مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 556|ئىنكاس: 2

[قانۇن] بۇئۆي كىمگە تەۋە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 10:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0(169).jpeg


بۇ ئۆي كىمگە تەۋە بولىدۇ؟

ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى

تۈنۈگۈن بىردوستىمىز تېلېفوندا بىر دىلو توغرىلىق مۇنداق مەسلىھەت سورىدى: "570مىڭ يۇەنگە ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامى تۈزۈپ، ئالدىن 70مىڭ يۇەننى رەنە ھىساۋىدا بىرىپ:" ئەگەر ئۆينى ئالماي قالسام 70مىڭ يۇەندىن كىچىمەن، ئۆي ئىگىسى ئۆينى باشقىلارغا سېتىۋىتىپ قالسا70مىڭ يۇەننى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ."دىگەن مەزمۇندا توختام تۈزگەن ئىدۇق. كىيىن راستىنلا بۇ ئۆينى باشقىلارغا 800مىڭ يۇەن قەرزگە ھىساپلاپ سېتىۋىتىپتۇ ھەم ئۆينى بىكارلاپمۇ بىرىپ بوپتۇ، لىكىن مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋانامىسىدىكى  نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرمەپتۇ.بۇ خىل ئەھۋالدا توختام بويىچە، ھوقۇقىمنى يۈرگۈزۈپ ئۆينى قايتۇرۇپ ئالالامدىم؟"
بۇنىڭغا مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم:
مەزكۇر دىلودا  ئۆي-مۈلۈك ئېلىم-سېتىم توختامى كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ. يەنى توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپ توختامنىڭ ئاساسلىق  ماددىسى توغرىلىق كىلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن بولسىلا توختام شەكىللەنگەن بولىدۇ. ئۇندىن باشقا «توختام قانۇنى»نىڭ 53-ماددىسىدىكى كۈچكە ئىگە بولمايدىغان توختام دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىغى ئۈچۈن، مەزكۇر ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامى قانۇنى كۈچكە ئىگە توختام بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى، قەرز ھوقۇقى بىلەن مۈلۈك ھوقۇقى بىر-بىردىن ئايرىلغان ئىككى خىل ھوقوق بولۇپ، ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامى كۈچكە ئىگە بولغانلىق بىلەن، نامىنى يۆتكەش رەسمىيتىنى بىجىرمىگەن بولسا، مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋانامىسىدىكى مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ باشقا يەنە بىرىگە ئۆينى سېتىش ھوقۇقى بولىدۇ. لىكىن ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامىدىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، رەنە پۇلىسىنى قارشى تەرەپكە ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ. «توخـتام قانۇنى»نىڭ 116-ماددا بەلگۈلمىسى بويىچە، رەنە پۇلى بىلەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىسنىڭ بىرىنىلا تاللاشقا بولىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ ئۆينى ئېلىش نىيىتىڭىز قەتئى بولۇپ، ئۆي ئىگىسى ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى ئارقىلىق نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بولالمىغان ئەھۋالدا،سىزنىڭ سوتقا ئەرز قىلىپ ئۆي ئىگىسى بىلەن بولغان توختامنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، نامىنى يۆتكەپ بىرىشىنى ئىلتىماس قىلىش  ھوقۇقىڭىز بولىدۇ.شۇڭا،دەرھال سوتقا ئەرز قىلىپ،نامىنى يۆتكىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامان ساقلاش ئىلتىماسى قىلىش ياكى ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسىغا بىرىپ تەييارلىق تىزىملاش رەسمىيىتىنى بىجىرىشىڭىز كىرەك.


قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 08:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئۆينى بىراۋغا رازىلقى بىلەن سېتىپ بولۇپ ،يەنە باشقىلارغا قەرزگە ھېساپلاپ بەرگەن كىشىدىكى ئىنساپ قانداق ماركىلىق ئىنساپتۇ ئەمدى ؟

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 11:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئنساپ  يوق   پۇل  برىپ تۇرسام تېنۋالدى  بەزەن  ئنسانلار  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش