلەرگە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دەپ تاغاردا بىر پۇلغا ئالدىكەن . شەھەر يېزىلىرىغا تەۋەدىكى ئۆيلەرنى كۆللىكتىپ ئىگىلىكىدىكى ئۆي دەپ مەيدەن يانچۇققا ئاران ەلگۈدەك پۇلغا ئالدىكەن ......

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 04:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاكىسى بولغاندىكىن ئۇكىسى يول قويسا ، ئۇكىسى بولغاندىكىن ئاكىسى يول قويسا....
ئىسلامدا قانداق بۆل دىگەن بولسا شۇنداق قىلسا بولمىدىمۇ.. ئۇ ئاكا - ئۇكا مۇسۇلمان بولسا....

ۋېلى زىرەككەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3584
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 812 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 05:07:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىنداشلار ماڭا بىر ئىشتا ياردەم بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن !
   بىر تونۇشۇم ئۈلۈشكۈن داۋىنچىنىڭ تەرجىمھالىنى دىگەن قىسقا ماقالىنى ئوقۇپتىكەن،بەزى چۈشەنمىگەن يەرلىرنى مەندىن سورىغان ئىدى ئەمما مەن بۇ توغرىسىدا قىلچە تولۇقراق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغاچقا قانداق جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم .ئۇنىڭ قويغان سۇئالى مۇنداق.
1.س:داۋىنچىنىڭ داڭلىق ئەسىرىدىن بىرى سانالغان ‹‹مونالىزا››ناملىق ئەسىرىدىكى پىرسوناژ تارىختا ئۆتكەن شەخىسمۇ ياكى توقۇلما ئوبرازمۇ؟
2.س:‹‹مونالىزا››دىگەن بۇ ئەسەر نىمەن ئۈچۈن داڭلىق ئەسەر بولغان؟
3.س:كىشىلەر داۋىنچىنىڭ سىزغان رەسىملىردىن شىفىرنى يىشىمىز دەيدىكەن داۋىنچى سىزغان رەسىمدىكى شىفىز دىگەن زەادى قانداق شىفىر؟
4.س:داۋىنچى ‹‹مونالىزا››ئوبرازىنى مۇنداقلا ياراتقانمۇ ياكى بۇنىڭدا بىز بىلمەيدىغان سەۋەپ بارمۇ؟
   مۇشۇ ھەققىدە بىلىدىغانلار ئىنكاس شەكلىدە شەرھىيلەپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن!

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 05:29:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاشكارى يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 05:07 PM
قىرىنداشلار ماڭا بىر ئىشتا ياردەم بەرگەن بولساڭلار بو ...

ئايرىم تىما قىلىپ يازمامسىز ؟ مۇنۇ تىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئىلەشتۈرمەي

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10865
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 08:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىسى ئاكا- ئۇكىلار، ئۇرۇق- تۇققانلار سەتلىشىپ قالمىغىنى ياخشى........


مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر سۇئال سورىۋالاي.......

ھازىر يېزىلاردا  ھەمكارلىق داۋالاش سۇغۇرتىسى تۈزىمى يولغا قۇيۇلۋاتىدۇ.... ھەم بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلغان....  مۇشۇ ھەمكارلىق دۋالاشقا مەجبۇرى قاتنىشامدۇ ياكى ئىختىيارىمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟
بەزى يېزىلاردا قەتتى قاتناشمىساڭ بولمايدۇ دەپ بېسىم قىلۋاتىدۇ.......


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 09:43:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 08:00 PM
ياخشىسى ئاكا- ئۇكىلار، ئۇرۇق- تۇققانلار سەتلىشىپ قالمى ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
بىزتەرەپلەردە ئىختىيارى بولىۋاتىدۇ،شۇنداقتىمۇھىچكىم بۇئىشتىن قېچىپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.مېنىڭ بىرتاغام بارئادەتتەبىرمونىڭ ئۈستىدەتىك تۇرىدىغان پىخسىقراق ئادەمتى،كادىرلارنەچچەرەت ھەيدەپ بېقىپ ئاخىرى بۇتاغامدىن پۇل يىغالىشىغاكۆزى يەتمەي توختاپ قالغان.نەچچچەئايلاردىن كېيىن تۇيۇقسىزقاتتىق ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدايېتىپ قالدى شۇچاغدائەتراپىدىكى ھەمكارلىق داۋالاشقاقاتناشقانلارنىڭ قاتناشمىغانلارغاقارىغانداسەل ئازراق پۇلخەجلەيدىغېىنىنى كۆرۈپ كاللىسىدىن ئۆتۈپتۇ،بۇيىل ھەممىدىن بۇرۇن پۇل تۆلەيمەن دەپ يۇرۈيدۇ.مېنىڭچەبولغاندابۇنىڭغاقاتنىشىپ قويغاننىڭ زېيىنى يوق،مەن ئۆتكەن يىل قاتتىق زۇكامداپ قېلىپ بىزنىڭ يېزىلىق شىپاخانىغابېرىپ 50كويلاتاپشۇرۇپ ئۈچ كۈن ياتاقتايېتىپ داۋالاندىم،ئەگەرشۇنىڭغاقاتناشمىغان بولسام ئۈچ كۈنلۈككەھىچ بولمىغاندا250كوي ئەتراپىداپۇل ئېلىشى ئېنىق.يەنەبىرسىگەئوغلۇم تۇغۇلغاندائوپراتسىەئارقىلىق تۇغۇلغان بولۇپ 4500كويدەك پۇل كەتكەن،كىسەلنى دوختۇرخانىدىن ئاچىقىپ بولۇپ بىرھەپتىدىن كېيىن بارسام 2800كوي پۇل قايتۇرۇلدى.لىكىن بۇنىڭ بىرتەرىپى دوختۇرخانىداسەل ھۇشياربولمىسايوق ئىشلەتمىگەن نەرسىلەرگىمۇپۇل ئالىدىغان،بەزىدەئارتۇق پۇل قوشۇپ قويىدىغان ئىشمۇيوق ئەمەسكەن.تەكلىپىم سىزباريەردە قانداق ئۇقمۇدۇم بىزتەرەپلەردەبۇيىل 100كويدىن يىغدى بۇئانچەجىق پۇلمۇئەمەس لىكىن ۋاقتى كەلگەندەئازپۇلمۇئەمەس شۇنداق بولسىمۇيىلدابىرقىتىم تۆلەيدىغان ئىش بولغاندىكىن تۆلىۋىتىڭ.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 12:40:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاكا-ئۇكىلارنىڭ مىراس ئىشىغا تىما ئىگىسى ناھايتى ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ، مەن تىما ئىگىسىنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109707
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 311
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 03:28:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awatbag يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 09:43 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
بىزتەرەپلەردە ئىختىيارى بولىۋاتى ...

بىزنىڭ تەرەپلەردە 50 يىۋەندىن، بۇ ھەمكارلىق داۋالاشنىڭ پۇلىكەن ، بۇنىڭ راس پايدىسى باركەن، ئائىلە دىگەندە ئۇ-بۇ ئاغرىپ تۇرىدىغان گەپكەن، 8. ئايدا دادام دوختۇرخانىدا    22 كۈن ياتقانتى 8500 يىۋەن پۇل تاپشۇرۇپتىكەنمىز، چىقىپ كىتىدىغاندا ھىساپلاپ 6302 يىۋەننى قايتۇرۇپ بەردى، شۇنداق بولغاندا1200 كوي ئەتراپىدا داۋالىنىپتۇ، "دىيبو "(تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت  ھىچقايسىمىزدە يوق "شۇنداقلار غا90% قايتۇرىدۇ دەيدۇ، بىزنىڭمۇ بۇرۇن كاللىمىزدىن ئۆتمىگەن، لىكىن ھازىرپۇلنىڭ  كۇچى قالمىغاچقا دوختۇرخانىغا پۇل توشىمايدىكەن،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش